قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 8109|ئىنكاس: 53

ئوغۇل بالا كۈل ئالسا بولامدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

2

دوست

1715

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1620
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 296
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 16:15:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇل بالا كۈل ئالسا بولامدۇ؟
   (بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ سۇئالىغا جاۋاب)


        ساۋاقداشلار،سىلەرنىڭ بىلمەكچى بولغىنىڭلار ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان‹‹ئوغۇل بالا كۈل ئالسا يامان بولىدۇ››دېگەن مەسلىغۇ دەيمەن.ئالدى بىلەن  بۇخىل پىكىر پەيدا بولغان ئەينى دەۋرگە قاراش كېرەك.ئەجداتلىرىمىز ياشىغان ئەينى دەۋردە ھازىرقىدەك جەمئىيەت مۇقۇم،تۇرمۇش تىنچ ئەمەس ئىدى. ھەر بىر ئەل،ھەر بىر مىللەت خەلىقى  خاتېرجەم،باياشات ۋە ئەركىن ھالدا ياشاش ئۈچۈن،قىز-ئاياللىرىنى،غۇرۇرىنى،ئىمانىنى،ئەڭ موھىمى ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئەرلەر ئومۇميۈزلۈك جەڭ قىلىشى ياكى جەڭ قىلىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك ئىدى.شۇ زاماندا يەنە ئوغۇللار قورامىغا يەتسە يىگىت بولدى دېيىلەتتى. يىگىت دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى جەڭچى ئىكەن!
      مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئەرلەر كۈل ئېلىش،يۇندا تۆكۈش ....دېگەندەك ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسا،جەڭنى كىم قىلىدۇ؟ ئاياللارنى،بالىلارنى كىم قوغدايدۇ! كىم ئوۋ ئوۋلاپ،ئۇزۇق-تۈلۈك تاپىدۇ!كەسكىن قىلىپ ئېيتىشقا بولىدىكى،ئەينى زاماندا ئەرلەر كۈل ئېلىپ يۈرسە،بۇنداق ئەلدە ۋەتەن مۇقەرەر مۇنقەرز  بولاتتى،مىللەت خار-زارلىق ۋە ئار- نومۇستا قالاتتى.
شۇڭا ئەجداتلىرىمىز ئوغۇللارنىڭ كىچىكىدىدىن باشلاپ غۇرۇرلۇق،غايىلىك،چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئەلگە ياراملىق باتۇر ئەزىمەت بولۇشى، كۈل ئېلىش دېگەندەك ئۆينىڭ تۈگىمەيدىغان ئۇششاق ئىشلىرىنى قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالماسلىقى،چوڭ بولغاندا ئەلنىڭ چۇڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئۆزۈنىڭ ئۆينىڭلا ئادەمى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن....‹‹ئوغۇل بالا كۈل ئالسا،يۇندا تۆكسە بولمايدۇ›› دېگەن.بۇنى كەڭ مەنىدە بىزئوغۇللار،ئەرلەر بىر ئۆز ئائىلىسىنىڭلا ئەمەس،پۈتكۈل مىللەتنىڭ غېمىنى يىيىشى كېرەك،ۋەتەن ئۈچۈن ئۆيىدىن،ئائىلىسىدىن،جېنىدىن كېچەلەيدىغان بولۇشى كېرەك دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
        ئۆينىڭ مېھىرى ھەقىقەتەن بەك ئسسىق،ئۆي بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى.ئەمما ئۇنىڭ مەھرۇم قالدۇرغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس.ئەجداتلىرىمىز  قاچان ئات ئۈستىدىن چۈشۈپ مۇقۇم ئۆي-ماكانلىق بولدى،شۇنىڭدىن باشلاپ ئات ئۈستىدىكى كۆچمەن تۇرمۇشتىن،باتۇرلىقىدىن،جەڭگىۋارلىقىدىن،قەيسەرلىكىدىن،پىداكارلىقىدىن...ئايرىلدى.ئۆي بەزىلەرنىڭ ۋەتىنىگە،بەزىلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە،بەزىلەرنىڭ غايە-ئېتىقادىغا ئاينىپ قالدى.ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ئورنىغا ئۆينى،ئائىلىسىنى سۆيگەنلەر ياخشى ئادەم ھېسابلاندى. سىلەر دىققەت قىلدىڭلارمۇ،مەكتىبىمىزدە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا،باشقا ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان،بىز تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئېلىش ئۈچۈن بارلىقىمىزنى دوغا تىكىۋاتقان نەرسە نېمە!كىشىلەر تاپقان تەرگىنىنىڭ ھەممىسىنى خەجلەۋاتقان،ئەمما ئۈچۈنچى ئەۋلاتىدىن كېيىن ئىگدارچىلىق قىلالمايدىغان ئۆي.ئۇ بىزگە راھەت ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە يەنە،راھەتپەرەسلىك،پۇلپەرەسلىك،ئابرويپەرەسلىك، چىدامسىزلىق،كېسەلمەنلىك....قاتارلىق ئىللەتلەرنى ئاتا قىلدۇ.
       تارىختا ئۆتكەن باتۇر تەڭرىقۇت،سۇتۇق بۇغراخان،چىن تۆمۈر باتۇر،سەئىدخان،سادىر پالۋان،غېنى باتۇر...قارالىقلار كىچىكىدە ئۆيىدە كۈل ئالغان بولغيمىتى! 
       ئوغۇللار كۈل ئالساڭلار ئېلىڭلار،ئەمما كۈل ئالىدىغان ئادەم بولۇپ قالماڭلار،سىلەردە ھازىردىن باشلاپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان ئۇلۇغۋار غايە بولسۇن.
      بۇرۇن ئۇيغۇر قىزلىرى باتۇرلارنى،پالۋانلارنى،قەھىرمانلارنى ياخشى كۆرەتتىكەن.‹‹بەش تال ئوق››دېگەن ھېكايىدە ساھىپجامال ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزى تىككەن ھەربى فورمىنىڭ يانچۇقىغا ناتونۇش يىگىتكە‹‹بەش دۈشمەنى ئۆلتۈرسىڭىز،مەن سىزگە ئاشىق››دېگەن خەت يېزىلغان قەغەزنى سېلىپ قويۇشى تاسادىپىي ئەمەس.
      60-70-يىللاردا ئۇيغۇر قىزلىرى ھەربىي بولغان يىگىتلەرگە ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىكەن.80-يىللاردا ئوقۇتقۇچىلارنى ئارزۇلايدىغان بولۇپتۇ.90-يىللاردا  باشقا ساھەدىكى كادىرچاقلارنى ئارزۇلىغان بولسا،ھازىر قىزلار تىجارەتچى-پۇلدارلار يىگىتلەرنى بەكرەك ئارزۇلايدىغاندەك.بولار مىللەت ئۈچۈن بىر پاجىئە! خەنزۇ يازغۇچى ۋېي ۋېيمۇ دەپتىكەن،ئەسلى مىللەتنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلىرى جەڭچىلەر بولۇشى كېرەك.پۇل مىللەتنىڭ قېنى،جەڭچى مىللەتنىڭ يۈرىكى-جېنى،زىيالىيلار مىللەتنىڭ مېڭىسى.باشقا كەسپتىكىلەر مىللەتنىڭ كۆزى،قولىقى،پۇتى،قولى......ۋاھاكازالار.ئوغۇللار ئۈچۈن ئەڭ شەرەپلىك كەسىپ مېنىڭچە،ئەسكەرلىك،ئىنژىنېرلىق،ئۇنىڭدىن  قالسا،ساقچىلىق،سودىگەرلىك،شوپۇرلۇق،ئىشچىلىق،چارۋىچىلىق،دېھقانچىلىق،چوڭراق ھوقوق تۇتالىسا كادىرلىقمۇ بولۇپ قالىدۇ دەپ قارايمەن.ئەمدى قىزلار سىلەرنىڭ سورىمغان سۇئاللىرىڭلارغىمۇ  جاۋاب بېرىۋېتەي،سىلەر بەلكىم‹‹كۈل قىز ۋە گۈل قىز››دېگەن چۆچەكنى ئوقۇغان.مەن سىلەرنىڭمۇ كۈل قىز بولۇپ قالماسلىقىڭلارنى،گۈل قىز بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلمەن!سىلەر ئەسلىدىمۇ گۈلدەك چىرايلى قىزلار!بالدۇر موھاببەتلەشكەنلەر،ئىپپەت-نومۇسىنى،غۇرۇرىنى ساقلىيالمىغانلار،كۈل ئالمىسمۇ بەرىبىر كۈل قىز بولۇپ قالىدۇ.
     شۇڭا سىلەر ھازىردىن باشلاپ،تىرىشىپ ئوقۇپ چوڭ بولغاندا يا مائارىپچى،يا  تىببىي خادىم،يا شوپۇر،يا مالىيە خادىمى بولۇڭلار،دېھقان بولساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئەسكەر بولالىساڭلار تېخىمۇ ياخشى!
كۈل ئالماسلىقنى تار مەنىدە چۈشۈنۈپ قالساڭلار،بۇ بەك ئاسان،پۇل تېپىپ،بىنادا ئولتۇرساڭلار ياكى بىنادا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى بولساڭلارلا بولىدۇ.مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم كۈل ئالماسلىق ئەمەس،كۈل قىز ياكى كۈل يىگىت بولماسلىق.بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەن بايا دېگەندەك ئوغۇللاردا ئۇلۇغۋار غايە،ئىرادە،جەڭگىۋارلىق،قەيسەرلىك،ئەڭ موھىمى غۇرۇر-ۋىجدان،پىداكارلىق روھى بولۇش كېرەك.خان بولىدىغان ئوغۇلار كۈل ئېلىپ،يۇندا تۆكۈدىغان ئادەم بولسا،خانىش بولىغان قىزلىرىمىز  كۈل قىز بولۇپ قالمامدۇ!ئالدى بىلەن يىگىتلىرىمىز ئۆز ئەركىگە خان بولالىسا،ئاندىن قىزلىرىمىزمۇ خانىش بولالايدۇ.
     بوتكىدا ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان ياكى ئۆيىدە ئۇخلاپ ياتقان ئەرلەرنى،سىرتتا تىتىرەپ گازىر ياكى لەڭپۇڭ سېتىپ يۈرگەن ئاياللارنى،دەرسخانىلاردا ئۈستەلگە  بېشىنى قويۇپ ئۇخلاۋاتقان ئوغۇللارنى،مانا مۇشۇنداق سۇئاللارنى قويۇپ دەرسخانىدا قىزغىن كەيپىياتتا ئولتۇرغان قىزلارنى سېلىشتۇرۇپ بەزىدە ئۆزەم ئەر بولساممۇ ئوغۇللاردىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالىمەن.ئەمدى مېنىڭ ئۈچ يىلدىن بېرى سىنىپ  تازلىقىنى  قىزلار غا ئورۇنلاشتۇرۇپ،سىرتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئوغۇللارغا ئورۇنلاشتۇرۇشىمنىڭ سەۋەبىنى بىلدىڭلارغۇ دەيمەن.
    مېنىڭ ئۈچ يىلدىن بېرى سىلەردىن ئەڭ سۈيۈنگەن يېرىم بىرى،بۇ قېتىمقى يىنىك ئاتلېتكا مۇسابىقىسىدە 24سىنىپنى يېڭىپ ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەكتەپ بۇيىچە بىرىنچى بولغىنىڭلار،ئىككىنچىسى،قىزلارنىڭ سىنىپ تازىلىقىنى ئوغۇللارغا بەس سالماي قىلغانلىقى!
يۇرتىمىزنى،يېزىمىزنى مەن مەملىكەت بۇيىچە ئەڭ قەۋەل يۇرتمىكىن دەيمەن.شۇڭا ئوغۇللار ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي،يوقۇرلاپ ئوقۇيالماي قالساڭلار،ئائىلە شارائىتىڭلار يار بەرسىلا،ئاتا-ئاناڭلارنىڭ رازىلىقى ئېلىپ،شەھەرلەردىن،باشقا يۇرتلاردىن رىسقىڭلارنى ئىزدەپ كۆرۈڭلار،ھۈنەر ئۆگۈنىڭلار،يۇرتىمىزدىن چىقمىساڭلار،ھاشاردىن ئازاد بولالماي،ھۆنەر ئۆگۈنۈپ بولغىچە قېرىپ كېتىسىلەر.ھاراق ئىچمىسەڭلار،خىروئىن چەكمىسەڭلار،باشقىلارغا قارا سانىمىساڭلارلا،جاپا تارتساڭلارمۇ شەھەردە،ياققا يۇرتلاردا نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە ئېرشەلەيسىلەر!ئۆزۈڭلاردىكى مەكتەپتە جارى قىلدۇرالمىغان يۇشۇرۇن ئىقتىدارىڭلارنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن.ئۆز يۇرتىمىزدا ئۇلتان بولغىنىڭلاردىن كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىنىڭلارمۇ ياخشى.يۇرتتىدىن چىقمىغانلارنىڭلا ۋەتەنپەرۋەر بولۇشى ناتايىن.
     قىزلار ئىمكانىيەت بار يوقۇرلاپ ئوقۇڭلار،پەقەت ئوقۇيالمىساڭلار،ئاتا-ئاناڭلارغا يېقىنراق تۇرۇپ ھۆنەر ئۆگەنسەڭلارمۇ بولىدۇ.مەن مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئالاھىدە ئەھۋالىدا قىزلار يەنىلا ئۆز يۇتۇڭلاردا تىرىكچىلىك قىلغىنىڭلار ياخشى دەپ قارايمەن.
يوقارقىلار مېنىڭ شەخسىي قارىشىم،سىلەر ئۆزئارا يەنە تاسقاپ باقارسىلەر.


2007-يىلى4-ئاي               

3

تېما

0

دوست

2514

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5969
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 637
تۆھپە : 346
توردىكى ۋاقتى: 440
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 19:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى كونىلاردىن قالغان ناھايىتى ئاددى بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق ئەجداتلارنىڭ ئەر ئاياللارغا قويغان ئەقەللى تەلەپلىرىنى يورۇتۇپ بېرىپتۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

3

تېما

0

دوست

2514

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5969
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 637
تۆھپە : 346
توردىكى ۋاقتى: 440
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 19:25:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇللار ئۈچۈنمۇ ، قىزلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك . تېما  ئىگىسى مۇھىم تېمىنى يورۇتۇپ بېرڭپتۇ.

1

تېما

3

دوست

1508

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10177
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 298
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 12:17:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە،ئەسكەرلىك،ئىنژىنېرلىق،ئۇنىڭدىن  قالسا،ساقچىلىق،سودىگەرلىك،شوپۇرلۇق،ئىشچىلىق،چارۋىچىلىق،دېھقانچىلىق،چوڭراق ھوقوق تۇتالىسا كادىرلىقمۇ بولۇپ قالىدۇ .

ئەسكەر بۇلىمەن دەپلا بولالمايسىز. ئېنژىنىر بولۇش ئارزۇسغا يەتكىلى بۇلىدۇ تىرىشسىلا. ساقچىلىق( ساقچىمۇكادىردۇ؟). سودىگەر، ئىشچى، چارۋۇچى. دېھقان...بولالماي قالسا ئاندىن كادىر بولسىمۇ بۇلامدۇ قانداق؟ مەن بەلكىم بىرتەرەپلىمە چۈشىنىۋالغاندىمەن.
ئەمما ئاۋال كادىرلىقنى تاللاش كېرەك. نىمىشقا؟- چۈنكى پارتكوم- ھۆكۈمەتتە كادىرلىرىمىز قانچە كۆپ بولىدىكەن بىزنىڭ يولىمىزمۇ شۇنچەكەڭ  بۇلىدۇ. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مىزانى قىلغان بارلىق مەمۇرلارغا، كەسپى ئورۇندىكلەرگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ياخشى دىيىشكە بۇلىدۇ، ئوغۇللار چوقۇم ئوغۇلدەك(ئەردەك) بولۇشى كېرەك.

0

تېما

0

دوست

38

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   12.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13373
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 12:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت يازالمايۋاتىمەن                                                                                   .....
ئەل قىساسى مىنەل ھەق .

2

تېما

0

دوست

2054

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6863
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 478
تۆھپە : 311
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 17:16:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكى + ئەر = ئەسكەر           دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگە.

.مىللەتنىڭ كەلگۈ

17

تېما

7

دوست

7426

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11308
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1416
تۆھپە : 1306
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 22:42:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە،ئەسكەرلىك،ئىنژىنېرلىق،ئۇنىڭدىن  قالسا،ساقچىلىق،سودىگەرلىك،شوپۇرلۇق،ئىشچىلىق،چارۋىچىلىق،دېھقانچىلىق،چوڭراق ھوقوق تۇتالىسا كادىرلىقمۇ بولۇپ قالىدۇ .
..........................
مەن بۇ قاراشقا قوشۇلمايمەن.مىنىڭچە ھازىر بىزگە ئەسكەر كىرەك ئەمەس.ساقچى كادىرلارمۇ ئىششىنى قىلسۇن.
ئەلۋەتتە مىللەتكە ھەر قانداق كەسىپتىكى كىشىلەر كىرەك .ئەمما بىزگە نۆۋەتتە ئەڭ كىرىكى.......
مىللەت ئۈچۈن جان بىرىدىغان بايلار ۋە مىللەت ئۈچۈن جان بىرىدىغان زىيالىلار.
تىمىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق ھاياجانلاندىم.رەھمەت سىزگە.
ئەر ئەردەك بولىشى كىرەك.ھازىرقى ئوغۇللىررىمىزدىكى ئەركەكلىك ئۆلچىمى نىمە؟ھازىرقى ئەركەكلىرىمىزدىكى ئەرلىك خارەكتىر ئاجىزنى بوزەك قىلىش ۋە توپلىشىپ جىدەل چىقىرىش بىلەن ئۆلچىنىۋاتىدۇ.مىنىڭچە ئەركەكلىكنىڭ يىلتىزى ۋەتەنپەرۋەرلىك.ۋەتەندىن ئايرىلغان ئەركەكلىك مەۋجۈت ئەمەس.ئەلۋەتتە ۋەتەن نوقۇل سىياسىي گەۋدە ئەمەس.بەلكى ئۇ مىللىي غايە.
دىمەك مىللىي روھنى بالىلارغا سىڭدۈرۈش ھەقىقى ئەركەكلەرنى يىتىشتۈرىدۇ.(ئەركەكتەك بول.قىزىل كىيىم كىيىۋاپسەنغۇ.نىمە مىسمىسلىق بۇ گاچ گاچ بول.خوتۇنپۇرۇش.)بۇ گەپلەر ئەركەكلىك خارەكتىرنى جىدەل بىلەن چىقىرشقا يىتەكلەيدۇ.مەدەنىيەتلىك بولۇش تەكىتلىنىۋاتقان دەۋىردە بۇخىل مەدەنىيەتسىز تەربىيە كىشىلىك خارەكتىرنى ئۈششىتىدۇ.ھەقىقى ئەركەك ۋەتەن ئۈچۈن جان بىرەلەيدىغان ئادەم.بۇنۇڭدىن باشقا ئەركەكلىك قۇرۇپ كەتسۇن.شۇنۇڭ ئۈچۈن ئەركەكلىك تەربىيىسىنىڭ يادرۇسىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك قىلىپ ئىزاھلاش كىرەك.
خىنىم مىجەز ئوغۇل مىللەت ئۈچۈن جىنىنى قۇربان قىلالىسا ئوغول بالىلىق خارەكتىرگە ئىگە بالا  بۇ نۇقتىدىن قاچسا ماڭا خىنىم مىجەز بالىلار كىرەك.
ھوقۇق بىرىلمەيدۇ ،يۇلۇپ ئىلىنىدۇ. -(كۆك ھىلال)

0

تېما

0

دوست

133

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12782
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 21
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 00:01:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Askar bolmigan arkak arkak amas digan gap ba oruslarda'hakikatan yahxi timikan arimizdim 100:1giqilik adam sizdak oylisa biz ning ahwalimiz baxkiqa bolatti.......

29

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   48.09%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3149
يازما سانى: 1235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7066
تۆھپە : 4151
توردىكى ۋاقتى: 554
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 00:45:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە كۈن ئىلگىرى قايسى بىر پىروگىراممىدا بىر كىشى پەرزەنىت تەربىيلەش توغۇرلۇق سۈزلەپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇنى قىلساڭ يامان بولىدۇ، بۇنى قىلساڭ يامان بولىدۇ دىگەن ھېكمەتلىرىنىڭ ناھايتىمۇ توغرا ئىكەنلىكنى ، ئائىلىدە كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارغا يامان بولىدۇلارنى دىگەندە ھەرجەتتىن توغرا بولغان دۇنيا قاراش ، ئىدىيە ۋە ساغلام روھىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ پەرزەنىت تەربىيلەشتە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقنى تەكىتلەپ ئۈتتى ،

0

تېما

0

دوست

76

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12528
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 02:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىندا چاپچالنىڭ قاينوق يىزىسىدا ،بىر تويغا بادىم .تويدا ئوغلاق تارتىش بولدى.مەن شۇ سورۇندا ھەقىقى ئەركەكلەنى كۆگەندەك بولدۇم.ئوغلاق تاتىۋاتقان شۇ ئەزىمەتلەنىڭ باتۇرلىغىغا ھەيران قالدىم.توۋا، ھەقىقى ئەرلەر سەھرادا قالدىمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )