- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 29754
- نادىر
- 17
- يازما
- 901
ئۆسۈش
49.39%
|
بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى sebirدە2012-01-23 01:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن توخۇتۇرنىڭ قارىشىنى قوللايمەن. (ئاكا خاتىرجەم بولۇڭ سىزگە ھەمرا بولۇپ ئېتىلىدىغان ئادەم بار)
يەنە بىرى. ئۆمەرجان ئاكا. گەرچە ماقالە يۆنىلىشىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىككەن سورىۋالاي. سىز مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئلمىي ماقالە يازغان كىشى ئابدۇلقۇددۇس دېگەن كىشى شۇغۇ دەيمەن؟! ئۇ كىشى ھازىر نىمىشقا يۇرتقا قايتىپ كېلەلمەس بولۇپ قالدى؟ ئەينى چاغدا تىلشۇناسلىقنىڭ قائىدىلىرىنى چۈشەنمەيدىغان خەلقىمىزنىڭ كۆزىنى بوياپ، يىغىلغان پۇلنى ئۆز چۆنتىكىگە سېلىپ چىقىپ كەتكەن پېتى خەلق تەرىپىدىن «ئىككىنچى مەھمۇد كاشغەرىي» دەپ ناملانغىنىغا چۇشلۇق ئۇ ئاتالمىش «داڭلىق تىلشۇناس» سىمىز سىتوكھولىمدىكى يىغىندا ماقالىسىنى ئوقۇپ قانداق باھالارغا ئېرىشتى؟ بۇ ھەقتە ھۆججەتلىك، ئېنىق دەلىل چىقىرىپ بىرەلەمسىز؟ ئۇ ھازىر تۈركىيەدە نىمە قىلىپ يۈرىيدۇ؟
sebir دۇرۇس، مەن مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئلمىي ماقالە يازغان كىشى ئابدۇلقۇددۇس دېگەن كىشى شۇ .
ئۇ كىشىنى تىلشۇناسلىقنىڭ قائىدىلىرىنى چۈشەنمەيدۇ دېيىش خاتا."خەلقىمىزنىڭ كۆزىنى بوياپ، يىغىلغان پۇلنى ئۆز چۆنتىكىگە سېلىپ چىقىپ كەتكەن'' دېيىش ئەملىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. 1995-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ستوكھولىمدا چاقىرىلغان 13-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشىغا ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن 40مىڭ يۇەن ئاجرىتىپ بەرگەن.ھەم ئىئانىگە توپلانغان پۇللارنى ئەسلى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇشنى بېكىتىپتىكەن.
قۇددۇس ھاپىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىدىن ۋە سىتوكھولىمدىكى يىغىندا ماقالىسىنى ئوقۇپ قانداق باھالارغا ئېرىشكەنلىكىدىن تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى''نىڭ 1995-يىل19-ئىيۇندىكى سانى ۋە ''ئاسىيا كىندىكى گېزىتى''نىڭ 1995-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سانىغا مۇراجەت قىلىپ باققايسىز.
ئۇ كىشى ھازىرمۇ مۇشۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋېتىپتۇ. |
|