قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1495|ئىنكاس: 15

تەسەۋۋۇپنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىياتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىراقتا تۇرۇپ جا

42

تېما

28

دوست

6885

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1033
تۆھپە : 1441
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 13:33:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەۋۋۇپنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىياتى

        ھۆرمەتلىك تورداشلار ئارىمىزدا تەسەۋۋۇپ ئىلمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ، قاچان قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلىدىغانلار مېنىڭچە ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك . چۈنكى ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مۇئەللىمدىن تەسەۋۋۇپ توغۇرلۇق سوئال سورىغىنىمدا مەن قايىل بولغۇدەك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ئىدىم . بۈگۈن ماتىريال كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بۇ توغۇرلۇق ئازراق مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم . شۇڭا بۇ ئازغىنە بىلىمنى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم .
         يازغانلىرىمغا قايىل بولمىغان ياكى ، خاتالىقلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن قانائەت ھاسىل قىلالمىغان دوسلارنىڭ بىزنى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . مېنىڭچە تەسەۋۋۇپ ئىلمى ۋە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ   داڭلىق ئەسەرلىرىنىڭ تولىسى بىزگە تېخى تولۇقى بىلەن يېتىپ كېلەلمىدى . تىل قوۋۋىتىمنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن پاساھەتلىك تىللار بىلەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرالمىغان بولساممۇ ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.
       تېمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تورغا سۇنىشىمدىكى مەقسەت پەقەت بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بوشلۇقلارغا ئازراق بولسىمۇ ياماق سېلىش . قانداقتۇر تەسەۋۋۇپنى تەرغىپ قىلىپ دىنىمىزغا شەك كەلتۈرۈپ ئىختىلاپ پەيدا قىلىش ئەمەس. شۇڭا بەزى تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىلىرىگە ئاڭلىق مۇئامىلە قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .

        ھەزرىتى پەيغەمبەر زامانىدا كىشىلەر ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزلىرىنىڭ ۋە كۆپچىلىكنىڭ ھەل قىلالمىغان مەسىلىلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلەتتى . بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسلامنىڭ كۆرسەتكەن توغرا يولىدا ئىلگىرلەيتتى . پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات بولغاندا ، ئۈممەتلىرىگە قۇرئان بىلەن سۈننەتلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى . مۇسۇلمانلار ھەرقانداق مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاۋۋال قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇراجات قىلاتتى ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرىدىن ياردەم سورايتتى . ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن زىمىن كېڭەيمىچىلىكى ۋە ھەرخىل سىياسى ئۆزگۈرۈشلەر تەسىرىدە مۇسۇلمانلار پۇل ۋە مال – دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ كەتتى . يەنە بىر قىسىم خەلىق ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىنى تۇتتى .
         بىر ھەدىستە ئىسلامدا ئۈچ دەرىجە باردۇر ئۇلار ئىسلام ، ئىمان ۋە ئېھسان . ئۆزى كۆرۈنمىسىمۇ ، ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھنى كۆرىۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىش ئېھسان دېمەكتۇر . ( مۈسلىم 1-1 ،   بۇخارى 2 ،  1-37 )   بۇ يەردىكى ئېھسان ئەڭ يۇقرى دەرىجە بولۇپ ، بۇنىڭدا ئېتقاد بىلەن ئەمەل بىر-بىرىگە پارالىلدۇر . بۇ ئېتقاد ۋە ئەمەلدىكى ساھابىلەرنىڭ دەرىجىسى ئەڭ ئۈستۈن ئىدى . چۈنكى ، قۇرئان كەرىمدە ھەركىم ئۆز ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشەتتى ، ئاللا ھەممىگە ئادىل مۇئامىلە قىلاتتى .
         مانا مۇشۇ مەزگىللەردە ئېھسان دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىشنى ئارزۇ قىلغان بىر قىسىم كىشىلەر زۈھىد ( تەقۋا ، نەفىستىن يىراق تۇرۇپ ، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ) ئېقىمىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولدى . ( چۇبۇكچۇ ئى.ئاگالى    ئىسلامدا تەسەۋۋۇپ  ئا.ت. ئىلاھىيەت فاكولتىتى ژورنىلى )
         سوپىلار ، قۇرئاندا ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى بويىچە ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ھەتتا پەيغەمبەردەك ياشاشقا تىرىشاتتى .( كۇشەيرى ) دېمىسىمۇ پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋەھى كېلىشتىن بۇرۇن قانداق ياشىغان بولسا ، ۋەھى كەلگەندىن كېيىنمۇ شۇنداق ئاددى تۇرمۇشىنى كەچۈرگەنىدى . ئۇنىڭ دۆلەت باشلىقى ، ئىسلامنى تارقاتقۇچى پەيغەمبەر بولىشى بىلەن ئۇنىڭ تۇرمىشىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىدى . ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك تۆۋەن ، سىلىق ، يۇمشاق ئاۋازدا سۆزلەيتتى ، ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەنىدى ، كونا بولسىمۇ پاكىز كىيىنىپ يۈرەتتى ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلاتتى . خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتى ، ھېچكىمگە قوپاللىق قىلمايتتى . تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەممە ئىشتا ئۆلچەملىك ئىدى ، ھېچ بىر ئىشنى ھەددىن ئاشۇرىۋەتمەيتتى . ساھابىلەرمۇ ئۇنىڭ ئىش ھەركەتلىرىگە قاراپ ئۇنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلاتتى . ئۇنىڭغا ئوخشاش دۇرۇس بولۇشقا تىرىشاتتى . پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەرقانداق ئىشتا ئوتتۇرىھال يول تۇتۇشنى ، ئۆلچەملىك بولۇشنى ، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكنى تەۋىسيە قىلاتتى .
       ھېجرى ئىككىنجى ئەسىردىن باشلاپ پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ئاساسى قىلىپ تۇرۇپ شۇ يولدا ماڭغانلار  ئوتتۇرىھال يول تۇتۇشتىن ھالقىپ دىندىكى ئەمەللەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداشقا باشلىدى ، بۇنىڭ بىلەن ئاۋۋال ‹‹ ئابىدۈن  ( كۆپ ئىبادە قىلغۇچى ) ›› ۋە ‹‹ زۈھھاد ( زاھىد ،زاھىدلار ) ›› كېيىن بولسا ، ‹‹ سۇفى( ئاللا ئۈچۈن قەلبىنى پاكىزلىغان كىشى ، قەلبى ئاللانىڭ نۇرى بىلەن تولغان كىشى )  ›› ۋە ‹‹ مۇتەسسەۋۇف ( تەسەۋۋۇپچى ، قەلبىنى پاكلىغانلار ، گۈزەل ئەخلاق بىلەن قەلبىنى پاكلاش ) ›› دېگەن ناملاردا كىشىلەر يېڭى ئېقىملارنى شەكىللەندۈردى .
         تۇنجى قېتىم سوفى نامى بېرىلگەن كىشى ئەبۇ ھاشىم ئەل كۈفى ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 150-569 ) . ھازىرغا قەدەر سوفى ، تەسەۋۋۇپ دېگەندەك ناملارغا بېرىلگەن تەبىرلەرھەرخىل .
          تەسەۋۋۇپ دېگەن بۇ سۆز ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ياشىغان دەۋىرلەردە مەۋجۈد ئەمەس ئىدى . ئۇ ياشىغان مەزگىللەردە ئىنسانلار ئالاھىدە ئونۋان بىلەن ئاتالمايتتى . پەقەت ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېقىن دوستلىرى ، ئۇنىڭ بىلەن ياشاپ ئۇنى قوغدىغانلار ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭغانلار ۋە ئۇنىڭ يولىنى تۇتقانلار ‹‹ ساھابىلەر ›› دەپ ئاتىلاتتى . ساھابىلەر بىلەن بىللە بولغان ، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلار ‹‹ تابىئۈن ›› ، تابىئۈنلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتەبولغانلار ھەم ئۇلار بىلەن بىر دەۋىردە ياشىغانلار ‹‹ تەبەئۇت ياكى تابىئىن ›› دېگەن ناملار بىلەن شەرەپلەندۈرۈلگەندى . بۇلار ياشىغان دەۋىر تابىئۈنلەر دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، بۇ دەۋىر ھېجرى 120- يىلغىچە داۋاملاشقان  بولۇپ ، ئىسلام مەدەنىيەت تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىردۇر.  بۇ ئەمەۋىيلەرنىڭ ھاكىمىيىتىگە توغرا كېلىدۇ . ( ئەمەۋىيلەر – تۆت خەلىپە دەۋرىدىن كېيىن ( 632-661) مۇسۇلمان ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن خاندانلىقتۇر. 661- يىلى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆلتۈرىلىشىدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانلار ، 750-يىلى ئابباسىلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋىتىلگەن . ئەمەۋى خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇئاۋىيە ، مەككىلىك قۇرەيىش قەبىلىسىگە قاراشلىق ئۈمەييە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان . )
       كېيىنكى قىسقىغىنە بىر مەزگىل ئىچىدە ھەرخىل مەسىلىلەر سەۋەبىدىن خەلىق ئارىسىدا ھەرخىل ئىختىلاپلار چىقىشقا باشلىدى . يۇقاردىكى ئىسىملار بىلەن شەرەپلەندۈرۈلگەن كىشىلەر ئارىسىدىكى بىر قىسىملىرى دىنى ئىشلاردا ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان ، ئىنچىكە بولۇشقا باشلىدى ، بۇ تۈردىكى كىشىلەرگە خەلىق ‹‹ زاھىد ›› ۋە ‹‹  ئابىد ( كۆپ ئىبادەت قىلغۇچى )   ›› دېگەن ناملارنى بەردى . ئىسلام دىنىدىكى بىدئەتچىلەرمۇ ئەنە شۇ مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىقتى .  بۇنىڭ بىلەن زاھىد ۋە ئابىد نامىدا ئاتالغان بىر توپ كىشىلەر ئۆز مەزھەپلىرىدە چىڭ تۇردى . بۇلارنىڭ ئارىسىدا ‹‹ ھەر نەپەستە ئاللا بىلەن بىللە بولۇپ ، غەپلەتتىن يىراق تۇرۇش ›› نى تەرغىپ قىلغانلارغا تەسەۋۋۇپچى دېگەن نام بېرىلدى . سوفى ۋە تەسەۋۋۇپ دېگەن بۇ ئىككى سۆز ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالىملارنىڭ بۇھەقتىكى قاراشلىرى ھەرخىل .
         تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ تەسەۋۋۇپقا بولغان كۆز قارشى ھازىرغىچە ھەرخىل بولۇپ كەلدى .
تەسەۋۋۇپ – ئاللاھۇتائالانىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىش . ( جۈنەيدى باغدادى )
تەسەۋۋۇپ – ۋاقىتنى قەدىرلەش ۋە ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلىش . ( ئىبنى ئوسمان مەككى )
تەسەۋۋۇپ- پايدىسىز ئىشلارنى تەرىك ئېتىش ( يىراق تۇرۇش ، قول ئۈزۈش ) .(ئەبۇ سەئىد ئىبنى ئارابى )
تەسەۋۋۇپ – نەفىسنىڭ يامانلىقلىرىنى تەرك ئېتىش .( ئەبۇ ھۈسەيىن نۇرى )
تەسەۋۋۇپ – گۈزەل ئەخلاقتۇر . ( ئى. كەتتانى )
تەسەۋۋۇپ – قەلبىنى پاكلاش . ( ئەبۇ ئالى رۇد بارى 9
تەسەۋۋۇپ – ئەدەپلىك بولۇش .( ئەبۇ مۇھەممەد جەۋىرى )
تەسەۋۋۇپ – ئېترازنى يوقۇتۇپ ( قارىشلىقنى يوق قىلىپ ) ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ بۇيرىقىغا ئەمەل قىلىش . ( ئەبۇ سەھىل سالۈكى )
تەسەۋۋۇپ – باشقىلارغا جاپا سالماسلىق ، كېسەللىك ۋە مۇسىبەتلەردە باشقىلارغا ھەمدەرت بولۇش ، دۈشمەنلەرنى كەچۈرۈش ، ئىنسانلىق مەرتىۋىسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسىگە ئېرىشىشتىكى ئۇسۇل . ( ئەھمەد شىرباھى )
تەسەۋۋۇپ – نەفىسكە ئائىت بارلىق زەۋىك ، ئىشتىياقلارنى تەرك ئېتىش. ( مۇھەممەت ب.ئەن نۇرى )
تەسەۋۋۇپ – ئاچ يۈرۈش ، دۇنيانى تەرك ئېتىش ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن ۋاز كېچىش . ( جۈنەيد باغدادى )
تەسەۋۋۇپ – دۇنيالىقتىكى بارلىق نەرسىلەردىن ۋاز كېچىپ ، ئاللاغايۆنىلىش .( ئىبىن ھالدۇن )
        يۇقارقىدەك ھەربىر دەۋىردىكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ تەسەۋۋۇپقا بولغان قارشى ھەرخىل بولسىمۇ ئۇلاردىكى ئورتاقلىق يەنىلا بىر . يەنى ئاللانىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرى ، ساھابىلەرنىڭ كۆرسەتكەن يوللىرى ، نەسىھەتلىرى بويىچە يول تۇتۇش ، شۇ يولدا تاكى ئۆلگۈچە چىىڭ تۇرۇش ،ھەر ئىشتا ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلىش، ئاللا يولىدىكى ئەڭ يۇقرى دەرىجىگە يېتىش ئۈچۈن قەلبىنى پاكلاش قاتارلىقلار.
        تەسەۋۋۇپ يەھۇدى ۋە ياكى يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان ئىلمى ئەمەس .
تەسەۋۋۇپنى بىلىدىغان ، چۈشىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەسۇلىللانىڭ يولىدا مېڭىپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى تاكى ھازىرغىچە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا.
        تەسەۋۋۇپ ئىسلام ئەخلاقىنى ئۈگىتىدىغان ئىلىمدۇر، شۇڭا ئۇنى ئەخلاق ئىلمى دەپمۇ ئاتايدۇ . تىبابەتتە بەدەن ساغلاملىقىنى ، ئىنسان بەدىنىنى تەتقىق قىلىپ ، داۋالاشنى ئۈگەتكەندەك ، تەسەۋۋۇپمۇ قەلىب ۋە روھنى پاكلاش ، يامان خۇيلاردىن قۇتۇلۇش يولىنى ئۈگىتىپ ئىنساننى يامانلىقلاردىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئىلىم .  
        مانا مۇشۇنداق ھەرخىل قاراشلار بىلەن باشلانغان بۇ ئېقىم مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئىنتايىن تېز تارقالغان . ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسنى تەرك ئېتىش يولىنى ئاساس قىلغان‹‹ زۈھىد ››مەنىۋى ھاياتتا ياشاۋاتقانلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك ماقامى بولۇپ ، بۇ زۈھىدلىك ماقامىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان زاھىدلارغا تەسەۋۋۇپتىمۇ يۇقرى ئورۇن بېرىلگەن . بۇنىڭ بىلەن ئىسلامدا بۇ ئېقىم تىز تەرەققى قىلىپ بەسىر ، كۈفە ، ھىجاز ۋە خۇراسان تەرەپلەرگە تارىلىپ ئۇيەرلەردە تەسەۋۋۇپنى تارقىتىش مەركەزلىرى قۇرۇلغان . ھاسان باسرى بۇ ئىلىمدە سوپىلارنىڭ ئەڭ چوڭ شەيخى بولۇپ ، زۈھىد ئىلمى بىلەن تەسەۋۋۇپنى بىرلەشتۈرگەن . تەسەۋۋۇپ ئىلمى مانا شۇنىڭدىن باشلاپ مۇكەممەللىشىپ تەرەققى قىلىشقا باشلىغان ۋە يۇقاردا ئېيتىلغان مۇسۇلمانلار كۆپ بولغان رايونلارغا مەركەزلەر تەسىس قىلىنىپ ، مەجلىسلەر ، بارگاھ (دەرگاھ ) لار قۇرۇلغان .

ئىسلامدا تەسەۋۋۇپنىڭ چەكلىنىش سەۋەپلىرى

       1. ئىسلامدا ئىمان شاھادەت ئېيتىش بىلەن باشلىنىدۇ . ئاللا ئىنسانغا ئەڭ يېقىن دېيىلىدۇ . تەسەۋۋۇپتا بولسا ‹‹ ئاللاغا بولغان ئاشىق (مۇھەببەت ) ›› ئاللا بىلەن ئىنساننى بىرلەشتۈرىدۇ . بۇنىڭلىق بىلەن ئاللا ئىنسان سۈپىتىدە تەرىپلىنىپ قالىدۇ . ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان يەككە يىگانە ئۇلۇغ ئاللا ، ئىنساننىڭ ئاللاغا بولغان مۇھەببىتى بىلەن بىرلەشكەندە  ، ئاللا ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ قالىدۇ .
       2.  تەسەۋۋۇپتا ئىسلام دىنى ئاسانلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان دىن ، ئۇ ئىنساننىڭ تاقىتىدىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ ، ئۇ ھەممىنىڭ ئاسان تەرىپىنى ئاساس قىلىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە تەسەۋۋۇپتا ئىسلامدىكى ئەمەللەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىدىم دەپ قاراپ ،ھەممە ئىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىپ قالىدۇ . ھەر ئىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە قارشى چىققانلىق بولىدۇ .
      3. قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە جەننەت ھەققىدە سۆزئېچىپ ئىنسانلارنى جەننەتتە ياشاش ئۈچۈن بۇ دۇنيادا توغرا دۇرۇس ، ياخشى  ياشاشقا دەۋەت قىلغان . رابىئاتۈل ئادەۋىيدىن كېيىنكى تەسەۋۋۇپچىلار ئاللانىڭ بۇ دۇنيادا دۇرۇس ، ياخشى ياشاش دېگەن دەۋەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ ، ئىسلام دۇنيا ۋە ئاخىرەت دىنى ، شۇڭا مال – دۇنيادىن ۋاز كېچىشنىڭ ، ئۇنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ .
       4. مۆمىنلەرنىڭ ئەخلاقى ھاياتى ، ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھاياتىدۇر . قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىشتۇر. تەسەۋۋۇپتا تەسەۋۋۇپچىلار پەيغەمبەرلەرنى ئۈلگە قىلىپ ، ئۇلاردەك بولۇشقا ۋە ياشاشقا تىرىشىدۇ ۋە بەزىلىرى مۇناجات ۋە زىكرىلىرىدا ئۆزلىرىنى پەيغەمبەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ، ئاللاغا يېقىنلىق ھېس قىلىدۇ .
         مانا مۇشۇنداق بىر قانچە نۇقتىلار سەۋەبىدىن ئىسلامدا تەسەۋۋۇپ چەكلىنىدۇ . ئەمما يۇقارقى نۇقتىلارغا دېققەت قىلغان ئاساستا تەسەۋۋۇپ ئىلمىنى ئۈگەنمەكچى بولغانلارغا چەكىلمە يوق .چۈنكى ، تەسەۋۋۇپ گۈزەل مەنىۋى ئەخلاق ئىلمىدۇر.

مەنبە :  تەسەۋۋۇپ تارىخى – دوتسىنىت دوكتور. ھايرانى ئالتىنباش
دىنى تەسەۋۋۇپى خەلىق ئەدەبىياتى – پىراپپىسور دوكتۇر ئەرمان ئالتۇن
Neslimiz osmanli.cm
Sesli- islam.com
ۋە مەنبەسى قالدۇرۇلمىغان ئۆزۈم توپلىغان بەزى ماتىرياللاردىن ئېلىنىپ ، رەتلىنىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى .
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران  
bagdax

0

تېما

6

دوست

6450

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6282
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 731
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 586
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 14:17:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس بىلەن ساخلىۋېلىپ كىيىن  كۆرەي...!!!!!
گاس دەپ غەيۋەت قىلما، قارىغۇ دەپ خىيانە قىلما.

5

تېما

0

دوست

1491

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   49.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11881
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 232
تۆھپە : 303
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 17:48:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  تىمىڭىزدىن  بەك خوش  بولدۇم،  بەزى  مەسىلىلەر  كاللامدا  ئىنىق  ئەمەستى،
ئەمدى  چۈشەندىم،  سىز  بۇ  جەھەتتە  خېلى  ئىزدىنىپسىز،  
ئەجىرڭىزگە  ئاللاھ  كاتتا  ئىنئاملارنى  بەرگەي!!!
تەسەۋۋۇپ  ئىلمىنى  چۈشىنىدىغانلار  بەك  ئاز،   مەنمۇ مۇشۇ  ئىلىمگە  بەك  قىززىقىمەن،
يەنە مۇشۇنداق  ياخشى  تىمىلىرىڭىزغا  تەشنا مەن!!!

1

تېما

0

دوست

2824

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6748
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 278
تۆھپە : 729
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 00:55:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك چوڭقۇر ئىزدىنىپ كىتىپلا خان... رەھمەت!
bagdax

پەرۋايىم پەلەك

44

تېما

27

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 869
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 7484
تۆھپە : 4585
توردىكى ۋاقتى: 3304
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-1

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 16:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوپىزمغا ئائىت بەزى ماقالىلاردىن تەسسەۋۋوپتىكى « ۋەھدەت»لىكنى بۇددزمدىكى «نېرۋانا» غا باغلاپ چۈشەندۈرگەن مەزمۇنلارنىمۇ كۆرۈپ قالدىم.

   ئاز-تولا ئىزدىنىپ كۆرۈشۈمچە، گەرچە ئىككىسى ئىككى دىن بولسىمۇ شۇ جەھەتتە مۇئەييەن يېقىنلىق باردەك قىلىدۇ.

يىراقتا تۇرۇپ جا

42

تېما

28

دوست

6885

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1033
تۆھپە : 1441
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 20:41:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق مەنمۇ كۆردۈم .
تەسەۋۋۇپتىكى << ۋەھدەت >>  لىكنى بۇددىزىمدىكى << نېرۋانا >> غا باغلاپ چۈشەندۈرۈپتۇ . مېنىڭچىمۇ سەل ئوخشىشىپ كېتىدىكەن . بۇددىزىمدىكى راجا يۇگانىڭ قاراشلىرى ۋە بۇددىزىمدىكى نېرۋاناغا چىقىش نۇقتىلىرى ، سوپىزىمدىكى نەپىسنىڭ دەرىجىلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن .

پەرۋايىم پەلەك

44

تېما

27

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 869
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 7484
تۆھپە : 4585
توردىكى ۋاقتى: 3304
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-1

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 22:38:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېتچى مۇنداق دەپتۇ : «گۇمان ئازاب بىلەن بىرلەشكەندە تەسەۋۋۇپ بارلىققا كېلىدۇ. »

پەرۋايىم پەلەك

44

تېما

27

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 869
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 7484
تۆھپە : 4585
توردىكى ۋاقتى: 3304
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-1

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 22:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2.   ھەر ئىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە قارشى چىققانلىق بولىدۇ .
----------------------------------------------------------------
ھەللاجنىڭ تىرىك سويۇلۇپ، مەشرەپنىڭ دارغا ئېسىلىشى شۇ ۋەجىدىنمۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )