- تىزىملاتقان
- 2012-7-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-9
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 10519
- نادىر
- 0
- يازما
- 1054
ئۆسۈش
100%
|
مېنىڭ دەردىم
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى karmuzدە2013-01-20 22:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مومكىن بولسا سىزمۇ ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىز.بۇ ئاتالغۇ توغرىسىدا بىرى تارخى ماتىرياللارعا تاينىشقا،ئىككىنجىسى شۇ يۇرۇتتا ياشاپ كەلگەن بىشقەدەملەرگە(خەلق ئىچىدىكى تارىخچى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىغا)،ئۈچۈنجىسى سۆزلەرنىڭ گىراماتكىلىق ئۆزگىرىشىگە،ئاخىردا بولسا لوغەتكە مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەقلى -ئىقتىدارى جايىدا، ئىلىم -مەرىپەتتە ئىزلىنىشچان بىر ياشانغان يۇرت ئاقساقىلىنىڭ <<لاۋا>> ھەققىدە بەرگەن دەسلەپكى مەلۇماتىدا مۇنداق دىيىلىدۇ.....
بۇ سۆز ئوت-يالقۇن مەنىسىدىكى ئۇيغۇرچە<<لاۋا>>بولماستىن بەلكى-<<يېڭىھىسار>>نىڭ يەنىمۇ بىر قەدىمى ئاتالغۇسى بۇلۇپ بۇ ئىسىمنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان دەسلەپكى دەۋىرلىرىدىكى رىۋايەتلەردىن ھىس قىلىش مۇمكىن....
<<لاۋا>><<لەۋھە>>گە ئاھاڭداش= ئەرەپچە بايراق-تۇغ مەناسى بىلەن كەلگەن سۆز بولۇپ بۇغراخانلار دەۋرىدىكى ئىسلام ئاچقۇچى غازىلار بۇ يەرگە كەلگەندە بۇ تېرتۇرىيەدە تۇنجى ئىسلام بايرىقىنى لاپىلدەتكەن......ھەم ھاكىميەت ئىدارە قىلغان.
شۇندىن باشلاپ بۇ ئورۇن مەرگەز بولۇپ <<لاۋا>> دەپ ئاتالغان،ھازىرقى <<لاۋا>>ئاھالىلار كومىتىتى ئەشۇ قەدىمىلىكنىڭ ھايات شاھىدلىرى-دەپ خەۋەر بەرمەكتە..........
گەرچە بۇ ئاتالغۇ ئىشەنچىلىك بىر تارىخى يىل-نامىنى كۆرسىتىپ ئىشەنچىلك دەرجىسىنى ئاشۇرۇشقا ئىمكان قىلالمىغان بولسىمۇ بۇ ئىسىم ھەققىدە شۈنچىلىك چۈشەنچە بېرەلىگەنلىگىگە ئاپىرىن ئېيتىتىم.
ناۋادا تېخىمۇ ئىشەنچىلىك <<لاۋا>>ھەققىدە قەدىمى تارىخ ماتتىرياللارغا ئېرىشىنى لايىق كۆرسىڭىز ئىمكانىيەت بولسا 1950-يىللىرى يېڭسارنىڭ دىنى كامالى دەپ قارالغان مەرھۇم مەسۇم داموللامنىڭ ئوغلى -ئابلەز مەسۇم(ھازىر مائارىپ ئىدارىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان )بىلەن ئالاقە قىلىپ ھال-مۇڭ بولۇشساق تېخىمۇ توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولالىشىمىز مۇمكىن.......... |
|