- تىزىملاتقان
- 2013-1-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1829
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
82.9%
|
سىزگە رەخمەت ،ياخشى مەزمۇن بىلەن تۇرمۇشىمىزغا بىر گۈزەللىك ئاتا قىلىپسىز. ھارمىغايسىز دوستۇم. دىمىسىمۇ پەن-تېخنىكا بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ،يەنە بىر تەرەپتىن بىزنى بەزى نەرسىلەردىن مەھرۇم قالدۇرىدىكەن. ھازىرقى جەمىيەتتە ھەممە ئادەم بىلىم،تېخنىكا ئۈگۈنۈپ،يېڭىلىقلارنى قۇبۇل قىلىپ،ئۈزىنى ئىلىم-پەن بىلەن قۇراللاندۇرۋاتىدۇ. لىكىن شۇنى بىلىۋالمىساق بولمايدۇ ،مىللىتىمىزگە نىسپەتەن ھەرقانداق ئىشنى بىلىم بىلەنلا بىر باشقا ئېلىپ چىقىمەن دىگىلى ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولمايدۇ. چۇقۇم شۇ بىلىمنى، تەرەقققىياتنى ياندىن نازارەت قىلىپ ،ئۇنى توغرا تەرەقىيات يۇلىغا باشلايدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان گۈزەل ئەخلاق ۋە ساغلام ئېتىقادمۇ تەڭ مەۋجۇت بۇلۇشى كېرەك .
بىزنىڭ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە زىيالىلار قۇشىنىمىز كۈندىن-كۈنگە زورىيۋاتىدۇ. بۇ بىز پەخىرلىنىدىغان ياخشى ئىش. ئۇلار يېڭىلىقنى ئەڭ بۇرۇن قۇبۇل قىلغۇچىلاردۇر . ئەمما خەلقىمىز ھۆرمەتلەپ كىلىۋاتقان ،گۈزەل ئارزۇ- ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ كىلىۋاتقان ئاشۇ زىيالىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىرىدا يېڭىلىققىلا ئېسىلۋىلىپ ،باشقىلارنىڭ مەدىنيىتىنى ئۈزىگە تىزلا سىڭدۇرۋىلىپ، مىللى خاسلىقنى ئۈنۈتۇپ كەيىپ-ساپانى قوغلۇشىدىغان ،زىھنى سەزگۈرلۈگىنى يۇقۇتۇپ روھى چۈشكۈنلۈككە قاراپ مېڭىۋاتقانلىغى، بەزىلىرىنىڭ يامان يوللارغا كىرىپ قالغانلىغىنى كۈرۈپ تۈرۈۋاتىمىز.ئۇلاردا بىلىم بولغان بىلەن،شۇنىڭغا ماس كىلىدىغان ئەخلاق ساپاسى كەمچىل. بىلىم ئېلىش بىلەنلا كوپايىلىنىپ ، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش ئاز بۇلۇۋاتىدۇ. بۇ خەلىقىمىز ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان بىرخىل ناچار پەيپىيات ۋە كىرزىس.
بىز دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشتە يېڭىلىقتىن ئايرىلىپ قالساق بولمايدۇ، دەۋىرنىڭ ئالدىغا ئۈتۈپ كەتسەك كىتەيلىكى ھەرگىزمۇ بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋىلىپ ئارقىدا قالمايلى. نۆۋەتتە بىزنىڭ مۇھىم ۋەزىيپىمىز بولسا: بىلىم ئۈگۈنۈش بىلەن بىرگە، ئەڭ مۇھىم بولغىنى خەلقىمىزنى روھى جەھەتتىن پاكلاش ئېلىپ بېرىش ھەممىدىن زۈرۈر دەپ قارايمەن. روھى جەھەتتىن پاكلاش دىگەندە ئاساسلىغى ئېتىقاد ۋە گۈزەل ئەخلاقنى كۆرسۈتىدۇ.ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى تۇللۇقلاپ،بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ . ئەخلاقنىڭ دائىرسى ئىنتايىن كەڭ بۇلۇپ، ئىنساننڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، ئۈزى،ئائىلىسى،تۇقانلىرى،دوسلىرى،خوشنىسى ، مىللىتى ۋە بارلىق ئىنسانلارغا قارتا ۋەزىيپىسى ، مۇئامىلىسىى ۋە ئادا قىلىدىغان مەسئۇليىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا دەيدىغىنىم بىلىم ئېلىشنى بۇشاشتۇرماي، يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلىشتا مىغىزىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرگە،مىللى مەدىنيىتىمىزنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن جاللاندۇرۇپ،،مىللىتىمىزنىڭ پەخرى ، گۈزەل ئەخلاقنىڭ يول باشچىسى نۇزۈگۈمگە ئوخىشاش تىپلارنى كوپرەك تەشۋىق قىلساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن. بىز قىلغان ھەربىر ياخشى ئىش ۋە ھەركەتلىرىمىز بىر ساپ ئېتىقاد بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. |
|