- تىزىملاتقان
- 2013-1-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 535
- نادىر
- 1
- يازما
- 19
ئۆسۈش
7%
|
ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرگە ئوچۇق خەت |
سۆزۇمنىڭ بېشى بسمىللاھ، بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر، |
سانا يۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ، |
قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر، |
بۇ دەۋايىمغا بورھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر، |
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بۈيۈكلە،ئۇششاق-چوڭ،پىششىق-توڭ قەلەمكەشلەر.كەمىنە ئوقۇرمەننىڭ ،ئۈمۈد ۋە ئىزدىنىش كۈتكەن ،ئۇششاق ۋە توڭنىڭ جۈملىسىدىن بولغان ئەرك ئوغلاندىن سىلەرگە ئالى ئېھتىرام! بىسمىللىسىغا "ئۇيغۇر..." ۋە يۈيۈكلىرمىزدىن بولغان ئا. ئۆتكۈر بوۋىمىزنىڭ سۆزىنى ئېلىپ ،ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتاڭ ئاتقىنىمنى ئخرار قىلىمەن. گۈۋاھلىق بېرىمەنكى مەن يازغۇچى-شائېردىنمۇ ئەمەس،پەيلاسۇپ ۋەياكى جەميەتشۇناس، ئوقۇتقۇچى، دوھكتۇر، پىراپپىسور دىگەندەكلەردىنمۇ ئەمەس. ئەڭ موھىمۇ ئوبزۇرچىمۇ ئەمەس! مەن پەقەت ئوقۇرمەن. تۆۋەندە بىر ئاددى ئوقۇرمەن نوقتىسىدا تۇرۇپ ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرمىزگە مەن ۋە مېنىڭلە پىكىرداش زىيالى ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۈمۈدى ۋە بايانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچى. مەن تېخى ئالى مەكتەپ قوينىدىكى بىر يۇمران مايسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇۋاتقان كەسپىم ئەدەبىياتقا ئازراقمۇ يېقىن كەلمەيدۇ. ئېنىقكى نوقسان ھەم كالتە ئوي-تەپەككۇرلاردىن خالى ئەمەسمەن. ۋە بەلكى ھېچبىر قىمەتكە ئىگە پىكىرلەرنى يۇرۇتۇپ بېرەلمەسلىكىممۇ مومكىن. ئەمما پۈتۈكۈل زىيالىلارغا ۋەكىللىك قىلالمىساممۇ،لىكىن مېنىڭدەك زىيالىلارنىڭ ئىچىدىكى زىيالىلارنىڭ بىرسى مەن. مۇشۇ نوقتىدىن بۈيۈكلىرمىزنىڭ مەنكەبى ئۇششاقلارنى قايسى نوقتىدىن قانداق يېتەكلەشنىڭ زۆرۈلىكى توغرىسىدا ئىلھام ئاتا قىلسام ئەجەپ ئەمەس. |
1.مىللەتنى سۆكۈپ مىللى قەھرىمان بولۋاتقانلار |
بۇخىل يازمىلار مۇنبەرلەردە كۆپەرەك ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن خەلقىمىز ۋە جەميەتتە، شۇنداقلا ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىمىز ئارىسىدا ئىناۋەت ۋە ئابرويغا ئىگە قەلەمكەشلىرمىزنىڭ يازمىللىرى ئىچىدىمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇلار خۇددى مىللەتكى كېسەللىكنىڭ يىلتىزنى، مەنبەسىنى تېپىۋالغاندە ، مۇشۇ ئەسىرنى جامائەتچىلىكە سۇنسا، خەلق مۇشۇ ئىللەتلىرنى تۈزەتسىلا پۈتكۈل ئىشلار قىنىغا چۈشۈدىغاندەك داۋراڭ سالدۇ.( مىسالى مەن ھازىرلا شۇنداق قىلدىم) . ھەقىقەت ئىنسان ئىنساننىڭ ئەينىگى، ئەينەك تاشقى قىياپىتىمىزنى كۆرسۈتۈپ بەرسە ئىنسان نوقسانلىرمىزنى، ئىچكى ئەيبىمىزنى كۆرسۈتۈپ بېرىپلا قالماي، ئۇ ئىنساننىڭ قىمىتىنى، رولىنى كۆرسۈتۈپ بەرگۈچى. بىر ياخشى سۈپەتلىك ئەقىللىق ئىنسانغا نوقسان-كەمچىللىكلىرنى كۆرسۈتۈپ بېرىش ئەۋزەل، ئەمما نوقسانلىق ئىنسانغا يېتەكلەش ئەۋزەل. بۇ خۇددى تەن ساق ، ماغدۇر بار چاغدا ئاللاھقا قىلغان ئىبادەتنىڭ ئاللاھتىن كۈتكەن ئۈمۈددىن ئەۋزەل بولغىندەك، ماغدۇر كەتكەندە ئەمەلدىن ئۈمۈد ئەۋزەل بولغىندەكلا بىر ھەقىقەت. نوۋەتتە خەلقىمىز سىلەر تىللاۋاتقان، سۆكىۋاتقان ئاشۇ ئىللەتلەر تۈپەيلى ھەلىدىن كېتىۋاتىۋاتىدۇ، ھالبۇكى سىلەر بىر كېسەلنى دوختۇر كەبى داۋالاش ئۇياقتا تۇرسۇن "دوختۇرغا بېرىپ كۆرنۈپ باقىن، دورا يەپباق ساقىيىپ كېتىشىڭ موكىن " دىگەندەك ئۈمۈدنىمۇ بېرەلمەيۋاتىسلە. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىشتىن باشقا ھېچنىمە قىپ برەلمىدىڭلار. دوختۇر كېسەلنىڭ، تەننىڭ دوختۇرى. يازغۇچى خەلىقنىڭ، ئاڭنىڭ دوختۇرى. بۇ بۈيۈك ۋە شەرەپلىك نام سىلەرگە مەسئۇليىتى بىلەن بېرىلگەن. بىزگە ئۈمۈد كېرەك. قارۇغىغا يولنى خاتا مېڭىۋاتقىنى دەپ قويىنىڭزغىلا توغرا يولنى تېپىپ ماڭالمايدۇ. يۆتلەپ توغرا يولغا سەپ قويۇش زۆرۈر ۋە ئۈنۈملۈك. |
2.قەلەم بىلەن قەلىبنىڭ بىردەك بولماسلىقى |
بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ، |
بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن . |
نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ، |
ساپلىغىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك . |
مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ، |
بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ، ياتما مەزلۇملىق قېنىدا . |
قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ، |
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا . |
كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ، |
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن . |
قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ، |
خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ . |
مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ، |
بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم . |
جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە « لەۋھە » بولۇپ ياتماقچىسەن ، |
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن . |
قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ، |
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى |
قەلەم بىلەن قەلىبنىڭ بىردەك بولاسلىقى يۇقىردا ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن"ئاتالمىش مىللى قەھرىمانلار" نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ بىر قەلەمكەشنىڭ ئار-نۇمۇسى ۋە مەسئۇليەت تۇيۇسىغا بېرىلگەن باھا دەپ قارغاچقا ئايرىم ئوتتۇرغا قويدۇم. بۇ ھەقتە كۆپ توختالمىساممۇ ئا.ئۆتكۈرنىڭ يۇقۇردىكى شېئرى يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن. |
3.ھېسسى تۇيغۇ بىلەن خەلىقنى ئەللەيلەش |
ئىنسان تەپەككۇر ۋە سۆيگۈ بىلەن بۈيۈكلۈكە ئىتىلگۈچى ھەم بۈيۈكلۈككە يەتكۈچى. دىمەككى، سۆيگۈ ئىنساندا كەم بولسا بولمايدۇ. ئەمما بۇ يەردە، نىمىنى قانداق شارائىتتا قانداق سۆيۈش مەسلىسى كەپ چىقىدۇ. ئىنساننىڭ سۆيلىشى ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇنلا داۋاملاشقان بولدۇ. سۆيۈشى بولسا ، سۆيگۈنى ھېسقىلالىغىندىن باشلاپ داۋاملىشىدۇ ھەم دەۋىر، زامانغا ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن شەيئىلەرگە قاراپ ئۆزگۈرۈپ تۇردۇ( ئەلۋەتتە ئىلاھ سۆيگۈسى زامان، ماكاندىن ھالقىغان). خېلى كۆپ يازغۇچىللىمىزنىڭ ئىجدىمائى تۇرمۇشنى ئارقا كۆرنۈش قىلغان ئەسەرلىنىڭ بىرەرىنى ئوقۇسىڭىز ، قالغانلىرىنىڭ باشلىمى بىلەن ئاخىرنى پەرەز قىلالايسىز. بۇلار ،مىسالى بىر ئەسىردە يولۇچىنى ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگەئېلىپ بارغان بولسا، يەنە بىرسىدە پويىز ياكى ئايرىپىلاندا ئېلىپ باردۇ. ئەلۋەتتە سىزقاتناش ۋاستىللىرنىڭ تۈرلىرگە قاراپ ئۇچراش ئېتىمالى بولغان قىيىنچىلىق ۋە ھەل قىلىش ئۇسسۇللىرنى پەرەز قىلالايسىز. بۇ خىلدىكى قەلەمكەشلەر پاچىئەنى ئاساس قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ ھېسداشلىق تۇيغۇسنى تۇتقا قىلىپ يېزىلغان ئەسەرلەردە ئۆز ئىگىسىنى تاپىدۇ. مېھرىبان ئاقكۆڭۈل خەلقىم،ئەسەر پۇرسىناژلىرنىڭ پاجىئەلىك تۇرمۇشىغا ئېچىنىدۇ ھېسداشلىق قىلىدۇ. خۇددى بۇ ئىشلار ئەتتاپىدا راسلا يۈز بەرگەندەك ئۈمۈدسىزلىندۇ، بەندىدىن كۆرۋاتقان تەڭسىزلىكلەرگىمۇ قانائەت قىلدۇ. |
قەلەمنىڭ چىنلىقنى ئاساس قىلمىقى زۆرۈر،ئولمەيدىغان چىنلىق تارىخنى يارتالىغان چىنلىق. تارىخ- يارالغان چىنلىق.بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بىز يېڭىلىققا، چىقىش يولغا مۇھتاج. |
4. مىللىتىمىز قەھرىمانغا مۇھتاج |
بۇ يەردە ئاۋال قەھرىمان ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا توغرا كېلدۇ. قەھرىماننىڭ ئېنىقلىمىسى ناھاياتى كۆپ بۇلۇپ، مۇقۇم بىر قېلىپقا سېلىۋىلىشقا بولمايدۇ. قەھرىماننىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرنىشى ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان سىنىپ، ۋەزيەت ياكى ئامىلغا قاراپ ئېنىقلىما بېرىش زۆرۈر. ھېلىمۇ ئېسىمدە، تەييارلىقتىكى ۋاقتىمىزدا بىرئوقۇتقۇچىمىز پاۋىل كارچاگىن بىلەن بېلگايتىسنىڭ رەسسىمىنى كۆرسۈتۈپ قايسى قەھرىمان دەپ سورغاندى. كۆپسانلىقىمىز پاۋىلنى كۆرسەتكەن. ئەمما ئىقدىسادى كۆرەشنى ئاساسى گەۋدە قىلغان بۈگۈنكى دۇنيادا بىلگايتىسنىڭ تىرىك قەھرىمانلىقىنى قايىل قىلارلىق يۇرۇتۇپ بەرگەن. يەنە بىر مۇنازىرە قانۇن دەرىسخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن، يەنى" قەھرىمان ۋەزيەتنى بارىققا كەلتۈرەمدۇ ياكى ۋەزيەت قەھرىماننى مەيدانغا كەلتۇرەمدۇ؟" دىن ئىبارەت. نەتىجە: قەھرىمان ۋەزيەتتە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلالىغاندا ئاندىن قەھرىمان ئونۋانىغا ئېرشىدۇ. ۋەزيەت ئېھتىياجى قەھرىماننىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا شارائىت ھازىرلاش بىلەن بىرگە قەھرىماننى تاۋلايدۇ ۋە خەلقنىڭ قوللىشىغا مۇيەسسەر قىلدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن مەن قەھرىمانغا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بېرىپ ئۆتمەكچى. يەنى قەھرىمان:ۋەزيەت ئېھتىياجىغا تۇغۇلۇپ،ئەگرى-توقاي ۋەزيەتتە تاۋلىنىپ ، يېڭى ۋەزيەت بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان،ئومۇمى ئاڭغا ئىگە، ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان سىنىپ ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشتىن قوقمايدىغان،ھەم بۇ سىنقا ئىگە بولالايدىغان.بۇ سىنىپقا باراۋەرلىك ئېلىپ كېلەلەيدىغان زاتنى كۆرسىتدۇ .ئۇ ۋەزيەت،پۇرسەت كۈتمەيدۇ بەلكى ۋەزيەتنى، پۇرسەتنى ئۆزى ئۈچۈن بويسۇندۇردۇ. يېقىنقى زامان يېزىقچىلقىمىزدا پەرزەنتلەرگە سۆزلەپ بەرگىدەك بىرەر قەھرىمانلىق داستانى مەيدانغا چىققىنى يوق. بۇ بىزدە قەھرىماننىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى قەلەمكەشلىرمىزدىكى مەسلىمۇ؟ مېنىڭچە قەھرىمان ھەرقانداق ۋەزيەتتە ئۆزگە چۇشلۇق قىممەت بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇردۇ. بۇ دەل ئاخپارات ۋاستىللىرى ۋە قەلەمكەشلەرنىڭ قەلمى بىلەن خەلق ئىچىدىكى ئورنى يۇقرى كۆتۈردۇ ۋە تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىدۇ. ھازىر ۋەزىيتىمىزدە قەلەمكەشلەرنىڭ پائالىيتى بىرقەدەر ئەركىن. شۇڭا بۇ يۈكسەك مەسئۇليەتنى سىلەرنىڭ ئاداقىلشىڭلار تولىمۇ زۆرۈر ۋە تەخىرسىزدۇر. |
ھازىر ئۇيغۇر زىيالى قاتلىمى تۇيۇنىشقا يىرق بولسىمۇ ، ئەمما مەلۇم سەۋيەگە بېرىپ يەتتى. سۆزلىسە چۈشۈنىدۇ، يازسا ئوقۇيدۇ. ئەگەشتۈرسە ئەگىشىدۇ.گۈگۈمۇقتا تەمتىرەپ يۈرگەن بىزدەك زىيالىغا دانكودەك بىر قەھرىماننىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ يولىمىزنى يۇرۇتۇپ بېرشى،يولىمىزنى كۆرسىتىپ بېرشى تەخىرسىز ئېھتىياج. بۇ قەھرىمان دەل سىلەرنىڭ قەلمىڭلار بىلەن تاجلانغۇسى. |
دۇنياغا مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېينىشتىيىن مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا بىر خەتەرلىك جاي. بۇنداق بولۇشىنى رەزىل ئىشلارنى قىلىدىغانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس. بەلكى ئاشۇ رەزىل ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، سۈكۈت قىلىپ كېتىۋىرىدىغانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان.»( ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن زىيالىلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىغا مۇھتاج( بىلىمخۇمار)) |
5. بۇيرۇقۋازلىق ۋە قۇرۇق پەندى-نەھەت |
ئىنسانىڭ بىلمەي تۇرۇپ قىلغىندىن بىلىپ بىلىپ تۇرۇپ قىلدىغان خاتالىقى ئېغىر توختايدۇ. ئەمىليەتتە كۆپ كىشىللىرمىز نىمىنى قىلىپ ،نىمىنى قىلماسلىقنى، نىمىنى قىلسا ياخشى ، نىمىنى قىلسا يامانبولدىغانلىقىنى ئوبدان بىلدۇ. ئەمما خاتا ئىكەنلىكىنى، يامان ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلدۇ.بۇنىڭغا ئېھتىياج قىستىغان. ئەگەر بىر دانا قەلەمكەش بىر ياكى بىرنەچچە تۈرلۈك ئاشۇ مەقسەتكە يېتەلەيدىغان ياخشى يولنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئېنىقكى ئەڭ ياخشىسنى تاللاپ ماڭغان بولاتتى . شۇڭا قۇرۇق شۇئاردىن ئەۋزەلرەك تەدبىرىڭىزنى كۆرسۈتۈپ بېرىڭ. |
نوقسانلاردىن خالى ئەمەسمەن . ئوقۇرمەنلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. شۇنداقلار تورداشلارنىڭ يازغۇچىلىمىزدىن كۈتىۋاتقان ئوي-خىياللىرنى ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ مەزمۇننى تېخىمۇ بېيتىشنى ئۈمۈد قىلمەن. |
|
|