- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 34552
- نادىر
- 17
- يازما
- 1733
ئۆسۈش
61.38%
|
مەن يىقىندا توردىن فىرانسىيەدە مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى دەرسىسى تەسىسى قىلىنغىنى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، ئامرىكىدىكى ئۇيغۇرتىلى دەرسى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغىللىنىۋاتقان مەكتەپلەر توغرىسىدا قىسقىغىنە ئۇچۇر بىرىشنى ئويلاپ قالىم. (تەپسىلى ماتىرىياللارنى توپلاۋاتىمەن كىيىنچە تەپسىلى بىر يىزىپ چىقماقچى).
مىنىڭ ھازىرقى ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىمغا ئاساسلانغاندا ئامرىكىدا ھازىرچە بىر قانچە ئالىي مەكتەپتە ئۇيغۇرتىلى دەرسى ئىچىلغان بولۇپ، مەخسۇس ئۇيغۇرتىلى دەرىسلىك كىتابى تۈزۈلگەن. ھەم ئۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە مەكتەپتە تىلشۇناسلاردىن ئۇيغۇرتىلى توغرىسىدا ماقالە يازغان ۋە تەتقىق قىلغانلار بارلىقىنى ئاڭلىدىم.
ئۇيغۇرتىلى دەرسى تەسىس قىلىنغان ئۇنۋىرستىتلار:
خارۋارد ئونۋىرسىتىتى: بۇ مەكتەپتە ئىككى خىل ئۇيغۇرتىلى دەرسى ئىچىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ئۇنۋىرسال ئۇچۇر بىرىشنى ئاساسىي مەخسەت قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ دەرىسكە قاتناشقانلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن تونۇشۇپ تىل تەتقىقاتى ئۈچۈن ماتىرىيال توپلايدىكەن. شۇڭا بۇ دەرسكە قاتناشقانلار ئۇيغۇرتىلىدا ئالاقە قىلىشنى مەخسەت قىلمايدىكەن.
ماسساچۇسىت تىخنىكا ئىنىستىتوتى: بۇ مەكتەپ ھەمىگە مەلۇم بولغان داڭلىق ئونۋىرسىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ نەزىريە تىلشۇناسلىقى كەسپى دۇنيادا بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ مەكتەپتىكى تىلشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتلىرى ئۆزىگە ناتۇنۇش بولغان بىر تىل توغرىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىشى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، بىرقانچە ئوقۇغۇچى بۇ تىل ئۈچۈن ئۇيغۇرتىلىنى تاللىغان. بىر قانچە ماقالىلەر يىزىلىپ ئىلان قىلىنىپ، 2011-يىلىبىر پارچە دوكتۇر ماقاىسى ئۇيغۇرتىلىدىكى كېىشلەر توغرىسدا ياقىلانغان. ھەم بۇ يىل رەسمى ئۇيغۇرتىلى دەرس تەسىس قىلىنغان.
ۋاشىڭگىتون ئونۋىرسىتىتى: بۇ مەكتەپتە مەخسۇس ئۇتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيەت، تىل تەتقىقات مەركىزى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىل، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر تىل ئوقۇتىشى ئىلىپ بىرىلغان. مەخسۇس ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇش كىتابى تۈزۈلگەن.
ئىندىئانا ئونۋىرسىتىتى: بۇ مەكتەپنىڭ سىستىمىلىق ئۇيغۇرتىلى دەرسى بار بولۇپ، تۆۋەن سەۋىيە ۋە يۇقىرى سەۋىيەدىن ئىبارەت ئىككى سەۋىيەدە ئۇيغۇرتىلى دەرسى تەسىسى قىلىنغان. ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرتىلى دەرىسلىكى ۋە ئۇيغۇرتىلى ئۈگۈنىش يۇمشاق دىتالى تۈزۈلگەن.
كانزاس ئۇنۋىرسىتىتى: بۇ مەكتەپتىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇش دەرسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ماتىرىيال ۋە ئوقۇتۇش بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
يۇقاردا تىلغا ئىلىپ ئۆتكىنىمدەك، ئامرىكا ئونۋىرستىتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرتىلى ئۈگۈنىش ۋە تەتقىقى قىلىش خىلى سىستىمىلاشقان.
misranim qutber yollanmisi... |
|