قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 4

مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى 30 تۈرلۈك ياخشى ئادەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

1

دوست

1198

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11087
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 242
تۆھپە : 225
توردىكى ۋاقتى: 623
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 10:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتلىق-سېلىنما سېلىش ۋە مەنپەتلىنىش جەريانىدۇر.ئەگەر پۇلىڭىز بولسا پۇلىڭىزنى مەبلەغ سالىسىز.تەجرىبىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىز بولسا ئۇنى مەبلەغ ئورنىدا سالىسىز.ئەگەر سىزدە قىزغىنلىق،تىرىشچانلىق بولسا ئۇنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىسىز.ئەگەر يۇقارقىلاردىن ھېچقايسى بولمىسا يۇقارقىلارنى ئويلىغىنىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار شۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇكى،ئۇلاردا ئالاھىدە تۇغما قابىلىيەت ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار يوق.بەلكى ئۇلار ياخشى ئادەت يىتىلدۈرگەن ھەم شۇ ئادەتنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان.
مۇۋاپىقىيەتمۇ،مەغلۇبىيەتمۇ بىر خىل ئادەتتىن كېلىدۇ.
مۇۋاپىقىيەتشۇناس ناپائىلون خېئول <<ئادەت بىر ئادەمنى مۇۋاپىقىيەتكىمۇ ئېرىشتۈرەلەيدۇ،ۋەيرانىمۇ قىلىۋېتەلەيدۇ>>دېگەن.بىز نىشانسىز  ھالدا كۈنلىرىمىزنى لاغايلاپمۇ ئۆتكۈزىۋېتەلەيمىز.شۇنداقلا،ھەر كۈنى ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان كىچىك ئىشلارنى سىجىل قىلىپ ئۆزىمىزنى مۇئەييەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرلىتەلەيمىز.
  مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ناھايىتى تەس دەپ ئۆزىمىزگە بېسىم قىلىۋالماي،كىچىك ئىشلارنى سىجىل قىلىپ ياشاشنى ئۆگىنىش كېرەك.ھەر قانداق مۇۋاپىقىيەت كىچىك-كىچىك ئىشلارنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.
بىز كىچىك،ئۇششاق ئىشلارنى مۇھىم ئەمەس دەپ ئويلاپ چوڭ ئىشلارنىلا قىلىشنى ئويلىشىمىز.ۋاقتى كەلگەندە چوڭ ئىشلارنى قىلالمايلا قالماي،كىچىك ئىشلارنى قىلىدىغان پۇرسەتلەرنىمۇ قولدىن بېرىپ قويىمىز.
بىز كۆزگە ئىلمىغان،ياراتمىغان كىچىك ئىشلار بىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتچى ياكى مەغلۇبىيەتچى بولىدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ.

بىز تۆۋەندە مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار باشقىلارغا دەپ يۈرمىگەن،لېكىن ئۆمۈر بويى داۋاملاشتۇرغان 30 تۈرلۈك ئادەتنى سىزگە سۆزلەپ بېرىمىز.سىز بۇ ئىشلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ھايات مۇساپىسىدە سىجىل قىلىپ ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىزلا______سىزمۇ مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىسىز.
1.ھەر كۈنى مۇھىم بولغان ئۈچ تۈرلۈك ئىشىڭىزنى تىزىملاپ چىقىڭ،ھەم شۇ كۈنى ئۇ ئىشلارنى پۈتتۈرۈڭ.
2.خىزمەت ئورنىڭىزغا باشقىلاردىن 10 مىنۇت بالدۇر بېرىڭ،10 مىنۇت بالدۇر كېلىش پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى بولماستىن ئىش بېجىرىشتىكى پوزىتسىيە مەسىلىسىدۇر.
3.سۆزلەشتىن بۇرۇن ئويلىنىۋېلىپ سۆزلەش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭ.
4.ئاچچىقلىنىشتىن بۇرۇن بىردىن ئوتتۇزغىچە سانىۋېتىڭ.ئاچچىقلىنىشنىڭ -باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن ئۆز-ئۆزىڭىزنى جازالاش ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماڭ.
5.ئىشلاردا بىر قارارغا كېلەلمىگەندە ئەڭ مۇرەككەپ ئىشلارنى بېجىرىڭ.شۇندىلا بەزىبىر ئىشلار ئەسلى مۇرەككەپ بولماستىن بىزنىڭ ئىرادىمىزنىڭ سۇسلىقىنىڭ سەۋەبىدىن مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز.
6.قىلماقچى بولغان ھەر قانداق ئىشنىڭ تاماملاش ۋاقتىنى ئېنىق بېكىتىۋېلىڭ،ھەم شۇ بويىچە تاماملاڭ.
7.ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا ئولتۇرۇڭ.ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرۇش بىر خىل ئاكتىپ بولغان روھىي ھالەت بولۇپ ئالدىنقى ئورۇننى تالىشىدىغان،ئالغا قاراپ ئىنتىلىدىغان جۈرئەت ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش روھى يېتىلىدۇ.
8.يولباشچىلارنى ئۈلگە قىلىڭ.تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ يولباشچىلىرى بار.ئۇلارنىڭ سىز ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار،ئۇلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش كېرەك.
9.باشقىلاردىن 10 مىنۇت ئارتۇق بەرداشلىق بېرىڭ.ھەر قانداق ئىشتا ئوتتۇرا يولدا بەل قۇيىۋەتمەڭ.
10. ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى چۇقۇم يادلىۋېلىڭ.ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر ئادەمگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.چۈنكى،ئۇلار بىزگە پۇرسەت بەرگۈچىلەردۇر.
11.ھەر قانداق ئىشنى تالىشىپ قىلىڭ.تازلىق ئىشى بولسىمۇ مەيلى.ئىشلارنى تالىشىپ قىلغاندا ئۆزىنى چېنىقتۇرغىلى،بىلىم تېخنىكا ئىگەللىگىلى،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
12.باشقىلارنى ئۇ يوق يەردە ماختاپ تۇرۇڭ.بۇ ھەرىكىتىڭىز ناھايىتى تېزلا سىز ئويلىمىغان نەتىجىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
13.ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى قەدىرلەڭ.سىز ئۇلارنى قەدىرلىسىڭىز ئۇلارمۇ سىزنى قەدىرلەيدۇ.
14.ھەر قانداق ئادەمنىڭ گېپىنى تۈگىتىپ ئاڭلاڭ.باشقىلارنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىپ ئۆزىنىڭ گېپىنىلا قىلىش ئادەمنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.
15.باشقىلارغا سىزدىن كۈتكىنىدىن ئارتۇقراق بېرىڭ.باشقىلارغا خۇشاللىق بېرەلىسىڭىزلا ئىشلىرىڭىز يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.
16.باشقىلارنى تەنقىتلىمەكچى بولسىڭىز ئالدىدىن ماختاڭ.باشقىلارنى بەش ئېغىز ماختاپ بىر ئېغىز تەنقىتلەڭ.
17.ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا خاتىرە ۋە قەلەم ئېلىۋېلىڭ.جەمىئىيەت بىر تېمى يوق ئالىي مەكتەپ.ھەر ۋاقىت سىزگە لازىملىق بىلىم،ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىسىز.ئۇنى خاتىرلەپ ئادەتلىنىڭ.
18.سەھەردە ئويغىنىپلا ئىككى مىنۇت چۈشلىرىڭىزنى خاتىرلەپ ئادەتلىنىڭ.چۈشلىرىڭىزگە نۇرغۇن قىممىتى بار ئۇچۇرلار،يېڭى-يېڭى ئىلھاملار كىرىپ تۇرىدۇ،بىشارەتلەر بولىدۇ.ئەمىليەتتە سىز ھەل قىلالمىغان ئىشلارنى چۈشلىرىڭىز ھەل قىلىۋىتىشى مۇمكىن.
19.ئۆزىڭىزنىڭ ئون تۈرلۈك كەمچىلىكىنى خاتىرلەپ،ئاندىن ئۇلارنى تۈزىتىڭ.ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئاجىز تەرىپىگە جەڭ ئېلان قىلغاندىلا ،قەلبىدىكى توسالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلىغاندىلا غالىپلاردىن بولالايدۇ.
20.ھەر قانداق مۇھىم قارارلىرىڭىزنى ئىجرا قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىڭ.ھەرگىز بالدۇر ئېلان قىلىۋەتمەڭ.ئورۇنسىز ئاۋارچىلىققا قالىسىز.
21.ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەش مىنۇت تەپەككۇر قىلىڭ.يەنى شۇ كۈنلۈك قىلغان ئىشلىرىڭىزنى ،كام قالغان ئىشلارنى،ئەتىسى قىلىدىغان ئىشلارنى تەپەككۇر قىلىڭ.
22.خىزمەتلىرىڭىزنى تەبەسسۇم بىلەن بېجىرىڭ.تەبەسسۇم سىز ھەر ۋاقىت بىرگە ئېلىپ ماڭالايدىغان بايلىق بولۇپ،سىزنىڭ تەبەسسۇمىڭىز ئىچ-ئىچىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان بولسىلا،ئەتراپىڭىزنى تەبەسسۇم قاپلايدۇ.
23.خىزمەتنى ئائىلىڭىزگە ئېلىپ بارماڭ.خىزمەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغاندىلا نەتىجىلىك ئىش قىلغىلى بولىدۇ.
24.ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىرگە ناشتا قىلىڭ.
ھەر قانداق ئادەم ئائىلە ۋە كەسپىي ئىشلىرىگە تەڭ كۆڭۈل بۆلگەندىلا،ئاندىن ھەقىقىي مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
25.ھازىرقى دوستلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ يىڭى دوستلار بىلەن تۇنۇشۇپ تۇرۇڭ.
سىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىڭىز قانچە كېڭەيگەنسىرى ئىشلىرىڭىز شۇنچە يۈرىشىدۇ.
26.ھەر كۈنى چۇقۇم يېرىم سائەت كىتاپ كۆرۈڭ.بىلىم قۇرۇلمىڭىزنى تۇلۇقلاپ تۇرۇڭ.كىتاب بىزگە ئادىمىيلىك يوللىرىنى،ئىش بېجىرىش چارىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
27.تۆت تۈرلۈك پىلان،بىر تۈرلۈك نىشان بېكىتىڭ.ھاياتىنى نام-نىشانسىز ئۆتكۈزۈش ئۆلۈمنى كۈتۈشتىن ئىبارەت.چۇقۇم ئۆمۈرلۈك نىشان ۋە ئۇنىڭغا يىتىشتىكى تۈرلۈك پىلانلار ئەتراپلىق تۈزىلىشى كېرەك.
28.پۇل تېپىش ھاياتىڭىزدىكى بىردىن-بىر نىشانىڭىز بولۇپ قالمىسۇن.ھاياتىڭىزدىكى پۇلدىنمۇ مۇھىم نىشانىڭىزنى تېپىپ چىقىڭ ھەم شۇ نىشانىڭىزغا يىتىش جەريانىدا پۇلمۇ تېپىڭ.
29.نىشانىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ ھەم ھەر كۈنى يۇقىرى ئاۋازدا 10 قېتىم ئۇقۇشقا ئادەتلىنىڭ.شۇندىلا نىشانىڭىز بويىچە ئىلگىرلىيەلەيسىز،مۇۋاپىقىيەت سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ.
30.دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ،دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ،دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ.

مەنبە:<<مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار ئۆزىدە ھازىرلىغان 30 تۈرلۈك ياخشى ئادەت>>ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.(لىياۋنىڭ مائارىپ نەشىرياتى)
تەرجىمە قىلغۇچى:جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى قاشتېشى بازىرى ئەقىدە قاشتېشى دۇكىنى

0

تېما

0

دوست

27

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13701
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 5
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 15:42:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ئۈچۈن يەنەبىر ياخشى نەسىھەتلىك فىلىم.
بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ...
http://sayna.salamurumqi.com/read.php?tid=3006
ئاتايار
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

0

دوست

5744

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2127
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1316
تۆھپە : 865
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 20:50:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ۋە قوللىنىشچان ھېكمەتلەركەن،ئەمما بۇ ھازىرقى تۇرمۇش جاپاسىنى تارتىپ باقمىغان، تېخىمۇ مۇھىمى مۇۋەپپەققىيەتكە نىسبەتەن  قىزغىنلىقى يوق بالىلارغا تولىمۇ ئاۋارىچىلىق بىلىنگۈدەك.  ئۇلار جىمى ئارزۇ-نىشانلىرىنى ئاتا-ئانىسى ياكى ئەمەلدار تۇققانلىرىغا (كۆپىنچىسى دەتتىكام تەلىيىگە)باغلاپ قويۇپ ياشلىقنىڭ<<پەيزى>>نى سۈرۈپ يۈرۈشكىنىدە ،مۇنچە ئاۋارە ۋە جىق ھەلەكچىلىكلەر بىلەن ئۆزىنى ئاۋارە قىلىشنى خالىماسمىكىن.

0

تېما

0

دوست

76

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13470
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 01:54:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىلىنىش قىممىتى يوقىرىكەن...ماڭا خېلىلا تەسىر قىلدى. چوقۇم سىناپ كۆرىمەن.

0

تېما

0

دوست

1401

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25053
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 420
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 20:24:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )