ئەسسالام ھۆرمەتلىك تورداشلار، ئۇزۇندىن بۇيان توردا خالىغان چاغدا پايدىلانغىلى بولىدىغان دەرس تەييارلىقى ۋە باشقا ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم، توردا ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات دەرس تەييارلىقى يوق دېيەرلىك، بارلىرىنىمۇ نورمال كۆرگىلى بولمايدىكەن، ( بەلكىم بۇ ئۆزەمدىكى تور مەشغۇلات سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىندۇ) . شۇڭا ئۆتكەنكى << ھەمكارلىشىپ دەرس تەييارلىساق>> دېگەن تېمامدا دېگىنىمدەك، باغداش مۇنبىرىگە يوللاشنى باشلىدىم. مەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە دەرسنى ياخشى ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن قىلىپ تەييارلاشقا تىرىشتىم، ئەمما يېتەرسىزلىكلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ھەم تەجرىبىلىك ، پىشقەدەم ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشەلىشى ناتايىن، ئەمما مەقسىدىم پەقەت بىرلا: ھەرۋاقىت ئالدىراش يۈرىدىغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. يەنە بىرگەپ مەن ئۆزىمىزنىڭ مەكتىپىدە دەرس تەييارلاشقا قويۇلغان تەلەپلەر بويىچە تەييارلىدىم، باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاش بولماي قالسا توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
باشلانغۇچ 5-يىللىق 2-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرس تەييارلىقى بىرىنچى بۆلەك
جەلبكار غەربىي دىيار
ئوقۇتقۇچى: <<جەلبكار>> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى << جەلب قىلارلىق، ئۆزىگە تارتىدىغان، مەپتۇن قىلىدىغان>> دېگەنلىكتۇر. << غەربىي دىيار >> بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى دەۋردە بولسا شىنجاڭنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولسا غەربىي دىيار راستىنلا جەلبكارمۇ؟ ئۇنىڭ جەلبكارلىقى قەيەردە؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن موشۇ بۆلەكتىكى تېكىستلەرنى ئۆگىنىپ باقايلى.
1. تاڭبالى يايلىقى ( 1-سائىتى)
ئابدۇۋەلى مۇقىيت
ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
2 -7 بەتلەر
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. ئاپتۇر توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش.
2. تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلىپ چۈشىنىۋېلىش. 3.تېكىستنى ھېسسىياتلىق ئوقۇپ، تاڭبالى يايلىقىدىكى تەبىئىي مەنزىرە بىلەن مىللىي ئالاھىدىلىكنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش، تېكىستنىڭ 5-،11- ئابزاسلىرىنى يادلىۋېلىش.
مۇھىم نۇقتا:
تاڭبالى يايلىقىدىكى ھەربىر كۆرۈنۈشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق يايلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن قېرىنداش مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ساپ ھېسسىياتنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەش.
قىيىن نۇقتا:
ئوبرازلىق سۆز-جۈملىلەرنى پىششىق ۋە ھېسسىياتلىق ئوقۇتۇش، 5-،11-ئابزاسنى يادلىتىش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئېكرانىدا گۈزەل يايلاق مەنزىرىلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق دەرس باشلاش، ئوقۇتقۇچى تېكىستنى ئۈلگە قىلىپ ھېسسىياتلىق ئوقۇپ بېرىش، گۇرۇپپىلار بويىچە تېكىست ئوقۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھەر بىر گۇرۇپپىدىن ئەڭ ياخشى ئوقۇغان بىرەيلەننى كۆرسىتىپ بېرىش، تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنى تېكىستنى راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇشتا مۇسابىقىلەشتۈرۈش، يېڭى سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈش.
ئۆگىنىش ئۇسۇلى:
يايلاق مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇرلىنىش، گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئوبرازلىق سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەپ بېقىشقا تىرىشىش، تېكىست ئوقۇغانلارغا ئاۋازسىز ئەگىشىپ ئوقۇش، ئادىل باھالاش، ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىش.
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى:
كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش دېتالى، شىنجاڭ خەرىتىسى
ئوقۇتۇش جەريانى:
دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ئوقۇتقۇچى: ياخشىمۇ سىلەر، ساۋاقداشلار، بۈگۈن سىلەرگە بىر نەچچە پارچە سۈرەت ئالغاچ كەلدىم، كۆرۈپ بېقىڭلار.( كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئېكرانىدا گۈزەل يايلاق مەنزىرىلىرى كۆرسىتىلىدۇ ، شارائىت بولمىسا دوسكىغا يايلاق سۈرىتى چاپلانسىمۇ بولىدۇ) ئېكراندىكى مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلانغاچ ئوبرازلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېقىشنى خالامسىلەر؟
ئوقۇغۇچى 1: دېڭىز كەبى كۆپكۆك ئاسماندا ئاپئاق بۇلۇتلار خۇددى ئاق قېيىقتەك ئۈزۈپ يۈرەتتى.
ئوقۇغۇچى2: ................................................................................
ئوقۇتقۇچى: ناھايىتى ياخشى تەسۋىرلىدىڭلار، بىز بۈگۈن مانا موشۇ سۈرەتتىكىدەك گۈزەل ، يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيىسىگە جايلاشقان ناھايىتى گۈزەل بىر يايلاق بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز، ئۇ بولسىمۇ تاڭبالى يايلىقى، قېنى كىم دوسكىغا چىقىپ خەرىتىدىن ئىلى ئوبلاستى، نىلقا ناھىيىسى ۋە تاڭبالى يايلىقىنى تېپىپ باقىدۇ؟ ( دوسكىغا خەرىتە چاپلىنىپ، ئىلى، نىلقا ۋە تاڭبالى يايلىقىنىڭ ئورنى كۆپچىلىككە كۆرسىتىلىدۇ) ئەمىسە تېكىستتە تاڭبالى يايلىقىنىڭ گۈزەللىكى قانداق تەسۋىرلەنگەن، ئوقۇپ كۆرەيلى. 1-،2- ئابزاسنى مەن ئوقۇپ بېرەي، قالغىنىنى سىلەر نۆۋەت بىلەن ئوقۇڭلار، كۆپچىلىك تېكىستنى ئوقۇش، ئاڭلاش بىلەن بىرگە ئۆزۈڭلار چۈشىنەلمىگەن سۆزلەر ۋە ياقتۇرغان جۈملىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىپ چىقىڭلار.
يېڭى سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈش:
1. گىرىمسەن---1) ياز كۈنلىرى كەڭ دالىدىكى ئىسسىق ھاۋانىڭ يىراقتىن سۇ ياكى شامالدەك خىرە ، غۇۋا كۆرۈنۈشى 2) خىرە، غۇۋا، تۇتۇق
2. ئېدىر---تەكشىلىككە نىسبەتەن ئېگىز يەر، تۆپىلىك، ئېگىزلىك
3. قايتا تەربىيە ئېلىش ---مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە زىيالىيلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنى تۆۋەنگە يەنى يېزا، قىشلاق، زاۋۇت، كانلارغا چۈشۈپ ، ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەرنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھەرىكەت.
4. نىلقا--- ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ بىر ناھىيىسى، << ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى>> پارتىلىغان جاي
5. تەقدىرداش---تەقدىرى ئوخشاش، پېشانىسىگە پۈتۈلگەن كۆرگۈلۈكى ئوخشاش، تەقدىرى بىر
6. ئاۋۇل --- قازاقچە يېزا دېگەن مەنىدە
7.ئايۇۋساي--- بۇ بىر ساينىڭ ئىسمى بولۇپ، قازاقلار ئېيىقنى <<ئايۇۋ>> دەيدۇ، ئېيىق بار ساي دېگەن مەنىدە.
8. مۆلدۈرلەپ---1) كۆزلىرىنى مۆل-مۆل قىلىپ جىممىدە تەلمۈرۈپ قاراش ھالىتى
2)ياشنىڭ كۆزدىن ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چۈشۈش ھالىتى
9. تىزگىن سىيرىماق---بېشىنى ئالدىغا سىلكىپ، تىزگىنىنى تارتىپ چاپماق
10. سىمفونىيە---1) ئوركىستېر ئورۇندايدىغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا ئەسىرى
2) تۈرلۈك-تۈمەن تاۋۇش، رەڭ، ئاھاڭ ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرىكىپ كەتكەن قوشۇلمىسى
11. جەزبىدار---ئۆزىگە تارتىشچانلىقى كۈچلۈك، مەپتۇن قىلىدىغان، جەلب قىلارلىق
ئوقۇتقۇچى: ساۋاقداشلار يوقىرىدا يېڭى سۆزلەرنى چۈشىنۋالدۇق، ئەمدى كىچىك
گۇرۇپپىلار بويىچە تېكىستنى يەنە بىر قېتىم ھېسسىياتلىق ئوقۇپ، تاڭبالى يايلىقىنىڭ گۈزەللىكىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە بولايلى، ھەربىر گۇرۇپپىدىكى بىر ساۋاقداش بىر بەت ئەتراپىدا بۆلۈشۈپ ئوقۇڭلار، قالغان ئۈچ ساۋاقداش دىققەت بىلەن ئاڭلاپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىڭلار ھەم ئاڭلاش جەريانىدا ئۆزەڭلار ياقتۇرغان، ئوبرازلىق جۈملىلەرنى تېپىپ چىقىڭلار، ئاخىرىدا گۇرۇپپاڭلاردىن بىر << ھېسسىياتلىق ئوقۇش ماھىرى>> تاللاپ چىقىڭلار.
....................................................................................................
ئوقۇتقۇچى: يوقىرىدا تېكىستنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتۇق، قايسى ساۋاقداش تاڭبالى يايلىقىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ ( 5-ئابزاس قايتا بايان قىلىپ بېرىلسە بولىدۇ)
ئوقۇتقۇچى: ئاخىرىدا تېكىستىمىزنىڭ ئاپتورى ئابدۇۋەلى مۇقىيت بىلەن تونۇشىمىز: ئاپتور ئابدۇۋەلى مۇقىيت 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ ناغرىچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرى، مائارىپ ئىدارىسى مەسئۇلى، رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسى مەسئۇلى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. قوشۇمچە ئەدىبىي تەرجىمە خىزمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ۋەكىللىك تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن <<كۆك بۆرە>>، << باتوخان>>، << ئاخىرقى دېڭىزغا يۈرۈش>>،<< تامغا>> قاتارلىق رومانلار بار.
تاپشۇرۇق:
1. تاڭبالى يايلىقى ۋە قازاق خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى توغرىسىدا ماتېرىيال توپلاپ كېلىڭ.
2. تېكىستنىڭ 5-،11- ئابزاسلىرىنى يادلىۋېلىڭ.
دەرستىن كېيىنكى تەسىرات:
|