قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1359|ئىنكاس: 12

يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ قىسقىچە  تارىخىغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كىشىلىك ھايات ئا

2

تېما

1

دوست

824

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12075
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 148
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 19:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ قىسقىچە  تارىخىغا نەزەر
قارمۇز
مۇقەددىمە ئورنىدا
[align=justify]   2007-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ،ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن ئىش ئورنۇمغا،ئىش ئورنۇمدىن ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا مېڭىش جەريانىدا بۇ جايدىن كۈنىگە تۆت قېتىم ئۆتەتتىم.ھەر قېتىم ئۆتكىنىمدە كوچا ئاپتۇۋوز بىكىتى كۆرسەتكۈچ تاختىيدىكى «16-يول ،ئەسكى ھىسار» ۋە ئۇنىڭ يىنىدىكى ساياھەت كۆرسەتكۈچ تاختىيدىكى « ئەسكى ھىسار قەدىمىي شەھەرچىسى» دىگەن خەتلەرگە كۆزۈم چۈشۈپ  قالاتتى.
   ئارىدىن بىر يېرىم يىل  ئۆتكەندىن كىيىن، ئوقۇشۇمنى كۈتۈپ تۇرغان  «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»①دىگەن كىتابنى كۆرىۋىتىپ،مۇنۇ قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى.
  «(1) ئەسكى ھىسار ــ قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قىزىل دەرياسى بويىدا قارخانىلارنىڭ (ھىسار) دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەلئە شەھىرى بولغان.رىۋايەتلەرگە قارىغاندا،بۇ يەردە خان ئەۋلادلىرى ۋە قوغدىغۇچى قوشۇنلار تۇرغانىكەن. ئەسىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە سۇ ئاپىتىدە بۇ يەر خاراب بولغان.قەشقەر خەلقى ھازىرغىچە «ئەسكى ھىسار» نىڭ قەدىمكى ئورنىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرنى قوشۇپ‹ئەسكىسا›دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.
  (2) يېڭى ھىسارــ رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ‹ئەسكى ھىسار›(قەدىمكى قەلئە) خاراب بولغاندىن كىيىن،خوتەن يولىدا مۇنتىزىم ‹يېڭى ھىسار›(يېڭى قەلئە) قۇرۇلۇپ،بۇ يەرگە‹ئەسكى ھىسار› خەلقى كۆچۈرۈلگەنكەن.قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھازىرقى يېڭىسار خەلقى،ئېتنىك ئالامەتلەردىن قارىغاندا ئۇلار  قارىخانىلارنىڭ تايانچ قوشۇنى خان ئەۋلادى ئىكەنلىكى ئېنىقلانماقتا.».
  يۇقۇردىكى بايانلار  كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن،مېنى 17 يېشىمغىچە بېقىپ،تەربىلەپ قاتارغا قوشقان،17 يېشىمدىن كىيىن ئايرىلغان ئانا يۇرتۇم ۋە ئۇنىڭ تارىخىغا قارتا قىزىقىش،ئىنتىلىش پەيدا قىلدى.شۇنىڭ بىلەن كىتابخانىلاردىن ئىزدەپ،بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىرەك يېزىلغان ماتىريال تاپالمىدىم.ئاخىرى يېڭىسار ناھىيىلىك كۈتۈپخانىغا بېرىپ ،بۇ توغۇرلۇق بەزىبىر ماتىرياللارغا ئىرىشتىم.شۇ ماتىرياللار ئاساسىدا بۇ ماتىريالنى كۆچۈرۈپ،رەتلەپ چىقتىم.
  مەخسىدىم شۇكى،كىتابخانا ياكى كۈتۈپخانىغا كىرىشكە ۋاقتى چىقمىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ماتىريال ئارقىلىق يېڭىسار ۋە يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ تارىخىدىن ئاز-تولا ۋاقىپ بولالىسا ئارمانىم شۇدۇر.
  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇڭگۇ خەلق سىىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭىسار ناھىيىلىك كومىتىتى ۋە يېڭىسار تارىخىنى يېزىشقا قەلەم تەۋرەتكەن ھەمدە قىممەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىگەن يولداشلارغا ئالى ئېھتىرام بىلدۇرىمەن!

ئىزاھات:
  ①ئاپتورى:ئابدۇكېرىم راخمان،رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا،شېرىپ خۇشتار.شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 2008-يىلى 4-ئاي2- نەشىرى،2008-يىلى 4-ئاي1- بېسىلىشى ،217-بەت.

[align=justify]                                     1.يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى [align=justify]    «يېڭىسار ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي جەنۇبى تەرىپىگە،يەنى كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىيئىتىكىگە،تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،تارىختىكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنى.
   جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقى مىردىئان′48°75دىن′52°77بىلەن،شىمالى پاراللىل′26°38 دىن ′03°39 قا توغرا كىلىدۇ.ناھىيە مەركىزىدىن ئۇرۈمچى شەھرىگە بولغان تۈز سىزىق ئارلىقى 1090 كىلومىتىر،(قەشقەر شەھرىگە بولغان تۈز سىزىق ئارلىقى 60 كىلومىتىر) كېلىدۇ.
   ھازىر يېڭىسارنىڭ غاربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇپ تەرپى ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن،شەرقىي شىمال تەرپى يېڭىشەھەر ناھىيىسى ۋە يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.شەرقى قىسمى قۇملۇق ۋە چۆل-جەزىرە بولۇپ،يەكەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
   شىمالدىن جەنۇپقىچە كەڭلىكى 70 كىلومىتىر،شەرىقتىن غەرىبكىچە ئۇزۇنلىقى 110 كىلومىتىر،ئومۇمىىي كۆلىمى 4019 كۇۋادىرات كىلومىتىر،تەخمىنەن 5 مىليون 850مىڭ مودىن ئارتۇق بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 363مىڭ 500 مو.دېھقانچىلىق،ئورمانچىلىق،چارۋىچىلىقتا پايدىلىنىۋاتقان يەر كۆلىمى ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 4 دىن بىر قىسمىنى ئىگەللەيدۇ.
   يېڭىسارنىڭ دائىرسىدە كۈسەن دەرياسى ۋە ئىگىزيەر دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى دەريا بولۇپ،يەر تۈزۈلىشى مۇشۇ ئىككى دەريا چۆكمىلىرىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك.
   ئەگۈس يېزىسىدىن باشلاپ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 70 كىلومىتىر كېلىدىغان يەرلىك خەلق ‹قاراق›دەپ ئاتايدىغان (كىچىك تاغ دۆۋىلىرى) ناھىيىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى غەرىپتىن شەرىققە قاراپ توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ،پۈتۈن ناھىيىنى جەنۇپ ۋە شىمال دەپ ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ.غەربى جەنۇپتىن شەرقىي شىمالغىچە قىيپاش يانتۇ بولۇپ،شەرىقتىن غەرىپكىچە تار ئۇزۇنچاق،غەربىي جەنۇبىي ئىگىز،شەرقى شىمالى پەس،دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1212 مىتىردىن 1931مىتىر ئارلىقىدا.تۇپراق قاتلىمى چوڭقۇر،قېلىن،ئەت تۇپراق بىلەن قۇمسىمان ئەت تۇپراق ۋە شور،زەي تۇپراقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   كۈسەن دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 114 كىلومىتىر،ئوتتۇرىچە ئېقىمى 632مىليون كۇپ ئەتراپىدا بولۇپ،يېڭىسار ناھىيىسىگە ئايرىلغان يىللىق ئېقىن سۇ مىقدارى 294مىليون كۇپ.ئىگىز يەر دەرياسىنىڭ سۇ ئېقىنى 71مىليون كۇپ.ئۇندىن باشقا ئەگۈس،ئوچار،سۆگەت،لومپا قاتارلىق يېزىلارنىڭ بۇلاق سۈيى مىقدارىمۇ مەلۇم دەرىجىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    ناھىيىنىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق،يىللىق تىمپىۇراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرشى ئاز، كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى چوڭ،ھۆل يىغىن مىقدارى ئاز، پارغا ئايلىنىش نىسبىتى كۆپ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن. ناھىينىڭ يىللىق ئوتتۇرچە تىمپۇراتۇرىسى 10.5دىن11.4گىچە.ئەڭ يۇقىرى تىمپۇراتۇرىسى39.36،ئەڭ تۆۋەن تىمپۇراتۇرسى نۆلدىن تۆۋەن 8دىن 18گىچە،يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى 63 مىللىمىتىر،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن قىروسىز مەزگىلى 223كۈن ئەتراپىدا. ئەتىيازدا مۆلدۈر،قۇرغاق شامال،بوران،قۇرغاقچىلىق قاتارلىق تەبئى ئاپەتلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. 
   يېڭىساردا كان مەھسۇلاتلىرىدىن كۆمۈر،مەرمەر تاش،چىرىمتال،گۇڭگۇرت،قوغۇشۇن،مىس،تۇز،ھاك،گەج،تازىلانغان شور قاتارلىقلار بولۇپ،يەنە يەر ئاستىدا مول نىفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى بار.
   بىناكارلىق بايلىقلىرىدىن چۆل جەزىرىلەردە غايەت كۆپ قۇم،تاش،شىغىل ۋە باشقا خام ئەشيار ماتىرياللىرى قاتارلىقلار بار. چۆل جەزىرىلەردە قۇمۇش،يانتاق،پىزەك،تۆگە تاپىنى،چۈچۈك بۇيا قاتارلىق يىپىنچە ئۆسۈملۈك ۋە دورا ماتىرياللىرى كۆپ ئۇچىرايدۇ.يەر يىپىنچىسى شالاڭ،تەبىئىي ئورمانلار يوق دىيەرلىك بولۇپ،سۈنئىي ئورماننى ئاساس قىلىدۇ.ناھىيە ئىچىدە ئاساسلىق سۇغۇرۇش ئۆستەڭلىرىدىن غالىبىيەت ئۆستىڭى(شاھنىياز ئۆستىڭى)،لومپا ئۆستىڭى،ساغان ئۆستىڭى،ماڭشىن ئۆستىڭى،قاتارلىق ئۆستەڭلەر بار.كەلكۈن سۇلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن،ناھىيىمىزدە ساغان سۇ ئامبىرى،ئاققىر سۇ ئامبىرى،كەڭساي سۇ ئامبىرى،لەڭگەر سۇ ئامبىرى،قوغاش سۇ ئامبىرى قاتارلىق سۇ ئامبارلىرى بولۇپ،دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى يۇقارقى ئۆستەڭ ياكى سۇ ئامبارلىرى ئارقىلىق سۇغۇرۇلىدۇ.
    دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي،قوناق،ئارپا،تېرىق،كىۋەز،قوغۇن،تاۋۇز،سەي-كۆكتات تېرىلىدۇ.مېۋە-چىۋىلەردىن ئۈرۈك،شاپتۇل،ئۈزۈم،توغاچ،قارا ئۈرۈك،بادام،ياڭاق،ئانار،چىلان قاتارلىق 15 خىل مېۋە تۇرلىرى بار.
   ناھىيىنىڭ شەرقى قىسمىدا ‹بۇغرا قۇم›،‹توغرا قۇم› دەيدىغان پايانسىز قۇملۇق بولۇپ،تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتشىدۇ.يېڭىسار ناھىيىسى دېڭىز ئوكيانلاردىن يىراق بولغاچقا ھۆل يىغىن ئاز ياغىدۇ.ھاۋاسى قۇرغاق،سۇ مەنبەسى ئاز. بۇ خىل كىلىمات ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسىز ئامىل بولۇپ ھىساپلىنىدۇ》①.

ئىزاھات:
   ①جوڭگۇ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭىسار ناھىيىلىك كومىتىتى تۈزگەن،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 2010-يىلى 5-ئايدا  نەشىر قىلغان 《يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى》(5-توپلام) دىگەن كىتابنىڭ 7-9 –بەتلىرىدىن ئېلىندى.

[align=justify]2.《يېڭىسار》دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىش،يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ قەدىمقى نامىلىرى ۋە يېڭىساردىكى قەدىمقى بەگلىكلەر ئورنى توغرىسىدىكى تارىخى قاراشلار
  《يېڭىسار ناھىيىسى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر.ئۇ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 206-يىلىدىن 24-يىلىغىچە) جوڭگۇنىڭ تارىخ كىتاپلىرىدا خاتىرلەنگەن غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولغان يىنەي دۆلىتى دەپ ئاتالغان بولۇپ،1996-يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىنىڭ ‹ غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىك› دىگەن تەرجىمە ماقالىسىدە يېڭىسارنىڭ شۇ دەۋرلەردىكى نامىنى ‹ئوسسار بەگلىكى›دەپ ئاتىغان.بۇ بەگلىك دۆلەتنىڭ شۇ مەزگىلىدىكى ئورنى ـــ ھازىرقى تەكلىماكان چۆلىگە يانداش ‹ئوردام مازىرى› ئورنىدا بولۇپ،كىشىلەر بۇ بەگلىك جايلاشقان شەھەرنى ‹ئودىسىيار شەھىرى›دەپ ئاتاشقان.مۇشۇ مەلۇماتتىن قارىغاندا يېڭىسار 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.ھازىر بىز يېڭىسار دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان شەھەرمۇ 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە مەشھۇر شەھەر.
   يېڭىسار ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
 قارخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغۇچى (قارخانىيلار سۇلالىسى 850-يىلىدىن 1212-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ نەۋرىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى ئىسمى ئابدۇكېرىم)مىلادىيە 955-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئوغۇللىرى ھەسەن بۇغراخان،ھۈسىيىن بۇغراخان،قىلىچ بۇغراخان ۋە نەۋرىسى يۈسۈپ قادىرخانلار ئاتىسىنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىش ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.بۇ ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى يەكەن،يېڭىسار،يېڭىشەھەر دائىرسىدە بولىدۇ.
   ھەسەن بۇغراخان تەختىتە ئوتۇرغان مەزگىلدە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلمىغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا (قەشقەر ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئۇدۇن بۇددىست ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرسىدا) ئۇزاق يىل قانلىق توقۇنۇش بولۇپ،دەھشەتلىك ئۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
  مىلادىيە980-يىلى ئىككى قوشۇن ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشتا ئۇدۇن (ھازىرقى خوتەن) بۇددىست قوشۇنلىرىنىڭ پادىشاھى ياغلاقالقالو(بەزى ماتېرىياللاردا خالىغان ماچىن چىكالو دەپ ئاتالغان)ئەسكەرلىرى قەدىمكى سۇلىغا قاراشلىق‹ئەسكى ھېسار›قەلئەسىنى قورشىۋىلىپ قەشقەر ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن بۇ جايدا ھايات-ماماتلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ شەھەرنى ۋەيران قىلغان.
  مىلادىيە1009ـ يىلى شۇ دەۋىردىكى قارا خانىيلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى يۈسۈپ قادىرخان غازىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن قارا خانىيلار سۇلالىسىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى بۈيۈك كارۋان يولىنىڭ جەنۇبىي يولى بىلەن ئوتتۇرا يولى تۇتىشىدىغان جاي ھېسابلانغان يەكەن بىلەن قەشقەر،ئۇدۇن بىلەن قەشقەر ئارىلىقدىكى ئىستراتېگىسىدە مۇھىم بىر جايغا قەلئە ياكى قورغان سېلىشقا كىرىشىدۇ ھەمدە ھازىرقى يېڭسار ناھىيسىنىڭ توپلۇق يېزىسغا قاراشلىق ‹مۇزلۇق› كەنتىدە يېڭىدىن بىر قورغان سالدۇرغان.كېيىن كېڭەيتىلىپ شەھەرگە ئايلانغان.بۇ شەھەرنى بىنا قىلىش ئۈچۈن قەشقەر،كۇچار شەھەرلىرىدىن داڭلىق بىناكارلىق ئۇستىلىرى، نەققاش ـ ئويمىچىلار ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ساغداقلار(ئوقچىلار)نىڭ ماسلىشىشى بىلەن بۇ شەھەرنى تۈنجى قېتىم بىنا قىلغان ۋە ئەتراپىغا ئېگىز تام (سېپىل)قوپۇرۇلغان ھەمدە بۇ شەھەرنىڭ نامىنى ‹يېڭىھىسار›دەپ ئاتىغان.‹يېڭىھىسار›دىگەن بۇ سۆز تۈرك تىلدىكى‹يېڭى قەلئە ياكى يېڭى قورغان›دېگەن مەنىلەردە بولۇپ،بۇ شەھەرنىڭ بىنا بولغانلىقىغا ئازغىنە كەم 1000يىل بولدى.يېڭىھىسار قەلئەسى شۇ دەۋىرلەردە قاراخانيىلار قوشۇنلىرىنىڭ مۇستەھكەم ھەربىي قورغىنى ۋە قاتناش بازىسلىق رول ئوينىغان.
   يېڭسار دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەرگىز تاسادىپىلا كېلىپ چىققان ياكى قويۇلغان ئەمەس، بەلكى بۈيۈك كارۋان يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان قەدىمكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 36بەگلىك دۆلەتنىڭ بىرى بولغان ئوسار بەگلىكنىڭ مەركىزىي شەھىرى قەشقەر ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن خوتەن بۇددا قوشۇنلىرى ئوتتۇرسىدا بولغان ئۇرۇشلاردا تامامەن ۋەيران بولغان ھەم ھازىرقى قەشقەر شەھرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەسكىسار شەھىرىمۇ ئۇرۇشتا ۋەيران بولغاندىن كىيىن،ھازىرقى توپلۇق يېزىسىنىڭ مۇزلۇق دىگەن يېرىدە يېڭىدىن بىنا قىلغان بۇ شەھەر ياكى قەلئەنى ـــ يېڭى قەلئە ‹يېڭىسار › دەپ ئاتىغان.يېڭىسار قەلئەسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۆتكىلىشلىرى،يېڭىسار شەھىرى (قەلئەسى)1009 –يىلى مۇزلۇقتا بىنا قىلىندى.بۇ قەلئە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كېڭىيىپ ۋە راۋاج تاپتى.ئۇ مىلادىيە 1179-يىلىغا كەلگەندە مۇزلۇقتا تۇرۇپ مۇستەككەملەندى.يېڭىدىن بىنا قىلىنغان يېڭىسار قەلئەسى(شەھىرى)نىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي بىناكارلىق سەنئىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ،شەھەرنىڭ رەستىلىرى كۆركەم،ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق جايلىرى قويۇق ۋە رەتلىك،ھېيىتكاھ،جامە،مەدرىسە،كارۋان سارايلىرى،دۇكانلاردىن تەركىپ تاپقان مۇكەممەل شەھەر بولغان.
   مېمارچىلىق ــ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل بىناكارلىق سەنئىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا،پېرىسىيە(ئىران) ۋە ئەرەپ بىناكارلىق سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ،ناھايىتى ھەشەمەتلىك بىنالار،پەشتاق-مۇنارلار خۇددى ئاسمان گۈمبىزى بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىگىز،سىرلىق گۈمبەزلەر سېلىنغان.بۇ مەزگىلدە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى يۈسۈپ قادىرخانباشتىن-ئاخىر بۇ شەھەرنىڭ قۇرلىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن.
  مىلادىيە 1179-يىلىغىچە يېڭىسار قەلئەسى (شەھرى)ئەنە شۇ جايدا تۇرغان.
  1218-يىلى مۇزلۇقتا ئېغىر ھالدىكى قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ۋە قۇم-بوران ئاپىتى تۈپەيلىدىن يېڭىسار شەھىرىنىڭ ئورنى مۇزلۇقتىن ھازىرقى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ غەربىي تەرپىگە قايلاشقان ئەگۈس تېزىسىغا يۆتكەلدى(كۆچۈرۈپ رەتلىگۈچىنىڭ  ئەسكەرتمىسى:«يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ــ 5-توپلام» دىگەن كىتابنىڭ 63-بېتىدە مىلادى 1179-يىلى يېڭىسارنىڭ ئورنى ئەگۈس يېزىسىغا يۆتكەلگەن دەپ يېزىلغان.يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئورنى مۇزلۇقتىن  ئەگۈس يېزىسىغا 1179-يىلى يۆتكەلگەنمۇ ياكى 1218-يىلى يۆتكەلگەنمۇ ؟ بۇ مەسلە ئۈستىدە يانىمۇ ئىزدىنىپ،مۇقۇملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ).بۇ مەزگىل چىڭگىزخان جەنۇبىي شىنجاڭنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىنكى مەزگىل بولۇپ،ئىچىكىرىدە چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى قۇبلەيخان يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغان.شىنجاڭدا چاغاتاي ھۆكۈمران ئىدى.مىلادىيە 1218-يىلىدىن مىلادىيە 1479-يىلىغىچە يېڭىسار شەھىرىنىڭ ئورنى ئىككىنچى قېتىم يۆتكىلىپ 200 يىلغىچە داۋاملىق ئەگۈستە ساقلاندى»①.
  «يېڭىسار ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى يۇرتلارنىڭ بىرى،يېڭىسارنىڭ ئەڭ قەدىمقى نامى ئېلىمىزنىڭ خەن دەۋرىدىكى مەشھۇر تارىخى ئەسەر ‹خەننامە›‹غەربى يۇرت تەزكىرسى›دە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ،ئۇنىڭدا ‹依耐国› دەپ خاتىرلەنگەن بولۇپ،غەربى يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى.بۇ بەگلىكنىڭ ئورنى دەل ھازىرقى يېڭىسار ناھىيىسىگە توغرا كېلەتتى. ‹依耐国›دىگەن نام ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە ماتىرياللاردا ‹ئىناي›‹ئىناي بەگلىكى›‹سىغناق بەگلىكى›دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.كۆچمەن چارۋىچى ئىناي قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى مەجمۇئەسى‹ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›دىگەن كىتاپتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن:
  ‹تارىخ تەرەققىي قىلىپ چىن،خەن سۇلالىرى دەۋرىگە كەلگەندە شىنجاڭدا تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى جايلارنىڭ ئىقتىسادى،مەدەنىيىتى يەنىمۇ تەرەققىي قىلغاندى.بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان قەدىمقى مىللەتلەرمۇ ئۆزلۈكسىز كۆپەيگەن.شۇنىڭ بىلەن مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوشىلۇشىدەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن›.
  مەملىكىتىمىزنىڭ يازما مەنبەلىرىدە شۇ دەۋىردە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئالاھىدىلىك جەھەتتە ئوتتۇز نەچچە بەگلىككە ئايرىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.بۇنىڭدىن تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ياشىغان ئاھالىلار چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ،تارىختا ئۇلار ‹كۆچمە بەگلىك›دەپ ئاتالغان.تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئەتراپىلىرىدا ياشىغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دىھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان بىر ياكى بىر نەچچە شەھەرنى سىياسىي مەركەز قىلغانلىقتىن تارىختا ئۇلار ‹شەھەر بەگلىكى›دەپ ئاتالغان.
  ‹خەننامە ــ غەربى يۇرت تەزكىرسى› دە يېزىلىشىچە شۇ زاماندىكى ئاساسلىق شەھەر بەگلىكلىرى چاقىلىق،پىشامشام،چەرچەن كىچىك پەرغانە رۇڭلۇ،خوتەن،نىيە،گۇما،ياركەنت،سولى(قەشقەر)، يېڭىسار،تاشقورغان،قۇم(ئاقسۇ)،ئۇسۇ،كۈسە(كۇچار)،ئاگىنى(قاراشەھەر)،بۈگۈر،چوققۇ،كورلى،قارا قۇم،قوس،ئالدى قوس،ئارقا قوس قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 
ئاساسلىق ‹كۆچمە بەگلىكلەر توخىرى،ئۇيسۇنلاردىن ئىبارەت.بۇنىڭدىن قارىغاندا،شۇ دەۋىرلەردە يېڭىسارنىڭ ‹شەھەر بەگلىكى› ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. 
  قەدىمقى چاغدا تارىم ئويمانلىقىنى مەركەز قىلغان غەربى يۇرت بەگلىكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ نامى شۇ يەردە ياشىغان قەدىمقى قەۋمىلارنىڭ نامىدىن كەلگەن.ئاز بىر قىسىملىرى شۇ يەردىكى يەر ناملىرى بىلەن ئاتالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپ ساندىكىلىرى قەدىمدە خاتىرگە ئېلىنغان.خەنزۇچە ناملارنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىنى ئەسلى ھالىتىدە دىيىش(تەلەپپۇز قىلىش) ياكى ھازىرقى ساقلىنىپ قالغان جانلىق تىلدىكى ناملارغا تەڭلەشتۇرۇش ئارقىلىق مەنەگە ئىگە قىلىنىۋاتىدۇ. 
   بۇ يەردە دىيلىۋاتقان يېڭىسارنىڭ قەدىمقى نامى بولغان ‹依耐国› دىگەن ناممۇ ‹ئىناي›دەپ ئىلىنىش بىلەن قەدىمقى تەلەپپۇزغا يېقىنلاشتۇرۇلغان. 
   يېڭىسارنىڭ نامى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بار.ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ‹شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى› نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى -باب،59-بەت،24-قۇردا ئۇچىرىغان ‹ئوسار بالىق› خەنزۇچە بۇ شەھەر ئىسمى ‹乌刹国›(ئوسار مەملىكىتى) دىيىلگەن دىگەن.شەھەر ئىسمى ۋە بۇ شەھەرنىڭ ئورنى ھەققىدىكى غەرىپ ئالىملىرىنىڭ بۇ قاراشلىرىنى ئاساس قىلىپ،يېڭىسار كونا ئوسار بالىق ئورنىدا مەيدانغا كەلگەن بولغاچقا بۇ شەھەر يېڭى ئوسار ــ يېڭىسار بولغان بولىشى مومكىن دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى.ئەمما يېقىندا بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ،مىلادىدىن ئىلگىرى شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەن يېڭىساكلارنىڭ ساكارا ئۇل قەبىلىسى ھازىرقى ساغان (يېڭىسار ناھىيىسىدىكى يۇرت نامى)نىڭ ‹شاپ قورغان› ئەسلى ‹ساك قورغان› كەنتى ئورنىدا بىر قەلئە بىنا قىلىپ،ئۆز قەبىلە نامى بىلەن ‹يېڭىساكا› دەپ ئاتىغان.كىيىنچە ‹كا› قوشۇمچىسى چۈشۈپ قېلىپ يېڭىسار دەپ ئاتالغان دىگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى.ساغاندا يەنە ‹ساكاپ› دىگەن كەنتمۇ بار.بۇلارغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا ‹يېڭىساكا› دىگەن نام يېڭىسارنىڭ ئىسمى بولىشى مومكىن.بۇمۇ بىر خىل پەرەزدىن ئىبارەت.تارىخچى ئادىل مەمەت تۇران ‹قەدىمقى قەشقەرنىڭ تارىخى جۇغراپىيىسى› دىگەن كىتاۋىدا ئالدىنقى قاراشتىكى ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىنىڭ ‹يېڭى ئوسار› يېڭىسار بولىشى مومكىن دىگەن قارىشى بىر پەرەز.ئۇ تازا مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىدى.ئۇنىڭ قارىشىچە تاڭ دەۋىرى مىلادى(616-907-يىللار) دا تارىخى مەنتىبەلەردە تىلغا ئېلىنغان خەن دەۋرىدىكى قەدىمقى ساكارائۇل(莎车国) بەگلىكى بىلەن ئىناي(依耐国) نىڭ نامى ئورنىغا ئالماشقان.(خەن دەۋرىدە ساكارا ئۇل ۋە ئىناي بەگلىكلىرىنىڭ نامى ۋە ئورنىغا ئالماشقان.خەن دەۋرىدە ساكارائۇل ۋە ئىناي بەگلىكى مەۋجۇت بولغان رايۇندا تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە يېڭى بىر نام ۋە بەگلىك مەيدانغا كەلگەن).ئوسار بالىق (乌刹国) نىڭ ئورنى ھەققىدە تېخى ئېنىق يەكۈن چىقرىلمىغان ئەھۋالدا قىياسەن ھۆكۈم چىقىرىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىدى.‹يېڭىساكا ــ يېڭىسار› دىگەن قاراشمۇ بىر خىل ئىلمىي پەرەزدىن ئىبارەت.يەنى بۇ قاراشقا گۇۋالىق بەرگەن ‹ساكا ئېرىق›،‹ساكان ئېرىق›،‹ساكاپ› دىگەن نام بىلەن ‹ساك قورغان›دەپ ئېلىنغان نام قارىماققا بىر گەپتەك كىشىنى ئويغا سالغان بىلەن بىراق،‹يېڭىساكالا› دىگەن شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەن قەدىمقى خەلقلەرنىڭ نامى بىزگە بەكلا يېڭىچە بىلىنىدۇ.ئەگەر بىز ئۇلارنى قەدىمقى تارىخى مەنبەلەردىكى ‹ساكالار›بولىشى مومكىن دەپ قارىساق ئۇ ھالدا ساكلارنىڭ بىر تارماق قەبىلىسىنىڭ نامى بولغان ‹ساكارائۇل›نىڭ يەكەننىڭ قەدىمقى نامى خېلى بالدۇرلا مەلۇم بولغان ئىدى.
   ئەمدى يېڭىسار زادى قانداق مەناغا ئىگە ؟ مەلۇمكى يېڭىسار دىگەن  قەدىمقى ئۇيغۇرچىدىكى ‹يېڭىھىسار› دىگەن نامدىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەن بولۇپ،ھازىرقى تىلىمىزدا ‹يېڭى قورغان› ياكى يېڭى شەھەر دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تارىخى مەنبەلەردىكى مەلۇمەتلاردىن قارىغاندا بۇ نام قارخانىلار خانلىقى دەۋىردە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قارا خانىيلار خانى مۇسا ئارسىلانخان دەۋىرى(مىلادىيە 956-971-يىللار) غا كەلگەندە خوتەن بۇددىست قوشۇنى قارا خانىيلارنىڭ ئىسلام قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ،قەشقەردىكى ئەسكىھىسار(كونا شەھەر)نى ۋەيران قىلغان،مىلادى 970-يىلى قەشقەر قايتۇرۋىلىنغان.
   مىلادى 1009-يىلى(بىر قىسىم تارىخى ماتىرياللاردا شەھەرنىڭ بىنا بولغان ۋاقتى مىلادى 978-يىلى دەپ ئېلىنغان) قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئىنىسى سىيىت ئىلى ئارسىلانخان ئۇدۇن بىلەن قەشقەر ئارلىقىدىكى ئىستىراتىگىيلىك مۇھىم جاي ھازىرقى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ توپلۇق يېزىسىنىڭ ‹مۇزلۇق› دىگەن جايىغا يېڭىدىن بىر قورغان سالدۇرغان.كىيىن كېڭەيتىپ شەھەرگە ئايلاندۇرۇۋالغان،بۇ شەھەرنىڭ نامى ‹يېڭىسار›دەپ ئاتالغان،توپلۇقتا يەنە ‹خان سۇپىسى›دىگەن جاي بار.قەشقەردىكى ئەسكىسار ‹كونا شەھەر›،يېڭىسار بولسا يېڭى شەھەر دەپ ئاتالغان.
   بىز 1983-يىلى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ‹يەر جاي نامىلىرىنى ئىشلەش› خىزمىتىگە قاتنىشىپ،يېڭىسار تارىخىنى يېزىش خىزمىتىگە قاتناشتۇق.شۇ چاغدا ‹يېڭىسار› نامى توغرىسىدا قەشقەر شەھەرلىك تارىخچى ئىمىر ھۇسىيىن قازى(بۇ كىشى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ گۈمبىزىنى بىر قىسىم يازما ماتىرياللار بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن) ئۇ كىشى دادىسى قۇتلۇق شەۋقىت يازغان ‹ۋاقىسىيە قەشقىرى› دىگەن قول يازما كىتابتىن پايدىلىنىپ يېڭىسارنىڭ نامىنى ئىيتىپ بەرگەن،ئۇنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرى يۇقىرىدا بىز ئوتتۇرغا قويغان قاراشلار ئىدى،سۆز مەنىسىدىن ئېيىتقاندىمۇ ‹يېڭىسار›دىگەن نام قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى بويىچە ‹ھىسار›،‹قورغان› ياكى ‹شەھەر› سۆزىنى بىلدۈرىدۇ ،ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەندە (يېڭى شەھەر) دىگەن نامغا ئىگە.بىراق،يېڭىسارنىڭ قەدىمقى تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگىنىمىزدە ئۇنىڭ قەدىمقى نامى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ.شۇڭا بۇ جەھەتتىكى قاراشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
   يېڭىسارنىڭ قەدىمقى نامى خەن دەۋىرىدىكى مەشھۇر ئەسەر ‹خەننامە›‹غەربى يۇرت تەزكىرسى›دە تىلغا ئىلىنغان ‹ئىناي بەگلىكى› دەپ ئاتالغان بولسىمۇ لىكىن بۇنى مۇتلەق يەكۈن دەپ قاراشقا بولمايدۇ.چۈنكى ئۇيغۇرچە يۇرت ئاتالغۇلىرىنى خەنزۇچە تەلەپپۇز قىلغاندا ئاھاڭ تاۋۇش جەھەتتە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مومكىن.بۇ جەھەتتە يەنىمۇ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما قانداقلىكى بولمىسۇن يېڭسارنىڭ قەدىمقى نامى توغىرىسىدا ھەر كىم ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان، بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش شەكىللەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا گاڭگىراپ يۈرمەستىن،بىر قەدەر ئىشەنچىلىكرەك بولغان ‹خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى›دە دىيىلگەن ‹ئىناي بەگىلىكى ›دەپ ئاتاپ تۇرساق بولىدۇ، بۇنى چۇشەندۈرۈشتە خەن دەۋىرىدىن تارتىپ تاكى قارا خانىيلار خانلىقى دەۋىرىدىكى يېڭسار شەھىرى (قورغىنى)قۇرۇلۇپ،يېڭىسار دىگەن نام رەسمىي تارىخى مەنبەلەردە كۆرۈنگىچە بولغان ۋاقىت ‹ئىناي بەگلىكى›دەپ ئاتالسا،يېڭسار نامىنى قارا خانىيلار خانلىقىدىن باشلانغان نام دەپ قوللانساق بىر قەدەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىدۇ.
  يېڭسارنىڭ قەدىمقى نامىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە قەدىمقى يېڭسار بەگلىكىنىڭ ئورنى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ.‹غەربىي يۇرت يەر ناملىرى›دا‹غەربىي يۇرتنىڭ جۇغراپىيلىك تەزكىرىسى›دىكى يېڭىسار،يېڭىسار بەگلىكىدىكىلەر كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان جاي بولسا كىرەك.سىيىت ئۇنى:‹غەربىي يۇرت خاتىرسىدە خاتىرلەنگەن ۋۇشا بەگلىكىدۇر ›دەپ قارايدۇ. بۈگۈر ناھىيسىدىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغان بىر جاي بولۇپ ئۇ چىرىنىڭ غەربىگە توغرا كىلىدۇ دەپ خاتىرلەنگەن،‹جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى، ھازىرقى يەر نامىلىرى قامۇسى›دا:‹يېڭىسار شىنجاڭنىڭ يېڭىسار ناھىيسى، خەن سۇلالىسى دەۋىرىدە غەربىي يۇرتتىكى 36بەگلىكىنىڭ بىرى ئىدى.ئۈچ پادىشاھلىق دەۋىرى(مىلادىيە220-265-يىللار)دە سۇلى قەشقەرگە قارىغان›دەپ ئىزاھلىغان.‹ئوكيانۇس›دا يېڭىسار غەربىي يۇرتتىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىنىڭ نامى، ئۇلارنىڭ زېمىنى شىمالدا سۇلى (قەشقەر)بىلەن،شەرقتە يەكەن بىلەن،جەنۇبتا قاغىلىقنىڭ كۆكياربىلەن تۇتىشىدۇ،خەلقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،ئىككى خەن(غەربىي خەن ۋە شەرقى خەن)زامانىسىدا غەربىي يۇرت قوروقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ ۋە غەربىي يۇرت دۇرغىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان،ئۈچ پادىشاھلىق دەۋىرىدە ۋىې سۇلالىسىگە تەۋە بولۇپ سۇلى (قەشقەرگە)قارىغان دىيلگەن.‹غەربىي يۇرتنىڭ تارىخى جۇغراپىيسى›دىگەن كىتابتا بولسا :‹ئۇنىڭ ئورنى ھازىرقى پامىر ۋە راك قول پامىر رايۇنىدا،چىگىرىسى تاشقۇرغان،يېڭىسار،ئۆزىرى قاتارلىق يەرلىكتىكى خەلقنىڭ ھەممىسى چىياڭ،دى كۆچمەن چارۋىچى قەۋىملىرى بولغاچقا،ئۇلار تاشقۇرغاندىن ئۆتۈپ يەكەن،قەشقەرلەرگە بېرىپ تىرىقچىلىق قىلسا ھىچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچىرىمايدۇ.(خەن سۇلالىسى دەۋىرىدىكى غەربىي يۇرتنىڭ جۇغراپىيلىك تەزكىرىسى ئۈستىدە مۇلاھىزە دىگەن كىتابتا يېڭىسارنىڭ ئورنىنى تاشقورغان بەگلىكنىڭ غەربىي تەرپىگە توغرا كىلىدۇ دىيلگەن).‹جۇڭگۇنىڭ تارىخى خەرىتلەر توپلىمى›غا كىرگۇزۇلگەن غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋىردىكى غەربي يۇرت قوروقچى بەگ مەھكىمسىنىڭ باشقۇرۇش دائىرسىدىكى جايلارنىڭ ئومۇمىي خەرىتسدە يېڭىسار،يەكەن،تاشقورغان بەگلىكلىرنىڭ ئورنىنى ئۆزىرى بەگلىكىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا،يولئرىق،كۆكيار بەگلىكىنىڭ غەربىگە ئورۇنلاشتۇرۇۋالغان.
  يۇقۇردىكى بايانلار ئومۇمەن مۇنداق تۆت خىل قاراشقا يىغىنچاقلاش مومكىن.
  بىرىنچى:قەدىمقى يېڭىسار بەگلىكىنىڭ ئورنى ھازىرقى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېڭىسار ناھىيىسى دائىرسىدە دەيدىغان قاراش.
  ئىككىنچى: ئۇنىڭ قەدىمقى زىمىنى دائىرسى شىمالدا قەشقەرگە،شەرىقتە يەكەنگە،جەنۇبتا قاغىلىق(كۆكيار) غا تۇتىشاتتى دەيدىغان قاراش.
  ئۈچۈنچى: ئۇنىڭ ئورنى يەكەن،تاشقورغان بەگلىكلىرىنىڭ غەربى جەنۇبىدا،ئۆزىرى بەگلىكىنىڭ شەرقى جەنۇبىدا،يولئېرىق،كۆكيار بەگلىكىنىڭ غەربىدە،ئوردىيانا بەگلىكىنىڭ شىمالىدا ئىدى دەيدىغان قاراش.
  تۆتىنچى: ئورنى يەكەن،تاشقورغان بەگلىكلىرىنىڭ غەربى جەنۇبىدا،ئۆزىرى بەگلىكىنىڭ شەرقى جەنۇبىدا،يولئېرىق،كۆكيار بەگلىكلىرىىنىڭ غەربىدە  ئىدى دەيدىغان قاراش.
 تەھلىل قىلغاندا بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ئاساسى كەمچىل.
 ئىككىنچى،ئۈچىنچى خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پاكىتلىرى بىر –بىرىگە زىت.
 تۆتىنچى خىل قاراش ئەملىيەتكە بىر قەدەر ئۇيغۇن.چۈنكى قەدىمقى دەۋىردە يېڭىسارغا ھازىرقى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ پۈتكۈل جايلىرى ۋە تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى قاراشلىق ئىدى.1954-يىلى ھازىرقى ئاقتۇ يېڭىساردىن ئايرىلىپ ئاقتۇ ناھىيىسى بولۇپ قۇرۇلۇپ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلدى. شۇڭا يېڭىسار قەدىمقى دەۋىردە تاشقورغانغا تۇتىشاتتى،بۇ يەردە يەنە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بىر نوختا بار. ئۇ بولسىمۇ قاغىلىق ناھىيىسىگە قاراشلىق ‹كۆكيار› قانداق قىلىپ يېڭىسار بىلەن چىگىرلىنىدۇ؟ دەماللىققا بۇ غەلىتىرەك تۇيىلىدۇ،لىكىن بۇنىڭ ئاساسى بار.قەدىمقى دەۋىردە يېڭىسارنىڭ زىمىنى تاشقورغانغا تۇتشىدىغان بولغاچقا ئۆز ۋاقتىدا يېڭىسار باشقۇرشىدىكى تاغلار غەرىبتە كۆكيارغىچە سوزىلاتتى.يېڭىساردىكى كۆچمەن چارۋىچىلار ئاشۇ جايلارغىچە بېرىپ چارۋا- مال باقاتتى.شۇڭا يېڭىسارنىڭ زىمىنى قاغىلىقنىڭ كۆكيارغىچە چىگرىلىنىدۇ دىيىش خاتا ئەمەس.
  1954-يىلدىن ئىلگىرى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى يېڭىسارغا تەۋە ئىدى.
 ‹غەربى يۇرتنىڭ تارىخى-جۇغراپىيەسى›دىگەن كىتابتا يېڭىسارنىڭ ئورنى ھازىرقى سارىس③پامىر ۋە راك قۇل④پامىر رايۇنىدا تاشقورغان بىلەن چىگىرلىنىدۇ دىيىلگەن.ئاقتۇ پامىر تاغلىرى ئىچىدە بولغاچقا شۇنداق قاراشنى توغرا دىيىشكە بولىدۇ.  
  يول ئارىلىقى نوقتىسىدىن قارىغاندا ‹خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرسى›دە يېڭىسار بەگلىكىنىڭ چاڭئەن(ھازىرقى شىئەن)بىلەن بولغان ئارلىقى 10 مىڭ 150چاقىرىم.ئۇنىڭ شەرقىي شىمالىدىن قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە بولغان ئارلىقى 2730چاقىرىم ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن.يەنە شۇ كىتاپتىكى بايانلارغا ئاساسىلانغاندا گەنسۇ يۈمىن بىلەن جىيايۈگۇەندىن چىقىپ غەربىي يۇرتقا بارىدىغان ئىككى يول بولغان.ئۇنىڭ بىرى پىشامشاندىن چىقىپ قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالى بىلەن تارىم دەرياسى،يەكەن دەرياسىنى بويلاپ غەرب تەرەپكە مېڭىپ يەكەنگە بارىدىغان يول.بۇ جەنۇبىي يول دەپ ئاتالغان.جەنۇبىي يول بىلەن غەربكە ماڭسا كوكئارت(پامىر) دىن ئۆتۈپ توخىرلار زىمىنىغا ۋە ئارىساكقا بارغىلى بولاتتى.
  يەنە بىرى،ئالدى بىلەن قوس بەگلىكىنىڭ پايتەختىدىن چىقىپ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىگى ۋە تارىم دەرياسىنى بويلاپ غەربكە ماڭسا قەشقەرگە بارغىلى بولاتتى.بۇ يول شىمالىي يول دەپ ئاتالغان.
  شىمالىي يول بىلەن غەربكە ماڭسا كوكئارتتىن ئۆتۈپ پەرغانىگە،گانگا ۋە ئائورسى بەگلىكلىرىگە بارغىلى بولاتتى.يەكەن جەنۇبىي يولىنىڭ،قەشقەر شىمالىي يولنىڭ پامىردىن ئۆتۈشىدىكى ئاخىرقى نوقتىلىرى ئىدى.يەكەننىڭ چاڭئەن بىلەن بولغان ئارلىقى 9550چاقىرى،ئۇنىڭ شەرقىي شىمالىدىن قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگىچە بولغان ئارلىقى 4746چاقىرىم ئىدى.قەشقەرنىڭ چاڭئەن بىلەن بولغان ئارلىقى 9350چاقىرىم.ئۇنىڭ شەرقىدىن قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگىچە بولغان ئارلىقى 2210چاقىرىم ئىدى.بۇ ئۈچ بەگلىكنىڭ چاڭئەن بىلەن بولغان ئارلىقىنى ھىساپقا ئالغاندا يېڭىسار بەگلىكىنى جەنۇبىي يول يەكى شىمالىي يول بويىدىكى بەگلىك دەپ قاراش ئەقىلگە مۇۋاپىق.ئەمما ئۇنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىدىن قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگىچە بولغان ئارلىقنى ھىساپقا ئالغاندا يېڭىسار بەگلىكىنىڭ ئورنىنى شىمالى يول بويىغا جايلاشقان دىيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.بۇ يەردە مۇنداق بىر سېلىشتۇرما سان بار:‹خەننامە غەربىي تۇرت تەزكىرسى›دە يېڭىسار بەگلىكىنىڭ چاڭئەن بىلەن بولغان ئارلىقى 10مىڭ 150چاقىرىم،يەكەننىڭ 9550چاقىرىم دىيىلگەن.نىمە ئۈچۈن يەكەنگە قارىغاندا يېڭىسار بەگلىكىنىڭ چاڭئەن بىلەن بولغان ئارلىقى يىراق،بۇ كىشىلەردە بىر ئاز گۇمان پەيدا قىلىدۇ.بىراق،يېڭىسار بەگلىكىنىڭ ئورنى ھازىرقى ئورۇن بويىچە ھىساپلانمىغان.يېڭىسار بەگلىكىنىڭ قەدىمقى ئورنى بەلكىم شىمالى يول بويىغا جايلاشقانلىقتىن،يەكەندىن يىراق بولۇشى مومكىن.قەدىمقى يېڭىسار بەگلىكىنىڭ مەركىزى ئورنى زادى نەدە ئىدى؟بۇنىڭغا قارتا بىر نەرسە دىيىش تەس،بۇ مەسلە ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.يەنە بىر نوقتىدىن ئېيىتقاندا يېڭىسارنىڭ شىمالىدىن قەشقەرغىچە بولغان ئارىلىق 650چاقىرىم،يەكەنگىچە بولغان ئارىلىق 540چاقىرىم،يەكەننىڭ شىمالىدىن قەشقەرگىچە بولغان ئارىلىق 560چاقىرىم،غەربىىي جەنۇپتىن تاشقورغانغىچە بولغان ئارىلىق 740چاقىرىم،قەشقەرنىڭ جەنۇبىدىن يەكەنگىچە بولغان ئارىلىق 560چاقىرىم،ئوزرىنىڭ جەنۇبىدىن تاشقورغانغىچە بولغان ئارىلىق 540چاقىرىم،تاشقورغاننىڭ شىمالىدىن قەشقەرگىچە بولغان ئارىلىق 550چاقىرىم،تاشقورغاننىڭ غەربىدىن ئوزرىغىچە بولغان ئارىلىق 540چاقىرىم.دىمەك،يېڭىسار بەگلىكىنىڭ قەدىمقى ئورنى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسىلانغاندا قەشقەرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا،يەكەننىڭ غەربىگە،ئوزرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا،تاشقورغاننىڭ غەربىي شىمال تەرپىگە توغرا كېلىدۇ.مۇشۇ سانلىق مەلۇماتلار بويىچە قەدىمقى يېڭىسار بەگلىكىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى تاپقىلى بولىدۇ.
  يەنە بىر تەرەپتىن ‹خەننامە غەربى يۇرتنىڭ تەزكىرىلىك خەرىتىسى›دىگەن تېرىخى كىتابتا ئورۇن ئالمىشىپ كېتىدىغان،بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا سەۋەنلىكلەرمۇ بولىشى مومكىن.
   مەسىلەن:شۇيسۇڭ:‹خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرسىگە ئېنىقلىما› دىگەن ئەسىەردىكى ‹تاشقورغان بەگلىكلىرى يەكەننىڭ يەرلىرىدىن پايدىلىناتتى›دىگەن سۆزىنى ‹يېڭىسار بەگلىكىدىن ئۆتۈپ تېتىقچىلىق قىلاتتى›دەپ ئىزاھلىغان،سۈبى خەي ئەپەندى بولسا ‹تاغ دەريالار ھەققىدە قىسسەگە ئىزاھ›دىگەن كىتابدىكى ‹دەريا سۈيى يېڭىساردىن شەرىققە قاراپ ئېقىپ ئۇدۇل تاشقورغانغا بارىدۇ،ئۇ شىمالى كۆكشارت دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ›دىگەن بايانغا ئاساسىلىنىپ،شۇي سۇڭنىڭ يۇقارقى قارشىنى ئىنكار قىلىپ،‹يېڭىسار تاشقورغاننىڭ غەربىدە ئىدى.تاشقورغانلىقلار يېڭىساردىن ئۆتۈپ تېرىقچىلىق قىلمايتى.ئۇنىڭ زىمىنى يەكەن بىلەن چىگىرداش ئىدى›دەيدۇ.
  يەنە بىر باشقا  ماتىريالدا يەنە شۇ ‹تاغ دەريالار ھەققىدە قىسسە›گە ئىزاھاتنى نەقىل كەلتۈرۈپ‹دەريا جىسار جىلغىسىدىن ئۆتۈپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.يەنە بىرى گۇما بەگلىكىنىڭ شىمالىدىن ئۆتىدۇ› بۇ ئىككى خىل نەقىل ئوخشاش بىر ماتىريالدىن ئېلىنغان بولسىمۇ،مەزمۇنى ئوخشاش ئەمەس.ئەگەر بۇ ئىككى نەقىلدە تىلغا ئېلىنغان دەريانى يەكەن دەرياسى دەپ قارىساق‹جوڭگۇنىڭ تارىخى خەرىتىلەر توپلىمى›دىكى يەكەن يەكەن دەرياسىنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى مەلۇماتمۇ كىيىنكى مەلۇماتنى دەلىللەپ بېرىدۇ.
   ئومۇمەن ئالغاندا قەدىمقى يېڭىسار بەگلىكىنىڭ زىمىنى شىمالدا قەشقەر بىلەن، شەرىق ۋە شەرىقى جەنۇپتا يەكەن،تاشقورغان،قاغىلىق بىلەن،غەرىپتە ئوزرى بىلەن،جەنۇپتا ئودىسىيا بىلەن تۇتىشاتتى.بۇ قەدىمقى زاماندا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان خەلىقلەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاش ئىدى.
   بۈگۈردىكى يېڭىسارنىڭ ئورنىغا كەلسەك رىۋايەتلەرگە قارىغاندا قەدىمقى زاماندا يېڭىساردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ئاشۇ جايغا بېرىپ ئوتۇراقلىشەپ قالغان،ئۇلار ئۆزلىرىنى يېڭىساردىن دەپ قاراپ كەلگەن،باشقىلار ئۇلارنى يېڭىسارلىق دەپ قارىغانلىقتىن يۇرت يېڭىسارنىڭ نامى بويىچە ئاتالغان،بۇ رىۋايەت توغرىمۇ يوق؟ئۇنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشكە توغرا كىلىدۇ».
   يۇقارقى ماتىريالنى كۆرۈپ چىققىنىمىزدا يۇقۇردا ئوتتۇرغا قويۇلغان بەزى بىر سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسلە ئۈستىدە ئوينىلىپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
    1)قەشقەر شەھرىدىكى «ئەسكىسار(ئەسكى ھىسار ياكى كونا قەلئە) » مىلادىيە980-يىلى قەشقەر ئىسلام   قوشۇنلىرى بىلەن ئۇدۇن (ھازىرقى خوتەن) بۇددىست قوشۇنلىرىدىن ئىبارەت ئىككى قوشۇن  ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشتا  ئۇدۇن  (ھازىرقى خوتەن) بۇددىست قوشۇنلىرى تەرپىدىن ۋەيران قىلغانمۇ ياكى 11- ئەسىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە سۇ ئاپىتىدە   خاراب بولغانمۇ؟    
   2) يېڭىسارنىڭ(ئىناي بەگلىكى)نىڭ  مىلادى 1009-يىلى(بىر قىسىم تارىخى ماتىرياللاردا «مۇزلۇقتىكى ‹يېڭى ھىسار› شەھەرنىڭ بىنا بولغان ۋاقتى مىلادى 978-يىلى دەپ ئېلىنغان) دىن بۇتۇنقى ئورنىنى ھازىرقى تەكلىماكان چۆلىگە يانداش ‹ئوردام مازىرى› ئورنىدا دەپ مۇقۇملاشتۇرۇشقا بولامدۇ يوق  نىمە ئۈچۈن؟
   3) يېڭىسارنىڭ «ئوردام مازىرى» ئورنىدىن «مۇزلۇق»قا يۆتكىلىشىدە مۇداپىيە ۋە ئىستىرادىگىيەلىك ئورنى كۆزدە تۇتۇلغانمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ؟
   4)يېڭىسارنىڭ ئورنى« مۇزلۇق» تىن ئەگۈس يېزىسىغا  مىلادى 1179-يىلى يۆتكەلگەنمۇ   ياكى 1218-يىلى يۆتكەلگەنمۇ ؟نىمە سەۋەپتىن يۆتكەلگەن؟
  5) يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى ئورنى(ناھىيە مەركىزى) نى تۆتۈنچى قېتىملىق ئورنى دەپ قارساق بولامدۇ؟
    ئاخىردا كەڭ تورداشلىرىمنىڭ ۋە يېڭىسار تارىخىغا قىزىققۇچى ،كۆڭۈل بۆلگۈچى دوستلىرىمنىڭ يۇقارقى ماتىريال توغرىسىدا پىكىر بىرىشىنى ،يېڭىسار تارىخى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىزاھات:

ئاپتورى:يۇنۇس سەمەت، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 2005-يىلى7-ئايدا  نەشىر قىلغان《قەدىمىي دىيار يېڭىسار  》(4-قىسىم) دىگەن كىتاپنىڭ 5-7-  بېتىدىن ئېلىندى.

②   تۈزگىچى:سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭىسار ناھىيىلىك كومىتىت، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 2010-يىلى5-ئايدا  نەشىر قىلغان《يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى 》(5-توپلام) دىگەن كىتاپنىڭ 33-44-  بېتىدىن ئېلىندى.

③سارىس ــ سارىس ئەمەس بەلكى سارقول بولۇپ، ھازىرقى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ مۇجى،بۇلۇڭكۆل يېزىلىرى سارقول ياكى سارقول تىزمىسى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

④ راك قۇل ــ رەڭ كۆل بولۇپ،ھازىرقى تاجىكئىستاندا.ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ مۇجى يېزا ۋە بۇلۇڭكۆل يېزىلىرى بىلەن چىگىرداش.

كىشىلىك ھايات ئايلانما سەپەر جەريانىدۇ.

0

تېما

0

دوست

1723

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10079
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 330
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 01:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېڭسارلىق تۇرۇپ بىر نېمە دىيەلمىدىم.يۇنۇس سەمەتنىڭ << يېڭسار>> دىگەن كىتابىنى ئوقۇغانتىم.ھەممىسى ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بوپتۇ. ھە راس يېڭساردا قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ بىر خانىنىڭ قەبرىسى بارمىشقۇ ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1723

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10079
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 330
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 01:42:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېڭسارلىق تۇرۇپ بىر نېمە دىيەلمىدىم.يۇنۇس سەمەتنىڭ << يېڭسار>> دىگەن كىتابىنى ئوقۇغانتىم.ھەممىسى ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بوپتۇ. ھە راس يېڭساردا قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ بىر خانىنىڭ قەبرىسى بارمىشقۇ ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

7

تېما

1

دوست

1206

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9740
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 85
تۆھپە : 328
توردىكى ۋاقتى: 188
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 01:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يېڭسارلىق بۇ توغرىسىدا ئاز - تولا خەۋرىم بار ئىدى ، بۇ تېمىنى كۆرۈپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت ! مەنچىمۇ ئۆزى ياشاۋاتقان رايۇننىڭ تارىخىنى ، ئالاھىيدىلىكىنى بىلىپ قويۇش بىزدەك شۇ رايۇندا ياشاۋاتقان ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى . مەن يەنە بىر قېتىم سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن .

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8450

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1561
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 14:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى رەشىدى زەيلى-شاھ مەھمۇد جوراس(تارىخي رەشىدىنىڭ داۋامى)؛يىلنامە(باشقانامى)---سۈنئي ئۆزگەرتىلگەن نامى: يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار1988-يىل9-ئاي1-نەشر1-باسماسى.قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى------------
نى كۆرسەڭىز ھەممەسى بار،مەن1987-يىلى قەشقەردە رۇسچە ۋە فارسچە بىرلەشمە نۇسخانى 1000سومغا ئالغانتىم،ئۇ چاغدائايلىق مۇئاشىم 100سومغامۇ بارمايتى،شۇ چاغدا قەشقەرلىك ساۋاقدىشىم مېنى ساراڭ بولۇپ قاپسەن دېگەن ئىدى،2012-يىلى بىراۋ 1تۈمەن باھا قويۇپ سېتىپ بەرگىن دېدى،مەن بۇ پۇلنى كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنىلا كۆرىشكە يېتىدۇ،10 تۈمەن بەرسەڭمۇ ساتمايمەن دېدىم.ساتمايمەن،چۈنكى بۇ بىر تارىخ كىتاب،بىباھادۇر دەپ بىلىمەن.

كىشىلىك ھايات ئا

2

تېما

1

دوست

824

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12075
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 148
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 14:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى ohuztiginدە2013-01-20 14:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تارىخى رەشىدى زەيلى-شاھ مەھمۇد جوراس(تارىخي رەشىدىنىڭ داۋامى)؛يىلنامە(باشقانامى)---سۈنئي ئۆزگەرتىلگەن نامى: يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار1988-يىل9-ئاي1-نەشر1-باسماسى.قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى------------
نى كۆرسەڭىز ھەممەسى بار،مەن1987-يىلى قەشقەردە رۇسچە ۋە فارسچە بىرلەشمە نۇسخانى 1000سومغا ئالغانتىم،ئۇ چاغدائايلىق مۇئاشىم 100سومغامۇ بارمايتى،شۇ چاغدا قەشقەرلىك ساۋاقدىشىم مېنى ساراڭ بولۇپ قاپسەن دېگەن ئىدى،2012-يىلى بىراۋ 1تۈمەن باھا قويۇپ سېتىپ بەرگىن دېدى،مەن بۇ پۇلنى كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنىلا كۆرىشكە يېتىدۇ،10 تۈمەن بەرسەڭمۇ ساتمايمەن دېدىم.ساتمايمەن،چۈنكى بۇ بىر تارىخ كىتاب،بىباھادۇر دەپ بىلىمەن.  

   سىزنىڭ مېنى قىممەتلىك ماتىيالنىڭ نامى بىلەن تەمىنلىگەنلىگىڭىزگە كۆپتىن -كۆپ  رەھمەت ئېيتىمەن.
   ھېلىقى سېتىۋالغان كىتاۋىڭىزنى بېشىڭىزغا (ئۇلۇع ئاللا ھەر ۋاقىت ساقلىسۉن!)   ئىعىر سىناق كەپقالمىسىلا ھەرگىز سءتىۋەتمەڭ.
كىشىلىك ھايات ئايلانما سەپەر جەريانىدۇ.

15

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9220
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1349
تۆھپە : 2188
توردىكى ۋاقتى: 1717
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 20:14:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭىسارنىڭ <<لاۋا>>ئاتىلىشى توغرىسىدىمۇ ئىشەنچىلىك مەلۇمات بېرىشكە بولارمۇ؟
بىزنىڭ يېزىدا قەدىمى بىر يول بار لاۋا يولى -دەپ(ھازىر چوڭ ئۆستەڭ ئوخشاش ئىسىمدا ئاتىلىدۇ)
مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ ئىسىمنىڭ قانداق تارىخى بولىشى مۇمكىن دەپ قالىمەن......

كىشىلىك ھايات ئا

2

تېما

1

دوست

824

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12075
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 148
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 22:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى lawa0998دە2013-01-20 20:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يېڭىسارنىڭ <<لاۋا>>ئاتىلىشى توغرىسىدىمۇ ئىشەنچىلىك مەلۇمات بېرىشكە بولارمۇ؟
بىزنىڭ يېزىدا قەدىمى بىر يول بار لاۋا يولى -دەپ(ھازىر چوڭ ئۆستەڭ ئوخشاش ئىسىمدا ئاتىلىدۇ)
مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ ئىسىمنىڭ قانداق تارىخى بولىشى مۇمكىن دەپ قالىمەن......  

     رەھمەت! ئەسلى مۇ ماتىريالدا ھازىرقى يېڭىسارناھىيىە مەركىزىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى«لاۋا» توغرىسىدىمۇ يۇقۇرقى ماتىرياللار قاتارىدا مەلۇمات بەرمەكچى ئىدىم.بىراق،مەن ئىرىشكەن ماتىريالدىكى «لاۋا» ئاتالغۇسى ئۉستىدىكى ئىزاھاتقا قارتا مەندە مۈجمەللىك كۆرۈلدى.شۇڭا بۇ توغرىدا تەپسىلىرەك،ئىشەنجىلىكرەك ماتىريال ئىزدەۋاتىمەن.ئەگەر تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ ماتاريالغا ئىرشەلىسەم،ئىككى ماتىريالنى بىرلىشتۇرۇش ئاساسىدا مەلۇمات بەرمەكچىمەن.تەلىيىم كاج كېلىپ تاپالماي قالسام بار ماتىريالدىن پايدىلىنىپ مەلۇمات بىرىمەن دىگەن ئويدىمەن.
كىشىلىك ھايات ئايلانما سەپەر جەريانىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )