قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kadirdolan

[ دولان ] مائارىپنىڭ مەقسىدى نىمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

112

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13651
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 17
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 23:43:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىلەر قىرىنداشلار  دىمسىمۇ مائارىپ دىگەن بۇ ئۇقۇم ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆلىشدىن ئىبارەت ھاياتىلىق قەدەم باسقۇچلىرىغا  مەھكەم يۇغرىلغان ، مائارىپمىزدىكى بۇنداق مەسىللەر ، پەقەت يۇقىرىدىكى قىرىندىشمىز ئىيىتقاندەك ئۇنداق بىر ياكى بىر قانچە كىشلەرگە ياكى ئالىملىرىمىز ۋەياكى رەھبەرلىرىمىزگىلا تاينىپ ھەل بولىدىغان مەسىللەر ئەمەس ، مائارىپ پۇتكۇل ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ شۇنداقلا پۇتۇن ئىنسانيەتنىڭ تەقدىرى ھەم كەلگۈسى بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش . مائارىپنىڭ مەقسىدىمۇ  شەيئىلەرنىڭ قانۇنيەتلىرىنى بىلىش ھەم چۈشۈنۈش ئاساسىدا ئاڭلىقلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋيىسىنى يارتىش شۇڭا ھازىرقى مائارىپتىكى مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۇتكۇل ئاتا-ئانلا بولغۇچىلار ، ئاتا-ئانا بولماقچى بولغانلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئويشۇپ تەشكىللىنىپ مائارىپنىڭ توغرا يوللىرى ئۇستىدە ئىزدىنىپ بىزگە قانداق مائارىپ لازىم دىگەن ئۇقۇمغا قارىتا ئوخشاش بولغان قاراشنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ، ئوخشاش بولغان ئارزۇ ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى يورتۇش ھەم ئۆزىمىزنىڭ  ھەققى مائارىپنى قولىمىزغا ئالغانغا قەدەر تۈرلۈك ئىزدىنىشلەر ھەم تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق جەمىيەتكە تەسىر قىلىپ ،مىللىتمىز ئارسىدىكى مائارىپ قوشۇندىكى ئاق بايراقلارنى تازلاش خىزمەتلىرىنى جەمىيەت خاراكتىرلىق ھەركەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىچىش ھەم ھەقىقەتكە يۈزلەندۇرۇپ ، ئەمەل مەنسەپ ، پۇل ۋە بايلىقتىن ۋاز كەچسىمۇ  ھەتتا جاندىن كەچسىمۇ ئانا مائارىپتىن ۋاز كەچمەيدىغان ئۇلۇغ روھنى قەلبىدىن تاۋلەش كىرەك .

0

تېما

2

دوست

5497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1664
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 01:03:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە جوڭگۇ مائارىپىنىڭ مەقسىدى ئۆزى ئۈچۈن ئىيتقاندا توغرا ،جوڭگۇنىڭ مائارىپ مەقسىدى پۈتۈن دۇنيا ئەللىرى ئۈچۈن ياسىغۇچى ،قۇراشتۇرغۇچى ئىشچى تەربىيەلەپ بېرىش ،ئىشەنمىسىڭىز تەكشۇرۇپ بېقىڭ ،ئامرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى داڭلىق مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپ قىسمى جوڭگۇنىڭ چىڭخۇا ،بېيدا قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلىرىنى پۈتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار .بۇ يولداش دېڭ شىئاۋپىڭنىڭ  مائارىپنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش شۇئارىنىڭ ئەمىلىيەتكە ئايلىنىۋاتقانلىغىنىڭ دەلىلى . بۇ شۇئارنىڭ تېگىدە ئىنتايىن چوڭقۇر ئىستىراتىگىيەلىك پىلان بار .
ئەمدى ئۇيغۇر مائارىپىغا كەلسەك ،ئۇ خۇددى پاراخوتقا  چىقىپ قالغان يولۇچىغا ئوخشايدۇ ،ئۇنىڭ پاراخۇد قاياققا ماڭسا شۇ تەرەپكە ماڭماي ئامالى يوق .مۇستەقىل ھالدا غەرىپ ئەندىزىسى ياكى ئىسلام ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئىمكانىيىتىمىز يوق .ئەمدى ھەربىر پەننىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە كەلسەك ،ئۇ شۇ دەرىسنى بەرگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم ساپاسى ،ئوقۇتۇش ماھارىتى ،ئىتىقات ۋە ئىدىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە .بىز مائارىپتىن ئاغرىنماي ئايرىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ناباپلىغىنىدىن ئاغرىنىشىمىز كېرەك .تورداشلار تولاراق تىل-ئەدەبىيات پېنىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەنقىت قىلىپتۇ ،مەنمۇ قوشۇلىمەن. تەبىئى پەنلەرنى دۇنيانىڭ قايسى جايىدا ،قانداق تىلدا سۆزلىسەك ئۇنىڭ نەتىجىسى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ .سەۋەبى ،بۇ پەنلەرنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بىلەن باغلىنىشى زور ،ھېسسىي ئىقتىدارى بىلەن بولغان باغلىنىشى يوق دىيەرللىك . لىكىن ،ئادىمىلىك تەربىيەلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان تىل-ئەدەبىيات ،تارىخ ،پلەسەپە ،مۇزىكا، گۈزەل- سەنئەت قاتارلىق پەنلەرنى تەبىئى پەنلەرنى ئوقۇتقان ئۇسۇلدا ئوقۇتۇشقا قەتتى بولمايدۇ . بۇ پەنلەر بالىلىرىمىزنىڭ غەيرى ئەقلىي قابىلىيىتى جۈملىدىن ئادىمىلىگىنى يېتىلدۇرۇشتە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ . شۇڭا بۇ پەنلەرنى ئوقۇتىدىغان  ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىممۇ يوقۇرى بولىشى كېرەك ئىدى ،ئەپسۇس ،بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىز ئىنتايىن ئاجىز ۋە بارغانچە ئاجىزلاپ كەتمەكتە .بۇ كەمتۈكلۈكنى چەتئەللەردە ئائىلە مائارىپى  ئارقىلىق تولدۇرۇدىكەن ،بىزمۇ شۇ يولنى بۇرۇنراق تاللىشىمىز كېرەك......
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

4209

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9893
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 803
تۆھپە : 743
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 20:11:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                              
مەن چىنە-قاچا ساتىمەن

0

تېما

0

دوست

2142

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9871
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 515
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 22:26:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
`ئەمەلىيەتتە ھازىرقى مائارىپنىڭ تۈرمىدىن پەرقى يوق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىيتىغۇ تۈرمىنىڭ ئىچىدە .................

0

تېما

1

دوست

5463

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12698
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 558
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 23:23:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشنى سىلكىۋېتىپ ئويلۇنايلى< جۇڭگو مائارىپى' تىتانېك 'دىكى ئون مىڭدىن بىر يولۇچىلار> ! بىز ھازىر تىل كىرزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقاندەك قىلىمىز ... رەئىس ماۋزېدوڭ ئەينى يىللىرى: بىزنىڭ مائارىپ نىشانىمىز_ئەخلاقىي ، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىشكەن كەلگۈسى ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىش دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن .پۈتۈن دۇنيا،پۈتۈن مەملىكەت مائارىپىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزغا نەزەر سالايلى،  بىزنىڭ ھازىرقى مىللىي   مائارىپىمىز شۇنچىلىك ئىشنى  قىلالاۋاتامدۇ -يوق؟ ھازىرقى ئىسلاھات دەۋرىدە ئاپتونۇم رايونىمىز مائارىپى قانداق يول تۇتۇشى كېرەك؟ مىللەتنى دۇنياغا تونۇتقان "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك"،"قۇتادغۇ بىلىك"،"ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى" قاتارلىقلاردىن ئەۋلادلار پايدىلىنىشى كېرەكمۇ يوق ؟ دىگەنلەرنى ھەر بىرلىرىمىز ئويلۇشىشىمىز كېرەك،بۇ ۋەزىيەت تەققەزاسى دەپ قارايمەن.

1

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14137
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 17:04:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر قاراپ باخسام نۇرغۇن تور بەتلىرىدە مائارىپغا ئائىت مۇنازىرلەر بەك كۆپكەن ،بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا  سالىدۇ

0

تېما

0

دوست

1076

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6714
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 195
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 22:58:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

1

دوست

2559

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12064
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 250
تۆھپە : 632
توردىكى ۋاقتى: 566
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 23:55:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ نېمە مەخسىتى بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ،بېكىتىلگەن نىشان باشقا ،نەتىجە باشقا،قەتئىي بىردەك ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )