قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1116|ئىنكاس: 6

تەسەۋۋۇپتا نەپىسنىڭ دەرىجىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىراقتا تۇرۇپ جا

42

تېما

28

دوست

6885

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1033
تۆھپە : 1441
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 20:03:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەۋۋۇپتا نەپىسنىڭ دەرىجىلىرى

        ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ئالدىنقى قېتىم ‹‹ تەسەۋۋۇپنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ›› دېگەن تېمىنى يوللىغان ئىدىم . بۈگۈن يەنە شۇ تەسەۋۋۇپ ھەققىدە توختالماقچىمەن يەنى تەسەۋۋۇپتىكى نەفىس ( ئىنسان نەپسى ) توغرىسىدا كۆپچىلىككە چۈشەنچە بەرمەكچىمەن . چۈنكى ، تەسەۋۋۇپ ھەققىدىكى نۇرغۇن چۈشەنچىلەر بىزگە تېخىچە تولۇقى بىلەن يېتىپ كەلگىنى يوق . ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب تاپالمىغان ھەم شۇ چاغدىكى جاۋاپلاردىن قانائەت ھاسىل قىلالمىغان ئىدىم . مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن شۇنچە ئىزدەپمۇ بۇ ھەقتىكى ماتىرياللارنى تاپالمىغانىدىم . مەن مۇنبەرگە يوللاۋاتقان بۇ تەرجىمىلەرنىڭ بەلكىم ماڭا ئوخشاش مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن ماتىريالغا ئېرىشەلمىگەن ياكى تەسەۋۋۇپ توغۇرلۇق مۇئەييەن چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالمىغان دوسلارغا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

         تەسەۋۋۇپتا ئىنسان نەپسىنى تەرك ئېتىشى ، نەپسى چىرايلىق كۆرسەتكەن نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ قەلبىنى پاكلاپ ، ئاللاغا يېقىنلىشىش كېرەك دەپ قارايدۇ . قۇرئاننى ۋە تەسەۋۋۇپنى ئۈگەنگەن ۋە ئۈگىنىۋاتقان كىشىلەر ئاستا – ئاستا نەپسىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مىجەز خۇلقىدا ، ئىش ھەركەتلىرىدە بارا –بارا ئۆزگۈرۈش بولۇپ ، ئۆزىنى تەبىئىيلا يامانلىقتىن تارتىدىغان بولىدۇ .
        تەسەۋۋۇپتا ئىنساننىڭ نەپسىنى بىرقانچە دەرىجىلەرگە ئايرىغان بولۇپ ، تۆۋەندە بۇ دەرىجىلەرنى ئايرىم – ئايرىم شەرىھلەپ ئۆتمەكچىمەن .
1. نەفىسى ئەممارە
2. نەفىسى لەۋۋامە
3. نەفسى مۈلھىمە
4. نەفىسى مۇتمائىننە
5. نەفسى رازىييە
6. نەفسى مارزىييە
7. نەفسى كامىلە

1. نەفسى ئەممارە – ئەمارە ئەرەپچە ئالامەت ، نەپىس – مەن، مەنلىك دېگەن مەنىدە بولۇپ ، نەفىسى ئەممارە مەندىكى ئالامەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .بۇ تەسەۋۋۇپتا بۇيرۇق بەرگۈچى ، بۇيرۇق قىلغۇچى نەپىس دېيىلىدۇ . يەنى بۇ ئىنساننىڭ پۈتۈن ئەمىلىنىڭ نەپسىنىڭ قولىدا بولىشى ، نەپسنىڭ قۇلىغا ئايلانغان ، شەيتاننىڭ قۇلىغا ئايلانغان ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ . نەفسى ئەممارەدىكى كىشىلەر ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ ، باشقىلارنىڭ دېگىنىنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ . ئىنساندىكى بارلىق يامانلىقلار نەفىس ئەممارەگە مۇجەسسەملەنگەن ،بۇ پۈتۈن مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ جاھىل ئىنسانلارنىڭ نەپسىدۇر. بۇ نەپسنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلغان .
⑴ ئاچكۆزلۈك ، تەمەخورلۇق
⑵ نادانلىق ، بىلىمسىزلىك
⑶ يامانلىق ، جىدەلخورلۇق ، ئۇرۇشقاقلىق
⑷ ھەسەت
⑸ ئاچچىقلىنىش ، غەزىپىنى بېسىۋالالماسلىق
⑹ پىخسىقلىق ، جازانىخورلۇق

2. نەفسى لەۋۋامە – بۇ نەفىس قىينىغۇچى نەفىس دېيىلىدۇ . بۇنىڭدىكى كىشىلەر كۈفۈر ۋە ئاللاغا شەك كەلتۈرۈش بىلەن تېزلا نەپس ئەممارە ھالىغا چۈشۈپ قالىدۇ . بۇ خىلدىكى كىشىلەر خاتالىقىنى تونۇيدۇ ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ بولۇپ پۇشايمان قىلىدۇ . ئەمما ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى يامانلىقلاردىن تارتالمايدۇ ، نەپىسنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ نەپىس ئەممارە ھالىدا بولمىسىمۇ ئەمما ئازراقلا دېققەتسىزلىك قىلسا يەنە شۇ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ . بۇنىڭ ئىپادىلىرى :
⑴ فىسك (گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىش )
⑵ جاھىللىق ، ئەممارەدىكى نادانلىق ، جاھىللىق ، بىلىمسىزلىك بىلەن ئوخشاش .
⑶ ئۇجۈب – مەغرۇرلىنىش ، پەخىرلىنىش ، ھاكاۋۇرلۇق
⑷ ئۇيقۇغا ئامراقلىق ، كۆپ ئۇخلاش
⑸ يېمەك – ئىچمەككە ھېرىسمەنلىك ، ئۇششاق – چۈششەك يېمەك – ئىچمەككە ئامراقلىق
⑹ ئاچكۆزلۈك ۋە تەمەخورلۇق
⑺ غەزەپ
⑻ كىيىم – كېچەك ۋە زىبۇ – زىننەتكە ھېرىسمەنلىك
⑼ بەتخەجلىك

3. نەپسى مۈلھىمە – ئىلھام بەرگۈچى نەپىس . يەنى بۇ خىلدىكى كىشىلەر ۋاقتى كەلگەندە ئاللاتائالانىڭ ھەقلىقىگە ئىمان كەلتۈرۈپ ، خاتالىق ، يامانلىقلاردىن يىراقلىشىشقا ئۇرىنىدىغان ، دىننى ئۈگۈنىشكە نىيەت باغلىغان ، بىلىملىك ،قانائەتچان ، ئاق كۆڭۈل بولۇشقا تىرىشىدىغان ، ھەرئىشنىڭ ئاۋۋال ياخشى تەرىپىنى ئويلايدىغان كىشىلەردۇر. نەپسى مۈلھىمەنىڭ ئىپادىلىرى :
⑴ ئىلىم ( ئاخىرەتتە ئۆزىگە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىلىم )
⑵ تەۋەززۇ ( كىبىرنىڭ ئەكسى يەنى كەمتەرلىك ، ئاللا بۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئەمىلىگەقاراپ ئۆستۈرىدۇ )
⑶ تەۋبە (ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ، بىلىپ ياكى بىلمەي قىلغان بارلىق گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىپ ئاللادىن گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلەش ۋە يەنە قايتا گۇناھ قىلماسلىققا تىرىشىش )
⑷ سەبىر ( ئۆزىگە كەلگەن ياخشىلىق ، يامانلىق ، ئازاپ ، خوشاللىق ، كېسەللىك ۋەھاكازالارغا يولۇققاندا كۈفۈر سۆزلىمەي ھەممىسىگە سەبىر قىلىش )
⑸ كۆپ شۈكۈر قىلىش
⑹ مەرتلىك
⑺ قانائەت
⑻ تەھەممۇل ( زىيادە سەبىر ، تاقەت )

4. مۇتمائىننە – خاتىرجەملىك ،ئىشىنىش ، كۆڭلى تىنىش ، ھوزۇر ، ئاللاھتىن رازى بولۇش دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ ، تەسەۋۋۇپتا نەپسىنى يامانلىقلاردىن تارتالىغان ، ئاللاتەرەپتىن كەلگەن ھەرنەرسىگە رازى بولىدىغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
       بۇ خىلدىكى كىشىلەر مال – دۇنيا ، شۆھرەتلەرنىڭ پېيىدا يۈرمەيدۇ ، ھەر ئىشتا سەبىر قانائەتچان بولىدۇ ، باشقىلارنىڭ ماختاپ ئۇچۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلمايدۇ ۋە باشقىلاردىن بۇلارنى كۈتمەيدۇ . ئۇلار بۇ دۇنيادىكى ھەرنەرسىگە كۆزى بىلەن ئەمەس ، كۆڭۈل كۆزى بىلەن قارايدۇ . ئۇلار گۈزەللىك ، مەرتىۋە ، شۆھرەت ، نام ئابروي ، دۇنيا تونىغا ئورىنىۋالغانلارنى كۆڭۈل كۆزى بىلەن پەرىق ئېتەلەيدۇ . بۇ خىلدىكى كىشىلەر نەپسىنى كونتۇرۇل قىلالايدۇ ، بىلىملىكلەر تونىغا ئورىنىۋالغان نادانلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەيدۇ . نەپسىمۇتمائىننەنىڭ ئىپادىلىرى :
⑴ مەرتلىك
⑵ تەۋەككۈلچىلىك ( ئاللاغا تەۋەككۈل قىلىش )
⑶ سەبىر
⑷ شۈكۈرقىلىش
⑸ ھىلم (مۇلايىملىق ، ئەخلاقلىق ، ئېغىربېسىقلىق ، ئەقىللىقلىق ، نەپسىنى كونتۇرۇل قىلىش)
⑹ تەسلىمىيەت ( تەسلىم بولۇش ، قۇبۇل قىلىش )
⑺ رىزا ( خوش بۇلۇش ، مەمنۇن بولۇش ، قوبۇل قىلىش ، تاللاش ، ،ئاللانىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش ، تەقدىرگە تەن بېرىش . رىزا ئىككى تۈرلۈك - ① ئاللانىڭ قۇلىدىن ( بەندىلىرىدىن ) رازى بولۇشى ② قۇلىنىڭ ( بەندىلىرىنىڭ ) ئاللادىن رازى بولىشى
⑻ سىدىق ( توغرا ، دۇرۇسلۇق )
⑼ ئىبادەت
⑽ رفىق ( مۇلايىملىق ، ياخشى مۇئامىلە ،يۇمۇشاقلىق  )
⑾ خۇشخۇيلۇق
⑿ ھوزۇر ئىچىدە بولۇش
⒀ چوڭلارنى ھۆرمەتلەش
⒁ قەلبى مۇھەببەتكە تولغان بولۇش
⒂ يۇمۇشاق شېرىن سۆزلۈك بولۇش
⒃ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ياپىدىغان بولۇش ( باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى ئاچماسلىق )
⒄ كەڭ قورساقلىق
⒅ قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىش

5. نەفسى رازىييە – بويۇن ئەگكەن ، رازى بولغان ، ئىخلاسمەن ، زىكىر قىلغۇچى ئاللانىڭ پۈتۈن ئىمتىھان ۋە ئىبادەتلىرىگە ساداقەت كۆستەرگۈچى ، ئاللا تەرىپىدىن كەلگەن ۋە كەلمەكچى بولغان ھەر نەرسىگە رازى بولغان ،پۈتۈن غەيرىتى بىلەن ئاللاغا يېقىنلاشماقچى بولغان دېگەن مەنىلەردە .نەپسى رازىييەنىڭ ئىپادىلىرى :
⑴ ۋەرا ( تەقۋا ، قوغدىنىش ، گۇناھتىن قېچىش ، گۇناھ ئىش قىلىشتىن قورقۇش ، دىنغا رىئايە قىلىش ، ھارامدىن قېچىش، شەك بولغان ، گۇمان قىلغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش ، ھارامغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش .
⑵ ئىخلاس
⑶ مۇھەببەت
⑷ دوستلۇق
⑸ رىزا
⑹ ئەزىيەتلەرگە سەبىر قىلىش
⑺ خەلقى ئېرشاد ( خەلىقنى توغرا  يولغا باشلىغۇچى ، توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى )
نەپسى رازىييەدىكى كىشىلەرنىڭ دۇئالىرى رەت قىلىنمايدۇ ، خەلىق ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ مەرتىۋىلىك بولىدۇ .

6. نەفسى مارزىييە  ( نەفسى ماردىييە ) – ئاللا رازى بولغان نەپىستۇر. بۇنىڭ ئىپادىلىرى :
ئاللا ۋە رەسۇلىللانىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان ، خاتالىقلارنى كۈچۈرۈپ ، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ياپقان ، ھەممە ئادەمگە شەپقەت كۆرسىتىدىغا ، باشقىلارنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان ، باشقىلارغا ئىچ ئاغىرتىدىغان ، ھەرئىشتا ئوتتۇرىھال يولدا ماڭىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ .

7. نەفسى كامىلە ( نەفسى سافىيە ) – ھەقىقى ئىمان ئېيتقان كىشلەر . بۇ تۈردىكى كىشىلەر ھەقنى بىلىدۇ ، نېمە لازىم بولسا پەقەت ئاللادىن تىلەيدۇ ، ئاللادىن باشقىسىنى تونىمايدۇ . ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ، ھەقنىڭ قۇلى ، ئاللا بىلدۈرمىگۈچە ئىنساننىڭ ھېچنىمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ ،ئاللادىن باشقىسىغا مۇھتاج بولمايدۇ ، بۇلار قۇرئان كەرىمدە ئېيتىلغان سائادەتمەنلەردىندۇر.

ئەقىل بىر قوزا ، نەپىس بىر بۆرە ، ئىمان بولسا بىر چوپاندۇر. ئىمان كۈچلۈك ( قۇۋۋەتلىك ) بولمىسا ، نەپىس ئەقىلنى يەر.

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ رەتلىگۈچى : نىگاران
مەنبە :  Sozluk.ihya.org  ، sorular.com ، Imandanihsana.com ، Altinoluk.com ، Sorularlaismiyet.com ، Mumsema.com ، Antoloji.com، Dergi.altinoluk.com ، Masonlar.org ، Fturka.com ، Hakikat.com
bagdax

0

تېما

0

دوست

446

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12741
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 105
تۆھپە : 65
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 23:57:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم بەك ياخشى تىمىاكەن.بۇتىمىن كۇندە بىر رەت ئوقۇپ تۇرۇشقا ئەرزىدىكەن .

0

تېما

0

دوست

57

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11831
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 9
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 10:14:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز  تەسەۋۋۇپ بىلىملىرىنى  ئۆگۈنۋاتامسىز ؟  سىز  تۇرۋاتقان يەردە قانداق ئۇستازلار  بار

45

تېما

6

دوست

5991

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   19.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 449
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 15:23:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.ياخشى تېمىغا تۇتۇش قىلىپسىز.
bagdax

يىراقتا تۇرۇپ جا

42

تېما

28

دوست

6885

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1033
تۆھپە : 1441
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 18:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى nargizدە2013-01-16 10:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىز  تەسەۋۋۇپ بىلىملىرىنى  ئۆگۈنۋاتامسىز ؟  سىز  تۇرۋاتقان يەردە قانداق ئۇستازلار  بار  



مەن تەسەۋۋۇپ ئىلمىنى ئۈگۈنۈپ باقمىغان ، تەسەۋۋۇپقا دائىر ماتىريال ئىزدەپ تاپالماي ، تۈركچە تور بەتلەردىن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تېپىپ ئۇلاردىن پايدىلاندىم .شۇڭا مەندەك ماتىريال تاپالمىغان ، بۇ ھەقتىكى بىلىملەرگە ئېھتىياجى بولغانلارغا پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن مەقسەتتە كۆرگەن ماتىرياللىرىمنى يىغىنچاقلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ مۇنبەرگە يوللىدىم. بۇ يەردە تەسەۋۋۇپ ئۈگىتىدىغان ئۇستاز يوق . ھەم مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم . بەلكىم تۈركىيەگە بارسىىڭىز ئۇستاز تاپالىشىڭىز مۈمكىن .

4

تېما

17

دوست

4616

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77182
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1349
توردىكى ۋاقتى: 603
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-1 20:20:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن «ئەممارە -  يامانلىققا ئۈندىگۈچى نەپسى» ۋە « لەۋۋامە- يامانلىققا مالامەت قىلغۇچى نەپسى» نىڭ  كىتابىمىزدىكى ئاساسىنى بىلىدىكەنمەن، قالغانلىرىنىڭ ئاساسى بارمۇ يوق بىلمىدىم. ئەمما نەپسى مۇشۇ چوڭ ئىككى تۈرگە بۆلنىشى ھەقىقەت، باشقىلىرى  قوشۇمچە ھەتتا (ئەگەر كىتابىمىزدا ئاساسى بولمىسا )ئارتۇقچەدۇر.
باشقىلار قانداق قارايدىكىن؟

يەنە بىر گەپ  «نەپسى لەۋۋامە»نى تەسەۋۋۇپلار خاتا ئىزاھلىدىمۇ، ياكى بۇ تەرجىمىدىكى سەھۋەنلىكمۇ؟

6

تېما

0

دوست

1677

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   67.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  77835
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 502
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-21 19:36:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى چوڭ دىنلارنىڭ ھەممىسى نەپسىدىن ئىبارەت بۇ كاساپەتنى چۆرىدىكەن ھالدا ئۆز تەلىماتلىرىنى بايان قىلىدۇ ، چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى تۈپەيلى ھارام بىلەن ھالال ، ياخشى بىلەن يامان ، رەزىللىك بىلەن ئىزگۈلىكلەرنىڭ ئارىسىغا چەك سىزىقلىرى تارتىلغان .
رىم پەيلاسوپى ئېپىكتىت ( مىلادى 50-يىلدىن 130-يىلغىچە ياشىغان )نىڭ تەلىماتى ئىنسانىيەتنىڭ دىنى ۋە پەلسەپەپىسىگە چوڭقۇر ھەم ئۇزاق ۋاقىت تەسىر كۆرسەتكەن ، شۇڭا ئۇنىڭ شاگىرتى يېزىپ قالدۇرغان « ئويلار » دىگەن كىتاپنى ئوقۇساڭلار ، نەزەر دائىرەڭلارنىڭ كېڭىيىپ نەلەگىچە كەتكەنلىكىدىن تاڭ قالىسىلەر .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )