ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ياخشىمۇ سىلەر؟ سىلەرگە سانجى شەھىرىنىڭ گاز قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ھەقىقى خەرىتىدىكى ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ قوياي، يۇرتىغا قايىتىدىغان ياكى توققان يوقلاش ئىشلىرى بىلەن سانجى شەھرىنى بېسىپ ئۆتىدىغان شوپۇر دوستلارنىڭ ئۆنۈملۈك پايدىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. سانجى شەھىرىنىڭ گاز باھاسى 2.08 يۇەن.
چۈشەندۈرۈش:
قىزىل سىزىق بىلەن سىزىلغىنى: ئۈرۈمچى- غۇلجا يولىنىڭ سانجى شەھەر ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان يول بۆلىكى )ۋۇ يى لۇ(
سېرىق سىزىق بىلەن سىزىلغىنى: ئۈرۈمچى - كۈيتۇن تېز يولنىڭ سانجى شەھەر سىرتىدىن ئۆتىدىغان )جەنۇبىدىن( يول بۆلىكى.
ئا : ئۈرۈمچى كۈيتۇن تېز يولىنىڭ سانجىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى ھەق ئېلىش ئورنى.
ب : سانجى شەھەر ئاپتوموبىللارنى شىڭيەن قىلىش ئورنى )كەچۈرۈڭلار ئۇيغۇرچىسىنى يازالمىدىم(
ې : ئۈرۈمچى- غۇلجا تاش يولىنىڭ سانجى شەھىرىدىكى چوڭ كۆۋرۈك. "ب" ئورۇنغا كىرىش ئۈچۈن سانجى شەھىرىگە كىرەر چاغدىكى مۇشۇ چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپلا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ كۆۋرۈك تۈگىگەن ھامان سولغا بۇرۇلغان بىرنچى كوچىدىن 200 مېتىر ماڭسىڭىزلا بارىسىز.
ف : بۇ بىر پارچە خەرىتىنىڭ ئۇلانمىغان قىسىمى بولۇپ، بۇ قىسىمدا ئۇرۇمچى، كۈيتۇن تاش يولىغا چىقىدىغان باشقا يول ئېغىزلىرى يوق شۇڭا مۇشۇ بىر ئارلىقنى قىسقارتىۋەتتىم.
شوپۇر دوستلارغا ئەڭ قولايلىق بولغىنى 4-، 6-، 7-، 8- گاز قاچىلاش پونكىتلىرى. بۇيەرگە قانداق كىرىشنى ئىزاھلاپ ئۆتەي.
4-، 6-، 7- گاز قىچىلاش پونكىتلىرى ئۈچۈن:
ئۈرۈمچى- سانجى تېز يول بۆلىكىدىن شەرىقتىن غەرىبكە قاراپ سانجى شەھەر ئىچىگە "ئې" بەلگىسى قويۇلغان كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئۇدۇل كىرىمىز. بىرىنچى قىزىل چىراقنىڭ سول تەرىپىدە 4- نۇمۇرلۇق گاز قاچىلاش پونكىتى بار. بۇنىڭدىن ئۆتۈپ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا سەككىز قىزىل چىراقنى بېسىپ ئۆتكەندە يولنىڭ سول تەرىپىدە 6- نومۇرلۇق گاز قاچىلاش پونكىتى بار. يەنە مۇشۇ يول بويىچە داۋاملىق ئالدىغا ماڭغاندا ئونۋېرسىت يولى دىگەن بىر يول بەلگىسىنى كۆرىسىز بۇ تۆت كوچىدىن ئۆتۈپ ئالدىدىكى تۆت كوچىدىن كىرسىڭىز سول تەرىپىڭىزدە 7- گاز قاچىلاش پونكىتىغا بارىسىز.
8- گاز قاچىلاش پونكىتىغا بېرىش ئۈچۈن:
تۇرپان - ئۈرۈمچى- كۈيتۇن تېز يولنى بويلاپ شەرىقتىن غەربكە قاراپ كېتىۋاتقان شوپۇرلار سانجىغا ئاز قالغاندا بىر ھەق ئېلىش پونكىتى "ئا" دىن ئۆتىسىزدە سانجى شەھىرىگە كىرىش يول ئېغىزىدىن سانجىغا كىرسىڭىز بىر ھەق ئېلىش پونكىتىدىن كىرىپلا ئالدىڭىزدىكى بىرىنچى ئوڭغا بۇرۇلغان يول ئېغىزىدىن كىرسىڭىز 8- گاز قاچىلاش پونكىتىغا كىرىسىز.
ئەسكەرتىش : يوقارقىلار شەرىقتىن غەرىبكە قاراپ كېتىۋاتقان يۆنىلىشكە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان چۈشەندۈرۈشلەر.
|