قانچىلىك ؟
ئاپتۇرى: دىلاۋۇر شۇھرەت
غەزەل
بۇ ھاياتتا ئىنساندەك ياشالىدىڭ قانچىلىك ؟ ،
ئىغىر كۆلپەت ئازاپتىن ئاشالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
{ قانچىلىك ؟} دەپ سوئاللار قويپاقتىڭمۇ ئەي ئىنسان ؟ ،
قايسى چۆلنى باغ قىلىپ ياسالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
ياخشى دىدىڭ ئۆزۇڭنى يامانلىقتىن يىراق قىپ ،
كىملەر ئۆچۇن ياخشىلىق قىلالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
يامانلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلماي ئەكىسچە ،
ياخشىلىققا قولىنى تاتالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
كارۋان كەتسە يىراقلاپ تۇرۇپ قالدىڭ ھاڭۋىقىپ ،
شۇ كارۋانغا ئۆزۇڭنى قاتالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
بېشىڭ تەگسە مامۇققا چوڭ چاغلىدىڭ ئۆزۇڭنى ،
شۇ مامۇقتا ئىتقىنا ياتالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
تىرىكچىلىك دەپ دائىم يۇردۇڭ سودا _ سىتىقتا ،
جانى جىڭ دەپ ماختىماي ساتالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
ياندىم دەيسەن چىراق بوپ پاك قەلبىڭدە ھەر قاچان ،
لىكىن ئەلنىڭ كۆڭلىدە يانالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
ساناپ بەردىڭ ياماننى خۇددى ئۆزۇڭ ياخشىدەك ،
ياخشىلارنى قولۇڭدا سانالدىڭ قانچىلىك ؟ .
ئۆچۇرۋەتتىڭ مىسكىننىڭ ياققان بىر تال شامىنى ،
سوراپ باقاي ئۆزۇڭ شام ياقالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
مەن چوڭ بولسام ئاتا _ ئانام راھەت كۆرەر دىگەنتىڭ ،
مانا ئەمدى ئاناڭنى باقالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
مەكتەپ قۇرسا ياخشىلار غەيۋەت قىلدىڭ كەينىدىن ،
لىكىن ئۆزۇڭ بىر سىنىپ ئاچالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
كۆكلەپ چىقسا بىر كىشى يۇلماق بولدۇڭ يىلتىزدىن ،
خۇشپۇراق بوپ ئەلگە گۈل چاچالىدىڭ قانچىلىك ؟ .
كەمبەغەللەر قاقاقلاپ كۆلسە كۆلمە دىدىڭيۇ ،
ئۆزۇڭ باي بوپ تىلىقىپ كۆلەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
لىكىن ئۇلار دوسىت تۇتۇپ يۇردى ھەر چاغ ئاللاھنى ،
سەن ئاللاھنى دوسىت تۇتۇپ يۇرەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
يۇقسۇزلۇقتا ئاللاھقا قىلغانىدىڭ ئىبادەت ،
ئەمدى باي بوپ ئاللاھقا قول كۆتۇردۇڭ قانچىلىك ؟ .
ھارام دىدىڭ ئىغىزدا ئەمەل قىلماي ۋە لىكىن ،
يەنە ھارام دىگەنگە سەن تۇكۇردۇڭ قانچىلىك ؟ .
توغرا يولنى تاپقاننى دىدىڭ يەنە ساراڭ دەپ ،
بۇ ھاياتتا سەن ئوڭ بوپ يۇرەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
كۆيۇپ يۇرسە ئەل ئۆچۇن يالغان دىدىڭ ئەجىبا ،
سەنمۇ جان دەپ ئەللەرنى سۆيەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
شۇنداق تۇرۇپ ئۆزۇڭنى ئۇيغۇر دەيسەن ئەي ئىنسان ،
چىن يۇرەكتىن مەن ئۇيغۇر دىيەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
گۇلزارلىقتا ئايلانسا تىكەن بىلەن توسۇدۇڭ ،
ئۆزۇڭ يالغۇز گۇلزارغا كىرەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
سۇندۇڭ بىر جۈپ قولۇڭنى ھارام يولغا ئۇيالماي ،
يۇقسۇزلارغا بىر زاغرا بىرەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
ئەي ئۇيغۇرۇم ئۇنتىما مىللىتىڭنى ، دەيسەنيۇ ،
سوراپ باقاي ئۇيغۇر بوپ يۇرەلىدىڭ قانچىلىك ؟ .
جاۋاپ بەرگىن ، ھەق يولدا قىلىپ جاننى پىداكار ،
مىڭ تىرىلىپ مىڭ قىتىم ئۆلەلىدىڭ قانچىلىك ؟.
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۇھرەت .
تەخەللۇسى : ئەلرازى
ئەسكەرتىش : گەرچە ئەسەرلىرىم ياخشى چىقمىغان بولسىمۇ روخسەتسىز كۆچۇرۇشكە بولمايدۇ ....ئاپتۇرىدىن ....
|