قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 666|ئىنكاس: 2

تۈركچە بىرنەچچە سۆزنىڭ ئىلھامى بىلەن...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

2734

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5441
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 593
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 00:46:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


 

يېقىندىن بېرى تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنلىشى تۈپەيلىدىن تۈرك كىنولىرى قىزغىنلىقى، تۈرك ماللىرى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈش بىلەن تۈرك تىلىغا قىزىققۇچىلارمۇ كۆپۈيۈۋاتقاندەك قىلىدۇ. تور مۇنبەرلىرىدە بۇنى ھىس قىلىش تەس ئەمەس.

شۇغۇنىسى تۈكچە سۆزلەرنى توغرا سۆز نورمىسى بويىچە يازماي، خاتا يېزىش ئومۇمىيدەك قىلىدۇ. ھەتتا مۇشۇ «تۈرك» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىمۇ «تۈرۈك» دەپ يېزىلىۋاتىدۇ. بۇنى ئەيپ دېسەكمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. چۈنكى «تۈرك» ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭمۇ نامىمىز. ئۆز ئىسمىنى توغرا يازالماسلىق ئەيپ ئەمەسمۇ؟

نەدىدۇر تۈركىيە باش مىنىستېرىنىڭ رەسىمى ئاستىدىكى ناتوغرا يېزىلغان ئىسمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. «ئەردۇغان» دەپ يېزىلىپتۇ. Erdoğan دىكى «ئەر» ئۇيغۇرچىدىكى ئەرنىڭ دەل ئۆزى شۇ. تۈركچىدىكى «دوغان» doğan «تۇغۇلغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى: ئەرتۇغۇلغان، دېگەن بولۇدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىكى «ئو»نى «ئۇ»غا ئالماشتۇرۇپ يېزىپ قويساق مەنىسى نېمە بولۇپ كېتەر؟

توردىغۇ ئومۇمەن ئو، ئۆ، ئۇ، ئۈ قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇپ يېزىش، ئومۇملۇشۇپ كېتىپتۇ. بۇندىن باشقا تۆرت ھەرپتىن تەركىپ تاپقان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئىككى بوغۇم قىلىپ يېزىش («تۈرك»نى «تۈرۈك» دەپ يازغاندەك) ئومۇملۇشۇپمۇ كېتىپتۇ. ئەسلىدە تىلنىڭ گۈزەللىكى، ئارتۇقچۇلۇقى ئىخچاملىقى بىلەن ئۆلچۈنۈدۇغان ئىشمۇ بار. ئەگەر بۇ بىر تىلدا سۆزلەرنىڭ ئىخچام بولۇشى ئۇنىڭ رىقابەتلەردە غالىپ بولۇشىغا ۋەسىلە بولۇدۇ دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن بىز يېڭى مەھسۇلاتلارغا بىرمۇنچە ئىسىم ياسىدۇق، شۇغۇنىسى بۇ بەك ئومۇملۇشۇپ كەتمىدى. سەۋەبى بۇ ئىسىملار جۈملىگە ئوخشاش ئۇزۇن، كېلەڭسىز ئىدى. خەنچىسى ئىككى ياكى ئۈچ بوغۇملۇق بولغاچقا بۇ ئىخچاملىققا يېڭىلدۇق. شۇنىڭغا ئوخشاش، تۆرت ھەرپلىك، بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا بىر سوزۇق تاۋۇش قېتىپ ئۇنى ئىككى بوغۇم قىلىۋېلىش خاھىشىنى تۈزەتمىسەك، بۈگۈنكىدەك تىلىمىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر دەۋردە يەنە بىر يوقۇتۇش ئامىلىنى ئۆزىمىز تەييارلىغان بولۇمىز: بەخت (بەخىت ئەمەس)، ھەرپ (ھەرىپ ئەمەس)، ...

يەنە بىر ماقالىدا ئومۇمەن «تەس» دېگەن سۆزنىڭ ھەممىسىلا «تەرس» دەپ يېزىلىپتۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ مەنىسى تامامەن ئوخشىمايدىغان، يېقىنمۇ كەلمەيدىغان ئىككى سۆز. «تەرس» — كۆپچۈلۈك تۈركىي تىللارنىڭ ھەممىسىدە (ئۇيغۇر تىلىدىمۇ) بار سۆز بولۇپ، «تەتۈر، ئارقا ياكى ئارقىسى» مەنىلىرىدە بولۇپ، ھەرگىزمۇ «تەس»نىڭ مەدەنىي شەكلى ئەمەس.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

122

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14216
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 21
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 23:48:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل توغرىسىدا سۆزلىگەندە يازغۇچى ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )