- تىزىملاتقان
- 2012-9-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13297
- نادىر
- 0
- يازما
- 1342
ئۆسۈش
8.24%
|
مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتى يېقىندا، مەركەزگە «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يېڭى يۈزلىنىشى» توغرىسىدا دوكلات بەرگەندە، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى 45 ئوتتۇرا-چوڭ شەھەر شەھەرلەردە ھەشەمەت ئۆيلەرنى تۆكمە قىلىپ سېتىش يېڭى يۈزلىنىشى كۆرۈلگەنلىكى، بۇنىڭ بىر قىسىملىرى ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتى بىلەن ئۇچراشقان ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە، 714 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن.
.....نۇر تورى تەرجىمىسى: 25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلار ئىككى تىرلىيون 400 مىليارد يۈەن پۇلنى ئېلىپ قاچقان، ئەڭ كۆپ بولغاندا، بىر ئادەم ئالتە مىليارد 227 مىليون يۈەننى ئېلىپ قاچقان.
2012-يىلى 25-دېكابىر، دۆلەتلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستېرلىكى يىللىق خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىشى بىلەن، دۆلەتلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستېرلىكى پات ئارىدا «شەھەرلەردىكى شەخسى تۇرالغۇ ئۆيلەر ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى چۈشۈرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى.
.....2013-يىلى دۆلەتلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستېرلىكى شەھەر-بازارلاردىكى تۇرالغۇ ئۆي ئۇچۇر قۇرۇلۇشى سېستىمىسىنى بەرپا قىلىپ، 500دىن ئارتۇق شەھەر تورلاشتۇرۇلىدىكەن. شەخسى تۇرالغۇ ئۆي ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ نامى ئاستىدىكى تۇرالغۇ ئۆي سانى، ئادرېسى، كۆلىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدىكەن.
.....شۇنىڭ بىلەن، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جايلاردا ئۆيلەرنى تۆكمە قىلىپ سېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. مەسىلەن، بېيجىڭدىكى بىر ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىلىك شىركىتى مەلۇم ئورۇندا ئىشلەيدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ سەككىز يۈرۈش ئۆيىنى، ھەر بىرسىنى ئون مىليون يۈەن باھادا سېتىپ بىرىش توغرىسىدىكى سودىنى قوبۇل قىلغان، ئۆي ساتقۇچى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ، ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن.
.....مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، جىياڭسۇ، شەندۇڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، گۇاڭدوڭ، فۇجىيەن، خۇبېي قاتارلىق توققۇز ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئەمەلدارلار ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ چەتئەل پېرېۋوتى تىگىشىش ئەھۋالى باش كۆتۈرۈپ قالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، گۇاڭدوڭدا بىر مىليارد 792 مىليون يۈەن قىممىتىدە چەتئەل پۇلى ئېلىنغان. ئەڭ تۆۋەن بولغان جايلاردىمۇ 370 مىليون يۈەن ئېلىنغان.
.....ئۇنىڭدىن باشقا، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتى، رىۋىزىيە مىنىستېرلىكى 14-دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتى، رىۋىزىيە تارماقلىرى، بانكا نازارەتچىلىك كومتېتلىرى ۋە ج خ تارماقلىرىنىڭ سىياسى بەلگىلىملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ساختا ئىسىم، ساختا شىركەت ۋە كارخانىلار نامى بىلەن، ئۆيلەرنى قانۇنسىز سېتىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاش، چەتئەل پېرېۋوتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلىش، ئالداپ تىگىشىش ۋە ھارام پۇللارنى چەتئەلگە ئېلىپ قېچىشتەك قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاشقا بۇيرۇغان
نۇر تورىدىن ئېلىندى . |
|