- تىزىملاتقان
- 2012-12-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6112
- نادىر
- 0
- يازما
- 232
ئۆسۈش
22.24%
|
زىمىن تاللا بازىرى
8ياشتىن يۇقىرى ياشتىكى بالىلار ئۈچۈن
ئەلى بۇۋىسى بىلەن بىللە بازار ئايلىنىشنى ، تاللا بازارلىرىغا كىرىپ نەرسە – كېرەك سېتىۋىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن . شۇڭا بۈگۈن بۇۋىسى بىلەن بىللە نەرسە كېرەك سېتىۋىلىش ئۈچۈن شەھەردىكى ئەڭ چوڭ تاللا بازىرىغا بېرىپتۇ .
بۇ تاللا بازىرىدىن ھەممە نەرسە تېپىلىدىكەن . بۇ يەردىكى بارلىق مەھسۇلاتلار ئايرىم – ئايرىم رايونلارغا رەتلىك تىزىلغانىكەن . مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەم نېمىنى ئېلىپ نېمىنى قويىشىنى بىلەلمەي قالىدىكەن . ھەربىر مەھسۇلات ئىنسانلارنىڭ دېققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بىر-بىرىدىن چىرايلىق قىلىپ ئورالغانىكەن .ئەلى تاللا بازىرىنى ئايلىنىۋىتىپ ‹‹ بۇنچە جىق نەرسىلەرنى كىملەر تىزىدىغاندۇ ؟ بۇ تىزىلغان ماللار ئازلاپ قالسا كىملەرتولۇقلاپ قويار ؟›› دەپ ئويلاپتۇ ۋە بۇۋىسىدىن ‹‹ بۇۋا بۇ نەرسىلەرنى كىم تىزىدۇ ؟ ماللار ئازلىسا ياكى تۈگەپ كەتسە كىم تولۇقلاپ قويىدۇ ؟ ›› دەپ سوراپتۇ . بۇۋىسى ئەلىگە قاراپ ‹‹ مىڭلارچە مەھسۇلاتنىڭ رايونلارغا بۆلۈنۈپ رەتلىك تىزىلىشى ۋە چىرايلىق ئورىلىشى ئۈچۈن چوقۇم بۇلارنى قىلىدىغان بىرنىڭ بارئىكەنلىكىنى ، بىر رايونلارغا بۆلۈپ ، رەتلىك تىزمىسا ئۆزلىگىدىن تىزىلىپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغۇ دەيمەن ؟ ›› دەپتۇ . ئۇلار پاراڭلاشقاچ مېۋىلەر تىزىلغان رايونغا كەلگەندە ئىلياس بۇۋا ئالما تىزىۋاتقان بىر خىزمەتچى خادىمنى كۆرۈپتۇ ۋە ئەلىگە ‹‹ قارا بۇلارنى تىزىدىغان خادىمدىن بىرى ئالما تىزىۋاتىدۇ ، خالىساڭ يېنىغا بارايلى ››دەپتۇ ۋە ئەلى بىلەن بىللە ئالما تىزىۋاتقان خادىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ‹‹ نەۋرەمنىڭ سىزدىن سورايدىغان سوئاللىرى بار ئىكەن ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق ، سورىساق بولامدۇ ؟››دەپتۇ .خىزمەتچى خادىم خوشاللىق ‹‹ ئەلۋەتتە بولىدۇ ، قېنى سوراۋىرىڭ ›› دەپتۇ .
ئەلى سوئال سوراشنى باشلىۋىتىپتۇ .
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز يالغۇزئورامسىز ؟
ئۆزۈم يالغۇز ئورىمايمەن . بەزى مەھسۇلاتلار زاۋۇتتىن ئوراقلىق پېتى كېلىدۇ ، بەزىلىرىنى بىز ئورايمىز.
مەھسۇلاتلارنى بەك چىرايلىق ئورايدىكەنسىلەر ، قارىسا ئادەمنىڭ ھەممىنى سېتىۋالغۇسى كېلىدىكەن .
شۇنداق ، تېزراق سېتىلىشى ئۈچۈن كۆزگە چېلىققىدەك ئورىلىدۇ ، يەنە كېلىپ بەزى مەھسۇلاتلار مۇشۇنداق ئورالمىسا ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ .
بۇ مەھسۇلاتلار تاللا بازىرىغا قەيەردىن كېلىدۇ ؟
بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بەزىلىرى زاۋۇتلاردىن ، بەزىلىرى ئېتىزلاردىن يەنە بەزىلىرى باغلاردىن كەلتۈرىلىدۇ ۋە تاللا بازىرىنىڭ ئىسكىلاتىغا ئارقا دەرۋازىدىن ئەكىرىلىپ رەتلىنىدۇ، ئاخىرىدا بۇيەرگە ئەكىرىلىپ رايونلار بويىچە تىزىلىدۇ .
ئەلى بىلمەكچى بولغانلىرىنىڭ ھەممىنى سوراپ بىلىۋالغاندىن كېيىن خىزمەتچى خادىمغا رەھمەت ئېيتىپ بۇۋىسى بىلەن بىللە مېۋە رايونىدىن ئايرىلىپتۇ . ئىلياس بۇۋائايلانغاچ ئەلىنىڭ خىزمەتچى خادىمدىن سورىغان سوئاللىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ‹‹ ئەلى زىمىننىڭمۇ چوڭ بىر تاللا بازىرىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭمۇ ؟›› دەپ سوراپتۇ .
ئەلى ھېچقاچان زىمىننى تاللا بازىرىغا ياكى بىرەر دۇكانغا ئوخشىتىپ باقمىغانىكەن شۇڭا ‹‹ زىمىن قانداقمۇ تاللا بازىرىغا ئوخشىسۇن ؟›› دەپتۇ .
ئىلياس بۇۋا ‹‹ زىىن ئەڭ چوڭ تاللا بازىرى بولغاچقا ھەربىر مەھسۇلات تىزىلغان رايونلارمۇ شۇنداق چوڭ بولىدۇ . مەسىلەن ھازىر ئىككىمىز ئۆزىمىزنى بىر يېزىدا دەپ ئويلىساق ، يول بويىدىكى ئېتىز ۋە باغلار ، يېمەك – ئىچمەك ، مىۋە- چىۋە رايونى ھېسابلىنىدۇ . يەنى بىر شاپتۇللۇق ، ئالمىلىق ، ئۈزۈملۈك ،ئۈرۈكلۈك دېگەندەك مېۋىلىك باغلار مېۋە رايونى ، بىر توخو فىرمىسى تۇخۇم ۋە توخو گۆشى رايونى ، بىر كالا ئېغىلى سۈت ۋە كالا گۆشى رايونى ،بىر ھەرە كۆنىكى ھەسەل رايونى ... زىمىن تاللا بازىرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ساناپ تۈگىتەلمەيمىز. قالغان مەھسۇلاتلارنى ئۆزۈڭ ئويلاپ باققىن ›› دەپتۇ .
ئىلياس بۇۋا دائىم ئەلىنى مۇشۇنداق ھەيران قالدۇرىدىكەن . ئەلى ئويلاپمۇ باقمىغان سوئاللار بىلەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىتىدىكەن . دېمىسىمۇ ئەلى ھازىرغىچە كۆرگەن نەرسىلىرىنى تاللا بازىرىنىڭ رايونلىرىدىكى مەھسۇلاتلار دەپ ئويلاپ باقمىغانىكەن. ئىلياس بۇۋىنىڭ چۈشەندۈرىشى تېخى تۈگىمىگەنىكەن ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ‹‹ زىمىن تاللا بازىرىدىكى مەھسۇلاتلارمۇ چىرايلىق ئورالغان . مەسىلەن : تەرخەمەك ، تاۋۇز ، قوغۇن ، كاۋىلار بۇزۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن تېشىغا شۆپەكلىرى ، شاپاقلىرى كىيىم قىلىپ ئورالغان ، ئىچى بولسا ، ئۇستا سەنئەتكارلار نەقىشلەپ بېزەپ قويغاندەك ئۇرۇقلىرى ئۆزلىرىگە خاس چىرايلىق ، رەتلىك قىلىپ تىزىلغان . باشقا مەھسۇلاتلارمۇ رەڭگى ، پۇرىقى ، تەمى بىلەن بىزنى ئۆزىگە تارتىدۇ . خۇددى مۇشۇ تاللا بازىرىدىكىدەك ئىنسانلار زىمىن مەھسۇلاتلىرىنى تاللىۋالىدۇ . تۈگىسە ئورنىغا يەنە باشقىسى تىزىلىدۇ . زىمىن تاللا بازىرىدا مەھسۇلاتلار پەسىللەر بويىچە ئالمىشىپ تۇرىدۇ . مۇشۇنداق مىڭلارچە مەھسۇلاتنى رەتلىك قىلىپ رايونلارغا تىزىپ ، ئىنسانلارغا سۇنىدىغان چوقۇم بىرى بولىشى كېرەك ؟ شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ سېنىڭچە بازاردىكى تاللا بازارلىرىدىن نەچچە مىليون ھەسسە چوڭ بولغان زىمىن تاللا بازىنىڭ ئىگىسى بارمىدۇ ؟›› دەپ سوراپتۇ . ئەلى ‹‹بازاردىكى تاللا بازارلىرىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولغان زىمىن تاللا بازىرىنى باشقۇرىدىغان ، رەتلەيدىغان بىر ئەلۋەتتە بار››دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . ئىلياس بۇۋا‹‹ ئۇنداقتا بۇ زىمىن تاللا بازىرىنىڭ ئىگىسى كىم ؟ ›› دەپ سوراپتۇ .
ئەلى بۇ ئاخىرقى سوئالنىڭ جاۋابىنى ئاسانلا تېپىۋاپتۇ ۋە ‹‹ زىمىن تاللا بازىرىنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇنى باشقۇرغۇچى ، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى ئاللا ›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
ئىلياس بۇۋا نەۋرىسىنىڭ جاۋابىدىن سۆيۈنگەن بولسا ، ئەلى بۇۋىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋاپتۇ . ئۇلار تاللا بازىرىنى ئايلانغاچ نەرسە كېرەك ئېلىشقا باشلاپتۇ .
بۇ ھىكايە تۈركچە ‹‹ ئەمرە بىلەن ئىلياس بۇۋا ›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى . ئەمرە دېگەن ئىسىم ئەلىگە ئۆزگەرتىلدى .
ئۆزلەشتۈرۈپ ،ئۆزگەرتكۈچى : نىگاران |
|