قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 14851|ئىنكاس: 129

[بوزقىر] ئەلۋىدا، ھوشۇر موللەك! 

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرۋايىم پەلەك

48

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 900
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 7487
تۆھپە : 3929
توردىكى ۋاقتى: 3129
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 03:25:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەلۋىدا، ھوشۇر موللەك!
        
   بوزقىر


   
    ئالدىنقى يىلى كەچ كۈزدە يۇرىتتىن تېلېفون قىلغان ئىنىم ھوشۇر موللەك ئاكىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى يەتكۈزگەندە كۆڭلۈمنىڭ يەنە غەش بولۇپ قالغانلىقىنى،نەچچە كۈننى ئازاپلىق ئۇھ،تارتىش بىلەن ئۆتكۈزگىنىمنى تەن ئالمايمەن تۇرالمايمەن.ھوشۇر موللەك ئاكىنىڭ قانداقتۇر جەمەتىمىز بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتىمۇ يوق ئىدى.مەرھۇم يەنە قانداقتۇر جەمئىيەتتىكى ئالاھىدە بىرەر نامدار كىشىمۇ ئەمەس ئىدى.بەلكىم،پەقەت ئۇ كىشىنىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدە مەندە ئالاھىدە بىر تەسىرات بولغاچقا مەن شۇنداق بىر مۇرەككەپ روھى ئازاپ ئىسكەنجىسىدە نەچچە كۈنلەپ مىجىلغاندىمەن.يەنە بەلكىم،ئىنىم پەقەت ئۇ كىشىنىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدە مەندە ئالاھىدە بىر تەسىرات بارلىقىنى بىلگەچكە بىز بىلەن ھېچقانداق بىرەر ئالاھىدە مۇناسىۋىتى يوق بۇ كىشىنىڭ شۇم خەۋىرىنى ماڭا يەتكۈزۈپ قويۇشنى قەرز، دەپ بىلگەندۇ.ھەر قېتىم ھوشۇر موللەك ئاكىنى ئەسلىسەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئەشۇ دەقىقىلەر كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەي قالمايدۇ . 

      2009-يىلى ئىيۇن ئېيىدا  ئىدارەمدىن دەم ئېلىش رۇخسىتى ئېلىپ توغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتۇم باي ناھىيسىنىڭ ياقئېرىق بازىرىغا كەلدىم. بازار كەنتنىڭ 4-گۇرۇپپىسىدىن ئېلىپ قويغان كونا ئۆيۈمنى  ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئۆزگەرتىۋاتقان كۈنلىرىمدە مۇشۇ كەنىتتە تۇرۇشلۇق ھۇشۇر موللەك دېگەن كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. 

     ھۇشۇر موللەك ئاكىنىڭ سىمايىسى ماڭا تەبىئى ھالدا ئەينى يىللاردىكى مۇشۇ كىشى ھەققىدىكى بەزى تەسىراتلارنى ئەسلەتمەي قالمىدى.چوڭلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇشۇر موللەك ئاكا ئىككى تەرپى تاغ بىلەن قورشالغان، ئانا دەريا-مۇزاتنى بويلاپ سۇزۇلغان ياقئېرىقتىن ئىبارەت خىلۋەتتىكى بۇ قەدىمىي يۇرىتتىن ئازاتلىقتىن كىيىن يىتىشىپ چىققان تۇنجى ئەۋلاد ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا ئەينى يىللىرى ھەممە تۇنۇيدىغان ھەم ئىززەت- ئېكرام قىلىدىغان مۇھىم شەخىسكە ئايلانغان ئىكەن. دېمىسىمۇ شۇ يىللاردا ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار پەرزەنىتلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا دائىم ھۇشۇر موللەكتىن ئۈلگە ئېلىپ ياخشى ئوقۇپ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ ياراملىق ئادەم بولۇش ھەققىدە تەربىيە ئىشلەيدىكەن. مەن بۇ كىشىنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ يېزا مەركىزىدىكى ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدىلا سىرىتتىن تۇنۇشقا مۇيەسسەر بۇلالىغاندىم. ئۇ كىشى شۇ دەۋرگە نىسبەتەن مەدەنى كىيىنىپ يۈردىغان، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تىلنى تەڭ قوللىنالىيدىغان زىيالى سۈپەت كىشى بولۇپ، يېزا كادىرلىرى ئىچىدە ئەڭ بىلىملىك سانىلاتتىكەن. كىيىنچە، مەنمۇ مۇشۇ كىشىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ياخشى ئوقۇپ كەنىتىمىزدىن چىققان تۇنجى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغاندىم. 
         مەندە ھۇشۇر موللەك ئاكىغا نىسبەتەن ئەشۇنداق تەسرات ھېلىغىچە ساقلىنىپ قالغاچقا ئۇ كىشى بىلەن تۇلىمۇ سەمىمى ھالەتتە كۆرۈشۈپ، قىلىشىۋاتقان جىددى ئىشىمنى قايرىپ قۇيۇپ، ئۈژۈمنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپلا كەتتىم. ئۇ كىشى موخۇركىسىنى ئاچىچىق-ئاچچىق شورىۋەتكەندىن كېيىن ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى قىسقىچە بايان قىلدى. 

     ھۇشۇر موللەك ئاكا 1944-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى  باي ناھىيە ياقئېرىق بازىرى ( 2001- يىلدىن ئىلگىرى ياقئېرىق دېھقانچىلىق مەيدان دەپ ئاتىلاتتى)  5- كەنتتە توغۇلۇپتۇ. 1956-يىلى باشلانغۇچىنى، 1959-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپ ئۈرۈمچى كان-مېتاللورگىيە ئىنىستىتىوتىغا قۇبۇل قىلىنىپتۇ. تۆت يىل ئوقۇپ ئوتتۇرا تېخنىكوم دېپلومىغا ئېرىشىپتۇ. « مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە كەنت خىزمىتىنى ئىشلەپتۇ. 1978-يىلى باي ناھىيلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ياقئېرىق تەتقىقات پونكىتىغا قۇبۇل قىلىنىپتۇ. 1982-يىلى ياقئېرىق دېھقانچىلىق مەيدان رەھبەرلىرى ھۇشۇر موللەكنى ئۆزىمىز ئىشلىتىمىز دەپ، قايتۇرۇپ ئەكلىپ كەنت خىزمىتىگە مەسئول قىلىپ ئىشلىتىپتۇ. بۇ جەرياندا ھۇشۇر موللەك ئىزچىل چەت، جاپالىق، خىزمىتى ئارقىدا قالغان كەنتلەرگە يۆتكىلىپ ئىشلەپ كۆپ قېتىم خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باھالىىنىپ مۇكاپاتلىنىپتۇ. ھوشور موللەك ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىقتىساس ئىگىللىرى ئىنتايىن كەم شارائىتتا 1-سەپ يېزا خىزمىتىدىن شۇنچە جاپالىق ئىشلىگەن بولسىمۇ ئەمما دۆلەت شىتاتىدىكى كادىرلىق سالاھىيتىگە ئېرىشەلمەي كەپتۇ. 

       ئەينى يىللىرى ھەر قېتىم ئالماشقان رەھبەرلەر ئۇنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان قوش تىللىق كادىر ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا كادىرلىق كۆرسەتكۈچ ھەل قىلىپ بىرىش ھەققىدە دوكلات سۇنۇپتۇ- يۇ، ھەر قېتىم ھەل بولغان كادىرلىق كۆرسەتكۈچنى ھوشۇر موللەككە ئەمەس بەلكى باشقىلارغا بىرىپتۇ. ھەتتا بۇ جەرياندا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومىدىنمۇ ئايرىلىپ قاپتۇ. ئىچى قان-ياش زەرداپقا تولغان ھوشۇر موللەك كادىرلىق شىتاتىنى 20 يىل كۈتۈپ ئېرىشەلمەي، ئاچچىق يۈتۈپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. رەھبەرلىك ئۇنىڭغا ئېتىبار قىلىپ، دېھقان- ئىشچىلىق كۆرسەتكۈچىنى بېرىپ، شۇ بۇيىچە 1998 –يىلى ئىچكى جەھەتتتىن مۇددەتتىن بۇرۇن پىنسيگە چىقىرىپ، پىنسىيە يېشى توشقاندا رەسمىيەت بىجىرىشنى قارار قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھوشۇر موللەك 1998 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئېيىغا 295 يۈەن 50 پۇڭ مائاش ئېلىپ كىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا نە تېرىلغۇ يەر ياكى باشقا تاپاۋەت بولمىغاچقا بۇنچىلىك پۇل بىلەن ئائىلىسىنى قامداشقا ئامالسىز قاپتۇ. ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئايالىنى داۋالىتالماي ، ئايالى ۋاقىتسىز قازا قىپتۇ. باللىرىنى بولسا يۇقىرلاپ ئوقۇتالمىغاچقا بىرەر مۇقىم خىزمەتكىمۇ ئورۇنلاشتۇرالماپتۇ.

       تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، 2008-يىلى ھوشۇر موللەك ئاكىنىڭ پىنسىيە يېشى توشقان بولسىمۇ ئەمما مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئۇنىڭ پىنسىيە رەسمىيتىنى بىجىرىپ بەرمەپتۇ. سەۋەبى ئۇنىڭ ئارخىپىدىكى يېشى نىمىشقىدۇر ئەسىلدىكىدىن كۆپ كىچىكلەپ « 1944- يىلى تۇغۇلغان » دىگەن يىل سانى « 1959 –يىلى تۇغۇلغان » دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ. ھوشۇر موللەكنىڭ دىيىشىچە ، ئارخىپ باشقۇردىغان  خادىم ئىلگىرى مەلۇم بىر شەخسى ئىش تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن ئازارلىشىپ قالغاچقا قەستەن ئۇنىڭ ئارخىپتىكى تۇغۇلغان ۋاقتىنى كەينىگە سۈرىۋەتكەن بۇلۇشى مۈمكىن ئىكەن. ھوشۇر موللەك بۇ ھەقتە بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە كۆپ قېتىم ئىلتىماس يازغان،ھال ئېيتقان بولسىمۇ،قىلچە ئۈنۈمى بولماپتۇ.ناھىيىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە سۇنغان ئەرزىمۇ جاۋاپسىز قاپتۇ.

     مەن شۇ كىشىنىڭ ھەم چوڭ ئوغلىنىڭ نوپۇسى،كىملىگىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئېيتىۋىدىم،ھايال قىلمايلا يەتكۈزۈپ بەردى. دەرۋەقە ھوشۇر موللەكنىڭ نوپۇسى ھەم كىملىگىدە «1944-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان»دەپ يېزىلىپتۇ. چوڭ ئوغلى قۇربان ھوشۇرنىڭ نوپۇسى ھەم كىملىگىدە بولسا«1965-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان»دەپ ئېنىق يېزىلىپتۇ. 

      مۇبادا ھوشۇر موللەك ئاكىنى ھازىرقى ئارخىپ يېشى بۇيىچە 1959-يىلى تۇغۇلغان دەپ قاراپ شۇ بۇيىچە ھىساپلىغاندىمۇ بۇ كىشى ئالتە يېشىدا پەرزەنت كۆرگەن بولىدۇ . چۈنكى ھوشۇر موللەكنىڭ چوڭ ئوغلى قۇربان ھوشۇر 1965-يىلى تۇغۇلغان. بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپلا 6ياشقا كىرگەندە پەرزەنت كۆرەلىشى مۈمكىنمۇ؟ بۇ ئەقىلگە سىغامدۇ؟ بۇنى قانداق چۈشەندۈرگۈلۈك ئەمدى؟

     مەن ئاچچىق خىياللارنى سۈرگەچ غەرپكە باش قويغان ئاداققى قۇياش نۇرىغا تىكىلگىنىمچە چوڭقۇر خىياللارغا پاتتىم.
     ـــ ھوشۇركا، ھەي ھوشۇركا، شۇ تاپتا سىزنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىڭىزگە ھىچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى دۆلىتىمىز جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ باي ناھىيىسى سىزگە ئوخشاش كان-مېتاللورگىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئىقتىساس ئىگىسىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان ئىش نەدە بولسۇن دەيسىز؟ ئەمما كۆزلىرىڭىزدىن ئاققان ئاچچىق ياشلار ھەم نامراتلىق يېغىپ تۇرغان ئوزايىڭىزغا قاراپ سىزنىڭ ئايدا 295يۈەن مائاش ئالىدىغان ئەڭ يوقسۇل زىيالى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنمەسلىككە ئامال تاپالمىدىم ھەم سىزنىڭ ئەشۇنچىلىك ئازغىنا مائاشىڭىزنى كۆچىلاردىكى مايلامچى ئەمەس، بەلكى تىلەمچىلەرنىڭ كىرىمىگىمۇ تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتىن نومۇس قىلماقتىمەن .

        -ھوشۇركا، ھەي ھوشۇركا.سىز مۇشۇ تۇپراقنىڭ ھالال بالىسى ـــ مۇشۇ تۇپراقتا يېتىشتۈرگەن تۇنجى ئەۋلاد زىيالى ئىدىڭىز .  شۇنىڭغا يارىشا سىز مۇشۇ تۇپراققا بىر ئۆمۈر تەر تۆكتىڭىز. ئەمما سىز مۇشۇ تۇپراققا  سىزچىلىك ئەجىر  سىڭدۈرمىگەن كىشىلەرچىلىك ئىززەت-ئېكرامغا، ماددى نىمەتكە ئېرىشەلمىدىڭىز. سىز ئۆزىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ  تىلغا ئالغان  ياڭ xx ھاكىمنى مەنمۇ تونۇيمەن. ئۇ ئەسلىدىن سېپى ئۈزىدىن قارا دېھقان ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ دېھقانلىق سالاھيىتىدىن كادىرلىق سالاھيىتىگە ئۆزگۈرۈپ، رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىشىغا بەلكىم ئويغۇر تىلىنى راۋان سۆزلەيدىغانلىقى سەۋەب بولسا كېرەك. ئەمما سىزچۇ؟ سىزمۇ خەنزۇتىلىنى راۋان سۆزلەيتىڭىز ئەمەسمۇ؟ تېخى سىزنىڭ تەركىبىڭىز دېھقان ئەمەس، زىيالى تۇرسا؟ شۇنداق تۇرۇپ نىمىدەپ ھاكىملىق ئەمەس ، ئاددى كادىرلىق سالاھيىتىگىمۇ ئېرىشەلمىدىڭىز؟

      -ھوشۇر ئاكا، ئەي ھوشۇر ئاكا. گېپىڭىزنى ئاڭلاپ مۇنداق بىر ئىش ئېسىمدىن كېچىپ قالدى : كىچىك ۋاختىمىزدا قوشنا كەنىتتىكى ۋۇ فامىلىلىك بىر خەنزۇ  يولداش كەينىگە بىر ئەسكى خالتا ۋە تارازا قىستۇرىۋالغان  كونا ۋېلىسپىتىنى مىنىۋېلىپ ، ئۆيمۇئۆي قاتراپ، توۋلاپ  يۈرۈپ كىپەك يىغاتتى. دادامدىن سورىسام ئۇ خەنزۇ يولداش چوشقا باقاتتىكەن .  نەچچە يىل ئاۋال ۋۇ فامىلىلىك بۇ خەنزۇ يولداشنى تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئۇ ھازىر مەن تۇرىۋاتقان شەھەردە خىېلى كاتتا ئەمەلداركەن. 


   نەچچە يىل ئاۋال  سابىق تۅرلۅك ماللار شىركىتىگە قاراشلىق حەلققە پايدىلىق سوداسارىيىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا كىچىككىنە يايما ئچىپ سائەت رمنوت قىلىدىغان بىر ئۇستامنىڭ بىر يېزىلىق پارتكومغا شۇجى بولعانلىقىنى ئاڭلىدىم؛  يەنە ئەينى يىللىرى يىمەكلىكلەر شىركىتىنىڭ سودا دۇكانلىرىغا سوپەك بىلەن ئاچچىقسۇ توشۇيدىغان ، بەش ئەزاسى بېجىرىم ئەمەس بىر يولداشنىڭ مەلۇم بىر ناھىيەگە ھاكىم بولغانلىقىنىمۇ  ئاڭلىدىم.

    خەنزۇلارنىڭ چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن شۇنچە يىراقتتىكى يۇرتىنى، ئاتا-ئانا ، ئۇرۇغ تۇغقانلىرىنى تاشلاپ  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ يىلتىز تارىتمىقى ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس.بۇ كىشىدىن پەۋقۇلئاددە زور چىدام ۋە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى تاشا يۇرتقا بېرىپ مۇساپىر بولۇپ باققانلار بىلىدۇ.شۇڭا، ئەشۇنداق بەدەل تۆلىگەن ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى،ئۆرىپ-ئادەتلىرىنى چۈشىنىدىغان، بىلىدىغان خەنزۇ يولداشلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلەتسە تامامەن بولىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئەسلى سالاھىيىتى، چىراي-تۇرقى،كىيىنىشى  ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىمۇ ئويلىشىپ ئىش كۆرمىگەندە ئامما ئىچىدە سۆز-چۆچەك پەيدا بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا نۇخسان يېتىپ قېلىشى مۇمكىن.ئۇنداقلارنىڭ تۆھپىسىگە تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇشتا   ئەمەلدىن باشقىمۇ جاۋاپ قايتۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ بېقىشنىمۇ چەتكە قاقماسلىق كېرەك ئىدى.  
  

   مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك نۇقتىسىدىن شۇنى ئالاھىدە تەكىتلىمەي بولمايدۇكى، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشكە يالغۇز ئىچكىرىدىن چىققان خەنزۇلارلا تۆھپە قوشقان ئەمەس.ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ چېگرا رايوننى ساقلاش،قوغداش، گۈللەندۈرۈشتە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگىمۇ كۆز يۇمۇۋالماسلىق كېرەك . ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ياردەمگە كەلگەن خەنزۇلار بىلەن ئوخشاشلا تۆھپىسى بار.بۇ جەھەتتە جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىمۇ  ئېنىق قانۇنىي ماددىلار بويىچە چۈشەنچە بېرىلگەن. شۇڭا، يەرلىكتىن يتىشىپ چىققان ئىقتىساس ئىگىلىرىگىمۇ كۉڭۅل بۉلۅش، ئۇلارنىڭ ئۉز رولىنى جارىي قىلدۇرىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ؛ ئۇلار ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنىمۇ ھەل قىلىپ بېرىش لازىم.

     مەن شۇ خىياللارنى سۈرۋاتقاندا كەنتتىكى رادئۇ كارنايلىرى زۇۋانغا كىرىپ، جايلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىك ھەققىدە خەۋەر بېرىشكە باشلىدى. ئويلاپ قالدىم 6 ياشلىق بىر بالنىڭ پەرزەنت كۆرىشى ئىلمىي تەرەققىياتقا ئويغۇن ئىشمىدۇ؟ مۇبادا ئويغۇن بولمىسا مۇشۇنداق بىمەنلىك نەدىن كەلدى؟ ئۇ نىمەدەپ تۈزەلمەيدۇ؟ مەن بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت بىناسىنىڭ ئۆگىزىسىگە قادالغان، قىپقىزىل بايراقنىڭ لەرزان جەۋلان قىلۋاتقان ھالىتىگە قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم.

   شۇئان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا مەلۇم خەنزۇچە ژورنالدىن تەرجىمە قىلىپ « ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان بەش ياشلىق كادىر ھەققىدىكى ماقالە ئىسىمدىن كەچتى. ماقالىدە يېزىلىشچەم ئىچكى ئۆلكنىڭ مەلۇم ناھيىسىدىكى ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەنسىپىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن بالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالماسلىقتىن ئەنسىرەپ، 5 ياشلىق بالىسىنى رەسمى دۆلەت شىتاتىغا كىرگۈزۈپ، مائاش تەمىناتتىن بەھىرمان قىلغان.

     مەيلى 5 ياشلىق كادىر بولسۇن مەيلى 6 يېشىدا پەرزەنت كۆرگەن دېھقان ئىشلەمچى بولسۇن ھەر ئىككىلىسىنلا نورمال تەپەككۈرگە ئېگە ئادەملەر قۇبۇل قىلالمايدىغان، ئولۇغ، توغرا، شەرەپلىك جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈردىغان نومۇسلۇق ئىش دىمەسلىككە ھىچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس. مۇبادا بىرەر ئاقىلدار 6 يېشىدا ئوغۇل تاپقان مەرھۇم ھۇشۇر موللەك ئاكىنى دۇنيا جىننىس رىكورتىنى باھالاش ھەيئىتىگە يوللىسا چۇقۇم، دۇنيانى تاڭ قالدۇرغۇدەك خەۋەرگە ئايلىنىشى مۈمكىن ئىدى.. 

   ئەلۋىدا ، ھوشۇر ئاكا! سىز شۇچاغدا مەن ئۆي سېلىۋاتقان جاينىڭ ئەتراپىنى نەچچە رەت ئايلىنىپ ، مىڭ بىر تەستە بىر قارارغا كېلىپ قېشىمغا كېلىپ تونۇشلۇق بەرگەنلىكىڭىزنى دېگەنىدىڭىز ؛ مېنى بىر يازغۇچى بىلىپ، چوڭ كۆرۈپ ، ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇغان مۇخبىر كۆرۈپ ، ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى ۋە دەردىڭىزنى ماڭا تۆكۈپ ، ئۇنى مېنىڭ ھەل قىلىپ بېرىشكە ياردەم بېرىشىمنىمۇ  تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنگەنىدىڭىز. مەن شۇ چاغدا سىزنىڭ مەسىلىڭىزنى ئىلتىماس شەكلىدە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قىلىپ  يېزىپ بىر نۇسخىسىنى كۆپەيتىپ بېسىپ،ئىنىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ،  ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئەۋەتكەنىدىم.يەنە بىر نۇسخىسىنى ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىپ،ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ خەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەندىن سىرىت ئاخبارات ئورۇنلىرىغىمۇ ئەۋەتكەنىدىم.ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ خاتىرجەم بولالماي 2009-يىلدىكى تومۇز ۋەقەسىدىن بۇرۇن ۋە 2010-يىلى تور قايتا ئېچىلغاندىن كېيىن « 6 يېشىدا پەرزەنىت كۆرگەن بىر پىشقەدەم زىيالىينىڭ ئاھۇ-زارى» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىگە ئەينەن ئەھۋاللارنى يېزىپ يوللىغانىدىم.

   -   ھوشۇر ئاكا،  سىز مەندىن قانچە ئۈمىت كۈتكەن بولسىڭىز مەنمۇ ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ، ئاخبارات ئورۇنلىرىڭ ھەتتا خەلقئارا ئېنتېرنېت تورىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتتۈم؛سىز مەندىن قانچە ئۈمىتسىزلەنگەن بولسىڭىز مەنمۇ يۇقۇرقى ئورۇنلاردىن شۇنچە ئۈمىتسىزلەندىم.

- ئەمما، ھوشۇر ئاكا ، ئاخىردا يەنىلا سىزنى ئۈمىتسىز قويدۇم.

   -ئەلۋىدا، ھوشۇر ئاكا. سىزنى ئۈمىتسىز قويدۇم.ھەتتا ھاياتلىقىڭىزدا ئالدىڭىزدا دەرقەم تۇرۇپ كەچۈرۈم سوراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم.چۈنكى، شۇ چاغدا سىزگە نېمە دېيىشىمنى مەن راستىنلا بىلمەيىتتىم...
 
      -ئەلۋىدا ، ھوشۇر ئاكا.بۇ دۇنيانىڭ زۇلۇملىرىدىن قورۇلۇپ ۋىجىكلەپ كەتكەن بەستىڭىزنىڭ ئۇ دۇنيانىڭ جەننىتىدە يايرىشىنى؛ بۇ دۇنيانىڭ تەڭسىزلىكىدە پۇچىلانغان يۈرىكىڭىزنىڭ ئۇ دۇنيادا ئەركىن سۇقىشىنى تىلەيمەن.خوش يېتىڭ، ئاكا...
 
      2009 -يىلى 18-ئىيۇن  ياقئېرىقتا يېزىلىپ ، 2013-يىلى 19-يانۋار كېچە سائەت 3 دە ياقېرىقتا تولۇقلاندى.    

0

تېما

0

دوست

921

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10435
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 210
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 15:09:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچ بولمىسا دەردىمىزنى تۆكىۋالدىغان ئىنتىرنىت تورى باركەن. ھەر بىر ئائىلگە كومپىيۇتىر ئومۇملاشتۇرۇش يولدا يول ئاچقان بىل گايتىسقا رەخمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە بوزقىردەك مۇشۇنداق دەردىمىزنى ھەقىقى چۈشنىدىغانلارغمۇ چىن كۆڭلىمىزدىن رەخمىتىمىزنى بىلدۈرمىز.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

13

تېما

0

دوست

2265

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4795
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 472
تۆھپە : 384
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 15:28:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز بوزقىر ئەپەندى. ئاخباراتچىلىق كەسپىنى ھەقىقى ئۆگەنگۈچىنىڭ  ئاخبارات مۇلاھىزىسى مۇشۇنداق بولىدۇ. ھۆكۈمەت فۇنكىتسىيىسىنىڭ ئىش بىجىرىش ئۇسۇلى مىللىتىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى ئادەمگە قاراپ بولۇشى كېرەك.

  مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان ئاپامنى داۋالىنىش ۋاقتى بولغان ئون كۈن توشتى دەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. ئەسلىدە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كىنىشكىسى ئىشلىتىدىغانلارنى كۈن ساناپ داۋالايدىكەن ئەمەسمۇ! جەمىيىتىمىزدە مۇشۇنداق كۈن ساناپ كېسەل داۋالايدىغان دۇنيادا يوق بىمەنىلىكنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا كىشىنىڭ قاتتىق زەردىسى قاينايدۇ. باي ناھىيىسىدە نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغىلا مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ، ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى نۇرغۇن كېسەللەرنى ئۈسكىنىمىز يوق دەپ دەپلا خەلق دوختۇرخانىسىغا ھەيدەيدىكەن. ئەمما خەلق دوختۇرخانىسىدا كارۋات يىتىشمەي، بىمارلار ئۆزلىرى كارۋات ئىزدەپ يۈرۈيدىكەن. ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى يېڭىدىن بىنا سېلىۋېتىپتۇ دىيىشىدۇ. ئەمما 200 مىڭدىن كەم ئەمەس نوپۇسى بار بىر ناھىيىنىڭ بىمارلىرىنىڭ بىرلا دوختۇرخانىغا ھەيدىلىشى ھەم ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئاددىسى رېنتىگىندا تەكشۈرۈشنىمۇ خەلق دوختۇرخانىسىغا ئىتتىرىپ قۇيۇپ، دوختۇرخانىلار ئارا مۇلازىمەت ھەم رىقابەتتە چەتكە چىقىۋېلىشى ياكى چىقىرىۋېتىلىشى دۆلەتنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن ياخشى داۋالىنىش مۇھىتى-شارائىتى يارىتىپ بىرىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن ئەمەستۇر.

2

تېما

0

دوست

1345

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5978
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 271
تۆھپە : 233
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 16:23:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشىگە شۇنچە يىل ئىچىدە  ھىچكىمنىڭ ياردەم قولىنى سۇنماسلىغى باي ناھىيە ياقا ئېرىق بازىرىدىكى  كىشىلەر  ئۆزىنى ئاقلاپمۇ  ئاقلاپ بولالمايدىغان ، شۇ يەردىكى دەۋر سۈرۈپ ئۆتكەن ھۆكۈمرانلارنىڭ   بىرىنىڭمۇ دۇرۇس ئادەم  ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلايدىغان ئېچىنىشلىق پاكىت بولۇپ قالغۇدەك .

6

تېما

0

دوست

1166

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12413
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 252
تۆھپە : 177
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 16:33:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇنى كۆرۈپ ھۇشۇر ئىسلام تۈگەپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن تېخى
دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلدىڭ ؟!شۇنى ئۇنۇتمىساڭ بولغىنى!

7

تېما

0

دوست

2617

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10671
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 498
تۆھپە : 473
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 17:13:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلەكنىڭ تەتۈرلىكىدىن يۈرىكى لەختە بولغان مىڭلىغان كىشىلىرىمىزنىڭ بىر مىسالىكەن.شۇ يىللاردىكى ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئىھتىياج شۇنچە كۈچلۇك شارائىتتا ئۇ رەخمەتلىككە تەقدىرنىڭ ئوڭ كۆزى بىلەن قارىمىغىنىنى......

8

تېما

2

دوست

2043

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8497
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 450
تۆھپە : 319
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 17:15:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىك يېزىلىپتۇ ، ئۇنتۇما دۇنيا ، ھالال ئىنسانلىرىڭنى ئۇنتۇما...

11

تېما

0

دوست

8896

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2023
تۆھپە : 1345
توردىكى ۋاقتى: 339
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 17:23:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ھەيران قالىدىغان ئىشلار قەدەمدە بىر ئۇچىرايدىغان بولۇپ كەتتىغۇ ھازىر.

0

تېما

0

دوست

1183

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13658
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 210
تۆھپە : 209
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 17:32:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
NIMA DIYEX NI BIL MIDEM             

2

تېما

0

دوست

8556

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 1519
توردىكى ۋاقتى: 586
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 17:39:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ناھەقچىلىك مىنىڭ دادامنىڭ بىشىغىمۇ كەلگەن، ئامال يوق ئىشلاركەن بۇ،

بۇنىڭدىكى مەسىلىنى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان كىشىنىڭ يىقىنلىرى، خىزمەتداشلىرى، تونوشلىرى بىلىپ- بىلمەي سادىر قىلىپ قويىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )