- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4812
- نادىر
- 0
- يازما
- 110
ئۆسۈش
93.73%
|
گۈلەن ئەپەندىنىڭ لېكسيەسى مەن ۋە باشقا ئاڭلىغۇچىلارغا ئاز بولمىغان بىلىم ۋە مەنىۋىي زوق ئاتا قىلدى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ خەلقىمىزگە قىلىۋاتقان بۇ خالىس ئەمگىكىنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاتائالا ئۆزى بېرىدۇ.
گۈلەن ئەپەندى بۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق لېكسىيەلەرنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىيتتى، شۇڭا، بۇ قېتىمقى لېكسىيەدە ساقلانغان قىسمەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتـۈشنى توغرا تاپتىم.
1. ئۇقتۇرۇشتا لېكسىيە ۋاقتى سائەت 9 دېيىلگەن، ئەمەلىيەتتە سائەت 9:10 دە باشلاندى. مېنىڭچە، (1) بۇ ئىلمىي بىر يىغىننىڭ ئىلمىيلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. (2) نىسبەتەن چوڭ زىيالىنىڭ ۋاقىت پوزىتسىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ.
2. لېكسىيەنىڭ ئومۇمىي ۋاقتى (سوراش ۋە جاۋاب بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 55 مىنوت ئەتراپىدا بولدى. بۇ ۋاقىتنىڭ 15 مىنۇتى يەنى %27 ۋاقىت "نۇرخان تەربىيىلەش مەركىزى" نىڭ قىلغان ئىشلىرىنى، خادىملىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئۆتتى (لېكسىيە مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز). بۇمۇ ئىلمىي يىغىننىڭ ئىلمىيلىكىگە تەسىر يەتكۈزدى. مېنىڭچە، بۇ ئېلاننىمۇ بېرىش كېرەك، لېكىن مېھمانلارنىڭ ۋاقتىنى ئالمىغان ئاساستا باشقىچە ئۇسۇلدا بېرىلىشى كېرەك.
3. لېكسىيە مەزمۇنىدا "گۈلەن ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 نەچچە ئۇيغۇر (ئەر) قېرىنداش ئىچكىرگە بارغاندا، بۇلارنىڭ 150 نەچچىسىنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەرلەرنىڭ %70 نىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقى..." دېگەندەك مەزمۇنلار سۆزلەندى. مېنىڭچە، بۇ بىر مىسالدىنلا ھەرگىزمۇ ئۇ ستاتىستىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولمايدۇ. مەزكۇر لېكسىيە يەنە توردىمۇ بېرىلىشى مۈمكىن. شۇڭا، لېكسىيە مەزمۇنىنىڭ ئىلمىيلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىنسا.
4. گۈزىتىشىمچە لېكسىيە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئەر بولۇپ، كۆپ قىسىملار توردىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن پەرزەنتلىرىنى بىرگە ئېلىپ بارغان. گۈلەن ئەپەندى ئېيتىپ ئۆتكۈنىدەك، بۇ ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چىكىشى مۈمكىن. لېكسىيەدە تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئېچىدىغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بېرىدىغان سەلبى تەربىيىسى سۆزلەندى ھەم قامچىلاندى. ئەلۋەتتە قامچىلاش كېرەك. ئەمما، پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدىكى ئاتىنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈش خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئالدىن ئويلۇشۇپ، ياكى پەرزەنتلەرنى بىرگە ئېلىپ بارماسلىقنى ئۇقتۇرىشى ياكى قامچىلاشنى ئويلۇشىش كېرەكمىتىكى دەپ ئويلۇدۇم.
ئەلۋەتتە، كىشى ئۆزى ئەڭ ھۆرمەتلىگەن ۋە ياخشى كۆرگەن كىشىسىگىلا كۆڭلىدىكى ئەڭ سەمىمى گەپلىرىنى دېيەلەيدۇ، دەپ قارايمەن. رەخمەت. |
|