تېما يوللىغۇچى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىغان مەزكور تېمىنىڭ داۋامى پىكىر چېچىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنكاس شەكلىدە مۇشۇ تېمىغا يوللاندى ، تېما يوللىغۇچى ۋە تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز |
[ دولان] ھىندىستان ئورۇشى ۋە جەنۇبى تىبەت( 2 ) دەن جىچىئاڭ دولان تەرجىمىسى
ئېنسانىيەت تارىخنى ئەسلىگەندە، بىر دۆلەتنىڭ زىمىنى ھەرخىل ئۇسۇلدا شەكىللەنگەن، مەسىلەن ئىگەللىۋېلىش ، قۇشۇۋېلىش، سۇلھى قېلىش، ئۆتۈنۈپ بىرىش، سېتىۋەلىش، بېسىۋەلىش قاتارلىق، بىراق بىز شۇنى ئېتىراپ قېلماي تۇرالمايمىزكى، تالاش-تارتىش قېلىۋاتقان زىمىن ماجراسىنىڭ سۆھبەتتە ھەل بولىشى بەك ئاز كۆرىلىدۇ. تارىختا پۇرسەت كەلسە قانداق ۋاستە قوللىنىشتىن قەتئىنەزەر، ئېگەللىۋالغىنى ئېگەللىگەننىڭ بولۇپ كەلمەكتە.
1962-يىلىدىكى ئاشۇ ئورۇش، مەھرۇم بولغان زىمىنىنى قايتۇرىۋالىدىغان تارىخ بىزگە بەرگەن بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى، يەنى جەڭچىلەرنىڭ قەھرىمانلىق بەدىلىگە ئېرىشكەن پۇرسەت بولۇپ، يۇقاتقان نەرسىنى قايتۇرىۋالالايتۇق، بىراق بىز تۇيوقسىز ئەسكەر چىكېندۇردۇق، چىكىنگەندىمۇ قانۇنسىز بولغان مىكىماخۇن سىزىقېنىڭ شىمالىغا چىكىندۇق، بۇنى ئازدەپ يەنە بۇ سىزىقتىن 20 كىلومىتىر چىكېندۇق.
بۇگۇن قارايدىغان بولساق، ھېچقانداق كىلىشىم ئىمزالىماي يەككە ھالدا قوشۇن چىكىندۇرىپ، قايتۇرىۋالغان زىمىنىمىزدىن مەھرۇم قاپتىمىز، مانى بۇ ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
كىشىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇكى، نىمە ئۇچۇن قانلىق بەدەل ھىساۋىغا قايتۇرىۋالغان زىمىندىن چىكىنىمىز؟، نىمە ئۇچۈن ئۆزىمىز قانۇنسىز دەپ جاكارلىغان مىكىماخۇن سىزىىغا چىكىنىمىز؟
بەزى مۇتەخەسىسلەر « مىكىماخۇن سىزىقى ھىمالايا تېغىنىڭ شەرقى بۆلىكىدىكى سىزىق، ھىمالايا تېغىدا نۇرغۇن تاغ تىزمىسى ۋە دەريالار بار، بىر چوڭ دەريا بۇ تاغ تىزمىسىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ، نىمە ئۇچۈن بىز دەريانىڭ بىز تەرەپتىكى مەلۇم يىرىدە توختاپ قالمايمىز؟ زادى نىمەسەۋەپتىن مىكىماخۇن سىزىقىغا چىكىنىمىز؟ بىز قولدىن بىرىپ قويغان زىمىن قەدىمدىن بۇيان تىبەتنىڭ زىمىنى ئەمەسمۇ؟ بۇ ئاشۇ قانۇنسىز سىزىقنى ئېتىراپ قىلغانلىققۇ؟ »دەيدۇ.
بەزىلەر « قىش يېقىنلىشىپ قالغاچقا، يوللارنى قار كۆمۈپ ئارقاسەپ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلالماي، قايتىپ چىقالماسلىقتىن ئەنسىرەپ قوشۇن چىكىندۇرگەن » دەپ قارايدۇ، بۇ ئاشۇ جاينىڭ ھاۋا-كىلىماتىنى بىلمىگەنلىك، قاراسايچىننىڭ غەربى بولىكى سوغاق-قۇرغاق رايۇنغا تەۋە، شەرقىي بولەك بولسا ئىسسىق بەلۋاغقا تەۋە، ھاۋاسى ئىللىق، مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا تىبەت ئاپتۇنوم رايۇنى لىنفا شۆبە ھەربىي رايۇننىڭ مۇئاۋىن شىتاپ باشلىقى شىې گاڭ ئەپەندىدىن سورىسام « قارا قۇرۇم تېغى گەرچە دېڭىز يۇزىدىن ئىگىز بولسىمۇ قىشتا قاركۆپ ياغمايدۇ، دەريا ساھىلىدا قىشتىمۇ قاتنىغىلى بولىدۇ، تەمىنات يەتكۇزىشتىكى قىيىنچىلىق قوشۇن چىكىندۇرىشتىكى ئاساسىي سەۋەپ ئەمەس » دىدى. سەۋەپ زادى نىمە ؟پۇتۇن دۇنيادىكى تەتقىقاتچىلار تا بۇگۇنگىچە ھەر خىل پەرەز قىلماقتا.
مىنىڭ چۇشىنىشىمچە « ئۇرۇش كۆزلىگەن مەخسەتكە يىتىپ، ھىندىستانغا كۇچلىك زەربە بىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى تىكلىگەن. بۇخىل ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ۋىتنامغا قارىتا ئېلىپ بىرىلغان ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتارما زەربەبىرىشتىمۇ قوللانغان. يەنى ئېغۋاگەرچىلىككە دۇچ كەلسە-ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش-غەلبەقىلىپ-شەرىتسىز قوشۇن چىكىندۇرىش- ئەسلى ھالەتكە قايتىش.
مىنىڭ بۇ ماقالىنى يىزىشىم ئاشۇ ئۇرۇشنى خاتىرىلەپ، ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنى يادئىتىش بولسا، يەنى بىر سەۋەپ ئىلگىرى ئاڭلىشىمچە « تالاش-تارتىشلىق بىر زىمىننى، ھازىرقى كونتۇرۇل قىلغۇچى قانداق ۋاستە بىلەن ئېرىشكەن بولىشتىن قەتئىنەزەر، مەلۇم ۋاقىت كونتىرول قىلسا، خەلقئارا جەمىيەت شۇنى قانۇنى ئېگىسى دەپ قارايدۇ، بۇ ۋاقىتنى بەزىلەر 50 يىل دەيدۇ، كىيىن بىلسەم بۇخىل قاراش توغرا ئەمەس ئىكەن » بىراق بۇ ئۇرۇشقا 50 يىل بولغاندا كۆڭلۈم بەك بىئارام بولىدۇ.
بىر دۆلەت باشقا بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم زىمىنىنى بېسىۋېلىپ، ئۇزۇن مەزگىل كونتىرول قىلىپ، تىنىچلىق سۆھبىتى بىلەن ھەل بولماي،قارشى تەرەپ نارازىلىق بىلدۇرۈپ كىيىن ئاستا-ئاستا توختاپ قالسا، بېسىۋالغۇچىنىڭ يوللىق ياكى يولسىز بولسۇن، ئاشۇ زىمىننىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن.
يەنى بىرخىل « تارىخى مۇستەھكەملەش » كۆزقارىشى، ئىلگىرى مەيلى قانداق ئۇسۇل بىلەن بىر زىمىنغا ئېرىشكەن بولسۇن، ۋاقىتنىڭ ئۇتىشى بىلەن تەدرىجىي «تارىخى مۇستەھكەملەش » جەريانى بولىدۇ، بۇ جەرياندا زىمىنى ئىشغال قېلىنغۇچى دۆلەت قارشىلىق قىلماي سۇكۈت قىلسا ۋە ئەتراپتىكى خوشنا دۆلەتمۇ ئوخشاشلا سۇكۈت قىلسا،ئىشغال قىلغۇچىنىڭ « ئىگىلىك ھوقۇقى » ئۇزلىكسىز « تارىخى مۇستەھكەملەش »جەريانىدا « قانۇنلىشىپ » خەلقئارا ئىتىراپ قىلىپ، بېسىۋالغۇچى ھەقىقى خۇجايىنغا ئايلىنىدۇ.
1987-يىلى ھىندىستان مىكىماخۇن سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى مەملىكىتىمىزنىڭ 60 مىڭ كۇۋادىراتنى كىلومىتىردىن ئارتۇق زىمىنىدا ئالۇنچار شىتاتى قۇردى. بۇ ئورۇشقا 50 يىل بولغاندا، مەن ئاجىز بولسىمۇ ھىندىستاننىڭ زىمىنىمىزنى بېسىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۇرىپ، ئاشۇ قارلىق تاغدا مەڭگۇلۈك كۆزيۇمغان جەڭچىلەرنى يادئىتىمەن.
جەنۇبى تىبەت بىزدىن بارغانسىرى يىراقلىشىپ كەتتى.
(ئەسكەرتىش: ھىندىستان ئۇرۇشى 1949-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار كۆپرەك قاتناشقان ئۇرۇش بولۇپ، ئاشۇ ئۇرۇشتا قوربان بولغان قېرىنداشلارنى ئەسلەش يۈزسىدىن بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلغان، مۇنبەرداشلارنىڭ ئەسەرگە مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازماسلىقىنى ئۇمىد قىلىمەن )
http://www.newsus.com.cn/junshi/DoNewsList.Asp?lable=19921 :
ئىملا خاتالىقى بولسا ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىڭلارنى سورايمەن
‹ تۇگىدى › |