- تىزىملاتقان
- 2012-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3788
- نادىر
- 0
- يازما
- 137
ئۆسۈش
59.6%
|
بۇ مەزمۇن 29قەۋەتتىكى tughlukدە2013-01-22 23:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئالدى بىلەن بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىغان تىما ئىگىسىگە رەخمەت.
بۇ ماقالە سىياسى تۇستە ئەمىلىيەتنى ئاساس قىلمىغان ماقالە ئىكەن. كورىدلارنىڭ تۇركىيە دە پارتىيىسى بار، نامايىش ھوقوقلىرى بار، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئاپراتلىرىدا كوردلاردىن بىرىنجى قول باشلىقلىرى بار. مەسىلەن: تۇركىيە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىلىگىنىڭ مىنىستىرى كورد. كوردلارنىڭ پارتىيسى تۇركىيە دە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇ خىل نامايىشلارنى تۇركىيە ھۆكۇمىتى چەكلىمەيدۇ، بۇخىل نامايىشلاردا كوردلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش شۇئارلىرىنى توۋلايدىكەن، ھەتتا تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقىتىدىكەن، ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا رادىئو، گىزىت، تىلىۋىزىيە قاناللىرى بار، ھەمدە كورد تىلىدا ئالى مەكتەپلەر بار. بۇلارنى تۇركىيە ئىلگىرى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۇچۇن قىلغان دىسەك، ئەمدىچۇ؟ تۇركىيە ھازىر ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىشتىن ۋازكەچكەندەك تۇرىدۇ. تۇركىيەنىڭ دىمۇگراتىيىسىدىن گۇمانلانغانلار بۇلارغا نىمە دەيدىكىن.
بىزنىڭمۇ بار، مىللىتىمىز ئىچىدە كومپارتىيە ئەزالىرى بار، ئالدىنقى قىتىم ياپۇنغا قارشى نامايىش قىلدۇق، يۈگۈسلاۋىيە ئەلچىخانسىنى پارتىلتىۋەتكەندە ئامىركىغا قارشى نامايىشمۇ قىلغان ، دۆلەت مىنىستىرى ئىسمايىل ئەمەتمۇ بىز خەقتىن ، ئۆز تىلىمىزدا رادىئو ،گىزىت ، تىلۋىزىيە قاناللىرى بار، ئالى مەكتىۋىمىزمۇ بار ، .................
مەن تۈركىيەگە بىرىپ باقمىغان، پەقەت كىنولاردىنلا كۆرگەن، پ ك ك توغىرلىقمۇ ئازراق ئاڭلىغان، بىر مۇستەقىل مىللەتنى تاغ تۈرىكلىرى دەپ ئاتاپ مىللەت بويىچە ئاسىملاتىسيە قىلىشقا ئۇرۇنۇش توغرا ئەمەس، تۇركىيەمۇ ھەقىقى دىمگۇراتىك دۆلەت ئەمەس، مانچە يىل ھەربىيلەر ھاكىميەت يۈرگۈزدى، قولىدا يوغان ئاپتۇمات تۇتۇپ تانكا ھەيدەۋاتقان ئادەم ھوقۇق تۇتسا ، سەن قورىقماي شۇ ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا زىت بىر نەرسە دىيەلەمسەن ؟ 15 مىلىيۇندىن نوپۇسى بار بىر مىللەتنى ئىتىراپ قىلماسلىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگانلارنى 'ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان خەنزۇلار ' دەپ مىللەت قاتارىدا ئىتراپ قىلماسلىقتىن ھىچقانداق پەرقى يوق .
لىكىن يىقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە دىمگۇراتىيسىدە يۈكسىلىش زور ، ئىرىشكەن نەتىجىلىرىمۇ كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، نۆۋەتتە قىلشىقا تىگىشلىك ئىش بولسا ھەربىيلەرنىڭ قايتا سىياسى ئۆزگىرىش قىلىپ ھاكىميەتكە ئارلىشىۋىلىشتىن ساقلىنىش، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىپ ، ئۆز قويىدا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرگە تىخمۇ چوڭ ھوقۇقلارنى بىرىش، ئىقتىسادى، تىخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىپ ئىسلام دۇنياسىغا، تۈركىي مىللەتلەر دۇنياسىغا بولغان تەسىرى ھەم ياردىمىنى كۈچەيتىش دەپ قاراۋاتىمەنغۇ |
|