ئامېرىكا"مالىيە خەتىرى" بىر سىياسىي نەيرەڭ
لاڭشەنپىڭ
ۋال سېترىت كوچىسى خەۋىرىگە قارىغاندا ، يەنە بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن ئامېرىكا بىر قېتىملىق مالىيە "مالىيە خەتىرى" گە دۇچ كېلىدىكەن ، بىراق ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى خۇپىيانە بولسۇن ئاق ساراي بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پارلامېنتىنىڭ قىزىل رەقەمنى كېمەيتىش توغرىسىدىكى لايىھىدە بىرلىككە كەلگەنلىكى توغرىسىدا تىخىچىلا خەۋەر يوق . ئامېرىكا"مالىيە خەتىرى" نى كېڭىشىش قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى ، ئامېرىكا"مالىيە خەتىرى" بىلەن تەڭلا "دۆلەت قەرز كرىزىسى" مۇ ئەڭ يۇقىرى چەككە بېرىپ يەتتى.
مەن ئىلگىرى بۇ ئىشقا ئامېرىكىلىقلارغا قارىغاندىمۇ جۇڭگولۇقلار بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، بەكرەك ساراسىمىگە چۈشىدۇ ، دېگەن ئىدىم . نېمە ئۈچۈن ؟
چۈنكى بىزدە ئامېرىكىنىڭ قەرزى كۆپرەك ، شۇڭا بەكرەك ساراسىمىگە چۈشىمىز ، بىراق بۇنىڭ پۇقرالار بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق . مېنىڭچە كۆپچىلىكمۇ بۇنىڭ زادى قاندا ئىش ئىكەنلىكىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا قەرزىگە بوغۇلۇپ كەتسىمۇ خەتەر چىقمايدۇ ، ئامېرىكىنىڭ قەرزى دېگەن بىر پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتى ، خەتەر چىقىشى مۇمكىن ئەمەس .
ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا قەرز كرىزىسى بىر سىياسىي نەيرەڭ ، ئوباما بىلەن پارلامېنت ئويناۋاتقان ئويۇن .ئامېرىكا پارلامېنتى ھازىر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كونتروللۇقىدا بولۇپ ئالىي پالاتاسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ، شۇڭا ئوباما نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا يۈرۈشتۈرەلمەيدۇ ، ئۇنداقتا بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ ؟ ھۆكۈمەتتە نۇرغۇن ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ ، بۇبىر سىياسىي مەسىلە ، ئۇلار قەرز كرىزىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزئارا ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرماقچى ، مانا بۇ ھەقىقى سەۋەب .
ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ "قۇتقۇزغۇچىسى " ئۇلارنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قاراپ كەلدۇق ،بىراق شۇنى ھازىرغىچە كاللىمىزدا ئايدىڭلاشتۇرالمىدۇق ، ئامېرىكا بىزدىن نېمىشقا شۇنچە كۆپ قەرز سورايدۇ ؟ بۇنىڭغا شۇ چاغدىكى "ئىقتىساد بوران" سەۋەبكار ، ئۇ چاغدا ئامېرىكا كەينى كەينىدىن3.3 تىرىليون دوللار كىردىت قەرزى تارقاتتى ، كەينىدىلا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 700مىليارد دوللارلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كارخانىلارنى قۇتقۇزۇش پىلانىنى يولغا قويدى ، ئۇلاپلا يەنە مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت زاپاس پۇل كومىتېتى 1تىرىليون ئامېرىكا ئۆي-مۈلۈك زايومىنى سېتىۋالدى ،ھەممىنى قوشقاندا 5 تىرليوندىن ئاشىدۇ ، يەنە تېخى بىر قىسىم ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ، پۇقرالارنىڭ بېجىنى كېمەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەرمۇ بار ، شۇڭا 2009-يىلىدىكى مالىيە قىزىل رەقىمى 1.41 تىرىليونغا يەتتى ، 2010-يىلى 1.29 تىرىليون بولدى ، مانا بۇلار قىزىل رەقەم كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ، بىراق شۇنى چۈشىنىۋېلىشىمىز كېرەك ، ئامېرىكا بۇ پۇللارنى قىيىنچىلىقتا قالغان بانكا ، سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىقلارغا ياردەم قىلىشقا خەجلىدى ، بىزدەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دېگەندەكلەرگە ئەمەس ، بىز خەجلىگەن بۇ پۇللار نۇرغۇن يىللاردىن كىيىن قايتىپ كېلىشى ياكى ئەسلا قايتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن . بىراق ئامېرىكا ئۇنداق ئەمەس ، ئۇلار پۇلىنى شىركەتلەرگە مەبلەغ قىلىپ سالدى ، مەسىلەن ئامېرىكا سىتى بانكىسىنى مىسالغا ئالايلى ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى سىتى بانكىسىغا سالغان مەبلەغنى ئومۇمى پاينىڭ %34 ئەتراپىدا كونترول قىلدى ، ئاندىن ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى ئۇلارغا يەنە 200مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۇۋەيت مەبلەغ سېلىش شىركىتىمۇ مەبلەغ سالدى ، شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ، بۇقىتىمقى مەبلەغ سېلىشتا ئامېرىكا %37 پايدىنى قولغا كەلتۈردى ، بۇ "قەرز"دىن پايدىلىنىپ تېخى ئوبدانلا پۇل تاپتى .
ئەمەلىيەتتە بىز ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى تېخى تونۇپ يەتمىدۇق ، ئامېرىكىنىڭ قەرزدىن تىنىۋېلىشىدىن ، دوللارنى بېسىۋېرىپ قەرزنى يوققا چىقىرىۋېتىشىدىن تەشۋىشلىنىمىز ، دوللاردىن باشقا ياۋرۇ ۋە باشقىلارنى سېتىۋالساقمۇ بۇلىدىغۇ؟ بىز ئامېرىكىنى دوللارنى كۆپلەپ بېسىپ ، كېڭەيتمە سىياسەتلەرنى يولغا قۇيۇۋەتتى دەپ ئاغرىنىپ يۈرىمىز ، بۇ دېگەن جەڭ ! ئىقتىسادى جەڭ ! بىز جۇڭگولۇقلار بۇلۇپمۇ مۇشۇ كەسىپنىڭ ئەھلىلىرىمۇ زادى قەيەردىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلمەي يۈرۈپتىمىز ، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ .
ئۇندىن باشقا ئامېرىكىدا بار خامچوت تۈزۈمى جۇڭگو ھۆكۈمىتىدە يوق ، ئۇلارنىڭ خامچوت تۈزۈمىنى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ ،ئۇ قانداق تۈزۈم ؟زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ قالايمىقان پۇل خەجلەش ھوقۇقى بولمايدۇ ، خەجلەش توغرا كەلسە پارلامېنت تەستىقىدىن ئۆتىشى ، ئاۋازغا قۇيۇپ ماقۇللىشى لازىم ، بىراق سايلامغا ئاز قالدى ، شۇڭا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقىنى قېرىشقان ، ئوباما ئۆزىنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشىگە پايدىلىق ھەرقانداق ئىشنى قىلماقچى بولىدىكەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى چوقۇم قوشۇلماي تۇرۇۋالىدۇ ، مەسىلەن ئوباما ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولۇپ بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللانماقچى بولسا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى چوقۇم قوشۇلمايدۇ .
خامچوت تۈزۈمى بەكمۇ مۇھىم . قانداق قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنسىز پۇل خەجلىشىنى ئازايتىش مانا بۇ پارلامېنتنىڭ مەسئۇلىيىتى ، پارلامېنت پۇقرالارغا مەسئۇل بولىدۇ چۈنكى ئۇنى پۇقرالار سايلاپ چىققان ، بىراق بۇ خىل چىقىشالماسلىق ئاز بولمىغان باش قېتقچىلىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بىراق بىزدە بۇنداق باش قېتىقچىلىقى يوق بولغىنى بىلەن كەم بولۇۋاتقىنى يەنىلا خامچوت تۈزۈمىنىڭ بولماسلىقى .
مەزكۇر ماقالە لاڭشەنپىڭنىڭ 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ماقالىسىدىن تەرجىمە قىلىندى .
http://blog.sina.com.cn/s/blog_4120db8b0102e397.html
|