ئىمام ھەسەن ئايالى مەخپىزەنىڭ كۈندىن كۈنگە يوغىناپ كېتىۋاتقان قۇرسىقىنى كۆرۈپ، ئىككىنچى بەرزەنتىنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولىدىغانلىقىغا ئاز كۈن قالغانلىقىدىن ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولسا، مەخپىزەمۇ ئۆزىنىڭ بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولۇپ، قۇرسىقىنى سىلاپ ئىچىدە بالىغا نېمىلەرنىدۇر غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ بېرىپ، چىرايىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپلا يۈرۈيتتى.قۇلۇم-قوشلىرى بۇ بىر جۇپ ياشنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدىن ئۇيان-بۇيان ئۆتسە تولىمۇ سۈيىنىش ئىلكىدە قارىشىپ قالاتتى ھەم –بۇ چوكاننىڭ مېڭىشلىرىدىن ئوغۇل تۇغىدىغاندەك قىلىدۇ...ياق، قىز تۇغىدۇ، قۇرسىقى ئۇزۇنچاق تۇرمامدۇ-دەپ كۇسۇرلىشىپمۇ قوياتتى...
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ، ئىمام ھەسەن ئىشتىن بالدۇرلا يېنىپ، بازاردىن گۆش-تۇخۇم ۋە كۆكتاتلارنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتىدە، ئۆز قولى بىلەن ئايالى مەخپىزەگە تاماق ئېتىپ بەردى. تاماقتىن كېيىن ،چۈچۈك تىللىرى ئەمدى چىققان 3 ياشلىق قىزىنىڭ تاتلىق گەپلىرىنى ئاڭلىغاچ تېلېۋىزۇر كۆرۈپ ئولتۇراتتى.
-خوتۇن، سېنى قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئايالىڭ قىز تۇغىدۇ دەيدۇ، سەن بۇ قېتىم راستلا قىز تۇغۇپ قالارسەنمۇ؟!-دېدى ئىمام ھەسەن كىرىسلوغا يۆلىنىپ تورۇسقا قاراپ.
-ياق، مەن تىۋىپقا تومۇر تۇتقۇزدۇم، تىۋىپ ماڭا تومۇرىڭىز جانلىق سوققىنىغا قارىغاندا ئوغۇل تۇغىدىغاندەك قىلىسىز-دېدى، مەن چوقۇم ئوغۇل تۇغىمەن-دېدى مەخپىزە ئىمام ھەسەنگە كىچىك بالىلاردەك ئەركىلەپ تۇرۇپ.
-تىۋىپنىڭمۇ گېپىگە ئىشىنەمسەن؟ ئۇلار نېمىنى بىلىدۇ، ئەتە بېرىپ دوختۇرخانىدا ب تىپلىق تەكشۈرۈشتە تەكشۈرتۈپ باقامدۇق-يا؟-دېدى ئىمام ھەسەن مەخپىزەنىڭ چىشىغا تېگىپ.
-نەدىكى گەپنى قىلىپ چىشىمغا تېگىدىكەنسىز، دوختۇرلارنىڭ بېشى ئونمۇ؟ ئۇنداق قىلىدىغان بولسا ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئىشتىن قوغلايدۇ.
-قانداقلا بولمىسۇن مېنىڭ پەرىزىمچە سەن چوقۇم قىز تۇغۇسەن، ئاخشام چۈشۈمدىمۇ ئايان بولدى.
-ياق، ئوغۇل تۇغىمەن.
-قىز تۇغىسەن.
-ئوغۇل تۇغىمەن، ئوغۇل!
-.......
ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن مۇشۇنداق تالاش-تارتىشلار ئىچىدە يېرىم تاڭ بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەي قالغانىدى...ئىمام ھەسەن ئايالىنىڭ چارچاپ قالماسلىقىنى ئويلىدى بولغاي:
-ھەي قەدىرلىكىم، مەيلى نېمىلا تۇققىن، خۇدايىمنىڭ بەرگىنى شۇ، قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن ھەممىسى بالىمىزغۇ؟! بولدى ئۆزەڭنى ئاسىرا، بالىمىز تۇغۇلۇپ ساڭا ئوخشاش ئۇرۇشقاق بولۇپ قالمىسۇن؟!- دېگىنىچە يوتقامغا بېشىنى يۈركەپ ئۇيقىغا كەتتى... مەخپىزەمۇ تاتلىق ئۇيقىدا ياتقان قىزىغا قاراپ، ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بەرسەم ئىككىسى ھەمرا بولۇپ چوڭ بولسا......دېگەن نۇرغۇن خىياللارنى سۈرۈپ ئۇيقىغا كەتتى.
6-ئاينىڭ 9-كۈنى تاڭ سەھەردە، مەخپىزە قۇرسىقىنىڭ قاتتىق ئاغرىپ كېتىشى بىلەن ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇ ئاخشام يېگەن تاماقلار زىيان قىلغان چېغى دەپ ئويلىدى-دە ھاجەتخانىغا كىردى. لېكىن ئاغرىق يەنە پەسەيمىدى، ئۇ، تولغىقىم بالدۇر باشلانغان ئوخشايدۇ، چىداپ باقسام ئاغرىق توختاپ قالىدىغۇ دەپ ئويلىدىدە، ئىمام ھەسەننى تاتلىق ئۇيقىدىن ئويغاتقۇسى كەلمىدى.بىر سائەت ئۆتتى، ئىككى سائەتمۇ ئۆتۈپ كەتتى.لېكىن بۇ ئاچچىق تولغاق مەخپىزەنى چىداۋغۇسىز قېينىغان ئىدى، ئۇ مېھمانخانىدىكى كىرىسلودىن ياتاق ئۆيگە ئۆمىلىگىنىچە بېرىپ ئىمامنى ئويغاتتى.
-نېمىش بولدۇڭ قەدىرلىكىم، ۋاي خۇدايىم، زادى نېمىش بولدى؟!-دەپ مەخپىزەنى يۆلەپ كارۋاتقا ئولتۇرغۇزدى ئىمام جىددىلەشكەن ھالدا،
- تاڭ ئېتىشتىن ئۈچ سائەت ئىلگىرى سانجىق تۇتۇپ ئارام بەرمىدى، سىزنى شېرىن ئۇيقىدىن ئويغاتقۇم كەلمىدى ئىمام، مەن تۇغۇپ قويىدىغاندەك قىلىمەن، سىز دەرھال قوشنىلارنىڭكىگە چىقىپ ئادەم چاقىرىپ كەلمىسىڭىز بولمىغىدەك-دېدى مەخپىزە تۆۋەن ئاۋازدا ئىڭىراپ تۇرۇپ.
-ياق قەدىرلىكىم، سىزنى مەن ئۆيىمىزگە ئەڭ يېقىن بولغان «قۇياش» دوختۇرخانىسىغا ئاپىراي-دېدىدە، ئوقتەك يۈگۈرۈپ يولغا چىقىپ كىرا ماشىنىسىدىن بىرنى توستى.
«قۇياش»دوختۇرخانىسى كورلا شەھىرىنىڭ بوستان كوچىسىغا جايلاشقان، خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى، داۋالاش موھىتى يامان ئەمەس، ئەسلىھەلىرىمۇ خېلى مۇكەممەل دوختۇرخانا بولۇپ، يىراق يېقىندىكى ئاھالىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىناتتى. ئىمام ھەسەن مەخپىزەنى كىرا ماشىنىسى بىلەن بۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى، دوختۇرلار ئادەتتىكى تەرتىپلەر بويىچە تەكشۈرۈشنى باشلىدى ۋە ئاغرىقنى پەسەيتىش تىپىدىكى ئاسما ئوكۇل سېلىپ قويدى، ئاغرىقنىڭ دەستىدىن مەخپىزە يۈرەكنى ئەزگىدەك چىقىرايتتى، پىشەنىسىدىن تامچىلاپ تەر تۆكۈلەتتى، دەسلەپكى دېئاگۇنۇستا:1.مۇدەتتىن بۇرۇن تۇغۇش ئىھتىمالى بار، 2.بالىياتقۇ يارىسى.3.سېزىك قوشۇمچە سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى.-دەپ يەكۈن چىقىرىلدى، ھەم تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈشىدىن: جىددى خارەكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى دەپ گۇمانلاندى. لېكىن 9-چىسلا چۈشكىچە بولغان ئارلىقتا «قۇياش»دوختۇرخانىسى مەخپىزەگە ئاسما ئوكۇل سېلىشتىن باشقا ھېچقانداق داۋالاش تەدبىرلىرى قوللانمىدى، چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1دە، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ بەرگەن قاننىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى كېلىشى بىلەن، مەخپىزەگە: جىددى خارەكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قوشۇمچە يېرىلىش ئىھتىماللىقى بار، ھامىلىنىڭ نۇرمال يېتىلىپ بولمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دوختۇرخانا رەھبەرلىكىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن دەرھال يوقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەش كېرەك-دەپ يەكۈن چىقىرىپ بەردى.
ئىمام ھەسەن دەرھال ماشىنا بىلەن مەخپىزەنى كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا چۈشتىن كېيىن سائەت 2:41 ئەتىراپىدا يۆتكەپ كەلدى، ئۇ كۈنى شەنبە بولغاچقا، دوختۇرلارمۇ ئانچە كۆڭۈلشىمىگەندەك «قۇياش»دوختۇرخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئادەتتىكى تەكشۈرۈشلەرگە ئوخشاش تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ :-بالنىستتا كارۋات قالمىدى، كارىدۇرغا كارۋات قويۇپ بەرسەك، شۇ كارۋاتتا يېتىپ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈپ داۋالىساق-دېگەن تەكلىپنى بەردى.ئادەم ئۆلەي دەۋاتسا ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈپ داۋالايمىز دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىمامنىڭ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۈچتىدە مەخپىزەنى ئېلىپ بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا قاراپ جىددى يول ئالدى. مەخپىزەنىڭ:- ئىمام ! مەن بولالمىدىم، مېنى تېز قۇتقۇزۇڭلار! –دېگەن نالىسى ئىمامنىڭ يۈرىكىنى پىچاق سانجىغاندەك قېينايتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى مەخپىزەنى بالدۇر دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئىدى، شۇ ۋەجىدىن شوپۇرغىمۇ توڭ تېگىۋەتتى...ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا يېرىم سائەت ئىچىدە ئاران يېتىپ باردى، بۇ يەردىمۇ جىددى قۇتقۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنىلا ئالدىنقى ئىككى دوختۇرخانىغا ئوخشاش ئۇ تۆشۈككە، بۇ تۆشۈككە تولا يۆتكەپ، مەخپىزەنىڭ ھالىنى قويمىدى، مەخپىزە ئاغرىقنىڭ دەستىدىن نەچچە ئۆلۈپ، نەچچە تىرىلدى. دوختۇرلار بىر سائەت نېمە قىلغىنىنى بىلمەي قاتىراپ يۈرۈپ ئاران دېگىدەك مەخپىزەنى توغۇت بۆلۈمىگە يۆتكەپ، مۇتەخەسىسلەر بىرلەشمە دېئاگۇنۇز يىغىنى ئېچىپ، داۋالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇختۇرغاندا، مەخپىزەنىڭ نەپىسى قېيىنلىشىپ، يۈرەك سوقۇشى ئاستىلاپ قالغان ئىدى. بۇ ھالنى سەزگەن دوختۇرلار مەخپىزەنى ئاران دېگەندە سائەت 4:20 ئۆتكەندە جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يۆتكىدى، مەخپىزە ئاغرىق دەستىدىن ئېڭىرىغان ھالدا كۆزىنى مىڭ تەستە ئېچىپ، ھالسىزلىنىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قوياي دېگەن ئېرى ئىمامغا قارىدى، ئۇ ئىمامدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا كۆزى يەتتىمۇ قانداق، ئىچىدە:-ئۇماق قىزىم ئانىسىز قالىدىغان بولدى، ئۇنىڭغا ياخشى قاراڭ، سىزگە ئوغۇل تۇغۇپ بېرەلمىەىدەكمەن، مېنى كەچۈرۈڭ-دېگەندەك قىلدىدە ئاغزىنى تىتىرىتىپ بىر نېمىلەرنى دېدى ۋە مەڭزىگە ياش تامچىلىرى سىرىلغان ھالدا كۆزىنى يۇمغان پېتى جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئېلىپ كېتىلدى...
40 مىنۇتتىن كېيىن، يەنى سائەت 5 دە مەخپىزە ۋە ئۇنىڭ قۇرسىقىدىكى ھامىلىنىڭ تىنىقى توختىدى.....ئىمام نېمە قىلارىنى بىلمەي قاققان قۇزۇقتەك ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى، ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ھەمرىيى، قەدىردان دوستى، تېخى نەچچە سائەتنىڭ ئالدىدا كۈلۈمسىرەپ خۇش چاخچاقلىرى بىلەن ئۆزىگە بودەك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرمەكچى بولغان مېھرىبان ئايالى ئۇنى تاشلاپ كەتتى.ئۇ بۇ زەربىگە قانداقمۇ چىدىسۇن؟!
–ئاھ خۇدا، مەن قانداق قىلىمەن، ئالدىڭدا نېمە گۇناھ قىلغاندىمەن، مەخپىزە---------!!!!!-دەپ ئەتىراپىغا قاراپ توۋلىدى، لېكىن ھېچقانداق سادا يوق ئىدى...
مەخپىزە ۋە ئۇنىڭ قۇرسىقىدىكى بالىسى بىرگە دەپنە قىلىندى، ئۇنىڭ ئوغۇل تۇغۇش ئارزۇسىنى اللە ئۇ ئالەمدە مۇرادىغا يەتكۈزسۇن!! ئىمام مەخپىزەنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن ياخشى ئۇزاتتى، ئادەمدە جان بولسا ئۈمۈت بار دېگەندەك، ئايالىدىن قالغان قىزىنى ياخشى بېقىپ تەربىيلەش ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلىمەكتە.لېكىن، مەخپىزەنىڭ ئۆلۈمى مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشامدۇ؟! ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ساپمۇ-ساق بىر ئادەمنىڭ، ياق! ئىككى ئادەمنىڭ ئون نەچچە سائەت تەدبىر قوللانماي ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان ئاشۇ دوختۇرخانىلارنى بوش قويۇۋېتىشقا بولامدۇ؟! شۇ دوختۇرخانىلار تېگىشلىك جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكقۇ؟! بۇ مەسىلىدە ئەل ئىچىدە نۇرغۇن ئوخشىمىغان تالاش-تارتىشلار بولدى، بەزىلەر: اللە نىڭ بىرلىكىگە تەن بېرەيلى، مەخپىزە اللە غا يېقىن بولغاچقا ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كەتتى، يەيدىغان رىزقى شۇكەن، تۆۋبە قىلىڭلار، روھىغا دۇئا قىلىڭلار-دېيىشسە، يەنە بەزىلەر: ساۋاپ قىلسا سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دەپتىكەن، مەخپىزەنىڭ قىزى ھايات، ئۇنىڭغا ئىقتىساد كېتىدۇ، شۇڭا دوختۇرخانىلارنىڭ تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك!-دېيىشتى. زادى قايسى يولدا مېڭىش كېرەك؟
مەرھۇم مەخپىزەنىڭ ئاچىسى ھەلىمە تۇرسۇن پىكىر يوللىرى ئوچۇق، قانۇندىن ئازدۇر-كۆپتۇر خەۋىرى بار قىز بولۇپ، مەخپىزەنىڭ ئۈچ نەزىرىدىن كېيىنلا بۇ ئىشتىن چاتاق چىقىدىغانلىقىنى، ۋاقىت ئۇزارسا دوختۇرخانىلارنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىشلارنى قىلىۋاتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، دەرھال بۇ ئۈچ دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئەينى چاغدىكى داۋالىنىش، قۇتقۇزۇش جايانى خاتىرلەنگەن «كېسەل تارىخى» ماتىرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋالدى. ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن مۇتەخەسىسلىرىگە كۆرسەتتى. قانۇن خادىملىرى:-بۇ دېلودا چوقۇم قانۇن بويىچە ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈرلىكى، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىبرەت بېرىش، دوختۇرخانىلارنىڭ مۇشۇنداق ئىشلاردا قانداق قىلىشىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەلىمە تۇرسۇن 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى بارلىق ماتىرىياللارنى ئېلىپ، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسىغا ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش جەريانىدا زادى داۋالاش ھادىسە جاۋاپكارلىقى بار-يوقلىقىنى باھالاپ بېكىتىپ بېرىشىگە ئىلتىماس سۇندى. بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسى ھەلىمە تۇرسۇننىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق داۋالاش ھادىسلىرىنى تېخنىكىلىك باھالاپ-بېكىتىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باھالاشنامە چىقىرىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلدى. 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق داۋالاش ھادىسلىرىنى تېخنىكىلىك باھالاپ-بېكىتىش ئىلمىي جەمئىيىتى تىببىي مۇتەخەسىسلەر باھالاش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ:«ھادىستىكى ئۈچ دوختۇرخانىدا مەخپىزەنى داۋالاش جاريانىدا، گەرچە دوختۇرخانىلار ئۆتەشكە تېگىشلىك داۋالاش مەجبۇرىيىتى ۋە ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن قائىدىگە خىلاپ قىلمىش مەۋجۈت.ئېغىر كېسەكللىكلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە كېسەل ئەھۋالىنى مۆلچەرلەش، تەدبىر قوللىنىش، دورا-ئوكۇل ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ۋاقتىدا ئىجرا قىلمىغان، تونۇش يېتەرلىك ئەمەس، دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىرىسىپ-بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغان، بولۇپمۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانماي، ئىككى بۆلۈم ئوتتۇرىسىدا بىمارنى ئۇزاق ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ، ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېمەك بۇ ھادىسە 1-قاتلام A دەرىجىلىك داۋالاش ھادىسى بولۇپ، ئۈچ دوختۇرخانا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك، يەنى:كورلا شەھەرلىك «قۇياش» دوختۇرخانىسى جاۋاپكارلىقنىڭ %40 ىنى، كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى جاۋاپكارلىقنىڭ %20ىنى، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى جاۋاپكارلىقنىڭ %40 ىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك-دەپ بېكىتىشنامە چىقاردى. ھەلىمە تۇرسۇن مۇشۇ قارارغا ئاساسەن، كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە يوقىرىقى داۋالاش ھادىسىدىن كېلىپ چىققان بارلىق تۆلەم جاۋاپكارلىقنى ئۈچ دوختۇرخانا ئۈستىگە ئالسۇن دەپ ئەرز سۇندى..
خوش !! 18-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، سىياسىي تۈزۈلمە ۋە ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى شۇنىڭدەك ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغىنى بولدى، دېمەك پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئەدلىيە ئادىللىقنى ياقلاش-ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئەقلى-ھوشى دورۇس بولغان خەلق سودىيەسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتى. 18 قۇرۇلتاي روھى ئاساسىي قاتلامدا ئۆز ئورنىنى تاپالامدۇ؟! ياكى ھەقىقىي، ئادىل ئىجىراسى بولامدۇ؟! بۇ ئاۋامنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلق شۇ سودىيەلىرىمىزگە بەرگەن قانۇن ئادىللىقتىن ئىبارەت شۇ شەمشەرنى جايىدا ئىشلىتەلەمدۇ-يوق دېگەن مەسىلە، ھەلىمە تۇرسۇن سىڭلىسى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا خەلققە بەرگەن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشكە ئاتلاندى، مانا بۇ خەلقنىڭ قانۇندىن ئىبارەت مۇقەددەس قورالنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئاتلانغانلىقىنىڭ كونكىرت ئىپادىسى، غەيرەتلىك بولۇڭ ھەلىمە، ھوقۇقىڭىزنى قانۇن چوقۇم قوغدايدۇ، ئەرزىڭىزنى تۇتقان شۇ سودىيەلەر سىزنى چوقۇم نائۈمۈتتە قويمايدۇ، ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ سىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىڭىزنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرماقتا!