— ساۋاقداشلار،سىلەر سۈت ئىچىشكە ئامىراقمۇ؟
— ئامىراق!
— سۈت ئىچكۈسى كەلمەيدىغانلار بارمۇ؟
— يوق!
— ئەمىسە سىز تۇرىڭە،سىز ساپ سۈت ئىچىشنى ياقتۇرامسىز؟ياكى بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان سۈتنى ئىچىشنىمۇ؟مەسىلەن:سۇ ئارلاشتۇرۇلغان سۈتنى ئىچەمسىز؟
— ئىچمەيمەن.
— ئائىلىدىكى باشقىلار ئىچەمدۇ؟
— باشقىلارمۇ ئىچمەيدۇ؟
— نېمىشقا سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان سۈتنى ئىچمەيسىلەر؟
— سالامەتلىككە زىيانلىق،قورساقنى ئاغىرتىۋاتىدۇ،دەپ ئىچمەيمىز.
— سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان سۈتنى كىشىلەر قانداق سۈتكەن دەيدۇ؟
— جا سۈتكەن دەيدۇ.
— ئۇيغۇرچە نېمە دەيدۇ؟
— ساختا،يالغان،بۇلغانغان...
— ئەمىسە،سۈتكە سۇ قوشماي باشقا نەرسە،مەسىلەن:ئاچچىقسۇ ياكى چاي ۋە ياكى پىۋا قوشۇپ ئىچىشىڭلار مۇمكىنمۇ؟
— ئىچمەيمىز؟
— نېمىشقا ئىچمەيسىلەر،ئۇلارمۇ ئادەتتە ئادەملەر ئىستىمال قىلىدىغان نەرسىلەر تۇرسا؟
—.....
— قايسىڭلارنىڭ ئۆيىدە ساپ بولمىغان سۈت ئىچىسىلەر؟
—......
— ھەممىڭلارنىڭ ئۆيىدە بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت ئىچمەمسىلەر؟
— ئىچمەيمىز!
— شىكەر ياكى تۇز تەڭشەپمۇ ئىچمەمسىلەر؟
— ئازىراق تەڭشەپ ئىچىمىز.
— سىلەر بوۋاق ۋاقتىڭلاردا ئەمگەن ئاناڭلارنىڭ سۈتى قانداق سۈت؟
— ساپ سۈت!
— ئەمىسە،كىچىكىڭلاردا ئاناڭلاردىن ئۆگەنگەن تىل قانداق تىل؟
— ئۇيغۇر تىلى!
— شۇنداق،ئۇيغۇر تىلى،باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى ئارىلاشتۇرۇلمىغان ئانا تىلىمىز خۇددى ئانمىز بىزگە بەرگەن ساپ،پاك ۋە تەنگە ئۇزۇق بولىدىغان ئاپپاق سۈتكە ئوخشايدۇ.ئۇنداقتا باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى سۆزلەنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىسەك ياكى يازساق،ئانا تىلىمىز نېمىگە ئوخشاپ قالىدىكەن؟
— سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان ساختا سۈتكە!
— ساختا سۈتنى ئىستىمال قىلامسلەر؟
— ئىستىمال قىلمايمىز!
— ئەجىبا،ئانا تىلىمىز ھېچكىم ئىستىمال قىلمايدىغان،ياراتمايدىغان ساختا تىلغا ئايلىنىپ قالسا بولامدۇ؟
— بولمايدۇ!
— سۈت ۋە ھەسەلگە ئوخشاش يىمەكلەرنىڭ ساپلىقىغا قارىتا<<ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق-مەنپئەتنى قوغداش قانۇنى>>قانۇنى بار.ئەمما ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايدىغان قانۇن يوق ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.
ئۇنداقتا،ئانا تلىمىزنىڭ ساپلىقىنى كىم قوغدايدۇ؟
— بىز قوغدايمىز!
— قانداق قوغدايسىلەر؟
—....
— بىر ئۇيغۇر يەنە بىر ئۇيغۇر بىلەن چوقۇم قايسى تىلدا سۆزلىشىشى كېرەك؟
— ئۇيغۇر تىلىدا!
— قانداق ئۇيغۇر تىلىدا؟
— ساپ ئۇيغۇر تىلىدا!
— ئۇيغۇر ئۇيغۇر بىلەن سۆزلەشكەندە باشقا مىللەتنىڭ تىلىدا سۆزلىشىش ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى سۆزنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەش ھازىر بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئويلىغىنىدەك شەرەپمىكەن ياكى نومۇسمىكەن؟
— نومۇس!
— دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى يەرلىك مىللەتنىڭ ئانا ۋەتەننىڭ ۋەياكى ئانا يۇرتنىڭ ئومۇمى نامى شۇ مىللەتنىڭ ئانا تلىدا ئاتىلىدۇ.پەقەت بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئومۇمى نامىلا ئانا تىلىمىزدا ئاتالمايدۇ،بۇنىڭ سەۋەبى ئەلۋەتتە 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن ياشىغان ئەجداتلىرمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى،ئانا ۋەتنىمىزنى قوغداش ئېڭىنىڭ يىتەرلىك بولمىغاىلىقىدا ۋە ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئومۇمىي نامىنىڭ ساختا ئاتالمىسى ئاڭسىز ھالدا ئومۇملاشتۇرۋالغانلىقىدا.يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بېرىمۇ نۇرغۇن يەر-جاي ناملىرمىزنى،مەسىلەن ناھيىمىزدىلا رەخت بازىرىنى شاڭگاڭ بازىرى،يېڭى بازارنى خەنزۇ بازىرى،چوڭ كۆۋرۈك يېزىسىنى داچىياۋ... دەپ ئاتاش ئومۇملىشىپ قېلىۋاتىدۇ.ئەسلى باش كىمنىڭ بولسا،تىل،تەپەككۈر ۋە كۆزمۇ شۇنىڭ بولۇشى كېرەك ئىدى.ھازىر باش ۋە يۈز بىزنىڭ،بىراق تەپەككۈر،كۆز ۋە سۆز باشقىلارنىڭ بولۇپ قېلىىۋاتىدۇ.
— قايسىڭلار ئېيتىپ باقىسىلەر؟ قانداق نەرسىنىڭ قەدىرى— قىممىتى ئەڭ يوقۇرى بولىدۇ؟
— ئاز نەرسىنىڭ.
— شۇ ئاز نەرسىنىڭمۇ قاندىقىنىڭ قىممىتى ئەڭ يوقۇرى بولىدۇ؟
—.....
— بوغداي ياكى ئالتۇننى مىسال ئالايلى،قانداق بوغداينىڭ ياكى ئالتۇننىڭ قىممىتى يوقۇرى؟
— ئەخلىتى يوق پاكىز بۇغداينىڭ،ساپ ئالتۇننىڭ!
— ساپ ئالتۇن دېگىنىڭىز قانداق ئالتۇن؟
— باشقا تەركىپلەر ئارىلاشتۇرۇلمىغان ئالتۇن.
— دېمەك،ھەرقانداق نەرسىنىڭ پاكىز ۋە باشقا تەركىبلەر ئارىلاشتۇرۇلمىغان ساپ بولغىنىنىڭ قەدىرى-قىممىتى يوقۇرى بولىدۇ.ئانا تىلىمىزنىڭ-ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەر شارىدىكى قەدىر-قىمىىتىنى ئاشۇرۇش بىز ئۈچۈن ئانچە بەك تەسمۇ ئەمەس.ئۆزۈمىزدىن باشلاپ ھەر-ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە <<تىل تىلەمچىلىكى>>دىن نومۇس قىلىش،ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئېڭى شەكىلەنسە،ئانا تىلىمىز ۋە مىللىتىمىز بەش يۈز يىلدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالادۇ.ئەگەر ئۇنىڭغاباشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى ئارىلىشىپ<<بۇلغان>>سا،ئانا تىلىمىزنىڭ كۇرسى چۈشۈپ بارا-بارا ئىستىمالدىن قالىدۇ.
بايا سۈتكە شىكەر تەڭشەش دېگەن گەپ چىقىپ قالدى.بۇنىڭدىكى مەقسەت سۈتنى تېخىمۇ تەملىك قىلىپ ئىچىش بولغاندەك ئانا تىلىمىزنىمۇ تېخىمۇ <<تەم>>لىك قىلىپ ئىستىمالى قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرسى،ئەدەبىي ئەسەرلەرنى،بولۇپمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇيمىز؛ئىككىنچىسى،بوۋا-مومىلىرمىزنىڭ سۆزلىشىش ئادەتلىرىنى كۆپرەك ئىگللەيمىز؛ئۇلاردەك ئوبرازلىق سۆزلەشنى ئۆگۈنىمىز،قايسىڭلار بوۋاڭلارنىڭ ياكى موماڭلارنىڭ ئۆيدە قىلغان بىرەر جۈملە سۆزىنى دەپ باقىسىلەر؟
—......
— ھېچقايسىڭلارنىڭ بوۋىسى ياكى مومىسى يوقمۇ؟
— بار!
— ئەمىسە نېمىشقا قول كۆتۈرمەيسىلەر؟سىلەر تۇغۇلغاننىڭ ياقى ئۇلار گەپ قىلىپ باقمىدىمۇ يا؟
— گەپ قىلغان.
— بولدى،سىلەرنى تەڭلىك قىلماي.بۈگۈندىن باشلاپ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە مەن دەرسكە كىرگەندىن باشلاپ چىقىپ كەتكۈچە بىرەر ئېغىز باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ قالساڭلار،مەن سىلەردىن خاپا بولۇپ قالىمەن.مېنىڭ سۆزۈمگىمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى ئارلىشىپ قالغۇدەك بولسا،دەرھال قول كۆۈتۈرۈپ ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىڭلار.تىل-ئەدەبىياتتىن باشقا دەرس ۋاقتىدا ۋە خەنزۇلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئىمكان بار ئۇيغۇر تىلىنى ئارىلاشتۇرماي ساپ خەنزۇ تلىدا سۆزلىشىپ ئۆگۈنىڭلار.بۈگۈنكى دەرسىمىزنىڭ تېمىسى ئانا تىلىمىزنىڭ ساپقىلىقىنى قوغداش.
بەش كۈنلۈك بايرامدا ھەر كۈنى بىردىن بەش جۈملە بوۋاڭلار ياكى موماڭلار قىلغان نەسىھەت مەزمونىدىكى سۆزلەرنى يېزىپ كىلىش تاپشۇرۇق.
|