قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 12527|ئىنكاس: 99

مائارىپىمىزدىكى‹‹بۇرۇت ماجراسى››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

2

دوست

1715

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1620
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 296
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 21:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                     1
  ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان پىرۇزا ئىجادىيىتىدە ئالدىنقى قاتاردىكى يزغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ‹‹بۇرۇت ماجراسى››ناملىق ھېكايىسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىپ،جەمئىيەتتە خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى.بۇ ھېكايە ھەققىدە ئوبزورچى كېرىمجان‹‹كۈلكىلىك تىراگېدىيە››دېگەن ماقالىسىدە‹‹مەن››نىڭ ئەنسىرەش-قورقۇمسىراش ئېڭى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنىۋى تىراگېدىيەنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى.يەنە بىر ئوبزورچى يالقۇن رۇزى‹‹بۇ ھېكايىنىڭ جېنى‹مەن›نىڭ ئەنسىرەش-قورقۇمسىراش ئېڭىنى ئىپادىلىگەنلىگىدە ئەمەس،بەلكى ئالدى بىلەن بازار باشلىقىنىڭ ئەنسىرەش-قورقۇمسىراش ئېڭىنى ئىپادىلىگەنلىكىدە››دەپ كۆرسىتىپ‹‹ئەگەر بازار باشلىقىدا بىر بۇرۇتلۇق ئادەم پىچاق كۆتۈرۈپ جىدەل چىقارسا،قورقۇنىدىن بارلىق بۇرۇتلۇقلارنى تىزىملايدىغان،پۈتۈن بازارنى چۇۋۇپ-تۇقۇشقا تەييار تۇرىدىغان ھەم خەۋپلىك ھەم كۈلكىلىك پىسخىك ئادەت بولمىغاندا ئىدى‹مەن›ئۇنچىۋىلا ھودۇقۇپ-قورقۇپ كەتمىگەن بولاتتى.تەكرار-تەكرار چۇۋۇپ-توقۇشتىن ئىبارەت بەختسىز قىسمەت بۇ بۇرۇتلۇقلارنى ئەنسىرەش-قورقۇمسىراش ئېڭىغا گىرىپتار قىلغان دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ،جۈملىدىن ئۇيغۇر مائارىپ سېستىمسىنىڭ رىئال موھىتى يالقۇن رۇزىنىڭ‹‹بۇرۇت ماجراسى››ھەققىدىكى ئوبزوردا ئوتتۇرغا قويغان پىسخىك ئادەتلەرنى كۆز ئالدىمىزدا ئەينەن نامايەن قىلماقتا. 
 ‹‹بۇرۇت ماجراسى›› ئېلان قىلىنىشتىن خېلى ئىلىگىرىلا ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى بىر قىسىم مىللىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساقال-بۇرۇت(ساقال قۇيىۋالىدىغان بىرمۇ مائارىپچى يوق،ئاساسلىقى بۇرۇت)قويۇشى چەكلەنگەن ئىدى.بۇ بەلگىلىمىگە ھەر-بىر مائارىپچى دېگۈدەك تولۇق قايىللىق بىلەن رىئايە قىلدى.نېمە ئامال،ئۇلاردا رايۇنىمىزدا ۋە خەقئارادا ئۆتكەن مەشھۇر بۇرۇتلۇق پىداگوگىكلارنى،ئۇلۇغ ئۇستازلارنى شىپە كەلتۈرگۈدەك ئىمكانىيەت بولمىسا،قانداقمۇ ئۆزىگە ئاللاتائالا ئاتا قىلغان بۇ تۈكلەرنى قوغدىيالىسۇن.
لېكىن مائارىپچىلارنىڭ يۈزىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولۇش بىلەن رەھبەرلەرنىڭ كۆڭلى يەنە ئەمىن تاپمىدى.ئەمدى يەنە كېيىم-كېچەكنى،ئېغىزنى،ھەركەتنى،قولاقنى،كۆز ۋە مىڭىنى بىرلىككە كەلتۈردىغان ئىشلار چىقتى.بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىر خىل رەڭدە،بىرخىل پاسۇندا كىيىنىشى بىر خىل قېلىپتا سۆزلىشى،بىر خىل قېلىپتىكى سۆزلەرنى ئاڭلىشى،بىر خىل مەزموندىكى كىتابلارنى كۆرۈشى ۋە بىرخىل قېلىپتا تەپەككۈر قىلىشى كېرەك بولدى.مەكتەپلەردە يىغىن بولسىلا رەھبەرلەرنىڭ دەيدىغىنى‹‹ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىننىچە كىيىنىشىگە روخسەت قىلماسلىق كېرەك››دېگەندىن ئىبارەت.ھازىر كېيىم-كېچەكلەرمۇ دىننىيچە پەننىيچە دەپ تۈرگە ئايرىلدىمىكىن تاڭ!؟
ئالدىنقى يىلى ناھيىمىزدىكى قايسى بىر يېزىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىرنەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ناماز ئوقۇپ سالغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدىكى پۈتۈن مائارىپ سېستىمىسى خۇددى ئاتوم بومبىسى چۈشكەندەكلا پات-پاراق بولۇپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ھەممە يېزىلاردا بىر نەچچە ئايغىچە ھەپتىدە بىر كېلىدىغان دەم ئېلىش كۈنلىرىنى قۇربان قىلىپ،سىياسىي-ئىدىيۋى تەربىيە يىغىنى ئېچىش قايناپ كەتتى.
كېيىن يەنە بىزگە قوشنا باشقا بىر ناھيىدىمۇ مۇشۇنداق بىر‹‹ئىش››چىققانلىقتىن تەتىلدىمۇ ئوننەچچە كۈن سىياسىي ئۆگۈنۈش قىلىشىمىزغا توغرا كەلدى.ئۇنىڭسىزمۇ ھەر يىلى دېگۈدەك قىشلىق يازلىق تەتىل ۋاقىتلىرى ئايىقى چىقماس سىياسىي ئۆگۈنۈش ۋە ئاخىپ ئىشلەشلەر بىلەن ئالدىراش ئۆتۈۋاتاتتى.
يېقىندا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا‹‹ئالتىگە روخسەت قىلماسلىق››(بىر ئايدىن كېيىن يەنە ئونبەش ماددا قوشۇلدى)دېگەن بىر شۇئار چىقتى.بۇنىڭغا‹‹ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى››،‹‹كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى››قاتارلىقلارنى قوشساق‹‹روخسەت قىلماسلىق››نىڭ ئەللىك مادىدىن ئېشىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئوقۇمىغىنىڭ خېلىلا تەس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.‹‹روخسەت قىلماسلىق››نىڭ بىر ماددىسىدا‹‹ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ دىنىگەئېتىقاد قىلىشى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا روخسەت قىلماسلىق››دېيىلگەن.قارىغاندا،ئوقۇتقۇچىلار قان-قېرىنداشلىرى بىلەن چەك-چېگىرا ئاجىرتىشقا توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ.ئۇنىڭسىزمۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن دېھقان-چارۋىچىلار ۋە بىر قىسىم شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئاللىقاچان دەز كەتكەن ئىدى.دېھقانلارئادەتتە ئوقۇتقۇچىلار باشلىق ئىككى توك-توك ئىش ھەققى ئالىدىغانلارنى‹‹سىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمى››دەيدۇ.ئۆزلىرىنى بولسا‹‹بىز ئاللانىڭ بەندىسى››دەيدۇ.
                                                 2
ئوقۇتقۇچىلارئادەتتە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىش ھەققى ئالمايدۇ.بەلكى ئىش ھەققى ئالغانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۇلتانىمىز سۇتۇق بۇغراخان دەۋردىن باشلاپ مىڭ يىلچە ۋاقىتلاردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولۇپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس ئېتىقاددىن قەتئىي ۋاز كېچىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئەجداتلىرىنىڭ بۇخىل ئېتىقادىدىن ۋە قىممەت قارشىدىن توسۇشى لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى مەكتەپلەر‹‹دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلارنى پاش قىلىش ساندۇقى››ئاستى…
سۇتۇق بۇغراخان،مەخمۇت قەشقەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئەلىشىر ناۋائىي ۋە ئابدۇقادىر داموللامدەك ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قېنى تومۇرىدىن يوقالمىغان بىزنىڭ‹‹قارا قوساق ۋە جاھىل››دېھقانلىرىمىز بولسا پەرزەنتلىرىگە ئۆسمۈر ۋاقتلىرىدىن،تەتىل ۋە ئەتىسى-ئاخشامدىكى بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ،ئېتىقاد سىڭدۈرمىسە،18ياشتىن كېيىن ئۇلارنىڭ مۇھاببەتلىشىش،توي قىلىش ۋە بىر ئائىلىنىڭ غېمىنى يىيىشتەك تۈگىمەس ئىشلاربىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ،مىڭ يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېتىقادنىڭ كىرزىسكە ئۇچىراپ،ئۆز دىنىدىن يۈز ئۆرىگەن ئەۋلادلاردا ئېتىقادسىزلىق ۋە ئەسلىنى ئۇنتۇش خائىشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىپ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مىيىت نامىزىنمۇ ئوقۇمايدىغان گۇمراھلاردىن بولۇپ قېلىشى خالىمايدۇ. 
 شۇنىڭ بىلەن16-17-ئەسىرلەردە ئامېىكا قىتئەسىدە‹‹ئىندىئان مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش››يولىدىكى بىر قاتار سىياسەتلەر ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئۆز مىللىتىنىڭ خارابلىشىشىنى تېزلەتكۈچى كاتالىزاتورغا ئايلانغان بىر ئەۋلاد ماڭقۇرتلاشقان‹‹ئىندىئان زىيالىيلىرى››بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئوتتۇرسىدىكىدەك دېھقانلىرىمىز بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدىمۇ بىر كۆرۈنمەس سۈنئىي ھاڭ شەكىللەندى. ھېلىمۇ ياخشى،بىزنىڭ دېھقانلىرىمىزنىڭ كۆڭلى يۇمشاقكەن،ئىندىئان ئاتا-ئانىلاردەك ئۆز بالىلىرىنى ئۆلتۈرۋىتىدىغان ئىش بىزدە تېخى كۆرۈلمىدى.
ئىشنىڭ قىزىقى ھەر يىلى ھېيىت ھارپىسىدا باشلىنىدۇ.ئاۋال ئوقۇتقۇچىلارغا يېزىنى بىرلىك قىلىپ يىغىن ئېچىلىپ،دىنگە ئىشەنمەسلىك،روزا تۇتماسلىق ۋە ناماز ئوقۇماسلىق ھەققىدە تەسىرات ماقالىسى(ئەمىليەتتە ئىرادىنامە)يازدۇرۇلۇپ،ئوقۇتۇلىدۇ.ئاخىردا رەھبەرلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى،ئوقۇغۇچىلىرى ھەم ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىكى،دىننىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىقى ھەققىدە تەڭ ھوقوقسىز توختامنامە تۈزىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ ۋە سىنىپلارنى بىرلىك قىلىپ،ئەڭ ئاز بولغاندا ھەپتىسىگە ئۈچ سائەتتىن خۇددى باشقىلارنىڭ ئەقلى بىلەن پىكىر قىلىدىغان شاتۇتىغا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارغىمۇ  ئاغزىلىرى تالغىچە تەربىيە بېرىدۇ.بۇنىڭ ئەلۋەتتە قوليازما خاتېرىسى بولۇشى كېرەك.شۇڭا ‹‹ھېيىت كەلمىسىمۇ بولۇپتىكەن››دەپ ئۆزۈمىزنىڭ ھېيىتىدىن ئۆزۈمىز بىزار بولىمىز.ئاڭلىسام، مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە مودېرنىڭ كاللىسى قىزىپ قالغانمۇ‹‹1-ئىيۇن››دا بالىلارغا كەنت يولىدا‹‹دىنگە قارشى تۇرايلى...››دەپ شۇئار توۋلاتقۇزۇپ،نامايىش قىلىپتۇ،گۇييا مىللىي مائارىپنىڭ بىردىن بىر مەقسىدى پەقەت ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىگە ئىشىنىشىنى توسۇشتەكلا.
بىز ھېيىت ۋە مىيىت نامىزىنى مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى دىدۇق.بىراق بۇ ئۆرۈپ-ئادەتكە قارىتامۇ يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنى چەكلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمىزگە ئالدۇق. تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك يەنە بىر ئىش باشقىلار يىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى شەھەر-بازارلاردىكى بىچارە،نامرات دېھقانلاردىن تۆلىتىۋالماقچى بولغاندەك،قانۇنسىز ۋە بىددەت تەشكىلات ‹‹فالۇن مەزھىبى››گە قارشى تۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن نەشىر قىلىنغان‹‹ئائىتىزىم تەربىيىسى››دېگەن كىتابنىڭ ئەمدىلا خەت تونۇشقا باشلىغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا قەدەر سېتىلىشى بولدى.ئويلاپ باقايلى،ئاشۇ كىتاب (ياكى ھەرقانداق بىر كىتاب)تېلىۋىزوردا يىلدا نەچچە قېتىم بېرىلىۋاتقان‹‹غەرپكە ساياھەت››فىلىمىدىكى ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنى،جىن-ئالۋاستىلارنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىڭىسىدىن چىقىرۋېتەلەمدۇ!؟ياكى بۇددىزىمچە خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقمۇ!؟
ماقالە مەزمونى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ دەپ ئۆتسەك،بىزنىڭ ھازىر ئۆتۈۋاتقان ئاتالمىش ئەخلاق دەرسلىرىمىزمۇ پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ تەرجىمە قىلىنغان. كۆزنى قاماشتۇرغىدەك ئىسىل ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ۋە نۇرغۇن ئۇلۇغ ئەخلاقشۇناس ئالىملىرى بولغان بىر قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەخلاق دەرسىنى ئەخلاق قارشى ۋە مەدەنىيىتى پەقەتلا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقى ئۆلچەملىرىدىن كۆچۈرۈپ تەرجىمە قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىشى ئادەمنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا يا ئۆزۈمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاقى سىڭمەي،يا تەرجىمە قىلىنغان كومىنىستىك ئەخلاق سىڭمەي،ئۇيغۇر جەميئىتى ئېغىر ئەخلاق،ئېتىقاد كىرزىسىگە ئۇچىراش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.‹‹ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى بىلەن پەرزەنتلىرى ئوتتۇرسىدىكى روھى ئارىلىقنىڭ بارغانسىرى زورىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەندىشە ئىچىدە ھېس قىلماقتا.››(ئابدىقادىر جالالىدىن)
                                                       3
ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك،مائارىپ سېستمىمىزدا‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى››دا يوقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى‹‹چۇۋۇپ››قايتىدىن بىر خىل ئۆلچەملىك ۋە بىر خىل ماركىلىق قىلىپ‹‹توقۇش››قا ئوخشايدىغان ئىشلار 1980-يىللاردا ئون يىلچە توختىتىلغان بولسىمۇ1990-يىللاردىن باشلاپ يەنە ناھايىتى زور بېسىم بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا.بۇ خىل بېسىم شەھەرگە قارىغاندا يېزىلاردا،شىمالىي شىنجاڭغا قارىغاندا جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر قەدەر ئېغىر.‹‹چۇۋۇپ-توقۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل بەختسىز قىسمەت››ھازىر ھەر-بىر مائارىپچىنى‹‹ئەنسىرەش-قورقۇمسىراش ئېڭى››غا گىرىپتار قىلدى.
ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەن چىقىپ قېلىشىدىن ھېچكىم ئانچە قورقمايدۇ،ئەمما ئۆز سىنىپىدە ياكى ئۆز مەكتىبىدە بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ دىنىگە چېتىلىپ قېلىشىدىن ھەرقانداق بىر مائارىپچى قورقۇپ يۈرىكى جىغىلدىماي قالمايدۇ.ئەلۋەتتە،بۇنداق ئوقۇغۇچىمۇ مەكتەپنىڭ نازارەت قىلىش ئوبىكتى بولۇپ قالىدۇ. 
بىز ئېغىزىمىزدا‹‹ساپا مائارىپى تەلىم-تەربىيەگە ئويغۇنلاشقان بالىلارنى ئەمەس،بالىلارغا ئويغۇنلاشقان تەلىم-تەربىيەنى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ...››دېگەنلەرنى كۆپ تەكىتلەيمىز.ئائىلە تەربىيىسى،مەكتەپ تەربىيىسى ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈشنىمۇ كۆپ تەكىتلەيمىز.بىز يەنە ئوقۇغۇچىلارغا‹‹ئەجداتلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىس بولىمىز...››دېگەن گەپنى تولا دېگۈزىمىز.قېنى بىزنىڭ بالىلارغا ئويغۇنلاشقان تەلىم-تەربىيە ياراتقانلىقىمىز!؟قېنى بىزنىڭ ئائىلە تەربىيىسى بىلەن مەكتەپ تەربىيىسىنى،جەمئىيەت تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرگۈنىمىز!؟قېنى بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەجداتلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىس بولغىنى!؟
بىز ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى شامغا ئوخشىتىمىز،بىراق بىز شامنىڭ ئوكسىگىننىڭ ياردىمىسىز يۇرۇقلۇق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆردۇقمۇ؟! بىز يەنە ئوقۇغۇچىلارنى گۈل-غۇنچىلارغا ئوخشىتىمىز،بىراق بىز گۈل-غۇنچىلارنىڭ ئۆزىگە مىڭ يىلدىن بېرى كېرەكلىك بولۇپ كېلىۋاتقان تۇپراق،ھاۋا ۋە يىلتىز موھىتىدىن ئايرىلسا،سولىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆردۇقمۇ! 
                                                                4
 ‹‹ئىنسانلارنىڭ ئەينى تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى،ئىنسانلار ئۆزۈنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئىدىيىسىدىن ئەزەلدىن ۋاز كېچىپ باقمىغان،بۇ ئىدىيە كۆپ ھاللاردا ھەر مىللەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن،قەدىمدىن ھازىرغىچە شۇنداق بولغان.چۈنكى ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى ئېھتىياجى،ھازىرقى ياۋرۇپانىڭ ئەڭ مەدەنىي جەمئىيىتىمۇ دىنىدىن ۋاز كەچكىنى يوق.››(‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى››1988-يىل4-سان)

‹‹مەيلى قايسى زاماندا،قايسى ھۆكۈمران،قانداق مەقسەتتە پايدىلانغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر دىنىي ئېتىقاد نامرات،ئىزىلگەن،خارلانغان ئاۋامنىڭ ئارزۇ-ئۈمىد مەشئىلى،نالە تەلپۈنۈش قۇتبىسى،ئەقىدە-ئىشەنچ قۇدىرىتى بولۇپ كەلگەن.››(ئابدۈشكۈر مۇھەممەت ئىمىن‹‹ئۇيغۇر مۇقام غەزنىسى››دىن)
يېقىنقى زامان مائارىپى،بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ئىسلاھاتى جەريانىدا تۈركىيە بىلەن مىسىر بىر-بىرىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلنى قوللاندى.تۈركىيە ئىنقىلابتىن كېيىن مەخبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللاندى.1924-يىلى‹‹مائارىپنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنى››نى ئېلان قىلىپ،بارلىق دىنىي مەكتەپلەرنى تاقاش،مائارىپنى دىندىن خالى قىلىش توغىرسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.مىسىر بولسا تەدرىخي بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،دىنىي تەربىيە بىلەن دىندىن خالىي مائارىپنى بىرلەشتۈرۈپ،دىنىدىن خالى مائارىپقا ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشنى يولغا قويدى.تارىخ شۇنى ئىسپالىدىكى،مىسىرنىڭ تۇتقان يولى مۇۋاپىقىيەت قازاندى.تۈركىيە بولسا كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلمىدى،ئەكسىچە تەكرارلىنىش كۆرۈلدى.مۇشۇ ئەسىرنىڭ40-ۋە50-يىللىرىدا ئەنئەنىۋىي دىنىي مائارىپ تۈركىيىدە ئىستىخىيلىك ھالدا باش كۆتەرگەن بولۇپ،ئۇنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا.(جۇگۇلى‹‹ئىسلام مائارىپى ۋە ئىلىم-پەن››دىن)
‹‹دىنىدىن ۋە مەدەنىيەت ئىزچىللىقىدىن ئايرىلغان ئىندىئانلار بىراقلا روھسىزلىنىپ،جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتتى››بۇنىڭغا‹‹مەكتەپ پۈتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا قويۇلماسلىقى قوشۇلۇپ،ئىندىئانلارغا‹ئوقۇش قىزغىنلىقى يوق ياۋايى مىللەت›دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ قويدى.نەتىنجىدە،ئىندىئانلارنىڭ ئەنئەنۋىي بىلىم چۈشەنچىللىرى ئىزچىللىقىنى يوقۇتۇپ،مىللىي مائارىپ شەكىلى پۈتۈنلەي خارابلاشتى.››
‹‹ھۆكۈمەتنىڭ‹ئېچىش›سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئىندىئانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشكە يۈزلەنگەنلىكى،بىر نەچچە ئون يىل ئىچىدىلا بىرازىلىيىدىكى270ئىندىئان قەبىلىسىنىڭ 90نەچچىسىنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكى››ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ‹‹دىنىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتىش،مەدەنىيەتنىڭ جان تومۇرىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىپ،مىللىي روھنىڭ ئۆلتۈرلىشى،مەدەنىيەتنىڭ كۆچۈرۈپ كېلىپ شالغۇتلاشتۇرۇلىشى،‹مائارىپنى گۈللەندۈرۈش›شۇئارى ئاستىدا نادانلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىچىملىك،چىكىملىكلەر ئارقىلىق جىسمانىيەتنى خورىتىشى››قاتارلىق سەۋەبلىرى بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رىئال ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈدىغان بولساق،مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ جىددىي ۋەزىپىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئاسانلا ھېس قىلالايمىز.مەن مىللەتىنىڭ،جۈملىدىن ئۇيغۇرمائارىپىنىڭ  تەقدىرىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈدىغان،تەپەككۈرى ئۇيغاق ھەر بىر مائارىپچىنىڭ‹‹ئاسىيا كىندىكى››گېزىتىنىڭ1996-يىل1-ئاينىڭ4-11-18-25-كۈنلىرىدىكى سانىغا بېسىلغان(‹‹دىيارىم››،‹‹بىلىك››ۋە‹‹ئورخۇن››تورلىرىدىمۇ باركەن)ئۆمەرجان ئىمىننىڭ‹‹ئىندىئانلار ھالاكىتىنىڭ باش-ئاخىرى››دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ كۆرۈشىنى ھاۋالە قىلىمەن.‹‹تارىخ ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز يېشى بىلەنمۇ تولغان.كىشىلەر تارىختىن ئىبىرەت ئېلىشى كېرەك.مۇبادا ساۋاق ئالمايدىغان بولسا،تارىخنى قايتا-قايتا...تەكرارلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.(ئابدۋەلى ئەلى)
                                       5           
‹‹مەمتىلى ئەپەندى‹مەكتەپتە12ياشتىن چوڭ ئوقۇغۇچىلارنى ناماز ئوقۇتۇڭلار.ئىمام،مەزىن سايلاڭلار.ۋاقتىدا ناماز ئوقۇسۇن.شۇنداق قىلغاندىلا،خەلقى مەكتەپكە جەلپ قىلغىلى،قارشىلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ،دىنىي ئېتىقاد بىلەن مائارىپ بىر-بىرىنى يەكلىمەيدۇ›دېگەن.دەرۋەقە،مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ دېگىنى بۇيىچە ئىش كۆرگەندە،ئىككى-ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن،بالىلىرىنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالىدىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۆزلىكىدىن مەكتەپكە ئەكىلىپ بەرگەن.(‹‹مەمتىلى ئەپەندى››238-بەت)
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ‹‹قىسقا،ئەمما قىسمەتكە باي شانلىق ھاياتىدا،جەڭچىگە خاس قەيسەر خاراكتىرى بىلەن‹تەۋپىق روھى›نى نامايەن قىلىپ،تىللاردا داستان قىلغۇدەك ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىز نېمە ئۈچۈن مائارىپ ساھەسىدە بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ قىلالمايمىز؟!  بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبى،بىزدە مىللىي مائارىپقا بولغان مەسۇليەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ كەملىكىدە بولسا،ئىككىنچى سەۋەبى،مائارىپ،مەدەىيەت بولاقلىرىمىزنىڭ كۆزى ئېچىلغان،خەلقىمىز ئۇنىڭدىن ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ تەشنالىقنى قاندۇرۇشقا باشلىغاندىن تارتىپلا بۇ بولاقنىڭ لاي لاتقىدىن خالى بولالماي-سۈزۈلمەي كېلىۋاتقانلىقىدا؛(‹‹لېيىغان بولاق››نى ئوقۇڭ)  1930-يللاردىكى قۇمۇل،تۇرپان قوزغىلىڭنىنىڭ نىسبىي غەلبىسىدىن كېيىنكى خوجىنىياز ھاجىم ۋە مەھمۇت موھىتىلار يارىتىپ بەرگەن ئەۋزەل مائارىپ موھىتىنىڭ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنى ئىشەنچىنى ھەسىلەپ يوقۇرى كۆتۈرگەنلىكىدە.
بىز بولساق،1934-يىللاردىن ئىلىگىرى ۋە1938-يىللاردىن باشلاپ تۈرلۈك سىياسىي بوران-چاپقۇنلارغا تولا ئۇچىراپ‹‹بۇرۇت ماجراسى››دىكى‹‹مەن››گە ئوخشاش ھەم‹‹ئەنسىرەش-قورقۇمسىراش ئېڭى››غا ھەم ئېغىر دەرىجىدىكى قاشاقلىققا گىرىپتار بولۇپ،‹‹تۈكنىڭ يېتىشىغا،سۇنىڭ ئېقىشىغا››قاراپ،‹‹كۈن قاياقتىن چىقسا شۇ ياققا قول قاقلاپ››،‹‹ئاكام كىمنى ئالسا يەڭگەم شۇ››دەپ‹‹جاھانغا بېقىپ›› كۈن ئۆتكۈزۈدىغان جان باقتىلارغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمىزدا.‹‹كىشىلەر زىيادە پەرۋىشكە،چىكىدى ئاشقان رەھبەرلىككە،قاتتىق نازارەتكە چۈشۈپ قالغان جايدا مۇقەرەر شۇنداق بىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ: بۇنداق كىشىلەر قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان زەئىپلىككە گىرىپتار بولىدۇ.››(ساموئىل سىمايلىس)
20-ئەسىر ئۇيغۇرلار،جۈملىدىن مائارىپچىلار باشقا پۇقرالارغا قارىغاندا دېمۇكۇراتىيەدىن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بەھرىمان بولغان،‹‹لېيىغان بولاق››لىرىمىزخەلقىمىزنىڭ كۆڭلى ھەقىقىي سۈيۈنگۈدەك سۈزۈلمىگەن بىر ئەسىر بولدى.21-ئەسىردە بىز راستىنلا ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇمىز،مىللەتنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرىمىز،دەيدىكەنمىزئالدى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ‹‹ئاساسىي قانۇنى›› ۋە‹‹مىللىي تېروتورىيەلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنى››دىن باشقا پۇقرالار بىلەن باراۋەر ۋە تولۇق بەھرىمان بولۇپ،مائارىپ خىزمىتىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ‹‹مائارىپ قانۇنى بۇيىچە ئېلىپ بېرىشىمىز،مائارىپ بىلەن دىنىي ئېتىقاد ۋە مائارىپچىلار بىلەن نوپۇسنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىگەللەيدىغان دېھقان-چارۋىچىلار ئوتتۇرسىدىكى ۋاقتى ئۆتكەن سۈنئىي قارىمۇ-قارىشىلىقنى تۈگۈتۈپ،مىللىي مائارىپىمىزنى ۋە مائارىپچىللىرىمىزنى خەلقىمىزنىڭ يۈرەك قېتىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرشىمىز لازىم. مائارىپنى دۇنياغا،كەلگۈسىگە ۋە زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەندۈرۈشتىن ئاۋال مىللىتىمىزگە-ئۆزۈمىزگە يۈزلەندۈرشىمىز لازىم.
بىزمىڭ ھازىرقى مائارىپىمىز تەربىيلەنگۈچىلەرنى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت تەربىيلىگەنسېرى،تەربىيلەنگۈچىلەرئاتا-بوۋىسىدىن، جۈملىدىن بارلىق ئۇلۇغ ئەجداتلىرىدىن شۇنچە يىراقلىشىپ، ياتلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. شۇڭا ھەم بىزنىڭ مائارىپىمىزمۇ شۇنچە يىللاردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ يۈرەك قېتىدىن ئورۇن ئالالمىدى.بۇ ھالەت تۆۋەندىكى ئەدەبىي پارچىدايېزىلغانغا ئوخشايدۇ:
مەن‹‹ئۈچتە ياخشى پىئونېر››،ئاكام‹‹ئىلغار ئىتتىپاق ئەزاسى››،دادام‹‹مۇناۋەر پارتيىە ئەزاسى››، بوۋام‹‹بەشتە ياخشى ئىمام››،ئۇلۇغ بوۋام........... 
                                     6 
دۇنيادا تەربىيلىنىشنى خالىمايدىغان ئادەم بولمايدۇ.جۈملىدىن،بىزنىڭ مىللىتىمىزمۇ ئەزەلدىن مائارىپنى تولىمۇ قىزغىن سۈيىدىغان مەدەنىيەتلىك خەلق.پەقەت مىللىي روھ ۋە مىللىي ئاڭنى ئۇيغۇتالايدىغان،ئۇلۇغۋار مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغان مائارىپ ۋە مائارىپچىلار خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ،مىللەتنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرەلەيدۇ.‹‹زورلاپ تېڭىلسا،نورلۇق ھەقىقەتمۇ بىمەنە گەپكە ئايلىنىدۇ.››
‹‹مىللەت روھىنىڭ يىگىلىشى ئاۋال ئېتىقادقا قۇرت چۈشۈشتىن باشلايدۇ››(ئابدۇرېھىم دۆلەت).ئاۋامنىڭ ئاسان قورساق تۇيغۇزۇپ،جان بېقىشى ئۈچۈن ياكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاۋامنى بۇيسۇندۇرۇشىدىن ئىبارەت چاكىنا مەقسەتلىرى ئۈچۈنلا يولغا قويۇلغان مائارىپ مىللەتنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن،مىللەتكە بىر تىيىنلىك نەپمۇ بېرەلمەيدۇ،ھەتتا پۈتۈن بىر مىللەتنى ئىككى قاشقا ئايرىپ تاشلايدۇ.مائارىپچىلارغا خەلق ئون مېتىر يەردىن ئەمەس بىر مېتىر يەردىنمۇ سالام قىلمايدۇ.
‹‹بىر مىللەت مائارىپى شۇ مىللەتنىڭ خاس مائارىپى ئىدىيىسى ئۈستىگە قۇرۇلمىسا،ئۇ مىللەتنىڭ مائارىپىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ(ئابدۇقادىر جالالىدىن).‹‹ھەر بىر مىللەت تەربىيەدىن ئۆز ئىدىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ يىتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ››(يۇنۇس ئىلياس ئېدىقۇتلۇق).
ھاسىل كالام،‹‹بۇرۇت ماجراسى››دىكىگە ئوخشاش ھەم خەۋپلىك ھەم كۈلكىلىك پىسخىك ئادەت››بىزنىڭ مائارىپ موھىتىمىزدا داۋاملىشىۋېرىدكەن،بىز يىلدا،ئايدا بىر قېتىمدىن مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بارساقمۇ‹‹لېيىغان بولاق››لىرىمىز سۈزۈلمەيدۇ.يەنىلا ھالىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ‹‹ئىچى كاۋاك،ۋۇجۇدى كىر،ئاشالمايدۇ ئۇ ھەرگىزمۇ قىر››دېگىنىدىن باشقىچە بولمايدۇ.
2000-يىلى 7-8-ئاي

2

تېما

0

دوست

2074

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9612
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 507
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 03:46:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي............. ساناپ تۈگىتەلمەيدىغان ئۈزۈلمەس بىر ھەسرەت قىينايدىغۇ....
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

843

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10436
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 215
تۆھپە : 115
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:17:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز مىللىي مائارىپىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە بولالمىساق، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ پېتى قېلىپ قالسا، مەكتەپلەر ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش رولىنى يوقىتىپ، پەقەت مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئەنئەنىدىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن ياش - ئۆسمۈرلەرنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنى يۇيۇپ-چايقاپ، تامامەن يات بولغان ئىدىيىلەرنى سىڭدۈرىدىغان زامانىۋى تۈرمىگە ئايلىنىپ قالسا، بىزلەر قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بالىلارنى مەكتەپتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئائىلىدە ئۆزىمىز تەربىيىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ ...

1

تېما

0

دوست

699

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12869
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 140
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:19:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بىز بولساق،1934-يىللاردىن ئىلىگىرى ۋە1938-يىللاردىن باشلاپ تۈرلۈك سىياسىي بوران-چاپقۇنلارغا تولا ئۇچىراپ‹‹بۇرۇت ماجراسى››دىكى‹‹مەن››گە ئوخشاش ھەم‹‹ئەنسىرەش-قورقۇمسىراش ئېڭى››غا ھەم ئېغىر دەرىجىدىكى قاشاقلىققا گىرىپتار بولۇپ،‹‹تۈكنىڭ يېتىشىغا،سۇنىڭ ئېقىشىغا››قاراپ،‹‹كۈن قاياقتىن چىقسا شۇ ياققا قول قاقلاپ››،‹‹ئاكام كىمنى ئالسا يەڭگەم شۇ››دەپ‹‹جاھانغا بېقىپ›› كۈن ئۆتكۈزۈدىغان جان باقتىلارغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمىزدا.»
ماۋۇ گەپلىرىڭىزنى خاتىرگە ئالغۇچە پۇچىلانمىغىنىڭىزدىن ھەيران قالدىم.
          «20-ئەسىر ئۇيغۇرلار،جۈملىدىن مائارىپچىلار باشقا پۇقرالارغا قارىغاندا دېمۇكۇراتىيەدىن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بەھرىمان بولغان،»
بۇ پىكىرىڭىزنىڭ يۇقارقى قارشىڭىزغا قارشى قويۇلغانلىقىنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ.
نىمىشقا بىر ياخشى يېزىپ كېلىۋېتىپ تۇرۇپلا تېيلىپ كېتىدىغاندىمىز.تىنىقىنى يوقلىمىدىن ئۆتكۈزۇپ ياشاۋاتقان بۇ ... خەلىقتىن ئاغرىنىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلامدىكىن دەيمەن.مەمەدانلىق قىلىپ قويدۇم توغرا بولسا قۇبۇل قىلارسىز.

0

تېما

0

دوست

536

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13497
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 126
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:22:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھقا  شۇكرى   تېما  ئاپتورىدەك  ئۇيغاق  زىيالىيلىرىمىز    ئارىمىزدا   ئاز  ئەمەس   .دىنىمىزدىن  ئايرىلساق   مىللىتىمىز  زاۋال  تاپىدۇ  .

0

تېما

0

دوست

1921

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9645
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 369
تۆھپە : 346
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلەر زىيادە پەرۋىشكە،چىكىدىن ئاشقان رەھبەرلىككە،قاتتىق نازارەتكە چۈشۈپ قالغان جايدا مۇقەرەر شۇنداق بىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ: بۇنداق كىشىلەر قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان زەئىپلىككە گىرىپتار بولىدۇ.››(ساموئىل سىمايلىس)
  نىمە دىگەن ۋەزنى ئېغىر گەپلەر ھە .

7

تېما

0

دوست

1280

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8143
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 276
تۆھپە : 208
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 13:23:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بەزى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى ئانىسىنىڭ قانداق يىرىدىن چۇشۇپ قالغان بولغىيدى دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن . داموللا ئىسىملىك بىر سىياسىيەت ئۇقۇقۇچىمىز بولدىغان جوڭخۇا خەلىق جۇمھىرىيتى ،تىرورچى ،  دىگەن سۆزنى ناھايىتى ئۇرغۇلۇق ، پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئالاتتى . ئىسمى داموللا بولغان بىلەن ئۆتۇپ كەتكەن مۇناپىق نىمتى ، بۇنىڭغا مەنلا شۇنداق ئۆچ بولسام كىرەك دەپ ئويلىسام بۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلايدىغان %90  ئۇقۇغۇچىلار شۇنداق ئۆچ ئىكەن .ھازىر يولدا كۆرۇپ قالساممۇ خۇددى بىر مەرەزنى كۆرگەندەك كۆڭلۇم ئېلىشىپ كىتىدۇ .
قەدرىم ئۇتۇلگەندە مەن يوق

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

4

دوست

9250

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 1490
توردىكى ۋاقتى: 781
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 13:33:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم تورداشلار بۇ تېمىغا كىرىپ شۇنداقلا قاراپ، ھەجمى ئۇزۇنكەن دەپ چالا ئوقۇپ ياكى ئوقۇماي  چىقىپ كېتىشى مۈمكىن، لىكىن ئۇلار ئېسىل گەپلەردىن قۇرۇق قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ-دە.
بۇ تېمىنى نادىرلاش كېرەك

مىھرىنى ھەممە ئا

0

تېما

0

دوست

180

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13393
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 23
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 13:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى بىزنىڭ بالىلارغا ئويغۇنلاشقان تەلىم-تەربىيە ياراتقانلىقىمىز!؟قېنى بىزنىڭ ئائىلە تەربىيىسى بىلەن مەكتەپ تەربىيىسىنى،جەمئىيەت تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرگۈنىمىز!؟قېنى بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەجداتلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىس بولغىنى!؟
بىز ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى شامغا ئوخشىتىمىز،بىراق بىز شامنىڭ ئوكسىگىننىڭ ياردىمىسىز يۇرۇقلۇق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆردۇقمۇ؟! بىز يەنە ئوقۇغۇچىلارنى گۈل-غۇنچىلارغا ئوخشىتىمىز،بىراق بىز گۈل-غۇنچىلارنىڭ ئۆزىگە مىڭ يىلدىن بېرى كېرەكلىك بولۇپ كېلىۋاتقان تۇپراق،ھاۋا ۋە يىلتىز موھىتىدىن ئايرىلسا،سولىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆردۇقمۇ!
         بۇ گەپلەر ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى.   ئويلۇنۇپ قالدىمكى دىنىمىزدىن ئايرىلساق مىللىتىمىز راسلا زاۋال تاپىدۇ. ئۆتكۈر تىل بىلەن ياخشى ئېپادىلەپسىز. ئاللا رەھمەت قىلسۇن.

2

تېما

0

دوست

8557

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 1519
توردىكى ۋاقتى: 585
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 14:18:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى كۆپ سەۋەبلەر دىيارىمىزدىكى ئوقوتقۇچى- خانىملىرىمىزدا.

ئۇنىڭدىن قالسا نادان دىھقانلىرىمىز بىلىمسىز قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ھەتتاكى دىننىي جەھەتتىمۇ بىلىمسىز دىھقانلىرىمىز ئىنتايىن زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
مۇشۇ 5 ۋاق نامازنىمۇ توغرا ئوقويالمايدىغان دىھقانلار، ھەم نامازدىكى قۇرئان ئايەتلىرىنى توغرا دىمەيدىغان كىشىلەر ساماندەك كۆپ.

ھەقنى ھەق- ناھەقنى ناھەق دىيەلمىگەنلىكىدە، بىشىدىكى ياغلىق، قوڭىدىكى ئىشتانغا ئىگە بولالمىغانلىقىدا.

ئاخىرىدا بالىلارنى ياخشى تەربىيلەش مۇھىتى يارىتىپ بىرەلمىگەنلىكىدە.

10 يىلدىن ياش- بالىلىرىمىزنىڭ قايسى تىلنى ئىشلىتىدىغنى توغرىسىدىمۇ، ھازىرقى نادان كىشىلىرىمىزنىڭ ھىچ قانداق قارىشى يوق ھالەتتە، بەكلا بىخۇدلۇق ئىچىدە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )