ئىلىم-پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىش مۇسۇلمانلارنىڭ قايتا گۈللىنىش يولى
توغرۇلبېك
ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدىكى كىچىككىنە بىر تەرجىمىنى قىسقارتىپ مۇنبەرداشلارغا سۇندۇم؛ رەسىمدىكى كىشى ئىبىن سىنا (ئۇ ھازىر ھايات بولغان بولسا ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن بولغان نەرسىلەر ئەتراپىغا تىزىلدى)
ئامىرىكا نىيۇيۇرىك شەھىرىدە چىقىدىغان ئىقتىسادشۇناسلار مۇنبېرى كۈندىلىك خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 26 –كۈنىدىكى سانى تور بېتىدىن پەقەت بىر ئابزاسنىلا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدىم.
2005-يىلى ئامىرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلارنىڭ يىغىندى سانى ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان 17 دۆلەت ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالە سانىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ ئارتۇق.پۈتۈن دۇنيادا 1 مىلياردا 600 مىليۇن مۇسۇلمان بار،لېكىن مۇسۇلمانلاردىن ئارانلا ئىككى كىشى خېمىيە ، فىزىكا پېنى بويىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،تېخى بۇ ئىككىسى ئاللىبۇرۇنلا غەرب دۆلەتلىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار، بۇلاردىن بىرسى ھازىرمۇ ھايات بولۇپ ئۇ خېمىيەشۇناس ئەخمەد ھەسەن زاۋائىل بولۇپ ھازىر ئامىرىكاكالىفورنىيە شېتاتى تەبىئىي پەنلىرى(تېخنىلوگىيە) ئىنىستىتۇتىدا خىزمەت قىلىدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە يەھۇدىيلارغا قارايدىغان بولساق،نوپۇسى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ100دىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ،لېكىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن 79 نەپىرى بار .ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىغا ئەزا 57 دۆلەتنىڭ ئىزدىنىش ۋە تەرەققىيات توغرىسىدا ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا سالغان مەبلىغى ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 0.81% نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ ،دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنىڭ ئاران ئۈچتىن بىرىگىلا توغرا كېلىدۇ.لېكىن ئامىرىكىنىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا سالغان مەبلىغى دۇنيا بويىچە ھەممىدىن يۇقىرى بولۇپ ،دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 2.9% نى ئىگەللەيدۇ،ئىسرائىلىيەنىڭ بولسا دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 4.4% تىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ.
8-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ياۋرۇپا قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئەسىرنى باشتىن كەچۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ،ئىلىم -پەن تېخنىكىسى مۇسۇلمانلارنىڭ زىمىنىدا ھەممىلا جايدا قىزغىن تەرەققى قىلغان، ئابباس سالىھ ئىلىم ئۆگىنىشكە ناھايتى كۆپ پۇل سەرىپ قىلغان.11-ئەسىردە ئىبىن سىنا يازغان << مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ قانۇنىيەتلىرى>> نەچچە يۈز يىلغىچە ياۋرۇپادا تىببىي ئىلىم ئۆلچەملىك دەرسلىك ئوقۇتۇش كىتابى قىلىپ قوللىنىلغان. مىلادىي 9 -ئەسىردە مۇھەممەد خارازىمى يازغان << كىتاب ئەل جابىر>> دە ئالگېبىرا پېنىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى رەتلەپ چىقىلغان بولۇپ ،ھازىرقى ئالگېبېرا پېنى دىگەن پەن ئىسمى ئۇنىڭ يازغان كىتاب نامىدىن كەلگەن.
ئەل ھەسەن ئىبنى ئەل ھەزەم يۇرۇقلۇق ۋە ئوپتىكا ئىلىم پېنىگە ئاساس سالغۇچى، پارىس ئالىمى ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى يەر شارىنىڭ ئايلانمىسىنى ھېساپلاپ چىققان بولۇپ خاتالىق پەرقى ئارانلا 1 % بولغان.مۇسۇلمان ئالىملار قەدىمقى يۇنان(گىرىتسىيە)نەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا زور رول ئوينىغان بولۇپ،بىر نەچچە ئەسىردىن كېيىن دەل مۇشۇ مىراسلار ياۋرۇپا ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنى قوزغىغان.
ئىسلام دىنى ئىلىم-پەندە يېڭىلىق يارىتىشنى پەيدا قىلغان،رامازان ئېيىنىڭ باشلىنىش كۈنىنى توغرا ھېساپلاپ چىقىش(يېڭى ئاينىڭ چىقىشىنى كۈزۈتۈش ئارقىلىق ئېرىشىلىدۇ)ئاستىرونومىيە ئالىملىرىغا ئىلھام بولغان.بۇ قەدىمقى ئالىملارنىڭ قەدىمقى مۇۋەپىقىيەتلىرىنى كىشلەر كۆرۈش-بىلىشكە مۇۋەپپەق بولدى،نەچچە مىڭلىغان كىشلەر قاتار پايتەختى دوھا غا بېرىپ ، 2013-يىل كۈزدە بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلام مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكچى: يەنى: مىڭبىر كەشپىيات ( مىڭبىر كېچە دىگەن ئىسىمدىن ئۆرنەك ئېلىنغان).
تېخمۇ مۇھىمى –مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغان ھەمدە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان. سەئۇدىي ئەرەبىستانىدا 2009-يىلى قۇرۇلغان پادىشاھ ئابدۇللا پەن- تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتى 20 مىليارد ئامىرىكا دوللىرىلىق راسخود قا ئېرىشكەن بولۇپ، ئامىرىكىدىكى باي ئۇنۋېرسىتېتلارمۇ بۇنىڭغا زۇقلانغان.چەتئەللىكلەرمۇ ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىغا قاتناشقان، فىرانسىيە خېمىيە ئالىمى ،نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جىئېن رىچارد پەن باشلامچىسى بولۇپ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان. ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ‹‹يېڭى ئەزا ›› سەئۇدىي ئەرەبىستانى پەخىرلەنگەن ھالدا ئەنگىلىيە ئوكسىفورد ئۇنۋېرسىتېتى،كانبېرىج ئۇنۋېرسىتېتى ۋە لوندون ئىمپىرىيە تېخنولوگىيە(تەبىي پەنلەر)ئىنىستىتۇتى بىلەن پەن تەتقىقات ھەمكارلىق تۈرىنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.خوشنا دۆلەت قاتارنىڭ رەھبەرلىرىمۇ پەن –تەتقىقات خىراجىتىنىڭ
GDP دا ئىگەللىگەن نېسبېتىنى 0.8 % دىن زور مىقداردا ئاشۇرۇپ 2.8% كە كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، يەنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بۇيىچە ھېساپلىغاندا سوممىسى ھەر يىلى 5 مىليارد ئامىرىكا دوللىرى بولىدۇ. تۈركىيە 2005 -يىلىدىن2010-يىلىغىچە ھەر يىلى پەن تەتقىقات خىراجىتىنى ھەر يىلى 10%دىن ئاشۇرۇپ ماڭغان، 2010 –يىلىغا كەلگەندە تۈركىيەنىڭ پەن تەتقىقات خىراجىتى نۇرۋىگىيىنىڭ 2 ھەسسىىسىگە توغرا كەلگەن .
سېلىنغان مەبلەغنىڭ ناھايتى تېزلا ئۈنۈمى كۆرۈلگەن، 2000 –يىلىدىن 2009-يىلىغىچە تۈركىيىنىڭ ئىلىم-پەن ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ سانى ئىلگىرىكى 5000 غىمۇ يەتمەسلىك ھالىتىدىن 22000 پارچىغا يەتكەن.
ئىراننىڭ سالغان مەبلىغى نېسبەتەن سېلىشتۇرغاندە سەل ئازراق ،لېكىن ئىلمىي ماقالە سانى 1300 دىن 15000 غا كۆتۈرۈلگەن. گەرچە سان سۇپەتكە ۋەكىللىك قىلمىسىمۇ،لېكىن ئىلمىي ماقالە سەۋىيىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.،نۇرغۇنلىغان پەن-تېخنىكا قەرەللىك ژورناللىرى (ئىسلام ئەللىرىدىكى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ) ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىنى بارغانسېرى كۆپ نەقىل ئالماقتا.
تومسون رىئوتىس ئىسىملىك بىر ئۇچۇر شېركىتىنىڭ 2011 – يىللىق تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا 1990-يىللارنىڭ بېشىدا نەشىرىيات سودىگەرلىرى مىسىر، ئىران،ئىئوردانىيە،سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە تۈركىيە( مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن ئىقتىسادىي ياخشىلىرى)ئىلمىي ماقالىلىرىدىن نەقىل ئېلىشى پۇتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنىڭ تۆتتىن بىرىگىمۇ يەتمەيتى،2009-يىلىغا كەلگەندە ئۆرلەپ ئىككىدىن بىرىگە چىققان.ھەممىدىن بەك ئەتىۋارلىق ماتىماتىكا پېنى ساھەسىدە ئىران ھازىر دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ 1.7% كە يەتكەن. مىسىر ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستانمۇ ياخشى ماڭغان بولۇپ 1% كە يەتكەن. تۈركىيە بىناكارلىك قۇرۇلۇش ساھەسىدە يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان.
مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد مورسى(ئامىرىكا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتېتىدە سانائەت ماتىرياللىرى ئىلمىدە دوكتۇرلۇق دىپلومىغا ئېرىشكەن) ھۆكۈمەت پەن تەتقىقاتقا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدۇ دىگەن.
خۇلاسە:
مۇسۇلمان ئەللەر پەن تېخنىكا تەتقىقاتىدا ئىلگىرلىمەكتە.
تۈگىدى ،باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ |