قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3841|ئىنكاس: 42

جاسۇسلۇقنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

2714

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5441
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 593
تۆھپە : 412
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 10:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقىچە چۈشەنچە
      جاسۇسلۇق — بىزگە ئەرەپچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، بىزدە ھامان سەلبىي مەنا بېرىدىغان بولغاچقا، جاسۇس ئەڭ رەزىل ئادەملەر بولۇپ ئاڭلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، بىر دۆلەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا جاسۇسلۇقنىڭ ئورنى ئارمىيىنىڭكىدىن يوقۇرى تۇرىدۇ. يەنى، بىر دۆلەتنى ئاياقتا تۇتۇپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل جاسۇسلۇقتۇر.
       بىز دەۋاتقان جاسۇسلۇق ئېنگىلىزچىدا Secret Intelligence (مەخپىي ھۇشيارلىق \ مەخپىي چېچەنلىك \ مەخپىي ئەقىل،...مەنىلىرىدە) دېيىلىدۇ: مەسىلەن: CIA (Central Intelligency Agency— مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى)؛ MI5, MI6 (ئەنگىلىيەنىڭ Military Intelligence بەشىنچى باشقارما ۋە ئالتىنچى باشقارمىسى). بەزىدە ئانچە رەسمىي بولمىغان شەكىللەردە Secret Service (مەخپىي مۇلازىمەت \ خىزمەت) مۇ دېيىلىدۇ. ئۇيغۇرچىغا ئىلگىرى رۇسچىدىن كىرگەن نۇسقىدا رازۋىدكا شەكلىدىمۇ قوللۇنۇلغان بولسىمۇ، كېيىن  خەنزۇ تىلىدىكى ئاتىلىشىنىڭ تەرجىمىسى ئىشلىتىلىپ، ئاخبارات دەيدىغان بولدۇق. ئەمەلىيەتتە  خەنزۇتىلىدا چىڭباۋ ۋە گوڭباۋ دېگەن ئايرىم- ئايرىم ئىككى ئاتالغۇنى سۆز تاپالمىغاچقا بىر خىللا «ئاخبارات» دەپ تەرجىمە قىلغىنىمىز ئۈچۈن، زادى قايسى ئاخباراتنى دەۋاتقىنىمىز بەك ئېنىق بولۇپمۇ كەتمىدى.
     بۇ سۆزنىڭ تۈركچىدىكى ئاتىلىشلىرى ئاخبارات دېگىنىمىزگە يېقىن كېلىدۇ دېيىشكە بولۇدۇ. تۈركچىدىمۇ ئەرەپچىدىن كەلگەن ئاخبارات (خەۋەر) دېگەن سۆزنىڭ تۈرلەنگەن شەكىللىرى قوللۇنۇلۇدۇ: بۇ كەسپنى رەسمىي ئاتىغاندا «ئىستىخبارات» دەپ ئاتايدۇ. بۇ بىزنىڭ ئاخبارات دېگىنىمىز بىلەن پەرقلىق بولسىمۇ يەنىلا سۆز يىلتىزى ئاخبارات. تۈركچىدە يەنە «خەۋەر» شەكلىمۇ قوللۇنۇلۇدۇ: جاسۇسلۇق «خەۋەر ئالماق» شەكلىدە ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، CIA تۈركچىگە «مەركىزىي خەۋەر ئېلىش تەشكىلاتى» شەكلىدە تەرجىمە قىلىنىدۇ. تۈركچىدە يەنە ئېنگىلىزچىدىكى Secret Service كە پاراللېل «مەخپىي مۇلازىمەت» (Gizli Servis) شەكلىمۇ قوللۇنۇلۇدۇ. ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل خىزمەتنى بېجىرىدىغان ئورگىنىنى MIT (مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى) دەپ ئاتايدۇ.
KGB دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى مەنىسىدە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بىز دەۋاتقان جاسۇسلۇق ئورگىنىدۇر. بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسى ئۇيغۇرچىدىكى «ئايغاقچىلىق» دېگەن سۆزگە دەل كېلىدىغان بولسىمۇ، ئۆزىمىزنىڭكىنى ياراتماسلىق پىسخىكىمىزغا كۆرە بۇ سۆز تەدرىجىي سۆزلۈكۈمىزدىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا «ئايغاقچى»، «ئايغاقچىلىق» دېگەندە ھامان رەزىل كىمسەلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىۋالىدىغان بولغاچقا، خۇددى جاسۇسلۇققا ئوخشاشلا سەلبىي مەنادىكى سۆز دېگەن قاراش ھاكىم بولۇپ كەلدى. يەنە كېلىپ، بۇ سۆزنى دەۋرمۇ- دەۋر توختاۋسىز ئىشلىتىپ تۇرمىغىنىمىز، ئۇ كونا كىتاپلاردىلا ئۇچرايدىغان ۋە ئۇزاق يېزىلاردا پىشقەدەملىرىمىزنىڭ تىلىدىلا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان سۆز بولغاچقا، سۆزلۈك مەنىسى تەرەققىي قىلماستىن، قەدىمىي مەنىسىدىلا تۇراقلىشىپ قېلىپ، ئۇ گويا تار دائىرىدىكى گەپ توشۇش، چېقىمچىلىق،.. دېگەندەك مەنىلەرنىلا ئاڭلىتىدىغان شەكىلدە قالدى.
قىسقىسى، بۇ پەقەت سەلبىي مەنا بېرىدىغان بىر كەسپ بولماستىن، بىر دۆلەتتە بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەت بولۇش بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلىگۈچى ئامىللارنىڭمۇ بېشىدا كېلىدىغان بىر ئورگاندۇر. شۇنداقلا، بۇ ئورگاندا ئىشلىگۈچىلەر، ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ سالامەت مەۋجۇت تۇرىشى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان نامسىز قەھرىمانلار ھېساپلىنىدۇ.
     ئەمدى بۇ ئاتالغۇنى ئۇيغۇرچە «ئاخبارات» دەپ ئاتاش بىلەن كېلىپ چىقىدىغان مۈجىمەللىكتىن ساقلىنىش ۋە «جاسۇسلۇق» دېگەندە دەرھال كۆڭۈللەرگە كېلىدىغان مايماق شىلەپە، بەتبەشىرە يامان ئادەم تەسەۋۋۇرىدىن ساقلىنىش، «ئايغاقچى» دېگەندە كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغان مەھەللىمىزدىكى پالانچى- پوكۇنچى چېقىمچىدەك تار مەنىگە كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، «ئىستىخبارات» شەكلىنى مۇۋاپىق تېپىپ، شۇ ئىسىم بىلەن بۇ تېما ئۈستىدە ئومۇمىي مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.

         ماۋزۇغا كىرىش

     بىر دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى زىر- زەۋەر بىلىشكە مەجبۇر. شۇنداقلا ئىچكىي قىسمىدا مۇخالىپ كۈچلەرنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرۇشى كېرەك. ئۆتمۈشتە، قوشنا دۆلەت ئىستىخباراتى ئۈچۈن جاسۇس كىرگۈزۈلەتتى. ھازىر كونسۇلخانىدا بولۇدىغان جاسۇسلۇق بۆلۈمىنىڭ قولى بىلەن شۇ دۆلەت كىشىلىرىدىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش بىر قەدەر ئومۇمىيدۇر.
     بارلىق ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى «ئېزىقتۇرغۇچى ئۇچۇر» تارقىتىش ئاساسىغا قۇرۇلۇدۇ، دېيىش مۈمكىن. بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ ھەقىقىي نىيىتىنى بىلىشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپ، سىرلىرىنى ساقلاشقا، يالغان ئۇچۇر بىلەن قارشى تەرەپنى ئېزىقتۇرۇشقا تىرىشىلىدۇ. چۈنكى، كىچىككىنە بىرەر قەغەز پارچىسى، تىڭشالغان تېلفۇن ياكى شۇنىڭدەك ئەرزىمىگەن بىر سەۋەپ بىلەن، پۈتۈن بىر ئۇرۇش مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىشى، بىر پۈتۈن دۆلەت مۇنقەرز بولۇشى مۈمكىن.
بۈگۈنكى ئۇرۇشلارنىڭ ئاساسى — نېمىلىكى بولمىسۇن ئىستىخبارات ئۈستىگە قۇرۇلغان.
      سۇنزى «ئۇرۇش سەنئىتى» كىتابىدا شۇنداق يازغان: «...بۇ سەۋەپتىن جاسۇسلارنىڭ ئارمىيىنىڭ پايدىسىغا ئەڭ ئوبدان شەكىلدە خىزمەت قىلىشى، ئاڭلىق باشقۇرغۇچى بىلەن ئەقىللىق قومانداننىڭ قولىدا. ئۈستۈنلۈك مانا مۇشۇنداق بىر خىزمەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈلۈدۇ. ئىستىخبارات ئۇرۇشنىڭ ئەڭ موھىم بىر تەركىبىدۇر. چۈنكى ئارمىيىنىڭ غەلىبە قىلىشى، ئىشەنچلىك مەلۇمات ئالالىغان بولىشىغا باغلىق.»
    «..... پەقەت بىرقانچە سەر كۈمۈشنى خىراجەت قىلىشنى ئارتۇق كۆرۈپ، دۈشمەننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قېلىش ئەقىلنىڭ ئىشى ئەمەس. بۇ مەلۇماتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يولى، ئىستىخبارات تەشكىلاتى قۇرۇپ، جاسۇس ئىشلەتمەكتۇر. ئۇرۇش ئۈچۈن ئىستىخبارات تەشكىلاتى قۇرمىغان كىشى ئىنسانلارنىڭ لىدېرى ئەمەس. جاسۇسى بولمىغان ئارمىيە كۆز- قۇلىقى بولمىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ.»
     ئىستىخباراتنىڭ مەخسىدى — دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قارار ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن «ئايرىۋاشلانغان» مەلۇماتلاردىن بارلىققا كەلگەن تەييارلىقنى سۇنۇش.
     ئىستىخبارات—سىياسىي ئىستىخبارات، ھەربىي ئىستىخبارات، ئىقتىسادىي ئىستىخبارات، ئىجتىمائىي ئىستىخبارات، تېخنىكا ئىستىخباراتى، ئېلىكترونلۇق ئىستىخبارات قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنۈدۇ. بۇنىڭدىكى ئېلىكترونلۇق ئىستىخبارات — ئىستىخبارات ئوبېكتىغا قارىتىلمىغان؛ ئىستىخبارات توپلاش ئۇسۇلىغا قارىتىلغاندۇر.
     ئىستىخباراتنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى: بىلىش كېرەك بولغان نەرسە — نىشان نېمە ئىكەنلىكى كۈزۈتۈلۈدۇ، مەلۇمات توپلۇنۇدۇ، توپلانغان مەلۇمات دۆۋىسى يېشىلىپ، ئايرىۋاشلىنىدۇ. ئانسىكلوپېدىك تەرەپتىن قارىغاندا، سىياسىي ئىستىخبارات قول بىلەن تۇتقىلى بولۇدىغان مەلۇماتلار نۇقتىسىدىن تېخىمۇ ئىنچىكە يېشىم، مۇلاھىزىگە مۇھتاچ بولسا، ھەربىي ئىستىخبارات «سانلار» تۈرىدە قول بىلەن تۇتقىلى بولۇدىغان نەتىجە بېرىدۇ.
ئىسرائىل ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MOSSAD) نىڭ سابىق باشقانلىرىدىن ئېفرائىم ھالېۋى ئىستىخبارات ۋە ئىستىخباراتچىلار ھەققىدە شۇنداق تەرىپلەرنى يازىدۇ: «ئىستىخباراتچى ھەممىدىن ئاۋال تەھدىت بىلەن، دۈشمەن بىلەن ھەپىلىشىدۇ. دۈشمەننىڭ ئىمكان ۋە قابىلىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بولۇدۇ. دۈشمىنىنىڭ ھەم سىياسىي ھەم ئوپېراتسىيىلىك مەنىدىكى كۈچىنى ۋە نىيەتلىرىنى ئۆلچەشكە مەجبۇر. ئۆز دۆلىتىنىڭ تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىمكانى ۋە قابىلىيىتىنى ئۆلچەش ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس.» «دېموكراتىك بىر جەمىيەت بىلەن، دېموكراتىك بولمىغان بىر تۈزۈمنىڭ پەرقى ئىستىخباراتتا بىلىنىدۇ. دېموكراتىك بولمىغان تۈزۈملەردە ئىستىخبارات تەشكىلاتى، ھۆكۈمران سىستېمنىڭ موھىم بىر قولى، سىياسىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا داۋاملىق تۇرۇشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋاسىتەدۇر. ...» دېموكراتىك سىستېمدا ئىستىخبارات مەۋجۇت ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئەمەس دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
      ئىستىخباراتنىڭ مەنبەسى ئىككى تۈرلۈك بولۇدۇ: ئوچۇق مەنبە. فىلىملەر، گېزىتلەر، تېلىۋىزىيە، رادىئو ئاڭلىتىشلىرى ۋە ھۆكۈمەت دوكلاتلىرى.
يەنە بىرى، يېپىق مەنبە. ئەسلى ئىستىخباراتنىڭ بۇ تۈرى كىشىلەرنىڭ تەخمىنلىرىدىكى جاسۇسلۇقتۇر. ئەمەلىيەتتتە، ئوچۇق مەنبەلەرنى تەھلىل قىلىش، مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش يولى بىلەنمۇ ناھايىتى قىممەتلىك ئىستىخبارات نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلۈشى مۈمكىن.
       ھەر ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى ئىشى — خەتەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۈزىتىشتۇر. بۇ نۇقتىدا توماس پوۋېرس مۇنداق يازىدۇ: «ئەرەپ دۇنياسىدا ئەنئەنىۋىي شەكىلدە تەھلىكىنىڭ ئىچكىي قىسىمدىن كېلىدىغانلىقى قوبۇل قىلىنغان؛ چۈنكى ئىچكىي قىسىمدا رايوننىڭ ئامانلىق تەشكىلاتى ‹مۇخابارات› تەرىپىدىن دائىم كۈزۈتىلىۋاتقان ۋە بەلگىلىك ئارىلىقلاردا تۇتقۇن قىلىنىدىغان ئىنقىلاپچىلار، دىنىي تەلۋىلەر ۋە ھاكىمىيەت كويىدىكى خىرسلىق ھەربىي ئەمەلدارلار بار. مىسىر ۋە ئىراقتا، ئىئوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەھۋال ئوخشاش: مەخپىي ساقچىنىڭ ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈدىغىنى ۋە قىلىدىغىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر ئۈستىگە مەركەزلەشكەن
     دېمەك، ھەر دۆلەتتە ئىستىخباراتنىڭ ئوبېكتى ھەر خىل بولۇدۇ. ئومۇمەن مۇستەبىت دۆلەتلەردە ئىستىخبارات ئاساسىي دىققىتىنى ئىچىگە قارىتىدۇ. ھاكىمىيەتتىكى سىنىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئاساسىي دۈشمىنىنى ئۆكتىچى كۈچلەر دەپ قارايدۇ؛ تاشقىي دۈشمەن ئىككىلەمچى ئوبېكت ھېساپلىنىدۇ.
ئىسىتىخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلما فونكىسىيىسى ئاساسەن: تەشۋىقات (تەشۋىقات — نورمالدا ئىچىگە قارىتىلغان، جامائەت پىكرىنى يۆنلەندۈرمە، دىققەتنى چالغىتما، قىزىقىش قوزغاش قاتارلىق مەخسەتتىكى تەشۋىقاتتۇر؛ ئەگەر ئۇرۇش دەۋرى بولسا، دۈشمەن ئىچىدە ۋەسۋەسە يايماق، پاراكەندىچىلىك، ئەنسىزلىك تۇغدۇرماق، خاتا قىياسلارغا باشلىماق، جامائەت پىكرىنى ئۇتماق مەخسەتلىرىدە بولۇدۇ)؛ جاسۇسلۇق (نىشان دۆلەتلەر ياكى گورۇھلارغا ئائىت ئۇچۇر توپلاش)؛ قارشى جاسۇسلۇق (دۈشمەن جاسۇسلۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش)؛ ئۆكتىچى ھەركەتلەر تەشكىللەش (بۇ ئاساسەن دۈشمەن دۆلەتلەر ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاغدۇرمىچىلىق پائالىيەتلەردۇر).

     تەشۋىقات

     ئىستىخباراتنىڭ موھىم بىر تارمىقى بولغان تەشۋىقات، پەقەتلا تەشۋىقات قوراللىرى ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان تەشۋىقات ئەمەس، بۇ يەنە خەلق ئىچىدە، نەدىن چىققانلىقى بەلگىسىز سۆز- چۆچەكلەر، «مىش- مىش گەپلەر» شەكلىدىمۇ بولۇدۇ. بۇنىسىنىڭ پىسخىك ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولۇش بىلەن بىللە، بۇنداق بىر تېما ئوتتۇرىغا چىقىرىپلا قويۇلسا، كىشىلەر بىلىپ بىلمەي ئۆزلىرى يېيىۋېرىدۇ، چىقىمسىز ئەمما تەسىرلىك.
       بىر دۆلەتتە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاساسىي مىللەتتىن باشقا بىرنەچچە ئېتنىك گورۇپ بولسا، ئۇلارنىڭ بىرلىك سەپ بولۇۋېلىپ، ھۆكۈمران مىللەتكە ئورتاق قارشى تۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن، ئىستىخبارات ۋاستىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئىتتىپاقسىزلىق، ئىشەنچسىزلىك تېرىپ تۇرۇلۇدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ھەم ئۇلارنىڭ زور كۈچكە ئايلىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، ھەم ئاساسىي زىددىيەت ئۇنتۇلدۇرۇلۇپ، دىققىتىنى ئۆز ئىچىگە بۇرىۋېتىش مەخسىدىگە يەتكىلى بولۇدۇ. مەسىلەن: ئىراقتىكى سۈننى- شىئە زىددىيىتى ئىشغالىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئوينۇلۇۋاتقان ئويۇن ئىكەنلىكى ھەركىمگە ئايان. بۇ زىددىيەتلەر ئارقىلىق ھەم ئاساسىي دۈشمەن ئۇقۇمىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، دىققەتنى ئۆزئارا زىددىيەتكە باشلىۋەتكىلى، شۇنداقلا بۇ خىل بىر- بىرىنى قىرغىن قىلىپ، تېنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاشىلا بولۇدىغان ئۇرۇشقاقلار ئارىسىدا بىر خالىس كېلىشتۈرگۈچى ياكى خالىس تۇتۇپ تۇرغۇچى (ئامېرىكا)نىڭ بولۇشىنى زۆرۈرىيەتتەك ھىس قىلدۇرۇش مەخسىدىگە يەتكىلى بولۇدۇ. بۇنى سۈننى، شىئە رەھبەرلىرى بىلمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە بىلىدۇ. لېكىن ئىنسان پىسخىكىسىدا شۇنداق بىر بوشلۇق بار، بۇنى كۆزى كىچىكلىك دېسىمۇ بولۇدۇ: ئومۇمغا ئائىت مەنپەئەتلەر ھامان مەۋھۇم، شۇئار تېرىقىسىدە بولۇپ، ھەممە كۆڭلىدە بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۆزىنىڭكىنى قويۇپ تۇرۇپ، چوڭ ئىشىمىزنى ئورتاق ھەل قىلايلى، دېيىلمەيدۇ. چۈنكى بۇ تەشكىللىنىشنى تەقەززا قىلىدىغان ئىش، قولاي باشلىغىلى بولۇدىغان ئىش ئەمەس. ئەمما شەخسىي ياكى تار گورۇھنىڭ مەنپەئەتلىرى ئەمەلىي، كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولۇدىغان شەكىلدە بولغاچقا تېخىمۇ رېئال بولۇدۇ. شۇڭا بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنى تۇتالماي قالىدىغان گەپ. مەسىلەن: شىئەلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېقىنلىرى ئۈچۈن بۇ ئازاپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىراقنى بېسىۋالغان ئومۇمىي مىللىي خاپىلىققا قارىغاندا تېخىمۇ رېئال، تېخىمۇ كۆڭۈلگە يېقىن، قولغا يېقىن بولۇدىغان بولغاچقا، ئالدى بىلەن بۇ دەردىنى ئېلىۋالمىسا بولمايدىغاندەك ھىسىيات ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ.
بۇندىن باشقا ئىستىخبارات يەنە يۇرتلار ئارا زىددىيەت، ئۇرۇقداشلار ئارا زىددىيەت، مەھەللە ئارا زىددىيەتلەر تېرىشى مۈمكىن. يەنى زىددىيەت تېرىيدىغانغا تەرەپلەر تېپىلىپ تۇرىدۇ.
    يەنە سىياسەتمۇ شۇنىڭغا يارىشا ئېلىپ بېرىلىپ، زىددىيەتنىڭ ئىزچىللىقى، پەرۋىشى ساقلىنىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم فىدراتىۋ دۆلەتتە فىدراتسىيەدىكى ئاساسىي مىللەتنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىش ئارزۇسى بىلەن ھۆكۈمران مىللەتكە قارشى چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شۇ فىدراتسىيە ئىچىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يېنىغىراق تارتىپ، ئېتىۋار بەرگەندەك قىلىپ، ئاۋۇسى يىتىم قالدۇرىلىدۇ ھەمدە بۇ ئېتىۋار بېرىشلەر تۈپەيلى، فىدراتسىيەنىڭ ئاساسلىق مىللىتىدە ھەسەت، غەزەپ تۇغدۇرۇلۇدۇ. گويا ئۇلارنىڭ ھەققىنى ھۆكۈمران مىللەت ئەمەس، ئاشۇ ئاز سانلىقلار ئېلىۋېلىپ بارغاندەك. مەسىلەن: سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جەمىيەتتە تۇتقان ئورنى خېلى يوقۇرى ئىدى، ھەتتا بىر زامانلار قازاقىستان فىدراتسىيىسىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرىمۇ ئۇيغۇر بولغان. بۇنىڭدىن مەخسەت قازاقلارنى يىتىم قالدۇرۇش، قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا زىددىيەت تېرىش ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر بۇنداق ھاللاردا زىددىيەت، ئۆچمەنلىك «ئاڭلىق» شەكىللەنمىگەن تەقدىردىمۇ، ئىستىخبارات يولى بىلەن «چۈشەندۈرۈلۈپ»، دىققەت جەلپ قىلىنىپ، «كۆزىنى ئېچىپ» قويسا بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن: «جۇمھۇرىيەت كىمنىڭ؟ قازاقلارنىڭ! ئەمما ھەممە يەرگە قارىساڭ پولەكلەر، نېمىسلار جاھان سوراۋاتقان!...» بۇنىڭ بىلەن جاھاننى ئەسلىدە رۇسلارنىڭ سوراۋاتقىنى دىققەتتىن قېچىپ، ئاۋۇلار بىلەن سۈركۈلۈش تۇغۇلۇدۇ.
       تەشۋىقات — ئىستىخباراتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوراللىرىدىن بىرى. تەشۋىقات — جامائەت پىكرىنى ھاكىمىيەتنىڭ پايدىسىغا يۆنلەندۈرۈشتە تەسەۋۋۇرنى ئاشقان بىر قۇدرەتكە ئىگە. بۇ ھەقتە گىتلېر شۇنداق دېگەن: «ئاخبارات — يېتەرلىك دەرىجىدە تۇتامسىز، ھەتتا كۈلكۈلۈك بىر ۋەقەنى قىسقا مۇددەتتە ناھايىتى موھىم بىر دۆلەت مەسىلىسى ھالىغا كەلتۈرۈپ، ئەسلى ناھايىتى موھىم بولغان بىر مەسىلىنى جامائەتنىڭ دىققىتىدىن قاچۇرۇپ، ئۇنۇتتۇرۇش كۈچىگە ئىگە
     دېمەك، تەشۋىقات ئارقىلىق، كىشىلەرگە ئەسلىدە قوبۇل قىلغۇسىز، ۋىجدانىي ۋە ئىنسانىي تۇيغۇلىرىغا سانچىلىدىغان نەرسىلەرنى گۈزەل كۆرسۈتۈپ، قوبۇل قىلدۇرغىلى بولۇدۇ.
«ئىستىخباراتتىكى تەشۋىقات ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، نىشانى ۋە مەنبەسى ئېنىق بولغان تەشۋىقات، ئاق تەشۋىقات؛ مەنبە ۋە نىشانى ئېنىقسىز بولغان تەشۋىقات گۇڭگا تەشۋىقات دېيىلىدۇ. ئىستىخبارات تەشۋىقاتلىرىدا مۇئەييەن پىرىنسىپلار بولۇدۇ:
جەزىبە پىرىنسىپى.ئىستىخبارات پائالىيىتىگە تېما بولغان ئىدىيىلەر دىققەتنى تارتالايدىغان، جەلپ قىلارلىق پىچىم ۋە شەكىلدە توپلۇم (جەمىيەت)غا سىڭدۈرۈرۈلۈدۇ.
ئېنىقلىق ۋە ساددىلىق پىرىنسىپى. تەشۋىقات مەزمۇنى پىكىرلەرنىڭ نىشان قىلىنغان ئاممىغا چۈشۈنۈشلۈك، ئوچۇق، ئېنىق شەكىلدە، ئاددىي ھەم ساددا تەرزدە بولۈشى كېرەك.
قىزىقارلىق بولۇش پىرىنسىپى. نىشان قىلىنغان ئاممىغا سىڭدۈرمەكچى بولغان ئىدىيە ئۈچۈن بىر قىزىققۇچىلار مۇھىتى ياراتماق كېرەك. بۇ شەكىلدە، ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئاڭ- پىكىر ئەتراپىدا بىر ھىسىيات ئورتاقلىقى شەكىللەندۈرگىلى بولۇدۇ.
ھەيرانلىق پەيدا قىلىش پىرىنسىپى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە نىشان قىلىنغان ئامما ئىچىدە ھاڭ ـ تاڭ قېلىش كەيپىياتى يارىتىش ئارقىلىق، ئاڭ- پىكىرنىڭ قوبۇل قىلدۇرۇلۇشى كۆزدە تۇتۇلۇدۇ.
سىنتىز پىرىنسىپى. بۇنىڭدا مېنىڭ سىتمەك مەخسەت قىلىنغان ئاڭ- پىكىرلەر نىشان قىلىنغان توپلۇمغا پارچە- پارچە بېرىلىدۇ. بەلگىلىك بىر باسقۇچتىن كېيىن بۇ بۆلۈملەنگەن ئوي پىلىرلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى، يەنى سىنتىزى ئارقىلىق ئاساسىي تېمىغا يېتىلىدۇ.
تەكرارلاش پىرىنسىپى. سىڭدۈرۈلۈشى كېرەك بولغان پىكىرلەر نىشان ئاممىغا مەلۇم يۆنۈلۈشكە توغرۇلاپ دائىمىي تەكرارلاش ئارقىلىق ھەر پۇرسەتتە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈدۇ.
       تويۇندۇرۇش پىرىنسىپى. نىشان ئاممىنى تويۇنۇش نۇقتىسىغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، كېرەكسىز تەكرارلاشتىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ تەكرارلاشتىكى مەخسەتنىڭ تەتۈرىسىنى نىشان قىلغان ئۇسۇل بولۇپ، كىشىلەرنى قاچۇرماقچى بولغان نەرسىدىن تويدۇرۇش، زېرىكتۈرىۋېتىش دېمەكتۇر.
گارمونىيە پىرىنسىپى. بۇ پىرىنسىپ ئوركىستېرلىق ياكى ئاھاڭ بېرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نىشان ئاممىغا ئىستىخبارات تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا ئەھمىيەت بېرىلگەن ھالدا كۈزىتىلىشى كېرەك بولغان ماسلىشىش ۋە ئۇسۇللارنى بىلدۈرىدۇ.
بىرلا دۈشمەن پىرىنسىپى. نىشان ئاممە كېڭەيتىۋېتىلمەسلىكى كېرەك. تار دائىرىدە ۋە كىچىك توپلار، شەخسلەرنى نىشان قىلىش.
بىرلىك ۋە نۆۋەت پىرىنسىپى. ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ۋە مېنىڭسىتىلىۋاتقان پىكىرلەرنىڭ گورۇپلار ئارىسىدا ئايلىنىشنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ئاممىنىڭ پىسخولوگىيىسىدىن پايدىلىنىش.[
     تەشۋىقات كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈشكە بولۇدىغان يەنە بىر ئۇسۇل «تەتۈر رېكلام (ئېلان)» ئۇسۇلىدۇر. بۇ ئۇسۇل خۇددى توۋار ئېلانلىرىغا ئوخشاش، كىشىلەرگە قوبۇل قىلدۇرۇش كۆزلەنگەن شەيئىنىڭ ئېلانى بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى ئېلان تەتۈر تەرەپتىن قىلىنىدۇ.
مەسىلەن: بىر مۇستەبىت دۆلەت تۈزۈمىدە كىشىلەر كۆپ ھاللاردا مۇستەبىتلەرنىڭ چىرايلىق كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان نەرسىسىدىن قاچىدىغان، چەكلىگەن نەرسىلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇدىغان پىسخىكا شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ ھالدا توغرىدىن – توغرا توۋار ئېلانى شەكلى بىلەن كىشىلەرگە ئىستەلگەن نەرسىنى قوبۇل قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. كىشىلەردە شەكىللەنگەن ھۆكۈمدارنىڭ دېگىنىنى تەتۈر ئۆلچەم قىلىش پىسخىكىسىغا كۆرە ئۇلارغا تەتۈر رېكلام (تەتۈر ئېلان) ئۇسۇلى بىلەن قوبۇل قىلدۇرغىلى بولۇدۇ. خەلققە ئۆزى بەلگىلەپ قويغان «نىشان»لارنى سۆيدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى سۆكۈش، قارىلاش، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە «دېمەك ئۇ ھۆكۈمەتكە ياقمايدىغان نەرسىكەن، بىزگە پايدىلىق بولسا كېرەك» دېگەن ھىسىيات تۇغدۇرۇلۇدۇ.

«ئەركە بالا» ئۇسۇلى

      بۇ ئۇسۇلمۇ مۇستەبىت تۈزۈملەردە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئىككى ئىش ئۈچۈن كېرەك بولۇدۇ: بىرى، «قارا نۇرلۇق چىراق» سۈپىتىدە مۇخالىپلارنى توپلاپ يوقۇتۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ توپلۇنۇشىغا «مۇما تىكلەپ بېرىش» ئۇسۇلى؛ يەنە بىرى بەزى موھىم تەشۋىقاتلىرىنى پەردىلەشتە «خەلق ۋەكىلى» سۈپىتىدىكى «باھالىغۇچى» قىلىپ پايدىلىنىش ئۈچۈن «يۈرەكلىك»، «جاسارەتلىك»، «ۋىجدانلىق» قەھرىمان يارىتىش ئۇسۇلى.
مەسىلەن: سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىر ئېغىز ھەق گەپ قىلىپ سالغانلار ئېغىر ئەمگەك كامپلىرىغا ئەۋەتىلىپ، شۇ يەردە ئۆلۈدىغان بولسىمۇ، قىزىل ھاكىمىيەتنى، قىزىل ئارمىيەنى ئاشكارە ئەيپلىيەلىگەن بىر شولوخوپ يارىتىلغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ «ئەركە بالا» قىلىپ سۈنئىي قويۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭ بىر ئايغاقچى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان كىشىلەر بەك ئاز بولغاچقا، ئومۇمىي خەلق ئۇنى گويا ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى ئاڭلىتالايدىغان «جۈرئەتلىك»، «يۈرەكلىك» قەھرىماندەك كۆرۈشكەن. ھەتتا ئۇنىڭ «تېنچ دون»نى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغىمۇ كۆز يۇمۇلۇپ، ئۇنىڭ «مەشھۇر» بولۇشىغا يول ئېچىپ بېرىلگەن. «تېنچ دون»نىڭ ئەسلى ئاپتورى قىزىل ھاكىمەتكە قارشى «خەلق دۈشمىنى»دىن بىرى بولغاچقا، بۇ شولوخوپقا تېخىمۇ ئوڭ كەلگەن.
خۇددى شۇنىڭدەك، دىن دەھشەتلىك تۈردە چەكلەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا، بىر تۈركۈم موللىلارغا، ياكى باشقا دىنىي تەشۋىقاتچىلارغىمۇ غەرەزلىك يول قويۇلۇپ، «ئەركە بالا» قىلىنغان. ئۇلار خالىغان يەردە سۆزلەپ، كىشىلەرگە دىنىي تەبلىغ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن سوۋېتلەر ئىككى مەخسەتنى كۆزلەيتى: بىرى، كىشىلەرنىڭ رايىنى سىناپ، دىنغا سۆيگۈسى بولغانلارنى قارا تىزىملىككە چۈشۈرەتتى؛ يەنە بىرى، تەبلىغ مەزمۇنى ئىنتايىن ئۇستۇلۇق بىلەن تۈزۈپ بېرىلگەن بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ دىنىي سۆيگۈسىدىن سۈئىستىمال شەكلىدە پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ دۈشمەن قارىشىغا مۈجىمەللىك ئارىلاشتۇراتتى. يەنى، گويا ئۇلارنىڭ دۈشمىنى رۇس بولشىۋىكلىرى ئەمەس، غەرپ جاھانگىرلىكى! شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۈشمەن قارىشى سۈئىي ئۇسۇلدا شەكىللەندۈرۈلەتتى.
     كىشىلەر ھامان ساددا بولۇدىغان بولغاچقا (شۇڭا بۇرۇندىن، خەلق پادىغا ئوخشۇتۇلۇدۇ) ھېچ ئەقىل ئىشلىتىپ باقمايلا بۇ ھۆل خشقا دەسسەيتى. يەنە چەتئەلگە چىقىش ئىشلىرىمۇ ناھايىتى قاتتىق كونترول ئاستىدا بولۇشىغا قارىماي، بەزىلەر ئۈچۈن بەكلا ئاسان بولاتتى. گۇمانغا ئۈندەيدىغان ئاددىي سېلىشتۇرمىلار كۆز ئالدىدىلا مەۋجۇت ئىدى. مەسىلەن: باشقىلارنىڭ ئوخشاش ئىشى جازالىنىۋاتقان تۇرسا، بۇ نېمىشكە جازالانمايدۇ؟ باشقىلارنىڭ شۇنچە يوشۇرۇن قىلغان ئىشىنى بىلىۋالىدىغان ھۆكۈمەت بۇنىڭ خېلىلا ئاشكارە قىلىپ يۈرگىنىنى نېمىشكە كۆرمەي قېلىۋاتىدۇ؟ كشىلەرنىڭ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنىۋاتقان بىر زاماندا پالانىلار نېمىشكە ئۇنداق ئاسانلا پاسپورت ئېلىپ چەتئەلگە كېتىۋاتىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى كۆڭلىدىن كەچۈرۈپ باقمايلا ھاكىمىيەتنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ قالىدۇ.

جاسۇسلۇق

    ئىستىخباراتنىڭ مەخسىدى شۇ دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوبېكتى غايەت تەبىئىيكى، ھاكىمىيەتنىڭ ھەر تۈرلۈك دۈشمەنلىرىنى كۈزۈتۈش، ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش بولۇپ، دۈشمەننىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇش ئەمەس، نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇش مەخسەتتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنئەنىۋىي جاسۇسلۇقتا، قارشى تەرەپكە سىڭىپ كىرىش ئۇسۇلى ئومۇملاشقان ئىدى. يەنى، دۈشمەن تەشكىلاتلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىش؛ دۈشمەن دۆلەتلەرگە سوقۇنۇپ كىرىش ئاساس قىلىناتتى. ھازىر بۇنداق ئۇسۇل تەدرىجىي ھالدا كېرەكسىز بولۇپ، قالاق دۆلەتلەردىلا قېلىۋاتىدۇ. ئەمما قىسمەنلىكتە يەنىلا بۇ ئۇسۇلنىڭ يارارى بار. بۈگۈنكى كۈندە ئېلىكترونلۇق ئەسۋاپلارنىڭ ئومۇملۇشۇشىغا ئەگىشىپ، بۇنداق تۇتۇلۇپ قېلىش خەۋپى زور بولغان ئۇسۇلنىڭ ئورنىغا ئىنتايىن بىخەتەر بولۇش بىللە، ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن يوقۇرى بولغان ئېلكترونلۇق جاسۇسلۇق دەسسىمەكتە. شەخسلەرگىچە ئىشلىتىلىۋاتقان تېلىپۇن، يانپۇن، كوميۇتېر، چاقىرغۇ،... قاتارلىقلار سىڭىپ كرىگۈچى جاسۇس ئورنىدا ئۇچۇرلىرىمىزنى تارقاتماقتا. بولۇپمۇ يانپۇننىڭ سۈنئىي ھەمرادىن تارقىتىلىش ئالاھىدىلىكى، ھەر شەخسنى سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق كۈزۈتۈش مەخسىدىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، جاسۇسلۇق پائالىيىتىنى خەتەرسىز، قولايلىققا ئىگە قىلدى. بىر مىسال:
      «ئاخشام بىر يازغۇچى دوستۇم ۋە ئۇنىڭ يازغۇچى ئايالى بىلەن ...شەھەرنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە مودا بولغان بىر كاۋاپخانىسىدا ئىدىم. پەرەز قىلغىلى بولۇدۇكى، پارىڭىزمىزنىڭ تېمىسى سىياسى ئىدى. گېزىتلىرىمىز توغرىسىدىمۇ بىرئاز سۆز- چۆچەك قىلىشتۇق. ئىككى سائەتچە داۋام قىلغان پاراڭ ئارىلاش تاماقتىن چىققىنىمدا يانفونۇمغا تېلىپۇن قىلغان بىر دوستۇم بىز ئۈچىمىزنىڭ كاۋاپخانىنىڭ خالى بۇلىڭىدا قىلىشقان بارلىق گېپىمىزنىڭ ھەممىسىنى ماڭا تەكرارلاپ بەردى. دېيىشىچە ئۆيىنىڭ تېلىپۇنى چاپتۇ، تېلىپۇننى ئالغان ئىكەن ئۇنىڭدىن بىزنىڭ كاۋاپخانىدىكى پارىڭىمىز ئاڭلىنىپتۇ... ‹ئۈچ قېتىم قويۇۋەتتىم، تۆرتىنچى قېتىم يەنە چالدى، يەنە شۇ سۆھبەت› دېدى ئۇ دوستۇم.»
     بۇنىڭدىن بىلىنىدۇكى، تاقاغلىق بىر يانفون ئارقىلىقمۇ (باتارىيەسى ئېلىۋېتىلمىگەن ئەھۋالدا) مەخپىي ئاڭلاش مەخسىدىگە يەتكىلى بولۇدۇ.
ھازىرقى جاسۇسلۇق خەتەرسىز بولۇش بىلەنلا قالماي، يەنە توغرۇلۇق نىسبىتى يوقۇرى، تەپسىلىي. چۈنكى، بەك ئىگىز ئۇچۇدىغان جاسۇس ئايروپىلانلىرى، سۈنئىي ھەمرالار رەسىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئېلىكترونلۇق سىگنال ياكى ئىلغار ئانتېننالار ئارقىلىق يەريۈزى پونكىتلىرىغا يەتكۈزىدۇ. يوشۇرۇن ۋە ياكى يەر ئاستى ئاتوم سىناقلىرىمۇ بۇلارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلمايدۇ. مىللىي خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقى (NSA) بەلگە ئىستىخبارات ۋەزىپىسى ئۈچۈن، مۇھىتتىكى شىفرىسى يېشىلگەن ئېلكتروماگنىتلىق دولقۇن (EMF) لارنى كومپيۇتېرغا سىمسىز ساقلاش ۋە كىشىلەرنى بەدەنلىرىدىكى ئېلىكترونلۇق ئېقىملار ئارقىلىق كۈزەتمەك ئۈچۈن بىر كومپيۇتېر پروگرامى ئىشلەپ چىقتى. بەلگە ئىستىخباراتى — ئىچىدە ئېلىكتىر ئېقىمى بولغان ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئەتراپىغا ئېلىكتروماگنىتلىق دولقۇن تارقىتىدىغان بىر ماگنىت مەيدانىغا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئاساسلانغانلىقى ئۈچۈن ئېلىكترونلۇق خۇسۇسىيىتى بولغان ئىنسان قۇرۇلمىسى ياكى ئورگانىك ھەر جىسىمنى ئۇزاقتىن ئانالىز قىلغىلى بولۇدىغان سىفىرلىق (دىجىتال) بىر ئۈسكۈنىدۇر.
قارشى جاسۇسلۇق (قارشى ئىستىخبارات)
      جاسۇسلۇققا قارشى جاسۇسلۇق دېمەكتۇر. بۇ بىر شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئوخشاش، ئىستىخباراتتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەرەپ. ئىستىخباراتنىڭ مەخسىدى پەقەتلا قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭكىنى ئىنسى - جىنغا بىلدۈرمەسلىك — «چاشقانغا كېپەك ئالدۇرماسلىق»نىمۇ مەخسەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىخباراتنىڭ موھىم بىر تارمىقى قارشى جاسۇسلۇق (ئانتى جاسۇسلۇق).
ئاغدۇرمىچىلىق ھەركەتلىرى
     بىر دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوللاش مەسىلىسى ئىستىخباراتنىڭ تەشكىللەيدىغان ئىشلىرىدىن بىرى بولۇپ، نورمالدا بۇنداق ئاغدۇرمىچىلىق ھەركىتىنى قوللاش — ئۆكتىچىلەرگە بولغان ئامراقچىلىق، كۆيۈنۈش، ئىنسانپەرۋەرلىكتىن كېلىپ چىققان ئەمەس، بەلكى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتلىرى تەقەززاسى ئۈچۈندۇر. مەسىلەن: ئامېرىكا ئىراقنى ئىشغال قىلىشتىن خېلى كۆپ يىللار ئىلگىرىدىنلا CIA پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئايلىنىپ، ئىراق مۇھاجىرلىرى ئىچىدىن ساددام ھۈسەيىنگە قارشى قويغىدەك ئۆكتىچى ئىزدىگەن ئىدى. مەخسەت: ئەگەر بۇنداق بىرسى تېپىلسا، ئۇنى سىمۋوللۇق شەكىلدە ئىشنىڭ بېشىدا كۆرسۈتۈپ، ئىراقتا بىر ئاغدۇرمىچىلىق ھەركىتى تەشكىللەش، ئۆكتىچىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىدى. ئەمما بۇ ئىراقنى ساددامدىن ئىبارەت بىر مۇستەبىتتىن قۇتقۇزۇش، ئىراق خەلقىنى ئەركىنلىككە چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ تەقەززاسىدىن ئىدى.
      ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىشتا، ياردەم قىلىنغۇچىنىڭ سەۋىيىسى ناھايىتى موھىم: ئۇلار «نادانغا بەرگەن ئېسىت كۆڭلۈم» شەكلىدە ياردەم بەرگۈچىنى ئوسال قىلىپ قويمىغۇدەك سەۋىيەدە بولىشى ئالدى بىلەن ئويلىشىلىدۇ. ئاندىن بۇ ياردەملەر دىپلوماتىيەدە سەتچىلىك پەيدا قىلماسلىقى ئۈچۈن «پىچاق ئارىيەت ئېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش» ئۇسلۇبىدا بولۇدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياردەم كىم تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقانلىقى پەردىلىنىدۇ. مەسىلەن: سوۋېت ئافغان ئۇرىشىدا CIA مۇجاھىتلارغا بېرىلگەن قورال- ياراقلارنى سوۋېتتە ئىشلەنگەن، مىسىرغا ياردەمگە بېرىلىپ، مىسىر ئامبارلىرىدا بېسىلىپ ياتقان قوراللارنى سېتىۋېلىپ، پاكىستاننىڭ قولى ئارقىلىق تەمىنلىگەن؛ بۇنىڭ بىلەن گويا مۇجاھىتلار سوۋېتلەردىن ئولجا ئېلىنغان قوراللارنى ئىشلىتىۋاتقان مەنزىرە يارىتىلغان. بۇندىن باشقا تۈركىيە ئامبارلىرىدا ياتقان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن قالغان قوراللار ئەۋەتىلگەن. چۈنكى ئامېرىكا ھەم بۇ ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ بالاغا قېلىشتىن ئۆزىنى تارتسا، ھەم سوۋېتلەرنىڭ پەخش يەپ، ئاجىزلىشىشىنى ئىستەيتى.)بۇ ھەرگىزمۇ بەزى سىياسىيون سىياقىدىكى ئابداللارنىڭ چۈشەنگىنىدەك، «ئافغانىستاننى قۇتقۇزىۋېلىش» ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش يولىدىكى رىقابەتچىسىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئىدى!)
    باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، ئۆز مىللىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق سىياسەت يۈرگۈزۈشكە (ئاسترىتتىن) يېتەكلەش، مەجبۇر قىلىش قاتارلىق ئىشلارمۇ ئىستىخبارات خىزمىتىنىڭ ئۆكتىچى ھەركەت تەشكىللەش تىپىدىكى تارمىقىدۇر.
       مەسىلەن: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە مۇقىم يەرلىشىپ قېلىشى ئۈچۈن ئىراقنىڭ كۈۋەيتنى بېسىۋېلىشىدەك قانۇنىي باھانە كېرەك ئىدى. شۇڭا كۈۋەيتنىڭ ئىشغالىغا قەدەر  ئىراق ئارمىيىسىنى تېخنىك ۋە تاكتىكا نۇقتىلىرىدىن تەربىيىلىگەن. ئەڭ ئىلغار قوراللار بىلەنمۇ تەمىنلىگەن؛ يەنە قورال ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىمۇ بەرگەن ئىدى. ئۇرۇش ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى بىرنەچچە پايدىغا ئېرىشتۈرگەن: ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك يەھۇدىيلارنىڭ قولىدا بولغان ئامېرىكا قورال سانائىتى ۋەيران بولۇش گىردابىدىن بىردىنلا گۈللەپ - ياشناش ۋەزىيىتىگە ئۆتكەن؛ ئامېرىكىنى ئوتتۇرا شەرقتە مەڭگۈلۈك قېلىشنىڭ قانۇنىي باھانىسى بىلەن تەمىنلىگەن؛ كۈۋەيتنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى ئاساسەن يەھۇدىي شىركەتلىرى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ سەرمايىسى 50 مىليارت دوللار ئىدى. بۇندىن باشقا سەئۇدىي ئەرەبىستانى شۇ يىلى نېفىتتىن 17 مىليارت دوللار پايدا ئالغان بولسا، ئۇرۇش سەۋەبىدىن (ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىملىرى، قوغدىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغدۇرغان قورال ئىھتىياجلىرى) 30 مىليارت زىيان تارتقان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچىيىپ كېتىشىنىڭمۇ ئالدى ئېلىنغان.

يالغان خەۋەر تارقىتىش

     ئەسلىدە بۇنى تەشۋىقاتنىڭ بىر تۈرى دېيىشكىمۇ بولۇدۇ. چۈنكى بۇنداق خەۋەرلەر رەسمىي مەتبۇئات ئارقىلىقمۇ تارقىتىلىشى مۈمكىن. ئەمما بۇ مەتبۇئاتچىلار تەرىپىدىن بېرىلىدىغان خەۋەر ئەمەس، ئىستىخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن جامائەت ياكى نىشاننىڭ ئالاقە مۇھىتىغا مۇئەييەن بىر مەخسەتكە تايانغان ئازدۇرغۇچى، خاتا ۋە ياكى چالا- كەمتۈك ئۇچۇرلارنىڭ يېيىلىشى يالغان خەۋەر تارقىتىش دەپ ئاتالماقتا. بۇ ئىستىخبارات تۈرىنى سوۋېت ك گ ب سى كەشپ قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەخسىدى: دۈشمەننىڭ مېڭىسىنى ئېلىشتۇرماق ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرماق ئۈچۈن قەستەن يالغان خەۋەرلەرنى جامائەت ئىچىگە تارقىتىشتۇر.
      تارىخىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ساختا خەۋەر ئويۇنى ئامېرىكىلىقلار تارقاتقان «يۇلتۇزلار ئارا ئۇرۇش» لاپلىرى بولۇپ، پۈتۈن «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كىرىشىلگەن قورال - ياراق مۇسابىقىسىنىڭ يوقۇرى پەللىسى ئىدى. ئۇزۇن يىللار كېيىن ك گ ب جاسۇسلىرىنىڭ ئەسلىمىسىدىن شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، «يۇلتۇزلار ئارا ئۇرۇش» پولىرىغا ئىشەنگەن رۇسلار ھەقىقەتەنمۇ قوراللىنىش مۇسابىقىسىدە يېڭىلگەنلىكىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولغان؛ غەرپنىڭ ئىستىلا ھەركىتى باشلىشىدىن ناھايىتى قورققان. بۇ سوۋېت ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ كۆپ راسخود ئاجرىتىپ، مۇقابىل قوراللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلغان. سوۋېتنىڭ رېئال ئىقتىسادىي كۈچى كۆتۈرەلەيدىغان چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھەربىي خىراجەت، سوۋېت ئىمپېرىيىسىنىڭ يېمىرىلىشىنى تېزلەتكەن موھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
كۈنىمىزدىكى ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىغا دائىر قىسمەن مەلۇماتلار
      دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ MOSSAD (ھەربىي ئىستىخباراتى AMAN )؛ ئامېرىكىنىڭ CIA، FBI(ئىچكىي ئامانلىققا قارىتىلغان)، DIA، NSA؛ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە بۈگۈنكى رۇسىيىنىڭ KGB؛ ئەنگىلىيىنىڭ MI5, MI6؛ گېرمانىيىنىڭ BND[font=] قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۈمكىن. بەزى غەرپلىك ئىستىخبارات مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ يېزىشىچە خىتايلار دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي ئىستىخبارات ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللىتى ھېساپلىنىدىكەن. چەتئەللىك ئىستىخبارات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كىتاپلىرىدا ھەرقاچان سۇنزىنىڭ «ئۇرۇش سەنئىتى»[كىتابىدىن نەقىللەر كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈش مۈمكىن.
   كۈنىمىزدە ئىستىخباراتقا بېرىلىۋاتقان ئەھمىيەت شۇنىڭدىن ئاڭلىشىلىدۇ: ئامېرىكىنىڭ NSA(National Security Agency) دا 95 مىڭ كىشى ئىشلەيدۇ، دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار كومپيۇتېرلىرى مۇشۇ يەردە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئورگاننىڭ قولىدىن يىلىغا 50 — 100 مىليون پارچە ھۆججەت ئۆتىدۇ. بىر كۈندە قىرىق توننا (مەخپىي) ئەخلەت چىقىرىدۇ. يىللىق مالىيە سەرپىياتى ئون مىليارد دوللار ئەتراپىدا. بۇ CIA دىن باشقا يەنە بىر ئىستىخبارات تەشكىلاتىدۇر.
NSA  بۈگۈنكى كۈندە مەۋجۇت كومپيۇتېر تېخنىكىسىدىن 15يىل ئالغا كەتكەن نانوتېخنىكىلىق كومپيۇتېرلارغا ئىگە. بۇ تەشكىلات دۇنيانىڭ بەش قىتئەسىگە جايلاشقان ئاڭلاش سىستېمىسى ئارقىلىق ئاتموسفىرادىكى بارلىق سىگناللارنى توپلايدۇ، ئانالىز قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى تېلىپۇن كۆرۈشمىلىرىدىن تارتىپ، دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ھەمرا سىگناللىرىغىچە بار. مەسىلەن: 1967- يىلى ئاپرىلدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم كېمىسى «سويۇزـ1» يەرشارىغا قايتىپ كېلىۋېتىپ چاتاق چىققاندا، تۈركىيەدىكى NSA پونكىتى بۇ قورقۇنۇچ ۋاقەنىڭ ھەممە تەپسىلاتىنى — پاراشۇتتىكى چاتاق ھەققىدە سۆزلىشىشلەر، ئۇچقۇچىنىڭ خوتۇنى بىلەن ۋىدالىشىشى، ئۇچقۇ ئاتموسفىرادا يېنىشقا باشلىغان چاغدىكى ئاخىرقى قېتىملىق پەرياتقا قەدەر — خاتىرىلىگەن ئىدى.
    CIA (مەركىزىي ئىستىخبارات ئاگېنتلىقى) دا ھازىر 16مىڭ كىشى ئىشلەيدۇ. يىللىق خامچوتى 30 مىليارد دوللار.
NRO (مىللىي تەكشۈرۈش ئىشخانىسى) ئەڭ باي ئىستىخبارات تەشكىلاتى بولۇپ، يىللىق مالىيە خامچوتى 50 مىليارد دوللار. بوشلۇققا قويۇپ بېرىلگەن چارلاش ۋە مەخپىي ئاڭلاش سۈنئىي ھەمرالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
DIA (مۇداپىئە ئىستىخبارات ئاگېنتلىقى) بۇ ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنى بولۇپ، 15 مىلياردلىق مالىيە سەرپىياتى بار. 21 مىڭ كىشى ئىشلەيدۇ.
      بۈگۈنكى دەۋردە زامانىۋىي ئارمىيىلەر ئالاقە ئىشلىرىنى چوقۇم ئېلىكترونلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن قىلىدۇ. بۇ ئەينى ۋاقىتتا مەخپىيەتلىكنىڭ جاكالىنىشى دېمەكتۇر. مەسىلەن: بىر باشقۇرۇلۇدىغان بومبا ئېتىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم سىمسىز تېلىگراپ ياكى تېلىپۇنلاردىن بۇيرۇق بېرىلىدۇ. بۇ دېمەك، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىن خەۋەردار بولۇش دېمەكتۇر. ئۇنىڭسىزمۇ، باشقۇرۇلۇدىغان بومبا، ئېتىشقا ھازىرلانغىچە ئارىلىقتا سانسىز مىكرو دولقۇن سىگناللىرى تارقىتىدۇ. بۇمۇ قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئىستىخبارات بېرىدۇ.
بۇ دېمەك، بۈگۈنكى ئىستىخباراتنىڭ خاراكتېرى ئېلىكترونلۇق ئىستىخباراتتۇر. بۇ نۇقتىدا شۇنى دېمەك مۈمكىنكى، ئېلىكترونلۇق ئىستىخباراتنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتتى. بۇنى شۇ سوئال ـ جاۋاپلاردىن بىلىشكە بولۇدۇ:
غەرپ رازۋىدكا فىلىملىرىدىكى ئۈستۈن ئېلىكترونلۇق كۈزۈتۈش تېخنىكىسى، كومپيۇتېرلاشقان ئايرىۋاشلاش، تەھلىل، خۇلاسە چىقىرىش جەريانلىرى ھەققىدە خىزمەتتىن ئايرىلغان بىر CIA خىزمەتچىسىدىن شۇنداق سورالغان:
— كىنولاردا كۆرسۈتۈلۈدىغان رازۋىدكىغا دائىر تەرەققىياتلار ھەرقانچە بولسىمۇ راست ئەمەستۇر؟ فانتازىيەدۇر؟
— راستلىقىغۇ راست، ئەمما بۈگۈنكى سەۋىيە ئەمەس، 15 يىلنىڭ ئالدىدىكى سەۋىيە.
يەنە بەزى مۇتىخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۈگۈنكى ئۈستۈن ھەربىي تېخنىكىلارنىڭ كومپيۇتېر بىلەن باشقۇرۇلۇشى، يەنە شۇنداق بىر يوچۇقنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىدۇ: كومپيۇتېر پروگىراممىلىرى ئارقىلىق، دۈشمەننىڭ سىستېمىغا كىرىش يوللىرىنى تېپىش، سىستېملىرىنى بۇزۇش ياكى يۆنۈلۈش ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئېتىلغان باشقۇرۇلۇدۇغان بومبىلارنى كەينىگە قايتۇرۇپ، قوزغالغان مەنبەسىگە ياكى ئاتقۇچىلار تەرىپىدىكى باشقا نىشانلارغا بۇرىۋەتكىلى بولۇدۇ.
    خۇددى شۇنداق. بۈگۈنكى ئېلكترونلۇق ئىستىخبارات، ئىستىخبارات ساھەسىدە ئىشلەيدىغانلاردىن باشقىلار تەسەۋۋۇر قىلالمۇغۇدەك مەنزىلگە كەتتى. بۇ جەھەتتە ئەڭ ئىلغار ئېلىكترونلۇق ئىستىخبارات ئورگىنى سۈپىتىدە يەنىلا ئامېرىكىنىڭ مىللىي ئامانلىق ئاگېنتلىقىنى كۆرسىتىش مۈمكىن.
بۇ تېخنىكىلاردىن بەزىلىرى مۇنۇلار:
يىراقتىن RNM ئەسۋاپلىرى
NSA نىڭ RNM جاھازى (يىراقتىن مېڭە كونترولى) كۈزۈتۈلۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىكى پوتېنسىياللارنى يىراقتىن ئوقۇيالايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بېرىملىرى (بېرىم — بەرگەن نەتىجىسى، بەرگەن مەھسۇلاتى، بەرگەن،...قاتارلىقلار)نى تەسىرگە ئۇچراتماق ئۈچۈن نېرۋا سىستېمى ئارقىلىق ئۇچۇر ئەۋەتەلەيدۇ. RNM ئېلىكترونلۇق بولۇش بىلەن شەخسلەرنى تونۇيالايدۇ ۋە ئۇلارنى ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە تۇرۇپمۇ كۈزۈتەلەيدۇ.
ئىنسان مېڭىسىدىكى EEG ئوقۇيالايدىغان ئالاھىدە EMF جىھازى
NSA دىجىتال (سىفىرلىق) كومپيۇتېر بىلەن كىشىلەرنى تونۇش ۋە كۈزۈتۈشنى قىلالايدۇ. NSA بەلگە ئىستىخباراتىدىن كەلگەن EMF (ئېلىكتروماگنىتلىق مەيدان) سىگنالى بىلەن ئىشلەنگەن ESB (مېڭە ئېلكترونلۇق ئاگاھلاندۇرۇش) كىشىلەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

تېلىپۇن ئاڭلاش

      تېلىپۇن ئاڭلاش بىر قەدەر ئومۇملاشقان ھەتتا ئادەتتىكى ئىستىخبارات مېتودىغا ئايلىنىپ قالغان بىر ئىش بولغاچقا، ھەممە كىشىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بار. ئەمما ئۇنىڭدىمۇ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تەرەققىيات بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ دەرىجىدە ئىلگىرى كەتكەنلىكى كىشىلەرنىڭ يەنىلا ئەقلىگە كەلمەيدۇ.
     بۇ مەۋزۇدىكى ئاڭلاش پەقەت تېلىپۇن ئاڭلاشقىلا قارىتىلمايدۇ. چۈنكى تېلىپۇن ئاڭلاش ئىنتايىن قولاي بىر ئۇسۇل بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇنى كىچىك بالىلارمۇ بىلىدىغان ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. مەخپىي ئاڭلاشنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپۈيۈپ كەتتى. ھەتتا ئوق ئۆتكۈزمەيدىغان، ئاۋاز ئۆتكۈزمەيدىغان ئالاھىدە ئەينەكلەردىنمۇ ئاڭلاش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى:
   ئۆي ئىچىدىكى ئاۋازلار ئەينەك يۈزىدە بەلگىلىك ئۆلچەمدە تىترەش ھاسىل قىلىدۇ. نورمالدا ھىچ ھىس قىلغىلى بولمايدىغان بۇ خىل تىترەش سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق پەرق قىلىنىدۇ، كۈچلەندۈرۈلۈدۇ ئاندىن يېشىلىدۇ. يەنى تەۋرىنىش خۇددى خېمىيەلىك تەجرىبىگە ئوخشاش قايتىدىن ئاۋازغا ئۆزگەرتىلىدۇ.

ئېلىكترونلۇق جاسۇسلۇق

بۈگۈنكى كۈندە ئېلىكترونلۇق جاسۇسلۇقنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان بىر سەۋىيەگە يەتتى.
مەسىلەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى دۆلەتلەردە گېرمانىيە ئالاقە سىستېمىسى، قاتناش سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچراتماق ئۈچۈن مىڭلارچە قارشىلىق كۆرسەتكۈچى پارتىزانلارنى سەپەرۋەر قىلىشقا توغرا كېلەتتى. جېنىنى ئالقىنىغا ئالغان ئاگېنتلار ھاياتىنى دوغا تىكىپ، تېلىپۇن سىمتاناپ تۈۋرۈكلىرىنى ۋە كۆۋرۈكلەرنى پارتلىتىشى، ئوق - دورا توشۇۋاتقان پويېزلارغا ھۇجۇم قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمدى سىفىرلىق (دىجىتال) جاسۇسلۇق دۇنياسىدا بولسا ئوخشاش ئىشنى مىڭلارچە كلومېتېر ئۇزاقتىكى شەخسىي بىر كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ قىلغىلى بولۇدۇ.
     شۇنداق بولغاچقا، بىرمۇنچە دۆلەتلەرنىڭ مىللىي بىلىم ئاساسىي زەئىپ بولۇشى، ئۇلارنى كەلگۈسىنىڭ سىبەر ئۇرۇشلىرىدا مۇداپىئەسىز قالدۇرۇدۇ. بۇ ئەسنادا، تېخىمۇ تېز ۋە ھۇجۇمچى كومپيۇتېرلار ئىشلەپچىقارماق ئۈچۈن مىليارتلاپ دوللار مەبلەخ سېلىنىۋاتىدۇ. دۈشمەننىڭ ئۇچۇر سىستېمىغا سىڭىپ كىرەلەيدىغان جاسۇس پروگراملىرى ئىشلىمەكتە. بۇ ئارىدا ھەتتا بولغۇسى بىر ئۇرۇشتا ئىشقا سېلىش ئۈچۈن ھازىرلانغان ئونلارچە كومپيۇتېر ۋىرۇسى تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق ۋىرۇسلار دۈشمەن دۆلەتنىڭ پۈتۈن كومپيۇتېر سىستېمىنى يېمىرىپ تاشلايدۇ؛ ئىقتىسادىنى، ئالاقە ۋە ھەتتا دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشى مۈمكىن.
سىبەر ئىستىخبارات
Cyber ئىستىخبارات — ئېلىكترو- ئاپتوماتىك ۋە دىجىتال (سىفىر) سىستېملىرى بىلەن ئىلغار تېخنولوگىيە مۆجىزىسى بولغان ماشىنىلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە كونترولى «سىبەرنېتىك» دەپ ئاتالماقتا.
بۇ تۈردە، تور ئارقىلىق ئۇچۇر ئوغۇرلاش، بۇزغۇنچىلىق، كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى كۆرسۈتۈش مۈمكىن. يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىغا جاسۇسلۇق سىستېمى يۈكلەش، بۇنىڭ بىلەن بۇ كومپيۇتېرنى شېرىك كۆرۈپ تۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، بەزى يۇمشاق دېتاللار ئىشلەپچىقارغۇچىغا كېرەكلىك ئۇچۇرلارنىلا توپلاپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكەن كومپيۇتېرلاردىن خوجايىنغا يوللاپ تۇرۇشقا «ئۈگۈتۈلگەن» ئەقىللىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
   مەسىلەن: پرومىس ناملىق يۇمشاق دېتال ساقچى ئورگانلىرىدا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان دېتال بولۇپ، ئىزدىگەن شەخسنى تېپىش ياكى مەلۇم شەخس ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرنى دەرھال بىر يەرگە توپلاش قاتارلىق ئىشلارغا يارايتى. بۇ دېتال ساقچى ئىدارىلىرى تەرىپىدىن مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئېلىنغان. دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ساقچى ئورگانلىرى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتال كۆرۈنگەن يۈزى بىلەن ساقچىلارنىڭ ئىشىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە، ساقچى ئىدارىسىنىڭ كومپيۇتېرىدىكى بارلىق ئۇچۇرنى يۇمشاق دېتالنى ئىشلىگەنلەرگە يوللاپ تۇرۇدۇغان يوشۇرۇن ۋەزىپىنىمۇ ئورۇندايتى.
      فىرانسىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى مىكروسوفت ۋىندوۋسنىڭ بەزى يوشۇرۇن «ئارقا ھويلا»لىرى بارلىقىنى بايقىغان. ئەمما بۇ ئارقا ھويلالار زادى نېمە ئۈچۈن كېرەكلىكىنى جەزم قىلالمىغان. يەنى ۋىندوۋسنىڭ ئومۇمىي مەشغۇلاتىدا «كېرىكى يوق» بەزى ھۆججەتلەرنىڭ بارلىقى بايقالغان. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىستىخباراتچىلىق ۋەزىپىسى بولىشى مۈمكىنلىكى پەرەز قىلىنغاچقا، فىرانسىيەدە مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنغان. كېيىن رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى ھۆكۈمەت كومپيۇتېرلىرىدا ئىشلەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزلىرى يۇمشاق دېتال ئىشلەپ چىققان.
     مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى گۇمان بەزى دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن. كانادالىقلار مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىدا NSA بەلگىلىك بەزى كودلارنى بايقىغان ئەمما شىفىرلىرىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ يېشەلمىگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىقىدا ئوينالغان بەزى ئويۇنلارنىڭ بارلىقى قىياس قىلىنماقتا.
    كومپيۇتېر قاراقچىلىرى (ھاكېر)نى ئومۇمەن ئىسرائىلىيە يوقۇرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشقا سالىدىغانلىقى، ھەر قېتىملىق ھاكېرلار ئۇچرىشىشى ئىسرائىلىيەدە بولۇدىغانلىقىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

تېلېقۇلاق (Echelon)
دۇنيادىكى بارلىق تېلىپۇن، فاكس، يانپۇن، SMS ۋە ئېلخەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان غايەت زور بىر «قۇلاق» — تېلېقۇلاق. دۇنيانىڭ يوشۇرۇن بىر قۇلاق تەرىپىدىن تىڭشىلىۋاتقانلىقى 1960 - يىلى بىلىنگەن ئىدى. سوۋېتكە ئىلتىجا قىلغان NSA خىزمەتچىسى بېرنون مايكىل ۋە ۋىليام مارتىننىڭ ئاخباراتچىلاغا ئاشكارىلىشى بىلەن NSA نىڭ 2000 جايدىكى تىڭشاش پونكىتى ۋە بۇ پونكىتلار جايلاشقان دۆلەتلەر داخىل 40 دۆلەتنىڭ ئوغۇرلۇقچە تىڭشىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. بۇ 1960 - يىلىدىكى سەۋىيە بولسا، بۈگۈنكى ئەھۋال قانداقتۇ؟ بۇنى قىياسەن ھىس قىلىش مۈمكىن.

ئېلىكتروماگنىتلىق ۋە پىسخوترونىك ئوپېراتسىيىلەر

كومپيۇتېرىڭىزنىڭ كونۇپكا تاختىسىدىن، ئېكرانىدىن، مودەم كابىلىدىن ۋە باشقا بۆلەكلىرىدىن تارقىلىدىغان ئېلىكتروماگنىتلىق تارقىلىملار كونۇپكا بېسىشلىرىمىز، ئېكراننىڭ كۆرۈنۈشلىرى ۋە مودەمدىن ئۆتۈۋاتقان سىگناللارغا مۇناسىۋەتلىك. كېرەكلىك جىھازلىرى بولغان بىرى بۇ نۇرلارنى بىر ھەتتا ئىككى كلومېتېر ئۇزاقلىقتىن خاتىرىلىيەلىشى مۈمكىن. ھەمدە ئېكرانىڭىزدا كۆرۈنگەنلەرنى، كونۇپكىدىن نېمىلەر كىرگۈزگەنلىكىڭىزنى ياكى مودەمىڭىزدىن نېمىلەرنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بۇ نۇرلارغا ئىشلەش ئارقىلىق تەكرار قۇراشتۇرالايدۇ، كۆرۈنۈش ھاسىل قىلالايدۇ. بۇلار ئېلىكتروماگنىتلىق ئوپېراتسىيىلەردۇر.
     بۇنداق ئۇلترا نۇر يېيىلىمىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلار ھەرقانداق بىر ئەرزان رادىئو ئارقىلىق كومپيۇتېر تارقاتقان «پارازىت»لارنى ئوخشىمىغان دولقۇنلاردىن ناھايىتى ئاسان ئۇقالايدۇ. مانا شۇ «پارازىت»لارنى ئوقۇغۇلى بولۇدىغان بەلگىلەرگە ئايلاندۇرۇش تەسەۋۋۇر قىلىنغىنىدىن ئاسانراق.
بۇنداق ئېلكتروماگنىتلىق كۈزىتىش ۋە ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاشتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى شۇلار:
ئىشلىتىلىۋاتقان جىھازنىڭ دولقۇن تارقىتىشىنى نىقاپلاش، سۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق توسىۋالماق؛ يېيىلىۋاتقان دولقۇنلارغا شاۋقۇن ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇققىلى بولماس ھالغا كەلتۈرۈش ياكى جىھازنىڭ ئىشلەش ئاساسىنى يەڭگۈشلەش ئارقىلىق، يېيىلغان بەلگىلەرنى ئىشلەپچىققان ئۇچۇردىن تازىلىماق.

قورقۇنۇچلۇق قورال — ئېلىكترومېخانىك بومبا

ئامېرىكا رايدېئون شىركىتى يولۇچى ئايروپلانلىرىنى يەردە تۇرۇپ تىزگىنلەش سىستېمى بولغان JPALS نى جىددىي تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ تۈر ئىشقا ئاشسا، كونترولىنى يوقاتقان يولۇچى ئاپروپلانلىرى يەردىن باشقۇرۇلۇپ، ئامان- ئېسەن نىشانغا يەتكۈزىلىدۇ؛ ياكى ھاۋا قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان ئايروپلانلارنىڭ ئۇچۇش سىستېم كودلىرى (ئۇچقۇچى بەرمىگەن تەقدىردىمۇ) يېشىلىدۇ ۋە كوترولى ئىشغال قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەتتا ھاۋا مۇداخىلەسىگىمۇ ئارىلىشىپ، بىخەتەر بىر يەرگە قوندۇرىۋېلىنىدۇ. ھەتتا بۇ تېخنىكا بىلەن ئادەتتىكى يولۇچى ئايروپىلانى بىر باشقۇرۇلۇدىغان بومبا ئورنىدا قوللۇنۇلىشى ھەم مۈمكىن. ئامېرىكا 11 - سىنتەبىر ۋەقەسى تۈپەيلىدىن بۇ تېخنىكىنى بىرلىرى قولغا كىرگۈزىۋالغانمىدۇر، بۇ شۇ تېخنىكا سايىسىدە قىلىنغان ۋاقەمىدۇر دېگەن گۇمان بىلەن بارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشى ۋە ئورۇنلارنى قاتتىق تەقىپتىن ئۆتكۈزدى. چۈنكى بۇ تېخنىكىنىڭ تېرورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىش ئىھتىمالى ھەرقانداق دۆلەتنى تەشۋىشكە سالاتتى.
      ئامېرىكا يەنە ئېلىكترومېخانىك بومبا ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ بومبا تەسەۋۋۇرنى ھالقىغان ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈشى مۈمكىن. ھەر ئىش كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا بولۇپ بولۇدۇ: ئۆينىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان بىر كىشى ئاۋال ئۇزاقتىن كېلىۋاتقان قاسىلداشنى ئاڭلايدۇ. بۇ ئاۋازنى چاقماق چېقىش دەپ قېلىشى مۈمكىن. ئۇ بۇلارنى ئويلاپ بولغىچىلىك ئارىلىقتا بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيا ئەڭ ئاز 200 يىل ئارقىغا، توكنىڭ كەشپ قىلىنىشىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تاقاقلىق بولىشىغا قارىماي، تېلىۋىزور ئېكرانلىرى فتورلۇق نۇر بىلەن قورقۇنچ شەكىلدە پارلايدۇ. توك ۋە تېلىپۇن سىملىرى شۇ قەدەر قىزىيدۇكى، پىلاستىك قېپى ئېرىپ كېتىدۇ؛ ئوزۇن قاتلىمى كۆيگەن پىلاستىك پۇرىقى بىلەن تولۇدۇ.باتارىيىلەر قىزىپ، قول بىلەن تۇتقۇسىز ھالغا كېلىدۇ؛ كومپيۇتېرلار كۈلگە ئايلىنىدۇ. رادىئولار، تېلىپۇنلار، سىمسىز سۆزلەشكۈچلەر، بارلىق ماشىنىلار ھىچ كېرەككە كەلمەس ھالغا كېلىپ، ئۈنى ئۆچىدۇ. ئەمما بۇنىڭدا ئىنسانغا ھىچ زىيان كەلمەيدۇ ـ يۇ، ئىنسانلىق جەمىيىتى 200 يىل ئارقىغا چېكىنىدۇ. ئاۋسترالىيەلىك يوقۇرى تېخنىكىلىق ئۇرۇش مۇتىخەسىسى كارلو كوپپانىڭ دېيىشىچە بۇ قورقۇنۇچ قورالنى 1940- يىللارنىڭ تېخنىكىسى بىلەنمۇ ياسىغىلى بولۇدىكەن. تېخىمۇ يامان يېرى بۇنى 400 دوللارچە سەرپىيات بىلەن پۈتتۈرگىلى بولۇدىكەن! بۇ دېمەك، بۇنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى شەخسلەر ئۈچۈنمۇ مۈمكىن بولۇدىغان چەكتە بولغانلىقى، يامان ئادەملەرنىڭ بۇنى تەتقىق قىلىپ ياسىۋېلىش ئىھتىمالىنىڭ چوڭلىقى دېمەكتۇر.

زېھىن كونترولى ۋە ئىستىخبارات

زېھىن كونترولى — بىر كۈچ مەركىزى تەرىپىدىن بىر كىشى ياكى بىر ئىنسان توپىنىڭ ھەددى – ھەركىتىنى كونترول قىلىش، ئالماشتۇرۇش ياكى يۆنلەندۈرۈش دېمەكتۇر.
دەسلەپكى چاغلاردا ئۆز ئارا رەقىپ ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىگە قارىتىلغان بۇ خىل كونترول مېتودى، بۈگۈن باشقۇرۇش ئاستىدىكى بارلىق شەخسلەرگە، گورۇپلارغا ھەتتا كەڭ ئاممىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يەنى زېھىنلىرى كونترول قىلىنغانلار باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن ئىش - ھەركەت قىلىدۇ؛ ئەگەر مەلۇم بىر ۋەزىپىگە ئەۋەتىلگەن ئادەم يىراقتىن كونترول قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئختىيارىدىن ئەمەس، كونترول قىلغۇچىنىڭ مەيلى بىلەن قىلدۇرۇلۇدۇ ياكى قىلماقچى بولغان ئىشى ئەكسىچە تەرەپكە يەڭگۈشلىۋېتىلىدۇ.
بۇ ئۇسۇل ھازىر رەسمىي ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە: يىراقتىن كونترول قىلىنغان ئادەم ئارقىلىق، »جانلىق بومبا« يەنى، ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇملار تەشكىللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
شۇئانغا قەدەر بولغان زېھىن كونترول مېتودلىرى شۇنداق تۈرلەندۈرۈلگەن:
ئا. كوچا تياتېرى (Street Theatre): سوتسيال پىسخولوگىيەدىكى «ئىتائەت سىناقلىرى»نىڭ نەتىجىلىرىدىنمۇ پايدىلىنىپ، كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەركەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدىن تاشقىرى، بىر سىنارىيەدىكىدەك يەڭگۈشلىۋېتىشنى مەخسەت قىلىدۇ.
ئە. كۆزۈتۈشكە تېگىش تەرەپلەرگە يۆنلەندۈرۈش (SurveillanceInformation): بۇ مېتوددا مەخسەت، كىشىنىڭ بەدىنىگە ئۇنىڭ خەۋىرىسىز جايلاشتۇرۇلغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر تۈرلۈك كۆزۈتۈش جىھازلىرى ۋاسىتىسى بىلەن، ئىش – ھەركىتىنى خاتىرىلەيدىغان خەۋەر قىلغۇچى ئورناتماق ۋە بۇنىڭغا تېلىپۇن ئاڭلاش، ئېلخەتلەرنى ئوقۇش، تېلىپۇن ۋە ئېلخەت ئوغۇرلۇقى، پىتنە – پاسات پەيدا قىلىش، مەتبۇئاتتا يالغان خەۋەر تارقىتىش تېخنىكلىرىنى قوشۇمچە قىلىپ، كىشىنىڭ ھەركىتىنى بەلگىلىك بىر نۇقتىغا قارىتا يۆنلەندۈرمەكتۇر.

ب. ھىپنوزۋە دورىلار:
      بۇ قەدىمدىن كېلىۋاتقان، رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بىر خىل قىلىق بولۇپ، ئىنساننى «ئۈچەك» ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ مېڭىسىدىكى ئوي - خىياللىرىنى بىلىۋېلىش، ئىختىيارىدىن تاشقىرى (ئاڭسىزلىق ئىچىدە) كۆڭلىدىكى سىرلىرىنى ئاشكارىلاتقۇزۇش ئۇرۇنۇشىغا قارىتىلغان. يەنە يېڭىدىن بۇ خىل روھى ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈدۇ ياكى كۈچەيتىدۇ دەپ قارىلىدىغان دورىلار بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، ئىنسانلار ئۈستىدە سىنالماقتا.
پ. ئىدىيە تازىلاش: بۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شۇنىڭدەك مۇستەبىت تۈزۈملەردە كۆپ ئىشلىتىلگەن، ھەممە كىشىنى ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇش، دۆلەت قانداق خالىغان بولسا شۇنداق ئويلاش، شۇنداق پىكىر قىلىشقا يېتەكلەشكە قارىتىلغان ئاتالغۇ بولۇپ، بۈگۈنكى جاسۇسلۇق بۇنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرماقتا.
ت. مىكرودولقۇن ئارقىلىق غولغۇن توپنى كونترول قىلىش قورالى: ئاتوم بومبىسىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ كەشپىيات دەپ قارىلىۋاتقان بۇ قورالنىڭ ئاممىۋىي نامايىشلارنى قانسىز شەكىلدە باستۇرۇش مەخسىدى بىلەن بارلىققا كەلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. «زېھىن كونترولى» تىپىدا بۇنداق بىر قورالنىڭ ئورۇن ئېلىشىنىڭ سەۋەبى، بۇ قورال تەرىپىدىن زەربىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بۇنى سەزمەسلىكىدۇر.

ئېچىتىش

ئېچىتىش — Provacation (پروۋاكېيشەن) — ئىستىخباراتتىكى يەنە بىر مېتود بولۇپ، مەلۇم جامائەت، مەلۇم پارتىيە- گورۇھ، مەلۇم دۆلەتنى كۆزلىگەن كۆز قاراشقا، مەيدانغا، پوزىتسىيىگە،... كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېچىتىش ئۇسۇلى قوللۇنۇلۇدۇ. ئېچىتىش ئىككى خىل بولۇدۇ: بىرى ئوپېراتسىيە شەكلى، بۇ بەلكىم قانلىق ئوپېراتسىيە بولىشىمۇ مۈمكىن؛ يەنە بىرى تەشۋىقات ئارقىلىق ئېچىتىش. ئەمما ھەر ئىككىسىدە تەشۋىقات بار. يەنى ئاۋالقى ئۇسۇل (ئوپېراتسىيە) ئارقىلىق قانلىق ۋاقە تۇغدۇرۇلغاندىن كېيىن، دەرھال تەشۋىقات مىخانىزىمى ئىشقا چۈشۈپ، ۋاقەنى كۆزلەنگەن يۆندە مۇلاھىزە قىلىپ، جامائەتنىڭ (دۆلەتنىڭ، پارتىيە- گورۇھنىڭ) غەزىپى كۆزلەنگەن يۆنۈلۈشكە توغرۇلۇنۇدۇ.
بۇ ھەقتە تۈركىيە ئىستىخبارات ئورگىنىدا ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققان ماھىر قايناق «ئەرگەنىقون» ناملىق كىتابىدا شۇنداق يازىدۇ:
«بىر گورۇھنىڭ دۇنيانى ياكى بىر دۆلەتنى باشقۇرۇدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدىغان بولساق، ئېچىتىش ئۇلارنىڭ مېتودلىرىدىن بىرىدۇر.
«ھەرقانداق بىر جىنايەت ئۆتكۈزۈش ياكى بىر قارشىلىق ھەركىتى قىلىش نىيىتىدە بولمىغانلارنى ئاۋال جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە، قارشىلىق ھەركىتى ئېلىپ بېرىشقا ماقۇل كەلتۈرۈپ، ئاندىن بېرىپ پاش قىلىسىز. بۇ ئۇسۇل مەلۇم توپلارنى (جامائە، گورۇپ) تۇتقۇن قىلماق مەخسىدىدە قىلىنىدۇ. ئاتالغۇ دەسلەپ مۇشۇ خىل قىلمىشتىن كېلىپ چىققان. بىرمۇنچە ئادەملەرگە بېرىپ دەيسەنكى، ‹قېرىندىشىم، بېرىپ دۆلەتنى ئاغدۇرايلى، ئورنىغا ئىسلامىي تۈزۈم ئورنىتايلى....› ئۇلارنىڭ ھىچ ئۇنداق نىيىتى يوق. باشلامچىلىق قىلىسىز، كېيىن ھەممىسىنى دۆلەتكە مەلۇم قىلىپ، قولغا ئالدۇرىسىز. شۇنداق قىلىپ، بۇ كىشىلەرنى ئوتتۇرىدىن قالدۇرىسىز. ئېچىتىش دېگەن مانا شۇ.
      «ئەڭ موھىم ‹ئېچىتىش› 11- سىنتەبىر ۋاقەسىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىلىيەدە مېترو بېكىتىدىكى پارتلاشلار ناھايىتى ياخشى مىسال. ئەنگىلىيە ئىشغالچى بولىشىغا قارىماي، ھەم مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى، ھەم مۇسۇلمانلارمۇ ئۇنىڭغا ئىراقتا ئۇلار يوقتەك مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. مېترودىكى ئوپېراتسىيە بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتىكى: ئەنگىلىيىلىكلەر ئىراقتا ئىدى، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ دۈشمىنى ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئەنگىلىيە خەلقى مۇسۇلمانلارنىڭ ‹تېرورىست› ئىكەنلىكىنى بىلدى. بەك قاملاشقان بىر ئوپېراتسىيە ئىدى ۋە بۇنىڭ ئەل- قائىدە تەرىپىدىن قىلىنغان بولۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. قىلالىسا پەقەت ئامېرىكا قىلالايتى. يەنى، ئامېرىكا ئەنگىلىيىگە: ‹مېنى يالغۇز قويۇۋاتىسەن، پۈتۈن تالۇنلارنى مەن تۆلەۋاتىمەن، بىر ئازىنى سەن تۆلە› دېمەكچى بولغان بولۇشى مۈمكىن.»
    يەنە بۇنداق «ئېچىتىش»لار باشقىلارنىڭ نامى بىلەن، يەنى «پىچاق ئارىيەت ئېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش» شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىشى مۈمكىن. بۇ ھەقتە يوقارقى مەنبەدە شۇنداق دېيىلىدۇ:
«باشتا ئۆز نىشانى، ئەزالىرى (كادىرلىرى) بولغان بەزى تەشكىلاتلار كۈچىنى يوقاتقاندىن كېيىن ياكى قارشى تەرەپنىڭ كونتروللىقىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىنمۇ دەرھال يوقۇتۇۋېتىلمەيدۇ. (تەشكىلات) ئىسمى ۋە كادىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ‹ياغلىق قاپاق› قىلىش ئۈچۈن ساقلاپ قېلىنىدۇ؛ باشقا كۈچلەرنىڭ قىلغان ئوپېراتسىيەلىرى ئۇلارنىڭ ئېتىغا يېزىلىدۇ.»
مەسىلەن، بۇ نۇقتىدا ئوسامە بىن لادىننىڭ تۇتۇلماسلىقى، ئەل- قائىدەنىڭ مەۋجۇتلۇقۇنى ساقلىشى قاتارلىق مىساللارنى كۆرسۈتۈش مۈمكىن. ئۇلارنىڭ ئىسمى يەنە كېرەك بولۇدىغانلىقى، قىلىنغۇسى بەزى ئوپېراتسىيەنىڭ يامان ئاتىقى ئۈچۈن ئادرېس كۆرسۈتۈشنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ساقلىنىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس.

      «باشتا بۇنداق بىر تەشكىلات بولمىسىمۇ، خىيالىي بىر تەشكىلات يارىتىلىپ، ۋەقەلەرگە ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلۇدۇ. مەخسەت توپلۇمنى (ئىجتىمائىي كوللىكتىپنى — كىشىلەر جەمىيىتىنى) بەلگىلىك بىر يۆنۈلۈشتە شەرتلەندۈرمەك بولسا، تەشكىلاتنىڭ بار- يوقلۇقى، ياكى باشتىكى نىشانىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئوپېراتسىيەنى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈچ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈۋېلىپ، خالىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى مۈمكىن.»
يەنە ئوتتۇرۇلۇقنى قوچۇش، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن بەزىدە ئوخشىمىغان گورۇھلار شەكلىدە ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىلىشى مۈمكىن. كۆپ ھاللاردا جامائەت بۇلارنى بىر نەچچە ئوخشىمىغان تەشكىلات، ئوخشىمىغان پارتىيە- گورۇھ سۈپىتىدە كۆرۈشى مۈمكىن. ئەمما بۇلارنىڭ ئەسلىدە بىر قوماندانلىقتىن باشقۇرۇلۇدىغانلىقى ئەقىلگە كەلمىكى تەس. يۇقارقى كىتاپتا بۇ ھەقتە شۇنداق دېيىلىدۇ:
      «بىر بىرىگە قارىمۇ - قارشىدەك تۇيۇلۇدۇغان تەشكىلاتلار بىرلا كۈچنىڭ كونتروللىقىدا بولىشى مۈمكىن. بۇنداق قارىمۇ قارشىلىقتىن ئىككى نەتىجە كۈتۈلۈشى مۈمكىن: يا تەرەپلەردىن بىرى ۋەكىللىك قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىنغان تەشكىلات باھانە قىلىنىپ، ئونىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى يېمىرىپ تاشلىنىشى مۈمكىن؛ يا ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا ماجراسىنى بېسىقتۇرغۇچى سۈپەتتە ئوتتۇرىغا ھاكىم بولۇنۇدۇ.»
بۇ بىزنىڭ يېقىن كەچمىشىمىزدە مىسالىغا دۇچ كەلگەن بىر خىل مېتودتۇر.
    «ئاۋال سىياسىي نىشانى بولغان ۋە تېرورچىلىق قىلىدىغان بىر تەشكىلات قۇرۇلۇدۇ ياكى بار بولغان بىر تەشكىلات كونتروللۇققا ئېلىنىدۇ. ئاندىن بۇنىڭ بىلەن سۈركۈلۈش قىلىدىغان، قارشى كۆز قاراشتىكى بىر تەشكىلات تەشكىللىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئۆزئارا تىركىشىۋاتقان مەزگىلىدە توپلۇم كەڭ كۆلەملىك ئۇچۇر بېسىمى ئاستىدا قالىدۇ ۋە (باشقۇرغۇچى) خالىغان كۆز قاراشلار توپلۇم ئىچىدە شەكىللىنىدۇ.»

خۇلاسە

جاسۇسلۇقنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى پەقەتلا تېخنىكىلىق يېقىدىنلا ئەمەس، ئۇسۇللىرى، تۈرلىرى جەھەتتىنمۇ تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان سەۋىيەدە. سىز ئۆزىڭىزنى ھەرئان بىر يوشۇرۇن كۆزنىڭ كۈزۈتۈپ تۇرغانلىقىنى پەرەز قىلسىڭىز خاتالاشمايسىز؛ بىر يوشۇرۇن قۇلاقنىڭ ئاڭلاپ تۇرغىنىنى قىياس قىلسىڭىز يېڭىلىشمايسىز.


--------------------------------------------------------------------------------
 情报(چىڭباۋ) ۋە 公报(گوڭباۋ) — ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاشلا ئاخبارات دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كەلدى. ئاخبارات — ئەرەپچىدە ئەخباردىن تۈرلەنگەن بولۇپ، خەۋەر دېگەن مەنىدە. ئۇيغۇرتىلىدا بۇ مەتبۇئاتقا بېرىلىدىغان رەسمىي جاكا ۋە جاسۇسلۇق ئۇچۇرى مەنىلىرىدە قوللۇنۇلۇپ كېلىنمەكتە، —ئا.
توماس پوۋېرس: «ئىستىخبارات ئۇرۇشلىرى» (تۈركچە نەشرى)
 ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم» (تۈركچە نەشرى) — ئا.
گۈلتېكىن ئاۋجى: «ئىستىخبارات تېخنىكلىرى» (تۈركچە نەشرى)
[font=][5][/url] سۇنزى (战术) «Zhanshu» (ئۇرۇش سەنئىتى)— ئا.
ھىپنوز — ئىلگىرى رۇسچىدىكى تەلەپپۇزى «گىپنوز» شەكلىدە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. بۇ بىر خىل داخانلارنىڭ كېسەلنى «يىقىتىپ، سۆزلۈتۈش» ئۇسۇلىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىسخولوگىيىلىك داۋالاش ياكى دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ئىدى، —ئا.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

178

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   59.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13374
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 15
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 21:35:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولۇدۇكى، كۆپ دۆلەت جاسوسلۇق ئارقىلىق غەلبە قىلغان .يەنىمۇ شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى ھازىر  بىر مىللەت جاسوسلۇق قىلىپ يوقىلىش ئالدىدا.....!!!!!!!!!!!!!!!!!! پەخەس بول كوچىدا، يېنىڭدىن ھەم ئەتىراپىڭدىن.

بۆرە

4

تېما

0

دوست

5555

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5484
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1218
تۆھپە : 887
توردىكى ۋاقتى: 254
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 22:08:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېممىڭىزىغا كۆپ تەشەككۈر   
كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم !

بىزنىڭ دىھقانلا

1

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12296
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 3772
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 22:26:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتىن كۆپ رەخمەت ، نۇرغۇن چۈشەنچىلىرىم ئايدىڭلاشتى.

0

تېما

0

دوست

1248

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13593
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 291
تۆھپە : 193
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 23:00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېممىڭىزىغا كۆپ تەشەككۈر   
كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم !

0

تېما

1

دوست

5463

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12698
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 558
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 23:37:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەركەن. بىزنىڭ كونىلىرىمىز :" تۆت تامنىڭمۇ قۇلىقى بار" دەپتىكەن. راست شۇنداقتەك قىلامدۇ نېمە؟...........

ayixaibrayim

0

تېما

0

دوست

7809

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11990
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1610
تۆھپە : 1288
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 05:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت نۇرغۇن نەرسلەرنى بىلۋالىدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )