- تىزىملاتقان
- 2012-8-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6035
- نادىر
- 0
- يازما
- 357
ئۆسۈش
20.7%
|
يىقىنقى 200 يىل ما بەينىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا بەلگىلىك تەسىر كۇرسەتكەن ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچە كىشىنى يىزىپ چىقتىم،،سانى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىر نەرسە دەپ بىرەلمەيمەن،شۇنداقلا ،،بىرىنچى ياكى مانچىنچى ئورۇندا دەپ باھا بىرىشكىمۇ تىلىم ئاجىز،ئەقلىم چولتا كىلىپ قالىدۇ،،،شۇنداقتىمۇ ھەر ساھە،ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ ياشىغان يىلىنى 1800-يىلىدىن باشلاپ،،مۇئەييەن تەرتىپتە تىزىپ باقتىم،،كام قالغان ياكى مەن بىلەلمەي قىلىپ ،بۇ قاتارغا تىزىلماي قالغانلار بولسا،،دوسلارنىڭ سەمىمى پىكىر ،تەنقىد-تەكلىپلەرنى بىرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن،تەنقىد ئاچچىق بولسىمۇ ،لىكىن مىۋىسى چۇقۇم تاتلىق بولىدۇ،،
1-سادىر پالىۋان،،19-ئەسىردە ئىلى رايۇنىدا ياشاپ ئوتكەن كىشى بۇلۇپ،بۇ كىشىنىڭ ئىزىلگۇچى ھەر مىلەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ،مانجۇ ھۇكۇمرانلىرغا قارشى قىلغان باتۇرانە كۆرىشلىرى تا بۇگۇنگىچە تىلاردا داستان بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ،،
2-،تاشاخۇنۇم، 19-ئەسىردە ياشاپ ئوتكەن،ئاتۇشلۇق چوڭ سودىگەر بۇلۇپ يەكەندە بىر سەرەنگە زاۋۇتى قۇرغان،تىجارىتى پۇتكۇل شىنجاڭ رايۇنىدىن باشقا ئوتىتۇرا ئاسىيا دولەتلىرى ۋە پاكىستان، كەشمىر،ياۋرۇپا دائىرسىگە تارقالغان،، يەنە مەخسۇس<< تاشاخۇنۇم >> نامىدا كۇمۇش تەڭگە قۇيدۇرۇپ شۇنى مال سىتىۋىلىش-سىتىش ئىشلىرىدىكى ئوبۇرۇتقا ئىشلەتكەن،بۇنىڭدىن بۇ كىشىنىڭ تەسىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالايمىز،،،
3،ئايخان ئانا،غۇلجىدا بىر خۇسۇسى پەننى مەكتەپ ئاچقان بۇلۇپ بۇ شۇ يىلاردىكى بىر ئايال كىشى ئۇچۇن ھەقىقەتەن بىر ئالاھىدە ئىش ھىسابلانغانلىقى ئۇچۇن بۇ مۇتىۋەر ئانىمىزغىمۇ بۇ تىزملىكتىن ئورۇن ئىلىشقا مۇناسىپ كىلىدۇ دەپ قارىدىم،،،
4.ئاكا -ئۇكا مۇسابايۇپلار،،،بۇلار يىقىنقى زامان دىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىقان چوڭ سودىگەر ۋە تەرەقىىپەرۋەر كىشىلىرىمىزنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلىرى بۇلۇپ،ئۇلار ئاتۇش،،،،قاتارلىق جايلاردا يىڭىچە مەكتەپ ئىچىپ، ئۇيغۇر يىقىنقى زامان مائارىپىنىڭ ئول تىشىنى باسقۇچىلاردۇر،،،
شۇندقلا بىر ماتىريالدىن كورۇشۇمچە،غۇلجىدىكى ھۇسەيىنباي تىرە زاۋۇتىنىڭ كاپىتالى شۇ مەزگىلەردە پۇتكۇل جۇڭگۇ مىقياسىدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئىكەن،،بۇلارنىڭ سودا-تىجارەت دائەرسىمۇ ئاسىيا-ياۋرۇپاغا كىڭەيگەن،،،
5.شا مەخسۇت چىڭۋاڭ،،، بۇ كىشىمۇ قۇمۇل رايۇنىدىكى كەڭ ئەمگەكچى خەلىقنى يەتكۇچە ئىزىپ، ئۇزىنىڭ ، خەلىقنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتۇش خاراكتىردىكى <تۆمۇر چارۋا سىلىقى >> بىلەن كەڭ خەلىق ئاممىسىنىبڭ كۇز يىشىدىن تاس قالغان تۇگىمەن چۆرگىلەتكىلى،،
6...تۆمۇر خەلىپە،، شۇ دەۋەردىكى ئەزگۇچى سىنىپلارنىڭ ،تىپىك ۋەكىلى بولغان شا مەخسۇت چىڭۋاڭغا قارشى كوتۇلگەن ، دىھقانلار قۇزغىلىڭنىڭ بىۋاستە يىتەكچىسى بولغان،بەزى بىر سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن قوزغىلاڭ كۇتكەن مەقسىتىگە يىتەلمىگەن بولسىمۇ ، لىكىن، بۇ قوزغىلاڭدىن كىيىن كەڭ ئىزىلگۇچى ئامما <<كىمكى قىلىچنىڭ دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئوتكۇر تىغىغا دۇچار بولىدۇ>دىگەن ھەقىقەتنى تۇنۇشقا باشلىغان،،،
7.خوجا نىياز ھاجى، تۇمۇر خەلىپە قۇزغىلىڭى غا قاتنىشىپ ،كىيىنكى پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى ئۇز كۆزى بىلەن كورگەن بۇ تاغ قاپلىنى 1933-يىلى يەنە بىر قىتىم تەشكىلىك،پىلانلىق قوزغىلاڭ كوتۇرگەن،قوزغىلاڭ شۇنداق غەلبىسىرى ئالغا مىڭىۋاتقاندا يەنىلا ئاتالمىش،< سۇلھى -سالا >> غا دۇچار بولغان،گەرچە بۇ قىتىملىق قوزغىلاڭ يەنىلا پاجىئەلىك مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ،،يەنىلا كەڭ ئەمگەكچى خەلىقنىڭ بىر دىڭىزدىكى سۇ ئىكەنلىكىنى، شۇ دەۋەردىكى ئەزگۇچى سىنىپلارنىڭ دىڭىزدىكى كىمە ئىكەنلىكىنى،سۇ كىمىنى كوتۇرۇپ يۇرگەن بىلەن،، دولقۇنلىنىپ قالسا بۇ كىمىنى چۇقۇم دىڭىزغا غەرق قىلىۋىتىشكە قادىر ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر قىتىم ئىسپاتلىغان،،،بۇ باھادىر ئەزىمەتنىڭ تارىخى تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قىلىش ھەقىقەتەنمۇ بىر تۇزكۇرلۇق بولىدۇ--ئەلۋەتتە،،
8. ئەخمەتجان قاسىمى،،ئۇچ ۋىىلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلبە مىۋىسى قولغا كىلىپلا قالاي دىگەندە ،، ئەخمەتجان قاسىمى ئالىقانداقتۇر بىر سەۋەپ بىلەن ئۇرۇش مەيدانىدىن ،يۇمۇلاق ئۇستەلدىكى سوھبەت زالىغا قەدەم ئالغان،،ئەجەبا بىز،تۆمۇر خەلىپە، يەنە خوجا نىياز ھاجىملارنىغۇ چورۇقى يۇغان كالامپاي ساۋاتسىز .ۋەزىيەت تەقەززاسىنى بىلمەيدىغان دەيمىز،بىراق موسكىۋادىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە شۇنچە يىل ئوقۇغان،،،بۇ ئەخمەتجان ئەپەندىممۇ شۇنچىلىك ئىشلارنى بىلەممىگەن بولغىيمىدى؟؟؟؟قۇشنى داننىڭ،ئادەمنى گەپ-سۆزنىڭ ئالداپ كىتەلەيدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولغىيمىدى؟؟؟بۇرۇنقىلارنىڭ <باتۇر ئوق يەيدۇ، بالا-چاقىلىرى پوق يەيدۇ>> دىگىنىنى بۇ ئەخمەتجان ئەپەندىم زادىلا ئويلاپ يەتمىگەن بولغىيمىدى؟؟ئىشقىلىپ نىمىلا دىمەي ،ئورنىغا كەلمەيدۇ،،،بۇ بىر كۇبلىت شىئىرلا يىتىدۇ بۇ ئەپەندىمگە ،،
<< ۋا دەرىخا،ئوقنى تەككۇزگەن چالا،
شۇ تۇپەيلى،بولدۇق بالاغا مۇپتىلا>>
9.مۇھەممەد سالىھ دامۇللا ھاجى،،، بۇ كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ توھپىسى ،<<قۇرئان كەرىم >> نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ،قۇرئان كەرىم نىڭ ئەرەپچىسىنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمىگەن مىليۇنلىغان ئۇيغۇرغا ئاللەھ نىڭ مۇبارەك سۇزلىرىنى ئەينەن يەتكۇزۇشكە بىر كىشلىك تۇھپە قوشقان بۇلۇپ،،، بۇ كىشنىڭ ئۇيغۇرلا تۇرمۇشىغا قۇشقان توھپىسىنىمۇ كىچىك چاغلاشقا بولمايدۇ،،،
10. ھوشۇر ئىسلام،،،جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى بولغان بۇ مۇھتىرەم ئۇستازىمىز،ئۇيغۇر-قازاق-قىرغىز يىزىقلىرىنى كومپىيۇتىردا بىر تەرەپ قىلىش سىستىمىلىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئىشلەپ،رايۇنىمىزدىكى مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيۇتىردىن ئۇنۋىرسال پايدىلىنىش ئىقتىدارىغا بىر كىشىلىك تۇھپە قوشقان،، بىزنىڭ مۇشۇنداق مۇنبەرلەر ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭمۇ ئاشۇ ھوشۇر ئىسلام ئاكىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ يارىدىمى بولدى دەپ قارىساق،،مىنىڭۇچە خاتالاشقان بولمايمىز،،،
يۇقىرىدا يازغانلىرىم، ئىچىدە ،،بىر قىسىم كىشلەرگە بىر تەرەپلىمە قاراپ قالغان،ياكى يۇزەكى باھا بىرىپ قالغان يەرلىرىم بولۇشى تەبىئى ئەھۋال،شۇنداقتىمۇ ئىنكاس شەكلىدە ،،پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق دىمەكچىمەن،،
يەنە باشقا شەخىسلەرنى داۋامىلىق يەنە ئىنكاس شەكلىدە يازاي ئەمسە،،،باشقىلارمۇ مەن ئۇنتۇلۇپ قالغان،ياكى مەن بىلىپ كىتەلمىگەن كىشلەر بولسا ،،ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويساڭلار،ھەممىمىز بىرلىكتە ئوقۇپ پايدىلانساق،،،،
ئاپتۇرى تۇزلۇق،، |
|