قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 921|ئىنكاس: 8

ئارسىلان ئابدۇللا مۇئەللىم دەرسىدىن ئالغان تەسىرات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

0

دوست

4494

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  860
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 948
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 00:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    نەچچە كۈن بۇرۇن مەلۇم ئىش بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى فىلولوگىيە ئىنىستوتىنىڭ مۇدىرى ،تىلشۇناس ، ئالىم ، ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر ئەپەندىمنى شىنجاڭ ئۇنۋېرستتىغا ئىزدەپ بېرىپ مۇئەللىمنىڭ بىر سائەتلىك دەرسىنى ئاڭلاش شەرىپىگە  ئېرىشتىم، مەن بارغان چاغدا ئارسلان مۇئەللىم ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارغا ئىشخانىسىدا دەرس ئۆتىۋاتقان ئىكەن ، مېنى بىردەم ساقلىشىمنى ئېيتتى ،ئەزەلدىنلا ئارسلان مۇئەللىمگە ھۆرمۈتۈم چوڭقۇر ئىدى.بۇ قېتىمقى پۇرسەتتە قىسقىغىنە بىر سائەتلىك دەرس ئاڭلاش جەريانىدا ئارسلان مۇئەللىمنىڭ دەرس ئۆتىۋاتقان چاغدىكى خۇشخۇيلىقى، ۋە دەرس ئۆتۈش مىتوتىتىغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم ۋە ھۆرمۈتۈم تېخىمۇ ئاشتى .    
  مېنىڭ كەسپىم ئەدەبىيات ئەمەس شۇنداقلا بۇ ئاسپىرانتلارغا سۆزلىنىۋاتقان بىر قەدەر كەسپىي دەرس بولسىمۇ مېنى تولىمۇ قىزىقتۇردى . بۇ دەرس ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىكى ئوخشۇتۇش توغۇرلۇق سۆزلىنىۋاتقان دەرس ئىكەن ، ئارسلان مۇئەللىم ئوخشالغۇچى توغۇرلۇق سۆزلەپ كېلىپ شېئىرنىڭ بىرنچى مىسراسىدا  شەيئى مەلۇم نەرسىگە ئوخشالغاندىن كېيىن ئاندىن كەينى مىسرادىكى ئوخشالغۇچى ئالدىنقى مىسرادىكى ئوخشالغۇچىغا قارىتا ئاندىن ئوخشىشىپ كېلىدۇ . ئەگەر ئالدىنقى مىسرادىكى ئوخشالغۇچى بومىسا كەينى مىسرادا ھېچقانداق مەنە چىقمايدۇ  .
    خەنزۇلارنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى گومۇرو يەنە بىر داڭلىق يازغۇچىغا لۈشۈن جۇڭگو جەمئىيتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كالا ئورنىدا خىزمەت قىلدى ، مەن بۇ ئۆمرۈمدە شۇ كالىنىڭ قۇيرۇقى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن دىگەندە يەنە بىر يازغۇچى ئەگەر سىز كالىنىڭ قۇيرىقى بولسىڭىز مەن ئاشۇ قۇيرۇقتىكى بىر تال تۈك بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن . دىگەن  . ئەگەر دەسلەپتىكى لۈشۈن كالىغا ئوخشىتىىلمىغاندا بىۋاستە ھالدا گومورۇي مەن كالىنىڭ قۇيرۇقى دىسە بۇنىڭدا ھېچقانداق مەنە چىقمايدۇ ، دەپ ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈردى ، دەل مۇشۇخىل چۈشەندۇرۇش مېنىڭغا چوڭقۇر ئەسلىمە قالدۇردى . 
      بۇ سائەتلىك دەرسنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى نەچچە كۈندە كۆڭلۈمدە نۇرغۇن خىياللار كەچتى ، توغرا لۇشۈن ھەقىقەتەن جۇڭگو جەمئىيىتى ئۈچۈن كالا بولدى ،گومۇرو شۇ كالىنىڭ قۇيرۇقى بولۇشنى تاللىدى ، يەنە بىر قىسىملار كالىنىڭ قۇيرۇقىدىكى تۈك بولۇشنى ئارزۇ قىلدى .
   ئۇنداقتا ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى كالا ئوبرازى كىم ، كالىنىڭ قۇيرۇقىچۇ ؟ كالىنىڭ قۇيرۇقىدىكى تۈك بولۇشنى كىملار خالايدۇ، بۇ بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ؟



  ئۆزتۈرۈك نامىمدىكى ھەرقانداق تېما ۋە ئىنكاس باغداش  تورىغا خاس ، ھەرقانداق ئورۇنغا يۆتكەپ ئىشلەتمەڭ !

NOTHING IS IMPOSSIBLE

22

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9312
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 1552
توردىكى ۋاقتى: 600
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 11:51:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە مۇشۇنداق ئىتتىپاقلىشالايدىغان،ھەمكارلىشالايدىغان،بىر-بىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ قوللاپ ئەتىۋارلايدىغان ،ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرالايدىغان،بىر -بىرىنى سىغدۇرالايدىغان، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ،ئۆملۈك -بىرلىك ئۈچۈن شەخسى مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىپ ئومۇم ئۆچۇن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھى  ،بېشىنى باشلاپ بەرسە ،ئىزىدىن مېڭىپ  داۋاملاشتۇرالايدىغان روھ  ناھايتى لازىم، لېكىن بىزدە ھازىر يەنىلا قېيداش  پىسخىكىسى،بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، بىر-بىرى بىلەن چىقىشالماسلىق،بىر-بىرىنى تىللاش مەسىلىسى مەۋجۇت، ئۈرۈمچىدە ساۋاقداشلار خەلقئارا چوڭ بازاردا ئۇچراشماقچى بولۇپ ئالتىمىز شەھەرنىڭ ئالتە بۇرجىكىدىن ئالتە يول بىلەن مېڭىپ بازاردا ئۇچراشتۇق، تاكسى شوپۇرىمۇ مەندىن قايسى يول بىلەن ماڭاي دەپ سوراپ تۇرىدۇ،مەن ھازىر قايسى يول راۋان بولسا شۇ  يول بىلەن ماڭغىن دەيمەن، يولنى بىر نەچچە يول ئىچىدىن تاللاپ ئوخشاش بىر مەنزىلگە بارغىلى بولىدۇ، يولنى تېز  ماڭغىلىمۇ بولىدۇ،ئاستا ماڭغىلىمۇ بولىدۇ، بەرىبىر بارماقچى بولغان مەنزىلگە بارىمىز.
كۆڭلى -كۆكسىمىزنى دېڭىزدەك  كەڭ تۇتۇپ  ،بەزىدە ئوخشىمىغان ئالتە پىكىرنىڭ ھەممىسىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ ،سېلىشتۇرۇپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەسلىنى زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ قەدىمدىن ھازىرغىچە،جۇڭگۇدىن چەتئەلگىچە دۇنياۋىي مىقيادىمۇ ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، بەزىدە شىنجاڭ ئىچى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. 
زامانىمىزدا  سانجى ۋە ئېلى  ئوبلاستىدىكى  خۇيزۇلارنىڭ ۋە قازاقلارنىڭ ئۆملۈكى،ئېتىبارلىق تۇرمۇشى مېنىڭ مەسلىكىمنى كەلتۈرىدۇ،
مېنىڭ خۇيزۇ دوستلىرىممۇ بار ،قازاق دوستلىرىممۇ بار،ئۆزبېك دوستلىرىممۇ بار، خەنزۇ دوستلىرىممۇ بار ، قىرغىز،مۇڭغۇل دوستلىرىممۇ بار ،ئەلبەتتە ئۇيغۇر قېرىنداش دوستلىرىم ھەممىدىن كۆپ،مەن  قورسىقىمنى كەڭ تۇتۇپ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا ئۆگىنىمەن، كەمچىلىكى بولسا سەمىمى مەسلىھەت بېرىمەن،ھەر بىر سى بىر ئايرىم دۇنيا، سېلىشتۇرۇشقا ،ئىلھام ئېلىشىمغا ياردىمى بولىدىكەن،
 
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

قەشقەر يىگىتى

0

تېما

0

دوست

1069

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13624
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 159
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 13:15:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  گىپىڭزنى ئاڭلاپ تەسىرلەندىم، بىزگە ئاشىنداق، ئوقۇتقۇچىلار ،لازىم.
يوق

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4217
توردىكى ۋاقتى: 4325
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 14:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستىلىستىكىدىن دەرس ئۆتسە، سىز ئىستىتىكىدىن تەلىم ئاپسىزدە

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4821
توردىكى ۋاقتى: 1404
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 19:24:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئارسىلان ئەپەندىنىڭ تېما تەتقىقاتى توغرىلىق لىكسىيەسىنى ئاڭلىغان.بۇ ئادەم گەرچە خەنزۇچە ئوقۇغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇرچە بىلىمى بەك مول .

2

تېما

9

دوست

6680

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2586
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1546
تۆھپە : 997
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 21:27:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ،  ئەلكۇيىدە ئاڭلىغان ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىمنىڭ لېكسىيە جەريانىدىكى بىر جۇملە ئېغىز گېپى ئېسىمگە كېلىپ قالدى:«ئەگەر ئۇيغۇر ئىچىدە تونۇلغان بىرەسىنى سىزدىن بىرسى سوراپ قالسا ،ئۇ ياخشى ئادەم دەپ قويۇڭ، خوش بولۇپ قالىدۇ، ئابدۇقادىر جالالىدىن قانداق ئادەم دەپ سورىسا، ياخشى ئادەم دەپ قويۇڭ، مەنمۇ خوش بولۇپ قالىمەن ..»
ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىگە باش بولغان ئادەملەر قەدىمدىن سۇرۇشتۇرسە ،مەھمۇت قەشقىرى،يۇسۇپ خاس ھاجىپ.يېقىندىن سۇرۇشتۇرسە ئابدۇرىھېم ئوتكۇر، زوردىن سابىر،توختىماي ئىزدىنىۋاتقان جالالىدىن بەھرام ...
سىلەمۇ دەپ باقمامسىلەر ....

0

تېما

0

دوست

1248

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13593
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 291
تۆھپە : 193
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 00:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:«ئەگەر ئۇيغۇر ئىچىدە تونۇلغان بىرەسىنى سىزدىن بىرسى سوراپ قالسا ،ئۇ ياخشى ئادەم دەپ قويۇڭ، خوش بولۇپ قالىدۇ، ئابدۇقادىر جالالىدىن قانداق ئادەم دەپ سورىسا، ياخشى ئادەم دەپ قويۇڭ، مەنمۇ خوش بولۇپ قالىمەن ..» ........ ھەقىقەتەن ياخشى سوز بوپتۇ.

0

تېما

2

دوست

684

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11749
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 10:50:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ،ئويلاپ باقسام بۇ ئىللەت مەندىمۇ بار ئىكەن .ھەر بىر ئادەم ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا دېگەن بىلەن ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئۇنچە كۆپ زىددىيەتمۇ بولۇپ كەتمەيدۇ .ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلايلى ،بىر-بىرىمىزنىمۇ ئېتراپ قىلايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )