قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 9846|ئىنكاس: 75

ئوبامانىڭ 2-قېتىملىق قەسەم نۇتىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

197

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   65.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13016
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 18:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى :ئوبامانىڭ 2-قېتىملىق قەسەم نۇتىقى
ئوبامانىڭ 2-قېتىملىق تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمى نۇتىقى
 
 باراك. ئوباما
 
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : تاھىر ئىمىن

تەھرىرلىگۈچى : غېنى سەمەت
 
 


 (تەكرار-تەكرار ئالقىش ) 
     رھمەت،ھەممەيلەنگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت!!!
     مۇئاۋىن پىرىزدېنت جوۋ بايدىن،ئالىي سوتچى ، پارلامېنىت ئەزالىرى ،ئەزىز مېھمانلار، قېرىنداشلار !!!
     بىز ھەر قېتىم ھەر بىر پىرزدېنتنىڭ قەسەم بىرىش مۇراسىمىدا،ئاساسىي قانۇنىمىزنىڭ قۇدرىتىگە شاھىت بولىمىز، دۆلىتىمىز دېموكراتىيەسنىڭ ئەھدىسگە چىن پۈتىمىز، بۇ دۆلەتنى باغلاپ تۇرىدىغان نەرسىنىڭ تىرىمىزنىڭ رەڭگى ، ئېتىقادىمىزنىڭ پىرىنسپلىرى ياكى ئىسملىرىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ئەمەسلىكىنى ئېسمىزگە ئالىمىز.بىزنى باشقىلاردىن پەرقلەندۇرۇپ ،ئامېرىكىنى ئامېرىكا قىلغان نەرسە-بىزنىڭ ئىككى ئەسىر بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بىر جاكارنامىدا تىلغا ئېلىنغان بىر ئىدىيەگە بولغان ئىخلاسمىزدۇر:‹‹بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى،پۈتۈن ئىنسانلار باراۋەر يارىتىلغان.ئىنسانلارغا ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقلار بېرىلگەن- تىرىكچىلىك، ئەركىنلىك  ۋە بەخت ئىزدەش ھوقۇقى شۇنىڭ ئىچىدە››.
     بۈگۈن بىز شۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى بىلەن دەۋرىمىز رېئاللىقىنى ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن ئەبەدىيلىككە سوزۇلغان بىر سەپەرنى داۋاملاشتۇرۋاتىمىز.چۈنكى تارىخ بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى،بەلكىم بۇلار روشەن ھەقىقەت بولۇشى ، ئەزەلدىن ئۆزلۈكىدىن ئىجرا بولمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەركىنلىك تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن سوۋغىسى بولسىمۇ، بۇ زېمىندا تەڭرى ياراتقان ئىنسانلار تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كىرەك. 1776-يىلىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەر بىر پادىشاھنىڭ مۇستەبىتلىكى ئورنىغا بىر نەچچە كىشى  ياكى بىر قارا جەمئىىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش ئۇچۇن كۆرەش قىلمىغان.ئۇلار بىزگە بىر جۇمھۇرىيەت بەرگەن، خەلققە تەۋە،خەلق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ،خەلققە ئىشلەيدىغان ،ھەر بىر ئەۋلاد ئۈچۈن دۆلەت ئەقىدىمىزنى ساقلاشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر ھۆكۈمەتنى بەرگەن.
     ئىككى يۈز يىلدىن ئاشتى، بىز جەڭگاھلاردا تۆككەن قانلىرىمىزدىن شۇنى بىلدۇقكى،ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك پىرىنسپى ئاساسىغا قۇرۇلمىغان ھەر قانداق ھاكىمىيەت يېرىم قۇللۇق ۋە يېرىم ئەركىنلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ.شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى يېڭىلاپ تۇردۇق ۋە يۈكسىلىشكە قەسەميات قىلدۇق.شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېز سۈرئەتتە توشۇش ( ترانسپورت ) ۋە سودا ۋەجىدىن، زامانىۋى ئىقتسادتىكى تۆمۈر يول ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارغا مۇھتاج بولدۇق، شۇنداقلا، مەكتەپ-ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئشچىلىرىمىزنى تەربىيلەشنى تەلەپ قىلدۇق.  
     بىز يەنە پەقەت رىقابەت ۋە ئادىل ئويۇن پرىنسىپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىلا، ئەركىن بازارنى تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق.ئورتاق تونۇپ يەتتۇقكى،بىر بۈيۈك دۆلەت ئۆز پۇقرالىرى ئىچىدىكى ئاجىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۆز خەلقىنى ھاياتتا دۇچ كىلىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئىشلار ۋە ئوڭۇشسزلىقلاردىن قوغدىشى كىرەك.
     شۇنداقتىمۇ،بىز ئەزەلدىن مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن گۇمانلىنىش ئىدىيەمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمىدۇق ياكى بىز بارلىق جەمئىيەتلەردىكى مەسلىلەرنى    پەقەت ھۆكۈمەتلا ھەل قىلالايدۇ، دەيدىغان ئەپسانىگە تېز پۇكمىدۇق.بىزنىڭ ئىجادچانلىق ۋە كارخانىچىلىقنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىشىمىز ،جاپالىق مېھنەت ۋە شەخسى مەسئۇلىيەتتە چىڭ تۇرىشىمىز بىزنىڭ خاراكتېرىمىزدىكى ئاساسىي ئامىللاردۇر.
     بىز ھەر زامان شۇنى چۈشىنىپ تۇرۇپتۇقكى، زامانلار ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، بىز يېڭى خىرىسلارغا يېڭىچە تاقابىل تۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش پىرىنسپلىرىمىزغا ھەر زامان سادىق بولۇشىمىز كېرەك.بىزنىڭ  خۇسۇسىي ئەركىنلىكىمىزنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز ئۈچۈن ئورتاق  ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز زۆرۈر.
    ئامېرىكانلار زامانىمىزدىكى خىرىسلارغا ئۆزى يالغۇز تاقابىل تۇرۇپ بولالمايدۇ،ئامېرىكا ئەسكەرلىرىمۇ ھەرخىل قوراللانغان فاشىزىم ۋە كوممۇنىزىم كۈچلىرىگە يالغۇز تاقابىل تۇرمىغانغا ئوخشاش، ھەرقانداق ئىنسان بالىلىرىمىزنى كەلگۇسىىگە راسلاش  ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتېماتىكا ۋە ئىلىم- پەن مائارىپىنىڭ ھۆددىسىدىن ياكى يول، قۇرۇلۇشلارنى بىنا قىلىش، يېڭى خىزمەت ۋە يېڭى سودا يولى ئاچىدىغان تەجرىبىخانىلىرىنى  قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ھۆددىسدىن يالغۇز چىقىپ بولالمايدۇ.
     بۈگۈنكى كۈنلەردە بۇ ئىشلارنى باشقا ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك بىر دۆلەت،بىر خەلق سۈپىتىدە ئورتاق ئادا قىلىشىمىز زۆرۈر بولماقتا.
نۇرغۇن كىرزىسلار بىز بىر ئەۋلات ئامېرىكانلارنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلىدى ۋە ماسلىشش ئىقتىدارىنى دەلىللىدى. ئون يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئاياقلىشىشى ئالدىدا تۇرماقتا.
 
(ئالقىش )
ئامېرىكا ئىقتسادى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.
(ئالقىش)
 
      ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى مىسلىسىز پارلاق .چۈنكى، رېئاللىقنىڭ چەكسىز سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان نەۋقىران ياشلىرىمىز بار، كۆپ مەنبەلىك شانلىق مەدەنىيىتىمىز بار . بىزنىڭ قۇدرىتىمىز ھەر قانداق خەۋپ-خەتەر، ئۇرۇش-جەڭلەرنى بىتجىت قىلىشقا قادىر.ئامىرېكانلىرىم، بىز ھەرقانداق ئۇرۇش-جەڭنى كۈتىۋالالايمىز – پەقەت بىزدە ئورتاق يۈزلىنىش بولسىلا.
(ئالقىش)
      ئايانكى،دۆلىتىمىزنىڭ نىشانىغا ئاز سانلىق كىشلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەنلا يېتەلمەيمىز.
ئېنىقكى،ئامېرىكىنىڭ گۈللىنىشى يۈكسىلىۋاتقان ئوتتۇرا تەبىقىنىڭ يەلكىسگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتتۇر.بىزگە شۇ نەرسە ئايان: ئامېرىكا پەقەت ھەر بىر ئادەم مۇستەقىل بولالىغاندا، ئۆز خىزمىتىدىن پەخىرلىنەلىگەندە ،سەمىمىي ئەمگەك ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەق  بىلەن ئائىلىلەر قىينچىلىقلاردىن ئازات بولغاندا گۈللىنەلەيدۇ.
     بىز ئۆز ئېتىقادىمىزغا شۇ قەدەر سادىقمىزكى،ئامېرىكىدىكى غۇربەت بىر ئائىلىدىن چىققان بىر ناتىۋان قىز ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى  ئۈچۈن باشقا ھەر قانداق ئادەملەر بىلەن ئوخشاش پۇرسىتى بارلىقىنى بىلىدۇ،چۇنكى، ئۇ بىر ئامېرىكىلىق! ئۇ بىر ئەركىن ئىنسان ! ئۇ پەقەت تەڭرىنىڭ نەزىرىدىلا ئەمەس،بىزنىڭ كۆزىمىزدىمۇ ئوخشاشلا  باراۋەر بىر ئىنساندۇر.
(ئالقىش)
      ۋاقتى ئۆتكەن پىروگراممىلارنىڭ دەۋرىمىز ئىھتىياجىدىن چىقالمايدىغانلىقى ئېنىق .شۇڭا، بىز يېڭى ئىدىيە ۋە تېخنىكىلاردىن  پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنى قايتا قۇرۇشىمىز،باج ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشىمىز،مەكتەپلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز لازىم.ئەل-ئاۋامنى قان-تەرلىك مېھنەت،كۆپرەك ئۆگىنىش ،تېخىمۇ يۈكسىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىىقتىدارلارنى ھازىرلاش  بىلەن كۈچلەندۇرۇشىمىز كىرەك.
     بىراق ۋاستە ۋە ئۇسۇللار قانچىلىك ئۆزگىرىشىدىن قەتئىنەزەر،بىزنىڭ مەقستىمىز ئۆزگەرمەيدۇ.ھەر بىر ئامېرىكاننىڭ  غورۇرى ۋە ئەمگىكىگە يارىشا مۇكاپات بىرىدىغان دۆلەت –مۇشۇ ۋاقىتتا بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىدۇر، بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا ھەقىقى مەنە بېرىدىغان نەرسىدۇر.
بىز ھىلىھەم شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى،ھەر بىر پۇقرا ئەڭ ئەقەللىي بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىش ۋە غورۇرىنى قوغداشقا ھەقلىق.
بىز داۋالىنىش سۇغۇرتا چىقىمى ۋە مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئازايتىش ئۇچۇن قاتتىق تاللاشقا مۇھتاجمىز.
(ئالقىش )
     بىراق بىز ئامېرىكا مۇشۇ دۆلەتنى قۇرغان بىر ئەۋلاتقا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى قۇرىدىغان بىر ئەۋلاتقا مەبلەغ سىلىش ئوتتۇرىسدا تاللاش ئىلىپ بېرىشى كىرەك، دەيدىغان قاراشنى رەت قىلىمىز.
(ئالقىش )
      بىز نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكەن قاراڭغۇ يىللاردىن،بارىدىغان ھىچقانداق جايى بولمىغان، بالىسى مېيىپ بولۇپ قالغان ئاتا-ئانىنىڭ كەچمىشدىن ئالغان ساۋاقلىرىمىزنى ئەستە ساقلايمىز.بىز شۇنىڭغا ئشىنىمىزكى،بۇ دۆلەتتىكى ئەركىنلىك ئازغىنا تەلەيلىك كىشلەر ئۇچۇن زاپاس ساقلانغان ئەمەس.بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى،بىز قانچىلىك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياشاشتىن قەتئىينەزەر،ئارىمىزدىكى ھەر قانداق بىر ئادەم تۇساتتىن خىزمەتتىن ئايرىلىپ قېلىش ياكى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىش ۋەياكى ئېغىر ئاپەتتە ئۆيىدىن ئايرىلىپ قىلىش دېگەندەك ئىشلارغا دۇچ كەپقىلىشى مۇمكىن.بىر-بىرىمىزگە داۋالاش ۋە ئىجتىمائى سۇغۇرتا ئارقىلىق قىلغان ياخشىلىقلىرىمىز بىزنىڭ ئىجادچانلىقىمىزنى ھەرگىز چىكىندۇرمەيدۇ،
بەلكى بىزنى كۈچەيتىدۇ.
(ئالقىش )
    بۇنىڭلىق بىلەن  بىز پەقەت ياخشلىق قوبۇل قىلىدىغانلاردىن بولۇپ قالمايمىز. بەلكى بۇ بىزگە دۆلىتىمىزنى بۈيۈك قىلغان خېيىم-خەتەرنى قوبۇل قىلغۇدەك ئەركىنلىك بىرىدۇ.
(ئالقىش )
     بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى،بىز ئامېرىكانلارنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى بىزدىن كېيىن كېلىدىغان بارلىق كىشىلەر ئۇچۇندۇر.بىز كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىمىز،بۇنىڭ بالىلىرىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز.
     بەزىلەر ھازىرمۇ ئىلىم-پەنگە زىيادە باھا بېرىشكە قارشى تۇرۇشى مۇمكىن ،بىراق ھېچكىم شىددەتلىك ئوت ئاپىتى،قاخشاتقۇچ قۇرغاقچىلىق ۋە كۇچلۇك شىۋىرغانلارنىڭ ۋەيران قىلغۇچ تالاپەتلىرىدىن ساقلىنالمايدۇ.سىجىل تەرەققىياتلىق ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە ئېرىشىدىغان يول ئۇزۇن بولىدۇ ۋە بەزىدە مۇشكۇل بولىدۇ.بىراق ئامېرىكا بۇ خىل يۆتكىلىشكە قارشى تۇرماسلىقى ،ئەكسچە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
     بىز يېڭى خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە يېڭى سانائەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان تېخنىكىلارنى باشقا دۆلەتلەرگە تاشلاپ بەرمەسلىكىمىز ، ئۇنى ئۆزىمىز ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز كىرەك.بىز شۇندىلا ئىقتسادتىكى ھاياتىي كۈچىمىزنى ،دۆلەت ئىلكىدىكى بايلىقىمىزنى، ئورمانلىقلىرىمىزنى،سۇ يوللىرىمىزنى ،تېرىلغۇ يەرلىرىمىزنى ۋە قارغا پۇركەنگەن ئىگىز چوققىلىرىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.شۇنداق قىلغاندىلا تەڭرى ئىجازىتى بىلەن بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۇشىمىزگە تاپشۇرۇلغان پىلانتىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.مانا مۇشۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىر چاغلاردا جاكارلىغان ئېتىقادىمىزغا مەنا قوشىدۇ.
ئامىرېكانلار ھېلىھەم شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى،مەڭگۈلۈك بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق ئۇچۇن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش بىھاجەت.
( ئالقىش  )
    بىزنىڭ جەڭگىۋار روھ ،مۇستەھكەم ئەقىدىگە ئىگە بولغان،يۇرىكىدە كۆرەش روھى يالقۇنجاپ كۆيىدىغان ئەر-ئايال جەڭچىلىرىمىز ئۇرۇش ماھارىتى ۋە جاسارەت جەھەتتە دۇنيادا تەڭداشسزدۇر.
(ئالقىش )
     بىزدىن ئايرىلغان كىشىلىرىمىزگە بولغان سېغىنىش قەلبىمىزگە شۇنى تامغا قىلىپ ئويغانكى،ئەركىنلىك ئۇچۇن بەدەل تۆلەش كىرەك.
ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقىنى ياد ئېتىش ئارقىلىق بىزگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەردىن مەڭگۇ پەخەس بولىشىمىز كېرەك.بىراق بىز يەنىلا ئۇرۇشنى ئەمەس،تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرگەن،قىيامەتلىك دۈشمەنلىككە قەسەم ئىچكەنلەرنى ئەڭ ئشەنچلىك دوستلارغا ئايلاندۇرالىغان خەلقنىڭ ئىزباسارىمىز.بىز ئاشۇ تەجرىبە-ساۋاقلارنى مۇشۇ قېتىممۇ رېئاللىققا ئايلاندۇرىشىمىز كىرەك.بىز قورالىمىزنىڭ قۇدرىتى  ۋە قانۇنىمىزنىڭ رولى بىلەن خەلقىمىزنى قوغدايمىز ،قىممەت قاراشلىرىمىزنى كۈچكە ئىگە قىلىمىز.
     بىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقىمىزنى ئىپادىلەش  ئۈچۈن تىرىشىمىز ۋە ئىرادىمىزنى نامايان قىلىمىز،بۇ بىزنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان خېىيم-خەتەردىن قورققانلىقىمىزدىن ئەمەس،بەلكى ئالاقىنىڭ ئارىدىكى گۇمان ۋە قورقۇنچىنى تېخىمۇ يىراققا ئېلىپ كېتىدىغانلىقىدىن.(ئالقىش)
    ئامېرىكا داۋاملىق يەر شارىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېتتىپاقداشلارىنىڭ يادروسى بولىدۇ.بىز چەتئەللەردىكى كىرزىسلارنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى كۇچەيتىدىغان ئورگانلارنى يېڭىلايمىز.بىر شەخس ئۈچۈن تىنچ دۇنيادا  ئۆزىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلىتىدىنمۇ بۈيۈكرەك بىر نەرسە يوق.بىز ئاسيا-ئافرىقا ،ئامېرىكا قىئتەلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ دىموكراتىيسگە ياردەم بېرىمىز.چۈنكى، بىزنىڭ مەنپەئىتىمىز ۋە ۋىجدانىمىز بىزنى ئەركىنلىككە تەشنا كىشلەر ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.بىز كەمبەغەللەر ،كېسەلمەنلەر،چەتكە قېقىلغانلار ۋە تەرەپبازلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولۇشىمىز كىرەك.
    دەۋرىمىزدىكى تىنچلىق بىزنىڭ ئورتاق ئېتىقادىمىز سۈپەتلىگەن پىرىنسپلار-كەڭ قورساقلىق،پۈرسەت،ئىنسانىي غورۇر ۋە ئادالەتنى ئىزچىل يۈكسەلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
    بىز ئامېرىكانلار بۈگۈن شۇنى جاكارلايمىزكى،ئەڭ بۇيۇك ھەقىقەت - ھەممىمىزنىڭ باراۋەر يارىتىلغانلىقى.بۇ  بىزنى ھازىرمۇ يېتەكلەۋاتقان يارقىن يۇلتۇزدۇر،ئۇ خۇددى ئۇ بىزنىڭ دۆلەت قۇرغۇچى ئاتىلىرىمىزنى سنېكا فوللىس ئاياللار ھوقۇقى ختابنامىسىدا، سەلما ۋە ستونۋول ئوخشاش جنسلىقلار نىكاھ قارىشىدا يېتەكلىگەندەك ، ئاشۇ نامى تىلغا ئىلىنغان-ئىلىنمىغان، مۇشۇ چوڭ ئورمانلىقتا ئىز قالدۇرغان ئەر-ئاياللارنى يېتەكلىگەندەك ،‹‹بىز يالغۇز مېڭىپ بولالمايمىز›› خىتاپلىرى بىلەن بىرلىككە چاقىرغان پوپنىڭ سۆزىدەك ،‹‹ھەر بىرىمىزنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكى زىمىندىكى ھەر بىر روھنىڭ ئەركىنلىكىگە چەمبەرچەس باغلانغان ››  دەپ جاكارلىغان مارتىن لىيۇتېر كىڭنىڭ سۆزىدەك بىزنى يتەكلەيدۇ.
(ئالقىش )
    مانا ھازىر ئاشۇ ئىلگىرىكىلەر باشلىغان خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇش بىز بىر ئەۋلاتنىڭ زىممىسىگە چۈشتى .بىزنىڭ سەپىرىمىز تاكى بىزنىڭ ئاياللىرىمىز،ئانىلىرىمىز ۋە قىزلىرىمىز ئۆز تىرىشچانلىقىغا لايىق تۇرمۇشقا ئېرىشمىگۇچە مۇكەممەل بولمايدۇ.
    بىزنىڭ بۇ سەپىرىمىز –ئارىمىزدىكى جىنسداش ئاشىقلار ،ھەمشىرىلىرىمىز قانۇن بويىچە باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشمىگىچە مۇكەممەل بولمايدۇ،چۈنكى ئەگەر بىز ھەقىقەتەن باراۋەر يارىتىلغان بولساق، بىر-بىرىمىزگە بىرىدىغان مۇھەببەتمۇ باراۋەر بولۇشى كىرەك.
بىزنىڭ سەپىرىمىز ھېچقانداق بىر پۇقرا بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۇچۇن سائەتلەپ ئۆچرەتتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولمىغانغا قەدەر مۇكەممەل بولمايدۇ.
(ئالقىش )
    بىزنىڭ سەپىرىمىز تاكى ئامېرىكىنى پۇرسەتكە تولغان زېمىن دەپ قارايدىغان، بىزگە تەلپۇنگەن ئۇمىدۋار كۆچمەنلەرنى ،پاراسەتلىك ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە بىزنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىمىزدا تىزىملانغان ئېنژىنىرلارنى دۆلىتىمىزدىن چىقىرۋېتىش ئەمەس، قارشى ئېلىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى يولىنى تاپمىغۇچە مۇكەممەل بولمايدۇ.
(ئالقىش )
    بىزنىڭ سەپىرىمىز تاكى دىترويىت كوچىسىدىن ئاپپالاچىيا،نيۇتوۋىننىڭ جىمجىت قىرغاقلىرىغىچە بولغان جايلاردىكى  ھەممىمىزنىڭ بالىلىرى ئۆزىنىڭ كۆيۇنۇش ۋە مىھرى-مۇھەببەتتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى  ۋە ھەمىشە زىيان-زەخمەتتىن ئەمىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگۈچە مۇكەممەل بولمايدۇ.
مانا بۇ بىز بىر ئەۋلادنىڭ ۋەزىپىسىى.بۇ خىزمەتلەرنى ئادا قىلىش، بۇ ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈش، قىممەت قاراشلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش،ئەركىنلىك ۋە بەخت ئىزدەش...لەرنىڭ ھەممىسى ھەر بىر ئامېرىكان ئۇچۇن ئىنتايىن رېئال ئىشلاردۇر.
     دۆلەت قۇرۇشتا قوللانغان ھۇججەتلىرىمىزگە سادىق بولۇش بىزدىن ھاياتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ماقۇللۇق بىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ.بۇ ھەممىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئوخشاش قارايدىغانلىقىمىز ياكى بەختكە ئېرىشىدىغان يولنى بىرلا بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىمىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ.
تەرەققىيات بىزنى ھاكىمىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك رولى ھەققىدە ئەسرگە سوزۇلغان  ئۇزۇن مۇنازىرلەرگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلىمايدۇ،بىراق ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھەرىكەتكە ئۆتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.(ئالقىش)
    ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۈستىمىزگە ھۆكۈم چۈشۈرۈلدى،ئەمدى كىچىكتۈرەلمەيمىز.بىز ھاكىممۇتلەقلىقنى پىرىنسپ بىلەن ئىلەشتۇرۋەتسەك ياكى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تەدبىرلەرنى سىياسىي بىلەن ئالماشتۇرۋەتسەك ياكى ئادەم تىللاشنى ئەقلىي مۇنازىرە دەپ قارىساق بولمايدۇ.
(ئالقىش)
    بىز ھەرىكەتلىنىشمىز كېرەك.بىز خىزمىتىمىزنىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كىرەك.بىز بۈگۈنكى غەلىبىنىڭ ۋاقىتلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ پەقەت بۇ تۇپراقتا يەنە 4 يىل، 40يىل،400يىلدىن كېيىن تۇرۇپ ھەيۋەتلىك پىلادىلفىيە سارىيىدا بىزگە ھەدىيە قىلىنغان ۋاقىت چەكلمىسىدىن ھالقىغان ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ ھەرىكەت   روھىمىزنى ئالغا سىلىجىتالايدىغان كىشلەر ئوتتۇرىغا چىققۇچە بولىدۇ.
    ئامېرىكانلىرىم، مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپ بېرىۋاتقان بۇ قەسەم خۇددى مەندىن بۇرۇن مۇشۇ دۆلەت ئۇچۇن خىزمەت قىلغانلارغا ئوخشاش تەڭرىگە،دۆلەتكە بەرگەن قەسەمدۇركى،بىر پارتىيگە ياكى بىر گۇرۇھقا بەرگەن قەسەم ئەمەس.بىز قەسەم-ۋەدىمىزنى تاكى خىزمەت ۋاقتىمىز تۇگىگەنگە قەدەر سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىمىز.بىراق مەن بۇگۇن دىگەن سۆزلەر ئەسكەرلەرنىڭ ھەر قېتىم قىسمغا كىرگەندە بېرىدىغان قەسىمى ياكى ئۆز ئارزۇسنى تونۇپ يەتكەن كۆچمەننىڭ قەسمىدىن كۆپ پەرقلىق ئەمەس.
    مېنىڭ قەسىمىممۇ ھەممىمىز ئۈستىمىزدە لەپىلدەپ،قەلبىمىزنى ئىپتىخارغا چۆمدۇرىدىغان بايراققا بەرگەن قەسەمدىن كۆپ پەرقلىق ئەمەس.بۇلار پۇقرالارنىڭ سۆزلىرىدۇر،ئۇلار بىزنىڭ ئەڭ كاتتا ئۈمىتلىرىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.سىلەر ۋە مەن، پۇقرا بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن دەۋرىمىزدىكى مۇنازىرلەرىگە تەسر كۆرسىتىش مەجبۇرىيتىمىز بار،بۇ پەقەت بىز تاشلىغان بېلەت بىلەنلا ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋە تۈپ ئىدىيەلىرىمىزنى قوغدايدىغان سادالىرىمىز بىلەن بولۇشى كىرەك.
    ئەمدى ھەممىمىز يۇكسەك مەسئۇلىيتىمىز ۋە تەنتەنىلىك خۇشاللىقىمىزغا يۇزلىنەيلى،بۇ بىزنىڭ مەڭگۇ داۋاملىشىدىغان تۇغما ھوقۇقىمىزدۇر.ئورتاق تىرىشچانلىق ۋە ئورتاق مەقسەت بىلەن ،كۈچلۇك ھېسسيات ۋە بېغىشلاش روھى بىلەن تارىخنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشايلى،بىباھا ئەركىنلىك نۇرىنى نامەلۇم كەلگۈسىگە ئېلىپ بارايلى.
ھەممەيلەنگە  تەشەككۈر !!!
تەڭرى سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسۇن !
تەڭرى ئامىرېكا قوشما شتاتلىرىنى مەڭگۈ بەختىيار  قىلسۇن!

2013-يىلى 21-يانۋار


ئەسكەرتىش:(ئوباما نۇتۇقلىرىدىن تاللانما )ناملىق ئنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە كىتاب نەشردىن چىقىش ئالدىدا . نۇتۇق مەزمۇنى ۋە مەنبەسنى ئەسلى بويىچە نەقلى قىلىشڭلارنى ئۇمىد قىلىمىز.

baxkilardin hapa buluxtin bur

4

تېما

0

دوست

1743

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13417
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 431
تۆھپە : 237
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 19:46:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.........تەڭرىگە، دۆلەتكەبەرگەن قەسەمدۇركى، بىر پارتىيگە ياكى بىر گۇرۇھقا بەرگەن قەسەم ئەمەس.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

.ئىنسان تەبىئىتى

5

تېما

0

دوست

1231

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13270
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 303
تۆھپە : 169
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 19:57:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى مىسلىسىز پارلاق .چۈنكى، رېئاللىقنىڭ چەكسىز سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان نەۋقىران ياشلىرىمىز بار، كۆپ مەنبەلىك شانلىق مەدەنىيىتىمىز بار . بىزنىڭ قۇدرىتىمىز ھەر قانداق خەۋپ-خەتەر، ئۇرۇش-جەڭلەرنى بىتجىت قىلىشقا قادىر.ئامىرېكانلىرىم، بىز ھەرقانداق ئۇرۇش-جەڭنى كۈتىۋالالايمىز – پەقەت بىزدە ئورتاق يۈزلىنىش بولسىلا.
    ما گەپ ........................ !!!!!!!!!!!!!!
بۈيۈك ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن بۈيۈك ئويلار كېرەك!

0

تېما

0

دوست

1483

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11899
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 383
تۆھپە : 195
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 20:30:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ  خۇسۇسىي ئەركىنلىكىمىزنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز ئۈچۈن ئورتاق  ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز زۆرۈر.
ما گەپ مەن ئاڭلاۋاتقان گەپلەردىن بەك پەرقلىقكەنغۇ ؟

0

تېما

0

دوست

1483

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11899
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 383
تۆھپە : 195
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 20:31:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە (ئوباما نۇقۇتلىرىدىن تاللانمىلار )ماڭا 3 تال لازىم.

0

تېما

0

دوست

398

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8483
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 81
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 20:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراك ئوباما ھەر قانچە دەبدەبىلىك سۇزلىسۇن،ئۇ ئامرىكىدا بەچچىۋازلىقنى قانۇنلاشتۇردى.چىرىپ سېسىپ كەتكەن ئەخلاق قارىشى بۇ دۆلەتنى ھامان بىر كۇنى ئۇزۇل-كېسىل ۋەيران قىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

2165

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13211
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 524
تۆھپە : 315
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 21:51:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى fanduraدە2013-01-24 20:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىراك ئوباما ھەر قانچە دەبدەبىلىك سۇزلىسۇن،ئۇ ئامرىكىدا بەچچىۋازلىقنى قانۇنلاشتۇردى.چىرىپ سېسىپ كەتكەن ئەخلاق قارىشى بۇ دۆلەتنى ھامان بىر كۇنى ئۇزۇل-كېسىل ۋەيران قىلىدۇ.  

ئامرىكىدا ئىچكى مەسىلە يوق .بولسىمۇ  دۆلەتنى ئۇزىل-كىسىل ۋەيران قىلىش دەرجىسدە ئەمەس.دوستۇم ئامرىكىنى پۇتۇن مەۋجۇداتنى ياراتقۇچى ئاللا ئۇزىل-كىسىل ۋەيران قىلمىسا باشقا كۇچ ۋەيران قىلالمايدۇ .ھەربى كۇچ جەھەتتە سىلىشتۇرساق پۇتۇن يەر شارىدىكى دۆلەتلەر بىرلىشىپ ئامرىكىغا قارشى جەڭ قىلسىمۇ ئامرىكىغا تەڭ كىلەلمەسلىگى مۇمكىن.ئامرىكا ۋەيران بولسا باشقا دۆلەتلەر نىم بوپ كىتە.

8

تېما

0

دوست

2275

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7796
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 561
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 22:20:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دولەتتە  3 كە ۋەكىللىك قىلىش  ،ماركىسزىمئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئ   ياكى  ۋاشنىگىتونىزىم دىگگنلەر يوقكەن  ھە ........يەنە كىلىپ  بىزنىڭ باشلىقتەك دەپتەردىن بېشىنى كۇتۇرمەي يېزىپ بەرگەننى ئۇقۇمايدىكەن ،،،،،،،،،،،،،،،،،، 

.مىللەتنىڭ كەلگۈ

17

تېما

7

دوست

7426

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11308
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1416
تۆھپە : 1306
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 23:08:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكانلار زامانىمىزدىكى خىرىسلارغا ئۆزى يالغۇز تاقابىل تۇرۇپ بولالمايدۇ،ئامېرىكا ئەسكەرلىرىمۇ ھەرخىل قوراللانغان فاشىزىم ۋە كوممۇنىزىم كۈچلىرىگە يالغۇز تاقابىل تۇرمىغانغا ئوخشاش، ھەرقانداق ئىنسان بالىلىرىمىزنى كەلگۇسىىگە راسلاش  ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتېماتىكا ۋە ئىلىم- پەن مائارىپىنىڭ ھۆددىسىدىن ياكى يول، قۇرۇلۇشلارنى بىنا قىلىش، يېڭى خىزمەت ۋە يېڭى سودا يولى ئاچىدىغان تەجرىبىخانىلىرىنى  قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ھۆددىسدىن يالغۇز چىقىپ بولالمايدۇ.
بۇ قانداق گەپتۇ ھە..........
ھوقۇق بىرىلمەيدۇ ،يۇلۇپ ئىلىنىدۇ. -(كۆك ھىلال)

1

تېما

0

دوست

2633

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11458
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 575
تۆھپە : 425
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 00:01:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇنىڭدەك ھەقىقى قەسەم نۇتقى بولسا ، ئاڭلىغان ئادەمگىمۇ بىر خىل ئۈمۈت ، ئىشەنچە ئاتا قىلىدۇ ، يالغاننى سۆزلىمەيدىكەن بۇلار .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )