جوڭگو ئەندىزىسى ۋە ئومۇمىي قىممەت قارىشى
ئاقىلدارلار دۇنياسىدا جوڭگونىڭ قاياققا مېڭىش مەسىلىسى ئېزچىل تالاش-تارتىش قېلىنىۋاتىدۇ. نورمالنى ئەھۋالدا بۇ تالاش-تارتىش 18دىن كېيىن ئاخىرلىشىشى، ھېچ بولمىغاندا 87 مىليۇن پارتىيە ئەزاسى ئىدىيە تونىشىنى شىجىنفىڭ باش شۇجىلىقىدىكى مەركىزى كومتىت بىلەن بىردەكلىككە ئەكىلىشى كېرەك ئىدى.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇگۇنكى كۇندە ئاز بولمىغان كىشىلەر يەنىلا « جوڭگوئەندىزىسى » ۋە « ئومۇمىي قىممەت قارىشى » بەس-مۇنازىرە قېلىۋاتىدۇ.
« جوڭگو ئەندىزىسى » ۋە « ئومۇمىي قىممەت قارىشى » غا زادى قانداق قاراش كېرەك؟
مەركەز تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۇكېپىڭ « بەس-مۇنازىرىدىن جوڭگو ئەندىزىسى ۋە ئومۇمىي قىممەت قارىشىغا نەزەر »دىگەن ماقالىسىنى ئېلان قېلدى « جوڭگو ئىسلاھاتى » « 2013-يىل 1-سان ».
قانداق بەس-مۇنازىرە قېلىش كېرەك؟
ماقالىدا «18- دوكلاتىدا جوڭگوچە ئالاھىيدىلىك ۋە غېرىپنىڭ سىياسىي تۇزۇلمىسىنى كۆچۇرۈپ كەلمەسلىكنى ئىزچىل تەكىتلىگەن بولسىمۇ بىراق، بۇ جوڭگوچە ئالاھىيدىلىكتە ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ ئومۇمىي قىممەت قارىشى، ئەركىنلىك، دىمۇگىراتتىيە،باراۋەرلىك، ئادىللىق، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قېلىش قاتارلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئاساسىي قىممەت قارىشىنىڭ، سوتسىيالىستىك يادرولىق قېممەت قارىشىنى بەلگۇلەشتىكى مۇھىم ئامىلى ئېكەنلىگى تەكىتلەنمىدى » دىيىلدى.
بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، يۇ ئەپەندى « ئومۇمىيلىق ۋەئالاھىيدىلىك بەس-مۇنازىرە ئۇسۇلى » نى بىرىكتۇرۈپ، « ئېنسانىيەتتە پەقەت بىرخىل تەرەققېيات ئەندىزىسى بار، ئومۇمىيلىق ئالاھىيدىلىكنى ئىنكار قېلىدۇ دەپ قارىماسلىق،شۇنداقلا پەقەت ئالاھىيدىلىككە قارىۋالماي، ئېجتىمائى جەمىيەتتىكى ئومۇمىيلىق ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس دەپ قاراش » نى تەكىتلەيدۇ.
بۇنداق بەس-مۇنازىرە ئۇسۇلىنى، يۇ ئەپەندى كونكىرېتنى قېلىپ « دىمۇگىراتتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق،ئادىللىق، قەدېر-قىممەت، بەخت، ئىناقلىق قاتارلىق ئېنسانىيەت ئومۇمىي قېممەت قارىشىنى ئاددىيلا غەرىپنىڭ ۋە جوڭگونىڭ دەپ ئايرىماسلىق، چۇقۇم جوڭخۇا مەدىنىيىتى ۋە ئىنسانىيەت ئومۇمىي قىممەت قارىشىنى ئورگانىڭ بىرلەشتۇرۈپ، جوڭخۇا مەدىنىيىتىنى ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنىڭ ئاساسىي ئىقىمى بىلەن بىرلەشتۇرىشىمىز لازىم » دەپ كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرقىدەك بەس-مۇنازىرە ئۇسۇلىنى شەرھىلەش، يۇ ئەپەندىنىڭ خۇلاسسى بولۇپ، يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە ھەممىنى تەكىتلەش بىھاجەت. كۆزى ئۆتكۈر كىشىلەر بىرقاراپلا شۇنى بىلەلەيدۇكى، جوڭگوچە ئالاھىيدىلىك ۋە غېرىپنىڭ سىياسىي تۇزۇلمىسىنى كەچۇرمەسلىكنى تەكىتلەش بىلەن، جوڭگوچە ئالاھىيدىلىكە ئىگەئەركىنلىك، دىمۇگىراتتىيەنى سوتسىيالىستىك يادرولىق قېممەت قارىشى بىلەن قانداقمۇ ئورگانىك بىرلەشتۇرگىلى بولسۇن؟
كەمىنە قەلەم ئېگىسى شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، جوڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دىمۇگىراتتىيە ۋە ئەركىنلىكنى تەكىتلىشى « تۇنجى » قېتىملىق ئىش ئەمەس، يەنئەندە، چوڭچىڭ سۈبىتىدە ماۋجۇشى گومىنداڭغا دىمۇگېراتتىيە ۋەئەركىنلىكنىڭ ئومۇمىي قىممەت قارىشىنى تەكىتلىگەن، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنخۇا گىزىتىمۇ كۆپلىگەن ماقالىلارنى يازغان بۇ بىرىنجىسى، ئېككىنجىسى 18- دە دىمۇگېراتتىيە ۋە ئەركىنلىكنى سىياسىي دوكلاتىغا كىرگۈزۈپ، ئاساسىي قانۇننى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكەن، بۇنداق قانۇندا بەلگۇلىنىش غەرىپنىڭ دىمۇگېراتتىيە ۋە ئەركىنلىكى بىلەن ئوخشاش بولىشى ناتايىن.
ئومۇملاشتۇرغاندا، جوڭگو ئەندىزىسى بولسۇن،ئومۇمىي قېممەت قارىشى بولسۇن « بەس-مۇنازىرە » قېلىشنىڭ نىمە ئالاھىيدە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىرنىمە دىمەك تەس.
ئەگەر ھەقىقەتەن جوڭگو ئەندىزىسى ۋە ئومۇمىي قىممەت قارىشىنى تەتقىق قىلسا، بەس-مۇنازىرە قىلىش بىھاجەت، ھەقىقىي ئاچقۇچ يەنىلا« جوڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىگى ».
كومپارتىيە ئەزاسى بولغان يۇ ئەپەندى، ئەجىبا «تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ » تىكى، جوڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىگىدە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇش دىگەن مۇشۇ ئىككى مەزمۇننىڭ، غەرىپنىڭ دىمۇگىراتتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىيياسىي تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟،
ئەگەر يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا « بەس-مۇنازىرە» نى ئانىلىز قىلىشقا توغرا كەلسە ئافغانىستان، ئىراق، مىسىر، سۇرىيە....قاتارلىق دۆلەتتىكى خەلقنىڭ دىمۇگىراتتىيە ئەركىنلىك ئۇچۈن بولىۋاتقان قالايمىقانچىلىقى، پۇخرانىڭ سەرسانلىقىنى مىللىي ئالاھىيدىلىك دەيمىزمۇ؟، بىز دىمۇگىراتتىيە ئەركىنلىكنى تەكىتلەيمىز دەيدىكەنمىز، چۇقۇم دۆلىتىمىزدىكى مىللىي رايۇنلارنىڭ مىللىي ئالاھىيدىلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئومۇمىي قېممەت قارىشىغا ھۆرمەت قېلىشىمىز كىرەك.
جۇ فىڭفىڭ ئىمزالىقېدىكى بۇ يازما « ئاۋام فىلياتون تورى » دا 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۇنى ئېلان قېلىنغان
تىلماچ: قادىر روزى دولان
ئادرىس: مەكىت ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئېدارىسى |