- تىزىملاتقان
- 2013-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3436
- نادىر
- 1
- يازما
- 285
ئۆسۈش
47.87%
|
بۇتىمىنى تەستىقلىماپتۇ شۇڭا ئىنكاس شەكىلدە يوللۇدۇم
ھۇنلارنىڭ باش كۆتۈرۇشى مەركىزى ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ ئاساسلىق يىراق ئەجداتلىرى ھىساپلانغان ئاندرونوپ-ئارىيانلار بايقال يەنسەي بالقاش يەكسارىت سېلىنگا تارىم ۋادىلىرىدا ياشاپ جىلغا يايلاق بوستان مەدەنىيەتلىرىنى يارىتىپ ئات ۋە برونزا بىلەن قۇراللىنىپ ساۋاتسىز چەۋەندازلارنىڭ يېزىقسىز تارىخ كىتابىنى روياپقا چىقارغانىدى ئەزەلدىن قۇياشنى ئككى دەپ قارىمىغان بۇئىنسان تۇركۇملىرى ئاستدىكى چەكسىز زېمىنگە تۇيۇنغان ئۈچقۇر ۋاقىتقا ھىرىسمەنلىكنى مودېل قىلغان ماكان زامان قارىشى بىلەن چاپچىىپ تۇرغان بىر توپ تۇلپاردەك كىشنەپ يېڭى ھاياتلىق ماكانلىرىغا قاراپ پەرۋاز قىلىپ بىر قانچە مىڭ يىل ئچىدە غەرىپ ۋە جەنۇپ يۆنىلىشنى بويلاپ ئاسىيا-ياۋۇرپا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ كۈچۇش تارىخىنىڭ ئاساسي ئېقىمى ۋە بىر قانچە بىر قانچە ئۆركىشىنى شەكىللەندۈردى
تارىخ بۇخەلقلەرگە نېسىپ قىلغان تەبىئەت ئۈچۈن مەۋجۇت بولسىمۇ لېكىن ئىنسانىيەت ئۈچۇن تېخى ئاشكارە بولمىغان زېمىن سەھنىسىنى ئېچىش ناتۇنۇش خەلقلەر ئارىسىغا سودا ئالاقە رىشتىلىرىنى تارتىش ئنسانىيەت مەدەنىيىتىنى بىرپۈتۈن راۋان قانالغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت تارىخى ۋەزىپىنى ھەم ئوقياچى بەدەۋىلەر ھەم كارۋانچى مەرىپەتچىلەر ئوبرازىدا ئۇرۇندىدى
قەدىمكى ئنسان تۈركۈملىرىنىڭ بېكىنمە دەرۋازىلىرىنى قاققان بىر قېلىپتىكى مەدەنىيەت تۇزۇلمىسىنى مۇقەددەس بىلگەن ھالدا جاھاندىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان خەلىقلەر ھاياتىغاتەكرار داۋالغۇش ئېلىپ كەلگەن چەكسىز ۋادىلاردا كەلكۈن بۇلۇپ ئاققان بۇخەلىقلەرنىڭ ھەرخىل ئىقلىملارداقالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ئارخېلوگىيەلىك ئىسپاتنامىلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇلار بارلىق ئىمپىرىيىلەر يېزىقلىرىدا يىرتقۇچ ھايۋان ۋەياكى ياۋايى بەدەۋىيلەر ئىبارىلىرى بىلەن ھاقارەتلەنگەنلىكىنى كۈرىمىز بۇخىل قەدىمكى ئىرىقى ئۆچمەنلىك ھەتتا 2-3مىڭ يىلدىن بىرى ھازىرقى زامان مەدەنىيەتلىك مىللەتىلرى تارىخ دەرىسلىكلىرىگىچە داۋاملىشىپ كەلدى بۇھاقارەتچى مۇئەللىپلەربىلەن مۇدەررىسلەر ئەگەر ئۇخەلىقلەرنىڭ تارىخى ئىسىتخىيە بىلەن ئېلىپ بارغان ئىشلىرىنى ئۆزمىللەت تارىخى بىلەن پۈتۈن كىشىلىك تارىخىدىن چىقىرىپ تاشلىۋېتىشكە ئۇرۇنغىنىدا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن نېمىلەرگە ئېرىشىپ نېمىلەردىن مەھرۇم بۇلىدىغانلىقىنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئويلاپ كۈرۇشمىدى ئەگەر ئويلاپ كۈرۈشكەن بولسا يەكۈن باشقىچە بۇلاتتى
مانا مۇشۇ ئاسىيانىڭ بىپايان يايلاقلىرىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ قايناق بۇلاق چەشمىسىدە مىلادىيدىن Ⅲئەسىر مۇقەددەم باش كۈتۈرۈپ مىسلىسىز شاۋقۇنلۇق تارىخ سەھىپىسىنى ئاچقان خەلق ھۇنلاردىن ئىبارەت. ئۆزئەۋلاتلىرى تىلغا ئېلىشقا ئەيمىنىدىغان بۇئاجايىپ ھۇن قەبىلىلەر ئىتىپاقى مىلادىدىن ئىلگىركى ئۈچ ئەسىرمىلادىدىن كېيىنكى بەش ئەسىر ئىچىدە كونا قوروتارىخىغا ئۇچۇق ئىزنا ۋەئەبەدىلىك يۇشۇرۇن تەسىر قالدۇرۇپ ھەرقايسى مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتتى
ھۇنلار تارىخى ھەقىقىدىكى ئەڭ قەدىمكى يازما مەنبەلەر ئىچىدە جۇڭگۇ يلنامىلىرى نۇپۇزلۇقتۇر بۇلارنىڭ بەزىلىرى مەسىلەن ئەپسانىۋى <نەسىرنامە>
(尚书)دەك ئەسەرلەدە رىۋايەتلەر ئاساسىدايېزىلسىمۇ سىماچىيەننىڭ <تارىخى خاتىرلەر>ناملىق كىتابىدىن باشلاپ بىرقەدەر ئەمەلىي يېزىلغان.
سىماچىيەننىڭ ئۈچۇرلىرىغا قارىغانداھۇنلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرى خەنزۇلارنىڭ ئەپسانىۋى ئەجدداتلىرى يەن-خۇاڭ دەۋىردىلا مەۋجۇت بولغان خۇا--شىيا قەبىلىلىرى دەۋىردەئۈلار چۇنۋىيلەر(淳维)دەپ.ئەپسانىۋى پادىشاھلار ياۋ--شۇن زامانىدا خۇاڭدى (سېرىق ئىمپىرتۇر)دەۋىرىدە شۇن جۇ(荤粥)دەپ ئاتالغان سېرىق پادىشاھ ئۇلار بىلەن جەڭ قىلغان تۇنجى قۇلدارلىق دۆلىتى يىن(شاڭ)خانىقى (مىلادىىدىن ئىلگىركى11-16) ئەسىرلەر دەۋىرىدەئۈلار رەسمى يىرتقۇچ بەلىگىلىك خەت بىلەن شۇجۇ(獯粥)لار لار دەپ يېزىلغان جەنۇبى خېبىيدىن دۇڭتۇڭخۇ كۆلىگچە شەندۇڭ يېرىم ئارىلىدىن گاۋجىن (شىئەنگىچە)بۇلغان چەكلىك زېمىندىكى دەسلەپكى جۇڭگۇ قۇلدارلىق سەلتەنىتى بولغان شاڭلارنىڭ ئۇرۇش قىلغانلىقىغا قارىغاندا ھۇنلار ھازىرقى شەنشى.سەنشى .خېبىىي ئەتىراپلىرىغا غەرىبى ۋەشەرىقى جۇسۇلالىسى زامانىدا ئۇلار شىيەنيۈن(猃狁)لەر دىيىلگەن پەقەت جەنگۇ (ئۇرۇشقاق دۆلەتلەر )ۋە چىن سۇلالىسىدىن كىيىن ئېنىقكى تۇمان تەڭىرىقۇت ھۇن قەبىلىلەر ئىتىپاقى قۇرغاندىن كېيىن ئۇلار شۇڭنۇ(匈奴)يېزىلدىغان بولدى
شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى چۇنچيۇ-جەنگۇ دەۋىرلىرىدە ھۇنلاربىلەن شەرق جۈ پادىشاھلىقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى مۇرەككەپلىك قۇلدارلىق سىنىپى مۇناسىۋەتلىرى ۋەقەبىلىلەر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى تامغىسى بىلەن خارەكتىرلەنگەن. بۇچاغداچۇنچيۇ-جەنگۇ دۆلەتلىرى شىمالى دىلار غەرىبى كۇيلارنىڭ زىمىنىنى قولغا كەلتۈرۇش جەڭلەرئارقىلق قۇل ئەسكەرلەرنى كېڭەيتىش ئۈچۇن بۇمۇناسىۋەتنى جىددىلەشتۇۋەتكەندىن تاشقىرى يەنە ئۆزئارا ئۇرۇشلاردا ئۆزرەىقىبلىرىدىن غالىپ كىلىش ئۈچۇن پات-پات كۇي-دىلار ۋە ھۇن قەبىلىرىدىن پايدىلىنپ ئۇلارنى باشلاپ كىلىپ ئۆز دۇشمەنلىرى ئۇستىگە سالاتتى بۇخۇددى رىم ئىمپىريىسىدىكىلەرنىڭ <<بەدەۋى>>مىللەتلەردىن پايدىلىنش ئۇسۇلىغا ئۇخشاپ كەتكەن ئىدى بۇنىڭدىن باشقا كۇي-دىلار ۋو ھۇنلارمۇ چۇنچيۇ-جەنگۇ دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۆزئىچىدىكى تەبىقىلىق پارچىلىنىشلار تەسىرىدە بارغانسىرى سىنىپى جەمئىيەتكە قاراپ يۇزلەنگەنىدى ئۇلار باشقا زىمىن جۇمىلدىن چۇنچيۇ-جەنگۇ دۆلەتلىرىگە توغىردىن توغىرا ياكى باشقا ئىتىپاقچىلىرى بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ بۇلاڭ تالاڭ غەنىيىمەتلىرىگە ئىگە بۇلۇشقا قىزىقاتتى ئەلۋەتتە ،بۇكۆچمەن قەبىلىلەردىكى ئادەت بۇلۇپ بڭنىڭدىن باشقا تىنىچ مال ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىمۇ خېلى كەڭ ساقلانغان جۇيۇۋاڭنىڭ لىشن تېغىدا ئۆلتۇرلىشى پايتەختىنىڭ لوياڭغا يۆتكىلىشى جالىۋاڭنىڭ ئاتلىق قۇشۇن تۇزۇش ۋو غۇز كىيىملىرىنى كىيىش تەشەببۇسى قاتارلىقلار بىلەن چۇنچيۇ پادىشاھلىرىنىڭ شۇكۇي جىكۇي خۇجى شياۋرۇڭزى قاتارلىق كۇي-دى قەبىلىلىرىگە بولغان مۇناسىۋىتى بۇنىڭ بىر قانچە ئىپادىسى بولغان نەزمىنامە دە بۇھادىسىلەرنىڭ قىسمەن ئىپادىلىرى ساقلانغان
مانا بولار سىماچىيەننىڭ مۆلچەرلىشچە مىڭ يىللار ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئۇزاق دەۋىرنى ھۇن قەبىلىلىرى تارىخىنىڭ بىرىنچى دەۋرنى تەشكىل قىلدۇ بۇ دەۋر ھۇنلارنىڭ ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق قەبىلە ۋو ئىپتىدائىي قەبىلىلەر بىرلەشمىسى سۈپىتىدە ئۇيۇشۇش دەۋرى ئىدى
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209-يىلى (چىن شىخواڭ ئۆلۇپ ئورنىغا ئوغلى خۇكى چىققان يىلى) باتۇر تەڭىرىقۇت مودۇنخان تەخىتكە چىقىپ تۇنجى يايلاق قۇلدارلىق خاندانلىغىنى شەكىللەندۇرگەندىن تاكى بۇخانىلق يىمىرلىشى ئۇنىڭ بىر قىسمى تەدىرىجى ئىچكى جۇڭگۇغا ۋە بىر قىسمى ياۋۇرپاغا يۆتكىلىشكىچە ئارلىق ھۇن تارىخنىڭ 2-دەۋىرنى تەشكىل قىلدۇ
ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئۆتۇپ كەتكەن قىسىمى مىلادىيدىن كېيىنكى 2-ئەسىردىن باشلاپ تاكى سۈي-تاڭ سۇلالىسى زامانلىرغىچە سېرىق دەريا ۋادىسىدا بىر قاتا فېىئۇدالىلق دۆلەتلەرنى شەكىللەندۇردى غەرىبكە سۇرۇلگەن ھۇنلار 5-ئەسىردە ئاتتىىلا(406-453)قاتارلىقلار يېتەكچىلىكىدە ئالان ئاۋار قاتارلىق مەركىزى ئاسىيا كۆچمەن قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۇنگىرىيە (ھازىرقى ۋىنگىرىيە)دە ئولتۇراقلىشىپ رىم ئىمپىريىسىگە تەھدىت سېلىپ ئۇلپان ئېلىپ تۇردى ۋە ئاخىرى رىم ئىمپىرىيىسىنى ھالاك قىلىش جېڭىدە مۇھىم رول ئۇينىدى بۇھۇن ئىمپىېريىسى پارچىلانغاندىن كېيىنىكى ھۇن تارىخقا ئائىت ھادىسلەر بۇلۇپ گرچە مەركىزى ئاسىيا قەدىمكى خەلىقلىرى تارىختىن ھالقىغان ھادىسىلەربولسمۇ ئەمما ئۇنىڭغا ئالاقىدارباشقا بىر تىمدىن ئىبارەت
داۋامى بار
مەنبە. قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى
|
|