سىز قانداق زىيالى؟
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
مەن تونۇيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى بار، ئۇ بارلىقىنى ئىلىم يولىدا ئىزدىنىشكە قاراتقان مۆھتىرەم زىيالى. ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە يېزىقتىكى 30 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب بار، ئۇ بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئوقۇپ بولغان. ئۇ ئۆزىدىكى تىنىمسىز تىرىشچانلىق روھى ۋە ئىلىم - پەنگە بولغان پەرۋانە كەبى ئىنتىلىشىغا تايىنىپ ئۈچ نۆۋەت «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا خادىمى» بولۇپ باھالاندى. «ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە» يېزىقتىكى تۈرلۈك ژۇرناللاردا ۋە تورلاردا نۇرغۇن ماقالە ئېلان قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك يۈز تاپتى. ئۇنىڭدىكى مول بىلىم ۋە ئىلغار ئىدىيەگە ئادەمنىڭ مەستلىكى كېلىدۇ. بەزىدە بۇ زىيالىنى ئەتراپىمىزدىكى باشقا زىيالىلارغا سېلىشتۇرۇپ قالىمەن. ئەتراپىمىزدا شۇنداق زىيالىلىرىمىزمۇ باركى، پاراڭلىشىپ قالساق، خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىچە يېزىقتىكى مەتبۇئاتلاردا تالاي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرۋەتكەنلىكى ھەققىدە چالۋاقايدۇ، بىراق بىز ئۇنىڭدىن ئەسلا خەۋەرسىز، چۈنكى ئۇلار بىلىمىنى ئۆز قەۋىمى بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان.
مۇنداقچە ئېيىتقاندا، مۇبادا ھېيىت بولۇپ قالسا، ئالدى بىلەن قوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىنى ھېيىتلايمىز، ئاندىن يىراققا بارىمىز. بىراق ئاشۇ ئاتالمىش پىروفسسور، تەتقىقاتچىلىرىمىزچۇ، ئۆزىدىكى بىلىملەرنى ماقالە شەكلىدە ئانا تىل - يېزىقىدىكى بىرەر تۈرلۈك گېزىت - ژۇرنالدا ئاي – يىللاپ ئېلان قىلمايدۇ. جەمئىيەتتە ئۆز نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئانا تىلىدا بىرەر مەيدان لېكىسىيە سۆزلىمەيدۇ. قىسقىسى ئۆز بىلىمىنى ئاۋام بىلەن ئورتاقلىشىشقا سەل قارايدۇ. بۇنداقلار بىلەن ئەكسىچە يول تۇتۇۋاتقان زىيالىلارغا خەلقىمىز قەلب تۆرىدىن ئورۇن بەرمەكتە.
بەزى زىيالىلىرىمىز بار، ئۇلار ھەممە مەسىلىنى تار رامكىدىكى يۇرۇتۋازلىق، مىللەتۋازلىق نۇقتىسىدىنلا كۆزىتىدۇ، نەزىرىنى دۇنياغا ئاغدۇرماستىن، «ئۆزلۈك» ياكى «كىملىك» ھەققىدىلا پاراڭ قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر ئىش قىلسا يۇرۇت سۈرۈشتۈرۈپ قىلىدۇ، ئېغىزىدىن يۇرتى ھەققىدە ماختىنىشلار چۈشمەيدۇ. شۇڭىلاشقىمىكىن ھە دېسە مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەر توغرىسىدا قاقشايدىغانلارنى ماڭدامدا بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. قىسقىسى ئەتراپىمىزدا «ئۆزلۈك» تىن ھالقىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق نۇقتىسىنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا پىكىر قىلىدىغانلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئۆگەنگەنلىرىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بىلىم جۇغلانمىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان «ئۆگلۈك (ئۆزىدىن ھالقىش)» تىپىدىكى بىلىملەر بولۇشى، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىمىزمۇ ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىنى ئاساس قىلىشى لازىم. مۇبادا ئىلگىرىكى تار رامكىدىن ھالقىيالمىغان بولساق، ھازىردىن باشلاپ ھالقىشقا تىرىشىشىمىز، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سېلىشىمىز، قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا ئەمەس، كۆكتىكى بۈركۈت بولىشىمىز. ھە دېسە «ئۆزلۈك» ۋە «كىملىك» ھەققىدىكى شەخسىيەتچىل قاراشلىرىمىزنى بازارغا سېلىۋەرمەسلىكىمىز لازىم.
مېنىڭچە، مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا دائىم ئۆزىدىن، مىللىتىدىن قاقشايدىغان زىيالىلارغا قارىغاندا ئۆزى ۋە مىللىتىگە يۈكسەك ئىشەنچى بار، ئۈمىدۋار زىيالىلار بەكرەك كۆپ تۆھپە قوشالايدۇ، «مىللىتىمىز ئۇنداق، مىللىتىمىز مۇنداق، بىز دېگەن ئەسكى خەق، بىز بەك نادان، خەق ئاسماندا ئۇچتى، بىز يەردە ئۆملىدۇق، پالانچى مىللەتنىڭ ئاياللىرى ئانداق ئىمانلىق، بىزنىڭ ئاياللىرىمىز نېمە بوپ كېتىپ بارىدۇ، مۇشۇ كۈندە» دېگەندەك گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشەرمەيدىغان، چۈشكۈن، ئۆزىنىڭ ھازىرى بىلەن ئۆتمۈشىنى، ياشاۋاتقان ماكانى بىلەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدىغان قىسمەن زىيالىلىرىمىزغا دەيدىغىنىم: ئەمدى قاقشاشنى توختىتىڭلار، بىز قاقشاشتىن بەك زېرىكتۇق، بالىمىزنى ئەسكى دەپ تىللاۋەرسەك، خەق ئۆزىنىڭ ياخشى بالىسىنى بىزگە بەرمەيدۇ. بىزگە قۇرۇق قاقشايدىغانلار ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغانلار كېرەك.
ئاخىردا سوراپ باقاي، سىز بىلىمىڭىزنى ئاۋام بىلەن ئورتاقلاشتىڭىزمۇ؟ ئۆز قەۋمىڭىزنىڭ غېمىنى يېدىڭىزمۇ ھەم يەۋاتامسىز؟ ئۇنۋان ھەلەكچىلىكىدە جۇڭگودىكى يادرولۇق ژۇرنال(核心期刊)لاردا ئۆزگە يېزىقلاردا تالاي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان چاغلىرىڭىزدا، ھازىرغىچە يادرولۇق ژۇرنىلى بارلىققا كەلمىگەن ئانا تىل – يېزىقىمىزدىكى ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلدۇرۇشنىمۇ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئاخىردا سوراپ باقاي، سىز قانداق زىيالى؟ |