قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2039|ئىنكاس: 0

<قۇرئان كەرىم>نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

114

تېما

7

دوست

6568

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  87
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 1577
تۆھپە : 901
توردىكى ۋاقتى: 2474
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 23:07:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 
 
 
 
 
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
 
 

         <قۇرئان كەرىم> ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ، ئەڭ نوپۇزلۇق ، شۇنداقلا مۇتلەق يېتەكچى ئورۇندىكى دەستۇرى ، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاساسى ،مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئەخلاق -پەزىلەت مىزانى .
   ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان <قۇرئان كەرىم> مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغانلىقى ،يەنە كېلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەپ تىلىغا خاس پاساھەتكە ، نەزمىي ئۇسلۇبقا ،جەلپكار ئاھاڭغا ، شۇنىڭداك لەۋزى ئىخچام ،ئەمما چوڭقۇر ھېكمەتلىك مەزمونغا ۋە روھىي تەسىرى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا ھەرقانچە ماھارەتلىك ، تەجرىبىلىك ،تىلغا ھەرقانچە باي بولغان مىللەتنىڭمۇ ئۇنى ئۆز تىلىدا ئەينەن ،مۇكەممەل چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس ،پەقەت ئۇنىڭ مەنىسىنى ئىمكانقەدەر تولۇقراق ئىپادىلەپ بېرىشكىلا تىرىشىدۇ،خالاس.
     ھازىرقى دۇنيادا مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىكى دۆلەت ۋە رايونلاردا شۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان <قۇرئان كەرىم > بار .تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا ،ھازىر دۇنيادا <قۇرئان كەرىم>نىڭ 140 نەچچە مىللەتنىڭ تىلىغا تولۇق ياكى تاللاپ تەرجىمە قىلىنغان 1200 خىلدىن ئارتۇق تەرجىمە نۇسخىسى بار ئىكەن . بەزى مىللەتلەرنىڭ ، بولۇپمۇ نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ مىللەتلەرنىڭ تىلىدا بىر خىل ئەمەس ، بەلكى بىر نەچچە خىل ،ئون نەچچە خىل ،نەچچە ئون خىل ،يۈزنەچچە خىل ،ھەتتا بەزى مىللەتلەرنىڭ تىلىدا نەچچە يۈز خىل تەرجىمە نۇسخىسى بارلىققا كەلگەن .(ئوردۇ تىلىدا 103خىل ،تۈرك تىلىدا 107 خىل،پارىس تىلىدا 200 خىلدىن ئارتۇق تەرجىمە نۇسخىسى بار) جۈملىدىن ،مەملىكىتىمىزدىمۇ <قۇرئان كەرىم>نىڭ ئۇيغۇرچە ،قازاقچە ، قىرغىزچە تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن باشقا ،خەنزۇچە يېزىقتىكى ھەرخىل ئۇسلۇبتا تەرجىمە قىلىنغان 19خىل تەرجىمە نۇسخىسى مەيدانغا كەلگەن .   
      ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ،تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى <قۇرئان كەرىم> تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،تەرجىمە سۈپىتىنى بارغانسېرى ئۆستۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنى <قۇرئان كەرىم> ئايەتلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ توغرا ،تېخىمۇ تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ .
    دىيارىمىزدا مىلادىيە 12-ئەسىردە قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدىلا <قۇرئان كەرىم >نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى بارلىققا كەلگەنىدى . ھازىر بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ سەككىز خىل قول يازما نۇسخىسى تولۇق ياكى كەمتۈك ھالەتتە چەت ئەللەرنىڭ مۇزېيلىرى  ياكى كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانماقتا . بىزگە مەلۇم بولىشىچە ،پەقەت 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ بىلىمى چوڭقۇر ، نوپۇزلۇق ئۆلىمالىرىمىزدىن بىر قانچىسى <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئۆزىنى ياكى <قۇرئان كەرىم>نى ئۇنىڭ تەفسىرى بىلەن قوشۇپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان . لېكىن ،بۇ تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى نەشر قىلىنىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە نېسىپ بولمىغان .شۇڭا ،ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئۆلىمالىرىمىز ،ئىمام -خاتىپلىرىمىز <قۇرئان كەرىم> ئايەتلىرىنى ئاغزاكى ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئانچە چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغان نۇرغۇن ئەرەبچە -پارسچە سۆزلەر ئارلاشقان ،گىراماتىكا تۈزۈلۈشىمۇ ئۇيغۇر تىلى قائىدىسىگە ئانچە ئۇيغۇر بولمىغان بىر خىل مەدرىسە تىلىدا تەرجىمە قىلىپ ۋە ۋەز -تەبلىغ قىلىپ كەلگەن ئىدى .
     ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ،<قۇرئان كەرىم>نىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى بىلەن ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قولىدا <قۇرئان كەرىم>نىڭ رەسمىي نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى بولماسلىقتەك بوشلۇق مەلۇم دەرىجىدە تولدۇرۇلدى .
      <قۇرئان كەرىم>نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئۆستۈرۈپ ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى بىر قەدەر يوقىرى سۈپەتلىك ئۇيغۇرچە تەرجىمە <قۇرئان كەرىم>گە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەرەب تىلى سەۋىيەسى ،بولۇپمۇ قۇرئان تىلى سەۋىيەسى بىر قەدەر يوقىرى ،دىنىي بىلىمى بىر قەدەر چوڭقۇر بولغان ئۆلىمالار ،ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ،ئۇيغۇر تىلى ئىلمى ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانغان ئالىم -مۇتەخىسسىلەردىن تەركىب تاپقان تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرۇپ،<قۇرئان كەرىم>نىڭ قولىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە يېڭى تەرجىمە نۇسخىسىنى ئىشلەپ چىقتى .كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دېگەندەك ،بۇ قېتىم ئىقتىدارلىق ئۆلىما -مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان بۇ گۇرۇپپا <قۇرئان كەرىم>نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋە شەرەپلىك بۇرچى دەپ قاراپ ،<ئەسلىگە سادىق بولۇش ،مەزمونى چۈشىنىشلىك بولۇش ،تىلى گۈزەل بولۇش >نى پىرىنسىپ قىلىپ ،<قۇرئان كەرىم>دىكى ھەربىر ئايەت ،ھەربىر جۈملە ،ھەربىر سۆز،ھەتتا ھەربىر ھەرپ ئۈستىدە توغرا ئېتىقاد ۋە مەسئولىيەتچانلىق بىلەن ئىزدىنىپ ،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھازىرقى زامان \ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن ئەينەن،راۋان ۋە تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا تىرىشتى .
      <قۇرئان كەرىم>نىڭ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئەسلىي ئەرەبچە مەزمونى بويىچە ئەينەن ۋە توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ،تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكىلەر تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ،ئىسلام دۇنياسىدا مەشھۇر بولغان <تەفسىرى ئىبنى كەسىر>،<تەفسىرى جەلالەين>،<سەفۋەتۇتتەفاسىر>،<تەفسىرى تەبەرى>،<تەفسىرى بەيزاۋى>،<تەفسىرى كەششاف>،<تەفسىرى قۇرتۇبى>،<تەفسىرى مۇنىر>،<تەفسىرى مۇيەسسەر>قاتارلىق ئەرەبچە تەفسىر كىتابلىرىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەرەبچە قامۇسلارغا ،ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە مۇراجىئەت قىلدى . شۇنداقلا تۈركچە ،ئۆزبېكچە، تاتارچە، قازاقچە، قىرغىزچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ۋە چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ ،ئۇلارنىڭ تەرجىمە ماھارىتى ،تەرجىمە ئۇسلۇبى ، سۆز تاللاش ۋە سۆز ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ ،ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى تېخىمۇ توغرا ،تېخىمۇ مۇكەممەل  چىقىرىشقا تىرىشتى . ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان مەزمونىنى ئوبدان چۈشىنىشى ئۈچۈن ،زۆرۈر تېپىلغان جايدا بەزى ئىبارىلەرگە ئىشەنچىلىك تەفسىرلەرگە ئاساسەن شۇ بەتنىڭ ئاستىغا ئىزاھەت بەردى . تېكىست ئىچىدە بولسا تېكىست ھەرپىدىن پەرقلىنىدىغان كىچكرەك يانتۇ خەت بىلەن تىرناق ئىچىدە ئىزاھ بەردى .
     تەرجىمە خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن بىر تۈركۈم ئۆلىما -مۇتەخەسسىسلەردىن <قۇرئان كەرىم>نىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى تەرجىمە نۇسخىسىغا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىندى . ئالدى بىلەن ،بۇ يېڭى تەرجىمە نۇسخا دىنىي ئىلىم ۋە ئەرەب تىلى سەۋىيەسى بىر قەدەر يوقىرى ، جەمئىيەتتە مەلۇم تەسىرگە ئىگە بىر قىسىم ئىمام،خاتىپلارنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى ،شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئاتاقلىق تىلشۇناس ،پىروفېسسور ،تەتقىقاتچىلار بۇ يېڭى نۇسخىنى ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن كۆرۈپ چىقىشقا ئۇيۇشتۇرۇلدى . مەيلى دىنىي ساھەدىكىلەر بولسۇن ياكى تىلشۇناس-تەتقىقاتچىلار بولسۇن ،ھەربىر سۈرە -ئايەتنى باشتىن - ئاخىر ئەستايىدىل ۋە مەسئولىيەتچانلىق بىلەن تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىپ ،تەرجىمە سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى .  تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئۇلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە ئاساسەن ،يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ چىقتى ،ئاخىردا ،ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم داموللا ھاجىم ،جۈمە تاھىر داموللا ھاجىم ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈر نىياز داموللا ھاجىم ،كىۋىر داموللا ھاجىم ،قاسىم ھاجىم ،جارۇللا قۇربان قارى ھاجىم ،ئابدۇرېشىت لېتىپ قارى ھاجىم قاتارلىق بىر قىسىم پىشقەدەم ئۆلىمالىرىمىز <قۇرئان كەرىم>نىڭ بۇ يېڭى تەرجىمە نۇسخىسىنى باشتىن -ئاياغ تەكشۈرۈپ بېكىتتى.
    تەرجىمە گۇرۇپپىمىز <قۇرئان كەرىم >نىڭ مەزكۇر تەرجىمە نۇسخىسىنى گەرچە يۈكسەك مەسئولىيەتچانلىق ۋە مۇقەددەس بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىشلىگەن بولسىمۇ ،بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنى يەنىلا بەك مۇكەممەل بولۇپ كەتتى ،سەۋەنلىكلەردىن خالىي دېيەلمەيمىز.  
    ئىلىم -پەننىڭ ،جۈملىدىن قۇرئانشۇناسلىق ،ئىسلام ئىلمى تەتقىقاتى ۋە تىلشۇناسلىق ،تەرجىمىشۇناسلىق ئىلمىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ۋە راۋاج تېپىشىغا ئەگىشىپ <قۇرئان كەرىم>نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ چىقىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل ،ئىنشائاللاھ !                 
                                               
                                                                      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )