- تىزىملاتقان
- 2011-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9887
- نادىر
- 0
- يازما
- 435
ئۆسۈش
97.74%
|
ئىشنىڭ ماھىيىتى
بىر بالا چوڭلارنىڭ ' ھەرقانداق ئادەمنىڭ باشقىلاردىن يوشۇرىدىغان بىرەر مەخپىيەتلىكى بولىدۇ . ئەگەردە سەن يالغاندىن ساڭا شۇنى دەپ قوياي ، مەن سېنىڭ ھەممە مەخپىيەتلىكىڭنى بىلىمەن دەپ قويساڭلا ئۇنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ زۇۋان سۈرەلمەيدۇ ؛ دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ قاپتۇ .
بىر كۇنى بالا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئاپىسىغا ' ئاپا مەن ساڭا شۇنى دەپ قوياي ، مەن سېنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىڭنىڭ تېگى - تەكتىنى تولۇق بىلىمەن جۇمۇ ؛ دەپتۇ . ئاپىسى دەرھال بالىسغا 20 يۈەن بېرىپ ' بالام بۇ گەپنى داداڭغا ھەرگىز دېمىگىن ؛ دەپ جېكىلەپتۇ .
بالا ئانىسىنىڭ مۇنداق تىز ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خوشال بوپتۇ ۋە دادىسى ئىشتىن قايتىپ كېلىشىگىلا ' دادا ، مەن سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلىمەن جۇمۇ ؛ دەپتۇ . دادىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئوغلىنىڭ قولىغا دەرھال 40 يۇەننى تۇتقۇزۇپ ' بۇ گەپنى ئاناڭغا ھەرگىز دىمە ؛ دەپتۇ .
ئارىلىقتا بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ . بىر كۈنى بۇ بالا مەكتەپكە كېتىۋاتقاندا پوچتالىيون بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ . بالا دەرھاللا ' پوچتالىيون تاغا ، مەن سىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭىزنى بىلىمەن جۇمۇ ؛ دەپتۇ . بۇ چاغدا پوچتالىيون سەل ئىشەنمىگەندەك قىپتۇ .ئاندىن قۇچىقىنى ئېچىپ ؛ ئەسلىدە سەن ھەممىنى بىلىپ بوپتىكەنسەندە ، كەلگىن ئوغلۇم ،داداڭ سېنى قۇچاقلاپ قويسۇن ؛ دەپتۇ .
ئالتۇن بىلەن مىس
بىر كىشى بىر بالىنىڭ بىر تال تىللانى ئويناپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇنى ئالداپ ئېلىۋالماقچى بوپتۇ . ئۇ بالىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭۈا بىر نەچچە يارماقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ؛ - سەن قولۇڭدىكىنى ماڭا بەر ، مەن ماۋۇلارنىڭ ھەممىنى ساڭا بېرەي ، ماقۇلمۇ ، - دەپتۇ .
- ماقۇل - دەپتۇ بالا - بىراق سىز ماڭا ئىشەكنىڭ ھاڭرىشىنى دوراپ بېرىڭ . ھېلىقى كىشى ئەتراپقا قارىسا بىرمۇ ئادەم يوق ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشەكنى دوراپ ھاڭراپ بېرىپتۇ .
- ئىشەك چېغىدا تىللا بىلەن يارماقنى ئايرىيالايدىكەن ، ئەجىبا مەن ئايرىيالمامدىكەنمەن - دەپتۇ بالا .
مەيخانىدا
مەيخانىدا بىر ھاراقكەش قەغەزگە يېزىلغان بىر نەچچە ساننى پۇلاڭلاتقىلى تۇردى . كۈتكۈچى بۇنىڭغا قىزىقىپ ئۇنىڭغا يەنە نىمە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى سورىدى . - ئايالىم ئورۇقلاش ئۈچۈن تامىقىنى ئازلاتقان ئىدى ، - دېدى ھاراقكەش جاۋاپ بېرىپ ، - ئاڭلىسام ھەپتىسىگە تۆت قاداق ئورۇقلاپتۇ .
- ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ؟
- ئەگەر ھېسابىم توغرا بولسا ،- دېدى ھاراقكەش چۇشەندۈرۈپ ، - ئۇنداقتا يەنە 18 ئايدىن كىيىن خوتۇنۇمدىن بىراقلا قۇتۇلۇپ كېتىدىكەنمەن . |
|