- تىزىملاتقان
- 2013-3-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1564
- نادىر
- 0
- يازما
- 165
ئۆسۈش
56.4%
|
يەھۇدىلار ئىنجىلىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى «تەۋرات» بولۇپ، ئۇ جەمى 5 كىتابتىن تەركىپ تاپقان. يەھۇدىلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغاندا، تەۋراتتىكى بارلىق قانۇن-تەلىماتلارنى ئۇلارنىڭ خۇداسى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، كېيىن مۇسا پەيغەمبەر ئۇلارنى ئاشۇ 5 كىتاب قىلىپ يېزىپ چىققان ئىكەن. تەۋراتتا يېزىلغان مەزمۇنلار ئۇقۇم ۋە سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىشى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك بولۇپ، جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە تېزىلغان سۆزلەر بىلەن يېزىلغان ئىكەن. شۇڭا تەۋراتنى ئەسلىدىكى سۈپەتنى ساقلىغان ھالدا باشقا بىر تىلغا تەرجىمە قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلغان تەۋراتنى ئوقۇش تەلەپ قىلىنغان. مىلادىيىدىن كېيىنكى 64-يىلىدىن بۇرۇن يەھۇدىلار چېركاۋغا بېرىپ، ئاللاھقاسەجدە قىلغاندا تەۋراتنى يادلىۋالغان بويىچە ئوقۇيدىغان بولۇپ، 64-يىلىغا كەلگەندە يەھۇدىلار بىر يېڭى قانۇن چىقىرىپ، ھەممە يەھۇدىلاردىن تەۋراتنى يادلىۋېلىپ ئەمەس،ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ، كىتابتىن بىۋاستە ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان. ھەمدە بالىلىرىغا تەۋراتنى ئوقۇشنى ئۆگىتىشنى دادىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى قىلىپ بېكىتكەن. دادىلار بالىلىرىغا تەۋراتنى توغرا ئۆگىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنى ئۆزلىرى توغرا ئۆگىنىشكە مەجبۇرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن تەۋراتنى ئۆگىنىشتىكى يالغانچىلىق ياكى كۆز-بويامچىلىققا ئىمكان قالمىغان. شۇنداق قىلىپ، دۇنيانىڭ قايسى جايىدا ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، يەھۇدىلار ئۆز ئانا تىلىنى چوقۇم ئۆگەنگەن، ئۆز ئانا تىلى ئارقىلىق تەۋراتنى چوقۇم ئۆگەنگەن، ھەمدە دادىلار بالىلىرىغا تەۋراتنى ئۆز ئانا تىلىدا چوقۇم ئۆگەتكەن. تەۋرات يەھۇدىلارنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان. ئۇ يەھۇدىلارنى توپلىشىپ ياشاشقا مەجبۇرى قىلغان. ھەمدە ئۇ يەھۇدىلارنى ئۆز ئانا تىلى، ئەنئەنىسى، ئۆرۈپ ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. مۇتلەق كۆپ ساندىكى يەھۇدى دىنىي ئالىملىرى، يەھۇدىنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان بىردىن-بىر ئامىل تەۋرات، دەپ قارايدىكەن'
بىزمۇ قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈپ ئوقىساق ۋە باللىرىمىزغا ئۈگەتسەك بەك چوڭ نەتىجىگە ئېرىشىمىز .ئىنشائاللا . مەن تورداشلارغا ئىبنى كەسىرنىڭ ‹‹ قۇرئان كەرىم تەپسىرى›› سىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. |
|