تىزىملاتقان 2012-11-28 ئاخىرقى قېتىم 2013-4-8 ھوقۇقى 1 جۇغلانما 4264 نادىر 17 يازما 86
ئۆسۈش
78.97%
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: 11813
دېمۇكراتىيە دىگەن نىمە؟
لىۇ جۇننېڭ
دولان تەرجىمىسى
ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بويان « دېمۇكراتىيە » دىگەن بۇ ئاتالغۇ جوڭگولۇقلارغا ناتونۇش بولمىسىمۇ بىراق راستىنى ئېيىتقاندا جوڭگۇدىكى « دېمۇكراتىيە » دىن پەقەت خان-پادىشاھلا مەنپەئەتلىنىپ، پۇخرالار چەتتە قالدۇرىلدى. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىككى مىڭ يىلدىن بورۇنقى ئوتتورا يەر دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى ئافىنالىقلار « دېمۇكراتىيە » گە قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇلار « دېمۇكراتىيە » نى « ئۆز ئىشىغا ئۆزى خۇجابولۇش ياكى پۇقرالار قوشۇلمىسا ھېچقانداق كىشى قارار چىقارماسلىق » دەپ چۇشەندى. شۇنىڭ ئۇچۈن قەدىمقى گېرىتسىيە دۇنيادىكى بىردىنبىر دېمۇكراتىك دۆلەتكە ئايلانغان ئىدى.
گېرىك تىلىدىن كەلگەن « دېمۇكراتىيە » نىڭ مەنىسى خەلق ھاكىمىيەتنىڭ خۇجايىنى دىگەنلىك بولىدۇ. دېمۇكراتىيەنىڭ نۇرغۇن ئېنىقلىمىسى بار، مەسىلەن دېمۇكراتىيە دىگەن خەلق ئەركىن ئاساستا قۇرۇپ چىققان ھاكىمىيەت، دېمۇكراتىيە دىگەن خەلق ئەڭ يۇقورى ئابرۇيغا ئىگە بولغان ھاكىمىيەت. كەڭ تارقالغان ئېنىقلىمىسى بولسا دېمۇكراتىيە دىگەن خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خۇجا بولۇش دىگەنلىك. ئامىرىكا زوڭتوڭى لىنكولىن دېمۇكراتتىك سىياسىينى « خەلق ئىگىدارلىق قىلىش، خەلق باشقۇرۇش، خەلق بەھرىمان بولۇش » دىگەن ئۇچ ئالاھىيدىلىككە يىغىنچاقلىغان. ئەگەر ئەركىنلىكنىڭ مەنىسى « مەن ئۆزەمنىڭ خۇجايىنى » دىگەنلىك بولسا، ئۇنداقتا دېمۇكراتىيەنىڭ ئېنىقلىمىسى « مەن بۇ دۆلەتنىڭ خۇجايىنى » دىگەنلىك بولىدۇ.
ھازىرقى جەمىيەتتىكى دېمۇكراتىك سىياسىي بولسا،پۇقرالار ئۆزلىرى سايلاپ چىققان ۋەكىل ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خۇجا بولىشغا ياردەم بىرىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۈن ھازىرقى زاماندىكى دېمۇگراتىك سىياسىي ئۆزنۆۋىتىدە پارلامىنىت تۇزىمىدىكى دېمۇكراتىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇگۇنكى دۇنيادا ھەممە ئىتىراپ قىلغان دېمۇكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى پارلامىنىت دېمۇكراتىيەسىنى يولغا قويغان بولۇپ، دېمۇكراتىيە بارلىققا كەلگەن گىرېتسىيەمۇ پارلامىنىت دېمۇكراتىيەسىنى يولغا قويىۋاتىدۇ.
پارلامىنىت دېمۇكراتىيەسى دىگىنىمىز پۇقرالار ئۆزى سايلىغان ۋەكىل ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. پارلامىنىت دېمۇكراتىيەسىدە خۇجايىن بىلەن باشقورغۇچى ئايرىلغان، پۇقرالار خۇجايىن بولۇپ، ئاشكارا رىقابەت ئارقىلىق ئىش ئورنىغا چىققان ئىقتىدارلىق چاكارلار ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرىدۇ،دۆلەتنىڭ يۇرۈشلەشكەن نازارەت ئاپىراتى چاكار ۋە ھۆكۇمەت ئورگىنىنى نازارەت قىلىپ، چاكارلارنىڭ ھۆقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىپ خۇجايىن بولىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پارلامىنىت دېمۇكراتىيەسىدە پۇقرالار سايلىغان ۋەكىل قانۇن تۇرغۇزۇش، مەمۇرىيەت ۋە ئەدىلىيە ھوقۇقىنى پۇختا ئىگەللىگەن بولىدۇ.
ھازىرقى زامان دېمۇكراتىك سىياسىيدا ھەربىركىشى ھەرگىزمۇ يەككە ھالدىكى خۇجايىن ياكى ئوخشاش سىياسىي تەسىرگە ئىگە دىگەن مەنا چىقمايدۇ. ھازىرقى جەمىيەتتە دېمۇكراتىيە پەقەت « كىم ھۆكۈمران » دىگەنگە جاۋاپ بىرىپلا قالماي بەلكى « قانداق ئۇسۇلدا قان تۆكمەي ھۆكۈمراننى ئالماشتۇرىش »دىگەنگە جاۋاپ بىرىدۇ. ھازىرقى زامان دېمۇكراتىيەسى ئالدى بىلەن مۇۋاپىق تەرتىپ ۋە قائىدىنى تۇرغۇزۇپ ھاكىمىيەتنى تىنىچ ئۆتكۇزۈپ، ھەقىقى ئۇنۈملۈك ۋەكىللىك ئاپپاراتى قورۇپ، ھۆكۇمەتنى ئۇنۈملۈك نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت.
دېمۇكراتىك سىياسىينىڭ مەيدانغا كىلىشى ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى شۇنداقلا بىردۆلەتنىڭ ئەبىدىي ئەمىنلىگىنىڭ بىردىنبىر يولى، ئۇنىڭ دۇنياغا كىلىشى ئىنسانىيەت جەمىيىتى ئۇچۈن ئېھتىياجلىق بولغان خەلقنىڭ ھوقۇق ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە ئاممىۋى ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىدىغان ھۆكۇمەت قۇرۇشتىن ئېبارەت. بۇندىن بورۇنقى ئىنسانلارئىقتىسادىي جەھەتتە مەدىنىي بولسىمۇ بىراق سىياسىي جەھەتتە نادانلىق ۋە زوراۋانلىققا پاتقان ئىدى، مەيلى دۆلەت بىلەن دۆلەت، شەخىس بىلەن شەخىس، ۋارىسلىق قىلغۇچى بىلەن ۋارىسلىق قىلىنغۇچى بولسۇن دائىم ئۆزارا قانلىق توقۇنۇش يۇز بىرىپ تۇراتتى. دېمۇكراتىك سىياسىينىڭ مەيدانغا كىلىشى ئىنسانىيەت سىياسىي ھەركىتىدىكى زوراۋانلىق خاراكتىرىنى ئۇزۈل-كىسىل ئۆزگەرتىپ،ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي ھەركىتىنى تىنىچلىق، باراۋەرلىككە يۇزلەندۇرۈپ، ئىنسانىيەت سىياسىي ھەركىتىنى مەدىنىيلىككە ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەركىتىدە مەدنىيلىكنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
دېمۇكراتىك سىياسىي بىلەن شەخىسنىڭ ئەركىنلىگى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ، دېمۇكراتىك سىياسىي شەخىسنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋەئەخلاق پىرىنسىپىنى ئەڭ يوقۇرى چەكتە ھۆرمەتلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەركىن دېمۇكراتىيە شەخىسنىڭ ئەركىنلىگى ۋە باراۋەرلىگىگە تۇلىمۇ ماس كىلىدۇ، ئۇ بارلىق شەخىسنىڭ قۇشۇلىشى ئارقىلىق قورۇپ چىققان ھاكىمىيەت تۇزىلمىسى بولۇپ، شەخىسنىڭ ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك پىرىنسىپى دېمۇكراتىيەگە چوڭقۇر سىڭدۇرىلگەن. بۇگۇنگى دۇنيادا دېمۇكراتىك سىياسىي كەڭ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىگە ئەڭ ئۇنىملىك كاپالەتلىك قىلىدىغان ھاكىمىيەت تۇزىلمىسى ھىساپلىنىدۇ، ئەركىنلىكتىن ئايرىلغان دېمۇكراتىيەنىڭ جەلىپ قىلىش كۇچى بولمايدۇ. شۇڭا دېمۇكراتىك سىياسىي يەنە ئەركىن دېمۇكراتىيە ( liberal democracy ) دەپمۇئاتىلىدۇ. ئەركىنلىك بىلەن دېمۇكراتىيە ئۆزارا بىرىككەن بولۇپ ئۆزارا تولۇقلاش رولىغا ئىگە، شەخىسنىڭ ئەركىنلىگى كاپالەتكە ئىگە بولىش-بولماسلىق، ھۆكۇمەتنىڭ ھوقۇقى چەكلىنىش-چەكلەنمەسلىك، ئەركىن دېمۇكراتىيە بىلەن باشقا شەكىلدىكى دېمۇكراتىيەنى ئايرىيدىغان تۇپ ئاساسىي ئۆلچەم. دېمۇكراتىك سىياسىي چۇقۇم ئادەملەرنىڭ ئەركىنلىكى، ھوقۇقى ۋە قەدىر-قىممىتىنى قوغداشنى ئەڭ يۇكسەك نىشان قىلىدۇ، دېمۇكراتىك سىياسىي يەنە ئۆزنۆۋىتىدە ھاكىمىيەتنى ئاساسىي قانۇن رامكىسىدا،ئەلنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلغان، پۇخرالار باراۋەر بولغان دۆلەتتۇر. دېمۇكراتىك سىياسىيدا ئەدىلىيە مۇستەقىل، ھوقۇق ئۆزارا چەكلەنگەن، ھۆكۇمەت ھوقۇقىغا چەك قويىلغان بولۇپ يەرلىك جايلار ئۆزىنىڭ ئاپتۇنىمىيە ھوقۇقىنى ئەركىن يولغا قويغان بولىدۇ.
ئەركىن دېمۇكراتىيە يەنە دېمۇكراتىيەنىڭ پورگراممىسى دىگەن مەناغا ئىگە، ئۇ بىرخىل تەدبىر بەلگىلەش تۇزىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بولۇپ، نۇقول ھالدىكى ھۆقۇققا تەۋە ئەمەس. بۇ خىل تەرتىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ھاكىمىيەتنى ئۆزقەرەلىدە تىنىچ ئۆتكۇزۈپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. دېمۇكراتىيەنىڭ شەكلى ۋە تۇرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ بىراق بىزنىڭ ئوخشىمىغان دېمۇكراتىيە شەكلىدىن تاللاش ئىمكانىيىتىمىز ئانچىلا كۆپ ئەمەس.
مۇستەبىت زوراۋان ھاكىمىيەت زورلۇق ئاساسىغا قورۇلىدۇ، دېمۇكراتىك سىياسىي ئاۋامنىڭ قوشۇلىشى ئاساسىغا قورۇلىدۇ، دېمۇكراتىك سىياسىي ئاۋامنىڭ ئەقلىي ئېقتىدارنىڭ ئىشىنىش ئاساسىغا قۇرىلغان بولۇپ،پۇقرالارنىڭ ھۆكىمىراننى قانۇنىي ئاساستا سايلاپ چىقىشىغا ئىشىنىدۇ. ناۋادائادەملەرنىڭ ئەقلىي ئېقتىدارىغا ئىشەنمەي پەقەت كاللا كىسىشكە تايىنىپ قورۇلغان ھاكىمىيەت ھامان زاۋاللىققا يۇزلىنىدۇ، ئاۋامنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق قورۇلغان ھاكىمىيەت ئىنسانلار سىياسىي مەدىنىيلىكىنى ئالغا سىلجىتىپ « زالىمنىڭ ئورنىغايەنە بىر زالىم ئالمىشىش » تەك مەدىنىيەتسىزلىككە ئۇزىل-كىسىل خاتىمە بىرىدۇ.
دېمۇكراتىك سىياسىيدا ھەر بىر ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى باراۋار بولغاچقا مەيلى باي ياكى نامرات بولسۇن، مەيلى ئەقىللىق ياكى دۆت بولسۇن سايلام بېلىتىنىڭ قىممىتى ۋە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك سالاھىيەتمۇ باراۋەر بولۇپ، ھەممىسى جەمىيەتنىڭ بىر ئەزاسى ھىساپلىنىدۇ، پەقەت ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۇرگىزىش ئېقتىدارى ئوخشىمايدۇ،ئۇلار ئەڭ مۇۋاپپىق دىگەن كىشىنى سايلام ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ. دېمۇكراتىك سىياسىي گەرچە سايلام سىياسىيسى بولسىمۇ، بىراق ئادىل بولغان سايلام رىقابىتى ئارقىلىق قەرەللىك سايلام ئۆتكىزىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، سايلامنىڭ ئادىللىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قانچە ئادەمنىڭ سايلامغا قاتناشقانلىقى ئەمەس بەلكى قانچىلىك ئادەمنىڭ سايلام سىرتىدا قالدۇرىلغانلىقى، پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ سىياسىي تەشەببۇسى سايلام ھوقۇقى ۋە سايلام رىقابىتىنى تارتىۋالسا، ئۇنداقتا بۇنداق سايلامنىڭ ئادىللىقىدىن سۆز ئېچىش بەسى مۇشكىل، سايلام دېمۇكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرىشنىڭ ئاساسى بولسىمۇ بىراق ھەممىسى ئەمەس.
سايلام گەرچە قانچە بېلەتكە ئېرىشكەنلىك پىرىنسىپىگە ئاساسەن قارار چىقارسىمۇ، بىراق دېمۇكراتىك سىياسىي ئاددىي ھالدىكى « كۆپ قىسىم ئادەمنىڭ دىگىنى ھىساپ » دىگەنلىك ئەمەس، ئەلىۋەتتە ئەمەلدارنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ۋە قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىدا كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ دىگىنى ھىساپ بولسىمۇ، بىراق يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا ھەرقانداق كىشى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ دىگىنى ھىساپ بولمايدۇ، مەسىلەن قانچىلىك ئادەم قوشۇلىشتىن قەتئىنەزەر ئازساندىكى ياكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىگى،ھاياتى ۋە مال مۇلكىدىن مەھرۇم قىلالمايدۇ.
ھەقىقىي سايلام، ھەربىر پۇقرا ھوقۇقىنى ئىشلىتىدىغان دېمۇكراتىك شارائىتقا ئىگە قىلىدۇ ۋە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن دېمۇكراتىيە ھەر بىر جەمىيەت ئەزاسىنى مەدىنىي-سىياسىي مۇھىتتا ياشاش شاراھىيتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ھازىرقى زامان دېمۇكراتىك سىياسىينىڭ مۇھىم پىرىنسىپى، ھۆكۇمەتنىڭ ئاساسلىق فونكىسىيەسى، ھوقۇق دائىرىسى، قانۇن چىقىرىشى ۋە ئەدىلىيە ھوقۇقىنى چۇقۇم ئايرىۋىتىشتىن ئىبارەت، ئاساسىي قانۇن بولسا قانۇن تۇرغۇزۇش، مەمۇرىيەت ۋە ئەدىلىيە ئورگىنىغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ ئۇچ ئورۇننىڭ قانۇنىي ئورنى باراۋەر ئاساستا ئۇزىنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۇرگۇزىشتىن ئىبارەت، بۇ ئۇچ ئورگاننىڭ ئۆزارا بويسۇنۇش ۋە ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، بىر ئورۇننىڭ يەنە بىر ئورۇننى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ ھەمدە ئۇزىنىڭ ھوقۇقىنى يەنەبىر ئورۇنغا تاپشۇرىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ دىگەنلىك. پەقەت ئەدىلىيە مۇستەقىل بولغاندا، ھاكىممۇتلەقلىق ۋەمۇستەبىتلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ « بارلىق كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىگىگە » كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، باراۋەر تۇزىم ھەرخىل ئوخشىمىغان قىممەت قارىشى ۋە غايە تۇرغۇزىشتىكى ئەۋزەل تۇزىمدۇر.
ئادەم مۇكەممەل بولمىغاندەك، ئادەملەردىن تۇزۇلگەن جەمىيەتمۇ پۇتۇنلەي ئەركىن ۋە باراۋەر بولمايدۇ، بۇ ھەقتە چىرچىل «دېمۇكراتىك سىياسىينىڭ گەرچە نۇرغۇن يىتەرسىزلىگى بولسىمۇ بىراق ھەرخىل ھاكىمىيەت تۇزۇلمىسىدە يەنىلا ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، پەقەت دېمۇكراتىيەلا ئىنسانىيەتكە ئەڭ كۆپ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مىھرىبانلىق ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەت ئاتا قىلىدۇ،تارىخقا نەزەر تاشلىغاندا دېمۇكراتىيەنىڭ ھەقىقى ئالاھىيدىلىكى ئىنسانىيەتكە جەننەت ئاتا قىلالمىسىمۇ بىراق دۇزاقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ » دىگەن.
دېمۇكراتىك سىياسىينىڭ باشلىنىش نوقتىسى سىياسۇنلارنىڭ يۇزسىزلىكىدىن ئىبارەت، پەقەت سىياسۇنلارنىڭ يۇزسىزلىكى ھوقۇقنى چەكلەشنى كۇچەيتىپ، سىياسۇن بىلەن ھۇقۇقدارلارنىڭ يامان ئەھۋالغا چۇشىۈپ قېلىشىنى ھەقىقى قوغدايدۇ، بولمىسا ھۇقۇقدارلار ئۇزىنى تۇزىمنىڭ ئۇستىگە قويۇپ ئاۋامغا زۇلۇم قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۇچۈن سىياسۇن بىلەن ھوقۇقدارلار ئاۋامنى بەخىد-سائادەتكە ئىرىشتۇرۈش ئۇچۈن ، ئۆزارا يۇزسىز بولىشى كىرەك. بۇخىل يۇزسىزلىك ھوقۇقدارلارغا بولغان ئىشەنمەسلىكنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ھوقۇقنىڭ نازارەتسىز قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندا، ھىچ بىر كىشى دېمۇكراتىيگە ئاشكارا قارشى چىقمىغان ۋە ھەممە كىشى دېمۇكراتىينى ھىمايە قىلدىغىننى ئېنىق بىلدۇرمىسىمۇ، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر دېمۇكراتىينى ھەممىگە قادىر دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە دېمۇكراتيە نۇرغۇن چەكلىمىلىككە ئىگە، نۇرغۇن ئىشنى دېمۇكراتيىگە تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، مەسىلەن ئەخلاق مەسىلىسىنى دېمۇكراتىيگە تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دېمۇكراتىيە قانچە كەڭ بولسا شۇنچەياخشى بولىشى ناتايىن، ئۇنى قالايمىقان ئىشلىتىش نۇرغۇن زىيان كەلتۇرىشى مۇمكىن.
ئىككى يۇز يىلدىن بويانقى نۇرغۇن قىتىملىق دېمۇكراتىك دولقۇننىڭ تەسىرىدە، بۇگۇنكى دۇنيادىكى ئۇچتىن ئىككى قىسىم دۆلەتلەر دېمۇكراتىك دۆلەتكە ئايلاندى، يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر دېمۇكراتىيە يولىدائىزدىنىۋاتىدۇ، دېمۇكراتىك سىياسىينىڭ پەيدا بولىشى ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي ھەركىتىدىكى زوراۋانلىق خارەكتىرنى ئۇزۈل-كىسىل ئۆزگەرتىپ، ئىنسانىيەت سىياسىي ھەركىتىنى تىنىچ ۋە باراۋەرلىككە يۇزلەندۇرۈپ، سىياسىي مەدىنىيلىكنى ئىشقا ئاشۇرىپ، مەدىنىيلىكنى كىشىلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەركىتىگە بىرلەشتۇرۋەتتى. دېمۇكراتىك سىياسىينىڭ پەيدا بولىشى ئىنسانىيەت مەدىنىيلىكىنىڭ مۇھىم بەلگۇسى،بىردۆلەتنىڭ ئەبىدىي ئەمىنلىكىنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى.
مەنبە:
http://blog.sina.com.cn/main_v5/ria/print.html?blog_id=blog_492d06fb0102e3nw