قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2449|ئىنكاس: 19

پاھىشە چىۋىننىڭ رىۋايىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

warisim

1

تېما

0

دوست

1069

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13923
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 270
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 13:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
مەن بىر چىۋىنمەن.
 مەن بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە شامالباغ دىگەن يەردە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ما جەنيىڭ ئاتلىق تۇڭگاننىڭ ئىجارىگە ئالغان قورۇسىدا ئاتامنىڭ كىملىكىنى بىلمەي تۇغۇلدۇم. ئۇلار ئۆي ئىجارىكەشنى « فاڭدوڭ » دەيدىكەن، مەن تۇغۇلۇپ تۇنجى ئاڭلىغان سۆزۇم «فاڭدۇڭ ، ئۆي ئىجارىسىنى ئەتە بېرەي ، بۈگۈن تىجارىتىم ياخشى ئەمەس » -دىگەن سۆز بولغاچقا ، ئۆزۈمگە «فاڭدۇڭ » دىگەن ئىسىمنى قويىۋالدىم. سىلەر دەپ بېقىڭلار ...ماڭا ئەرزان توۋلاپ ئىسىم قويىدىغان ئاتام بولمىغاندىكىن شۇنداق قىلغىنىم توغرۇدۇ ؟ ...
    مەن بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئاشۇ يەردىكى مەينەت ھەم يىرگىنىشلىك دۇنيادا ياشىدىم. ياتار يىرىم شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلەت تۇڭى بولدى. سەگىدەيدىغان يىرىم قان يۇقى سېسىق تازلىق قەغىزى تاشلانغان ھاجەتخانا بولدى.يىيىشىم مەن ئارزۇ قىلىدىغان تاۋۇز شاپىقى ۋە مېزىلىك يۇندا بولماستىن ، مەن يالاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئاشۇ سىېتودىنىتنىڭ «خاسىيەت » ماركىلىق تازلىق سۇيۇقلۇقىنىڭ يۇندىسى بولدى.
     بۇ دۇنيانىڭ قىلچىمۇ ئارزۇلىغىچىلىقى يوقكەن. يەم تېپىپ قورساق تويغۇزۇشنىڭ تەسلىكىغۇ بىر گەپ ، سەللا ئېھتىيات قىلمىسىڭىز سىزدىن چوڭلار سىزنى قەدەمدە بىر ئالداپ ، شىرىن شىكەر سۆزلىرىمۇ يوق  ھىچ ئىشتىن - ھىچ ئىش يوق شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇپلا ئۇچۇپ كەتكەن. ھۇشىڭىزغا كېلىپ ئەمدى ئۇچاي دىسىڭىز، ئاشۇ «ئاكتيور» قىزنىڭ يىرگىنىشلىك پالاقلىرى سىزگە تەڭلىنىپ تۇرغان. توۋا...توۋا... مىنىڭ قورسۇقۇم راسلا دەرت بىلەن تولدى.
     شۇنداق  كۈنلەردە مەن «يوغانباش چىۋىن » بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ سەل قىرى بولسىمۇ  ئۇنىڭ خىلى سۇيى بار، كۆڭلۈمنى خوش قىلالايدىغان تەرىپى ماڭا يېقىپ قالدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدىم. ئۇ مىنى «پاھىشە»لەرنى باغرىغا باسقاندەك ،باغرىغا باسقاندا بۇ دۇنيادىكى لەززەتنىڭ ھەممىسى مۇشۇ - دەپ قالاتتىم. مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىم.چۈنكى مەن تۇيۇقسىز باشقا قوپال چىۋىنلەرنىڭ ئەخمەق قىلىشلىرىغا ئۇچرىغاندا ئۇ دائىم ماڭا بولۇشۇپ ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ كېتەتتى.مەن ئۇنىڭ قېشىدىن نېرى بولمايدىغان بولۇپ قالدىم.بەزىدە ئىچىمدە ئويلاپ قالىمەن،  مەن تۇغۇلۇپ ئىككى كۇن بولغاندا باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ ئىپپىتىمنى ساقلىيالماي قالغاندا مۇشۇ يوغانباش بولغان بولسا ئىش باشقىچە بولاتتى - بەلكىم....
      ھازىرقى ئەھۋالىم ئوخشىمايدۇ، مىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىم ئاۋۇ ستودېنت قىزغىمۇ ئوخشىمايدۇ.ئۇ بىر كۈنى كلىنتون دەمدۇ، بىر كۈنى دۇمبۇراچى  دەمدۇ، بىر كۈنى تەمبۇرچى دەمدۇ، بىر كۈنى جى شاۋلىيەن ئۇستاز دەمدۇ، بىر كۈنى گىتتارچى دەمدۇ،  بىر كۈنى ئىلمىي مۇدىرىم دەمدۇ،بىر كۈنى چېگرا رايون مېھمانخانىسىدا سودا قىلىدىغان بايۋەتچى دەمدۇ.... ھەممىسىنى سىز مىنىڭ يۈەنلىك جېنىم- دەپ چاقىرىدۇ.قارىغاندا ئۇنىڭ تونىمايدىغان ئادىمى بولمىسا كېرەك. مەن پەقەت مۇشۇ يوغانباش چىۋىننىلا تونۇيمەن. باشقا ياتلار مىنى بوزەك قىلىپلا يوقايدۇ.ئۇنداق كۆڭلى سۇيۇق ، ۋاپاسىز چىۋىنلەرنى مېنىڭمۇ تونۇغۇم يوق.
  مۇشۇنداق خاپىچىلىقتا يۈرگەن كۈنلەردە «يوغانباش»مۇ قىرىپ قالدى،پۇت- قولىدىن ماغدۇر كەتتى. ماڭا كۆيۈنسىمۇ بۇرۇنقىدەك يېقىنچىلىق قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.مەن دىگەن تېخى «ئون گۈلىدىن بىرى ئېچىلمىغان» چىۋىن تۇرسام، بۇنىڭغا چىدامتىم.ئاخىرى يۈرەك سۆزۈمنى ئۇدۇللا بايان قىلدىم :
__ بۇ دۇنيادا مەن ھۇزۇرلانغۇدەك ئىشمۇ قالماپتۇ، مىنىڭ ياشلىق باھارىم مۇشۇنداق نابۇت بولارمۇ؟
بۇ دۇنيا ماڭا بىر دوزاققۇ؟
   يوغانباش چىۋىن ماڭا:
__ ئالدىرما خان قىز «فاڭدوڭ» ، سىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭدىن ئېيتقاندا ، سەن بىر چىۋىن مەلىكىسى، بىز چىۋىنلەرنىڭ كۆڭلىدىكى پەرىشتە سۈپەت چوكانسەن. مەن سىنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەردىن بەھرىمان قىلىمەن، ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيا سەن تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنداق يامان ئەمەس. سەن ياخشى جايلارغا بېرىپ باقمىغانسەن. پەقەت مۇشۇ ما جەنيىڭنىڭ كۈلبىسىدە ئاساسەن مەن بىلەنلا ياشىدىڭ ،شۇڭا سەن بۇ دۇنيانى دوزاق - دەپ قارايسەن. بۇ سىنىڭ نەزەر دائىرەڭنىڭ تارلىقىنىڭ ئىپادىسى،- دىدى.
   راس گەپنى قىلسام، «يوغانباش چىۋىن» مەندىن ئىككى ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان بولۇپ ، دەمەت سۈرۈشتۈرگەندە ئۇ مىنىڭ تاغام بولىشى كېرەك. مەن گەرچە ئەڭ گۈزەل چاغلىرىمنى ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۆتكۈزگەن بولساممۇ ، ئەمدى بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايتتى. شۇڭا مەن بىز چىۋىنلەرگە خاس مىجەز بىلەن ئۇنىڭغا :
__ يوغانباش ئاكا، بۇ دۇنيادا مۇشۇ سىتۇدىنىت قىزنىڭ مەينەت يىرىدىنمۇ ياخشىراق، تىخىمۇ ھۇزۇر كۆرىدىغان ، جەننەتتەك يەرمۇ بارمۇ؟ - دەپ سورۇدۇم.
__ پاكىز ، جەننەتتەك دىدىڭمۇ؟ ، __ دىدى يوغانباش__ شۇنداق جايلار باركى ، ئۇ ھەقىقى جەننەتنىڭ ئۆزى ، يېيىشكە ياخشى غىزا، كۆرۈشكە چىرايلىق نەرسىلەر بولغاننىڭ سىرتىدا، ئېسىل مۇزىكىلار ، ئېسىل ئىچىملىكلەر، ئىللىق ھاۋا بار يەرلەرمۇ بار ، مىنى بىر چاغلاردا سەندەك بىر گۈزەل چىۋىن ئاشۇنداق يەرلەرگە ئاپارغان. نۇرغۇن پۇللۇرۇمنى چىچىپ تۈگەتكەن بولساممۇ ھازىرغىچە يادىمدىن چىقمايدۇ. «ئىللىق ھاۋا»دېگەننى سەن چۈشەنمەيسەن، ئۇ ئادەملەر سۈنئى ئۇسۇلدا چىقارغان باھارنىڭ ئۆزى . شۇنداق سالقىن، ئۇنىڭغا يولۇقتۇڭمۇ بولدى، راھەت دېگەن شۇ ، دەرھال ئىشرەتكە چۈشكۈڭ كېلىدۇ.
  __مىنى ئاپارساڭ بولامدۇ؟
  __ئەلۋەتتە بولىدۇ.
   شۇنداق قىلىپ مەن يوغانباشقا ئەگىشىپ ئاۋۇ كونا ئۇۋام_ «ئاكتيور » قىزنىڭ ئەخلەت تۇڭىدىن ئۇچۇپ چىقتىم. يوغانباش ئىككىمىز «بالىلار پىداگوگىكا مەكتىپى » ئەتراپىدىكى ئوڭغۇل- دوڭغۇل، چوڭ- كىچىك خانىلاردا ئېغىزلىرىنى قىپ-قىزىل قىلىپ بويىۋىلىپ خېرىدار كۈتۈپ يۈرگەن ، ئىسمىنى ماڭا ئوخشاش « فاڭدۇڭ » قويىۋالغان تۇققانلىرىم بىلەن تونۇشۇپ ئەسرالاشتۇق، ئارىلىقتا  مەنمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، يوغانباشنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن  بىر مۇنچە «كۆك چىۋىن» لەرنى تىزلا يولغا سالدىم ، ئەخلەت تۇڭىدا ئۇزاق تۇرۇپ ھالسىزلانغان تەنلىرىمگە بۇ دۇنيادا تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە جان كىردى.يوغانباش ئىككىمىز ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۇچۇپ ئەگىپ ، شۇ ئەتراپتا ئەڭ ئېگىز بولغان « تاشقى سودا بىناسى»غا يىتىپ كەلدۇق. بىنانىڭ ئىشىكىگە كەلگىنىمىزدە بىنا ئىچىدىن ھىلىقى «باھار»دەك ئىللىق شامال يۈزلىرىمنى سىپاشقا باشلىدى. ئارىلىقتا مىنىڭ كونا خوجايىنىم -ھىلىقى «ئاكتيور » قىزدەك ، چېچىنى ئايرۇپىلانغا ئوخشىتىپ ياساتقان بىر سېرىق چاچ قىز غادىيىپ ، تولغۇنۇپ كىرىپ كەلدى. بىزمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ غىپپىدە بىرگە كىرىۋالدۇق.
   بىنا ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن يوغانباش مەندىن :
  __ قانداق ؟ بۇ جاي ياخشىمىكەن؟__دەپ سورىدى.
   بۇ جاي ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن ، كىشىنى راھەتلەندۈرىدىغان خۇش پۇراق دىماققا ئۇرۇپ تۇرىدىكەن، مەن ئىلگىرى « ئاكتيور» قىزنىڭ قېشىدا كۆرگەن ئەرلەر ماڭا كىيىمسىز كۆرۈنەتتى، بۇ يەرلەردىكى ئەرلەر  ھەممىسى كىيىم كىيىدىكەن، كاستيوم - بۇرۇلكىسى بەك سالاپەتلىك بىلىنىدىكەن.ئاياللارچۇ تېخى، ...ھەممىسى خۇددى كىپىنەكتەك چىرايلىق ياسىنىۋاپتۇ، بىز نۇرغۇن مۇشەققەت چېكىپ - قەۋەتكە چىقتۇق. ۋاي، ۋاي.... ئاۋۇ شىرەلەرگە تىزىلغان تورت ، ئىچىملىك ، چاقماق قەنتلەر، ..نېمە دېگەن مولچىلىق... ئەتراپنىڭ مۇھىتى تىخىمۇ پاكىز. شۇغىنىسى بۇ يەر بەك پاكىز بولغاچقا مەن سەل قورۇنۇپ قالدىم.
      ئىلدامدا يوغانباش قايەرلەرگىدۇ يوقالدى. مەنمۇ ئۇ يەر - بۇ يەرنى كۈزۈتۈپ ئاخىرى «تەم تەڭشەش ئەسۋابى» نىڭ ئاستىغا يوشۇرۇندۇم. مەن يوشۇرۇنغان بۇ شىرەدە ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال ۋە ياشلاردىكى بىر ئاقپىشماق يىگىت ئولتۇراتتى.
  __ بۇ بىر نەچچە كۈندە سەن نەدە بولدۇڭ ؟ __ دىدى ئايال.
  __پۇل ئۇتىمەن دەپ «پىشتى» ئويناپ يۈردۈم، «پارلاق مېھمانخانىسى»دا يۈردۈم شۇ ،__دىدى ھىلىقى يىگىت.
  __ سىنىڭ يىمىگىڭ ، كىيىمىڭ ، يۈرۈش- تۇرىشىڭ مەندىن، كۈندە خەجلەشكە پۇل بېرىپ تۇرۇۋاتىمەن، يەنە پۇل ئۇتىمەن -دەپ نىمە قىلاتتىڭ؟
  __ئۇتتۇرۇۋەتتىم .
  __ قانچىلىك ئۇتتۇردۇڭ؟
  __ يۈەن.
    ئايال يېنىدىكى كۈمۈش رەڭ سومكىسىدىن بىر پۇل قاپچۇقىنى چىقىرىپ ، ئىچىدىن بىر بولاق «ماۋزېدۇڭ» سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نومۇرى ئۇلانغان قىزىل رەڭلىك يۈەنلىك  پۇلدىن بولاق چىقاردى.
  __ مە بۇندىن كىيىن ئەمدى پۇل ئۇتىمەن دەپ يۈرمە مەن ھازىر «دا بازار»غا بېرىپ ئازراق سودا قىلىۋالاي، ئاخشاملىققا سائەت توققۇزدا «سەردار مېھمانخانىسى» دا سېنى كۈتىمەن ،_ ھۈ خۇمپەر ،_ ئايال شۇلارنى دەپ بولۇپ پۇلنى يىگىتكە بەردى ۋە مەسخىرىلىك كۇلۇپ قويۇپ ، نايناقشىپ چىقىپ كەتتى.
    ئايال كەتكەندىن كىيىن ، ھىلىقى يىگىت دەرھال ئورۇن يۆتكىدى، ئۇ تەرەپتىكى شىرەدە بىر سەتەڭ قىز يالغۇز قەھۋە ئىچىپ ئولتۇراتتى. قارىماققا  ئۇ ئادەملەر يېشىدا   ياشلاردىكى چىرايلىق قىز ئىدى . راستىنى دىسەم ئۇ ماڭا يەتمىسىمۇ كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغىدەك پەرىزاتتەك قىز ئىدى. بولۇپمۇ «قىيىنئانامنىڭ كۆز يېشى» دېگەن رەختتىن لىنتا قىلىپ بېشىغا چىگىۋالغىنى ماڭا بەك ياراپ كەتتى. ئەپسۇس.. مەن ئۇنداق ياسىنىشقا قادىر ئەمەسمەن ، شىرەنىڭ ئۇستىدە بىر باغلام سۈنئى ئەتىرگۈل لوڭقىغا تىزىقلىق تۇراتتى. مەن دەرھال شۇ گۈل ئىچىگە يوشۇرۇندۇم. بۇ يەردە «راس گۈل» بولمىغاندىكىن مەندىمۇ ئامال يوق-تەئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاشقا باشلىدىم. مەن چىۋىنگە ھېچقانداق بىر چىۋىن  بۇنداق لەززەتلىك پاراڭ سىلىپ بەرمەيتتى. ئۇچۇپ كېلىپلا ئىشىنى قىلغىنى قىلغان .خۇددى مەن بىر «پاھىشە»چىۋىندەك
مەن ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا شەيدا بولۇپ قالدىم.
  __ ھەسەلخان، ئەمدىغۇ ئىشەنگەنسەن ، ئىشلىرىمىزدا ھېچقانداق چاتاق يوق، _ دىدى ھىلىقى يىگىت.
  __ نىمە ئىش ؟ __ دىدى ، ھىلىقى ھەسەلخان ئاتلىق قىز.
   يىگىت ھىلىقى پۇلنى ھەسەلخاننىڭ قولىغا تىقتى-دە، ئاغزىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېقىن ئاپىرىپ بىر نىمىلەرنى كۇسۇلدىدى، مەن ھېچنىمىنى ئاڭلىيالمىدىم.پەقەتلا قىزنىڭ « ئۆلمەيدىغان » دېگەن سۆزىلا قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
  __ بولامدۇ؟،_ دىدى يىگىت.
  __ سەن دېگەن ئىشنىڭ قايسىسى بولمىغان؟ ، _ دىدى قىز،_ سەن ئاۋال ماڭغاچ تۇر ، تونۇشلار كۆرۈپ قالمىسۇن، توي قىلماقچى بولغان يىگىتىم مۇشۇ كۈنلەردە مىنى پايلاپلا يۈرۈيدۇ... بىر سائەت ئىچىدە سەن دېگەن يەرگە يىتىپ بارىمەن.
  __ ۋەدەڭدە تۇر - ھە جېنىم ؟ ،_ دىدى يىگىت.
  __ مەن قاچان ۋەدەمدە تۇرمىغان؟ _ مەتودەك گەپ قىلما ماڭا ...ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ...
  يىگىت ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن ئۇ قىز  پەشتاختىغا بېرىپ كۈتكۈچىدىن رۇخسەت سوراپ تېلېفۇن ئۇرۇشقا باشلىدى. مەنمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ شىرە ئۇستىدە ئەركىن ئۇچۇپ غىزالىنىۋالدىم . ئاندىن ھىلىقى قىز ئىچكەن قەھۋە ئىستاكانىنىڭ گىرۋىكىگە قونۇپ تۇرۇپ ، قىزنىڭ كالپۇكىدىن يۇقۇپ قالغان لەۋسۇرۇقنىڭ تەمىنى تىتىپ كۆردۇم. بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى لەۋسۇرۇقنى تېتىپ بېقىشىم  ئىدى... . تازا لەززەتلىنىۋاتقىنىمدا ھىلىقى قىز قايتىپ كېلىپ ، قولىنى شىلتىپ مىنى قوغلىدى... . يۈرەكلىرىم قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى. ئىلدام ئۇچۇپ تامغا قونىۋالدىم...
   ئون مىنۇتلاردىن كىيىن  ياشلاردىكى بىر پور كۆتەك ئەر كىرىپ كەلدى. ئۇ  ئەتلەس گالستۇك تاقاپ ، «ئىلچى» ماركىلىق كاستۇم - بۇرۇلكا كىيىپ ، ھىلال ئاي شەكىللىك سائەت تاقىۋالغان بولۇپ،  پۇزۇر تۇرقىدا لوم-لوم ئورۇندۇققا بەك تەستە چۆكۈپ ئولتۇردى.
    ئۇ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن ھىلىقى قىزغا كايىشقا باشلىدى:
   __  ھەي، مەن سىنى قانچىدە ئىشنى پۈتتۈرىسەن دېگەن؟،  خەپ سىنى....
       ھىلىقى قىز  تۆت بولاق  پۇلنى قاياندىندۇر ئاران سىپاپ تېپىپ پور كۆتەكنىڭ ئالدىغا قويدى. پوركۆتەك پۇلنى يېنىغا سېلىۋېتىپ:
  __ بۇنداق سويمەك يىگىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ناھايىتى ئاسان.
  __ ئۇمۇ باشقا ئاياللارنى ئالداپ پۇل تاپىدىكەن.
  __ ئادەمگەرچىلىك دېگەن ئۆز نۆۋىتىدە بىر- بىرىنى ئالداش دېمەكتۇر ،__ دىدى پور كۆتەك،_ پەقەت مۇشۇ پۇلنىلا ھارامدىن تاپمىدۇق ، دىسەك بولىدۇ
     ئۇلار شۇ گەپلەرنى قىلىشىۋاتقاندا تۆت بولاق پۇلنىڭ «ئەسلى ئىگىسى » ھىلىقى ئايال جىددى قىياپەتتە كىرىپ كەلدى. قارىماققا ئۇ «سەردار مېھمانخانىسى» غا بارمىغان يىگىتنى ئىزدەپ كەلگەندەك قىلاتتى. بىراق ئۇنىڭ كۆزى پور كۆتەككە چۈشتى. ئۇ پور كۆتەكنىڭ قېشىغا كېلىپ ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ تۇرۇپ ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ، سوتچىلاردەك قىياپەتتە سۆزلەشكە باشلىدى:
  __ قىشىڭدىكى ماۋۇ پاسكىنا كىم؟
     پوركۆتەك بۇ ئايالنى كۆرۈپلا ھولۇقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۇ ئايالنى تارتىپ ئىشىكنىڭ قېشىغا ئاپاردى. شۇ پۇرسەتتە مەنمۇ دەرھال ئۇچۇپ بېرىپ ، پور كۆتەكنىڭ دولىسىغا قوندۇم. ئۇ يەردىمۇ لەۋ سۇرۇقنىڭ تەمىنى تىتىغاچ ، ئۇلارنىڭ  تالاش- تارتىشىغا قۇلاق سالدىم. پور كۆتەك:
  __ خاپا بولماڭ ئامرىقىم، مەن سىزگە دەپ بېرەي ، ئۇ «سۇيقاش شىركىتى»نىڭ دېرىكتورىنىڭ خانىمى، مەن بىر سودا ئىشى بىلەن ئۇنى مېھمان قىلىۋاتىمەن، مانا بۇ تۆت بولاق پۇلنى ئىلىپ خالىغان كىيىملەرنى سېتىۋېلىڭ. بۇ ئىش توغرۇلۇق ئاخشاملىققا ئۆيگە قايتقاندا سىزگە تەپسىلى سۆزلەپ بىرىمەن، _جېنىم خوتۇن
   ئايال پۇلنى ئىلىپ ، كۈمۈشرەڭ سومكىسىغا سالدى-دە، تەرىنى ئاچماي ۋاقىراپ تۇرۇپ :
  __ ئۆيگە بالدۇرراق قايىت ، بالىلار ئۆيدە يالغۇز قالدى، مىنىڭ دوسلۇرۇم بىلەن بۈگۈن قاتار چىيىم بار. ئاخشاملىققا كېيىنرەك قايتىشىم مۇمكىن.
  ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ نايناقلاپ كېتىپ قالدى.
 ئۇھ...، مەنمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۇ ئايالنىڭ بىر يەرلىرىگە قونۇۋېلىپ بىللە چىقىپ كەتتىم. مىڭ بىر جاپادا شامالباغدىكى ما جەنيىڭ قورۇسىغا بېرىۋالدىم. كۆرگەن كۈلپەتلېرىمدىن خۇلاسەن ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم: مەن ئەسلى ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرەي -دەپ ساياھەتكە چىققان ئىدىمغۇ ؟ ، مەن نىمە بولدۇم ...؟ قەسەم قىلايكى ، مەن ئەمدى بۇنداق «جەننەت» كە ئىككىنچىلەپ سەپەر قىلمايمەن. مەن «ئاكتيور» قىزنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدا «دوزاق» ئازابى تارتسام مەيلىكى، بۇنداق تېشى پاكىز، ئىچى مەينەت ، قورساقمۇ تۈزۈك تويمايدىغان «جەننەت»نى ئەمدى كۆرە كۆزۈم يوق
ئابدىۋارىس*

yolchimen

1

تېما

0

دوست

863

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   72.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12816
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 189
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 18:44:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ راست گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ھەقىقىي ئەركەكتەك چىۋىنكەنغۇ بۇ. <پاھىشە> لىكىنى دىمىسە راست گەپ قىلىپ، ياماننى قامچىلاشقا، باشقىلارنى ئىبرەتكە ئۈندەشكە بىزلەرگە ئۈلگە بولغۇدەك چىۋىنكەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

5

تېما

0

دوست

481

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3256
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 20:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئەسەركەن .ماڭا بەك يارىدى.تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بەك چوڭ ئىكەن.

1

تېما

0

دوست

1403

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11951
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 273
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 21:09:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىكەن !
بىر بىرىنى قويۇپ ئاخىرىدا ئۇ پۇللار ھېلىقى ئايالنىڭ ئۆزىگە كىلىدىكەن  ،،،، ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ دىگەن شۇ  دە
بۇ دۇنيادا قىزلار جېق لېكىن قىزلار يەنىلا ئاز !

.مىللەتنىڭ كەلگۈ

17

تېما

8

دوست

7376

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11308
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1416
تۆھپە : 1292
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 22:51:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئەسەرئىكەن.قەلىمىڭىزگە رەھمەت.خىلى بوپتىكەن بۇنداق پۇخادىن چىققۇدەك تاتلىق ئەسەر ئوقۇمىغىنى.
ھوقۇق بىرىلمەيدۇ ،يۇلۇپ ئىلىنىدۇ. -(كۆك ھىلال)

0

تېما

0

دوست

1248

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13593
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 291
تۆھپە : 193
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 00:26:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بەك چوڭ ئىكەن

مەن مەندۇرمەن، م

3

تېما

1

دوست

4632

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12415
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 739
تۆھپە : 911
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 00:41:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان يېزىلىپتۇ ، ئەتراپىمىزدىكى ئەخلاقسىزلىق خېلى قامچىلىنپتۇ جۇمۇ.
مەن مەندۇرمەن، مەندىن ئاۋۋال ئۇيغۇرمەن

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8985
يازما سانى: 613
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2293
تۆھپە : 1777
توردىكى ۋاقتى: 344
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 01:02:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، بۇ ئىشلارنى پەقەت ھېلىقىدەك چىۋىنلا كۆرەلەيدۇ- باشقىلار كۆرەلمەيدۇ ... قارىغاندا «چىۋىن» لەرمۇ بولمىسا بولمىغۇدەك...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )