قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1130|ئىنكاس: 23

«سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

2526

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 618
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 01:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىيىتنوچى.JPG

          
 مەرىتلەرنىڭ مەرتى سەن سىيىت نوچى،
نوچىلارنىڭ سەركى سەن سىيىت نوچى.
  ئاجىزلارغا  باشپاناھ  بولۇپ  ھەردەم،
 رەزىللەر يۈركىنى مۇجۇ دۇڭ بەردەم.
  ئامانەتنى ئۈستۈن بىلدىڭ جېنىڭدىن،
گاڭگۇڭلىقنى ئايرىمىدىڭ يېنىڭدىن.  
  قورىقمىدىڭ ماڭدىڭ مەرتلىك يولىدا،
 كۆيۈپ    مىسكىن    مۇساپىرنىڭ   ئوتىدا.
 داستان بولغاچ شۇڭلاشقا ئەل ئاغزىدا،
 ئويلاندۇر دۇڭ     ماتىتەينى    غاڭزىدا .
ماتىتەي ئەندىشىگە چۈشۈپ سەندىن,
،تۇتماقچى بولدى سىنى ھىلە پەندىن.
 شۇڭا دەرھال چىقىپ  كەتتىڭ  تاغ ئاتلاپ، 
لىكىن دۈشمەن يۈرگەنتى سىنى پايلاپ .
يۇرت كىزىپ يەتتىڭ ئەلنىڭ  ھالىغا، 
مىخ بولۇپ قادالدىڭ رەزىل قانىغا.
ئاخىر  تۇتتى   سىنى  ھىلە  ئىشلىتىپ،
سۆزلىرىگە ئاق كۆڭۈللۈك چىشلىتىپ.
(ئامانەتكە خىيانەت قىلمايمەن) دەپ،
تۇتۇپ بەردىڭ ئۆزۈڭنى ياۋغا ئەجەپ.
ئۇيغۇرلار ئامانەت ئۈچۈن جان بىرەر،
 لەۋزى ئۈچۈن شۇنداق جېنىدىن كىچەر. 
  مەرتلىكىڭدىن پايدىلاندى  تۈلكىلەر ،
 قان شورىغۇچ ۋەھشى زالىم بۈرگىلەر.
 ئۆلۈمىڭدىن كۈلدى لەنەت  كەردىلەر،
 بىراق خەلقىڭ  ئازاپلانغان  ئەردىلەر.
 شۇڭا ساڭا داستان يازغان ئەل خەلقىڭ،
داستاندىن  بىلىنەر قىممىتىڭ  نەرقىڭ.

يۇقارقى شىئېر تۆۋەندىكى ماتىرياللارنى ئوقۇپ  ئىلھام كىلىپ يېزىلىپ قالدى.


 «سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش 
( يازغۇچى   پاسىل)


       ئەدەبىيات تارىخىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا بىرەر يازغۇچى مەلۇم بىر تېمىدا ئەسەر يازسا باشقىلارمۇ شۇ تېمىدا يازىدىغان، ئالدىنقىلار يازغان تېمىنى كېيىنكىلەر قايتا يازىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايقايمىز.
     مەسىلەن، «گېرمانىيىدە 1775- يىلدىن1808- يىلغىچە 29 يازغۇچى فائۇست ① توغرىسىدا رومان يازغان». ② ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزغا قارايدىغان بولساق «پەرھات- شېرىن» ھەققىدە ئەسەر يېزىش ناۋايىدىن نىمشىھتقىچە، ھەتتا بۈگۈنگىچە ③داۋاملىشىۋاتىدۇ. يۇقارقى پاكىتلار مېنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خېلى بۇرۇنلا قەلەم تەۋرىتىلىپ، كۆز قاراشلار ئاساسەن مۇقىمدىلىپ قالغان «سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىنى قايتا ئەزۋەيلىشىمگە ئىلھام بولدى.
      سىيىت نوچى خەلقىمىزدىن چىققان كۈچتۈنگۈر پالۋان بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە دىيارىمىزدا قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تونۇلىدۇ. زۇلۇم، ئىكىسپىلاتسىيەگە قارشى كۈرەش مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ جاھانكەزدىچىلىكىنى باشلايدۇ. ئۆزىنىڭ كۈچتۈنگۈر باتۇرلىقى، ئادالەتپەرۋەرلىكى، مەرتلىكى بىلەن نەدە تەڭسىزلىك، زۇلۇم بولسا شۇ يەردە پايدا بولۇپ، كۆكرەك كىرىپ چىقىپ ئادالەتنى قوغداپ پەقىرلەرگە باش- پاناھ بولىدۇ. ئۇ قايسى يۇرتقا بارسا خەلق بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ. يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىسا تەشۋىشلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
       سىيىت نوچى يۇرت كېزىپ ئۈچتۇرپانغا كەلگەندە زۇلۇم ئىكىسپلاتسىيەنىڭ ئېغىرلىقىدىن يۈرىكى ئىزىلىپ كەتكەن خەلقنىڭ پالۋاندىن ئايرىلغۇسى كەلمەي، پالۋان ئۈچتۇرپاندا ئۇزۇنراق تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. سىيىت نوچىنىڭ ئۈچتۇرپاندا پەيدا بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ماشىياۋۋۇ④ ئۇنى كۆزدىن يوقۇتۇپ مىرادىغا يەتمەك بولىدۇ. ئەمما پالۋاننىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرويىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى سەزگەندىن كېيىن، ئۈچتۇرپاندا ئۇنىڭغا بىۋاستە قول سېلىشقا پېتىنالماي« ھىيلە ئىشلىتىپ،سىيىت نوچى ئارقىلىق ماتىتەي(5)نى،ما تىتەينىڭ قولى ئارقىلىق سىيىت نوچىنى يوقاتماقچى بولىدۇ ۋە سىيىت نوچى بىلەن قۇرئان تۇتۇشۇپ ئاغا –ئىنى بولۇشىدۇ . سىيىت نوچىنىڭ قولىغا بىر پارچە خەت تۇتقۇزۇپ،يول خىراجىتى بېرىپ ئۇنى قەشقەرگە يولغاسالىدۇ.ئاغزى چاپلانمىغان خەتنى ئاخكۆڭۈل سىيىت نوچى ئوقۇتۇپ كۆرمەيدۇ.جۇدوتەي) 6(خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ ھەيران
بولۇپ ، :تۇڭچىسىغا:<ئۇ تولىمۇ ئاخكۆڭۈل ،ساددا ئادەمكەن .بۇخەتنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىگىنى ئۇختۇرۇپ قويۇڭلار،قېچىپ كەتسۇن! >دەيدۇ.سىيىت نوچى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن :<    قاچسام باشقىلارنىڭ سىيىت نوچى ئۆلۈمدىن قورقۇپ قاچقان،دىگەن ئۆسەك سۆزىگە قالىمەن!
>دەپ قېچىپ كەتكىلى ئۇنىمايدۇ.كىشىلە  جاللاتنى سېتىۋېلىپ،ئۇنىڭ ئۆلمەيدىغان يېرىگە ئاتقۇزغان بولسىمۇ،لېكىن سىيىت نوچى ئۆزىنى ئېتىۋېتىش توغرىسىدا چىڭ تۇرىۋالىدۇ.ئاخىرى ئېتىپ ئۆلتۈرلىدۇ»7)).بۇ قانلىق پاجىەنىڭ شاھىدى بولمىش ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ئەۋلاتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئبرەت ئېلىشى ئۈچۈن،قانلىق ياشلىرى ئارقىلىق«سىيىت نوچى»داستانىدىن ئبارەت تەۋەرۈكنى قالدۇرۇپ كەتكەن. گەرچە سىيىت نوچى بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغانغا يۈز يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، خەلقىمىز ئۇنىڭ باتۇرلىقىنى، زۇلۇمغا، خورلۇققا تەڭسىزلىككە قارشى تۇرىدىغان، ناھەقچىلىقنى كۆرگەندە سۈكۈت قىلىشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان ئېسىل خىسلەتلىرىنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا سېغىنىپ ئۇدۇم قىلىپ، ئەۋلات تەربىيەسىنىڭ
خېمىرتۇرۇچى قىلىپ كەلدى. داستاندىن باشقا  بىر قىسىم تارىخى مەنبەلەر( 8)مۇ ئسپات بېرىپ تۇرۇپتىكى، سىيىت نوچى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «باتۇر، ئەقىل- پاراسەتلىك مىللەت» دېگەن نامىغا مۇناسىپ قەھرىمان.
     ئۇنىڭ قەھرىمانلىق تارىخىنى، خەلقىمىز قەلبىدىكى بۈيۈك ئوبرازىنى ھەر قانداق ۋاستە بىلەن بۇرمىلاش ياكى چىقىرىپ تاشلاش مۇمكىن ئەمەس.
ئەپسۇس، بىزنىڭ بىر قسىم مەتبۇئاتلىرىمىزدا سىيىت نوچىدىن ئىبارەت مەشھۇر خەلق قەھرىمانى، جامائەت ئەربابىنىڭ نۇرلۇق ئوبرازىنى خىرەلەشتۈرىدىغان، بولۇپمۇ ساددا كىتابخانلار قەلبىدە سىيىت نوچى ئوبرازىغا نسىبەتەن، داۋالغۇش پەيدا قىلىپ قويىدىغان ئايرىم قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقتى.  مەسىلەن:ئىسلاھاتتىن بۇرۇن تۈزۈلگەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ 3-قىسمىغا «سىيىت نوچى» داستانىدىن
پارچە بېرىلگەن بولۇپ،ئۇنىڭدا:«بىرى،ساۋاتسىزلىق، نادانلىق سىيىت نوچى پاجىەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ مۇھىم ئامىل.يەنە بىرى،ھاياتلىق.ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى قەدىرلىمەي،دۈشمەننىڭ ھىلى-نەيرەڭلىرى ئالدىدا خۇدىنى يوقۇتۇپ،ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش -تولىمۇ ئەخمەقلىق.سىيىت نوچى دەل بۇ ئىككى نوختىدىكى ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن بىھۇدە ئۆلۈپ كەتتى،ئۆز ئۆلۈمىگە ئېچىنىپمۇ قويمىدى»(9دىيىلىپ،گۈدەكلەرگە سىيىت نوچى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈلدى. 1995- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى» ناملىق ماقالىدە: «..... سىيىت نوچىدەك ئەخمەق، مۇناپىقسىمان ئادەملەرنى يۈز يىللاپ
سېغىنىپ، ئۇلۇغلاپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ماختىشىدۇ، «مىللىي قەھرىمان» دەپ تەرىپلىشىدۇ. سىيىت نوچى ھاياتىدا خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنگەن زالىملاردىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ بىرەر ئىش تەۋرەتكەنمۇ..... دېگەنلەرنى ئويلاپ باقمايدۇ. ئەجىبا ئۇ، ئۈچتۇرپان ھاكىمىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈچتۇرپان خەلقىنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان بىر زالىمنىڭ يېنىدا دوست بولۇپ تۇرۇشقا ماقۇل بولدىغۇ؟
       شۇنىڭغا راۋاپ چېلىپ بېرىپ، شۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتىغۇ؟ مۇشۇغۇ بىزنىڭ مىللىي قەھرىمانىمىز؟! تىللاردا داستان قىلىدىغان نوچىمىز......» دېيىلدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تەپەككۇرۇم خېلى بىر مەزگىلگىچە غىدىقلىنىشتىن توختىمىدى. مەن بۇ ماقالىگە چوقۇم كىتابخانىلار ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئەمما ھېچكىم ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئارىدىن 8 يىل ئۆتۈپ  «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2003- يىللىق6- سانىغا «سىيىت نوچىنىڭ ئەرزى» ناملىق فىليەتۇن بېرىلدى. فىليەتۇندا گەرچە سىيىت نوچىنى نادان، ساۋاتسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن دېگەن ھۆكۈمگە رەدىيە بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئەسەر مېنى تازا قانائەتلەندۇرەلمىدى. ئۈمۈت بىلەن يەنە بىر مەزگىل كۈتتۈم، ئەمما بۇ
ھەقتە قايتا بىرەر ئىنكاس بولمىدى.ئاخىردا بىر قسىم پىكرى ئويغاق كەسىپداشلىرىمنىڭ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن پىكرىمنىڭ چولتا، قەلىمىمنىڭ گاللىقىغا باقماي «سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدا كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇھىم دەپ قارىدىم. قەھرىماننى مۇئەييەن بىر تارىخى دەۋىر يارىتىدۇ. ئالاھىدە شارائىتتا ئالاھىدە ئادەملەر مەيدانغا كېلىدۇ. سىيىت نوچىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئالدنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئالاھىدە شارائىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. بىز سىيىت نوچىغا باھا بەرمەكچى بولىدىكەنمىز ئەينى دەۋىردىكى سىيىت نوچىنى ئۆستۈرگەن مۇھىت ۋە شارائىت، ماكان ۋە زامان بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ناۋادا بىز بۇ مەقسەتكە يىتەلىسەك ئاندىن سىيىت نوچىغا ئادىل، كىشىلەر قايىل بولغىدەك باھانى بېرەلەيمىز.«مۇئەييەن بىر تەتقىقات شۇ تەتقىقاتچى ياشاۋاتقان دەۋىرنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، سېلىشتۇرۇلمىسا ئۇنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى بولمايدۇ» شۇنداقلا ئەسلىي ماكان ۋە زامان بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان تەتقىقاتمۇ ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ.
       ئىمان، ئېتىقاد، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق يوسۇنلىرىمىز كرزىسقا دۇچ كەلگەن. ئىناقلىق، بىرلىك، مەرتلىك، ۋاپادارلىق، ئىنسانىي مېھرى- مۇھەببەت سۇسلاپ كېتىۋاتقان دەۋرىمىزدىكى سىيىت نوچىلارغا نىسبەتەن «ئامانەتكە خىيانەت قىلىش» ھېچ گەپ ئەمەس بولۇپ قالدى.لېكىن، بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆز قولى بىلەن جاللاتقا تاپشۇرۇپ بەرگەن سىيىت نوچى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئايرىم كىشىلەر تەرىپىدىن «ساۋاتسىزلىق»، «نادانلىقنىڭ تىمىسالى بولۇپ قالغان بولۇپ، ھەققانىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ سىيىت نوچىغا قىلىنغان ھاقارەت، خەلق قەھرىمانىغا قىلىنغان تۆھمەت. دىنىي ئېتىقاد، ئەنئەنىۋى ئەخلاق يوسۇنلارنىڭ ئەينى دەۋىردىكى تەسىر كۈچى شۇنداق كاپالەت بېرەلەيدۇكى، ئەينى دەۋىر مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن سىيىت نوچى ھەرگىزمۇ «ئامانەتكە خىيانەت» قىلمايدۇ. ناۋادا ئۇ «ئامانەتكە خىيانەت» قىلىش غەرىزىدە بولغان بولسا، ساۋاتسىزلىق ئۇنى توسۇپ قالالارمىدى؟
     چۈنكى ئەينى ۋاقتىدا سىيىت نوچىنى چىرىكلەر يالاپ ماڭمىغان ياكى پايلاقچىلار ئىزىغا چۈشىۋالمىغان، بىر ئەركىن يولۇچى سۈپىتىدە ماڭغان تۇرسا! ماقۇل بىز ئۇنى ساۋاتسىزلىقنىڭ كاساپىتىدىن شۇنداق قىسمەتكە دۇچ كەلگەنمۇ دەيلى. بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن خەنزۇ تىلىدىكى قول يازمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن بىر ئۇيغۇرنى بۈگۈنكى كۈندە ساۋاتسىزلار قاتارىغا چىقىرۋېتىشنىڭ ئۆزى ئىلمىيلىك ئەمەس. خۇيزۇلار خەنزۇ تىل- يېزىقنى قوللىنىدۇ. ئەينى چاغدا سىيىت نوچىغا خەت يېزىپ بەرگىنىمۇ، خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىمۇ خۇيزۇ. دېمەك خەتنىڭ خەنزۇتىلىدا يېزىلغانلىقىدا شەك يوق.ھالبۇكى بىز بىر ئەسىر بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇرنى خەنزۇتىلىدىكى قول يازمىنى «ئوقۇيالمىغان» لىقى ئۈچۈن ساۋاتسىز، دەپ ئەيىپلەۋاتىمىز. ھازىر بىزنىڭ مائارىپىمىزدا خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشى قانچىلىك دەرىجىدە چىڭ تۇتۇلىدىغانلىقى، ئۇنى يولغا قويغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقى ھەممىمىزگە
ئايدىڭ. ناۋادا سىيىت نوچىغا قويغان ئۆلچەمنى 100 يىل كەينىگە سۈرۈپ بۈگۈنكى ئادەملىرىمىزگە قويساق، خەنزۇ تىلىدىكى قول يازمىنى ئوقۇيالماي قانچىلىكىمىز «ساۋاتسىز» بولۇپ قالارمىز؟!
     ھەممىمىزگە شۇ نوختا ئېنىق بولۇشى لازىمكى،سىيىت نوچى بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئاۋۋالقى زاماننىڭ نوچىسى، تەڭسىزلىككە، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلايدىغان پالۋان، خەلق قەلبىدە يۈكسەك ئوبراز تىكلىگەن جامائەت ئەربابى بولۇپ، ئۈچتۇرپاندەك بىر يۇرتنى ئالقىنىدا ئوينىتىۋاتقان كاتتا ئامبالنىڭ ئۇنىڭغاچېقىلىشقا پېتىنالماي دوتەينىڭ ئالدىغا ماڭدۇرىشى، تۆھمەت قىلىپ بوينىغا تاقاق، پۇتىغا ئىشكال سېلىپ، تۆت چىرىككە ھەيدىتىپ يولغا سېلىشقا پېتىنالماي ئۇستىلىق بىلەن ھىيلە ئىشلىتىشلىرى،قىسقىسى، ئامبالنىڭ شۇنچىۋالا ئېھتىيات قىلىشلىرى بىزنىڭ سىيىت نوچىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا يېتەرلىك ئاساس بولالايدۇ. ناۋادا بەزىلەر ئېيىتقاندەك سىيىت نوچى «مۇناپىقسىمان» ، «قۇل مىجەز» ئادەم بولسا، شۇ چاغدىكى خەلق ئۇنى بېشىدا كۆتۈرەرمىدى؟ ناۋادا خەلق ئارسىدا سىيىت نوچىنىڭ شۇنچە ھۆرمىتى بولمىغان بولسا ئامبال ئۇنىڭدىن تەپ تارتىپ يۈرەرمىدى؟! تارىخ شۇنىڭغا كاپالەت بىرىدۇكى، مۇناپىق ھىچقاچان ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشەلىگەن ئەمەس. داستاندا ھەقىقەتەن ساۋاتسىزلىق ___ سىيىت نوچى پاجىئەسىنىڭ مەنبەسى دېگەن ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن، ھەم داستان ۋەقەلىكىدە قىسىمەن زىددىيەتلىك تەركىبلەر ساقلانغان. مەسىلەن، داستاننىڭ
باش قىسىمىدا سىيىت نوچى ئۆز زامانىسىنىڭ ئەقىل- پاراسەتلىك، تەڭداشسىز باتۇرى، خەلق قەھرىمانى، سەزگۈرلىكى، ھۇشيارلىقى بىلەن ئۆزىنى ۋە خەلقنى قوغداپ كەلگەن ئەزىمەت قىلىپ تەسىۋىرلەنگەن بولسا، ئاخىرىدا نادان، ساۋاتسىز، قىلىپ تەسىۋىرلەپ قويغان. ئىش قىلىپ ئىككى خىل تەسۋىر ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، داستان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەر بولۇپ، ئېغىزدىن- ئېغىزغا، دەۋىردىن- دەۋىرگە، زاماندىن- زامانغا كۆچۈش جەريانىدا دەۋىرنىڭ تامغىسى بېسىلغان، مەدداھلارنىڭ، رەتلىگۈچىلەرنىڭ، قەلەمگە ئالغۇچىلارنىڭ ئىدىيە ۋە دۇنيا قارشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.بۇ ئەھۋالنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مۇتەخەسسلىرىنىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قالغان دىيىشكە بولىدۇ.
ئەمدى بىز سىيىت نوچىنى «نادان» دەپ تۇرايلى.
     «نادان» دېگەن سۆز- «ئىلىم- پەندىن خەۋەرسىز، ئاڭ چۈشەنچىسى نىسبەتەن تۆۋەن، تەربىيە كۆرمىگەن، زېھىنى ئىقتىدارى تۆۋەن، دۆت، گالۋاڭ»(10)... دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، سىيىت نوچى خاراكتېرىگە ھەرگىزمۇ ماسلاشمايدۇ. يەنى «نادان» بىلەن «سىيىت نوچى» ئۆز ئارا سىغىشالمايدىغان قارىمۇ- قارشى ئىككى ئۇقۇم خالاس!
      بىزدە ئىسلام دىنىي ئارقىلىق كىرىپ ئېڭىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. يالغان سۆزلەشتىن چەكلەپ راستچىل، سەمىمىي بولۇشقا ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان «لەۋزى ھالال» دەيدىغان پەرھىز سۆزىمىز بار. شۇ سەۋەبتىن بىز باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققانلىكى سۆزىگە شەكسىز ئىشىنىمىز، ھەرگىزمۇ گۇمانلىنىپ باقمايمىز. ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق شۇ نەرسە ئېنىقكى، باشقىلار بىزنى «لەۋزى ھالال» دېگەندىن ئىبارەت پىسخىك ئاجىزلىقىمىزدىن تۇتىۋېلىپ، تارىختىن بۇيان، «لەۋىز»__ گەپ بىلەن ئالداپ «بۆكىمىزگە چىگدە سېلىپ» كەلگەن. بىز تارىختا ئۆتكەن باتۇرلىرىمىز، پالۋانلىرىمىز، سەركەردەلىرىمىز يول باشچىلىرىمىزنىڭ قىسمەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، تراگېدىيسىنىڭ بىر خىل شەكىلدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىخ ۋە ئىدىيىۋى چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن، بىر قېلىپتا نادانلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ئەمما بۇ يەردە دېيىلگەن «نادانلىق» ئاق كۆڭۈللۈك، سەمىمىيلىك، ساددىيلىق باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىشتەك ئاجىزلىقىمىزغا قارىتىلغان. ناۋادا بۈگۈنكى كۈندە بىز ئەشۇ قەھرىمانلىرىمىزدىن بىرگىنە سىيىت نوچىغا ئېسىلىۋېلىپ، سەن «ساۋاتسىز»، «نادان»، «مۇناپىق» قەھرىمانىمىز ئەمەس، دېسەك، ئەينى دەۋىردىكى ئەجداتلىرىمىزنى نادانلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن بولىمىز خالاس!
      مەن ھەر قېتىم «سىيىت نوچى» داستانىدىن سىيىت نوچىنىڭ ئانىسىغا توغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت- مەھەللىسىگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ توسۇپ قالالمايدىغانلىقى، ئانىسى ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان ئىنسانىي خسلىتى ھەققىدىكى تەسىۋىرلەرنى ئوقۇۋاتقان چېغىمدا قاتتىق ھاياجانلىنىمەن. نۆۋەتتىكى رىئاللىقىمىزدىن ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ئازراقلا راھەتكە ئېرىشىپ قالسا تۇققان ئانىسىدىن، يۇرتىدىن ھەتتا مىللىتىدىن ۋاز كىچىدىغان، ئانىسىنىڭ پەرزەنت كۈيىكىگە چىدىيالماي قاغان چاغدىكى «بالام، جان– چىگرىم، ياشىنىپ قالدىم كۆزۈمنىڭ يۇرۇق ۋاقتىدا سېنى بىر كۆرۈۋالاي...»دىگەندەك زارلاشلىرىغا خىلمۇ-خىل باھانىلەرنى كۆرسۈتۈپ ئانىسىنى يوقلاپ بارمايدىغان، ھەتتا خىجىلمۇ بولماستىن ، ئانىسىغا ئۆزىنىڭ «كاتتا» ئەرباب بولۇپ كەتكەنلىكى، ئوغلىدىن غەم قىلماسلىقى لازىملىقى ھەققىدە پونى بولۇشىغا ئاتقاندىن كېيىن «...ئانا ،خېنىم ئانا! چايغا ناننى جىق سېلىپ ئىچ ئانا، مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇر...» (11) دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ قويىدىغان بىر قىسىم ئىمانى يىگىلەپ كەتكەن ياشلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، ئىچىمگە ئۈششۈك ھەرىسى كىرىۋالغاندەكلا بولۇپ كىتىمەن
      .ئويلاب باقسام بىز ئەجداتلىرىمىز ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئۇدۇم قىلىپ،مەنىۋى ئۇزۇق ئېلىپ كېلىۋاتقان مىللى
روھنى قەدىرلىمىگەن ئۇلۇغلىمىغان،ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغانلىغىمىز ئۈچۈن ،ئۇ بىباھا ئەڭگۈشتەرلىرىمىز بىزنى تۇلىمۇ يىراققا تاشلاپ كىتىپتۇ.بۈگۈنكى كۈندە مەنىۋى جەھەتتىن ئېچىرقاپ شۇدەرىجىگەبېرىپتىمىزكى،بىزنىڭ دەستىمىزدىن ئۇلۇغلىرىمىز پانىي ئالەمدىلا ئەمەس،گۈرىدىمۇ خاتىرجەم ياتالمايدىغان بوپتۇ. سىيىت نوچى قانداقلا بولمىسۇن راھەت- پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىپ «ئانامنىڭ قېشىغا بارىمەن» دىيەلىدىغۇ، قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ دوتەي يامۇلىغا ئەمەس، ئانىسىنىڭ قېشىغا كىردىغۇ، يۇرت مەھەللە كوي بىلەن جەم بولۇپ ھال- مۇڭ بولدىغۇ، ئۇنىڭ قەلبىدە ھەر زامان ئانا مۇھەببىتى، يۇرت سۆيگۈسى ئۈستۈن ئورۇندا تۇردىغۇ... ئۇنىڭ مەرىتلىك بىلەن جاكارلىغان مۇنۇ كەلىمىسىنى .ئوقۇرمەنلەرگەئەسلىتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ:


ئامانەتكە خىيانەت
نامەرت ئىشىدۇر.
پالاكەتنىڭ ئامرىقى
قورققان كىشىدۇر.
ھاياتىمدا نامەرتلىك
قىلغان ئەمەسمەن.
جاننى ئالتۇن- كۈمۈشكە
ساتقان ئەمەسمەن.

قاراڭ ،بۇ يۈرەك سۆزلەر ئۇنىڭ ئىشەنچ ۋە ئىتىقات جەھەتتەمۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى،ئېسىل ئەنئەنىۋى ئەخلاق- يوسۇنلارغا ساداقەتمەنلىكىنى، ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتەك نامەرتلىكتىن ھەزەر ئەيلەيدىغانلىغىنى ،ناھەقچىلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان مەردانە پالۋان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ! مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ سىيىت نوچىنى قەھرىمانىمىز، نوچىمىز دېيىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟!
   ئىزاھات: : ① فائۇست  __ (1541- 1488) گېرمانىيىدە ئۆتكەن تارىخى شەخس.
② مۇھەممەت ئىمىن «چەتئەل ئەدەبىياتى» شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى. 1998- يىلى 10- ئاي 1-
نەشىرى.
③ نورمۇھەممەت توختى «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىك 3- سانى «پەرھات- شېرىن»
④ ماشىياۋۋۇ __ ئەينى دەۋىردىكى ئۈچتۇرپان ئامبىلى
(5)  ماتىتەي__ئەسلىئسمى مافۇشىڭ بولۇپ،ئۇ ئەينى دەۋىردىكى قەشقەرنىڭ تىتەي(ھەربى ئەمەلدار)ى
(6)  جۇدوتەي__ئەينى دەۋىردىكى قەشقەرنىڭ دوتىيى
(7)(8)  شىرىپ خۇشتار «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى
2000-يىلى9-ئاي1- نەشرى 309 -،310-،311-بەتلەر.
(9)ئازات «ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە ساپا مائارىپى» شىنجاڭ خەلىق نەشىر ياتى 2002-يىلى8-ئاي1-نەشرى.
(10)غەنزات غەيۇرانى قاتارلىقلار «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999- يىلى
8- ئاي 1- نەشىرى1093-بەت .
(11) مەرھۇم ھەسەن يۈسۈپ  قاتارلىق ئارتىسلىرىمىز  ئورۇنلىشىدىكى «سەھنە ئىتوتى» دىن ئېلىندى

تۆۋەندە  خەلقىمىز تىللاردا داستان قىلغان  سىيت نوچى داستانىنىڭ تولۇق نۇسخىسى

      قەشقەر خەلقنىڭ پىغانلىق كۆز يېشى بىلەن قوشۇلۇپ ئاققان تۈمەن دەرياسى بويىدا ، كوزىچى يار بېشى قوينىدا سېيىت ئىسىملىك بىر ئەزىمەت بارلىققا كەلدى . ئۇ شىرنىڭكىدەك كەڭ كۆكرىكى ، يولۋاس تاپىنىدەك ئالقىنى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى . تۆت دەرۋازىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى غېرىپ - غۇرۋا ، يىتىم يېسىرلار ئۇنى ئۆزىگە ئاشىنا بىلدى.
    ئۇ ئونبەش ياشقا بارغاندا تۆشۈك دەرۋازىدا بىر ناۋايغا نىمكار بولۇپ كىردى .

ئەلگەك بىلەن ئۇن تاسقاپ ، ئۆتمەكتە ئۆمۈر .
ئەتىگەندىن كەچكىچە ، ئەيلەيمىز خېمىر .
خېمىر تاۋلاپ بولۇپتۇ ، بىلەكلەر تۆمۈر .
سېيىت نوچى گىردىسى دەپ ، داڭقىم يېيىلدى .
داستىخانغا دەرمان بولۇپ ، ماختاپ يىيىلدى .
بۇ گىردىنى ھەرياققا ، ئېلىپمۇ كەتتى .
ئالدى ئاقسۇ ، ئارقىسى يەكەنگە يەتتى .
يىتىم -يېسىر باغرىنى ئۇ ، ماكانى ئەتتى .
نەچچە يىلدىن نىمكار ئىشلەش تەننى پىشۇردى .
بىلەكلەرگە دەرمان بېرىپ قۇۋۋەت ئاشۇردى .
بوزەك قىلسا بەگ - غوجاملار ئاجىز پۇقرانى .
قانداق چىداپ تۇرالايدۇ سېيىت ۋىجدانى .
ئاگاھ بەردى سېيىت كۆپ رەت ، ھۆكۈمران بەگكە .
نەزەرگە ھېچ ئىلمىغاندا قېتىلدى سەپكە .

    ئەلقىسسە ، ئايلار ئۆتتى ، يىللار ئۆتتى . سېيىت ئاخۇن گېلاۋخۇيچىلارغا قېتىلىپ سېيىت گاڭگۇڭ دەپ ئاتالدى . قان شورىغۇچ تىرىكتاپ بايلار ، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالدى . سېيىت نوچىنىڭ ئۈستىدىن دادلاپ ماتىتەي ٭ نىڭ ئالدىغا بەگزادىلەرنىڭ ئەرىز -شىكايىتى ياغدى . ئەمدى گەپنى سېيىت نوچىنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاڭ :

قارا ساچىم يەلپۈنۈپ قاشىمغا چۈشتى .
تۈمەن سەۋدا بالالار باشىمغا چۈشتى .
بولدى مېنىڭ يۆلەنچىم گېلاۋخۇي ھاشىم ٭
چامباشلىقنى ئۈگەتتى ئۇ ، جان - دوست ئاداشىم .
گېلاۋخۇيغا جەم بولدۇق ، دارىنغا قارشى .
خىيانەتچى ، پارىخور زالىمغا قارشى .
بەلنى باغلاپ يەڭ تۈرۈپ ، كۆتۈردۇق غوۋغا .
مەيلى دىدۇق بىزنى باغلاپ ، ئاسسىمۇ دارغا .
ھەر قەيەردە ئۆم بولۇپ ، باشلىدۇق جىدەل ،
ئەل ئاغزىدا داڭقىمىز بولۇپتۇ غەزەل .
قەشقىرىمدە ماتىتەي يارلىق چۈشۈردى .
سېيىت نوچىنى تۇتۇڭلار دەپ ، بۇيرۇق چۈشۈردى .
يوقىتىلدى گېلاۋخۇي زىنداندا ھاشىم .
زۇلۇم ، كۈلپەت قاينىمىدا ، قېلىپتۇر باشىم .
قەشقىرىمدە كۈن ئالماق ، تەس بولدى ، كەتتىم .
ياۋا قۇشتەك ئايلىنىپ ، ئاقسۇغا يەتتىم .
قەشقەردىنمۇ بەك غېرىپ ، غۇرۋانە ئاقسۇ .
خاراپزارلىق ئوچىقى ، ۋەيرانە ئاقسۇ .
راۋابىمنى ھەمراھ قىلىپ ، يەتتىم كۇچاغا .
ئالتە چېرىك بىر بولۇپ ئالدى ئاراغا .
ئالتە چېرىك ئارىسىدا ، شۇنچە مۇشتلاشتىم .
قارا شەھەر دەرۋازىسىنى ، پەشۋادا ئاچتىم .

    ئەمدى گەپنى قارا شەھەردىن ئاڭلايمىز : ئەلقىسسە ، سېيىت گاڭگۇڭ قاراشەھەرنىڭ بېقىنىدىكى ، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ قېشىدىكى ، دەريانىڭ ئېقىنىدىكى خوجۇلۇق بونجالىققا كېلىپ راۋابىنى ئالدى ، زەخمەك ئۇرۇپ تارىغا شۇنداق لەرزان چالدى ،تەرەپ -تەرەپتىن كەلگەن ئەھلى جاپاكەش ، مۇساپىر - مۇھاجىرلار ئۇنىڭ قولىغا قاراپ قالدى . راۋاپ ئاۋازى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە بىر ئوت سالدى . بىر چاغدا سېيىت نوچى شۇنداق
قاراپلا ھەيۋەت بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر پارچە قارا بۇلۇتنى كۆردى . سېيىت ئاخۇن دىدىكى :

بۇ خۇدانىڭ كارامىتىمۇ
يا ئەزرائىلنىڭ مالامىتىمۇ ؟
ياكى بىر كاساپەتنىڭ ئالامىتىمۇ ؟ ..

   . سېيىت ئاخۇن سەپسېلىپ قارىغۇدەك بولسا ، كېلىۋاتقىنى قارا بۇلۇت ئەمەس ، ئات تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا - چاڭ ئىكەن . ئاتلىقلارنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقىنى قاراشەھەرگە نامى پۇر كەتكەن بىر زالىمنىڭ بالىسى پور بايۋەتچە دېگەن چۈلە - زاڭ ئىكەن ، ئۇنىڭ ئەخمەقلىقى ، پوچىلىقى پۈتۈن قارا شەھەرگە داڭ ئىكەن . پۇقرالار دىدىكى : ھەي سېيىت نوچى ، سېيىت گاڭگۇڭ ! ئالدىڭدىكى ئاتلىق پور بايۋەتچىدۇر ، خۇمسىلىقتا ئۆتۈپ كەتكەن بىر بەچچىدۇر ، ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى قىرىق نەچچىدۇر ، ئۇنىڭ يۆلەك - پاناھى چوڭ ، خەلق ئالدىدا گۇناھى چوڭ ، ئۆزىنى شىر سانايدۇ ، نوچىلىقتىن تەمەيى چوڭ . ئۇنىڭ ئۆزى ئۆتۈپ كەتكەن مۇتىھەم لالما ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىشىپ قالما ، بەل تۇتۇشۇپ چېلىشىپ سالما ، بەل تۇتۇشساڭ دەس كۆتۈر ، يانپىشىڭغا ئالما ! سېيىت نوچى شۇنداق قارىغۇدەك بولسا ، پور بايۋەتچىنىڭ بىر قولىدا تىزگىن ، بىر قولىدا قامچا ، كەينىدە ئون نەچچە چېرىك غالچا ، غالچىلار قولىدا نەيزە  كالتەك ، ئارغامچا . پور بايۋەتچە سېيىت ئاخۇنغا قاراپ دىۋەيلەپ ، ئۆز- ئۆزىچە كۆرەڭلەپ ، نىمە دەيدۇ
قېنى ، قامچىسىنى تەڭلەپ :

قەيەرلىكسەن ، نەلىكسەن ؟ ئاتىڭنى سۆزلە .
راۋاپ - زەخمەك قولۇڭدا ، زاتىڭنى سۆزلە .
ئاياغىمغا باش قويۇپ ، دادىڭنى سۆزلە .
قەيەرلىكسەن ، قەلەندەر ، دىۋانىمۇسەن ؟
يا بېشىڭغا كۈن چۈشكەن ، سەرسانىمۇسەن ؟
ۋە يا داچەن دەردىدە ، ئاۋارىمۇسەن ؟
ياكى ئوغرى - بۇلاڭچى ، قاراقچىمۇسەن ؟
قانداق غەرەزدە كەلدىڭ ، ھالىڭنى سۆزلە .

    سېيىت ئاخۇن بۇ ھاقارەتنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپ ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، كېلىشكەن قاپقارا بۇرۇتىنى بىر تولغاپ قويۇپ ، نىمەدەپ جاۋاپ بېرىپتۇ دەڭلار !

ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ـ سېپىل تېشىدىن .
شېرىن شەربەت سۈيى بار ، تۈمەن قېشىدىن .
خۇمدانچىلار مەلىسى ـ كوزىچى يار بېشىدىن،
چىققان سېيىت ئىسىملىك ـ پېقىر يىگىتمەن .
كىچىكىگە كىچىكمەن ، چوڭىغا چوڭمەن .
پىششىقىغا پىششىقمەن ، توڭىغا توڭمەن .
تەتۈرىگە تەتۈرمەن ، ئوڭىغا ئوڭمەن .
مىسكىنلەرنىڭ مۇڭدىشى ، ئامراق يىگىتمەن .
ئالداشنىمۇ ئۇقمايمەن . رەممال ئەمەسمەن .
يا قەلەندەر - دىۋانە ، ئابدال ئەمەسمەن .
خەقنى ئۇرۇپ - سوقمايمەن ، ئامبال ئەمەسمەن .
يامىنىدىن قورقمايمەن ، چەبدەس يىگىتمەن .
نەگە بارسام ھەمرايىم ، مېنىڭ راۋابىم .
چالسام سازىم ، مادارىم ، قىلسام تاۋابىم .
بىلمەك بولسام شۇ ساڭا ، سۆزۇ جاۋابىم .
ئەزىزانە قەشقەردىن ، چىققان سېيىتمەن .
    پور بايۋەتچە دىدىكى :
ئەي يۇرت - ماكانى يوق ھارامزادە ،
مەن بولسام ئارزۇلۇق بەگزادە ،
كىيىم سەرپايىلىرىم ئازادە ،
بەخت - دۆلەتتە ماڭا ھەرقانداق شاھزادە ،
مەن بولسام قاراشەھەردە ئاتالغان گاڭگۇڭمەن
، نامۇ شۆھرەتتە رۇستىمى داستانىدىن چوڭمەن .
قېنى كۈچ سىنىشايلى ، بىر قەپەس ئېلىشايلى .
گاڭگۇڭ بولساڭ مەيدانغا چۈش ، چېلىشايلى .

   سېيىت نوچى دىدىكى :
 سەندىن قورقۇنچ ، دىشۋارىم يوق .
 ساڭا ئاتار پەشۋارىم يوق .
 بىر پەس ئارام ئالغىلى
قوي ، ئىككى پەدە چالغىلى قوي .

   پور بايۋەتچە دىدىكى :
 پۇراپ باقساڭ مۇشتۇمنى ،
 يوقىتىسەن ھۇشۇڭنى ،
 بىر مۇشت بىلەن سېسىتاي
جىگىرىڭنى - گۆشۇڭنى ، باش ئۇستۇڭگە قوندۇراي ، ئەجەل ماتەم قۇشۇڭنى !

   پور بايۋەتچە شۇ سۆزلەردىن كېيىن سېيىت نوچىغا شۇنداق بىر مۇشت ئاتتى . مۇشتى قاڭقىپ كېتىپ ئۆزى ئېغىناپ بىر ئازگالدا ياتتى ، زەي -پاتقاققا پاتتى . شۇ ئىزاغا چىدالمىغان پور بايۋەتچە سېيىت گاڭگۇڭغا شۇنداق بىر پەشۋا ئاتقانىدى ، بايۋەتچىنىڭ پۇتلىرى سېقىراپ كەتتى ، كاللىسى پېقىراپ كەتتى ، ئۆزى بىلەن ئۆزى ۋاي پۇتۇم ! دەپ چىرقىراپ كەتتى ، ئۈنى بوغۇلۇپ خىرقىراپ كەتتى .
    يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ ، توۋا قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ دېگەندەك ، پور بايۋەتچە پۈتۈن كۈچىنى كاللىسىغا يىغىپ سېيىت نوچىنىڭ مەيدىسىگە شۇنداق ئۇستىكى ، بايۋەتچىنىڭ باش- كۆزى زىڭىلداپ كەتتى ، قۇلاقلىرى ۋىڭىلداپ كەتتى ، پېشانىسى ھۈررەكلەپ سېسىق تۇخۇمدەك لىغىرلاپ كەتتى . بايۋەتچىنىڭ بېشى دوقىدىن ئۆتۈپ سوقىغا ئايلىنىپ كەتتى . خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزى تۆكۈلگەن ، قەددى پۈكۈلگەن ، يۈرەك چېكى سۆكۈلگەن پور بايۋەتچىنىڭ جېنى بوغۇزىغا قاپلاشتى ، سېيىت گاڭگۇڭنىڭ ياقىسىغا كانىدەك چاپلاشتى .
    ـ: ھەي سېھىرگەي گاداي ! ئۆزۈڭگە سۈرە ئەپسۈننى ئۇرىۋاپسەن ، ئادەم سىياقىغا كىرىۋاپسەن . يۈر يامۇلغا
، مەن شۇ يەردە سىرىڭنى ئاچاي ، باش- كۆزۈڭگە ئەدەپ دورىسى چاچاي !......
    سىيىت نوچى دىدىكى : مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم ئىدى . بۇنى ئۇقمايسەن . ئۈچ نۆۋەتنى ساڭا بەرسەم ئۆزۈڭنى سورىمايسەن ، ئاستا دىسەم بەك دەيسەن ، داپقا چۈشكەن ماياقتەك سەكرەيسەن ، كۆرۈپ باق مېنىڭ كارامىتىمنى !
   سېيىت نوچى پور بايۋەتچىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپلا شۇنداق بىر كۆتۈرىۋىدى ، ئۇ يىلتىزى يوق سېسىق كۆتەكتەك ، پاشنىسى يوق ئەسكى ئۆتۈكتەك يۇلۇنۇپ چىقتى . سېيىت نوچى ئۇنى بىر قولى بىلەن شۇنداق ئايلاندۇرۋىدى ،
   ئەييۇھەنناس ! چاقپىلەكمۇ ئۇنداق ئايلانماس ، پىر - پىر -پىر ......!!! سېيىت نوچى ئۇنى قارا شەھەر دەرياسىغا شۇنداق ئېتىۋىدى ، پور بايۋەتچە خۇددى داشقا چۈشكەن ماشتەك ، تاغدىن چۈشكەن تاشتەك ، كۆزدىن ئاققان ياشتەك ، تۇز قوينىغان ئاشتەك ، قىلىچ ئۈگەن باشتەك ، دەريانىڭ قاق ئوتتۇرسىغا چۈشتى .   ئەمدى گەپنى قاراشەھەر ئامباللىرىدىن ئاڭلايمىز : چېرىكلەر پور بايۋەتچىنى دەريادىن سۈزۈۋېلىشتى ،
ئۆزلىرىنىمۇ ئازراق تۈزۈۋېلىشتى . دىيىشتىلەركى :

سېيىت نوچى تولىمۇ قارام ئىكەن ،
ئۇنىڭ خۇسۇسىدا بۆلەكچە ئويلاش ھارام ئىكەن ،
كۈچ تۇرقىدا كۆڭلى ئارام ئىكەن ،
كەمبەغەل پۇقرالار ئۇنىڭغا رام ئىكەن ،

   ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشساق بىزگە خوۋلۇق بولماس ، چىرايلىقچە سوۋغا - سالام تارتۇق قىلىپ ، بەزىسىنى ئارتۇق قىلىپ ئۇزىتىپ قويۇپ ، ئۇ كەتكەندىن كېيىن بۇ زىياننى پۇقرالارغا چېچىپ بىرنى ئون قىلىپ ئۈندۈرۋالساق . بۇ يامان نىيەتلىك غەرەزدىن سېيىت ئاخۇن تامامەن بىخەۋەر ئىدى . ئەتىسى ئۇلار قاراشەھەر ئېتىدىن بىرنى ئۇنىڭغا يوللۇق تۇتۇپ : ھەي سېيىت نوچى ، سېيىت گاڭگۇڭ ! بالىلار سېنى رەنجىتىپ قويغان بولسا
بىز ناماقۇل ، سەپىرىڭدىن يانمىساڭ ، شەھىرىمىزدە ئۇزاق تۇرۇپ قالمىساڭ دىيىشتى .  سېيىت ئاخۇن بولىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپ ، يارۇ دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئاتقا بىر قامچا سالدى ،

ئىلىخوغا قاراپ يول ئالدى :
ئىلىخوغا بارماڭلار ، يولى خەتەردۇر .
زىمىستان قىش نەشتىرى جاندىن ئۆتەدۇر .
مۇساپىرلار دەرتمەنلەر يولدا ياتادۇر .
ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ ، غەمگە پاتادۇر .
ئىلخوغا مەن بېرىپ ، قالدىم بالاغا .
ياغاق يۈزلۈك چېرىكلەر ئالدى ئاراغا .
ئالتىسىنىڭ سۇندۇرۇپ ئۇتتۇر چىشىنى .
پەشۋا بىلەن مۇش بىلەن ياردىم بېشىنى .
ئىلى دەريا بويىدا چالدىم راۋاپنى .
جالاس ئەتتىم قۇل _ يىتىمنى ، تاپتىم ساۋاپنى .
قۇل - يىتىمنىڭ ياتقان يېرى پىتلىق ئاۋاختا .
قۇل- يىتىمغا ئاش بېرەركەن سۇنۇق تاۋاقتا .
ئاۋاختىنى ئاي يورۇقى ، ئايدىڭدا چاقتىم .
قوش قولۇمنى قېيىق قىلىپ دەريادا ئاقتىم .
يىگىرمە ئالتە ياشىمدا ، كۈنلەر چۈشتى باشىمغا .
ئەرزىمنى بايان ئەيلەي ، يارۇ دوست قاياشىمغا .
ئەزىزانە قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بويۇم بار .
شەھەر كۆرۈپ يۇرت كۆرمەك ، ئىچكە تولغان ئويۇم بار .
 شەمۇشەنى ئايلىنىپ ئۈچتۇرپانغا كېپقالدىم .
قولغا ئېلىپ راۋاپنى ، ھەر پەدىگە چېپقالدىم
ئۇچتۇرپانلىق كۆڭلىگە سېيىت ئاخۇن يېقىپ قالدى .
ياقا يۇرتلۇق بولساممۇ سۆزلىرىم ئېقىپ قالدى .
يەتتى بولۇڭ پۇشقاققا يېيىلىپتۇ ئاتىقىم .
يول_ يول ئىكەن ھەر ياقتا ، ئەل -يۇرت بولدى ياتىقىم .
خالايىقلار دەر ئىدى : سېيىت نوچى كەلگۈسى .
ئۇنىڭ قەدىمى يەتمىكى ، ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى ...
نائەھلىلەر شۇ كەمدە ، ئىچى ئاداپ ھالىمغا .
تۆھمەت توقۇپ ئۇستۇمدىن ، ئەرىز قىپتۇ دارىنغا :
سېيىت يۇرتنى ئازدۇردى ، ئوغرىلارنى جەم قىلىپ .
سىزگە ئورا قازدۇردى ، بۇ يۇرتقا بالا تېرىپ .
ئۇنى يوقىتىڭ دەرھال ، تۇخۇمى قۇرۇپ كەتسۇن .
ئۇ يالاڭتۆش غوۋغاچى ، يەر يۇتۇپ چىرىپ كەتسۇن ..
. يالپاق بۇرۇن دوتەينىڭ ، رەڭگىرويى ئۆڭۈپتۇ .
سېيىت توغۇرلۇق خىيالى ، ھەر كوچىغا مېڭىپتۇ .

    ھەممىگە ئايان بولغايكى ، ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى ما شاۋۋۇ ئەسلىدە قەشقەرنىڭ دوتىيى بولۇپ ، گېلاۋخۇيچىلارنى يوقىتىشتا داڭق چىقارغان چوڭ جاللات ئىدى . شۇ چاغدىن باشلاپ سېيىت نوچىنى تونۇيتتى  بىراق قەشقەردىكى چېغىدا سېيىت نوچىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەنىدى . گاڭگۇڭنىڭ تۇيۇقسىز بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقى ئۇنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى . لېكىن ، ئۇ ئۇچتۇرپاندا سېيىت نوچىنى جايلىۋېتىشكە مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بىلەتتى. بۇلارنى ئويلاپ يەتكەن بۇ ھىلىگەر يېڭى خىزمەت ئارقىلىق خاننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشمەك خىيالىدا سېيىت نوچىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىش كويىغا چۈشۈپ ، كونا ھۈنىرىنى ئىشقا سالدى :

    ـ ھەي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ ، ئۇچتۇرپانغا خۇش كەپسەن .
مەن كۆرۈپ دىدارىڭنى ، بولدۇم تولىمۇ خۇرسەن .
تەڭ كەچكەن ئەمەسمىدۇق ، تۈمەن دەريا بويىنى .
تەڭ ئىچكەن ئەمەسمىدۇق ، ئۇنىڭ شەربەت سۈيىنى .
تەڭ ئاڭلاپ ئەمەسمىدۇق ، ھېيىت - ئايەم كۈيىنى .
بىللە كۆرۈپ كەلگەن بىز ، ئەزىز قەشقەر باغرىنى .
ھېيىت - ئايەمدە تەڭ ئاڭلاپ ، كانەي ، سۇناي ، ناغرىنى .
قەشقەرلىكنى كۆرگەندە تەنگە سىغماي كېتىمەن .
داستىخان سېلىپ ئالدىغا ، ئىززەت - ئېكرام ئېتىمەن .
ھەي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ ، يۈرسەڭ ، ئوردىغا بارساڭ .
ئۇستىخىنىڭ چۈشۈپ قالسا ، بۇ يۇرتتا تۇرۇپ قالساڭ .

   ماقۇل دەپ سېيىت نوچى ، ئوردىدا تۇرۇپ قاپتۇ . پۇۋلەپ يەل بېرىش ، ماختاش ، جايىغا بېرىپ قاپتۇ . ئاق تەڭگە بىلەن چوكان ، كۈنمۇكۈن كېلىپ قاپتۇ . يالپاق بۇرۇن ما دارېن ، ھەر ياڭزا كۈلۈپ قاپتۇ .  ئاي ، يىللار ئۆتۈپ مەزگىل ، بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ . شۇنداق بىر كۈن ئىچىدە ، سېيىت نوچىچۈشىدە ، ئانىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ . قەشقەرگە كېتەيىن دەپ ، مىسكىن ئانا قېشىغا ، پات بېرىپ يېتەيىن دەپ ، قېرىغان چېغى يېنىدا ، خىزمەت قىلىپ ئۆتەيىن دەپ . ئۆز قولىدىن ئېشىنى ، بىر قوشۇق ئىچەيىن دەپ . مانا شۇنداق ئويلاپتۇ ، ئۆي بويىنى بويلاپتۇ. دارېن ئالدىغا كىرىپ ، ئىجازەتمۇ سوراپتۇ .  ئەلقىىسە ، سېيىت نوچى شۇ كۈنى تاڭ ئېتىش بىلەن ما دارېننىڭ ئالدىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئەرزىنى بايان
قىلدى :

قوي ئىزدەر قوزاسىنى ، قوزىمۇ ئاناسىنى .
ھاۋادىكى قۇشلارمۇ ، سېغىنار ئۇۋاسىنى .
سېغىندىم يۈرەك - دىلدىن ،
ئانام مېھرىبانىمنى .
سېغىندىم ـ ئېتى مەمەت ،
ئۇكامنى ـ غەمگۇزارىمنى .
تۈمەن دەريا سۈيىدىن ، تويغىچە يۇتاي دەيمەن .
غەمگۇزارىم ئانامنىڭ ، ئالدىدا ئۆتەي دەيمەن .
يار بېشىدا ئولتۇرۇپ ، راۋابىم چالاي دەيمەن .
غېرىپ - غۇرۋا يارەننىڭ كۆڭلىنى ئالاي دەيمەن .
قەشقەرگە باراي دەيمەن ، مېھرىگە قاناي دەيمەن .
ما دارېن ئىجازەت بەر ، يولغا ئاتلىناي دەيمەن .
   ما دارېن شۇنداق جاۋاپ بەردى :
ئىجازەت بېرەي دىسەم ، مەن ساڭا چىدالمايمەن .
باشتىلا دىمەپمىدىم ، سەندىن ئايرىلالمايمەن .
ئىجازەت بېرەي ، گاڭگۇڭ ، چارەم يوق بۆلەك ياڭزا .
يوللۇقۇم بېرەي ياچەن ، تېخى بىر چىلىم غاڭزا .
يالغۇز ئانىغا سەندەك ، جان كۆيەر ئوغۇل لازىم .
ئالدىغا بېرىپ دەرھال ، ئاڭا ئەيلىگىن تازىم .
قەشقەردىكى تىتەيگە خەت يېزىپ بېرەي ئەكەت .
خەتنى كۆرسە ما تىتەي ، دەيدۇ ساڭا كۆپ رەھمەت .
سەن ئۆزۈڭ سېيىت گاڭگۇڭ ، قىلدىڭ بىزگە كۆپ خىزمەت .
ئەجرىڭ قەدرىگە لايىق ، مەنمۇ بىلدۈرەي ئىززەت .
بۇ خېتىمنى ئاپىرىپ ، بەر تىتەينىڭ ئۆزىگە .
سېنى باشلىق قىپ قويار ، تۆت دەرۋازىنىڭ بىرىگە ،
باشلىق بولۇپ شۇندا سەن ، ئويناپ - كۈلۈپ ئۆتەرسەن .
گاڭگۇڭ نامىڭغا لايىق ، مۇرادىڭغا يېتەرسەن .
بۇ يۇرتتىن كېتەر بولدۇڭ ، ئىچىمگە سېلىپ ئوتنى .
ئەتە يولغا چىق گاڭگۇڭ ، تەييارلاپ قوياي خەتنى .

    ئەلقىسسە ، ما دارېن ئۇخلىماي خېتىنى يازدى ، گاڭگۇڭنىڭ ھايات يولىغا ئەجەل خەندىكى قازدى . ئەتىسى سېيىت نوچى بۇ خەتنى ئېلىپ ، قوينىغا قاتلاپ سېلىپ ، دارېن ئالدىدىن چىقىپ جاپاكەش پۇقرالارغا تويماي بېقىپ ، يۈرىكى شامدەك ئېقىپ شۇنداق دىدى : خوش بۇرادەر ، يارەنلەر ، بىللە ئويناپ ئۆتكەنلەر . ئۆزرەمنى ئېيتىپ قالاي ، قەشقەرگە كېتىپ قالاي .  داغى پەرزەنىت ئانامنىڭ ، قان قېرىنداش ئۇكامنىڭ ، مېھرىگە قېنىۋالاي . قىلغان بولسام مەنمەنلىك ، ئۆتكەن ولسا سەۋەنلىك ، كەچۈرۈڭلار ، يۇرتداشلار ، خەير - خوش ، قېرىنداشلار .
    ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى يار - بۇرادەرلىرى بىلەن خوشلىشىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى . ئۇچتۇرپاندىن ئۇزاپ كەتكەندە ، مارالبىشىنىڭ تۇمشۇقىغا يەتكەندە نوچىنىڭ ئېتى شورلۇق يەرگە پاتتى . سېيىت نوچى ئاتتىن چۈشۈپ كۆتۈرۈپ تارتتى . تۇز ئارتقان ئېشىكىنى ھەيدەپ پاتقاقتىن ئامان چىققان بىر تۇزچى بوۋاي بۇ ھالنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . سېيىت نوچىغا ياردەملىشىپ ئاتنى تارتىۋالدى . تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى :

   ـ ئوغلۇم سېنىڭ چىرايىڭ ، زەپمۇ ئىللىق كۆرۈندى .
ئېتىڭ پېتىپ شورلۇققا ، خەۋىپتىن خەتەر بىلىندى .
سەپىرىڭدىن بىر گۇمان ، ئايان بولدى كۆڭلۈمگە .
مەنزىلىڭگە يەتكۈچە ، ئاگاھ بولغىن ئۆزۈڭگە .
ئېيىتقىن نىمە قىسمەت بار ؟ سەپىرىڭدە ، ئىشىڭدا ،
ئۆتكەن قانداق خىسلەت بار ؟ سېنىڭ مىسكىن بېشىڭدا .

    ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋايغا سەرگۈزەشتىلىرىنى ھىكايە قىلىپ بەردى . ما دارېننىڭ خېتىنى قوينىدىن ئېلىپ پوتىسىغا مەھكەم تۈگدى . تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى :
ـ ھەي ئوغلۇم ، ئۇشبۇ خەتنى يېنىڭدا ساقلاپ يۈردۈڭمۇ ؟ خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ كۆردۈڭمۇ ؟ بۇ زاماننىڭ ئامباللىرىدا ئىنساپ قالمىدى . نادانلىق قىلىپ ، تەۋەككۇل كەمىرىدە بېلىڭنى باغلىما ، دارېننىڭ خېتىنى سەل چاغلىما ، پالاكەت باسمىسۇن سېنى ، خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ باقايلى قېنى .
    سېيىت نوچى ئېيتتىكى :

ـ ئامانەتكە خىيانەت ، نامەرد ئىشىدۇر .
پالاكەتنىڭ ئامرىقى ، قورققاق كىشىدۇر .
ھاياتىمدا نامەرتلىك قىلغان ئەمەسمەن .
جاننى ئالتۇن - كۈمۈشكە ، ساتقان ئەمەسمەن .
كەلسە ئەجەل ناۋادا ، جاننى ئالادۇر .
سۇلار ئېقىپ ئاستىدا ، تاشلار قالادۇر .
قەشقىرىمدا يارەن كۆپ ، يالغۇز ئەمەسمەن .
كىمكى قىلسا يامانلىق ، ئادەم دىمەسمەن .
   تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى :
   ـ خەير ، ئوغلۇم ، ساڭا ئاقيول بولسۇن ،
خەۋپ - خەتەر سەندىن يىراق تۇرسۇن .
دۈشمىنىڭ قان قۇسۇپ ئۆلسۇن ،
دوستلىرىڭ شاد - خورام كۈلسۇن .

    ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋاي بىلەن خەيرلىشىپ ئېتىغا يەنە مىندى ، ئالغا قاراپ يول يۈردى . يولنى كۆپ بېسىپ ، كۆرگەنلا يەردە كىشىلەر قازان ئېسىپ ، ئاخىر دەمدە قەشقەرگە يېتىپ باردى . قان - ياش ئاقار تۈمەن دەرياسى بىلەن كوزىچى يار بېشىنى كۆردى . سېيىت نوچى دىگەن گاڭگۇڭ ، دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقسا. ئانا مېھرىنىڭ شامى ، باغرىدا ئېرىپ ئاقسا . ھەر ياقتىن خاراپ يۇرتى ، ھەسرەت ئوتىنى ياقسا . تۈمەن تولغۇدەك قان - ياش ، تۇرماي تامچىلاپ ئاقسا .  ياش قۇيغان كۆزلەر بىرلە ، تويماي ھەر تامان باقسا، ئىشىككە كېلىپ قاقسا ، ئىشىك تاقىلىپ قاپتۇ ، چىراغمۇ ئۆچۈپ قاپتۇ . ئانىسى غېرىپ مەزلۇم ، ئاھ . . . چېكىپ يېتىپ قاپتۇ ، غەملەرگە پېتىپ قاپتۇ ، ئۇخلاپمۇ قېتىپ قاپتۇ .
   جان ئانا ... جېنىم ئانا .... دەپتۇ سۆزىنى باشلاپ . ئاڭلىتالماي ئۆگزىگە ، قوشلاپ چالمىنى تاشلاپ . يەنە تەكرار توۋلاپتۇ ، بوتىلاقتەك بوزلاپتۇ . جاراھەتلىك باغرىنى ، ھەسرەتلىرى تۇزلاپتۇ ، توۋلاشلىرى تېزلەپتۇ . ئاخىر ئاڭلاپ ئانىسى ، ياندۇرۇپتۇ چىراغنى . ئويلاپ يېقىن - يىراقنى ، ئىچىنى خىيال ئوراپتۇ ، كىملىكىنى سوراپتۇ .
    ـ جان ئانا ، جېنىم ئانا دېگەن بىر سادا كەلدى . ئىشىكنى ئاچ ، جان ئانا ، مۇساپىر بالاڭ كەلدى . شۇ سۆز بىلەن ئانىسى ، ئىشىككە ئوقتەك ئېتىلىپ ، سۆزگە قان - ياش قېتىلىپ . بوينىغا گىرە سېلىپ ، ھارماڭ ، بالىكام دەپتۇ . يىرتىق دەستىخان ئېچىلىپ ، گۈلە قاقلار چېچىلىپ ، ھىجىردا چاي ئىچىلىپ ، ئۆيگە ئادەم تولۇپتۇ ، تۈنمۇ تامام بولۇپتۇ .
   ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ، مەزىن ئەزان ئېيتقاندا ، سېيىت نوچى جامەدە جامائەتنى كۆرۈپتۇ . يىغلاپتۇ ھەم كۈلۈپتۇ . ئۆيگە قايتىپ كېلىپتۇ ، ئېگىلىپ سالام بېرىپتۇ . پەستە تۇرۇپ قول باغلاپ ، چاپان كىيىپ بەل باغلاپ ، ئانىسىغا خۇش قاراپ ، شۇنداق بىر سۆز قىلىپتۇ .
  ـ  مەن يامۇلغا كىرەيمەن ، ما تىتەينى كۆرەيمەن . ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ، ھۆرمەت سالام بېرەيمەن . سوڭرە ئامانەت خەتنى ، ئۆز قولىغا بېرەيمەن .
   شۇنداق دەپ سېيىت ئاخۇن ، ئىجازەتنىمۇ ئاپتۇ . خۇداغا ئامانەت دەپ ، ئانا ئىشىكتە قاپتۇ . خەتنى ئوقۇپ ما تىتەي ، باشنى ئاستا چايقاپتۇ . يۇمشاق كۈلكىدىن نوچى ، ھەر ئەھۋالنى بايقاپتۇ . شۇندا تۇزچى بوۋاينى ، دەررۇ يادىغا ئاپتۇ . شۇ ئوي ، شۇ خىيال بىرلە ، تىتەيگە قاراپ قاپتۇ .
    سۇڭرە سۆزلەپ ما تىتەي ، ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈك دەپتۇ . ئۈچ كېيىن يامۇلغا سەن ئۆزەڭلا كەل دەپتۇ . بىز كېڭەشنى پۈتتۈرسەك ، پىشانەڭگە يېزىلغان كارامەتنى كۆر دەپتۇ .
    ئۈچىنچى كۈن سېيىت ئاخۇن ، ئاجايىپ چۈش كۆرۈپتۇ . چۈشىدە تېخى شۇنچە ، نۇرغۇنلا ئىش كۆرۈپتۇ : چوڭ يولدا كېتىپ بېرىپ ، قارا ئېتىنى كۆرۈپتۇ ، ئويغىنىپ ئۇ ئويلاپتۇ ، باش - ئاياغدىن ئويىنى . دەرھال بېرىپ ھاممامغا ، سۇغا ساپتۇ بويىنى . ئانىسىغا سۆز قوشۇپ ، دەپتۇ :

سەندىن سورايمەن .
بۈگۈن ئۇلۇغ جۇمە كۈن ،
ئاپاق غوجامغا چىقىپ ،
ناماز ئوقۇپ كىرەيمەن .

 ئانا بېرىپ ئىجازەت ، ئىشىك تۈۋىدە قاپتۇ . دۇئا بىرلە سېيىت ئاخۇن ، ھەزرەت ياققا يول ئاپتۇ ...

ئاڭلىناتتى ھەر ياقتىن ، دەرت - ئەلەم ، پىغان زارى ،
تاشۋايدەك راۋاپچىنىڭ ، ئۈزۈلگەن يۈرەك تارى .
ئۈجمىلىك باغ ئەتراپى ، ئايلىنىپتۇ مازارغا .
يالىڭاچ تەن ، يوقسۇللار ، چىقالماپتۇ بازارغا
ئارىلاپ سېيىت نوچى ، كۆردى ئەلنىڭ ھالىنى ،
بۇلاپ ئالغان ئاچ كۆزلەر ، يۇرتنىڭ بار - يوق مالىنى .
كۆزى چۈشتى ھەر يەردە ، ياخشى بىلەن يامانغا .
يۈرىكىدە ئوت ياندى ، لەنەت ئوقۇپ زامانغا .
ھەممە يۇرتتا خار پۇقرا . دەرت ئەلەمگە يار پۇقرا .
قان يىغلايدۇ ھەسرەتتە ، بۇردا نانغا زار پۇقرا .
ئاھ ... خۇدايا ، ئالەمنى ، ئۆزۈڭ ئالغان ھۆددەڭگە .
رەھىم - شەپقەت قىلساڭچۇ ، بىزدەك مىسكىن بەندەڭگە .
ئالىمىڭنى كەڭ قىلىپ ، زامانەڭنى تار قىپسەن .
ئادىمىڭنى ئەلەملەپ ، ئىت - ئېشەكتەك خار قىپسەن .
شاپائەت قىل قەشقەرگە ، شەپقىتىڭنى ياغقۇزغىن .
قانغا تويماس زالىمنى ، ئۆزۈڭ زاۋال تاپقۇزغىن .
سېيىت نوچى ھەر يەردە ، يىرتىق چاپان ، تون كۆردى .
توننى بويلاپ تۆكۈلگەن ، لەختە - لەختە خۇن كۆردى .
يۈرەك باغرى ئۆرتىنىپ ، كاۋاپ بولۇپ ياناتتى .
ساماۋاردا ئولتۇرۇپ ، ئىچ قارنىنى تولدۇرۇپ ،
ئەل - يۇرت بىلەن مۇڭدىشىپ ، دىدارىغا قاناتتى .
ساماۋارنىڭ چۆرىسى ، ئادەم بىلەن لىق تولغان .
ئۇلۇغ - ئۇششاق قەشقەرلىك ، ئەتراپىغا جەم بولغان .
چىقىپ كەپتۇ بىر چاغدا ، بىر توپ چېرىك ئات بىلەن .
يارلىق ئېلىپ يامۇلدىن ، تىتەي يازغان خەت بىلەن ،
چېرىك سالام بېرىپتۇ ، قاتارلىشىپ تۇرۇپتۇ .
سېيىت ئۇقۇپ ئەھۋالنى ، دەرھال يولغا يۈرۈپتۇ .
دوست - يارەنلەر ئەگىشىپ ، تولىسى گەپ تەگىشىپ ،
يۈرگەندە تېز يۈرۈپتۇ . كۆپ خىياللار سۈرۈپتۇ .
تۈندە كۆرگەن چۈشىنى ، يول توسقان قارا ئىتنى ، قانچە تەكرار كۆرۈپتۇ .
   شەھەرگە يېقىن كەلگەندە ، قارىغا ٭ سۇ بەرگەندە ،
كۇسۇلدىشىپ چېرىكلەر ، سۆزلەشكەننى كۆرگەندە ،
نىمە گەپ دەپ ؟ دەپ سوراپتۇ ، جاۋابىنى تىڭشاپتۇ .
باغلاپ ئەكىر دېگەننى ، چېرىكلەردىن ئاڭلاپتۇ ،
ئاڭلاپتۇ - دە دەرھاللا ، ئۆز - ئۆزىنى ئوڭلاپتۇ
. بەلنى مەھكەم باغلاپتۇ . باغلاڭلار دەپ قولىنى ، ئارقىسىغا جۇغلاپتۇ .
ئۇ ئۆزىنى يولۋاستەك ، گويا شىردەك چاغلاپتۇ،
چېرىك دېگەن تىترىشىپ ، چىۋىن ئوخشاش چىرمىشىپ ، سېيىت ئاخۇننى باغلاپتۇ .
ئاندىن بىر سۆز ئاڭلاپتۇ :
ھىچ گۇناھ يوق سىلەردە ، خاننىڭ ۋاجىپ يارلىقى ،

يۇرت جامائەت خوش ئەمدى . رىزا بولۇنە قەشقەرلىك ئۇلۇغ ئۇششاق بارلىقى . يۇرت شۇ سۆزنى ئاڭلاپتۇ ، يۈرەك باغرىن داغلاپتۇ . كۆكرەك كېرىپ سيىت ئاخۇن ، ئالغا ماڭغان چاغلاردا ھەممە ھۆر - ھۆر يىغلاپتۇ .
   ئەمدى گەپنى قەشقەرنىڭ دارېنلىرىدىن ئاڭلايمىز : ئەمدى گەپنى قەشقەرنىڭ دارېنلىرىدىن ئاڭلايمىز : ئۇ پۇقرالار بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ بولغۇچە يوق قىلىۋەتمىسەك بىزگە ئامانلىق بولماس ، شۇڭا دەرھال سەكسەن چېرىك ھازىر بولسۇن ، سېيىت نوچىنى تۇتۇشقا يۇرسۇن ، سېيىت نوچى گۇندىخانىغا كەلتۈرۈلسۇن . سېيىت نوچىنى ئاشۇنداق كەلتۈرۈشتى . سېيىت نوچى ما تىتەينى كۆرمەك تەلىپىنى بەردى . تىتەي قوبۇل كۆردى .
 سېيىت نوچى شۇنداق دەپتۇ :

كېزىپ دەشتى باياۋان ، ئاشتىم تاغ -داۋان .
نەگە بارسام پۇقرانىڭ ، ھالى بەك يامان .
رەڭگى سۇلغۇن، زەپىران، باغرى لەختە قان
. ئىچكىنى ئوغا ، زەھەر ، چەككىنى پىغان .
ئۇچتۇرپاندا ماتىتەي ، يېزىپ بەردى خەت .
سىزگە تىلەپ ئامانلىق ، بەخت - پاراغەت .
ما دوتەينىڭ خېتىنى ، مەندىن ئالدىڭىز ،
ئەمدى نىچۈن بىلمىدىم ، ئاينىپ قالدىڭىز ؟
   ئەلقىسسە ، ما تىتەي مۇئۈئەممبەرلىك بىلەن سېيىت گاڭڭۇڭغا قاراپ قالدى ، خۇپسەنلىك بىلەن ھىچنىمىنى ئۇقماس كىشى بولىۋېلىپ ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇشقا پۇرسەت تاپتى ، ھىلى مىكىرلىك نىقابىنى يۈزىگە تارتتى :
ـ ھەي نوچى سېيىت گاڭڭۇڭ ، ئۆزۈڭنىڭ ئۆلۈم نامەڭنى، سەن ئۆزۈڭ ئېلىپ كەپسەن ،

مېنىڭ بۇ يۈرىكىمگە ، نادامەت سېلىپ كەپسەن .
خەت بىلەن مېنىڭ بىلسەڭ ، كۆكسۈمگە پىچاق پاتتى .
قانداق قىلىمىز ، گاڭڭۇڭ ، ئەجەپمۇ بېشىم قاتتى .
مەن ساڭا ئىدىم ئامراق ، ئۆلتۈرەي سېنى قانداق ؟
ئۆلتۈرمەي دىسەم نوچى ، خاننىڭ يارلىغى شۇنداق .
   ئەي ئامبال ـ دېدى گاڭڭۇڭ ،_ تەڭلىكتە تۇرۇپ قالما .
خاننىڭ ئالدىدا ئاسى ، گۇناھكار بولۇپ قالما .
چېرىكلەرگە ئېيىت دەرھال . مىلتىقىغا ئوق سالسۇن .
مويتۇڭزىغا ئېپچىقىپ ، ھايالسىز جېنىم ئالسۇن ،
ئەزىزانە قەشقەرلىك، مېنى بىر كۆرۈپ قالسۇن ! ...

    جاللاتلار كېلىپ شۇ دەم ، بوينىغا تاقاق سالدى . پۇتىغا سېلىپ ئىشكەل ، زىندان باغرىغا ئالدى . ئون تۆت كۈن ئۆتۈپ كەتى ، تاقىتى تۈگەپ كەتتى . مەرت يىگىت سېيىت گاڭڭۇڭ ، سۆزىنى بايان ئەتتى ، دىدى ئۇ : چىدامىم يوق ، يا بۆلەك تەمەيىم يوق ، كلتۈرسەڭ بۈگۈن ئۆلتۈر ، جۈمە كۈن كېلىپ يەتتى . . . . . . . جەم بولۇشتى ئامباللار ، يەڭڭۈشلىشىپ تامباللار . داچەي ھارۋۇنى قوش دەپ يارلىق قىلدى دەرھاللا . تۆت
ئاتلىق يوغان ھارۋا ، تەييار بولدى تەخ بولدى . سېيىت نوچىنى ئاتماققا ، ئېلىپ ماڭار ۋاخ بولدى . ئات ھارۋىنى قاتقاندا ، توققۇز پاي پو ئاتقاندا ، تۆت دەرۋازىغا يۈزدىن تۆت يۈز چېرىك پاتقاندا ، يورغىلىشىپ ھەريانغا ، تېپىرلىشىپ ياتقاندا ، تەشۋىش تولغان باشلىرى ، قارا تاشتەك قاتقاندا ، سېيىت نوچىنى چىڭ باغلاپ ، ئوردا ئالدىغا ئېپ كەلدى . ئۇ ھارۋىدا تىك توختاپ ، شۇنداق سۆزنى دەپ كەلدى :

   - خوش ، ئامان بول قەشقەرلىك ، جانجىگەرلەر ـ تۇققانلار .
بۈگۈن جۈمە قۇلاق سال ، سۆز قەدرىنى ئۇققانلار .
جامائەت جەم بولۇپسىز ، مېنىڭدىن بولۇڭ رازى .
مەھشەردە كۆرۈشكەيمىز ، بولغاندا خۇدا قازى .
گۇناھسىز ئۆلەر بولدۇم ، نادانلىق بالاسىدىن .
كىملەر قۇتۇلۇپ قالغان ، زالىمنىڭ جازاسىدىن !
ئەي قەشقەرلىك ، قەشقەرلىك ، مېنى ئۇنتۇپ قالماڭلار .
مەندەك بولماي دىسەڭلار ، ھەرگىز نادان بولماڭلار .
نادانلىق ئېلىپ كەتتى ، يىگىتلىكتە باشىمنى .
مېنىڭدەك ئېلىپ كەتكەن ، ھاشىمدەك ئاداشىمنى .
 خەتنى بىلمىگەن ئادەم ، بېشىدا كېزەر ماتەم .
خەت بىلمەس نادانلارغا ، قاراڭغۇ ئىكەن ئالەم .
ئوقۇڭلار ئۆزۈڭلارمۇ ، تەلىم ئالسۇن ياش باللا .
قەلبىڭلاردا قېپ قالسۇن قىساسىڭلار ـ ئەنتىڭلار ! . . . . .
. مەمەتخان ئىنىم قالدى ، جان ئانام ئۇنى باقسۇن .
مەيلى ئاتسا زالىمالار ، قەشقەرگە قېنىم ئاقسۇن .
قەبرەمنى كۆرۈپ خەلقىم ، ئىبرەت ئالغۇسى مەندىن .
قان قەرزىم قىساسىمغا ، ئۈمىد كۈتىمەن سەندىن .
رازى بولغىن قەشقەرلىك ، ئەل - يۇرتداشلار خوش ئەمدى .
بىللە ئويناپ تەڭ ئۆسكەن يارۇ دوستلار خوش ئەمدى ! . . . . . .
 خالايىق نىدا ئەيلەپ ، ياشنى تولدۇرۇپ كۆزگە .
مۇڭ _ زارى ناۋا ئەيلەپ ، چۈشتى نالىلىك سۆزگە :
كاج پەلەكنىڭ قىسمىتى ، بۇ كۈننى ساپتۇ سىزگە .
كۈن ئالماق بۇ قەشقەردە ، بولمامادۇ راۋا بىزگە ؟ ! . . .
بىرنى ئوق بىلەن ئاتسا ، ئوننى جادۇغا باسسا ،
يۈزنى دارغا ئاسسا ، مىڭلاپ گۇندىدا ياتسا ،
ئادەم بېشىنى توغراپ ، تاغنىڭ تېشىغا قاتسا ،
دەرتمەن بىر گۇناھكارغا ، مىڭىنى ئېلىپ چاتسا .
بۇ ئالەم زىمىستانلىق ، بولدى بىر گۆرىستانلىق .
گۆرىستاندا ئۆتەرمۇ ، بەختى قارا قەشقەرلىك ... . . . . . .
سېيىت ئاخۇن ، سېيىت گاڭڭۇڭ ، يۇرتتىن رازىلىق ئالدى . ھارۋىمۇ قومۇشبازىرى ٭ يېنىغا بېرىپ قالدى . ئات
! دىدى سېيىت گاڭڭۇڭ ھارۋىدىن تۆۋەن سەكرەپ :
-ئات جاللات ! ئۇدۇللاپ ئات ! ! يۈرەككە ئۈدۈل چەنلەپ .
چېقىر كۆزلۈك بىر جاللات ، مىلتىقىنى راسا بەتلەپ ،
سېيىت گاڭڭۇڭنىڭ ئالدىدا ، تۇردى كۆزىگە تەڭلەپ .
ئارقا ياقتىن جىڭ جاللات ، دەرھال تەپكىنى باستى .
پىستان چېقىپ مىلتىقى ، ئۆزى يىقىلىپ ياتتى .
ئىككىنچى رەت ئاتقان ئوق ، كېلىپ تەگدى تاغاققا .
سېيىت ئاخۇن دىدى شۇ دەم ، مىلتىق ئاتقان جاللاتقا :
مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات ، نائۇستاق يېقىن كەلمە .
سول كۆكسۈمنى چەنلەپ ئات ، جا ئۇستاڭ يېقىن كەلمە . . . .
مە ، ھەققىڭنى ئاق تەڭگە دىدى سۆزىنى باشلاپ .
بىر سەرلىك كۈمۈش پۇلنى ، جاللات ئالدىغا تاشلاپ .
جاللات ئالدى ياچەننى چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ .
تەلەپكە مۇۋاپىق ئۇ ، ئۈچ ماڭدام كېيىن قايتىپ . . . . . . .
سېيىت ئاخۇن سېيىت گاڭڭۇڭ ، تىك تۇرار ئىدى سۆزلەپ .
ماداخۇ دىگەن جاللات ، ئاتتى جايىنى كۆزلەپ .
يەتتە پاي ئوق تەككەندە ، ئىگىز چىنار يىقىلدى .
ھەيۋەت بىلەن گۈلدۈرلەپ ، كۆكتە چاقماق چېقىلدى . . .
قەشقەر ئاسمىنى بويلاپ ، ئۇچمىغان بۈگۈن كەپتەر ،
سىم - سىم تۆكۈلەر يامغۇر ، بۇلۇتلار كېزەر كۆكتە .
قاغىلار قاقىلدايدۇ ، سېپىلدىكى پوتەيدە .
بىزگە شەپقەت بارمىكىن ، شىيەنگەن بىلەن دوتەيدە ؟ !
دوتەي بىلەن شىيەنگەننىڭ ، ئىچكەنلىرى قان بولدى .
قەشقەرلىكنىڭ كۆز يېشى ، سەل بىلەن قىيان بولدى .
شىيەنگەن بىلەن دوتەينىڭ ، كىملىگى ئايان بولدى .
دەرت تولغان يۈرەكلەردىن ، بۇ سۆزلەر بايان بولدى .
سېيىت ئاخۇن ، سېيىت گاڭڭۇڭ ، جېنىدىن جۇدا بولدى .
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ شۇڭقارى ئادا بولدى . . . . . . .
سېيىت ئاخۇن ئۆلۈپ كەتتى ، تۇپراققا كىرىپ كەتتى .
بۇ ئالەم - مۇسىبەتتىن يۈرەككە خۇن تولۇپ كەتتى .
چالدى چاكىچاك قەشقەر ، موڭ تولغان راۋابىنى .
ئايەم كۈنلىرى كەلسە تەرك ئەتمەي تاۋابىنى .
موڭلۇق قەۋرىگە سۈركەپ ، باغرىنىڭ كاۋابىنى .
ئوغلىغا دۇئا ئەيلەپ ، يوللىغاي ساۋابىنى .
ئۆلمىسەك ئىچەرمىز دەپ ، تاڭ ۋەسلى شارابىنى .




ئىزاھاتلار :
( 1 ) كوزىچى ياربىشى ـ تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقى جەنۇپ لېۋىگە جايلاشقان مەھەللە ئىسمى .
 ( 2 ) تۆشۈك دەرۋازا ـ قەشقەر شەرقى دەرۋازىنىڭ ئىسمى .
 ( 3 ) سەپ ـ_ بۇ يەردە شىنخەي ئىنقىلاۋىنىڭ ئالدى _ كەينىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مانجۇلارغا قارشى
قۇرۇلغان گېلاۋخۇي تەشكىلاتىنىڭ قەشقەردىكى شۆبىسى نەزەردە تۇتۇلىدۇ .
 ( 4 ) ما تىتەي ـ 1911 _ يىلىدىن 1932 _ يىلغىچە قەشقەردە ھۆكۈمرانلىق قىلغان فاشىست ھەربى
ئەمەلدار ، ئەسلى ئىسمى ما پۇشىڭ .
( 5 ) گېلاۋخۇي ھاشىم ـ يەكەنلىك ماھىر چامباشچى بولۇپ ، ئۇ گېلاۋخۇيغا قاتنىشىپ ، يەكەن ، قەشقەر
ئەتراپىدا داڭق چىقارغان . ئۇنى كىشىلەر گېلاۋخۇي ھاشىم دەپ ئاتىغان .
 ( 6 ) قارىغا ـ بەشكىرەمدە ھەزرەت يول ئايرىلىشىدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى .
( 7 ) قومۇش بازىرى ـ جاي ئىسمى . مەنبە : ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى

0

تېما

0

دوست

1348

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13102
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 324
تۆھپە : 193
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 18:47:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  [s:6]
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8398

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1545
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 23:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىيىت نوچى                   ؟؟؟؟؟؟؟؟

ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

9120

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   82.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1730
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 23:50:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز سىيىت نوچىنىڭ ئەۋلادلىرى، بۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

3

تېما

0

دوست

1715

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12255
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 419
تۆھپە : 239
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 00:20:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقنىڭ ئۇچرىغان زۇلۇم-سىتەملىرىگە چىدىماي مۇش كۆتۈرۈپ چىققان ،ناھەقچىلىقلار ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ گاڭگۇڭلۇق نامىنى ئالغان بىر نوچىنىڭ ،ئاۋامغا زۇلۇم سالغان ئامبال بىلەن دوست بولغىنىنى ھەتتا ئۇنىڭ گۇناكار بولۇپ قالماسلىغى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بىرىشىدەك بۇ < مەرت> لىگىنى تازا توغرا تاپمايمەن ،ئەگەر ئۇنىڭ ھاياتىنى باشقىلارغا تىگىشىش (بىرەر پۇخراغا )شەرت قىلىنغان بولسىدى كاشكى..................
شۇنداق بىر زاماندا خەلقنىڭ  ئىھتىياجى قانچىلىكىك كۈچلۈك بولغىيدى ئۇ  گاڭگۇڭغا ،ئۇئەسلى خەلىقكە كىرەگلىك ئادەم ئىدى،ئۆزىنىڭ شۇنداق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىدىن كۆرە زالىم،قانخورلارغا سەۋەبسىزلا تەسلىم بولۇشنى ئەلا بىلگىنىنى < ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىق > دەپ ئاقلاش نىڭ ئۆزى نادانلىق ، چۈنكى نامەرت ئامبال ۋەدىنى باشتا بۇزغان تۇرسا

0

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12587
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 67
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 00:56:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئۇ خەقنىنڭ ۋەدىسى ۋەدە بولۇپ باقمىغان ،ھەم بولمايدۇ!

ئۆزۇڭنى تونۇ .ئۆ

1

تېما

0

دوست

372

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12754
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 01:41:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىيىت نوچى مەرت ،مەردانە ،ئامامەتكە خىيانەت قىلىشنى ئۆلۈم بىلەن ئوخشاش ھىساپلايدۇ .
ئەگەر ئوقۇيالايدىغان بوپ قالسىمۇ باشقىلارغا ئەۋەتكەن مەكتۈپ سىيىت نوچىنىڭ نەزىرىدە باشقىلارنىڭ ئامانىتى ھىساپلىنىدۇ ، مۇشۇ  نوختىدىنمۇ خەتكە  نەزىرىنى سالماسلىقى تۇرغان گەپ . سىيىت نوچى نەزىردە باشقىلارغا ( خەنزۇچىنى بىلدىغانلارغا ) ئوقۇتۇپ مەزمۇننى بىلىشمۇ خىيانەت ھېساپلىنىشى تۇرغانلا گەپ ،لىكىن ئۇنىڭ مەردانە تىنىگە كىرگەن لەنىتى ئوق ،كىشىنىڭ ئوۋغىسىنى قاينىتىپ تۈگىمەس خىياللارغا باشلاپ قويدىكەن .
ھازىر مەردانىلىقىنىڭ پۇرقىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ .
چوقۇم قىلالايمەن

خاتالىقنى بىلىپ

4

تېما

1

دوست

3567

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13216
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 433
تۆھپە : 801
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 03:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« قاغا بىلەن ماڭساڭ يىيىشىڭ پوق»، « بىر بالاسى بولمىسا، قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا» ،« 100 يىل دەريادا ياشىساڭمۇ تىمساھ بىلەن دوستلىشالمايسەن» دىگەن ھېكمەتلەرنى ئەقىللىق ئاتا-بوۋىلىرىمىز بېشىدىن ئوتكۈزۈپ، بىلىپ دىگەندە! ھەي...
بىلىپ خاتالىشىش - ئەقىل، ئىماننىڭ بۇلغانغانلىقىدۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )