جۇڭگودا ئۆي باھاسى نېمىشقا چۈشمەيدۇ ؟
لاڭشەنپىڭ
دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 9-دېكابىردىكى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 1- ئايدىن11- ئايغىچە ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى ئېچىشقا سېلىنغان مەبلەغ 6.4772تىرىليون يۈەن بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %16.7 ئاشقان 1-ئايدىن 10-ئايغىچە 1.3 نۇقتا ئۆرلىگەن بولۇپ ئۆي-مۈلۈك كەسپى يەنە بىر "ئىللىق قىش" نى كۈتۈۋالغان .
جۇڭگودا ئۆي باھاسى نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟
ئۆي باھاسى چۈشىدۇ دېگىنى بىر ستاتىستىكا خالاس
2012-يىلى 18-مارتتا دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى جۇڭگودىكى 70نەچچە ئوتتۇرا ، چوڭ تىپتىكى شەھەرنىڭ 2-ئايدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاشكارىلىدى ، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە 2-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆي باھاسى يەنىلا ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرسىمۇ بىراق بۇنىڭ ئىچىدە 45شەھەرنىڭ ئۆي باھاسى زەنجىرسىمان ھالەتتە چۈشكەن ياكى بىر نەچچىسىدە ئۈسۈش توختىغان . چوڭ شەھەرلەردە گۇاڭجۇ دىن باشقا بېيجىڭ ، شاڭخەي ، شىنجىن قاتارلىق شەھەرلەردىكى يىڭى سېلىنغان تاۋار ئۆي ، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسى تەڭشەلگەن بولسىمۇ بىراق پۇقرالارنىڭ كىرىم سەۋىيىسىدىن يەنىلا بەكمۇ يىراقتا ئۇنداقتا ئۆي باھاسىنى تەڭشەش سىياسىتى قاچان ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ ؟ئۆي باھاسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش يالغۇز ۋىن زۇڭلىنىڭلا ئارزۇسى بولۇپ قالماستىن بەلكى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭمۇ ئارزۇسى بۇلۇپ قالدى.
-2ئايدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا 70 نەچچە شەھەر ئىچىدە 60 نەچچە شەھەرنىڭ ئۆي باھاسى چۈشكەن ياكى ئۈسۈشتىن توختىغان ، بۇرۇن بۇ خىل ھالەت ئۈسۈشتىن توختاش دەپ ئاتالغان بولسا ئەمدى ئۈسۈشنى توختىتىش دەپ ئاتالدى ، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك ؟
مەن يۈزەكى ھادىسىلەرنى دېيىشنى ياقتۇرمىساممۇ بىراق يەنىلا تۆۋەندىكى يۈزەكى ھادىسە ئارقىلىق ماھىيەتنى تەھلىل قىلىپ باقايلى . بۇ مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ئۆي باھاسى 1-ئايدىكىگە قارىغاندا ئۆسمىگەن يەنە تېخى ئازراق چۈشكەن شۇڭا ھۆكۈمەت قاراڭلار مانا بىزنىڭ تەڭشەش تەدبىرلىرىمىز ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى دېيىشى مۇمكىن ، بىراق بۇ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى غەلىتە بىر سانلىق مەلۇمات ، مەسلەن بىز بېيجىڭنى مىسالغا ئالايلى ، سودىدا پۈتۈشۈش نىسبىتى زور سالماق بىلەن چۈشتى بۇنىسى راست، مەسىلەن 2011-يىلى نىمكەش ئۆي سودىسىنىڭ پۈتۈشۈش نىسبىتى %38 چۈشكەن بولۇپ ئۆي باھاسىنىڭ چۈشىشى تەبىئىي ، قانداق چۈشىدۇ ؟تۇڭجۇنىڭ ئۆي باھاسىنىمۇ ئوتتۇرىچە سانغا كىرگۈزۈۋەتسە ، چۈشمەي قالامدۇ ، تۇڭجۇ ئەسلى بېيجىڭ شەھەر رايونى قاتارىغا كىرمەيدىغان تۇرسا ، ئۇنىمۇ قوشۇپ ھېسابلىسا چۈشمەي قالامدۇ ، بىراق بېيجىڭ شەھىرى 3-ئايلانمىنىڭ ئىچىدىكى ئۆي باھاسىدا ئانچە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىدى .
ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى تىغمۇ قىزىق ، ئوتتۇرا –كىچىك تىپتىكى ئۆي مۈلۈك شىركەتلىرى كۆپلەپ شاللىنىپ كەتكەن بىلەن چوڭ-چوڭ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى بارغانسېرى تەرەققىي قىلدى . مەسىلەن 2011-يىلى ۋەنكې ئۆي مۈلۈك شىركىتىنىڭ سېتىش مىقدارى %41، پايدىسى %32 ئاشتى 7- ئورۇندا تۇرىدىغان بىيگوايەن ئۆي مۈلۈك شىركىتىنىڭ سېتىش مىقدارى بىلەن پايدىسىمۇ %35 ئاشتى .چوڭ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىدە ئۆي باھاسىنى تەڭشىگەنسېرى پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى . نەتىجىدە چوڭ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى زور مىقداردا مەبلەغنى كونترول قىلىۋېلىپ ھەقىقى پايدا گۇرۇھىغا ئايلاندى .
يەنىلا ئاتام ئېيتقان بايىقى بولدى ، چوڭ بېلىقلار كىچىك بېلىقلارنى يەۋەتتى ، ئۇنداقتا كىچىك بېلىقلارچۇ ؟ 2011-يىلى ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە چوڭ كۈلەملىك قۇشىۋىلىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ 124كارخانا قوشۇۋېلىندى ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ قوشۇۋېلىش سوممىسى 150 مىلياردقا يەتتى ، يەنى باھا تەڭشەلگەندىن كىيىن كىچىك بېلىقلارنى چوڭ بېلىقلار يەۋېتىپ ئۆزلىرى تېخىمۇ يوغىناپ كەتتى .
بۇرۇن دوختۇرخانا ئاچقانمۇ ،كان ئاچقانمۇ ئىشقىلىپ ھەممىسى ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئارانلا تۇراتتى ئەمما ھازىر ھەممىسى بۇ كەسىپتىن جىندىن قاچقاندەك قاچىدىغان بولدى ، قايتىدىن دوختۇرخانىسىنى، كېنىنى تېپىۋالدى ، 2010-يىلى يەر-زېمىن ئۆتۈنۈپ بېرىش سوممىسى 2.7 تىرىليون بولسا 2011-يىلى 3.15 تىرىليون بولۇپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خۇشلۇقتىن ئېغزى يۇمۇلماي قالدى .شۇنىڭ بىلەن باھانى تەڭشەشتە سىرتتىن قارىغاندا ھەممىسى تەڭ خوش بولغاندەك كۆرۈندى .
بىراق مەن پەقەت بۇنى بىر سىتاستىكىلا دېيەلەيمەن ، مەن ۋىن زۇڭلىنىڭ كىرىمگە سېلىشتۇرغاندا ئۆي باھاسى يەنىلا ئويلىغان باھادىن ناھايىتى يىراق دېگەن گېپىگە قوشۇلىمەن .
يۇقىرى ئۆي باھاسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا كىم بار ؟
بۇقىتىمقى باھا تەڭشەشتە ئىككى "قىزىل سىزىق "بار بىرى سېتىۋېلىشقا چەك قۇيۇش يەنە بىرى قەرز بېرىشكە چەك قۇيۇش . بۇ ئىككىسى باھا تەڭشەشنىڭ ئەڭ يادرولۇق قىسمى ، ئۇنداقتا بىز ئۆتكەن بىر يىلغا قاراپ باقايلى ، ئۆي-مۈلۈك باھاسى تەڭشەلگەندىن كىيىن قانداق بولۇپ كەتتىكىن ، ۋىن زۇڭلى ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تاراتقۇلار بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئورتاقلاشتى . يەنى ھۆكۈمەت زادى ئۆي باھاسىنى تەڭشەش كېرەكلىكىنى بىلەمدۇ يوق ؟ ئۇلار ئەلۋەتتە بىلىدۇ ،بىلگەندىمۇ تازا بىلىدۇ.
خەلق تۇرمۇشى ناھايىتى مۇھىم ئىش ، مەن بىر ئاددىي سانلىق مەلۇماتنى دېمەكچى ، ئۆي باھاسى ئىچىدىكى 12 تۈرلۈك باج كۆرسەتكۈچ بىلەن 50 نەچچە تۈرلۈك ھەق ئۆي باھاسىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدىكەن ، ئۇنداقتا سوراپ باقاي ئۆي باھاسىنى مۇشۇنداق يۇقىرىلىتىۋەتكەن كىم ؟ ئامېرىكىدا ئەڭ تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن قەرز بېرىپ ئۆي ھايانكەشلىرىگە شارائىت يارىتىپ بەرسىمۇ ئۇ خەق نېمىشقا قىلمايدۇ ؟ جۇڭگو بىسىم ئىشلىتىپ ئۆي ھايانكەشلىكىنى شۇنچە توسسىمۇ بىراق كار قىلمايدۇ؟ پۈتۈن دۇنيادا شۇنداق قىلىۋاتسا جۇڭگولۇقلار قىلمىسا قانداق بۇلىدۇ ؟ بۇ مەسىلىدە بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك ، نېمىشقا جۇڭگودا ئۆي ھايانكەشلىرى كۆپ ؟
بىز قانداق قىلىپ ئۆي باھاسىنى ۋىن زۇڭلى ئېيتقاندەك " مۇۋاپىق باھا" غا چۈشۈرەلەيمىز ؟ %70 باجنى چۈشۈرگىلى بۇلارمۇ ، بۇغۇ قاتتىق كۆرسەتكۈچ قەتئى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ ، %10 ئۆي سېلىشقا كەتكەن ماتىريالنىڭ پۇلى ، بۇنىمۇ چۈشۈرگىلى بولمايدۇ ، سودىگەرلەرنىڭ %20 پايدىسىغىمۇ گەپ كەتمەيدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە %10 پايدا كۈلرەڭ چىقىمغا كېتىدۇ ، شۇنداق ھېسابلىغاندا ھەممىسى %90 بولىدۇ ، بىز زادى مۇشۇ %90 قاتتىق كۆرسەتكۈچ ئۆتكەللىرنى بېسىپ ئۆتەلەمدۇق ؟
تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولاي دېسىڭىز مىنىڭ "يىڭى ئېمپىرىيالىزىم جۇڭگودا " ناملىق كىتابىمغا قاراڭ .
مەنبە: لاڭشڭەنپىڭ بىلوگى 2012-يىلى12-دېكابىردىكى ماقالىسى
http://blog.sina.com.cn/s/blog_4120db8b0102e3fo.html
|