قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5222|ئىنكاس: 16

ئانا تىل - تەۋەرۈك تىل(ياپونچىدىن تەرجىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار گېپىنى

4

تېما

0

دوست

1838

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 309
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 13:50:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 
    ئانا تىل . تەۋەرۈك تىل . قوش تىل  
 
          (چەت ئەل تىلى سۈپىتىدىكى تىل مائارىپى، ئىككىنچى تىل سۈپىتىدىكى تىل مائارىپى، 
 تەۋەرۈك تىل سۈپىتىدىكى  تىل مائارىپى ۋە بۇلارنىڭ پەرقى ھەققىدە)
                                          ناكاجىما كازۇكو (中島 和子)
 (ناگويا چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى) 

 ياپون تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : نىكۇ

             ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئانا تىل ؛ تەۋەرۈك تىل مائارىپى؛ تەۋەرۈك تىل ئوقۇتقۇچىسى؛ تەۋەرۈك تىلنى ئۆگەنگۈچى؛ تىلدىكى ئالمىشىش؛ قىممەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئۆزئارا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇش پرىنسىپى


1. ئانا تىل ۋە تەۋەرۈك تىل

        ئانا تىل دېگەن نېمە؟
        بۇ ئاۋۋال سورىلىدىغان مەسىلە. مەن بۇ يەردە ئانا تىلنى "ئەڭ دەسلەپ ئۆگەنگەن، ھازىرمۇ ئىشلىتەلەيدىغان تىل" دەپ قاراپ مۇھاكىمە يۈرگۈزىمەن. تىلى چىقىۋاتقان مەزگىلدە دۆلەت ھالقىپ كۆچمەن بولىدىغان بالىلارنىڭ ئانا تىلى قايسى تىل؟ دەرۋەقە دەسلەپ ئۆگەنگەن تىلى ئاتا – ئانىنىڭ ئانا تىلى بولسىمۇ، مەكتەپ يېشىغا توشۇپ يەرلىكتىكى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندە يەرلىكنىڭ تىلى "كۈچلۈك تىل" ئانا تىل بولسا "ئاجىز تىل" بولۇپ قالىدۇ. بۇ جەرياندا ئانا تىلنى تاشلىۋېتىدىغان، ئاتا – ئانىلار ئانا تىلدا گەپ قىلسىمۇ يەرلەك تىلدا ئىنكاس قايتۇرىدىغان بالىلارمۇ بارلىققا كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۇرمۇش تىلى ئانا تىلدىن يەرلىك تىلغا ئالمىشىدۇ. مۇشۇ ھالدىكى بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ تىلى زادى قانداق تىل بولىدۇ؟ ئاتا – ئانىنىڭ تىلى بالىلارنىڭ ئانا تىلى دەپ ئاتىلىشقا ئاجىزلىق قىلسىمۇ، ئۇ ئاتا – ئانىنىڭ تىلى بولغاچقا چەت ئەل تىلى بولالمايدۇ، شۇنداقلا يەرلىك تىلنى يەرلىكلەردەكلا راۋان سۆزلىيەلىگەنگە قاراپلا يەرلىك تىلنى ئانا تىل دەپ ئاتاشمۇ پۇت تىرەپ تۇرلمايدۇ. تىلى چىقىۋاتقان مەزگىلنىڭ بىر قىسمىنى پەرقلىق تىل مۇھىتىدا ئۆتكۈزىدىغان بالىلارنىڭ تىلىنى ئانا تىل ۋە چەت ئەل تىلى دەپ ئايرىش تەسكە توختايدۇ، شۇڭا "تەۋەرۈك تىل" ۋە "يەرلىك تىل" دېگەن ئۇقۇملار ئارقىىق يىغىنچاقلىغان ئەڭ مۇۋاپىق. "تەۋەرۈك تىل" ئاتا – ئانىدىن قۇبۇللىغان تىل، "يەرلىك تىل" بولسا بالىنىڭ تەربىيىلىنىش مۇھىتىدا ھەر كۈنى ئىشلىتىلىدىغان تىل. "تەۋەرۈك تىل" ئاساسەن ئائىلىدە ئىشلىتىلسە، "يەرلىك تىل" مەكتەپتىكى ئۆگىنىشتە ئىشلىتىلىدۇ. "يەرلىك تىل" جەمئىيەتتىكى كۆپ سانلىقلارنىڭ تىلى بولسا، "تەۋەرۈك تىل" ئاز سانلىقلارنىڭ تىلىدۇر. ئەلۋەتتە، تەۋەرۈك تىلمۇ، يەرلىك تىلمۇ بىر تىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. دۆلەت ھالقىغان نىكاھ (ئوخشىمىغان مىللەت ئەزالىرىنىڭ توي قىلىشى) دىن شەكىللەنگەن ئائىلىلەر ئاتىنىڭ ئانا تىلى بىلەن ئانىنىڭ ئانا تىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تەۋەرۈك تىلغا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئائىلىلەر كۆپ خىل تىل مۇھىتىدا بولسا كۆپ خىل يەرلىك تىلنى قوللىنىپ كۈن كەچۈرۈدۇ.

2 . تەۋەرۈك تىلنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى

     تەۋەرۈك تىل بىلەن چەت ئەل تىلىنىڭ پەرقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىنىدۇ.
      (1)  ئانا تىلغا ۋارىس بولۇشنى قىممەتكە ئىگە قىلىش ئىجتىمائىي توپلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ.

      مەسىلەن، فرانسۇز پۇشتىدىن بولغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ فرانسۇز تىلىدىن مەھرۇم قېلىشى ئۆز كۈلتۈرىدىن مەھرۇم قالغان بىلەن باراۋەر بولۇپ، مەزكۇر تىلنى يەتكۈزۈش ۋە قۇبۇل قىلىش روھى ئىنتايىن كۈچلۈك. يەھۇدى پۇشتىدىن بولغان كانادالىق ئادەملەرگە كەلسەك، ئۇلار تىلغا نىسبەتەن كەڭ قورساق، ئەمما مىللەتداش بىلەن توي قىلىشقا ۋە ئۆز دىنىغا بولغان مايللىقى ئاجايىپ كۈچلۈك. ئېنىقكى، كۈلتۈرنى ساقلاپ قېلىشتا تىلنىڭ ئىگىلىگەن ئورنىمۇ ئوخشىمايدۇ. ياپونلۇقلار قانداق قىلا بولغىتتى دېگەندە، ئومۇمەن "ئۇزۇن نەرسىگە يۆگەن" (چوڭلارغا، نوپۇزى ۋە ھوقۇقى كۈچلۈكلەرگە قارشىلىقسىز بويسۇنۇش ئاقىللىقتۇر) دېگەندەك، شارائىتقا ماسلىشىش خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدۇ.

    (2)تەۋەرۈك تىلنى پەرۋىش قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى قازانماسلىق ئىجتىمائىي توپلارنىڭ كۈچ سېلىشۇرمىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. دۇنيا تىلى كۈچلۈك دەۋر سۈرۈۋاتقان ئامېرىكىدا ياپون تىلىدەك ئاز سانلىقلار تىلىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قېلىش تەس بولغىنى بىلەن، ياپون تىلىنىڭ ئۈنۈمدار رولى ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان رايونلاردا ياپون تىلىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەرلىك تىلنى ئىگىلەش ئۇنچىۋالا تەس ئىش ئەمەس. دۆلەت ئىچىدىكى چەئەللىك بالىلارغا كەلسەك، ئومۇمەن ياپونلۇقلارنىڭ قارىشىدا ئىنگلىز تىلىنى بىلىشنىڭ قىمىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئىنگلىز تىلى ئانا تىلى بولغان بالىلارنىڭ مەزكۇر تىلنى ساقلاپ قېلىشى ئاسان بولىدۇ، ئەمما ياپونلۇقلار ئۈنۈمدارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئاز سانلىقلار تىلى بولۇپ قالسا مەزكۇر تىلنىڭ ياپون تىلىغا ئالمىشىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ.

    (3)دەۋرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشەپ ئىككى تىلدا سېمانتىكا خاراكتېرلىك ئايرىلىش يۈز بېرىدۇ. بىرىنچى ئەۋلاد كىشى يەرلىك تىلغا پۇختا بولمىغانلىقتىن، ئادەتە تەۋەرۈك تىل ئارقىلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ؛ ئىككىنچى ئەۋلادقا كەلگەندە تەۋەرۈك تىل بىلەن يەرلىك تىلنى پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ، ئائىلىدىكى ئالاقىدە تەۋەرۈك تىل، سىرتتىكى ئالاقىدە يەرلىك تىل قوللىنىلىدىغان قوش تىل ئەندىزىسى بارلىقا كېلىدۇ. ئۈچىنچى ئەۋلادقا كەلگەندە بولسا، يەرلىك تىل تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە مەركەزلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان بولىدۇ. يەنى، تەۋەرۈك تىلنىڭ تۇرمۇشتىكى رولى يوقىلىپ، ئاز سانلىقلار ئىجتىمائىي توپىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدىلا رول ئوينايدۇ.

3.تەۋەرۈك تىل مائارىپى دۈچ كەلگەن مەسىلە

     يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر نۇقتىسىدىن چەت ئەل تىلى سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپى ۋە ئىككىنچى تىل سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تەۋەرۈك تىل سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپى دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئالتە جەھەتتىن كۆرسەتمەكچىمەن.

       1.3. قىممەتنىڭ پاسسىپلىشىشى
      تىل پەرقىگە ئىگە ئىجتىمائىي توپلارنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا تەۋەرۈك تىل دائىم ئاجىز ئورۇندا تۇرغاچقا، ئاساسلىق تىل بىلەن بولغان ئىجتىمائىي پەرقى چوڭلىغانسېرى ئۆگەنەنگۈچىگە نىسبەتەن تەۋەرۈك تىلنىڭ قىممىتى پاسسىپلىشىدۇ. بالا ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ تەۋەرۈك تىلغا نىسبەتەن قانداق قىممەت قاراشىقا ئىگە ئىكەنلىكىگە سەزگۈر كېلىدۇ. تەۋەرۈك تىل ھەققىدە ئومۇمىي جەمئىيەتنىڭ باھاسى تۆۋەن بولغاندا، بالا مەزكۇر باھانى ئىچكىلەشتۈرۈپ، تەۋەرۈك تىلنىڭ قىممىتىنى پاسسىپلاشتۇرىدىغان، ئاللىبۇرۇن ئىگىلەپ بولغان تىلدىن ۋاز كېچىدىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. تەۋەرۈك تىل مائارىپى دۈچ كەلگەن مەسىلىنىڭ بىرسى بولسا ئۆگەنگۈچىگە قانداق قىلىپ تەۋەرۈك تىلنى ئۆگىنىشنىڭ قىممىتىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

      2.3. ئاتا – ئانىنىڭ تاللىشى 
     مەكتەپ مائارىپىدىكى چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش ئاساسەن ئۆگەنگۈچىنىڭ تاللىشىنى ئاساس قىلىدۇ، ئەمما تەۋەرۈك تىلنى ئۆگىنىش ئاتا – ئانىنىڭ تاللىشى بىلەن باشلىنىدۇ. تەۋەرۈك تىل ئاتا – ئانىلار بالىسىغا مۇتلەق ئۆگىتىشنى خالايدىغان تىلدۇر. بۇ، بالىغا نىسبەتەن كۆپىنچە مەجبۇرلىنىدىغان ئۆگىنىش بولغاچقا، ئەمەلىي دەرس جەريانىدا ئۆگىنىش ئىستىكى بولمىغان بالىلارنى قانداق ئاكتىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئوتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭدا ئۆگەتكۈچىنىڭ ماھارىتى ۋە ئىلمىي مېتودى زۆرۈر بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەۋەرۈك تىل ئاتا – ئانا بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەتلىك تىل بولغاچقا، ئۇنى ئۆگىتىشتە ئاتا – ئانىنىڭ قىزغىنلىقى كەم بولسا بولمايدۇ. ئەمما، ئاتا – ئانىنىڭ ئانا تىلدا سۆزلىشى تۆۋەن يىللىقتىكى (باشلانغۇچ 1 -، 2 -، 3 - يىللىقتىكى) بالىلارغا نىسبەتەن ئاكتىپ ئامىل بولسىمۇ، يۇقرى يىللىقتىكى (باشلانغۇچ 4 -، 5 -، 6 - يىللىقتىكى ) بالىلارغا نىسبەتەن پسىخىك بېسىم شەكىللەندۈرۈپ قويىدىغان بولۇپ، تەۋەرۈك تىلدىن يىراقلىشىشنى تېزلىتىدىغان ئامىل بولۇپ قالىدۇ.

      3.3.دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىش
     تەۋەرۈك تىل ئاز سانلىق ئىجتىمائىي توپىلار قوللىنىدىغان تىل بولغاچقا، دۆلەتنىڭ تىل مائارىپى سىياسىتىدە ئېتىبار بېرىلىدىغان ئىش ئاۋۋال ئويلىشىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەرەققىي تاپقان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا، تەۋەرۈك تىلنى ساقلاپ قېلىشتىكى تىرىشچانلىق بىر مىللەتتىن بولغان تىلداش ئىجتىمائىي توپلار ئىچىدىلا كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى ھازىرقى ئەھۋال. مەسىلەن، كۆچمەنلەر توپى، سودا – سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى، دىنىي تەشكىلاتلار ئەينى دائىرىدە تەۋەرۈك تىل پروگراممىسىنى قوزغىتىدىغان مەنبەگە ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئاز سانلىقلار تىلىنى ئىشلىتىدىغان ئىجتىمائىي توپلار بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا تەۋەرۈك تىل ۋە تەۋەرۈك كۈلتۈرنى ئۆگىنىپ ماڭىدۇ. ئۆگىنىدىغان ئورۇنلارمۇ ئىتىمائىي پائالىيەت مەركىزى، دىنىي جەمئىيەت، كۆچمەنلەر جەمئىيىتى قاتارلىقلاردا بولىدىغان بولۇپ، دەرستىن سىرت ۋاقىتلاردا ئومۇمەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش سالاھىيىتى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىتىدۇ. گەرچە دەرستىن سىرتقى ئىش بولسىمۇ، بالىنى ئىزچىل ئۆگىنىش قىلىشقا ئاكتىپ يېتەكلەش خلمۇخىل ئۇسۇللارنى تەلەپ قىلىدۇ.
      مەسىلەن، كانادانىڭ British Columbia ئۆلكىسىدە بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا تەۋەرۈك ياپون تىلىنى ئىزچىل ئۆگىنىپ كەلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ياپون تىلى ئۆلچەم ئىمتىھانىغا قاتنىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئەگەر ئىمتىھاندىن ئۆتسە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ چەت ئەل تىلىدىكى ئوقۇش نۇمۇرىنى تەلەپ قىلسا بولىدىغان تۈزۈمنى يولغا قويغان. مۇشۇنداق ئاز سانلىقلار تىلىنىڭ ئاممىۋىي مائارىپتا ئېتراپقا ئېرىشىشى تەۋۈرۈك تىلنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ يەنە ئۆسمۈرلەرنىڭ تەۋەرۈك تىلنى ئۆگىنىش ئىستىكىنى قوزغىتىدۇ.

4.3.تىل ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى

      چەت ئەل تىلى مائارىپىدا تۆت خىل ماھارەت (ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش ماھارىتى) نىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىلغار ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ، ئەمما ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان تەۋەرۈك تىلدىكى تۆت خىل ماھارەتتنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولمايدۇ. ئەڭ تەرەققىي قىلىدىغىنى ئاڭلاش ئىقتىدارى، بۇنىڭغا قارىغاندا سۆزلەش ئىقتىدارى بەكلا تۆۋەن بولىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولىدىغىنى ئوقۇش – يېزىش ئىقتىدارىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئائىلىدە دىئالوگ جەھەتتىكى ئىقتىدار تەرەققىي قىلسىمۇ، بىلىش (تەپەككۈر) ئىقتىدارى زۆرۈر بولغان تىل (مۇرەككەپ ۋە چوڭقۇر مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىئالوگ ۋە ئوقۇش – يېزىش ئىقتىدارى) جەھەتتىكى تەرەققىيات كېچىكىپ كېتىدۇ. تەۋەرۈك تىلنى كۈچەيتىش پروگراممىسى بولمىغان تەبىئىي ھالەتتە قالدۇرغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى كۆچمەن بالىلارنىڭ ئوقۇش – يېزىش ئىقتىدارى تېزلا چېكىنىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، تەۋەرۈك تىل مائارىپىدىكى مەسىلە تىل ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ مېڭىش بولىدۇ.

5.3. بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆت يىل كېچىكىشى

      تەۋەرۈك تىلنى ئۆگەنگۈچىنىڭ بىلىش جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئۆخشاش ياشتىكى ئانا تىلدا سۆزلىگۈچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۆت يىل كېچىكىدۇ، دەپ قارالماقتا. مەسىلەن، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى ياپونلۇقلار پۇشتىدىن بولغان تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (31 نەپەر ئوقۇغۇچى) نى تەكشۈرشكە ئاساسلانغاندا، تەۋەرۈك تىلنى ئۆگىنىشنى ھەپتە ئاخىرى بىر قېتىم ئىككى يېرىم سائەت، ئون يىىل داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سۆزلىشىش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ياپون تىلىدىكى 30 مىنۇتلۇق يۈز تۇرا ئىمتىھانغا بەرداشلىق بېرىش كۈچىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە يېزىقچىلىق ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى ئاساسەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ  4 – يىللىقلار سەۋىيىسىدە بولغان. يەنە شۇ تورۇنتو شەھىرىدىكى پورتۇگاللار پۇشتىدىن بولغان كانادالىقلار (تۇلۇقسىز ئوتتۇرا 1 – يىلىقتىكى 191 نەپەر ئوقۇغۇچى) نى تەكشۈرگەندىمۇ ئۇلارنىڭ سۆزلەش ۋە ئوقۇش ئىقتىدارى (گىرامماتىكا ئىقتىدارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا چوڭ پەرق چىققان بولۇپ، پورتىگالىيەنىڭ ئازورېستىكى ئانا تىللىقلار (باشلانغۇچ مەكتەپ 6 – يىللىقتىكى 69 نەپەر ئوقۇغۇچى) بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىلىش جەھەتتىكى ئىقتىدار ئاساسەن تۆت يىل كېچىككەنلىكى ئېنىقلانغان. يەنە يېقىندا تورونتودا ياپونلۇقلار پۇشتىدىن بولغان باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوبيېكت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىكى خەن خېتى ئىقتىدار سىنىقىدىمۇ ئىشلىتىلگەن خەن خېتى ئاساسەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 – يىللىق ئوقۇغۇچىلار سەۋىيىسىدە، خەن خېتى يېزىش بولسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 – يىللىق ئوقۇغۇچىلار سەۋىيىسىدە بولغان.

6.3. ئەۋلاد ۋە باشقا تەرەپلەر ئوخشىمىسا، مائارىپ مەزمۇنىمۇ ئۆخشىماسلىق

     تەۋەرۈك تىل مائارىپى دېگەندە، ئۇنىڭ مائارىپ خاراكتېرىنى ئالغان مەزمۇنى ۋە مېتودى بالىلار تۇرىۋاتقان شارائىتقا ئاساسەن پەرقلىنىدۇ. ئوقۇيالايدىغان ۋە يازالايدىغان بالا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا كۆچمەن بولغان ئەھۋالدا ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش مائارىپى مۇمكىن بولىدۇ، ئەمما ئوقۇيالمايدىغان بالىلىلارغا نىسبەتەن تەۋەرۈك تىلدا ئوقۇش – يېزىشنى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر بولسا، كۆچمەن بولغان يەردە تۇغۇلغان ئىككىنچى ئەۋلاد (كۆچمەن بولغان جايدا تۇغۇلۇپ، شۇ جاينىڭ قانۇنلۇق پۇقراسى بولغان) بالىغا نىسبەتەن سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر بولىدۇ. ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئاۋلادتىن كېيىن بولسا، مەزكۇر تىلنى مەكتەپ مائارىپىدا چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆگنىش زۆرۈر بولىدۇ. ئەۋلاد ئاساسىدىلا ئەمەس، ئىلگىرى تۇرغانلار، مۇقىم تۇرغانلار، يېڭى كەلگەنلەرنىڭ ئوخشىمەسلىقىغا ئاساسەن مائارىپ مەزمۇنىمۇ ئوخشىمايدۇ.

4.تەۋەرۈك تىل مائارىپىنىڭ مائارىپ خاراكتېرلىق ئەھمىيىتى

      تەۋەرۈك تىل مائارىپىدىكى ئوبيېكت تىل ئاتا – ئانىنىڭ تىلى بولغاچقا، ئۇنىڭغا چەت ئەل تىلىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇشاللىق، قايغۇ ۋە باشقا خلمۇخىل ئوي – پىكىرلەرنىڭ كاپالىتى بولغان تىلدۇر. ئۇ ئاتا – ئانىنىڭ تىلى بولغاچقا، بالىنىڭ بىلىشى تەبىئىي بولۇپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىلسە ئاتا – ئانىمۇ، بالىمۇ ئازابلىنىدۇ. شۇڭا، تەۋەرۈك تىل تۇرمۇشتىكى رولىنى يوقاتسىمۇ، تەۋەرۈك تىلغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك، دېگەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇنى نەچچە ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا سەل قارالسا، بىر ئۈمۈر پۇشايمانغا قالىدىغان ئىش بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاتا – ئانا يەرلىك تىلغا پىششىق بولمىغاندا (يەرلىك تىلدا سۆزلەپ قايىل قىلىش ئىقتىدارى بولمىغاندا) ئاتا – ئانا بىلەن بالىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىدا قورال سۈپىتىدە زۆرۈر بولىدىغىنى تەۋەرۈك تىل بولىدۇ. ئات – ئانا يەرلىك تىلدا يېرىم – يارتا سۆزلەيدىغان، بالا تەۋەرۈك تىلدا يېرىم – يارتا سۆزلەيدىغان ئەھۋالدا ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا يېرىم – يارتا مۇناسىۋەت  ئورنىتىلىدۇ. شۇڭا، تەۋەرۈك تىل مائارىپى بالىنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىشىشى، خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەتلىك تىل مائارىپى بولغاچقا، ئۇنىڭ مائارىپ خاراكتېرلىك ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
     يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، تەۋەرۈك تىلنى كۈچەيتىش ئۈستۈن تۇرىدىغان يەرلىك تىلنى ئىگىلەشنىڭ كاپالىتىدۇر. بولۇپمۇ ئوقۇش يېشى مەزگىلىدە يەرلىك تىل بىلەن ئۇچرىشىش باشلانسا، تەۋەرۈك تىل يەرلىك تىلنى ئىگىلەشتە مۇھىم رولىنى جاراى قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلاپ يېتىشتۈرۈش ياخشى ئوخشىتىش بولىدۇ، يەنى ئۇلاق تېگى بىجىرىم بولسا، ئۇلاقمۇ ياخشى كۆكلەيدىغان بولۇپ، ئۇلاق تېگى ئاجىز بولسا ھەر ئىككى تەرەپ سولىشىدۇ. بۇ جىم كامېنىس (Jim Cummins) ئوتتۇرىغا قويغان "ئۆزئارا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇش پرىنسىپى" بولۇپ، خىلمۇخىل تىل ئىگىلەش مۇھىتلىرىدا ئىسپاتلانغان. كونكرېت ئېيتقاندا، توت ياشتىن سەككىز ياشقىچە تەۋەرۈك تىلنى پۇختا ئۆگەتكەندە، يەرلىك تىلنىمۇ ئىگىلەش بىلەن بىرگە تەۋەرۈك تىلنىمۇ كۈچەيتىپ ماڭالايدىغان ئىمكانىيەت بولىدۇ. ئەگەر تۆت ياشتىن سەككىز ياشقىچە تەۋەرۈك تىلدىن مەھرۇم قالسا، ئانا تىلدىمۇ، يەرلىك تىلدىمۇ ئوخشاشلا سۇسلىشىش كۆرۈلىدۇ. مۇشۇ مەنە بويىچە بولغاندا، يەسلى (بىر ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى (باشلانغۇچ 1 -، 2 -، 3 – يىللىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىدۇ) تەۋەرۈك تىل مائارىپىنىڭ يەرلىك تىلنى بۇختا ئىگىلەش ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشتا مائارىپ خاراكتېرىلىك ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.


5. تەۋەرۈك تىل مائارىپىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەر

      تۆۋەندە ئوقۇتقۇچى، ئۆگەنگۈچى، مائارىپ شەكلى، ئوقۇتۇش مېتودى، باھالاش قاتارلىق نۇقتىلاردىن تەۋەرۈك تىل مائارىپى بىلەن چەت ئەل تىلى سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپى (JFL) ۋە ئىككىنچى تىل سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپى (JSL) نىڭ قانداق پەرقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىمەن.

1.5. ئوقۇتقۇچى مەسىلىسى

        چەت ئەل تىلى سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپى (JFL) بولسا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ مائارىپىدا ئوقۇتىدىغان دەرس تۈرلىرىنىڭ بىرى، ئەمما تەۋەرۈك تىل سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپى (JHL) ئالدىدا بايان قىلغىنىمىزدەك مەكتەپ مائارىپىنىڭ سىرتىدىكى دەرستىن سىرتقى دەرس بولۇپ، ئۇنى مائارىپ مۇتەخەسىسلىرى بولمىغان نەق مەيدان دېيىشكە بولىدۇ. تەۋەرۈك تىل سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن چەت ئەللىك ھېسابىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانا ۋە قېرىنداشلار، ئىجتىمائىي توپ ئىچىدىكى ياشقا چوڭلار، ۋاقىتلىق تۇرىۋاتقان ئانا تىللىق كىشىلەر بولغاچقا، مائارىپ نەزەرىيەسى، دەرسلىك كىتاب، ئوقۇتۇش مېتودى دېگەنلەرنىىڭ بىردەك بولىشى تەس. جەمئىيەت خاراكتېرلىك تونۇشنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىغا بېرىدىغان ھەقنىڭ ئازلىقى سەۋەبلىك بۇ خىلدىى مائارىپمۇ ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ، كەسپىيلىشىش ئېڭىمۇ شەكىللەنمەيدۇ.
       تەۋەرۈك تىل سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپى (JHL) غا تىل ئىقتىدارى نۇقتىسىدىن بىرىنچى ئەۋلاد كىشى ئوقۇتقۇچىلىققا ماس كېلىدۇ دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە يەرلىك مەكتەپلەردە تەربىيىلەنگەن بالىلار بىلەن ھېسسىيات، ھەرىكەت شەكلى، يەنە قىممەت قاراشتىمۇ پەرق چوڭ بولغاچقا، ئەمەلىي دەرس راۋان يۈرۈشمەيدىغان ئەھۋاللار كۆپ.


2.5. ئۆگەنگۈچىلەر مەسىلىسى

      تەۋەرۈك تىلنى ئۆگەنگۈچىلەردىكى بىر مەسىلە بولسا ئۆگىنىشكە نىسبەتەن تۈرتكىنىڭ بەكلا ئاجىز بولۇشى، يەنى تەۋەرۈك تىلنى ئارتۇقچە نەرسە، بېسىم كەلتۈرىدىغان نەرسە دېگەن ئاڭنىڭ بولۇشىدۇر. بىرازىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش (تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان ئادەم 16334 نەپەر) تە ئۈچىنچى ئەۋلاد بولغان % 76.2 ئادەم ئاتا – ئانىسىنىڭ دەۋىتى بىلەن (ئامال يوق) ياپون تىلىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
       يەنە 1999 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا لوس ئانگېلېستىكى ياپونلۇقلار پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ ئىلمىي يىغىلىشىدا بەزى ئۈچىنچى ئەۋلاد بالىلارنىڭ "بىز يەرلىكتىكى مەكتەپلەردە ئەلا ئوقۇغاچقا مۇئەللىملەر بىزنى <پەرىشتە> (angel) دەپ تەرىپلەيدۇ، ئەمما ھەپتە ئاخىرىدا بارىدىغان ياپون تىلى مەكتىپىدە بولسا بىز <خائىن> (rebel) بولىمىز. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ناچارلىقىدىنمۇ، دەرسلىك ماتېرىيالىنىڭ ناچارلىقىدىنمۇ ئەمەس. بىز ھەپتە ئاخىرىدا ئۇ يەرگە چوقۇم بارمىساق بولمايدىغانلىقىغا قارشى تۇرغان." دەپ سۆزلىگىنى ھازىرقىدەك ئېسىمدە. بۇ خىل ھادىسە ياپونلۇقلار پۇشتىدىن بولغان بالىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. يەنە شۇ ئىلمىي يىغىلىشتا باشقىلار سۆزلىگەن ئىلمىي نۇتۇقلاردىمۇ تەۋەرۈك تىلىنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە "ئۆگەنگۈچىنىڭ قارشىلىقى" تىلغا ئېلىنغىنىغا قارىغاندا بۇنى تەۋەرۈك تىلنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى دېيىشكە بولىدۇ.
       تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا كۆڭۈلدىكدەك ئۆگىنىشداشلار بولسىلا تەۋەرۈك تىلنى ئۆگىنىشتىكى پاسىپ ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى تەشەببۇسكار ۋە ئەستايىدىل پوزىتسىيەگە ئۆزگىرىدۇ. باشتا تىلغا ئالغان ئۆزۈم تورونتودا ئېلىپ بارغان تەكشۈۈرۈش (تەكشۈرۈشنى قونۇل قىلغۇچى 31 نەپەر) تىمۇ ئون يىل ياپون تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغانلىق كەچمىشىنى ئەسلەپ "مەن ياپون تىلى مەكتىپىگە ئامراق" دېگەنلەر %60، شۇ سەۋەبلىك "توستلىرىم بار بولدى" دېگەنلەر مۇتلەق كۆپ بولغان. يەنە "كەلگۈسىدە توي قىلىپ بالىلىق بولسىڭىز، بالىڭىزنى ياپون تىلى مەكتىپىگە ئەۋەتەمسىز" دېگەن سوئالغا %90 كە يېقىن ئادەم ئەۋەتىمەن دەپ جاۋاب بەرگىنىدىنمۇ ياپونلۇقلار پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ ئاڭلىق رەۋىشتە ياپون تىلىغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ.
       تەۋەرۈك تىلنى ئۆگنىشتىكى پاسسىپ پوزىتسىيەنىڭ كەينىدە ئۇنى ئۆگىنىشكە بولغان ئىشەنچىسىزلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئائىلىدە تەۋەرۈك تىلنى پاسسىپ رەۋىشتە ئىشلىتىش، ئۇنى چۈشەنمىسىمۇ ئىنكاسسىز ئاڭلاش ئادەتكە ئايلانغاچقا تەۋەرۈك تىلدا سۆزلەش تەسكە توختايدۇ. يەنە ئائىلە تىلىدا ئاتا – ئانىنىڭ يەرلىك شېۋىسى قۇيۇق بولغاچقا ئۆزى سۆسلەيدىغان تەۋەرۈك تىل ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە راۋان بولسىمۇ، ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدا ئورتاق بولامدۇ يوق دېگەن تەشۋىش پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ياپون تىلىلا ئەمەس، باشقا تىللارنىڭ تەۋەرۈك تىل مائارىپىدىمۇ قانداق شارائىتتا قانداق ھۆرمەت ۋە سالا- سائەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش ئىنتايىن زۆرۈر.


3.5. مائارىپ شەكلى

       فىشمەن (J .A.Fishman) تەۋەرۈك تىل مائارىپىنىڭ شەكلى ۋە يېتىدىغان نىشانىنى تۆۋەدىكى تۆت تۈرگە ئايرىغان.
(1) ئۆتكۈنچى قوش تىل
مەسىلەن، ئامېرىكىدا "ئۆتكۈنچى قوش تىل مائارىپى" دېيىلىدىغان بولۇپ، يەرلىك تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان بولغىچە ئوقۇتۇشتا ئانا تىلنى قولىنىلىدۇ. ئەمما، بۇ تەۋەرۈك تىلنىڭ رولىدىن پايدىلانغانلىقلا بولۇپ، ھەرگىزمۇ تەۋەرۈك تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوقۇتۇش تىلى قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.
(2)  ئوقۇش – يېزىش يەرلىك تىلدا بولىدىغان قوش تىل
مەسىلەن، ئائىلىدە تەۋەرۈك تىل قوللىنىلسىمۇ، ئوقۇش – يېزىش جەھەتتە تەبىئىي قويۇۋېتىلىپ، ھېچقانداق ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىلمىغاچقا، سۆزلەش جەھەتتە ئىككىلا تىلدا پىششىق بولسىمۇ، ئوقۇش – يېزىشنى پەقەت يەرلىك تىلدىلا ئېلىپ بارالايدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.
(3) قىسمەن قوش تىل
مەسىلەن، كانادانىڭ تەۋەرۈك تىل مائارىپى پروگراممىسىغا ئوخشاش، ھەپتە ئاخىرى ياپون تىلى مەكتىپىدە "تەۋەرۈك تىل" نى دەرسلىك كىتاب ئارقىلىق ئۆگىنىدىغان بولغاچقا، مەلۇم دەرىجىدە ئوقۇپ – يازالايدىغان بولىدۇ. ئەمما، باشقا دەرسلەرنى ئۆگىنىش تەۋەرۈك تىل ئارقىلىق بولمىغاچقا، ئۆگىنىلدىغان تىل سۈپىتىدىكى ياپون تىلىدا يېتەرلىك ئىلگىرلەش بولمايدۇ.
(4)تولۇق قوش تىل
      مەسىلەن، بۇ بارلىق ساھەلەردە ئىككى تىلنى يۇقىرى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان مائارىپ بولۇپ، بۇنىڭغا سىڭىپ كىرىش شەكلىدىكى قوش تىل مائارىپى، يېقىندا ئامېرىكىدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىككى تىللدا يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان "قوش يۆنىلىشلىك قوش تىل مائارىپى" قاتارلىقلار مىسال بولالايدۇ.
  ھەپتە ئاخىرىدىكى ياكى دەرستىن سىرتقى تەۋەرۈك تىل مائارىپىنىڭ نىشانىنى پېكىتىش تەس. ئاتا – ئانىلار يەرلىك تىلغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن تۈۋەرۈك تىلغا كۆڭۈل بۆلۈش ئوتۇرىسىدا دىلىغۇل بولماقتا. ھازىر كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدە شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇنلا 32  خىل تەۋەرۈك تىل دەرسى ئۆتۈلىد. ئەمما، ھەپتىدە ئىككى يېرىم سائەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەۋەرۈك تىل دەرسىدە ئاساسەن سۆزلىشىش ئىقتىدارى، كۈلتۈر خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر  (خىزمەت، ئۇسسۇل، ناخشا) مەركەز قىلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇش – يېزىشنىمۇ تەلەپ قىلىدىغان تىل گۇرۇپپىلىرىدىن ياپون تىلى بىلەن ئېستون تىلى دېگەنلەرلا بار. تورونتو مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئائىلە باشلىقى، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىقلارنى ئوبيكت قىلغان تەكشۈرۈشىدىمۇ %88 (تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغىنى 664 نەپەر) ئادەمگىچە نىشان سۈپىتىدە تۆۋەدىكى تۆت نۇقتىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، تىل مائارىپى مەركەز قىلىنمىغان.


(1) ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن تېز ئالاقە قىلىشى ئۈچۈن
(2) مەنىۋى مىراسلارغا نىسبەتەن پەخىر تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن
(3) تەۋەرۈك كۈلتۈر ۋە دىننى ساقلاپ قېلىپ، ئۇلارنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن
(4)تىلنى بالا ۋاقتىدا ئۆگەنگەن ئۈنۈملۈك


     تېخىمۇ ئومۇملاشقان تەۋەرۈك تىل سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپىنىڭ شەكلى يۇقىرقىلارنىڭ ئۈچىنچىسى (3) نى نىشان قىلىدىغان ياپون تىلى مەكتەپلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسىمۇ، يېقىندىن بېرى، ياپونلۇقلار پۇشتىدىن بولغانلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ستۇدېنتلار ئوبيېكت قىلىنغان تەۋەرۈك ياپۇن تىلى سىنىپلىرى تەسىسى قىلىنماقتا.

4.5. ئوقۇتۇش مىتودى

    ساساكى (佐々木) تەۋەرۈك تىل سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپىنى "ھېچنېمە يوق مائارىپ " دەپ ئاتىغان. ئەمەلىيەتتىمۇ دەرس پىلانى، دەرسلىك كىتاب ، يانداشما ماتېرىيالى، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشى دېگەنلەر يوق بولۇپ،  ئومۇمەن ئوقۇتۇش مىتودىدا مۇنازىرە يوق بولۇش ئومۇمىي ئەھۋالدۇر.
      ئوخشاش ياشتىكى، ئوخشاش ئانا تىلدىكى، ئوخشاش سەۋىيەدىكىلەردىن سىنىپ تەشكىللىنىدىغان ئادەتتىكى چەت ئەل تىلى مائارىپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تەۋەرۈك تىل مائارىپىدا ئۆگەنگۈچىلەر ياش جەھەتتە پەرقلەنگەننىڭ ئۈستىگە، ئائىلىدە قوللىنىش دەرىجىسىمۇ پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، تىل ئىقتىدارىمۇ ھەركىمنىڭ ھەرخىل بولىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، تىل ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشىمىغان بالىلارنى بىر سىنىپتا بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇتمىسا بولمايدىغان ئەھۋەل ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇنداق مەسىلە ئاز سانلىقلار تىلى مائارىپىدا ئورتاق بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چەت ئەللىك بالىلارنى ئوبيېكت قىلغان ئىككىنچى تىل سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپىمۇ ھەرگىز بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
     كانادادا بولسا كۆچمەن بالىلار ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ %60 تىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىەيدىغان جايلار (مەسىلەن، تورونتو شەھىرى) بار. ئۇ يەرلەردە بۇنداق مەسىلىگە نىسبەتەن خىلمۇخىل ئوقۇتۇش مېتودى جانلىق قوللىنىلغان. مەسىلەن، كۆپ خىللىققا ماسلاشقان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل ياشلىق، كۆپ ئارقا كۆرۈنۈشلىك، دەپ ئاتىلىدىغان ئوقۇتۇش مىتودى، كۆپ قاتلاملىققا ماسلاشقان ئوقتۇش ماتېرىيالى، ئاتا – ئانا بىلەن ھەمكارلىشىپ كىتاب ئوقۇش پروگراممىسى، ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىشنى كۆپەيتىپ بالىنىڭ بىلىش جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان ھەمكارلىشىپ تاپشۇرۇق ئىشلەش، ھېكايە ئېيتىش قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.
ئامېرىكىدىكى ئىسپان تىلىنى مەركەز قىلغان تەۋەرۈك تىل مائارىپى ساھەسىدە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغىنى:

 (1) يەرلىك تىل جەھەتتىكى ئوقۇش – يېزىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈمدار قىلغان بىلىش جەھەتتىكى تەرەققىياتنىڭ تۆت يىل كېچىكىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. (2) جەمئىيەتكە ماس كېىدىغان تىلغا ئىگە بولۇش.
 (3) تەۋەرۈك تىلنىڭ ئىشلىتىش دائىرسىنى كېڭەيتىش.
 (4) تەۋەلىك ئېڭىنى تەڭشەيدىغان مائارىپ بولۇش.

5.5. باھالاش

       بالا ئاتا – ئانا پىششىق بولمىغان چەت ئەل تىلىدا ئانچىكى تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئىجابىي باھالانسىمۇ، ئاتا – ئانىنىڭ ئانا تىلىغا كەلگەندە بولسا دەل ئەكسىچە بولىدىغان ئىش كۆرۈنەرلىك. بىرازىيەلىك مەلۇم بالا ئون ياش ۋاقتىدا ئائىلىدە ياپون تىلىدا سۆزلەشنى توختاتقانلىقى ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەن. بۇ ئىش ئانا بالىنىڭ ياپون تىلىدىكى خاتالىقىنى دورىغانلىقىدىن بولغانىكەن. ئاتا – ئانىنىڭ ئانچىكى سۆز – ھەرىكىتى سەۋەبلىك بالىدا غايەت دىل يارىسى پەيدا بولىشى مۇمكىن. يەنە مەلۇم تەكشۈرۈشتە بىر بالا ئۆيدە " ياپون تىلىدا سۆزلىمىسەم خاپىلىق، سۆزلىسەم يەنە خاپىلىق" دەپ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئانا تىلدا سۆزلىگۈچىنىڭ نەزىرى بىلەن قارىغاندا، تەۋەرۈك تىلدىكى چولتىلىقى گەۋدىلىك بولسىمۇ ئاتا – ئانىنىڭ بالىنىڭ تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
تەۋەرۈك تىل ئىقتىدارىنى ئوبيېكتىپ باھالاش ئىنتايىن تەس. تەۋەرۈك تىلنى ئۆگەنگۈچىگە نىسبەتەن ئانا تىلدا سۆزلىگۈچى ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن سىناق سوئالىمۇ، چەت ئەل تىلى مائارىپىدا ئىشلىتىدىغان سىناق سوئالىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.


      تۈگەنچە 

     يۇقىرىدا چەت ئەل تىلى سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپى (JFL) ۋە ئىككىنچى تىل سۈپىتىدىكى ياپون تىلى مائارىپى (JSL) بىلەن سېلىشتۇرغاچ تەۋەرۈك تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى، تەۋەرۈك تىل مائارىپىنىڭ ئەھمىيىتى، ساقلىنىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە قىسقا خۇلاسە قىلىپ ئۆتتۈم. تەۋەرۈك تىل مائارىپى بالىنىڭ قەلبى، خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى، بىلىش جەھەتتىكى تەرەققىياتى قاتارلىقلار بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ساھە ھېسابلىنىدۇ. بالا ئۆزلەشتۈرگەن تىل ۋە كۈلتۈر بولسا مەزكۇر بالىنىڭ خاسلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، مائارىپ ئەمەلىيىتىدە ئاۋۋال مۇشۇنى قۇبۇل قىلىپ، مۇشۇ ئاساس ئۈستىگە يېڭى تىلى، يېڭى بىلىم ۋە يېڭى كۈلتۈرنى ئورنىتىشنى مائارىپچىلارنىڭ ۋەزىپىسى دېيىشكە بولىدۇ.

        پايدىلانغان ماتېرىيالار: (قىسقارتىلدى)

        مەزكۇر ماقالىنىڭ توردىكى ئادرېسى:
http://www.notredame.ac.jp/~eyuk ... 3/Nakajima2003.html

4

تېما

7

دوست

1712

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6147
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 201
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 19:24:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن   بۇ ماقالە  خېلى ئەتراپلىق  يېزىلىپتۇ   ...
قۇتلان تېلفۇنلىرى

باشقىلار گېپىنى

4

تېما

0

دوست

1838

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 309
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 20:28:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مەزكۇر ماقالىدىكى قاراشلارغا ئاساسلانغاندىمۇ، نەزەرىيە جەھەتتە ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا يەرلىك تىل ھېسابلىنىدۇ. مائارىپتا ئوقۇتۇش تىلى قىلىنىشى ئەقەللىي مەسىلە.

11

تېما

0

دوست

2730

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12750
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 426
تۆھپە : 551
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 20:44:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپ تىللىق بۇلۇش شەرەپ . ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت  .     [چىڭغىز ئايتماتوپ  ]

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 2397
توردىكى ۋاقتى: 958
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 12:52:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆچەتنى ئۇلىغاندا تېگى ياخشى بۇلسا ،ئۇلاق ياخشى تۇتىدۇ.مەن مۇشۇ ھەقىقەتكە ئىشىنىمەن.ھازىر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلىۋاتىدۇ.ئاناتىلى تۇلۇق يىتىلمىگەن بالىغا ئىككىنجى تىلنى مەجبۇرى ئۆگەتسە ئانا تىل ئىقتىدارىغا چوقۇم تەسىريېتىدۇ.ئىككىنجى تىلنىڭ قۇبۇل قىلنىشىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13741
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 15:58:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تەتقىق قىلىپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسىللەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ.

0

تېما

0

دوست

264

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14595
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 41
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 14:42:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونوم رايونلۇق يېمةكلصك بېخةتةرلصك كومېتصتص ئصشخانصسص ۋة ئۇرۇمچص سايباغ رايونلۇق 阿里生 يېمةكلصك زاۋۇتصنصڭ ئةۋةتكةن ئةسكةرتصش ۋة ئصستصمالچصلاردصن كةچۇرۇم سوراش يانغون ئۇچۇرصغا ئاساسلانغاندا،مةزكۇر زاۋۇت ئصشلةپچصقارغان 彩丽虹 ماركصلصق يېمةكلصكتة سۇپةت ۋة بصخةتةرلصك مةسلصسص بار بولۇپ،يۇقارقص يېمةكلصكنص سېتصۋالغانلار،يةنص 彩丽虹 ماركصلصق بادام مېغصزص،ئۈرۇك مېغصزص،مۇقاتصلص(腰果)قاتارلصقلارنص سېتصۋالغانلار ھةرگصز ئصستېمال قصلماسلصقص كېرةك.
خەلق ئۈچۇن

21

تېما

0

دوست

1703

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 255
تۆھپە : 368
توردىكى ۋاقتى: 141
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 00:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            
   ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا تىل ئىشقىدا ئوت بولۇپ يانغان،  ئەقىدە ئىتىقادلىق قېرىنداشلىرىم!  21- ھۇد كۈنى خەلقارالىق ئانا تىل بايرىمى ئىكەن. ئۆزىنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان ھەربىر ئۇيغۇر،  ئاناتىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىرىسلىرىغا قارشى تۇرۇپ ئۇيغۇرتىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلىماي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە!  ' يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراپ باقساق زاڭزۇلارغا قوش تىل يوق، يەنە قوش تىل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا خىرىس قىلىۋاتقان ئىش يوق، زاڭزۇلارغا پىلانلىق تۇغۇت يوق، زاڭزۇلارغا دىننى سۇسسلاشتۇرۇش، دىننى چەكلەش، ھەمدە ساقال بۇرۇت قويۇشنى چەكلەش، رومال ئاتىشنى چەكلەش، دىگەندەك ئىش يوق! پەقەت بۇنداق سىياسەتلەر بىزدەك ياۋاش مىللەتكىلا يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام، ئۆتكۈر ئەركىن..............قاتارلىق ئانا تىل ئۈچۈن تۆھپە قوشقان شەخىسلىرىمىز،  ئىرپان، بىلكان، قارلۇق، قۇتلان، مۇئەللىم ...........قاتارلىق شىركەتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتى شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ كومپىيوتېر، تېلفون.......قاتارلىقلاردا تونۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇجەھەتتە يەنى كومپىيوتېر، تېلفون قاتارلىقلارغا تونۇتۇلۇشتا، خەنزۇتىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، تۈرىك تىللىرى جەھەتتە تۈركىيە تىلىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، ئەرەپ يېزىقىغا مەنسۇپ يېزىقلارغا نىسبەتەنمۇ بۇ جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.!  شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمى ئۇلۇغ خانلىقلارنى قۇرغان، قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئىنىرگىيەسىگە ئىگە ئۇلۇغ مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمز چېچۋودنىڭ 50 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان ( مۇ قۇرۇقلۇقى) ھەققىدىكى بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 20 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنى بىلگەن جاللات سىتالىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كىلىشىدىن قورقۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قىرىپ يوقىتىۋەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى غەربى تۇركىستاندا خېلى كۆپ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەكلەردەك ئاپتونومىيە بەرمىگەن. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كىتىشىگە تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان. ھەمدە غەربى تۇركىستاننى سوراشتا،"  قازاق، قىرغىز قاتارلىقلار ياشلىرىنى تەربىيلەپ شۇلاردىن پايدىلانغان.
دىمەك سىتالىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق ئىچكى ئىنىرگىيەگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىدىن قورۇققان.  
بىزنىڭ ئانا تىلىمىز مەكتەپلىرىمىزدە چەتكە قېقىلىپ، تەپمە تاياققا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا قۇياشتەك نۇرچاچماقتا.. ... يېقىندا توردا ئىلان قىلىنغان : ئامرىكا قاتارلىق نۇغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى ئالى مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلغانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالى...مەن ئوت يۈرەك ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىشى بىلەن ئانا تىلىمىز يوقالمايدۇ!  دەپ قارايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز تەڭ،  قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىلىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كىرەك!
قانداق كۈچ چىقىرىمىز؟ مىنىڭچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئوت يۈرەكلەرنى قوللاشمۇ ئانا تىل مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىق بولىدۇ. ھېچ بولمىسا بىلكان، قۇتلان ......قاتارلىق ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان شىركەتلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەكمۇ ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بولىمىز. مەن ھازىر بىلكان ئەقلىفونىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. يېڭىدىن بازاغا سېلىنغاندىلام سېتىۋالغان ئىدىم مەسىلە كۆرۈلمىدى. بۇيازمىنىمۇ مۇشۇ تېلفوندا يېزىۋاتىمەن،  تېلفوندا ئەسەر يوللاۋاتىمەن. قەيەردە ئىلھام كەلسە شۇيەردىلا تېلفون ئارقىلىق خەت يازىمەن. خالىغان يازمىلارنى ماقالىلارنى ئىلكىتاپلارنى ساقلىۋىلىپ ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن. شۇنداق قولاي. سەككىز يۆنىلىشلىك لۈغەت، بىر بىرىدىن ئىسىل ئانا تىلدىكى ئەپلىرىنىڭ ھەددى ھىساۋى يوق. ئىھتىياجغا قاراپ ئىشلەتسەك بولىدىكەن. شۇنداق راھەت!
قېرىنداشلىرىم! ئانا تىلنى قوغداش بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىمىز ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان، خاسىيەتلىك ئىشلارنى قىلايلى!  
قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى!
ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان بولساق ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلايلى! . ئىش قىلىپ قانچىلىك قىلالىساق، شۇنچىلىك كۈچ چىقىرايلى!  بۇئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ بەختى، تەختى شۇنداقلا مەۋجۇتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كاتتا ئىش!

تۆۋەندى شىئېر مىنىڭ ئانا تىل بايرىمىغا بولغان سوۋغىتىم.

           ئاناتىل

تەپەككۇرۇم سەندە ياشنار ئاناتىل.
تەسەۋۋۇرۇم سەندىن چاپارئانا تىل،
قانات قېقىپ تەسەۋۋۇرۇم سەن بىلەن،
ھەق نۇرىدا ھىكمەت تاپار ئانا تىل.
مىڭ يىل بۇرۇن شاھ ئەسەرلەريېزىلغاچ،
ئىتىقادىم ساڭا ئاشار ئانا تىل.
خاقانىيە تىلى دىيلىپ قۇياشتەك،
مىڭ يىل بۇرۇن بەرگەن باھار ئاناتىل.
بۇرۇن ئەرەپ تىل بىلەن تەڭ چاپقىنىڭ،
ۋۇجۇدۇمغا غۇرۇر قاتار ئانا تىل.
كىرگەچ ئەمدى كومپىيوتېر بېشىغا،
خىسلىتىڭ تېخىمۇ چاقنار ئاناتىل.
خۇشخەت بىلەن جۇلالىساڭ ئىلاندا،
گۈزەللىكىڭ قايناپ تاشار ئاناتىل.
سىنى كۆرسەم تىنىم يايراپ شادلىنىپ،
سەنسىز دائىم ئىشىم ئاقسار ئاناتىل.
       2013-2

خاتالىقنى بىلىپ

3

تېما

0

دوست

2428

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13216
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 431
تۆھپە : 451
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 02:58:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل دىمەك __ ئانا دىمەكتۇر .
mmexport1360156633968.jpg
بىلىپ خاتالىشىش - ئەقىل، ئىماننىڭ بۇلغانغانلىقىدۇر.

تەييارلىق قىلىڭ

0

تېما

0

دوست

1660

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12101
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 259
تۆھپە : 335
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 01:00:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازما بەكلا ئېسىل بوپتۇ ، مىنىڭچە ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىز ئارىسىدىمۇ چەتئەل تېلى بىلىدىغانلار ئاز ئەمەس، دىمەكچى بولغىنىم ئۇلارنىڭمۇ تەرجىمانلىقتا مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايمەن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )