قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1096|ئىنكاس: 4

خوتۇن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

0

دوست

3292

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   43.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  390
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 801
تۆھپە : 469
توردىكى ۋاقتى: 817
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 00:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇن!
( مۇخەممەس )

ـــ بىر دوستۇمنىڭ تىلىدىن

ئۆمەر

‹‹ ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇندۇر، ئەرنى يەر قىلغان خوتۇن ››،
ئاتىلاردىن ئۇشبۇ ھېكمەت شۇڭىمۇ قالغان خوتۇن،
كۆزلىرى گوياكى تىلسىم، سۆزلىرى يالغان خوتۇن،
ئامىتىمنىڭ بارىدا ئۇ، بەك بەلەن – ئوبدان خوتۇن،
ئامىتىم قاچقاندا ئەمما، خېتىنى ئالغان خوتۇن!

ئاھ! گۈدەكلىكتە كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپتىمەن،
توسسا تۇغقان، دوست-بۇرادەر دەككىسىن بېرىپتىمەن،
ئۆز خىيالىمدا سېنىڭ بىرلە ياشاپ قېرىپتىمەن،
سۆيگۈ گۈلشەنىگە تىنماي گۈل-چېچەك تېرىپتىمە،
ۋا دەرىخا، گۈل-چىمەننى ئەيلىدىڭ خازان خوتۇن.

توي قىلىپ تويدۇم، كېكەردىم نەچچە ئاي بولماي تۇرۇپ،
كۆپ قېتىم قىلدىم تەرەددۇت خاتىمە بەرمەك بولۇپ،
تۈلكىدىن ئالغان ساۋاقكەنسەن ماڭا قاپقان قۇرۇپ،
ئىشىنىپ كۈلكە-يىغاڭغا كەتتى كۆڭلۈممۇ ‹‹ يورۇپ››،
نە يورۇپ، زۇلمەتتە قالدىم، سىرلىرى پىنھان خوتۇن. 

كۈللى ئالەمدە يەنە سەندەك ھازازۇل بارمىدۇ؟
ساڭا ئەر بولغان كىشىنىڭ ھالى شۇنچە خارمىدۇ؟
يەپ قۇلاق-مېڭەمنى بولدۇڭ، ئۆيمۇ شۇنچە تارمىدۇ؟
نەكى ئۆي، تۈرمە مىسالى، كوچىدا خار-زارمىدۇ؟
ئەشۇ كۈنلەر ئۆي ماڭا بولغانتى بىر زىندان خوتۇن!

دەپتۇ شىرىن پەرھادىگە: ‹‹ مەن ئۈچۈن تاغنى يېرىڭ،
سۇنى باشلاپ ئەل-ئاۋامغا ئەجرىڭىزدىن نەپ بېرىڭ!››،
سەنمۇ شەرت قويدۇڭ ماڭا ھەم: ‹‹ مەن ئۈچۈن كۆپ پۇل تېپىڭ،
پۇل تېپىڭ، كۆپ پۇل تېپىڭ، پۇل ئۈچۈن ئۆلۈڭ، قېرىڭ! ››
پۇل تۈپەيلى ئەگرى يولغا باشلىدىڭ شەيتان خوتۇن.

پۇل تېپىش كوچاسىدا مىڭ تىرىلىپ، مىڭ بىر ئۆلۈپ،
پۇلغۇ تاپتىم بىر مەھەل ـ ھەي، بەخت يەنە باقماس كۈلۈپ،
ياندا لىق پۇل، كۈندە غەۋغا، يۈرىمەن قاپاق تۈرۈپ،
ئەرزىمەس تۇيۇلدى پۇلمۇ ئۇشبۇ ھالەتنى كۆرۈپ،
سورۇدۇم تاپقانلىرىمنى سەن سەۋەپ ھەريان خوتۇن.

ھە، بۈگۈن بولدۇم قەرزدار، يۈرىمەن قېچىپ، مۈكۈپ،
سەن شۇئان كەچتىڭ مېنىڭدىن ھەممىدىن بەكرەك ھۈكۈپ،
دوست-دۈشمەنگە سىرنى ئاشكار ئەيلىدىڭ دەرتلەر تۆكۈپ،
ئۇنى ئاز دەپ سوتقا تارتتىڭ ئارقىدىن تىللاپ-سۆكۈپ،
ھەر تەرەپتىن مېنى قىستاپ ئەيلىدىڭ سەرسان خوتۇن.

بارمىدىم، سوتتىن چاقىرتتى، شۇ سەۋەپ ئالدىڭ ھايان،
ۋە لېكىن، ۋىجدان سوتىدا نېمە دەرسەنكىن ‹‹ جانان! ››
توقۇغان تۆھمەتلىرىڭ چاققاي ئۆزۈڭنى بوپ چايان،
ئېھتىمال چاقماس چايان ئۆز نەسلىنى، بۇمۇ ئايان،
نەپرىتىم نەشتەر بولۇپ قىلغاي سېنى ۋەيران خوتۇن.

ئايرىدىڭ ئۆي ۋە بېساتىمدىن ماڭا ھىچگەپ ئەمەس،
پەرزەنتلىرىمدىن ئايرىلىش كەلدىغۇ ئەجەپمۇ تەس!
نەپرىتىم ئۆركەش ياساپ، سەبرى قاچام توشتى پەۋەس،
خەپ!... يەنە پەرزەنت ئۈچۈن كەچتىم قېنىڭدىن بولدى، بەس!
ئادىمىيلىكتىن ساۋاتسىز، زىدىپەس نادان خوتۇن!

ھەقتىئەلا بارچە ئىنسانغا ئانا قىلغان ئايال،
مېھرىبانلىق، چىن گۈزەللىك ئەلچىسى بولغان ئايال،
كۈللى ئىقلىمغا مۇھەببەت ئەترىنى چاچقان ئايال،
ھەسرىتا، مەن ئۇچرىغان ئالۋاستى يا شەيتان ئايال! 
ئاھ خۇدا، بەرسۇن پاناھ سەندىن ماڭا ھەرئان خوتۇن
!!!...

ئۈرۈمچى --- قەشقەر

مەنبە: ئۆزۈم
http://www.nurlukislam.com

0

تېما

0

دوست

899

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   79.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1091
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 210
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 01:44:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان خېلى قاملاشتۇرۇپسىز جۇمۇ، لېكىن ''''''
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

قىيىن ئىش يوق ئا

2

تېما

0

دوست

85

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 85
تۆھپە : 49
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 05:33:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يېزىلىپتۇ ، ھېسىياتىڭىزغا بارىكاللا ```
قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.

29

تېما

8

دوست

8210

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  111
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1945
تۆھپە : 1184
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 09:56:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شىئېركەن. جەمىيىتىمىزدە سىز تەسۋىرلىگەندەك خوتۇنلار بار. لېكىن مۇۋاپىقىيەت قازانغان بىر ئەرنىڭ كەينىدە ئۇنى قوللىغۇچى ۋە يۆلەپ تۇرغۇچى شۇنداقلا ئەر ئۈچۈن قۇربان بىرەلەيدىغان بىر ئايال بولىدۇ دىگەن گەپ بار . بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرىتىپ، يەنە  بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىۋاتقان ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس.

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1167
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-26 22:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن جەمىيىتىمىزدە سىز دېگەندەك ئاياللار ۋە ئانىلىرىمىز مەۋجۇت.
ئادەمنىڭ پەزىلىتىدە ئىنساپ ، شەرمىي-ھايا ،بەركەت كۆتۈرلۈپ كەتسە مەيلى ئايال بولسۇن ياكى ئەر كىشى بولسۇن ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئائىلە پەرزەتلىرىمىزنىڭ جەننىتى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )