قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2031|ئىنكاس: 38

چىڭگىزخان تۈرك نەسلىدىنكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

2533

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 14:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىڭگىزخان تۈرك نەسلىدىنكەن

مەن  تارىخچى يۈسۈپجان ياسىنننىڭ«چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ؟» دىگەن ماقالىسىنى  كۆرۈپ
ھەيران  قالدىم. شۇنداقلا مەھمۇد كاشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،  ئەلشىر ناۋائى  قاتارلىق بىرقىسىم 
ئالىملىرىمىزنى  بەزىلەر ئاساسسىز بىزنىڭ دەۋەلغىنىدەكلام  «يۈزسىز »بىر ئىشمىكى دەپ دەرگۇماندا بولغان
ھالدا  بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم.  ئەمىلىيەتتە ھازىر موڭغۇللاردىن تارتىپ ھەممە خەلق چىڭگىزخاننى
موڭغۇل دەپ قارايدۇ. شۇڭا مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن ھەقىقەتەن چىڭگىزخاننىڭ تۈرك
ئىكەنلىكىگە قايىل بولدۇم. شۇنداقلا چىڭگىزخاننى تۈرك دىيىشنىڭ ئەمىلى پاكىتلىق تارىخنىڭ يەكۈنى
ئىكەنلىكى ، ھەرگىزمۇ چىڭگىزخان مەشھۇر پادىشاھ بولغاچقا تالىشپ تۈرك دەۋالغان يالغان سۆز
ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم. ھەمدە بۇماقالىنىڭ ئاپتورى يۈسۈپجان ياسىنغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ
ئاشتى.  ھەقىقەت ئۈچۈن جاپالىق ئىزدەنگەن يۈسۈپجان ياسىنغا ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى ياققاي!.....
ئەمىلىيەتتمۇ قارايدىغان بولساق: (1) چىگىزخاننىڭ ئىسمىمۇ ئۇيغۇرچە «تۆمۈرچىن»دەپ قويۇپتۇ.  (2)
چىڭگىزخان باش كۆتۈرگەندىن كىيىن تۈركلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ھاكىمىيىتىدە كۆپرەك ئىشلىتىپتۇ.(3)
 - «ھەرقانداق شەيئى ئۆز ئەكسىگە قايتىدۇ »دىيىلگىنىدەك چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقۇرىۋاتقان
ئەۋلاتلىرى ئاسانلام ئۇيغۇرلىشىپ كىتىپتۇ. (4)موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى»دىگەن ئەسىرىدە،
ھەم «چىڭگىزنامە»ياكى «قەشقەر تارىخى»دىگەن ئەسىرىدە  چىڭگىزخاننىڭ قەبىلىسى بولغان قىيان ،
مەركىت قەبىلىلىرىنىڭ ئوغۇز خاننىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكى يەنى تۈرك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. (5)
تارىخى مەلۇماتلاردا چىڭگىزخان قەبىلىسى بولغان قىيات قەبىلىسىنىڭ ئانتىروپولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى
ۋە قان تەركىبىدە موڭغۇللاردىن پەرقلىق خۇسۇسىيەتنىڭ بارلىقى قەيىت قىلنغان يەنى قىيات قەبىلىسىنىڭ
كىشىلىرى كۆزى كۆك، رەڭگى ئاقسېرىق، يۈزى ئۇزۇنچاقراق تىپتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى، كۆك تۈركلەرمۇ
كۆزى كۆك، رەڭگى ئاقسېرىق، يۈزى ئۇزۇنچاقراق كىشىلەر بولغاچقا، غەربىي كۆك تۈرۈكلەردىن شەرققە
كەلگەنلەرنى باشقا تۈركىي خەلقلەر ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەنلىكى بايان قىلىنغان.شۇنداقلا  بارتولىدنىڭ
«ئىسلام قامۇسى» غا يازغان «چىڭگىزخان» دېگەن ماقالىسىدە: «بۈيۈك خاننىڭ (چىڭگىزخاننىڭ)
ھاياتىنىڭ كېيىنكى 10 يىلىدىكى سىرتقى كۆرۈنۈشكە دائىر جۇڭگولۇق مىڭ خوڭ ۋە ئىرانلىق تارىخچى
جۇزجانى ۋاستىسى بىلەن بەزى مەلۇماتلاردا دىيىلىشىچە «چىڭگىزخان ئۇزۇن بوي، كەڭ ئالقىنى ۋە ئۇزۇن
ساقىلى بىلەن ئىرقداشلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇراتتى » بولۇپمۇ تارىخچى جۇزجانىمۇ  چىڭگىزخاننىڭ  چوڭ
گەۋدىلىك ۋە كۆك كۆزلۈك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان  . دېمەك ، قىيات قەبىلىسىنىڭ تەن تۈزۈلۈشىدە
موڭغۇل ئىرقىغا، جۈملىدىن سېرىق تەنلىك كىشىلەرگە خاس بەلگە يوق ئىدى. ئۇلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك-
تۇران تىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك ئىدى.  دىگەندەك بايانلار بار.
(6)ئە .زەكى ۋەلىد توغاننىڭ «ئومۇمى تۈرك تارىخىغا كىرىش» دگەن ئەسىرىدە   چىڭگىزخاننىڭ  تۈرك
تىلىنى موڭغۇل تىلى بىلەن تەڭ ئورۇندا قوللىنىپ كەلگەنلىكى   چىڭگىزخاننىڭ ئۆزىنى تۈرك دەپ
قارىغانلىقى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ.  مەسىلەن ؛ چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، ھازىرقى
ئافغانىستاندا ئۆزىنى زىيارەت قىلغان كادى ۋاھىدەددىن فۇشانجى دېگەن بىر مۇسۇلماندىن: «سىلەر
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ھەممە نەرسىنى ئالدىن بېلەتتى دەيسىلەر، ئۇنداقتا ئۇ مىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىم
ھەققىدە نېمە دېگەن ؟» دەپ سورىغان. فۇشانجى چىڭگىزخانغا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ «تۈركلەر
سىلەرگە چېقىلمىغۇچە، سىلەرمۇ ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار»  دېگەن سۆزىنى ئېيتقاندا، چىڭگىزخان بۇ
سۆزنىڭ   ناھايىتى ئاقىلانە سۆز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ دەل تۈرك  ئىكەنلىكىنى بايان
قىلغان.   ئارتۇق سۆزلىمەي ،قالغان پاكىتلارنى تۆۋەندىكى ماقالىنى ئوقۇپ ھىس قىلغايسىلەر.!
 
چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ؟
يۈسۈپجان ياسىن
چىڭگىزخان تىلغا ئېلىنسىلا ئۇ مىلادىيە 13- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ
قۇرغۇچىسى، موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ سىياسىئونى، ھەربىي سەردارى ۋە مەرىپەت تارقاتقۇچىسى دەپ
تەرىپلىنىدۇ. دېمىسىمۇ ھەممىگە مەلۇمكى، ئەقىل-پاراسەتكە تولغان، باتۇر، شىجائەتلىك، يېڭىلمەس
چىڭگىزخان ئەينى دەۋردە تاشقى موڭغۇلىيە تەۋەسىدە ياشايدىغان ھەرقايسى موڭغۇل ۋە تۈركىي
قەبىلىلەرنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ، دۇنيا تارىخىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك موڭغۇل
ئىمپېرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، موڭغۇل مىللىتىنى دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى.
چىڭگىزخان موڭغۇل مىللىتىنى ئىپتىدائىي جەمئىيەت باسقۇچىدىن بىردىنلا فېودالىزىم جەمئىيەت قوينىغا
باشلاپ كىردى. ئۇلارنىڭ يولىغا پەن-مەدەنىيەتنىڭ نۇرلۇق مەشئەلنى ياقتى بىز مانا شۇ چىڭگىزخان ۋە
ئۇنىڭ قەبىلىسى قىياتلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تارىخىي مەنبەلەر، ئىتنۇگرافىك – ئانتىروپولوگىيىلىك
مەلۇماتلار، تىل پاكىتلىرى ۋە ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق
چىڭگىزخاننىڭ ساپ موڭغۇل قەبىلىسىدىن ئەمەس، تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرىدىن كېلىپ چىققان
تارىخىي شەخس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. ئىلگىرىمۇ بەزى شەرقشۇناسلار ۋە تۈركولوگلار بۇ ھەقتە
ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتكەن ئىدى.

چىڭگىزخاننىڭ مىلادىيە 1155-1227- يىللاردا ياشىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. تارىخىي مەنبەلەردە
كۆرسىتىلىشىچە، چىڭگىزخاننىڭ ئانىسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان مەركىتلەردىن كېلىپ
چىققان ئىدى. مىلادىيە 12- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاشقى موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل ۋە تۈركىي قەبىلىلەر
ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بىرىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا قىيات قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى يەسۈگەي بائاتۇر (باتۇر)
مەركىتلەردىن خۇئالۇن ئۇجىن (ئۆگەلۇن ئەكە) دېگەن بىر قىزنى بۇلاپ قاچقان. چىڭگىزخان مانا شۇ
خۇئالۇن ئۇجىندىن تۇغۇلغان ئىدى. بۇ ئىشنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەكىتلەر 10 يىلدىن كىيىن
مىلادىيە 1164- يىلى يەسۈگەي بائاتۇرنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن. يەسۈگەي بائاتۇر بۇ ئايالدىن تىموچىن،
خاسار، خائىچۇن، تەمۇلىن دېگەن تۆت ئوغۇل ۋە تەمۇگە دېگەن بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن[1]. يەسۈگەي
بائاتۇرنىڭ چوڭ ئوغلى تىموچىن مىلادىيە 1206- يىلى ھەرقايسى موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ
خانلىق تەختكە چىققان ھەم ئۆزىنى «چىڭگىزخان» دەپ ئاتىغان. «چىڭگىزخان» دېگەن سۆزنىڭ
مەنىسى توغرىسىدا چىڭگىزخان بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان مىڭ خوڭ ئۇنى خەنزۇچە 天子 (كۆكنىڭ
ئوغلى) دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرسە، ئىران تارىخچىسى رەشىدىدىن «چىڭگىز» سۆزىنى موڭغۇل تىلىدىكى
«كۈچ، قۇدرەتلىك» دېگەن مەنىدىكى «چىنك» سۆزىنىڭ كۆپلىك شەكلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
رۇس شەرقشۇناس ۋ.ۋ. بارتولد «چىڭگىزخان» دېگەن ئىسىمنى دىنىي چۈشەنچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك
دەپ قارىغان. . 

مىلادىيە 13- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا جۇڭگودىن تاكى ئادرىئاتىك دېڭىزىغا قەدەر يۈرۈش قىلىپ، بۇ
جايلاردىكى ھەرقايسى ئەللەرنى قاتتىق ۋەھىمىگە سالغان موڭغۇللار بۇ دەۋرگە ئائىت جۇڭگو ، ئىسلام
ئەللىرى، رۇس ۋە غەربىي ياۋروپا مەنبەلىرىدە بىردەك ھالدا «تاتار» دەپ ئاتالغان ئىدى. «تاتار» دېگەن نام
ئەڭ دەسلەپ «ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرى» دا كۆرۈلىدۇ . كۆك تۈرك ۋە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىدىن كىيىن
بۇ نام موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل ۋە تۈرك قەۋملىرىگە قارىتىلغان ئىدى[2]. «ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۈ
تاشلىرى» دا «توققۇز تاتار» ۋە «ئوتتۇز تاتار» دېگەن قەۋملەر تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ناملارنىڭ موڭغۇللارغا ئائىت
ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ۋ. تومسىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشنى بارتولد ۋە باشقا تارىخچىلارمۇ
قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن «تاتار» نامىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نۇقتىنى
چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلدى[3]. لېكىن تەتقىقاتلارنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ
ئىككى گۇرۇپپا تاتارلار توغرىسىدىكى كۆزقاراشلاردا ئۆزگىرىش بولدى. «ئوتتۇز تاتارلار» ئابىدىدە موڭغۇل
تىلىدا سۆزلىشىدىغان قىتانلار بىلەن بىر قاتاردا بايان قىلىنغاچقا، «ئىسلام قامۇسى» نىڭ «تاتار»
ماددىسىنى يازغان ئاتاقلىق تۈرك ئالىمى ب.ئۆگەل «ئوتتۇز تاتار» لارنىڭ بۈگۈنكى موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇللار
بىلەن بىر ئىكەنلىكىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئېھتىماللىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. «توققۇز تاتار»
دېگەن نام «بايانچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دا ئۇچرايدۇ. بۇ ئابىدىدە مىلادىيە 747- يىلىدىن كىيىن
ئۇيغۇرلارنىڭ «توققۇز تاتار» لار بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى يېزىلغان. ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن،
«توققۇز تاتار» لار ئالاشەن دالىسىدا قايتىدىن ئوتتۇرغا چىقتى. ئالاشەن دالاسى گەنسۇ ئۆلكىسىدىن
شىمالدىكى گوبى چۆلىگە قەدەر سوزۇلغان دالىنى كۆرسىتىدۇ.

خەنزۇچە مەنبەلەردە مىلادىيە 842- يىلىدىن كىيىن تاتارلار تىلغا ئېلىنىشقا باشلايدۇ. كىيىن چىڭگىزخان
دەۋرىدە يېزىلغان جۇڭگو مەنبەلىرىدە تاتارلار «ئاق تاتار»، «قارا تاتار» ۋە «يات تاتار» دەپ ئۈچكە بۆلۈنۈپ
بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئۈچ خىل ئاتالغۇ ئۈچ گۇرۇپپا تاتارلارنىڭ ئىتنىڭ كېلىپ چىقىش، تىل، مەدەنىيەت ۋە
باشقا جەھەتلەردە بىر-بىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىغا قاراپ ئېيتىلغانلىقى تارىخشۇناسلار
تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماقتا. ئاق تاتارلارنىڭ موڭغۇل بولماستىن تۈرك ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئالاشەن
دالىسىدىكى ئاق تاتارلارنىڭ توققۇز قەبىلىدىن تەشكىل قىلىنغانلىقى جۇڭگو مەنبەلىرىدىن ئورۇن ئالغان.
بۇ توققۇز قەبىلىنىڭ «ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۈ تېشى» دا ئۇچرايدىغان توققۇز تاتارلار ئىكەنلىكى توغرىسىدا
توختىلىپ ئۆتۈلدى. بۇ توققۇز قەبىلە نامىنىڭ تۈركىيچىگە يېقىن ئىكەنلىكىمۇ بېكىتىلدى . قارا تاتارلار
ئونۇن، كىرولىن دەرياسى بۇيىدا ياشايتتى. بۇ نام ئاستىدا ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ كۆپچىلىكى موڭغۇل بولۇش
بىلەن بىرگە ھېچبولمىغاندا توققۇز قەبىلىنىڭ موڭغۇل مەنبەلىك ئەمەسلىكىنى بېكىتەلەيمىز[4]. موڭغۇل
ئەنئەنىسى بويىچە «ئورمان كىشىلىرى» دەپ ئاتالغان يات تاتارلار بۈگۈنكى موڭغۇلىيىنىڭ شىمالىي قىسمى،
بايقال كۆلى بۇيىدا ياشايتتى. رەشىدىدىننىڭ ئەسىرىدە بۇلار توغرىسىدا يەنى تاتار، دۇربەن، سالجىيۇت،
قاتاقىن قاتارلىقلارنىڭ تىلىغا ئائىت بېرىلگەن مەلۇماتلار موڭغۇلچە ئىدى[5]. ئەينى دەۋردە «تاتار»
ئاتالغۇسى تېخىمۇ كەڭ مەنىدە ئىشىلتىلدى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدە بولسۇن ياكى بولمىسۇن،
ئوسمانىلى تۈركلىرىدىن باشقا ئاسىيادىكى بارلىق تۈركىي مىللەتلەرمۇ «تاتار» دەپ ئاتالغان ئىدى.
كېيىنكى چاغلاردا ياۋروپالىقلار ۋە رۇسلار پەقەت رۇسىيە تەۋەسىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنى «تاتار» دەپ
ئاتىدى.
«موڭغۇل» دېگەن نامغا كەلسەك، ئەڭ دەسلەپ «كونا تاڭنامە. شىمالى دىلار تەزكىرىسى» دە: «شىۋېي
موڭغۇللىرى» دېگەن قەبىلە كۆرۈلىدۇ. شىۋېي موڭغۇللىرى دەسلەپتە شەرقىي شىمالدىكى ئىرگۇنا
دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىن بويلىرىدا، چوڭ ھىڭگان تاغلىرىنىڭ شىمالى ئېتەكلىرىدە ئوۋچىلىق بىلەن
شۇغۇللىناتتى. سوڭ، لياۋ ۋە جىن سۇلالىرى مەزگىلىدىكى خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇلار 萌骨,萌古子
,盲骨,蒙古里,萌古斯,萌古,檬骨 دىگەن خەتلەر بىلەن ئىپادە قىلىنغان.
مىلادىيە 9- ئەسىردىن 11- ئەسىرگىچە بولغان شىۋېي موڭغۇللىرىنىڭ بىر قىسمى غەربكە كۆچۈپ، ئونىن،
كىرولىن ۋە تۇغلا دەريالىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىن بويلىرىغا كېلىپ ماكانلاشتى[6]. بۇلار جۇڭگو مەنبەلىرىدە «قارا
تاتار» دەپ ئاتالغان ئىدى. ئىسلام مەنبەلىرىدە «موغۇل» ياكى «موغۇل» دېگەن شەكىلدە ئۇچرايدىغان «
موڭغۇل» نامىنىڭ سۇلالە ياكى دۆلەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلىشى چىڭگىزخان دەۋرىگە، مىللەت نامى
سۈپىتىنىڭ قوللىنىلىشى بولسا خېلىلا كېيىنكى دەۋرگە ئائىت ئىدى[7].
«يۈەن سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى» ۋە «جامىئۇتتەۋارىخ» قاتارلىق كىتابلاردا چىڭگىزخان قىيات
قەبىلىسىنىڭ بۆرتەچىنە ئۇرۇقىدىن كېلىپ چىققان دېيىلىدۇ . چىڭگىزخاننى ئورخۇن دەرياسى بۇيىدا
زىيارەت قىلغان جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى ئەلچىسى پەن دۇيا قىيات قەبىلىسىنى قارا تاتارلار ئىتتىپاقىغا داخىل
قىلىپ كۆرسەتكەن. جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ يەنە بىر ئەلچىسى چياۋ خوڭ قىيات قەبىلىسىنى كۆك
تۈرۈكلەرنىڭ شاتو (سارت) قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى يازغان[8]. موڭغۇلىيەدە قىتانلار ھۆكۈمرانلىق
قىلغان مەزگىللەردە (مىلادىيە 916-1125- يىللار) 18 گە يېقىن قەبىلىنىڭ ياشىغانلىقى جۇڭگو
مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇ قەبىلىلەردىن ئويرات (ئۇيۇر- ئۇيغۇر سۆزىنىڭ كۆپلىك شەكلى)، قىيات ياكى
قايات (قاي ۋە قايا سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى)، قاڭلىئۇت (قاڭلى سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى)، بايائۇت (بايات
سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى) قاتارلىقلار ئەسلى تۈركىي خەلق ئىدى. ئۇلار چىڭگىزخان دەۋرىدىمۇ ئۆزىنىڭ تۈرك
مىللىي ئەنئەنىسىنى يوقاتمىغان ئىدى[9].«يۇەن سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى» دا خاتىرىلەنگەن قارا تاتار
قەبىلىلىرى ئىچىدە توققۇز قەبىلىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ توققۇز قەبىلىنىڭ
ئىسمى رەشىدىدىن ساناپ ئۆتكەن توققۇز قەبىلىنىڭ ئىسمىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ . بۇ توققۇز قەبىلە «قارا»
دېگەن نام بىلەن مىلادىيە 10- ئەسىردە شاتو (سارت) ۋە چومۇل قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە لوپنۇر بىلەن
گەنسۇ ئارىسىدا ياشايدىغان كۈچلۈك بىر گۇرۇپپا خەلق سۈپىتىدە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلاردا قولغا
چۈشكەن خوتەن ۋەسىقىلىرىدە زىكرى قىلىنغان[10]. رەشىدىدىننىڭ ئەسىرىدە كۆرسىتىلگەن توققۇز
قەبىلە بولسا ئۇرۇڭقاي، قىيات، قوڭغىرات، سۇلدۇز، ئىگرەچ، ئۇسۇن (ئۇشۇن)، بايائۇت، نۇكۇز، ۋە كىڭگۈت
قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ ناملار ساپ تۈركچە ئىدى. ئاتاقلىق ئالىم ئە. زەكى ۋەلىدى توغان بۇ
قەبىلىلەرنىڭ نامىنىڭ ئىتمولوگىيىسىنى ئىزاھلىغاندا «ئۇرۇڭقاي» قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى «ئاق»
دېگەن مەنىدىكى «ئۇرۇڭ، يۇرۇڭ» سۆزى بىلەن ياسالغان نام بولۇپ ، مەنىسى «ئاق قاي» دېگەنلىك
بۇلاتتى دەيدۇ. ئۇ «قىيات» دېگەن نامنى «ئۇرۇڭقاي» دېگەن نامغا سېلىشتۇرما قىلىپ، «قىيات» ياكى «
قايات» بولسا «قاي» ۋە «قايا» سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى، يەنى «قاي» - «قارا قىيات» = «قارا قاي» دەپ
چۈشەندۈرگەن. كاتىپ جەلەبىمۇ «قىي»، «قاي»، «قىيات» ئىسىملىرى بىر قەبىلىنىڭ ھەر خىل ناملىرى
ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن[11]. بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۇتۇش كېرەككى كۆك تۈرك خانلىقى
دەۋرىدە (مىلادىيە 535-745 – يىللار) غەربىي تۈركلەرگە تەۋە ھالدا ياشىغان. كۆك تۈرك خانلىقى
ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادا قۇدرەتلىك بىر سىياسى كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان
ئوغۇزلارنىڭ ئىچىدە قاي ۋە قايات دېگەن قەبىلىلەر بار ئىدى. بۇ ئىككى قەبىلە بىلەن يۇقىرىدا دېيىلگەن
قىيات ۋە بايائوت قەبىلىلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك بىر ئېتنىك باغلىنىشنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى تەتقىق
قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. قاي (قىيات) قەبىلىسى تۈركلەرنىڭ ئەڭ يىراق شەرقتىكى بىر تارمىقى سۈپىتىدە
ئەل بىرونىنىڭ ئەسىرىدە زىكرى قىلىنغان. «قاي» ياكى «قەي» نامىنى بېرىزىننىڭ موڭغۇلچىدىكى «ھاۋا»
دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «قەي» دېگەن سۆز بىلەن بىرلەشتۈرگەن كۆز قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى
خېلى بۇرۇنلا ئە. زەكى ۋەلىدى توغان تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان[12]. شاتۇ (سارت)، قىيات ۋە قارا
تاتارلارنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىگە كەلسەك، چىڭگىزخاننىڭ ئەجدادلىرى شاتو (سارت) قەبىلىسىدىن
ئىدى. شاتولار بولسا قاي (قىيات، قارا قىيات = قارا قاي، ئۇرۇڭقاي – ئاق قاي) ۋە ئۇسۇن قەبىلىسىدىن
تەركىب تاپقان ئىدى. شاتولار كىيىن قارا تاتارلار ئىتتىپاقىغا داخىل بولغان ئىدى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان
ئۇسۇنلار مىلادىيەنىڭ ئالدى- كەينىدىن بىرى مەلۇم بولۇپ كەلگەن ۋە كىيىن غەربىي تۈركلەرنىڭ بىر
قەبىلىسى سۈپىتىدە تونۇلغان ئۇسۇنلار ئىدى[13]. شاتولار ھەققىدىكى مەلۇماتلار فرانسۇز ئالىمى چاۋاننىس
تەرىپىدىن ئۇچۇق پۇرۇتۇپ بېرىلگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەسلىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە چۇمۇكيانلارنىڭ بىر
تارمىقى ئىكەنلىكى جۇڭگو مەنبەلىرىگە كۆرە ئىسپاتلانغان. رۇس خەنزۇشۇناسلىرىدىن ي.ئا..زۇيىف جۇڭگو
تارىخىدا ئايرىم ئورۇن ئىگىلىگەن شاتولارنىڭ «شاتو» (沙陀) دېگەن نامىنىڭ «سودىگەر» دېگەن
مەنىنى بىلدۈرۈدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان[14]. ۋاسلىيىفمۇ «شاتو» دېگەن نامنىڭ ھىندىچە «سودىگەر»
دېگەن مەنىدىكى «سارت» سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن. «سارت» دېگەن
بۇ نام مۇشۇ مەنىدە «قۇتادغۇ بىلىگ» تە ئۇچرىغانغا ئوخشاش، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىمۇ تىلغا ئېلىنغان
ئىدى. رادىلوف تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ساددخارما پوندارىكا» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە
سانسكرىتچە (قەدىمكى ھىندىچە) «سودىگەر، كارۋان بېشى» دېگەن مەنىدىكى «سارتخاۋاخا» ياكى «
سارتخالارخا» سۆزى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە «سارتپانۇ» سۆزىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ سۆز «سودىگەرلەر بېشى»
مەنىسىدە ئىزاھلانغان. شۇڭلاشقا رادىلوف تۈركىي تىلدىكى «سارت» دېگەن نامنىڭ ھىندى تىلىدىن قوبۇل
قىلىنغان سۆز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان[15]. بۇ قاراشنى بارتولىد ۋە ئە.زەكى ۋەلىدى توغان قاتارلىق
داڭلىق ئالىملارمۇ قوبۇل قىلغان. شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي ئۆز دىيارىمىزدا بەزىلەر «沙陀» دېگەن
خەتكە قاراپلا ئۇنى «چۆل تۈركلىرى» دەپ ئىستېمال قىلىۋالدى. يەنە بەزى چالا تارىخچىلار «شاتو» سۆزىنى
«سارت» دەپ ئاتاشنى راۋا كۆرمەي، ئۇنى ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن چۈشىنىشكە ئورۇنۇپ ، زورمۇ-زور ھالدا «
ئېلىپ – ساتارلار» مەنىسىدە ئىستېمال قىلىپ، «سارتلار» دەپ ئاتاشقا تەرەددۇت قىلماقتا. بۇ تېخى
مەتبەئەدە ئاشكارا تەرغىب قىلىنمىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئېقىپ يۈرگەن ئەخمىقانە قاراش.
شۇنى بىلىش كېرەككى ، تۈركىي تىلدا ھېچقاچان «سودىگەر» ياكى «سارت» سۆزىنىڭ ئورنىغا «ساتار»
دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن ئەمەس. چۇمۇكيانلارنىڭ سودا-تىجارەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىغا
دائىر ئەمىلى پاكىتلار ئۆز ۋاقتىدا بارتولىدنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. شاتو-سارتلار كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە
بارىكۆل ئەتراپلىرىدا ياشايتتى. شەرقىي ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭغا
يەرلەشكەن چاغدا، شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىنى تىبەتلەر بېسىۋالغان (مىلادىيە 670- 861-
يىللار) ئىدى. شاتو-سارتلار تىبەتلەر بىلەن ئەپ ئۆتەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىلادىيە 808- يىلى تاڭ
سۇلالىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئۆتۈپ ، ئوردۇسنىڭ شىمالى ۋە لياڭجۇنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا كېلىپ
ماكانلاشتى ھەم مىلادىيە 878- يىلىغا قەدەر بۇ جايلاردا يېرىم مۇستەقىل ھالدا ھۆكۈم سۈردى. تاڭ سۇلالىسى
ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن شاتو-سارتلار شىمالىي جۇڭگودا ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ كېيىنكى جىن سۇلالىسى (
مىلادىيە 926- 907- يىللار)، كېيىنكى تاڭ سۇلالىسى (مىلادىيە 923- 936- يىللار)، كېيىنكى چىن
سۇلالىسى (مىلادىيە 936- 946- يىللار)، كېيىنكى خەن سۇلالىسى (مىلادىيە 947- 950- يىللار) ۋە شىمالىي
لياڭ سۇلالىسى (مىلادىيە 951- 979- يىللار) قاتارلىق دۆلەتلەرنى قۇردى. شىمالىي جۇڭگودا پائالىيەتتە
بولغان بۇ شاتولارنىڭ بىر قىسمى يەنە جۇڭگو مەنبەلىرىدە «ئاق تاتار» دەپمۇ ئاتالدى. شاتو-سارتلار گەنسۇنى
قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن گاھىدا ئۇيغۇرلار بىلەن، گاھىدا تاڭغۇتلار بىلەن سوقۇشۇپ تۇرغان. مىلادىيە 11-
ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شاتو-سارتلار تاڭغۇتلار بىلەن بولغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە شىمالى جۇڭگودىن
موڭغۇلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىغا قاراپ كۆچكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. بۇ ۋەقە موڭغۇل ئىمپېرىيىسى
قۇرۇلۇشتىن 200 يىل بۇرۇن بولغان. شۇ ۋاقىتتا شاتو-ساتلارنىڭ كۆپچىلىكى كىيىنچە موڭغۇل تىلى دەپ
ئاتالغان شىۋېي تىلىنى قوبۇل قىلغان[16]. قالغانلىرى يەنىلا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىۋەرگەن.
چىڭگىزخاننىڭ 9- بوۋىسى بۇزەنجار دەپ ئاتىلاتتى. ئۇيغۇرلاردا بۇ ئىسىم « ز» تاۋۇشىنىڭ « د» غا
ئۆزگىرىشىدەك تىل ئالاھىدىلىكى نەتىجىسىدە بۇدۇنجۇر دېيىلگەن. «خەننامە» داستانىدا بۇزەنجارنىڭ تىلى
موڭغۇلچە ئەمەسلىكى، موڭغۇلچىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئايرىم بىر تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن «زەبانى
بۇزەنجارى» دېيىلىدىغانلىقىنى خاتىرىلەنگەن. بۇ ئۇنىڭ تىلى تۈرك تىلى دېگەنلىك بۇلاتتى. بۇزەنجارنىڭ
ئەۋلادلىرى بۇ تىلنى قانچىلىك قوللانغانلىقى مەلۇم ئەمەس[17]. لېكىن چىڭگىزخاننىڭ سۆزلىشىدىغان
تىلىنىڭ تۈركچە بىلەن موڭغۇلچە ئىكەنلىكىگە ئائىت جۇۋەينىنىڭ ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن ۋە بۇنىڭدىن
ئېلىنىپ رەشىدىدىن ۋە جۇزجانىنىڭ ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن پاكىتلار جۇۋەينى ئەسىرىنىڭ لاھورنۇسخىسىغا
ئاساسەن «ئىسلام تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ژۇرنىلى » نىڭ 1960- يىل 2- سان، 266 – بېتىدە بېرىلگەن[18].
دېمەك، قىيات قەبىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاتو-سارتلار موڭغۇلىيىگە كۆچۈپ بېرىپ، قارا تاتارلار
ئىتتىپاقىغا داخىل بولۇپ ، موڭغۇل تىلىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تۈرك تىلىنىمۇ
ئۇنتۇپ كەتمەستىن، موڭغۇل تىلى بىلەن تەڭ ئورۇندا قوللىنىپ كەلگەنلىكى چىڭگىزخاننىڭ ئۆزىدىن
مەلۇم. چىڭگىزخاننىڭ ئۆزىنى تۈرك دەپ قارىغانلىقى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. چىڭگىزخان غەربكە
يۈرۈش قىلغاندا، ھازىرقى ئافغانىستاندا ئۆزىنى زىيارەت قىلغان كادى ۋاھىدەددىن فۇشانجى دېگەن بىر
مۇسۇلماندىن: «سىلەر پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ھەممە نەرسىنى ئالدىن بېلەتتى دەيسىلەر، ئۇنداقتا ئۇ
مىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىم ھەققىدە نېمە دېگەن ؟» دەپ سورىغان. فۇشانجى چىڭگىزخانغا مۇھەممەد
پەيغەمبەرنىڭ «تۈركلەر سىلەرگە چېقىلمىغۇچە، سىلەرمۇ ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار» دېگەن سۆزىنى ئېيتقاندا،
چىڭگىزخان بۇ سۆزنىڭ ناھايىتى ناھايىتى ئاقىلانە سۆز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. يەنى ئۇ ئۆزىنى تۈرك
دەپ قارىغان[19]. قۇمۇل بىلەن دۇنخۇاڭ ئارىسىدا ياشايدىغان چۇمۇل قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ھەر ۋاقىت
«جابغۇ» (يابغۇ) دېيىلەتتى. ئۇلارنىڭ ئاقساقىلىنىڭ «جابغۇ» (يابغۇ) دەپ ئاتىلىشى جۇڭگو خانلىرىنىڭ ئاق
تاتارلارنىڭ ئاقساقىلىنى «تىگىت قۇرۇ»، چىڭگىزخاننى «جابغۇت قۇرۇ» دەپ ئاتىغانلىقىدىن كۆرۈلۈپ
تۇرماقتا. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، مەيلى ئاق تاتارلار بولسۇن ياكى قارا تاتارلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاق ساقاللىرى
جۇڭگو خان سارىيىدىكى كىشىلەرنىڭ تۈركچە «تىگىت قۇرۇ» ۋە «جابغۇت قۇرۇ» دېگەن نام بىلەن
ئاتىشى ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلىدۇر[20]. قىيات قەبىلىسىنىڭ ئانتىروپولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە قان
تەركىبىدە موڭغۇللاردىن پەرقلىق خۇسۇسىيەتنىڭ بارلىقى تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم. قىيات قەبىلىسىنىڭ
كىشىلىرى كۆزى كۆك، رەڭگى ئاقسېرىق، يۈزى ئۇزۇنچاقراق تىپتىكى كىشىلەر ئىدى. كۆك تۈركلەرمۇ كۆزى
كۆك، رەڭگى ئاقسېرىق، يۈزى ئۇزۇنچاقراق كىشىلەر بولغاچقا، غەربىي كۆك تۈرۈكلەردىن شەرققە
كەلگەنلەرنى باشقا تۈركىي خەلقلەر ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەن[21]. بارتولىدنىڭ «ئىسلام قامۇسى» غا
يازغان «چىڭگىزخان» دېگەن ماقالىسىدە: «بۈيۈك خاننىڭ (چىڭگىزخاننىڭ) ھاياتىنىڭ كېيىنكى 10
يىلىدىكى سىرتقى كۆرۈنۈشكە دائىر جۇڭگولۇق مىڭ خوڭ ۋە ئىرانلىق جۇزجانى ۋاستىسى بىلەن بەزى
مەلۇماتقا ئىگىمىز. ئۇ ئۇزۇن بوي، كەڭ ئالقىنى ۋە ئۇزۇن ساقىلى بىلەن ئىرقداشلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇراتتى.
جۇزجانى ئۇنىڭ بولۇپمۇ چوڭ گەۋدىلىك ۋە كۆك كۆزلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ » دېيىلگەن. دېمەك ،
قىيات قەبىلىسىنىڭ تەن تۈزۈلۈشىدە موڭغۇل ئىرقىغا، جۈملىدىن سېرىق تەنلىك كىشىلەرگە خاس بەلگە
يوق ئىدى. ئۇلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك-تۇران تىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك ئىدى.
قىيات قەبىلىسىنىڭ مەنبەسى كۆك تۈركلەرگە باغلانغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى
مەنبەنى كۆك بۆرە رىۋايىتى بىلەن تۆمۈرچىلىك ئەنئەنىسىدە باغلاپ چۈشەندۈرۈدىغانلىقى تارىخىي
خاتىرىلەردە يېزىپ قالدۇرۇلغان. باشلانغۇچ جەمئىيەت دەۋرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشىغان
ئىنسانلار ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي شارائىتىغا، بېشىدىن كەچۈرگەن تۈرلۈك تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي
ھادىسىلەرگە قاراپ، مەلۇم بىر خىل ھايۋان، ئۆسۈملۈك ياكى باشقا جانسىز نەرسىلەرنى ئۆز قەبىلىسىگە
ئاساس سالغۇچى دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا چوقۇنغان ئىدى. بۇ تارىختا توتېم ئېتىقادى دەپ ئاتىلىدۇ. توتېم
ئېتىقادى ئىنسانىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيە تارىخىدا ناھايىتى ئۇزۇن زامان دەۋر سۈرگەن بىر خىل مەدەنىيەت
تىپى ھېسابلىنىدۇ . «توتېم» ھىندىئانچە سۆز بولۇپ ، ئۇ «ئوتۇتىما» (جەمەتىم) ياكى «توتام» (جەمەت)
دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. بۇ سۆز قەدىمكى تۈركىي تىلدا موڭغۇل تىلىدىن كىرگەن «ئونگۇز» ياكى
«ئۇنگۇن» دېگەن سۆز بىلەن ئاتىلاتتى. «ئونگۇن» سۆزىنىڭ تۈركىي تىلدىكى تەڭداش سۆزى «يىلتىز»، «
مەنبە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «تۇز» ياكى «تۆز» سۆزىدىن ئىبارەت ئىدى[22]. «ئىسلام قامۇسى»
نىڭ «تۈركلەر» ماددىسىدا: «ئېتنولوگىيە ئىلمىگە ئاساسلانغاندا، بۆرە توتېمى تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن
خاس ئىدى، يەنى باشقا مىللەتلەردە كۆرۈلمىگەن ئىتنوگرافىك بەلگە ئىدى» دېيىلگەن. ئالتاي
مىللەتلىرىدىن بولغان موڭغۇل ۋە مانجۇلاردا ئېيىق توتېمى رىۋايىتى كەڭ تارقالغان. ئىتمۇ موڭغۇللار
مۇقەددەس بىلىدىغان ھايۋان ھېسابلىناتتى[23]. قەدىمكى خەنزۇ يىلنامىلىرىدىن بىرى بولغان «جۇنامە»
دە كۆك تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى بۆرە رىۋايىتى مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «تۈركلەر
قەدىمكى مودۇ (مەتە- باتور) ھونلىرىنىڭ نەسلىدىن بولۇپ ، فامىلىسى ئاشىنا ئىكەن. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم
قەبىلىلەر ھالىتىدە ياشايدىكەن. كىيىن لىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۆلەت تەرىپىدىن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ
، نەسلى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلانغان ئىكەن. يالغۇز 10 ياشلىق بىر بالا ئامان قاپتۇ. دۈشمەن ئەسكەرلىرى بۇ
بالىنىڭ ناھايىتى كىچىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپتۇ. ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە كۆزى قىيماي،
ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى كېسىپ پاتقاقلىققا تاشلىۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا بىر چىشى بۆرە پەيدا بولۇپ ، بالىنى گۆش
بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپتۇ. بالا چوڭ بولغاندا چىشى بۆرە بىلەن قوشۇلۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۆرە بالىدىن ھامىلىدار
بولۇپ قاپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، دۈشمەنلەر بۇ بالىنىڭ ھايات قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى
ئۆلتۈرۈپ، تۈركلەرنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش مەقسىتىدە ئەسكەر ئىبەرتىپتۇ. كەلگەن ئەسكەرلەر بۆرىنىڭ
بالىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ بۆرىنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ. بۆرە تەڭرى تەرىپىدىن غالىب قول بىلەن
تۇتۇلۇپتۇ ۋە بالا بىلەن بىرگە تۇيۇقسىز بىر تاغنىڭ ئۈستىدە پەيدا بولۇپتۇ . بۇ تاغ تۇرپاننىڭ شىمالىدا ئىكەن.
بۇ تاغنىڭ ئېتىكىدە چوڭقۇر بىر غار بار ئىكەن. غارنىڭ ئىچىدە ھەممە يېرى ئوت-چۆپ، مايسىلار بىلەن
تولغان چوڭ بىر تۈزلەڭلىك بار ئىكەن. ئۇ يەر 200 چاقىرىم (100 كىلومېتىر) كەڭلىكتە ئىكەن. چىشى
بۆرە بالا بىلەن بىرلىكتە غارنىڭ ئىچىگە قېچىپ بېرىپتۇ. ئۇ يەردە 10 ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بۇ 10 ئوغۇل چوڭ بولۇپ
قۇرامىغا يەتكەن چاغدا سىرتتىن قىز ئېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن
ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ھامىلىدار بولۇپتۇ . ھەر بىرىدىن ئايرىم-ئايرىم بىر ئۇرۇق بارلىققا كېلىپتۇ. تۈركلەرنىڭ
يېتەكچى قەبىلىسى بولغان ئاشىنا ئۇرۇقى ئۇلاردىن بىرى ئىكەن. بۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەۋلادلىرى كۆپىيىپ ،
يۈز ئائىلە بوپتۇ. بىر قانچە نەسىل ئۆتكەندىن كىيىن ھەممىسى بىرلىكتە غاردىن چىقىپتۇ ۋە ئاۋارلارغا
بېقىنىپتۇ. ئۇلار ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىدە يەرلىشىپ، ئاۋارلارنىڭ تۆمۇرچىلىرى بوپتۇ. ئالتاي
تاغلىرىنىڭ ئېگىز چوققىلىرىدىن بىرى ئادەتتە دوبۇلغىغا ئوخشايدىكەن. ئۇلارنىڭ (تۈركلەرنىڭ) تىلىدا
دوبۇلغا ‹تۈرك› دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەتراپتىكى قەۋمنىڭ نامىمۇ ‹تۈرك› دەپ ئاتىلىپتۇ[24]. بۇ
رىۋايەت كىيىن كۆك تۈرۈكلەرنىڭ گۈللەنگەن چاغلىرىدا يېزىلغان جۇڭگو مەنبەلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مىلادىيە
6- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يېزىلغان بىر جۇڭگو مەنبەسىدە: «غەربىي دېڭىزنىڭ بويلىرىدا ياشايدىغان
تۈركلەر دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قىرىپ تاشلىنىپتۇ. بۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان بىر بالىنى بىر بۆرە
ئېلىپ شەرققە قاراپ قېچىپتۇ. بۆرە ئۇنى تۇرپاننىڭ شىمالىدىكى بىر غارغا ئېلىپ كەپتۇ.»[25] دەپ يېزىلغان.
بۇ رىۋايەتتىن مەلۇم بۇلىشىچە كۆك تۈركلەر ئەسلىدە تۇرپاننىڭ غەربىدىكى «غەربىي دېڭىز» بويىدا
ئولتۇراتتى. ب.ئۆگەل بۇ دېڭىز بالقاش كۆلى ياكى ئارال دېڭىزى بولسا كېرەك دەيدۇ. خۇددى يۇقىرىقى
رىۋايەتتە سۆزلەنگەندەك، كۆك تۈركلەرنىڭ تۆمۈرچى ئىكەنلىكى تارىختا مەلۇم بولغان بىر ھەقىقەت. كۆك
تۈركلەر ئۆزىنىڭ تۆمۈر تاۋلاش جەھەتتىكى ئىلغا تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئۇرۇش قوراللىرىنى ياساپ چىققان
ھەم بۇ كۈچلۈك قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. مىلادىيە 10-11-
ئەسىرلەردە شىمالىي جۇڭگودا قۇرۇلغان قىتان سۇلالىسىنىڭ تۆمۈرچى ئۇستىلىرىمۇ غەربىي تۈركلەرنىڭ 10
قەبىلىسىدىن بىرى بولغان قوشۇ قەبىلىسى ئىدى. ب.ئۆگەل تۆمۈرچىلىك تېخنىكىسىنى موڭغۇللار موڭغۇل
ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردىن
ئۆگەنگەن دەيدۇ. لېكىن قىيات قەبىلىسىدە تۆمۈرچىلىك تېخنىكىسىغا دائىر رىۋايەتلەر موڭغۇل
ئىمپېرىيىسى قۇرۇلۇشتىن ناھايىتى بۇرۇنلار كەڭ تارقالغان ئىدى. مەشھۇر تۈرك ئالىمى فۇئاد كۆپرۈلۈنىڭ
بارتولىدنىڭ «ئىسلام قامۇسى» غا يازغان «چىڭگىزخان» دېگەن ماقالىسىغا تولۇقلىما قىلىپ يازغان
ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، 1937- يىلى پارىژدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا پىللىئوت
چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى ئىسمى بولغان «تىموچىن» دېگەن ئىسىمنىڭ «تۆمۈرچى» دېگەن مەنىدە تەپسىر
قىلىنىشنىڭ فونتېكا جەھەتتىن توغرىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. موڭغۇللار تۆمۈرچىلىك تېخنىكىسىدىن
خەۋەرسىز چاغدا چىڭگىزخانغا «تۆمۈرچى» دېگەن ئىسىمنىڭ قويۇلۇشى تاسادىپىي ئەمەس. قىيات
قەبىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى «ئەرگىنەقۇن داستانى» دا دېيىلىشىچە، شەرقىي تۇرا
قەبىلىلىرىنىڭ بىرى ئۇرۇشتا ھىيلە ئىشلەتكەن دۈشمەندىن يېڭىلىدۇ. يالغۇز قىيان (قايان) ئاتلىق بىر
يىگىت بىلەن ئۇنىڭ جىيەنى نۇكۇز خوتۇن ، بالا-چاقىلىرى بىلەن قېچىپ قۇتۇلىدۇ. ئۇلار ئۇزۇن يول مېڭىپ،
بىر تاغ ئارىسىدا پاناھلىنىدۇ. ئۇلار يوشۇرۇنغان يەرنىڭ ئەتراپى تاغلار، ئورمانلار بىلەن قورشالغان ئىكەن.
سىرتقا ناھايىتى تەسلىكتە چىقىپ كىرگىلى بولىدىغان تار بىر يولدىن باشقا يول يوق ئىكەن. ئۇ يەرنىڭ
ئىسمى ئەرگىنەقۇن ئىكەن. ئەرگىنەقۇن سۆزى «تىك تاغ قاپتىلى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ
خىلۋەت جايدا ئۇلار كۈپۈيۇپ بىر قەبىلە بولۇپ ئۇيۇشۇپ، 400 يىل ياشاپتۇ. كىيىن بۇ يەر ئۇلارغا تار كېلىپ
قالغان بولغاچقا باشقا جايغا كۆچمەكچى بوپتۇ. ئەمما بۇ جايدىن چىقىپ كېتىدىغان يول تاپالماپتۇ. ئاخىر بىر
تۆمۈرچى بۇ يەردىكى تاغدا تۆمۈر رۇدىسى بار ئىكەن، بىز شۇ رۇدىنى ئېرىتىپ يول ئاچايلى دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن
ئۇلار ئوتۇن ، كۆمۈر دۆۋىلەپ، ئوت يېقىپ رۇدىلارنى ئېرىتىپ، بىر تۆگە پاتقۇدەك يول ئېچىپتۇ. توساتتىن پەيدا
بولغان كۆك يايىلىق بىر بۆرە ئۇلارغا يول باشلاپ مېڭىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ياپ-يېشىل، ئوت-چۆپلىرى يەلپۈنۈپ
تۇرغان، زۇمرەت سۇلىرى شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان پايانسىز مۇنبەت بىر يايلاققا چىقىپ ئورۇنلىشىپ، ئۇلارنى
جىلغىدا قورشاپ تۇرغان دۈشمەنلەرنى قايتىدىن تارمار قىلىپتۇ. «ئەرگىنەقۇن» دەپ ئاتالغان مۇشۇ جايدىن
چىقىپ كەتكەن كۈننى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايرىمى قىلىپ بەلگىلەپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ قەبىلە «
تۆمۈرچى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ، داڭقى ھەممە ئەتراپقا يېيىلىپتۇ. چىڭگىزخاننىڭ ئۇرۇقى ئۇلارغا
بېرىپ تاقالغاچقا، ئۇلار ئۇ تاغنى، تۆمۈر ئىرىتكەنلىكىنى ۋە تۆمۈرچىلىكنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايدىكەن. ھەر
يىلى يېڭى يىل كېچىسى تۆمۈرچىلەرنىڭ كۆرەك ۋە ئوچاقلىرىنى خاتىرىلەپ ، بىر تۆمۈر پارچىسىنى كۆمۈردە
قىزدۇرۇپ، سەندەل ئۈستىگە قۇيۇپ، بازغان بىلەن سوقۇپ، ئۇنى ئۇزارتىدىكەن. ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن
ئەرگىنەقۇندىن چىققانلىقىنى خاتىرىلەپ تەڭرىگە رەھمەت ئېيتىدىكەن. بۇ چىڭگىزخان ئۇرۇقىنىڭ
ئۆزگەرمەس ئادىتى ئىكەن[26]. بۇ رىۋايەتتە قىيات قەبىلىسى «قىيان» دېگەن نامدا ئېلىنغان. ئۇيغۇر
ئالىمى موللا مۇسا سايرامى ئۆز كىتابىدا (تارىخىي ھەمىدى) قىيات قەبىلىسى ئوغۇزخان نەسلىدىن كېلىپ
چىققان دەپ يېزىش ئارقىلىق، بۇ قەبىلىنىڭ ئەسلىدە تۈرك نەسلىدىن ئىكەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ[27].
يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئىككى رىۋايەتتە مەيلى كۆك تۈركلەر بولسۇن ياكى قىيات قەبىلىسى بولسۇن، ھەر
ئىككىلىسى قوشنا ئەل تەرىپىدىن قاتتىق قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كىيىن، قايتىدىن مەلۇم بىر خىلۋەت
جايدا كۆپىيىپ ، كۈچلۈك بىر قەۋمغا ئايلانغانلىقى سۆزلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئاسارەت ۋە مۈشكۈل – خەتەردىن
قۇتۇلۇپ، يېڭى ماكانغا ئېرىشىپ قۇدرەت تېپىشىدا بۆرە بىلەن تۆمۈرچىلىك تېخنىكىسى ناھايىتى مۇھىم
ۋاسىتە سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، شاتو-سارتلار،
جۈملىدىن قىياتلارنىڭ مىلادىيە 808- يىلىدىن باشلاپ شەرقىي شىنجاڭدىن ئاۋۋال شىمالىي جۇڭگوغا ،
ئۇنىڭدىن كىيىن شىمالىي جۇڭگودىن تاشقى موڭغۇلىيىگە كۆچۈپ بېرىپ، مىلادىيە 1206- يىلى موڭغۇل
ئىمپېرىيىسىنى قۇرغۇچى بولغان ۋاقىت دەل 400 يىل بولىدۇ . «ئەرگىنەقۇن داستانى» دا ئەرگىنەقۇنغا
يوشۇرۇنغان كىشىلەرنىڭ بۇ جايدا 400 يىلنى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ئۇ يەردىن چىقىپ، يېڭى ماكانغا
ئېرىشىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلغانلىقى زامان نۇقتىسىدىنمۇ يۇقىرىدىكى تارىخىي پاكىتقا ناھايىتى
ماس كېلىدۇ . كۆك تۈركلەر بۆرىنى «ئاشىنا»، «ئاسىنا»، «ئاچىنا»، «ئەچىنە» دەپ ئاتايتتى. بۇ قەدىمكى
تۈركىي تىلدا يەنە «شىنگا»، «سىنگا»، «چىنا»، «چىنە»، «چىنو» دەپمۇ ئاتىلاتتى[28]. كۆك تۈرك
خانلىرى «ئاشىنا» دېگەن ئىسىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىغا قوشۇپ ئاتىغان. يەنە بەزى خانلار ئۇنىڭ «ئەچىنە»
دېگەن ۋارىئانتىنىمۇ ئۆز ئىسمىگە قوشۇپ ئاتىغان. مەسىلەن: مىلادىيە 679-682- يىللاردا تەختتە
ئولتۇرغان ئەچىنە كۈرپۇرچۇر قاغان، مىلادىيە 682-700- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان ئەچىنە تۇيچا قاغان
قاتارلىقلار. بۇلار غەربىي تۈرك قاغانلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تۈركەشلەردىمۇ ئەچىنە كىن قاغان (مىلادىيە
739-740- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) دېگەن كىشى بولغان[29]. رەشىدىدىننىڭ «جامىئۇتتەۋارىخ»، ئەبۇل
غازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئى تۈرك» دېگەن ئەسىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىي خەلقلەرنى
ئەرگىنەقۇندىن قۇتۇلدۇرغان كىشىنىڭ ئىسمى بۆرتەچىنە دېيىلىدۇ . چىڭگىزخاننىڭ ئۇرۇقىمۇ «بۆرتەچىنە»
ياكى «بۆرتەچىنو» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭ مەنىسى «كۆك بۆرە» دېگەنلىك بۇلاتتى. كۆك تۈرك خانلىرىنىڭ
ئۆزىنىڭ ئىسمىغا «ئاشىنا» ياكى «ئەچىنە» نى قوشۇپ ئاتىشى، چىڭگىزخان ئۇرۇقىنىڭ «بۆرتەچىنە» دەپ
ئاتىلىشى ئۇلارنىڭ ئىتىقات قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۆرە نەسلىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ
قالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. «ئاشىنا» سۆزىنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى ۋارىئانتلىرىمۇ دەل مۇشۇ قىياتلارنىڭ
ۋاستىسى بىلەن تۈركچىدىن ئۆتكەنلىكىنى يۇقىرىدىكى تىل ۋە تارىخ پاكىتلىرى ئارقىلىق بېكىتەلەيمىز.
چىڭگىزخاننىڭ قەبىلىسىگە دائىر ئىككىنچى خىل رىۋايەتتە موڭغۇللارنىڭ ئەجدادلىرى (چىڭگىزخان
قەبىلىسىنى دېمەكچى ) دېڭىزدىن ئۆتۈپ كەلگەن دېيىلىدۇ . بۇ رىۋايەتنىڭ جۇڭگو مەنبەلىرىدە تىلغا
ئېلىنغان غەربىي دېڭىزنىڭ بۇيىدا ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ دۈشمەن تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغاندا، ئامان
قالغان بىر بالىنىڭ بۆرە تەرىپىدىن تۇرپاننىڭ شىمالىدىكى تاغقا ئېلىپ كىلىنگەنلىكى توغرىسىدىكى
رىۋايەتنىڭ بىر ئاز ئۆزگەرگەن شەكلى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن.
مىلادىيە 1240- يىلى يېزىلغان «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» دا خاتىرىلەنگەن ئۈچىنچى خىل رىۋايەتتە
كۆك بۆرە بىلەن چىشى بۇغا بىرلىشىپ چىڭگىزخاننىڭ قەبىلىسى بارلىققا كەلگەن دېيىلىدۇ . بۇ رىۋايەتتە
كۆك بۆرە بىلەن چىشى بۇغا تەڭ ئورۇنغا قويۇشتەك توتېم ئېتىقادى چۈشەنچىسى سۆزلىنىدۇ. بۇ خىل ئېتىقاد
ئەڭ بۇرۇن تۈركىي مىللەتلەردە كۆرۈلگەن ئىدى. «ئىسلام قامۇسى» نىڭ تۈركلەر ماددىسىدا: «كۆك بۆرە،
قۇتلۇق تاغ رىۋايەتلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قايغۇ ۋە شادلىقلىرىنى جانلىق شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرگەن.
تۈركىي خەلقلەرنىڭ غەربىي تارمىقىدا بۇغا ئۈستۈن كۈچ-قۇدرەتكە تولغان يول باشچى سۈپىتىدە
كۆرۈلىدۇ.»[30] دېيىلگەن. بۇغا ساك، ھون، كۆك تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلىرى ئېتىقادىدا
بۆرە بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇلىدۇ . بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە ساك دېگەن نام «بۇغا» دېگەن مەنىنى
بىلدۈرىدىكەن[31]. بۇغا توغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى يازما مەلۇمات سىماچىيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر. جۇ
خانلىرى تەزكىرىسى» دە تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئەسەردىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، مۇۋاڭ چۈەنروڭلار ئۈستىگە
يۈرۈش قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تۆت ئاق بۆرە بىلەن تۆت ئاق بۇغا غەنىيمەت ئېلىپ قايتقان. غەربتە كاسپىي
دېڭىزىدىن شەرقتە ئوردۇسقىچە بولغان جايلاردا بايقالغان ئارخېئولوگىيىلىك ئەسەرلەردە قىيا تاش
رەسىملىرىدە بۇغا تۇتېمىغا دائىر نۇرغۇن ئىسپاتلار تېپىلدى. ھون سەنئەت ئىزلىرىدا تېپىلغان ھەيكەللەر
ئىچىدە بۇغا ئالاھىدە مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن ھەم قاپلاننىڭ بەزى قىياپەتلىرىمۇ قوشۇپ تەسۋىرلەنگەن. يەنە
بەزى ئەسەرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا يېرىمى بۇغا، يېرىمى ئادەم شەكىلىدە تەسۋىرلىنىدىغان روھلارمۇ
ئۇچرايدۇ[32]. بۇغا مۇقەددەس ھايۋان دەپ قارالغاچقا ھونلار مىللەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە
بۇغا شەكلى چۈشۈرۈلگەن بايراق ئىشلەتكەن[33]. ياۋروپا ھونلىرىنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ
كۆچۈش ھەرىكىتىگە دائىر ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ بىرىدە ھونلار ئورالدىن ياۋروپاغا قاراپ كۆچكەندە بىر
بۇغىنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭغانلىقى سۆزلىنىدۇ[34]. يەنە بىر رىۋايەتتە بولسا ھونلار مائوتىس
دەرياسىنى بىر بۇغىنىڭ ياردىمى بىلەن كېسىپ ئۆتكەنلىكى ھەمدە ھونلارنىڭ مۇشۇ قېتىمقى پەۋقۇلئاددە
ئىشتىن كىيىن ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ[35]. 19- ئەسىردە ياشىغان ۋېنگرىيە شائىرى ژ. ئارانىينىڭ
1864- يىلى يازغان «بۇدانىڭ ئۆلۈمى » ناملىق 12 قىسىملىق ئېپوسىدا ياۋروپا ھونلىرى بىلەن ماجارلارنىڭ
شەكىللىنىشىدە بۇغىنىڭ خاسىيەتلىك رول ئوينىغانلىقى سۆزلىنىدۇ[36]. كۆك تۈركلەرگە ئائىت ئەپسانە-
رىۋايەتلەردە بۇغا بەزىدە بۆرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ سۆزلىنىدۇ. كۆك تۈرك رىۋايەتلىرىدە مەلۇم بىر دەريا ياكى
كۆل بۇيىدا ياشايدىغان ئاق بۇغا بەزىدە گۈزەل بىر قىزغا ئۆزگىرىپ، كۆك تۈرك قاغانى بىلەن
مۇھەببەتلىشىدۇ[37]. ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر داستانى «ئوغۇزنامە» دە كۆك بۆرە، كۆكتىن چۈشكەن نۇر ۋە بۇغا
بىرلىكتە كۆرۈلىدۇ[38]. دېمەك ، بۇغا ساك ۋە ھونلار تەرىپىدىن مۇقەددەس قارىلىشتەك ئورنى بىلەن
ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ فولكلورىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ئىگىلەپ كەلدى. ئاتاقلىق تۈرك ئالىمى
زىيا كۆكئالىپ يازغان «ئاق بۇغا» دېگەن شېئىرىي داستاندىمۇ بۇغا كۆك بۆرە بىلەن بىرگە تۈركىي
مىللەتلىرىنىڭ سىمۋولى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن[39].
كۆرۈلۈپ تۇرۇپتۇكى،چىڭگىزخاننىڭ قەبىلىسى – قىياتلار ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەھەتتە كۆك تۈركلەرگە
باغلانغاچقا، ئۇلاردا كۆك تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى ھەمدە ئومۇمىي تۈركىي مىللەتلەرگە
ئېتنوگرافىك بەلگە بولغان كۆك بۆرە بىلەن بۇغا رىۋايىتى ساقلىنىپ كەلگەن. بەزىلەر بۇ رىۋايەتنى موڭغۇل
ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ياشىغان تارىخچىلار موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە شەرەپ قازاندۇرۇش ئۈچۈن چىڭگىزخانغا
مال قىلغان دەيدۇ. ئە.زەكى ۋەلىدى توغان بۇ خىل قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن
بىرگە موڭغۇل ئىمپېرىيىسى باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن ناھايىتى بۇرۇنلا قىياتلاردا بۇ رىۋايەتلەرنىڭ مەۋجۇت
ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. شۇڭا كىلاپروت كۆك تۈركلەرگە ئائىت رىۋايەتلەرنىڭ چىڭگىزخان ئەجدادىغا
ئائىت قىلىپ كۆرسىتىلىشىنىڭ بەلگىلىك تارىخى ئاساسى بارلىقىنى تىلغا ئالغان. «ئوغۇزنامە» داستانىدا
ئوغۇزخان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئۈچ تاغىسىدىن بىرىگە «موڭئول» (موڭغۇل) دەپ نام بەرگەنلىكى
سۆزلىنىدۇ. مانا بۇ كېلىپ چىقىشى تۈرك بولغان شاتو-سارتلار (قىيات ۋە ئۇسۇنلار) نىڭ موڭغۇللار ئارىسىغا
قېتىلىپ، «موڭغۇل» دېگەن نام بىلەن ئوتتۇرغا چىققانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنىڭ داستاندىكى
شەكلى دىيىلمەكتە. چىڭگىزخان ئوتتۇرغا چىققان دەۋردە بۇ قەۋم موڭغۇل نامى ئاستىدا پائالىيەت قىلدى
ۋە موڭغۇل تىلىدا سۆزلەشتى. لېكىن ئۇلار بۇ چاغدا تۈرك تىلىنى تېخى ئۇنتۇپ كەتمىگەن ئىدى. ئۇلاردا تۈرك
قېنى، ئانتروپولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتى، تۈرك مىللىي مەدىنىيىتى يەنىلا ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى.
چىڭگىزخاننىڭ ھاكىمىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار تەشكىلاتىدا تۈركىي خەلقلەرنىڭ «تۆتلىك سىستېمىسى »،
«ئونلۇق سىستېمىسى »، تۆرە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە تۈرك مەدىنىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلىشى،
ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن چىققان مەدەنىيەت ساھىبلىرى، سىياسىي خادىملىرى، ھەربىي
قوماندانلارنىڭ ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلىشىمۇ مۇشۇنداق ئېتنىك باغلىنىشنىڭ، قانداشلىقنىڭ تەسىرىدىن
ئىدى.

«يۈەن سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى» دا چىڭگىزخاننىڭ شەجەرىسى بېرىلگەن . بۆرتەچىنە ئۇرۇقىنىڭ
ئەنئەنىسى بويىچە ئېيتقاندا، چىڭگىزخاننىڭ شەجەرىسى كۆك بۆرە بىلەن ئاق بۇغىدىن تۆرەلگەن
باتاچىخان، ئۇنىڭ ئوغلى تاماچا، ئۇنىڭ ئوغلى خۇرىچار مەرگەن، ئۇنىڭ ئوغلى گائۇجان بورۇئول، ئۇنىڭ
ئوغلى سالى خاچائۇ، ئۇنىڭ ئوغلى يەكەنىدۇن، ئۇنىڭ ئوغلى سەمسۇچى، ئۇنىڭ ئوغلى خارچۇ، ئۇنىڭ ئوغلى
بورجىگداي مەرگەن، ئۇنىڭ ئوغلى تورۇخۇلچىن بايان، ئۇنىڭ ئوغلى دوبۇن مەرگەن، ئۇنىڭ ئوغلى بودۇنجۇر،
ئۇنىڭ ئوغلى خابىجى، ئۇنىڭ ئوغلى مەنەن تۇدۇن، ئۇنىڭ ئوغلى خاجى كۈلۈك، ئۇنىڭ ئوغلى خايدۇ، ئۇنىڭ
ئوغلى بايشىتتىغۇر، ئۇنىڭ ئوغلى دوخيىش، ئۇنىڭ ئوغلى تومبىناي، ئۇنىڭ ئوغلى خابولغان، ئۇنىڭ ئوغلى
بارتان بائاتور، ئۇنىڭ ئوغلى يەسۈگەي بائاتور، ئۇنىڭ ئوغلى تىموچىن دەپ كۆرسىتىلىدۇ[40].


پايدىلانغان ماتېرىياللار

[1] [40] «تۈرك قامۇسى» 24- توم، 291- بەت، تۈركچە.

[2] [5] [8] [9] [10] [11] [12] [13] [16] [17] [18] [19] [20] [21] ئە. زەكى ۋەلىدى توغان: «ئومۇمىي
تۈرك تارىخىغا كىرىش»، 67-، 68-، 69-، 421-، 433-، 468- بەتلەر، تۈركچە.

[3] «تۈرك قامۇسى»، 30- توم، 495- بەت، تۈركچە.

[4] كامۇران گۆرۈن: «تۈركلەر ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تارىخى»، 229- بەت، تۈركچە.

[6] «جۇڭگو مىللەتلىرى تارىخى»، 3- توم، 6- بەت، خەنزۇچە.

[7] «ئىسلام قامۇسى»، 3- توم، 91- بەت، تۈركچە.

[14] «قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئىنستىتۇتى ئەسەرلىرى»، 8- توم، 127- بەت، رۇسچە.

[15] ۋ. ۋ. رادىلوف: «قۇۋانشى ئىم پۇسار بىبىل بۇددخ»، 37- بەت، رۇسچە.

[22] «تۈرك قامۇسى»، 25- توم، 448- بەت، تۈركچە.

[23] [32] ب. ئۆگەل: «تۈرك مەدىنىيىتىنىڭ تەرەققىيات دەۋرى»، 1- توم، 10-، 159- بەتلەر، تۈركچە.

[24] [25] [26] «تۈرك قامۇسى»، 17- توم، 229-، 231- بەتلەر، تۈركچە.

[27] موللا مۇسا سايرامى: «تارىخىي ھەمىدى»، 51- بەت، ئۇيغۇرچە.

[28] [30] [38] «ئىسلام قامۇسى»، 12- توم، 2- قىسىم، 253-، 254-، 449- بەتلەر، تۈركچە.

[29] «تۈرك قامۇسى»، 22- توم، 266- بەت، تۈركچە.

[31] ۋ. ب. ئابايىۋ: «ئوشىت تىلى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»، 1- توم، 179- بەت، رۇسچە.

[33] ر. گرۇسسېت: «بوز قىر ئىمپېرىيىسى » 39- بەت، تۈركچە.

[34] ئايدىن تانەرى: «تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسى»، 122- بەت، تۈركچە.

[35] «تۈرك قامۇسى»، 19- توم، 381- بەت، تۈركچە.

[36] «تۈرك قامۇسى»، 5- توم، 105- بەت، تۈركچە.

[37] ب. ئۆگەل: «تۈرك مەدەنىيەت تارىخىغا كىرىش»، 6- توم، 391- بەت، تۈركچە.

[39] «تۈرك قامۇسى»، 17- توم، 320- بەت، تۈركچە.


                                  مەنبە: «بۇلاق» ژۇرنىلى ، 2003- يىل. 1- سان
2013-1
Iئوغۇزخان.jpg

5

تېما

1

دوست

7251

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 1768
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 17:59:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىڭگىزخان ئەينى ۋاقىتتا مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن ئۇ تارىختا بەرىبىر  موڭغۇل، ئۇ ھەرگىز تۈرك ئىمپىرىيەسى قۇرمىغان بەلكى موڭغۇل ئىمپىرىيەسى قۇرغان. بۇنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەگەر چىڭگىزخان ئۆزىنى مەن تۈرك دەپ ئېلان قىلغان بولسا ئىدى بىز چىڭگىزخاننىڭ تۈرك دەپ قارىساق بۇلاتتى.
مەيلى چىڭگىزخان قايسى مىللەتتىن بولسۇن ئۇنى ھازىر تالىشىپ ئولتۇرۇش ئارتۇقچە بولسا كېرەك. ئۆلگەنلەرنىڭ تۆھپىسىگە شىرىك بۇلىمەن دىيىش ئەخمىقانىلىقمۇ قانداق؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ناداندىن زارلاي

0

تېما

2

دوست

1538

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13165
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 466
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 18:38:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنى دىمەكچى.يەنە بىر گەپ زادى  قىيان  مۇ  قىيات  مۇ؟
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

27

تېما

2

دوست

4524

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9423
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 682
تۆھپە : 954
توردىكى ۋاقتى: 394
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 20:22:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏مۇشۇنداق تىمىلارنىزە ........ئەگەر تۇرك بولسىمۇ تۇركتىن مۇشۇنداق ئىپلاس ،نىجىس مەدىنيەت بۇزغۇنچىسى   چىققانلىغىدىن نۇمۇس ھىس قىلساق بولىدۇ،
‏بۇ نىجىس ئىستىلا قىلغان  ھەممە يەردە مەدىنيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بارغان ،ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە  بالايى ئاپەتتىن باشقا ھىچ نەرسە ئېلىپ كەلگىنى يوق.
‏........ 
‏ئەتە ئۆگۈن بىرەر مۇنبەردىشىمىز تاشقى پىلانىت ئادىمى ئۇيغۇركەن دەپ تىما يوللايدىغان بولدى ......
Subhanalla

27

تېما

2

دوست

4524

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9423
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 682
تۆھپە : 954
توردىكى ۋاقتى: 394
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 20:33:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏يەنە بىر گەپ ئاللاھنىڭ رەھمىتى چىڭگىزخاننى تۇرك دەپ ئىسپاتلاپ چىققانلارغا ياغمايدۇ .... ئىخلاس بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن ئۇسۇل بىلەن ئىلىم ئۈگەنگەن ۋە تارقاتقانلارغا  ياغىدۇ.......!
‏بۇرادەر دوست ئاغرىتىپ ئېيتار ....دۈشمەن كۈلدۈرۈپ .....
‏ۋاختىڭىزنى ئەھمىيەتلىك تىمىلارغا ئاجراتقايسىز ...
Subhanalla

7

تېما

0

دوست

1357

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10042
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 349
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 589
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 21:27:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
18

  ﺋﺎﻣﯘﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻐﻰﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻥ ﻏﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭ ﻳﺎﺷﯩﺪﻯ،ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢﮬﻪﻡ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ،ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺳﯘﻣﺒﺎﺗﺴﯩﺰﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﺘﻰ.

ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺗﯘﺭﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ، ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻥ ﻏﻮﻝ=ﺋﻮﻧﯘﻧﻐﻮﻝ=ﺋﻮﻧﻐﻮﻝ=ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﺘﻰ،ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺯﯨﻤﯩﻦﺋﻮﻧﯘﻥ ﻏﻮﻟﻰ- ﺋﻮﻧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯘﭘﯘﻳﯘﭖ ﺋﺎﯞﯗﺷﺘﻰ،

ﺯﺍﻣﺎﻥ ﭼﯘﺭﮔﯩﻠﻪﭖ ﻣﯩﻼﺩﻯ840 -ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰﭼﻮﯓ ﻛﯘﭼﯘﺵ ﯞﺍﺧﺘﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ ﻛﯘﭼﯘﺷﺘﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﺎﺧﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ  ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻳﯩﻘﻰ ﺑﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﻧﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ،ﺋﯘﻻﺭ 6 ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺪﻯ،ﺑﯘﻧﯩﯔﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 3 ﺋﯘﺭﯗﻕ ﭘﯘﺗﯘﻧﻠﻪﻱ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﻟﻪﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯨﻠﯩﭗ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺳﯩﻴﺎﻗﯩﻐﺎﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ،ﻗﺎﻟﻐﺎﻥﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ 3 ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﺯ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﺧﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ.

ﺑﯘ ﻛﯘﭼﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ 6 ﺋﯘﺭﯗﻗﻘﺎﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ(( ﺗﺎﺗﺘﺎﺭ)) ﺩﻩﭖ ﻟﻪﻗﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﻰ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺷﯘﻛﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﺯ ﻗﻪﯞﻣﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ((ﺗﺎﺕ)) ﺩﻩﭖ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﯗﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ(( ﻳﺎﯞ)) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﺘﺘﻰ،ﺷﯘﯕﺎﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺕ،ﺗﺎﺗﺘﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻰ(ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﺎﺭﺗﺘﺎﺭ،ﻗﺎﺯﺍﻗﺘﺎﺭ،ﺋﻮﺭﯨﺴﺘﺎﺭﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺗﺎﺗﺘﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﺗﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ (ﺕ) ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰﭼﯘﺷﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ (ﺗﺎﺗﺎﺭ) ﻏﺎ ﺋﯘﺯﮔﻪﺭﺩﻯ. ﻣﯘﺷﯘ 2 ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻕ ﺗﺎﺗﺎﺭ، ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭﺩﻩﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﺘﻰ،ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺷﻘﺎﻧﻼﺭ،ﺋﺎﻕﺗﺎﺗﺎﺭ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭘﯩﺘﻰ ﺳﺎﺧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﯞﯗ 3 ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ.

  ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﻰ ﭼﯘﺭﮔﯩﻠﻪﭖ ﻳﻪﺳﯘﻛﻪﻱﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ  ﻳﻪﺳﯘﻛﻪﻱ ﺑﺎﺗﯩﺮ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﻕ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ-(ﺋﯘﺯﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﻣﺎﻱ ﺳﺎﺧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ) ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﻣﺎﻧﺎﺷﯘ ﺧﯘﺗﯘﻧﺪﯨﻦ ﺗﯩﻤﯘﭼﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ،ﺑﯘ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﺎﭘﺎ- ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺸﯩﺪﯨﻦﺋﯘﺗﻜﯘﺯﯗﭖ،ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻧﻪﻳﺮﻩﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﭼﯘﺷﯘﻧﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯩﻤﯘﭼﯩﻦ ﻏﺎﺋﯘﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﻳﯩﻢ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯩﻴﻨﭽﯩﺮﻩﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯔﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﺗﯩﻤﯘﭼﯩﻦ ﺋﯘﺯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻛﯘﭺ ﺗﻮﭘﻼﻳﺪﯗ،ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﮔﻪﻧﮕﻪﻥ  ﺗﯘﻣﯘﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺍﻝ -ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ،ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰﻗﯘﺭﺍﻟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ،ﺳﯘﻳﯘﻣﻠﯘﻙ ﻳﺎﺵ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﯘﻻﭘﻜﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯘﯓﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﻧﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺗﺎﻳﺎﻧﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯘﺭﺩﺍﺭﻯ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ-ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎﻧﻰﻗﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯘﺷﯘﺭﯨﺪﯗ،ﺗﯩﻤﯘﭼﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎ ﻧﯩﯔ ﻛﺎﻣﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.

ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﺴﻰﺑﺎﺭﭼﯘﻕ ﺋﺎﺭﺕ ﺗﯩﻜﯩﻦ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺋﯘﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﯘﺯﻯ ﺗﯩﻤﯘﭼﯩﻦ ﻏﺎ ﭼﯘﺷﯩﺪﯗﯞﻩ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﻮﻧﯘﯓ ﭼﯧﺪﯨﺮﯨﻐﺎﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ،ﺋﯘﻧﯘﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﯨﻦﺳﯘﻳﯘﻧﮕﻪﻥ ﺗﯩﻤﯘﭼﯩﻦ ﺋﯘﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ(ﻟﯩﻜﯩﻦﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ -ﺑﯩﺮﻳﯩﻞ ﺗﻮﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯘ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻥ ﻗﯩﺰ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ)

   ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ 150 ﻛﯩﺸﻰ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﺎﮬ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﮕﯩﮕﻪ ﺋﯘﺗﯩﺪﯗ،ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺗﺮﺍﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ  ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﺎﮬ ﻣﻪﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺳﯘﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺗﯘﺗﯘﭖ (ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ،ﻣﯩﻠﯩﯖﻼﺭﻣﯘ ﻛﺎﭘﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻰ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﮬﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺑﯘﻻﭖ -ﺗﺎﻻﭖ ﺋﯘﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯘﺩﯨﮕﻪﺭﻻ ﻗﯩﭽﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﭼﯘﻕ ﺋﺎﺭﺕ ﺗﯩﻜﯩﻦﯞﻩ ﺗﯩﻤﯘﭼﯩﻨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺗﯩﻤﯘﭼﯩﻦ ﺗﯩﻞ -ﺋﺎﮬﺎﻧﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯨﮕﻪ-ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﮕﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﭺ ﻛﯘﻧﮕﯩﭽﻪ ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯘﻟﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰﺑﯩﺮ ﺗﯘﭘﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ( ﺋﯘ ﻳﻪﺭ ﮬﯩﻠﯩﻤﯘﺑﺎﺭ،ﺗﯘﭘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺭﺍﯞﺍﻗﻤﯘ ﺑﺎﺭ) ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎﺑﻪﻟﯟﯨﻐﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ  ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﻩﭖ -ﺧﺎﺭﯨﺰﯨﻤﺸﺎﮬ ﺗﺎﻣﺎﻥﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ،ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻨﻤﯘ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﺎﺭﯨﺰﯨﻤﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﮬﺎﻛﺎﯞﯗﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰﻛﯘﺯﯨﮕﻪ ﻛﯘﺭﺳﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ  ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺷﺎﮬﻰ ﺑﺎﺭﭼﯘﻕ ﺋﺎﺭﺕ ﺗﯩﻜﯩﻨﻤﯘ ﺟﻪﯓ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺧﯩﻠﻼﻧﻐﺎﻥ 10ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺯﻩﺭﺑﯩﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﺗﯩﺪﯗ

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺷﺎﮬﻨﯩﯔﺧﺎﺗﺎ ﺟﻪﯓ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯘﭖ ﻗﯘﺷﯘﻧﻨﻰ ﺗﯩﺮﻩ-ﭘﯩﺮﻩﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ،ﺋﯘﺭﮔﻪﻧﭻﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﻝ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺳﯘﻏﺎ ﻏﻪﺭﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ،ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺭﺷﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﺌﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﺳﯧﭙﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯘﺗﻤﯘ-ﺗﯘﺷﯘﻙ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ،ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﻪﻏﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗﮬﯘﺭﻣﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﻠﻰ-ﺋﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺑﻪﻟﯩﺦ ﮬﻪﻡ ﮬﯩﺮﺍﺕ ﺷﻪﮬﻪﺭﭘﯘﺧﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﮬﻪﻡ ﺧﻮﺗﻪﻥ-ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯘﭼﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺯﯨﻤﯩﻨﻐﺎ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻤﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﺍﻧﯩﻼﺭﻧﻰﭘﯘﺗﯘﻧﻠﻪﻱ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ،ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺮﺍﻧﻐﺎ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ،ﺋﯩﺰ ﺑﯩﺴﯩﭗ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺗﺎﻛﻰ ﺭﻩﻱ، ﺗﻪﺑﺮﯨﺰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ،ﺗﯘﺭﯨﻜﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ، ،ﺋﺎﺯﻩﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ  ﺋﯩﺮﺍﻧﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﺷﯘﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﯩﻦ ﺑﺎﻏﺪﺍﺕ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻣﯘﻣﻜﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ،ﺋﯘﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘﺋﯩﺴﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

   ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﻩﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﭙﭽﺎﻗﻼﺭ -ﺋﯘﺯﺑﯩﻜﻠﻪﺭ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﻰ ،ﺷﯘﻧﯘﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﻮﺭﯗﺳﻼﺭ ﻧﯩﯔ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ-ﻣﯩﺮﮔﻮﺭﯗﺕ -ﭘﻮﻟﺘﺎﯞﺍ ﻻﺭﻏﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .

  ﺗﯩﻤﯘﭼﯩﻨﻨﻰ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯘﺗﯘﺭﯗﺷﻜﻪﻧﺪﻩﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ((ﭼﯩﯖﻐﯩﺰﺧﺎﻥ)) ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺋﻨﯩﺴﻰ -ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺶ ،ﭼﯩﯖﯩﻐﯩﺰﯗﺵ (ﺩﻩﯞﻟﻪﺕ ﺋﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﭼﯩﯖﯩﺘﻘﯘﺯﯗﺵ)، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻼ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﺷﻜﻪ (ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ) ﺩﻩﯞﯨﻠﯩﺸﺘﻰ.

ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻛﻰ-ﺋﯩﺴﻼﻡ  ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻟﻪﺷﻜﯩﺮﻯ ﻛﯘﭼﯩﻨﻰ ﻛﯘﭼﻪﻳﯩﺘﻜﻪﻥ ﭼﯩﯖﻐﯩﺰﺧﺎﻥﺷﻪﺭﯨﻘﻘﻪ -ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﯗﺷﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺧﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺋﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﺨﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯘﯓ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﯨﺰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﻣﯘﺑﯘ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼﺩﯨﻦﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻛﯩﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ  ﺧﻪﻧﻠﻪﺭ،ﺗﺎﯕﻐﯘﺗﻼﺭ،ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ،ﺋﯩﺮﺍﻧﯩﻼﺭ ﻛﯘﭘﻠﻪﭖ ﻗﯩﺮﯨﭗﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﺎﻳﻼﻗﻘﺎﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﻠﯩﺪﯗ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯘﺭﻛﻰ ﻗﻪﯞﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ  ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ ﻳﯧﻠﯩﻴﯘﭼﯘﺳﺎﻱ ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻼﺭ ﺳﺎﺧﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺗﯘﺭﻛﻰ-ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ  ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ-ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﻮﺭﯗﻗﻼﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ،ﻛﯩﻴﯩﻨﺮﻩﻙﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺧﻪﻥﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﺧﻪﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺯﯗﯞﺍﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ،ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ

  ﮬﯩﻜﺎﻳﻪﺕ:

  ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥﺳﯘﻏﺎ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﻳﯘﻳﯘﻧﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﻻﻣﭽﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﭼﯩﯖﻐﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﭼﯩﯖﻐﯩﺰﺧﺎﻥﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﺗﻪ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯨﺘﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﯞﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮔﻪﭖ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘﺭﯗﭖﺑﯩﺮﯨﺪﯗ((ﺳﻪﻥ ﺋﻪﺗﻪ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ﺳﺎﺧﻼﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮﺗﺎﻝ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﻪﯕﮕﻪﻡ ﺳﯘﻏﺎﭼﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯘﺷﯘﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﺩﯨﮕﯩﻦ)) ﺩﻩﭖ ﮔﻪﭖ ﺋﯘﮔﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙﺋﻪﺗﯩﻜﻰ ﺳﻮﺭﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﺯﺭﯨﻠﯩﻜﻜﻪﻥ، ﺩﻩﭖﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﮔﻪﭖ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔﺟﺎﺳﺎﻕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﻛﯘﻧﺪﯗﺯﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﺴﺎ ﺋﯘﻟﯘﻣﮕﻪ ﮬﯘﻛﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ.ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺋﯘﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ.

ﺑﯘ ﻣﯩﺴﺎﻟﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ ﭼﯩﯖﻐﯩﺰﺧﺎﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﯘﺩﺩﯨﺴﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ  ﺋﯘﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯘﯓ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭼﯩﯖﻐﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻧﻼ ﻳﯧﺮﻯﺑﺎﺭ(ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻛﯘﭘﭽﯘﻟﯘﻙ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﻛﯘﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﺪﻯ)

  ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻ-ﯞﺍﻗﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﻮﻟﯘﺳﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯘﮔﯘﻧﯘﺷﻜﻪ  ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﯩﺪﯗ،ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﺑﯧﺴﯩﯟﯨﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻤﯩﻨﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻣﻪﻣﯘﺭﻻﺭﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ،ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﯨﻐﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﮬﻪﺭﺑﻰﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ -ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ،ﺩﯦﭙﻠﯘﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ،  ﺑﯩﻜﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺯﯨﻤﯩﻨﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯗ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮬﯘﻛﯘﻣﯩﺮﺍﻥ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ،ﭘﻪﻗﻪﺕﭼﯩﯖﻐﯩﺰﺧﺎﻧﻼ ﻗﯩﻠﺪﻯ،ﺳﻪﯞﻩﭖ- ﺋﯘ -ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ!

(ﺋﯩﻼﯞﻩ:

   ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﭼﯩﯖﻐﯩﺰ ﺧﺎﻧﻨﻰﺳﯧﭙﻰ ﺋﯘﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺳﯩﻴﺎﻗﯩﺪﺍ ﻳﺎﺳﯩﺸﯩﺪﯗ،ﺗﺎﺭﯨﺨﻰﻓﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﮬﺎﺳﯩﻞﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ،ﻟﻜﯩﻦ  ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﻳﺎﻏﺎﻗﻴﯘﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺋﯘﺯﯗﻧﭽﺎﻕ ﻳﯘﺯﻟﯘﻙ ،ﻗﺎﯕﺸﺎﺭﻟﯩﻖﺳﺎﻗﺎﻝ-ﺳﯘﻣﺒﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ،ﺋﯘ ﺋﯩﺮﻗﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ)
 ئۇيغۇر تارىخى ئىشەنگۇسىز رىۋايەتلەر  دىن 18 بۇلۇمى.

21

تېما

0

دوست

2533

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 21:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
!.... ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت!  « ھەقىقەت پاكىت ئالدىدا پىل ئوسۇرۇپتۇ »دىگەن گەپ بار. مەنمۇ چىڭگىزخاننىڭ تۈرك ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالغان ئىدىم. ئەمما پاكىت ئالدىدا ئامال يوق ئىشەندىم. ھەقىقى ۋىجدانلىق ئەركەك ھەقىقەتكە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدۇ.!   باشقىلار ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت!!...  چىڭگىزخاننىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ بەك چىچاڭشىپ كەتكۈدەك بەزىلەر موڭغۇلمىدۇ!؟ ئەلۋەتتە ھەقىقى ۋىجدانلىق پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدىغان موڭغۇل بولسىمۇ بۇنداق سەكرەپ كەتمەيدۇ!!  ھەقىقى بىر بىلىملىك ئەركەك بىر ئىشقا پاكىتلار ئارقىلىق جاۋاپ !  قېنى بىڭسىمىز بولسا . ماقالە ئاپتورى يۈسۈپجان ياسىن كۆرسەتكەن بارلىق تارىخى مەنبەلەرنى كۆرۈپ دەلىل كەلتۈرۈپ گەپ قىلايلايلى. بۇنداق بىلىملەرنى بىلىپ قويغاننىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق!    ئەھۋالدىن قارىغاندا بەزىلەر تۆۋەندىكى  تاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ماقالىنى ئوقۇسا ئۆلۈپ بىرىدىغان ئوخشىمامدۇ!؟؟..

....
تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى تۈركتۇر

خەنزۇلار نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ھازىر قوللىنىلىۋاتقان خەنزۇلارنىڭ فامىلىسىنىڭ ھەممىسىلا ساپ خەنزۇلارنىڭ فامىلىسىى بولماستىن بەلكى ، تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە بەزىلىرى باشقا مىللەتنىڭ فامىلىسى بولۇپ چىقىدۇ.

تارىخىي ۋەسىقىلەرگە قارىغاندا ، شەرىقى خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا تەخمىنەن 200مىڭ ھون ئىچكىرىگە كۆچۈپ كېلىپ ، خەنزۇچە فامىلە ئىشلەتكەن.ۋېي-جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوڭ قول كاھ بېگى لىيۇ باۋمۇ ئەسلىدە ھون ئىكەن.

جەنۇبىي –شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە بىر قىسىم سىيانپىلارمۇ فامىلىسىنى خەنچىگە ئۆزگەرىتكەن.شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى لى ۋېندى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى «توغبات» دېگەن فامىلىسىنى «يۇەن»گە ئۆزگەرىتكەندىن كېيىن نۇرغۇن ئوردا ئەمەلدارلىرىمۇ خەنچە فامىلە قوللانغان.

بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، تاڭ سۇلالىسىدىكى، لى يۇەن، لى شىمېنلار خەنزۇ ئەمەسكەن.

لىن خۇيشىياڭ تۈزگەن «جۇڭگودىكى مىللەتلەر تارىخى»دا « تاڭ سۇلالىسىدىكى لى ئۇرۇغى ساپ خەنزۇ ئەمەس؛ ئۇلار يات مىللەتتىن بولۇپ، ھەربىي-لەشكىرىي تۈزۈمى ۋە نۇرغۇن تەرەپلىرى خەنزۇدىن پەرىقلىنىدۇ»؛« مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ يات مىللەتلىك خۇرۇچلىرى بار. مەسىلەن : پادىشاھ ئىنىسىنىڭ ئايالىغا ئۆيلىنىدۇ، ۋۇ خانىش ئايال پادىشاھ بولىدۇ، شۇەنزوڭ ئوغلىنىڭ خوتۇنىغا ئۆيلىنىدۇ.مانا بۇلار خەنزۇلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىگە يات ئېلمېنىتلاردۇر.»

پېڭ چېڭجۈننىڭ « تاڭ دەۋرىدىكى خەنلەشكەن تۈبۈتلەر ۋە تۈركلەر» دېگەن كىتاۋىدا يېزىلىشىچە ، لى يۇەننىڭ ئەجدادىنىڭ ئىسمى لى خۇ بولۇپ،لى يۇەننىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يى دوۋ ، يى دوۋنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى «دىبارام»دۇر. بۇ تىپىك سىيانپىيچە ئىسىمكەن.مۇبادا، لى يۇەن ئاتا-بالىنىڭ مىللەت تەركىبى كىشىدە گۇمان قوزغايدۇ ، دېيىلسە ئۇنداقتا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى «يەكچەشمە» لەقەملىك لى كويوڭ  شۈبھىسىزكى  خەنزۇ ئەمەس. ئۇ سېپى ئۆزىدىن سارت تۈركلىرىدىندۇر.ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى جۇيېچىشىندۇر.



تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بوزقىر قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى :

http://blog.sina.com.cn/s/blog_44b3fddd010151x6.html?tj=1
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )