- تىزىملاتقان
- 2012-5-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1195
- نادىر
- 0
- يازما
- 58
ئۆسۈش
  19.5%
|
1. خەنزۇچە تور بىكەت ئېچىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟
ئەزىزان : مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا زور ئەھمىيىتى بار . چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن ياراتقان ، ئاندىن ئىنسانلارنى يەنە كۆپ خىل مىللەتلەردىن قىلغان . ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى ، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىرلا مىللەت بولغان بولاتتى ، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەقىل ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئۆز-ئارا تونۇشۇش ۋە چۈشىنىش ، ئاخىرىدا ھىدايەت يولىدا بىرگە بولۇش ئۈچۈن باشقا باشقا مىللەتلەردىن قىلغان . شۇڭا بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، خەنزۇلارلا ئەمەس ، ھەرقانداق بىر قەۋم بىلەن زىچ ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىشىمىز لازىم ، بۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزگە پايدىلىق .
2. تور بىكەت ئېچىشتا قانداق نۇقتىلارغا بەكرەك دىققەت قىلىش كىرەك؟
ئەزىزان : خەنزۇچە تور بېكەت ئېچىشتا ، چوقۇم پىكىر ئەركىنلىكى ۋە باراۋەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم . مەن ئۇيغۇرلار ئاچقان بۇرۇنقى خەنزۇچە تور بېكەتلەرگە دائىم چىقاتتىم ، لېكىن ئۇلاردىن نارازى ئىدىم ، چۈنكى ئۇلار ئۆز ئىددىيەسى ۋە پىكىرىنى خەنزۇلارغا چۈشەندۈرمەكچى بولاتتىيۇ ، خەنزۇلارنىڭ ئىددىيەسى ۋە پىكىرىگە قۇلاق سېلىشنى تازا خالىمايتتى ، مەلۇم دەرىجىدە پىكىر مۇستەبىتلىكى بولۇپ ، شۇڭا خەنزۇ يولداشلارمۇ بارا-بارا بۇ تور بېكەتلەردىن تولىمۇ نارازى بولغان ، خېلى تونۇلغان خەنزۇ زىيالىيلارمۇ كېيىن بۇ بېكەتلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان . ئالاقە ئىككى تەرەپلىمە بولىدۇ ، ئالدىن بېكىتلگەن يەكۈن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە پەقەت شەكىل بولۇپ ، بۇنىڭدا ھېچقانداق ئەھمىيەت بولمايدۇ . شۇڭا بۇنداق تور بېكەتلەر چوقۇم قانۇن كاتېگورىيەسى ئىچىدە پىكىر ئەركىنلىكى ۋە باراۋەرلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ قۇرۇلسا ، ئاندىن بۇرۇنقى تور بېكەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى ئاساسلىق ئامىلدىن ساقلىنالايدۇ .
يەنە بىرى ، ئۇيغۇرلار خەنزۇچە تور بېكەتلەرنى قۇرغاندا چوقۇم « ئورتاقلىقنى ئىستەش ، ئۆزگىچىلىكنى ساقلاش » پرىنسىپىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ، ئۆزىمىز ئېتىقاد قىلىدىغان ، ئۆزىمىز ئىشىنىدىغان ، ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇلاردا بولۇشى ناتايىن ، بۇنداق نۇقتىلارنى ئىلمىي جەھەتتىن ئاز تىلغا ئېلىش ، بۇنداق نۇقتىلارنى ۋاقىتقا قويۇپ بېرىش ، ئەمەلىي ۋە ئورتاق مەسىلىلەردە ئالاقىلىشىش ھەممىدىن مۇھىم . مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىن خەنزۇلار ئارىسىدىكى ئالاقىگە توسالغۇ قويۇۋالساق ، تور بېكەتنىڭ ھامان مىللىي ۋە دىنىي ئاشقۇنلار قولى ئارقىلىق زاۋاللىققا يۈزلىنىشى تەبىئىي .
3. تور بىكەتنىڭ ئىجتىمائىي ئۇنىمىنى يوقىرلىشىتشتىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي ئۇنۇم ياراتقىلى بولامدۇ؟
ئەزىزان : ئىقتىسادىي ئۈنۈمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى بېكەتلەردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدىغان تەرەققىيات بوشلۇقى بولىدۇ . چۈنكى خەنزۇ تىل يېزىقى بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئادەمگە ئورتاق تىل-يېزىق ، بۇ تىل-يېزىقتىكى تور بېكەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولىدۇ . دېمەك ، ساغلام تەرەققىي قىلالىغان تور بېكەت ئازراق پۇرسەتكە ئېرىشسىلا ، بىر كېچىدە ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم جەھەتتىن ھازىر بار بولغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرقانداق بېكەتتىن ئېشىپ چۈشۈشى تامامەن مۇمكىن .
4. خەنزۇچە تور بىكەت ئاچماقچى بولغان شەخىس قانداق ساپانى ھازىرلىشى كىرەك؟
ئەزىزان : خەنزۇچە تور بېكەت ئاچماقچى بولغان ئۇيغۇر كىشى ، ئەڭ ئاۋۋال خەنزۇچە تور بېكەتلەرگە قارىتا بىرقەدەر مۇكەممەل چۈشىنىشنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك . ئاندىن قالسا ، قانۇن ياردىمى ۋە قانۇنىي ئاڭغا ئىگە بولۇشى كېرەك . ئاخىرىدا ، بۇ كىشى مەيلى زىيالىي ، مەيلى موللا ۋە ياكى ھۈنەرۋەن-كاسىپ بولسۇن ، چوقۇم ئۆز كەسپى ياكى جەمئىيەت بىلىملىرىدىن خەۋەردار ئىجتىمائىي ئاڭ بىر قەدەر يۇقىرى بىلىمدار بولۇشى كېرەك . تېخىمۇ ياخشىسى ، بۇ كىشى تور بېكەت تۈزەش ، يېڭىلىق يارىتىش ، گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلىق بىلىملەرگە پىششىق بولسا بولىدۇ .
5. خەنزۇچە تور بىكەت ئېچىش يولىدا قانداق خەتەر ۋە توسالغۇلار بولىشى مۇمكىن ؟
ئەزىزان : بىرىنچى جەھەتتىن ، تېخنىكىلىق ۋە قاتتىق ئەسلىھە توسىقى . ئەلۋەتتە ، تور بېكەت دېگەننى قۇرۇپ چىقىمەن دەپلا قۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ ، بۇ جەرياندا دەسلەپكى جاپا بىر قەدەر ئېغىر ، مەسىلەن يۇمشاق ئەسلىھە ( بېكەت قۇرۇلۇشى ) ۋە قاتتىق ئەسلىھە ( مۇلازىمېتىر ) قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەر بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىن . ئىككىنچى جەھەتتىن ، قانۇنىي خەتىرى . ھازىر ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئېڭى ، مىللىي ۋە دىنىي قاراشلىرىغا تايىنىپ توردا كۈچ توپلاپ شەخسكە زەربە بېرىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر ، لېكىن بۇنداق ئەھۋال خەنزۇچە تور بېكەتلەردە يۈز بېرىپ قالسا ، بەلكىم مەلۇم جەھەتتىن قانۇنىي سورىقىنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . ئۈچىنچى ، باشقۇرۇش خەتىرى . بۇنداق تور بېكەتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتى ، باشقۇرۇش مودى قاتارلىقلار قاتتىق ئەستايىدىل تاللىنىلمىسا ، باشقۇرۇش خاتالىقى سەۋەبلىك ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ياكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشقا پىلەك بولۇپ قېلىپ ، ئاخىرىدا مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
يۇقارقىسى ئاددىي قاراشلىرىم ، بۇنىڭغا باشقىلارمۇ ئۆز قارىشىنى دەپ باقسا ... |
|