سۆيگۈ ئەسلى يۈرەكتە ئاي ھېچقاچان تەنھا قالمىغان ،
تالاي شائىر ھەمرا ئۇنىڭغا.
شۇ تالايلار تاشلاپ كەتسىمۇ،
بۆرە مەڭگۈ باقار ئۇنىڭغا.
ئاي يۈزىدە كۆرگىنىڭ ھەرچاغ،
داغ ئەمەستۇر ۋىسال يانغىنى.
ئۇ ئالدىماق بولسا گەر سېنى،
ئونبەش يىغلاپ،ئونبەش كۈلەمتى؟!
ئېرىشكەنلا مۇھەببەت ئەمەس،
چىن سۆيگۈ ئۇ، يۈرەكتە يانغان.
نىسىپ بولماس ھەممىگە سۆيۇش،
ئاللاھ نەزىرى چۈشكەنگە سالغان!
گۈل تۇزۇيدۇ بۇلبۇل بىلدۇ،
لىكىن يەنە گۈلنى سۆيىدۇ.
ئاي يىراقتا بۆرە ئۈزەلمەس،
ئاي مۇكسىمۇ بۆرە كۈتىدۇ!
نەزەر سالغىن ئۆز تۇرمىشىڭغا،
كۈتكەن باھار كېلىپ-كېتىدۇ.
سەندەك، مەندەك شائىر قەلبىگە
تالاي نەزمە قويۇپ كېتىدۇ.
مىسالى بۇ بۇلبۇلغا گۈلنىڭ ،
يەككىلىكى بۆرىگە ئاينىڭ.
چىن يۈرەكتىن سۆيگەن كىشىگە.
نە بىھاجەت بولغىنى يارنىڭ!
مەنبەسى: قەلىمىم 2011-يىلى 03-ئاي25-كۈنى
|