تىزىملاتقان 2012-1-14 ئاخىرقى قېتىم 2015-4-26 ھوقۇقى 1 جۇغلانما 2734 نادىر 2 يازما 94
ئۆسۈش
24.47%
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: 5441
تاغلىق يەرلەردە چوڭ بولغان كىشىلەر، كەكلىكنى بىلىسىلەر. كەكلىك گۆشى بەك لەززەتلىك، تۇخۇمى تېخىمۇ پايدىلىق ھىساپلىنىدىغان بىر خىل قۇش. ئۇ ئاسانلىقچە ئۇچالمايدۇ. ناھايىتى تېزلىكتە يورغۇلايدۇ. پەقەت يار بويلىرىدىن، ئىگىزلىكلەرنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنى قويۇۋەتكەندە ئاندىن ئۇچۇدۇ. خۇددى مېنىڭ چۈشۈمدىكى ئۇچۇشلۇرۇمدەك، تۈزلەڭلىكتىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈشى تەسرەك بولغان بىر خىل ئالاھىدىلىكى بار. شۇڭا تاشلىق سايلاردا كەكلىك قوغلاش بۇنداق يەرلەردە ياشايدىغانلارنىڭ بىر خىل ئوۋ مەزمۇنى. كەكلىك قوغلاش ئۇزاق داۋام قىلسا كەكلىك چارچىغاندىن كېيىن، ئىككى تاشنىڭ ئارىسىغا بېشىنى تىقىپ، «يوشۇرۇنۇۋالىدۇ». مانا شۇ چاغدا تۇتۇۋالغىلى بولۇدۇ. ئەمما بۇ ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس. ئادەملەرنىڭ ھېرىپ قېلىشى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلۈدۇ. بۇلۇپمۇ تەلەيگە يارىشا كەكلىك يار بويلىرىغىچە يورغۇلاپ كېلىۋالسا ئۇچۇپ كېتىدۇ-دە، كۈن بويى داۋام قىلغان قوغلاش بىر تىيىن بولۇدۇ.
تەقدىردە ئاشۇنداق ئىشلار بولۇدۇ. ئۇغۇ ئەقىلسىز ھايۋان، ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ئۆزى قېچىپ بولالمىغان رېئاللىققا چارىسىز كەلگەنلىرىدە «يوشۇرۇنۇۋېلىش»ىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
بەختىيار ئۇيغۇرلارنى ھەر يەردە كۆرۈپ تۇرۇمىز، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىدارىغا زار بولغان ئۇزاق ئەللەردە تۇرۇپمۇ توردىكى ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرىنى تاماشا قىلغان چېغىمىزدا مانا شۇ بەختىيار چىرايلارنى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولۇمىز. ئويناۋاتقان، ئوقۇۋاتقانلارغۇ پەستە ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان مىڭلارچە كۆز قارشىسىدا بەختىيارلىقىدىن ئۆزىنى يوقاتسا ھەقلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇنىڭ ھاياتنى قامدايدىغان كەسپى تۇرسا....، ئەمما پەستىكىلەرنىڭمۇ چىرايلىرىدىن ئوخشاش ھاياجان، بەختىيارلىق پارلاپ تۇرغىنى دىققىتىمنى تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇر يېغىپ تۇرغان چىرايىنى كۆرگەن چېغىمدا مەنمۇ رېئال دۇنيانى بىردەملىككە ئۇنتۇپلا قالىمەن. گويا جىمى ئەتراپ مەن بىلەن بىللە بەختىيار بولۇپ كەتكەندەك،... دۇنيادىمۇ ئاپەتلەر يوق، ئاچارچىلىق يوق، ئۇرۇش يوق، ئىستىلا ۋە قارشىلىقلار يوق،... تېخىمۇ قىزىقى شۇنى ئويلاش: تاڭلا ئەتە مانا شۇ سەھنىلەردە نېمىلەر ئوقۇلار؟ «دوڭفاڭخوڭ» ئوقۇلمايدۇ، ئەمما شۇ تىلدا ئوقۇلۇدۇ. ئەنە شۇ چاغدىمۇ پەستە مىڭلىغان نۇرلۇق چىرايلارنى كۆرۈۋېرىدىغانلىقىمدىن گۇمان قىلمايمەن. ئاشۇ بەختىيار چىرايلار بۈگۈن ئۆزلىرىنى ھوزۇرلاندۇرۇۋاتقان ئاشۇ يېقىملىق ناخشىلارنىڭ ئەتە چۈشۈنۈكسىز يات تىل بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ كۆرەمدىغاندۇ؟ دەل ئاشۇنداق چۈشۈنۈكسىز بولۇپ قالۇدۇغانلىقىدىن سەھنىدىكىلەرمۇ چۈشۈنۈشلۈك تىل بىلەن، شۇ زاماندا ئومۇملۇشۇدۇغان تىل بىلەن ئوقۇشقا باشلىسا ئوخشاشلا شۇنداق ھوزۇرلۇق بولامدىغاندۇ؟ چوقۇم! چۈنكى بۇ تىلنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئۆز سەنئىتىدىن ئوخشاشلا ھوزۇرلۇنۇدۇغۇ؟ ئەتە بۇ تىل بىزنىڭمۇ تىلىمىزغا ئايلانسا، بىزلەر يەنە بىر تۈرلۈك «تۇڭگان»لارغا ئايلانساق، بۇ تىلدا ئورۇنلانغان سەنئەتتىن نېمىشقا ھوزۇرلانمايلى؟
توردا بىر مەشرەپ ئۇچراپ قالدى. ئاھ شۇ مەشرەپلىرىمىز! تەشنالىق بىلەن ئاچتىم، ئۇزاقتىن بېرى تەشنا بولغان ئەمەسمىدىم؟ يېنىمدا ئىشدىشىم رىچارد بارىدى. ئۇنىڭغىمۇ بىر ماختىنىۋالماقچىدىم.
مول داستىخان، توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە بار، داستىخان ئەتراپىدا ئولتۇرغانلارنىڭ چىرايىدىن پارلاپ تۇرغان بەختىيارلىقنى مەن باشقا ھىچيەردە كۆرمىگەن تۈردىن ئىدى. ئاشۇ مولچۇلۇق ئۈستىگە لىگەن-لىگەنلەردە گۆش تارتىلىپ، باياشادلىق ۋايىغا يەتتى. ئۆينىڭ ئېسىللىقى، پىشايۋاننىڭ نەقىشلىرىدىكى گۈزەللىك، ...
مەن بىر ئىشتىن سەل خىجالەت تارتىپ، «ئاپلا قويمىساممۇ بوپتىكەن!» دەپ تۇراتتىم، دەل ئويلۇغۇنۇمدەك، رىچارد شۇنداق دېدى:
— ۋاھ! نەقەدەر بەختلىك، باياشات ئىنسانلار بۇ؟ ئاشۇ ئالدىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ كېتەمدۇ؟
— يەپ بولالمىسا كېرەك... — ئاۋازىم بەك پەس ئىدى، مەن ئۇنىڭ بۇ گەپ بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىدىم.
— سەن ئادەتتە يۇرتۇڭ توغرىسىدا بەك ئېچىنىشلىق گەپلەرنى قىلىپ يۈرەتتىڭ، ئەمەلىيەت سەن دېگەندەك ئەمەس، دۇنيانىڭ ئەڭ بەختىيار ئىنسانلىرى، ئەڭ باياشات ئىنسانلىرى ئاشۇ يەردە ياشايدىغاندەك قىلىدىغۇ؟ — ئۇ مېنى يالغانچىكەنسەن، دېمەكچىدى.
— سەن ئۇنىڭ كەينىگە كىرمەي، ئاۋۇ ناخشا-سازلارغا، ئۇسۇل تاماشىغا قارىساڭچۇ، — دېدىم خىجالەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن.
بۇ ئادەم ئۆتمۈشتە مەشرەپنى كۆرگەنلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ ماڭا شۇ چاغدا كۆرگەن مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن، ئەمما دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى سەنئەت ئالاھىدىلىكى ھەققىدە ئىدى، داستىخاننىڭ، بەختىيار چىرايلارنىڭ گېپى يوقىدى. مانا ئەمدى ئۇ قېرىدىمۇ، نېمە بالا؟ بىردىنلا كۆزى باشقا نەرسىلەرگە چۈشۈۋاتاتتى. ئۇ بۇرۇنقى مەشرەپ ھەققىدە دىھقانلارنىڭ يالىڭاياق پۇتلىرىلىرى بىلەن توپۇلۇق يەردە ئوينىغان ئۇسۇللىرىنىڭ جەزىبىسى ھەققىدە، ئەلنەغمىچىلەرنىڭ ئادەمنى غەمكىنلىككە پاتۇرۇدۇغان، تۇرۇپلا شوخلاشتۇرۇۋېتىدىغان سازلىرى ھەققىدە، قىزىقچىلارنىڭ، مەشرەپتە جازالانغانلارنىڭ جازالىرىدىكى يومۇرلۇق ئىستىل ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنىدى. مانا ئەمدى ئۇ سەنئەتتىن ھوزۇرلىنالماس بولۇپ قالغانمۇ قانداق؟
شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ بۇ كۆرۈۋاتقان فىلىمدە بىر تونۇشۇمنىڭ تۆردە گىدىيىپ ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ نومۇس قىلدىم. باشقا تونۇشلۇرۇم، سىلەر مانا مۇشۇنداق سورۇنلارنىڭ تۆرىگە قىزىقىپ بېرىپ قېلىپ، فىلىملاردا كۆرۈنۈپ قالمىغايسىلەر، بەك سەت تۇرۇدۇكەن! مېنى يالغانچى قىلىپ قويماڭلار!