سانى بۇخارادىكى ئەھمىيەتلىك بىر كۈن يۈز بىرىۋاتقان ئىشلاردىن قاخشاۋەرمەي ئۆزىمىز بىر ئىش قىلايلى
2013-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى سەھەر.قەشقەرشەھەرلىك پەن-تىخنىكا سارىينى تەستە تاپتىم-دە،ھاياجان ئىلىكىدە زالغا كىردىم.زال تىخى بوش ئىدى.تۈزۈت قىلماي ئەڭ ئالدىدىكى ئورۇننىڭ بىرسىگە كىلىپ ئولتۇردۇم.ئولتۇرۇپ بولۇپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ ئارقىغىراق يۆتكەلمەكچىمۇ بولدۇم. 300كىلۇمىتىردىن ئارتۇق يىراقىلىقتىن،بىر كۈن بۇرۇن كەلگەندىكىن ئالدىدا ئولتۇرۇشقا ھەققىم بار دەپ ئويلۇدۇم-دە.ئەركىن ئولتۇرىۋەردىم.زال ئىچىگە كىرىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.
مەن ئابدۇۋەلى ئاكىنى توردا گۈلەن نامى بىلەن يوللىغان‹‹چەتئەل ئىشتىياقى ۋە ئۇيغۇرلۇق ئەندىشىسى››،‹‹تۇغسىزلارغا قالدىڭمۇ دۇنيا››،‹‹ئۇيغۇرنى كىم تونۇيدۇ››،‹‹غەرپ مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرنىڭ گىپى››،‹‹ئامرىكىغا مىھمان ئۇيغۇر ئانا››،‹‹ئۇيغۇرلار ۋە ئامرىكىلىقلاردا يالغۇز ئاتنڭ چېڭى ۋە دىڭى››،‹‹ئاللاھقا قايتىش››،‹‹ئامرىكىدا ئۆسكەن بالا ۋە ئۇيغۇر ئانا››،‹‹پەرزەنىت تەربىيىسىدىكى ئۈچ غەلەت››،‹‹ئۇيغۇرچىغا زورلاش تىلىنى قوغداشمۇ؟››،‹‹كىم،نىمىشقا،نىمە دىدى؟››...قاتارلىق ئادەمگە ئۈمۈد،ئىشەنىچ،بىرخىل ھوزۇر بىغىشلايدىغان،ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەرلىك ھىسلارغا چۈمدۈرىدىغان يازمىلىرىدىن تونۇغان ئىدىم.
لىكسىيە ئۇيغۇرچە ۋاقىت كۆزقارىشى بويىچە20مىنۇت كىچىكىپ باشلاندى.ئابدۇۋەلى ئاكا لىكسىيەسىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۆزى قۇرغان تەربىيلەش مەركىزى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.تەربىيلەش مەركىزىدە ئىنگىلىزچە،تۈركچە،ئانا تىل تەربىيىسى بويىچە تەربىيلەش ئىلىپ بىرىۋىتىپتۇ.‹‹سەبىيلەر كۆپ تىللىق راھەتباغ››نامىدا سىنىپ ئىچىپ 4ياشتىن6ياشقىچە بولغان بالىلاردىن20نى تەربىيلەۋىتىپتۇ.تەربىيلەش مەركىزىدە بىيجىڭ،شاڭخەي،شىنجاڭلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىداگوگىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار ئىشلەيدىكەن.ئۇلار مۈكەممەل بىر مائارىپ يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋىتىپتۇ.
لىكسىيە‹‹پەرزەنىت تەربىيىسىدىكى ئۈچ خىسلەت››تىمىسدا سۆزلەندى.ئابدۇۋەلى ئاكا تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە توختالدى. تۆۋەندە ئۆزۈم خاتىرە قالدۇرۋالغىنىم بويىچە لىكسىيەنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
1.مەسئۇلىيەت:
سىز بىر ئىشقا مەن مەسئۇل دەپ قارىسىڭىز،ئاندىن سىزدە مەسئۇلىيەت شەكىللىنىدۇ.
بالىلارغا بىر ئىشنى بۇيرۇق مەنىسىدە ئەمەس،مەسئۇلىيەتنى يۈكلەش،ھوقۇق بىرىش شەكلى ئارقىلىق تاپشۇرۇش كىرەك.
ئىنسانلاردا باشقۇرۇش ھوقۇقى تەبىئىي بولىدۇ.ئىگىدارلىق ھوقوقىنى تارتىۋالماسىق كىرەك.
ئىنسان ئۆزىنى بىخەتەر،باراۋەر ھىس قىلمىسا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2.ئۆزىنى كونتىرۇل قىلىش:
ئۆزىنى تىزگىنلەش ئادەتكە باقىدۇ،مائارىپ ئادەت يىتىلدۈرۈش جەريانى.پەرزەنت تەربىيسىدە ئاۋۋال ئاتا-ئانىلار ئۆزىدە ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈشى كىرەك.
بالىلار ئۆزىنى كونتىرۇل قىلالمايدۇ،سەۋەپ نەدە؟سەۋەبى-ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى كونتىرۇل قىلالمايدۇ.
ئۆزىمىز خالىغاننى ئەمەس،بەلكى بۇيرۇلغاننى قىلىمىز.
بالىڭىز سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن،سىزگە قايىل بولغانلىقى ئۈچۈن گىپىڭىزنى ئاڭلايدۇ.
مائارىپ-تالانتىنى بايقاش ۋە جارى قىلدۇرۇش جەريانى.
3. ئىشەنىچ:
بىز بالىلارغا ئىشىنىشىمىز كىرەك.ئۇلارنى خۇدا بەخىش ئەتمىگەن نەرسىلەرگە زورلىماي،قىلالايدىغان ئىشلىرىغا نىسبەتەن ئىشەنىچ ئاتا قىلىشىمىز كىرەك.
بالىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلساق،ئاندىن ئىشەنىچ پەيدا بولىدۇ.
بۇ ئۈچ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈشتە كۆپلىگەن ئەمەلىي مساللار كەلتۈرۈلدى،لىكسىيەگە پەمىمچە1000غا يىقىن ئادەم قاتناشتى.لىكسىيە ئارلىقىدا قىزغىن چاۋاكلار چىلىنىپ تۇردى.
لىكسىيە ئاخىرىدا كۆپچىللىك ئابدۇۋەلى ئاكىدىن سۇئاللارنى سورىدى.سۇئال تۈگەيدىغاندەك ئەمەس،جاۋاپمۇ شۇنداق قىزغىن ۋە ئەتىراپلىق.بىركۈن،ئىككى كۈن،ئۈچ كۈن...مەڭگۇ،مەڭگۇ تۈگىمەيدىغان مەڭگۈلۈك سۇئاللار...،شەخستىن ھالقىغان، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇنلىغان سۇئاللار سورالدى،ھەم سورالماقچى ئىدى، لىكىن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇۋەلى ئاكا پائالىيەتنى توختىتىشقا مەجبۇرى بولدى،مىنىڭ ئىغىزىمدىمۇ سۇئاللار قىتىپ قالغان ئىدى...
لىكسىيە تۈگىدى.مەن مەمنۇنلۇق،خۇشاللىق،ھاياجانلىق ھىسىياتىدا يىنىڭ قەدەملىرىم بىلەن بىكەت تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم.
ئىچىمدە شۇنداق دىدىم: ‹‹خەيرى-خوش،ئەزىزانە قەشقەر.مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى ئەپەندى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش ئوت يۈرەك،مەرىپەتپەرۋەر كىشىلىرىمىزنىڭ ۋارىسلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كىلىپ شۆھرىتىڭنى جاھانغا تونۇتقۇسى››.
‹‹خەيرى-خوش،ئابدۇۋەلى ئاكا،گۈلەن نامىڭىزدىكى تور ئەسەرلىرىڭىز ئۈقالمىغاي،ئەۋلاتلارئۈچۈن باسقان قەدەملىرىڭىز قۇتلۇق بولغاي،ئۇلۇغ ئاللا يامان كۆزلەردىن يىراق قىلغاي. كۆرۈشكۈچە ئامان بولۇڭ›› |