قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3426|ئىنكاس: 36

قومۇل تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر  - ئەركىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1773
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6629
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 12:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<قومۇل تارىخىدائۆتكەن شەخىسلەر>>ناملىق كىتابنى تارقىتىش مۇراسىمى
 
 -ئەركىم
01.jpg
---
 
[align=justify]   قومۇل ئۆز تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئۆزىدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھور شەخىسلىرى، ئۆزگىچە يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قەدىمكى يىپەك يولىدىكى خاسىيەتلىك يۇرت. قومۇللۇقلار مەرىپەت سۆيەرلىكى بىلەن مەشھۇر. بولۇپمۇ قومۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە ئوردا قومۇل خەلقىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەخسۇس بەگ تەيىنلەپ، مەدىرىسلەرنى قۇرۇپ ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىنى راۋجلاندۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. مۇھەممەت بىشىر چىنۋاڭ زامانىسىدا 33 نەپەر شائىرنىڭ ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن <<باياز>>  ناملىق دىۋان تۈزۈلگەن. ئوردا كۈتۈپخانىسدا بۈيۈك شائىرىمىز ئەلشىر ناۋائىينىڭ ئەسەرلىرى قومۇلدىكى داڭلىق خەتتاتلار تەرپىدىن كۆچۈرۈلۈپ ئەتىۋارلىنىپ ساقلانغان . ئۇنىڭدىن سىرت دىۋانى ئابىت، دىۋانى زوھۇرى، ھاپىز ھاجى دىۋانى، يۈسۈپ تەيجى بەگلەرنىڭ دىۋانلىرى تۈزۈلگەن. بىراق بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاز بىرقىسمىلا كۆيدۈرۈش، بۇلاڭ-تالاڭلاردىن قۇتۇلۇپ بىزگىچە ئۇلىشالىغان...ئالدىنقى ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن تارىخچى ھاپىز نىياز (1898_ 1982)  بوۋىمىزنىڭ <<قومۇل بوستانلىقى>>، <<قومۇل گۈلىستانلىقى>>...قاتارلىق كىتابلىرى ھەم بار.
[align=justify]   ئەنە شۇ ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ بۈيۈك ئىزلىرىنى بېسىپ، زامانىمىزدىكى مەسئولىيەتچان مۇھەررىر، <<قومۇل ئەدەبىياتى>> ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەخمەت ھەمدۇللا <<قومۇل تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر>> ناملىق كىتابىنى بىزگە سۇندى. بۇ كىتاب قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىلىم- مەرىپەت تارىخىنى بىلىشتىكى بىردىن بىر قامۇس بولۇپ قالغۇسى.
 پائالىيەتكە ھەرساھەدىن كەلگەن ئەزىزلەر
قومۇلنىڭ پېشقەدەم شەھەر باشلىقى غوجى سالى ئەپەندىم ئاپتورغا سوۋغا تەقدىم قىلدى.
<<ئىبرەت كىتابخانىسى>>دىن ئابدۇروسۇل يۈسۈپ قومۇلدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ھەقسىز كىتاب تەقدىم قىلدى.
[align=justify]    2005-يىلى ئەخمەت ھەمدۇللا مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن ئابدۇقادىر ( <<غۇرۇرنامە>> نىڭ مۇئەللىپى) قومۇلغا كەلگەندە، ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە كۈن پائالىيەتلەردە بىللە بولغان، بۇ جەرياندا قومۇلدىكى كىتاپ ساقلاش ۋە يىغىش ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، قومۇل ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەمەتجان مۇھەممەت ئۇلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان ۋە ئۆيىدىكى نۇرغۇنلىغان كىتابلاردىن خالىغانچە تاللىۋېلىشنى ئېيتقاندا، ئەركىن ئابدۇقادىر  پەقەت بىر پارچىلا كىتابنى تاللىۋالغان، كېيىن بۇ كىتاپنى ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىم تەرجىمە قىلغان <<غەربى دىياردىكى ئازسانلىق مىللەت شائىرلىرىنىڭ شئېرلىرى>>نامىدىكى كىتاب بولۇپ، كىتابتا تارىخىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن نۇرغۇنلىغان شەخىسلەرنىڭ ئۇچۇرى بار ئىكەن، كېيىن ئەركىن ئابدۇقادىر ئەپەندىم ئاشۇ كىتابتىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق داۋۇت ئىسىملىك بىر شائىرنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئىزلەپ فۇجىيەنگە بارغان، ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھېلىھەم ياشاۋېتىپتۇ. قورو- جايلىرىمۇ بار ئىكەن. بەلكىم، ئاشۇ كىتابنىڭ خاسىيتىدىن تەسىرلەنگەن ئەخمەت ھەمدۇللا ئەپەندى ئۇزۇن يىللىق ماتېريال يىغىش، توپلاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش نەتىجسىدە  1000يىل مابەينىدە ياشاپ ئۆتكەن ھەرساھەلەدە نەتىجە قازانغان 200دىن ئارتۇق شەخىسنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى كىرگۈزۈلگەن <<قومۇل تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر>> ناملىق كىتابىنى روياپقا چىقاردى. 2013-يىلى1-ئاينىڭ16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋاقتى2:00دە قومۇل مۇقام سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە كىتابنى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
[align=justify]  بۇ ھاياجانلىق دەملەرنىڭ شاھىدى بولىۋاتقان ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەردە مەن ئۈرۈمچى <<سەھەرچى>> مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى<<ئىبرەت>> كىتابخانىسىنىڭ دېرىكتورى قارادۆۋە ئوغلانى ئابدۇروسۇل يۈسۈپ بىلەن تونۇشتۇم. باشتا ئەخمەت ھەمدۇللادىن ئاڭلىغان كىتابنىڭ نەشىرىياتقا بېرىلىش جەريانىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تولۇقلىمىسىنى بۇ ياش يىگىتتىن ئاڭلاپ ھاياجانلاندىم. بولۇپمۇ قومۇلدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۈرۈمچى << ئەلقۇت>> ئۆي مۈلۈكچىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ياش مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى غولام ھاجى سەھەرچىنىڭ  بۇ كىتابنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىدا  زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھاياجانلاندىم. غولام ھاجى كىتاب نەشىردىن چىققان دەملەردە ھاياجانلىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فولۇكلورشۇناس يۈسۈپ ئىسھاق، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتىدىكى تارىخچى ئابلىز ئورخۇنلارغا ( بۇ ئىككەيلەن مەزكور كىتاب مۇھەرىرلىرىدۇر) بىر كىتابنى نەشىرگە تەييارلاش ۋە ئۇنى چىقىرىش بىر بىنا سالغاندىمۇ قىيىن ئىكەن، دەپتۇ. ئىچىمدە،ئاپرىن، سۆيۈملۈك ئوغلان غولام ھاجى سەھەرچى، بىزنىڭ  بايلىرىمىز سىزدەك ئۆز خەلقىنىڭ ئىلىم- مەرىپەت،مەدەنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلسە، ئالىم- ئۆلىمالىرىمىزنى  ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىسا، بىزنىڭ قەددىمىز تېخىمۇ تىكلەنگەن بولاتتى! سودىڭىز تېخىمۇ يۈكسەلسۇن! دېدىم ئىچىمدە. [align=justify]  ئىقتىسادىي  ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەشىرىياتقا كېچىكىپ كەتكەن مەزكور كىتاپقا غولام ھاجى سەھەرچى مەبلەغ سالغان بولۇپ، كىتاب تارقىتىشقا ئۆزىنىڭ شىنجاڭ <<ئەلقۇت>> ئۆي مۈلۈكچىلىك چەكلىك شېركىتىنىڭ قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى <<سەھەرچى >>مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى مەسئول ئىكەن. <<ئىبرەت>> كىتابخانىسى ھازىر بۇ كىتابنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ئوبلاسىت، ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە، يېزا - قىشلاقلىرىغىچە تارقىتىۋېتىپتۇ.  بۇ كىتابنى قومۇل <<تاڭ نۇرى>> كىتابخانىسى قومۇلدا تارقىتىۋاتىدۇ. قومۇلنى بىلمەكچى بولسىڭىز، قومۇلنى ھەقىقى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز چوقۇم مەزكور كىتابنى سېتىۋېلىڭ...ئىشىنىمەن، ئەخمەت ھەمدۇللانىڭ تىرىشچانلىقىدا پۈتكەن بۇ كىتاب نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگە ئىلھام بۇلىقى بولۇپ قالغۇسى. بىز يۇرتىمىزنى، يۇرتىمىزدا ياشاپ ئۆتكەنلەرنى، يۇرتىمىزنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىنى خاتىرلەپ مېڭىشىمىز كېرەك.
كەسىپداشلار، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلەردىن سوۋغا...
ئىلىم-مەرىپەت ئەھلىلىرىلا تونغا لايىق
جاپا چەكتىڭ ئاكا...
-
<<قومۇل ئەدەبىياتى>>ژورنىلىدىكىلەرنىڭ غولام ھاجى سەھەرچىگە تۇتقان سوۋغىسى، خەتتات قۇربان زۇنۇننىڭ يازغان ئەسىرى كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.
ئۇنتۇلماس دەقىقىلەردىن خاتىرە قالسۇن!
 
2013-يىلى1-ئاينىڭ17-كۈنى قومۇل
[align=justify]  <<ئىبرەت>> كىتابخانىسى: ئۈرۈمچى <<ئۈزۈمزار>> رېستۇرانىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا. [align=justify]<<ئىبرەت>> كىتابخانىسىنىڭ مەسئولى: ئابدۇروسول يۈسۈپنىڭ تېلېفۇن نومۇرى:18690821011
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 14:49:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەمگەك،مۇبارەك بولسۇن!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

644

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13070
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 91
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 14:56:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرەت كىتاپخانىسى نەدە؟ تېلېفۇنىچۇ؟ئۈرۇمچىدە نەدىن سېـتىۋالىمىز؟

بۆرە

4

تېما

0

دوست

5555

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5484
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1218
تۆھپە : 887
توردىكى ۋاقتى: 254
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 15:13:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك كاتتا،ئىسىل ئىش بوپتۇ،اللا خالىسا  مەنمۇ تىزدىن سېتىۋالىمەن..........تاڭ نۇرىغا ھۇررا.........

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1773
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6629
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 15:22:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى yanbulaqدە2013-01-17 14:56يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىبرەت كىتاپخانىسى نەدە؟ تېلېفۇنىچۇ؟ئۈرۇمچىدە نەدىن سېـتىۋالىمىز؟  

ئبرەت كىتابخانىسى، ئۈرۈمچى ئۈزۈمزار رېستۇرانىنىڭ قارشى تەرپىدە...ئىبرەت كىتابىانىسىنىڭ لىدىرى ئابدۇروسول يۈسۈپنىڭ تېلېفۇن نومۇرى:18690821011
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12052
توردىكى ۋاقتى: 4346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 15:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ ، ئەخمەت ئاكامنى تەبرىكلەيمەن ، ناھايىتى كام قالغان بىر بوشلۇق تولدۇرلۇپتۇ  ، غولام ھاجىمۇ ئالامەت ياخشى ئىشلارنى قىلۋاتىدۇ جۇمۇ ، ئاللاھ بۇ ساخاۋەتچى ھاجىنىڭ سودىسغا بەركەت بەرسۇن .

0

تېما

0

دوست

644

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13070
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 91
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 15:43:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمى جىسمىغا لايىق ھاجىمدەك ئش قىلىپتۇ،ئاللا ئىشلىرىغا بەركەت،تېنىگە سالامەتلىك .ئاتا قىلغاي.

0

تېما

0

دوست

644

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13070
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 91
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 15:51:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<ئادەمنىڭ ئەسكىسى ھاجى،رەخنىڭ .ئەسكىسى كاجى> دەۋاتىتتى،ئەمما قومۇللۇق ھاجىلا ئۇنداق ئەمەسكەنيا،ھەقىقى ساخاۋەتچى ئىكان،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )