قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 10361|ئىنكاس: 25

ئۈرۈمچى سىزنىڭ ئەمەس -بوزقىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرۋايىم پەلەك

48

تېما

19

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   49.39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 901
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 7487
تۆھپە : 3939
توردىكى ۋاقتى: 3131
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-1

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-28 22:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئۈرۈمچى سىزنىڭ ئەمەس

”يوقۇرى” بىلەن ”تۆۋەن” نىڭ دىئالوگى

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر 

مۇقەددىمە 


        2009-يىلى كەچ كۈزدە كەلپىن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن پىنسىيىگە چىققان پىشقەدەم شائىر سالى ئىبراھىم ئاكا تۇيۇقسىز تېلېفون قىلىپ قالدى.تېلېفوندا قىزغىن ئەھۋاللاشتۇق.پارىڭىمىز تەبىئىي رەۋىشتە ئەدەبىيات-يېزىقچىلىق ئۈستىدە بولدى.سۆھبىتىمىز ئاياقلىشىپ خوشلىشايلى دەپ تۇرغاندا سالى ئاكا شۇتاپ ئۆيىگە كەلپىن ناھىيىلىك پارىتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەرجىمان ئابدۇجاپپار ھامىدىن ئەپەندىنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى، ئابدۇجاپپار ھامىدىن ئەپەندى بېلەن تېلېفوندا بولسىمۇ كۆرۈشۈپ قويۇشۇمنى ئېيتىپ تۇرۇپكىنى ئۇنىڭغا بەردى.

         مەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەرجىمانلىق خىزمىتى بېلەن شۇغۇللۇنىۋاتقان مەزگىللەردە ئابدۇجاپپار ھامۇدىنمۇ كەلپىن ناھىيىلىك پارىتكومدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەنىدى.كېيىن ئۇ كەلپىن ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا يۆتكىلىپ چىققاندا بىز بىر سىستېمىدا ئىشلەيدىغان كەسىپداشلاردىن بولۇپ قالغانىدۇق. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا بىزنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى دوسۇتلۇقىمىز خېلى ئۇزۇن تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئىدى. شۇڭا تېلېفوندىكى سۆھبىتىمىزمۇ تەبىئىي رەۋىشتە چوڭقۇرلاپ بېرىپ، ئاخىر تەرجىمە ئىجادىيىتى ئۈستىگە يۆتكەلدى.

        مەن ئابدۇجاپپار ھامۇدىن ئەپەندىگە چوڭراق بىرەر يىرىك ئەسەرنى تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش ۋاقتىنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى پۇراتقىنىمدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىنقى يىللىرى ئىككى كىتاب تەرجىمە قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم نەشەرىياتقا ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەمما نەشىرىياتتىكىلەرنىڭ ئەسەرنى كۆرۈپ باقماي تۇرۇپلا “كەلپىندەك چەت، نامرات ناھىيىدىكى بىرەيلەننىڭ تەرجىمە سەۋىيىسى قانچىلىك بولماقچىدى؟” دەپ بىر چەتكە تاشلاپ قويغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئېيىتپ  ئۆتتى. 

     "جەنۇبلۇق " بولغان مەنمۇ  ”تۆۋەن “دە ئىشلەۋاتقانلىقىم ئۈچۈنلا ئەنە شۇنداق مۇئامىلىلەرگە تالاي قېتىم ئۇچرىغاچقا ئابدۇجاپپار ھامىدىننىڭ دىشۋارچىلىقىنى خېلى ئوبدان چۈشىنەتتىم.

       شۇئان  « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىل 6-سانىغا بېسىلغان  «ئۈچ ئەپەندى بېلەن سۆھبەت» دېگەن ماقالىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر راسىت سۆزلۈك يازغۇچىمىز  ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى بېلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە  ئەختەم ئۆمەرنىڭ  “ئۈرۈمچىدىن بىرەر كىملەر مەلۇم يۇرىتقا بارسىمۇ ، تۆۋەنگە باردۇق دەيدۇ.تۆۋەنگە بارغىلى سەن قانچىلىك يۇقۇردا ئىدىڭ، دېگۈم كېلىدۇ” دېگەن سۆزلىرى يادىمدىن كەچتى. مەن بۇ سۆزنى« شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىنىڭ شۇ سانىدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ھەم  يارىغان سۆز ،دەپ قاراپ خاتىرە دەپتىرىمگە ئىلىپ قويغانىدىم. 

       بىرنچى دېئالوگ:

    “يۇقۇرى” بېلەن “تۆۋەن” ئوتتۇرىسىدا  تۈپكى ماھىيەتلىك پەرىق يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە.ئەمما بۇ خىل پەرىق“يۇقۇرى”نىڭ ئۈستۈنلىكى، “تۆۋەن”نىڭ قايغۇسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى.

      تىلىمىزدىكى “تۆۋەن” دېگەن سۆز ھالەتنى بىلدۈرسە بىرەر شەيئىنىڭ پەس تەرىپىنى، ئاياغ تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇ سۈپەتنى بىلدۈرگەندە بولسا ئاز-تولا كەمسىتىش مەناسىنى ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ بۇ سۆز ئاتالمىش “يۇقۇرى” دىكىلەرنىڭ ئاغزىدىن چىققاندا بولسا يۈزدە يۈز كەمسىتىش تۈسى بېلەن چىقىدىغانلىقىغا گەپ كەتمىسە كېرەك. “تۆۋەن” دېگەن كەمسىتىش مەناسىغا ئىگە  بۇ سۆزنىڭ قانداقلارچە تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ كىبىر كۆرسىتىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. پەرىزىمچە بۇ سۆز خەنزۇ تىلىدىن كىرىپ ئۆزلىشىپ قالدىمىكىن ،دەيمەن. چۈنكى، نەچچە مىڭ يىللىق فېۋداللىق تۈزۈمنىڭ ئاسارىتىدىن قېپ قالغان  دەرىجە پەرقى ۋە ئەمەل-مەنسەپ قارىشى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولغان خەنزۇ خەلقىدە تارىختىن بۇيان “يۇقۇرى” بېلەن “تۆۋەن” ئىنتايىن روشەن پەردىشەپ ئايرىپ كەلگەن ھەم بۇنداق دەرىجە پەرقى قاتتىق ئېتىبارغا ئېلىنغان .مەسىلەن : خەنزۇ تىلىدىكى  “下属”، 下级”دېگەندەك سۆزلەر دەل ئەشۇنداق تۈس مەنىسىگە ئىگە.يەنە كېلىپ  خەنزۇ تىلىدىكى “ 下乡 ”مۇ تىلىمىزدىكى “يېزىلارغا بېرىش” نى بىلدۈرسىمۇ ئەمما  بۇ يەردە قانداقتۇر خەنزۇ تىلىدىكىگە ئوخشاش “تۆۋەن”، “پەس”دېگەندەك ئېنىق بولغان كەمسىتىش مەناسى چىقمايدۇ. مەلۇمكى، تارىخمىزغا نەزەر سالساق ئۇيغۇرلاردا بەگلەر بېلەن چاكارلار، ئەمەلدارلار بېلەن ئاۋام-پۇقرالار ئوتتۇرىسىىدىكى پەرىق ھازىرقىدەك ئۇنچە روشەن پەردىشەپ ئايرىپ كەتمىگەنلىكىنى تارىخىي ۋەسىقىلىرىمىز ھەم كىتابلىرىمىزدىن ئوقۇپ بىلمەك تەس ئەمەس. ۋەھالەنكى، ئەمدىلىكتە ئەشۇ ئانچە  روشەن بولمىغان  دەرىجە پەرقى تەرەققىي قىلىپ  شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى ، بىزدە   ئەمەل-مەنسىپىنى فامىلە ئورنىدا ئىستىمال قىلىش ئادەتتىكى مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. يەنە كېلىپ بىزدىكى  “يۇقۇرى” بېلەن“تۆۋەن” ئوتتۇرىسىدىكى مۇئامىلە پەرقى كىشىنى تېخىمۇ شۈركەندۈرىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. 

       “تۆۋەن”  كەسكىن بولغان مەمۇرىي دەرىجە پەرقى ئېھتىياجى ۋەجىدىن ئەمەلدارلار ئاغزىدىن چىقسا( گەرچە شۇنداق ئېيتىشنىڭ قىلچە قانۇنىي  ئاساسىي بولمىسىمۇ) بىر نۆرە ئىدى. ئەمدىلىكتە  قولىدا كالتە قوشۇقنىڭ سېپىچىلىك ئەمەل-دەرىجە ئەمەس بەلكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا نە بىرەر مۇقىم خىزمىتىمۇ يوق، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تەمتىرەپ يۈرگەن ساياقلار چېغىدا يۇرتىغا بېرىپ كەلسە “تۆۋەنگە بېرىپ كەلدىم” دەيدىغان ھالەت شەكىللەندى. خۇددى “يۇرتقا بېرىپ كەلدىم” دېسە يۈزى چۈشۈپ كېتىدىغاندەك. ئەمەلىيەتتە ، “تۆۋەن” نى شىپى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ “يۇقۇرى” دا ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ ئۈچ ئەجدادىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ نەق ئۆزىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە سېپى ئۆزىدىن “تۆۋەن”لىك بولۇپ چىقىشى ھەممىگە ئايدىڭ بولسا كېرەك ئەتىمالىم.

      دەرۋەقە قاتناش تەرەققىي قىلمىغان، ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرى قالاق، تۇرمۇشقا جىددىي كېرەكلىك بەزى قىس سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى بېلەتلىك  تەمىنلەش يولغا قويۇلغان زامانلاردا   “يۇقۇرى” بېلەن“تۆۋەن” ھەقىقەتەنمۇ پەرىقلىق ئىدى.  “يۇقۇرى” ئۆزىنىڭ سېياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزىلىك ئورنى بېلەن “تۆۋەن”گە ھەر ۋاقىت سۈر-ھەيۋە كۆرسىتىپ تۇراتتى. “تۆۋەن”مۇ “يۇقۇرى” ئالدىدا بويۇن قىسىپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. شۇڭا “يۇقۇرى”دىكىلەر “تۆۋەن”دىكىلەر ئالدىدا ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئادەملەر قارالغاچقا “تۆۋەن”دىكىلەر ئۇلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىشكە كۆنۈپ كەتكەنىدى.تېخى  ئىلتىپات كۆرسىتىش“تۆۋەن”دىكىلەرنىڭ ھەممىسىگىلا نېسىپ بولىۋېرىدىغان ئىش ئەمەسىدى. بۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن بەدەل تۆلەش يولى بېلەن ئېرىشكىلى بولاتتى.

       ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن “يۇقۇرى”دىكى شەھەر نوپۇسىدىكىلەرنىڭ تاۋار ئاشلىق بېلەن تەمىنلىنىش كېنىشكىسى، رەخىت،  شېكەر ۋە ۋېلىسپىت قاتارلىق قىس سانائەت مەھسۇلاتلىرى بېلەن تەمىنلەش بېلەتلىرى ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالدى.نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن كېيىن “يۇقۇرى” ئىلگىرىكى سۈر-ھەيۋىسىنى بىراقلا تاشلاپ، “تۆۋەن”گە بوسۇغۇسىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولدى. تېلېۋىزور، يانفون، كومپىيۇتېر قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئومۇمىيلىشىشى ۋە قاتناشنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ سېياسەت-ئۇچۇرلارنىڭ راۋانلىقى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسى يەنىمۇ ئاشتى. بۇ ھالەت “يۇقۇرى” بېلەن “تۆۋەن” ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى كىچىكلىتىپ، يەر شارىنى  خۇددى كىچىكلىتىلگەن كەنىتكە ئوخشىتىپ قويدى. “تۆۋەن”مۇ بۇ جىددىي ئۆزگىرىش ئالدىدا   تالاي ئازاپلىق تولغاقلاردىن كېيىن كاللىسىنى قاتتىق سىلكىۋېتىپ، جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان جەمئىيەتكە ماسلاشمىسا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. بۇنىڭ بېلەن“تۆۋەن”دىمۇ جاھان كۆرۈپ كۆزىنى ئېچىش كويىدا يۈرگەن زور بىر تۈركۈم تەۋەككۈلچىلەر تۈركۈمى پەيدا بولۇپ، “يۇقۇرى”غا قاراپ سەلدەك ئاقتى.

يېزىلاردىن شەھەرلەرگە ئاققان  تۈركۈم-تۈركۈم “تۆۋەن”لىكلەر “يۇقۇرى” دا تالاي ئاچچىق-چۈچۈكلەرنىڭ تەمىنى  تېتىدى. تەمتىرىدى، ھودۇقتى، ئازدى. ئاخىر “تۆۋەن”لىكلەر تالاي ئاچچىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش بەدىلىگە “يۇقۇرى”نىڭ ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇنداق سىرلىق ، مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، تېخى “تۆۋەن” گە يەتمەيدىغان بەزى تەرەپلىرىنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى  ھېس قىلىپ يېتەلەيدىغان بولۇشتى.

       “يۇقۇرى” دىكى بەزى سودىگەرلەرمۇ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئىزلەپ ، تۇتام-تۇتام پۇللارنى كۆتىرىپ    “تۆۋەن” گە ئاقتى. “يۇقۇرى”دىكى  ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن تالاي تالانىتلىقلار مەمۇرلۇق ۋە كەسپىي ئىمتاھانلارغا قاتنىشىپ، خىزمەت تېپىش كويىدا ئەڭ چەت، نامرات ناھىيە-يېزىلارنى ماكان تۇتتى. بۇ ھال “تۆۋەن” بېلەن  “يۇقۇرى”نىڭ بىر-بىرىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىشى ھەم بىرى-بىرىنى تولۇقلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

     مەيلى نېمىلا دېمەيلى “يۇقۇرى” بېلەن “تۆۋەن” ئوتتۇرىسىدا  تۈپكى ماھىيەتلىك پەرىق يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە. ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا  “يۇقۇرى” بېلەن “تۆۋەن” ئوخشاش بىر پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئوخشاش بىر ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ مەھسۇلى. ئۇلار ھەرگىزمۇ قارىمۇ-قارشى قۇتۇپتىكى “ھەربىي” ۋە “دۈشمەن” ئەمەس. ئامما ،“يۇقۇرى”دىكىلەرنىڭ  “تۆۋەن”دىكىلەرنى كەمسىتىش ، پەس كۆرۈش مەسىلىسىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمۇشقا ئامالسىزمىز. بۇنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى يوق ئەمەس.

       ئۈرۈمچىنى مىسالغا ئالساق، ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى.شۇڭا ئۇ رايونىمىزدىكى ھەممە ئادەم تەلپۈنىدىغان، ھەۋەس قىلىدىغان، چوڭ بىلىدىغان شەھەر. ئۇ يەردە رانومىزدىكى داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرىتلىرى، ئاكادېمىيە-پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى، يىتۈك زىيالىيلار، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر، داڭلىق چولپانلار،ئەڭ كاتتا زەردار-بايلار بار.رايونىمىزدىكى ھەممە كىشىنىڭ سېياسىي ھاياتى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ۋە مەدەنىي پائالىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ، موھىم  سېياسىي قارارلار  شۇ يەردە ماقۇللىنىپ جايلاردا ئىجراسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەشۇنداق سېياسەت –ئۇچۇرلاردىن ئەڭ دەسلەپ شۇ يەردىكىلەر خەۋەردار بولىدۇ ھەم تۇنجى بولۇپ مېۋىسىنى تېتىيدۇ.

       “يۇقۇرى”دىن كەلگەن سېياسەت-ئۇچۇرلارنىڭ  “تۆۋەن”گە تېز ھەم ئەينەن يەتكۈزۈلمىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت جۈملىسىدىكى موھىم ئىش بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئىجراسىدا مۇئەييەن پەرىقلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگىمۇ كۆز يۇمغۇلى بولماس.بۇ بەلكىم    “ھەر قايسى ئورۇنلار ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىقلاپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ” دېگەندەك قوشۇمچە مەزمۇنلارنىڭ سېياسەتلەرنىڭ ئەسلى روھى ماھىيىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ موھىم رول ئويناپ قالغانلىقىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا  “تۆۋەن” دە بەزى ناھەقچىلىكلەرنىڭ رۇي بېرىپ تۇرۇشى  “تۆۋەن” دىكىلەرنى  “يۇقۇرى”غا ھەۋەس قىلىدىغان قىلىپ قويغان.بۇ ھال   “يۇقۇرى”دىكىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكى ھېساپلىنىپ، ئۇلاردا تەبىئىي ھالدا  “تۆۋەن”دىكىلەرگە ئىچ ئاغرىتىدىغان، ئۇلارنى ياراتمايدىغان ،پەس كۆرىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان.

      ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇنداق بىنورمال بولغان ئىجتىمائىي ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامراپ كېتىشى نوقۇل “تۆۋەن” دىكىلەرنىڭ گۇناھى ئەمەس.بۇنىڭدا  “يۇقۇرى”دىكىلەرنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى يوق ئەمەس.بۇ “يۇقۇرى”دىكىلەرنىڭ بوشاڭلىقى ۋە  “تۆۋەن” دىكىلەرنىڭ تىراگىدىيىسىدۇر ئەلبەتتە.شۇڭا بۇ نۇقتىدىن  “يۇقۇرى”دىكىلەرنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتىۋېلىشىغا، “تۆۋەن”دىكىلەرنى ياراتماسلىقىغا ھېچقانداق ئاساسى يوق. تېخى بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەردە “يۇقۇرى”دىكىلەر “تۆۋەن” دىكىلەر ئالدىدا گۇناھىنى تونۇپ ئەپۇ سورىشى ھەم بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنى باشتىن توسۇشى كېرەك. بولمىسا  “يۇقۇرى”دىكىلەرنىڭ “تۆۋەن” دىكىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقى  “تۆۋەن”دىكىلەرنىڭ “يۇقۇرى”دىكىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقىغا ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن.

     ئوخشاش زامان، ئوخشاش بىر ئىجدىمائىي تۈزۈمدە ياشاۋاتقان ئوخشاش ياشتىكى، ئوخشاش مەلۇماتتىكى ، ئوخشاش جنىستىكى ئىككى ئادەمنىڭ ئاتالمىش “يۇقۇرى” ۋە “ تۆۋەن”دىن ئىبارەت ماكان جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سېياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجدىمائىي جەھەتتىكى ئوخشىمىغان پەرىقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا “ تۆۋەن”دىن ئىبارەت ماكان شارائىتىنىڭ سەۋەب بولۇپ قېلىشىنى ئىجتىمائىي ئادىللىق نۇقتىسىدىن بىر تىراگىدىيە دېمەي بولمايدۇ.بۇ خىل تىراگىدىيەگە خاتىمە بېرىلمىسە  ئۇ ئاخىر بېرىپ ئىجدىمائىي ئۆسمىگە ئايلىنىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، تۈزۈم ئادىللىقى، قانۇن ئادىللىقى ۋە سېياسىي باراۋەرلىككە نۇقسان يەتكۈزۈپ ، سېياسىي تۈزۈلمە ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزىشى مۇمكىن. 

  ئىككىنچى دېئالوگ :

ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى “تۆۋەن” دە. “يۇقۇرى” بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ “ تۆۋەن” نى ئىنكار قىلسا ئۆزمەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ.

      “يۇقۇرى” ئۆز قوينىدىن ئورۇن بەرگەن تالاي ئىقتىساس ئىگىلىرى بېلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق.ئەمما، “يۇقۇرى” ئۆز نۆۋىتىدە يەنە “ تۆۋەن” دىمۇ “يۇقۇرى” يۇقۇردىكىدىن قېلىشمايدىغان ھەتتا بەزى جەھەتتىن ئۇلاردىن ئېشىپ كەتكۈدەك دەرىجىدىكى تالانىت ئىگىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمماسلىقى كېرەك.

     يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان تالاي ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ  “ تۆۋەن”دىن يېتىشىپ چىققانلىقى ۋە “ تۆۋەن” دە تۇرۇپمۇ كىشى قەلبىنى لال قىلغۇدەك ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئامالسىزمىز.

     تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئات-ئېشەك بېلەن تۈرك قەۋىملىرى ماكان تۇتقان دەشتۇ چۆللەر،ئېتىز-قىرلار،تاغ-دەريالار،يايلاق-قىشلاقلارنى نەچچە ئون يىل كېزىپ ماتېرىيال توپلاپ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يېزىپ چىققان.بىلسەك بىزلەرگە دۇنياۋى شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن بۇ بىباھا قامۇس سۈرەن شاۋقۇنلىرى جاھاننى بىر ئالغان ھەيۋەتلىك شەھەر –قەلئەلەرنىڭ ئەمەس بەلكى يېزا-قىشلاقلارنىڭ مەھسۇلىدۇر.

     ئىنسانىيەتنىڭ غەيرى ماددى مەدەنىيەت بايلىقى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، جۇڭخۇا مىللىي مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى بىباھاگۆھەر دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئون ئىككى مۇقاممۇ دەشتۇ-چۆللەر ، تاغ-جىلغىلار، ئېتىز-قىرلارنى ماكان تۇتقان “ تۆۋەن “دىكى ئاۋام-خەلقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئىجاد قىلىشى، مۇكەممەللەشتۈرىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىپ ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن. ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋارىسى تۇرداخۇن ئاكىمۇ قانداقتۇر شىياڭگاڭ ياكى نىيويورىكتەك كاتتا شەھەرلەردىن ئەمەس بەلكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر چەت، نامرات ناھىيىدىن چىققان تەۋەرۈك ئۇستازئىدى.

        ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ،رايونىمىز مىللىي سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى گۈدۈكىنى چالغان ئاكا-ئۇكا موسابايېفلارمۇ گېرمانىيىدىن زاكاس قىلىپ كىرگۈزگەن كۆن-خىرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇدىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى رۇسىيە چار پادىشاسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۈرۈمچىدىنمۇ  “يۇقۇرى” بولغان موسكۋاغا ئوخشاش كاتتا شەھەرلەرگە قۇرغان بولسا تېخىمۇ روناق تېپىپ كەتكەن بولاتتى.ئەمما ئۇ چار پادىشانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل كۆرمىگەنلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاتمۇ قات توسالغۇلارنى يېڭىپ، 40يەرگە كۆۋرۈك سېلىپ، ئات-ئۇلاغ كۈچىگە تايىنىپ، زاۋۇد ئۈسكۈنىلىرىنى شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىگە مىڭ بالالىقتا ئېلىپ كىرىپ  “يۇقۇرى” غا نىسبەتەن تۆۋەن تۇرىدىغان غۇلجىغا قۇرۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، رايونىمىز مىللىي سانائىتىنىڭ بىخلىنىشىغا ئاساس سالدى.

     1850-يىلى قاغىلىق ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن شائىر، تىۋىپ ھۆسەيىنخان تەجەللى ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان.ئەرەب، پارىس، تۈرك، ھىندى تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن.دېھلى، كابوللاردا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن قاغىلىقتىن ئىبارەت  “ تۆۋەن” گە قايتىپ كېلىپ، 1930-يىلى يەنە شۇ “ تۆۋەن”دە ۋاپات بولغان.شائىرنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە قاغىلىقتا مەشھۇر زىيارەتگاھ سۈپىتىدە ساقلانماقتا. دېھلى، كابوللار ئەلبەتتە قاغىلىققا نىسبەتەنلا ئەمەس يەنە ئۈرۈمچىگە نىسبەتەنمۇ   “يۇقۇرى” سانالماي قالمايدۇ. ئەمما تەجەللىدەك  “ تۆۋەن” دىن چىققان ھەم “ تۆۋەن” دە ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان شائىرنىڭ“يەرلىك مەھسۇلاتلىرى” 1899-يىلى «بەرق تەجەللى ۋە بەسق مۇجەللى» دېگەن نام بېلەن قەشقەردە چاپتى قىلىنىپلا قالماي يەنە شائىرنىڭ خەلق ئارىسىغا تارىلىپ كەتكەن بىر قىسىم شىئېرلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولغارىيىدە «دىۋانچەئىي تەجەللى» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر ، فارىس تىللىرىدا يازغان بىر قىسىم شىئېرلىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈزۈلگەن ھەر خىل «باياز» لارغا كىرگۈزۈلگەن ①.

       موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۈرۈمچىدەك “يۇقۇرى”دا ئەمەس بەلكى ئاقسۇدەك “تۆۋەن” دە تۇرۇپ يازغان «تارىخي ئەمىنىيە» ۋە «تارىخي  ھەمىدى» دېگەن كاتتا ئەسەرلىرى ئەينى ۋاقىتتا شۇ دەۋىر ئوتتۇرا ئاسىياسىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قازاندەك “يۇقۇرى” شەھەرلەرنىڭ باسمىسىدا بېسىلىپ جاھانغا تارالغان.بۇ ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت ئەھۋالىينى تەتقىق قىلىپ كىتابىنى نەشىر قىلىش ئىشلىرى تۇنجى بولۇپ  بېيجىڭدىكى جۇڭگو  ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرىياتىدەك “يۇقۇرىنىڭ يۇقۇرىسىدا” ئېلىپ بېرىلدى.

      شائىر نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامىمۇ «بىلىم ئىشقىدا» ، «ئالدىدا» قاتارلىق شىئېرلىرىنى “ تۆۋەن ” دە يېزىپ، ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئېرىيىتى بېلەن ھازىرقى زامان شىئېرىيىتىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكنىمۇ  “ تۆۋەن” دە سالدى.

      بەش خىل تىل بىلىدىغان ،كاتتا زەردار ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىمۇ ئۆزىدىكى تىل ئۈستۈنلۈكى ۋە ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە تايىنىپ ئۈرۈمچىدىنمۇ نەچچە ھەسسە “يۇقۇرى” تۇرىدىغان دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر شەھرىدە ماكان تۇتۇپ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىمەن ،دېسە تامامەن مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇ شۇنچە كاتتا شەھەرلەرنى كۆرۈپ كۆزى ئېچىلغان بولسىمۇ ئەمما ئوزايىدىن توپا-چاڭ ئۆرلەپ تۇرىدىغان، خارۇ-زارلىق، زەبۇنلۇق، نامراتلىق قاپلىغان تۇرپاندىن ئىبارەت “ تۆۋەن” نى ماكان ئەيلەپ، خەلقنى نادانلىقتىن ، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىلمۇ ئىرپانغا يېتەكلەشنىڭ زەپەر مارشىنى چېلىپ، ھەققى ئادالەت يولىدا ئىسسىق قېنىنى “ تۆۋەن”گە ئاققۇزۇشقا رازى بولدى.

         ئوت يۈرەك شائىر ل.مۇتەللىپمۇ “يۇقۇرى”دىن “تۆۋەن” گە پالانغاندىن كېيىن “تۆۋەن” دە تۇرۇپمۇ تالاي نادىر ئەسەرلەرنى يازدى ھەم  “ تۆۋەن”نىڭ مەنىۋى ئاتمۇسفۇراسىنى جانلاندۇرۇشقا ئاجايىپ كۈچ قوشتى. ئۇ ئەينى يىللىرى «ئاقسۇ گېزىتى» دە تەسىس قىلغان “جەنۇب شامىلى” ئەدەبىيات بېتى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز جۇلاسىنى يوقاتقىنى يوق.

       يەنە ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى تەۋپىقلەر شۇ زامانىسىدىكى كاتتا شەھەرلەردە ئىلم تەھسىل قىلغان پازىللار تۇرۇپ “يۇقۇرى”غا بېرىۋالماستىن “تۆۋەن”دە تۇرۇپمۇ زور ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغان ۋە ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. خاراباتى ۋە موللا شاكىرلار بولسا شەھەر- بازارلاردىن يىراق  خىلۋەتتە ياشاپمۇ ئىنسان روھىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىشكە مۇۋەپپەق بولالىغان.

      «ساراڭ» قاتارلىق بىر يۈرۈش چاتما ئەسەرلىرى بېلەن بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭىچە يول تۇتۇپ، يېڭىچە ئۇسلۇپ بېلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قان بەرگەن يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرمۇ ئەشۇ نادىر ئەسەرلىرىنى  “ تۆۋەن”دىن تېما ئېلىپ “ تۆۋەن”دە يازغان.شۇ نەتىجىلىرى بېلەن “يۇقۇرى”غا بېرىۋىدى بىر مەھەل  “ تۆۋەن”دىن توپلىۋالغان ئېنىرگىيە بېلەن كۈچەپ بەزى نەرسىلەرنى يېزىپ  باققان بولسىمۇ ئەمما ئاخىر ئاساسەن دېگۈدەك يېزىشتىن توختاپ قالدى.

       «زېمىن قارا ئادەملىرىڭگە » ، «ئاھ ،رەھىمسىز دەريا» ،«قۇرىتلاپ كەتكەن كۆل»+ دەك ئۆلمەس ئەسەرلىرى بېلەن  تەكلىماكان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى پەردازسىز رەۋىشتە ساپ، سىدام ھالدا ئەينەن تەسۋىرلەپ،  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۈچلۈك زىل-زىلە قوزغىغان يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرمۇ ئەشۇ نادىر ئەسەرلەرنى  “ تۆۋەن”دە يازغانىدى.  “يۇقۇرى”غا بېرىۋىدى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇنداق چىن ھېسىيات، ئەينەن رېئاللىققا تولغان نادىر يازمىلار قايتا چىقماي قويدى.  

       ئەسئەد سۇلايمان، ئابدۇقادىر جالالىددىن، يالقۇن روزى، ئادىل تۇنياز قاتارلىق ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى ، مۇستەھكەم ئېتىقادى، بەردەم ھالىتى بېلەن ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن ئالغان ياش ئالىم ، ئەدىبلىرىمىز پەقەت  “يۇقۇرى”دا ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا شۇنچە ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنمۇ؟ دەرۋەقە “يۇقۇرى”نىڭ ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىكى رولىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.ئەمما  “يۇقۇرى” ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدە پەقەت ۋاستىلىق رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. موھىمى يەنىلا ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرىدە روھىيىتىگە ئورناپ كەتكەن يېزا –سەھرالارنىڭ ساپ، تەبىئىي مۇھىتى؛ شۇ يەردە ياشاۋاتقان جاپاكەش خەلقنىڭ  سەمىمى، غۇبارسىز، ئاق كۆڭۈل ، ساددا خىسلىتى ۋە ئايىغى چىقماس قارا ئەمگەكلەر دەستىدىن بىر ئۆمۈر توپىغا مىلىنىپ ئىشلىسىمۇ يەنە شۇ  نامرات، بىچارە ھالەتتە ياشاۋاتقان يۇرىتداشلىرىنىڭ مىسكىن، نامرات ھالىتى يۇغۇرلۇپ، ئۇلاردا بىرخىل توختاۋسىز تەپەككۇر قىلىدىغان،  تىنماي ئۆگۈنىدىغان، ھارماي ئجاد قىلىدىغان مەنىۋى كۈچ ھاسىل قىلغانلىقتىن بولسا كېرەك. خاتالاشمىسام ئۇلارمۇ   “ تۆۋەن”نىڭ بۇ جەھەتتە ئوينىغان رولىنى ئىنكار قىلمايدىغۇ دەيمەن.

      مۇبادا   “يۇقۇرى” ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىر بولسا، ئۇ يەر ھەقىقەتەن تالانىتلار ماكانى بولسا نېمىدەپ ھازىرغىچە بىرەر ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى پروفېسسور، دوكتۇر ، ئالىملار تۇرپان دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچىسى تۇرپان (1)،ⅠⅠ تۇرپان (2)   ناملىق ئايرۇپىلاننى ياساپ تۇرپان ئاسمىنىدا ئۇچۇرغاندەك ئۈرۈمچى(1)، ئۈرۈمچى (2)، ھەتتا ئۈرۈمچى(3)، ئۈرۈمچى (4)   ...لەرنى ياساپ ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدۇرمايدۇ؟  

      “يۇقۇرى”دا تۇرىۋاتقانلار ھەقىقەتەنمۇ بىلىملىك، مەدەنىيەتلىك، قابىلىيەتلىك بولىدىغان؛ ئىلىمنى، ئىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان  ئىلمىي روھقا ئىگە بولىدىغان ئىش بولسا قەلىمىنى سىياھدىن ئېلىپ كۆز يېشىغا چىلاپ ئەسەر پۈتكەن، كەمدىن كەم تېپىلىدىغان يېتۈك ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن نېمىدەپ ئىلىم-مەدەنىيەت ئاتمۇسفۇراسى شۇنچى قويۇق بولغان  “يۇقۇرى”دا تۇرۇپمۇ ئۆزى غېمىنى يېگەن خەلقى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىدۇ؟ روھىي بېسىم دەستىدىن ئاخىر بۇ دۇنيادىن بالدۇرلا كېتىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ؟ يەنە نېمىدەپ ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىگە قان بەرگەن ، “سېنىڭ بىر لەھزە ئەركىڭگە جىمى ئىنسانلىقىڭدۇر جەم” دەپ نەرە تارتىپ ، ئۆز ئەركىنلىكىنى بىراۋلارنىڭ قولىدىن ئەمەس بەلكى تاشقىنلاپ تۇرغان ۋۇجۇدىدىن ئىزدەيدىغان ئوت يۈرەك شائىر باتۇر روزى  “يۇقۇرى”دا تۇرۇپمۇ پىتنىخورلۇق، نامراتلىق دەستىدىن ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ ، قىران يېشىدا كۈپكۈندۈزدە ئۈرۈمچىنىڭ داق كوچىسىدىلا كىشىلەر ئايىغىدا جان بېرىدۇ؟   “يۇقۇرى” نېمىدەپ ئەشۇنداق بىباھا تالانىتلىقلارنىڭ بىر-بىرلەپ نابۇت بولۇشىغا سۈكۈت قىلىدۇ؟ يەنە نېمىدەپ كۆرەلمەسلىك، تۆر تالىشىش، يۇرىتۋازلىق، گۇرۇھۋازلىق، پىتنىخورلۇق ئىللەتلىرى “يۇقۇرى” نى ماكان تۇتىۋالىدۇ؟

        “يۇقۇرى”دىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا مۇكەممەل، تالانىتلىق بولۇپ كېتىشى؛ “تۆۋەن”دىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا قاراقورساق، گالۋاڭ بولۇپ كېتىشى ناتايىن. “يۇقۇرى”دىمۇ بىلىمسىزلەر، نانقېپىلار، ساقتىپەزلەر، نامراتلار يوق ئەمەس. “ تۆۋەن”دىمۇ بىلىملىكلەر، ئىشچانلار، ئالىي جاناب پازىللار، باي-زەردارلار كەم ئەمەس. “يۇقۇرى”دىكىلەر ئۈسىتقۇرۇلما مەركەزلەشكەن ئەۋزەل شارائىت ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپلا “ تۆۋەن”دىكىلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگكلىرىگە كۆز يۇمسا ، ئۇنى قارا قويۇق ئىنكار قىلسا “ تۆۋەن”دىكىلەرگە ئۇۋال قىلغانلىقلا بولۇپ قالماي يەنە گېزى كەلگەندە “يۇقۇرى” بېلەن  “ تۆۋەن “نىڭ ماس قەدەمدە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا، ئاخىر بېرىپ بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ باراۋەر، ئىناق ئاساستا تەكشى گۈللىنىشىگىمۇ پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. يەنە كېلىپ“يۇقۇرى”دىكىلەر “تۆۋەن” دىكىلەرنىڭ بىرەر ئىلمىي ئەمگەك مېۋىلىرىنى رۇياپقا چىقىرىشىتا  “يۇقۇرى”دىكىلەرگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق بەدەل تۆلەيدىغانلىقىدەك ئاددىي ھەقىقەتنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك. 

ئۈچىنچى دېئالوگ:

جۇڭگونىڭ“يۇقۇرى”سىدا تۇرىۋاتقان ۋاڭ مېڭ شىنجاڭنىڭ “تۆۋەن” نىنى سېغىنىدۇ. ئەمما شىنجاڭنىڭ“يۇقۇرى”سىدىكىلەرچۇ؟ 

  
    دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە مەشھۇر يازغۇچى ۋاڭ مېڭ پايتەخىت  بېيجىڭدا تۇرىۋېتىپمۇ يەنە نېمىدەپ دائىم ئىلى ۋادىسىدىكى باياندايلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەستىن چىقارمايدۇ؟ قازاق يازغۇچىسىى ئەكبەر مىجىت بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ : «دۇرۇس،  ۋاڭ مېڭنىڭ ئاياغ ئىزلىرى قالغان، تەرى سىڭگەن بۇ زېمىن ئۇنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئىللىق قۇچىقىنى ئاشقان، گااڭگىرىغاندا يانتاياق بولغان، ئازاپلانغاندا ئۈمىد ئاتا قىلغان، قېنى قىزىپ قالغاندا تەسەللى بەرگەن ھەم ئۇنىڭغا يېڭى تەجرىبە، يېڭى شادلىق، يېڭى بىلىم، تېخىمۇ ئاددىي ھەم ساغلام بولغان يېڭى پوزىتسىيە ۋە ئاڭ ماكانى ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە شەكسىز ھالدا ناھايتى موھىم رول ئوينىغان. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ توم-توم ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان كىتابخانلار بىلمەي، چۈشەنمەي قالمايدۇ، ھوزۇر ئالماي قالمايدۇ. ۋاڭ مېڭنىڭ ئەسەرلىرى باشتىن ئاخىر كۈچلۈك دەۋىر تۇيغۇسى ۋە يۈكسەك ئىدىيىۋى پەللىنى ساقلاش بېلەن بىرگە شىنجاڭدا باشتىن كەچۈرگەن بىر مەزگىللىك كەچمىشلەر سەۋەبىدىن ئجادىيەتتە تۈپتىن بۇرۇلۇش ياساپ، ئۇنى ئېرىشىش تولىمۇ قىيىن بولغان ئەقىل-پاراسەت ۋە تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا نائىل قىلدى.››②②(2)②.②

       ۋاڭ مېڭ بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : «كۆپ ھاللاردا تېما، ئىدىيە، تەسەۋۋۇر، زوق-ئىشتىياق، ئىلھام دېگەنلەر ۋە سەنئەت جەھەتتىكى بايقاش بېلەن دۇنيانى بەدىئىي يوسۇندا بايقاشلار ئوخشىتىش ۋە سېلىشتۇرۇشتىن كېلىدىكەن. ئۇيغۇر مىللىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىنلا خەنزۇلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمگە ياردىمى بولدى.ئۇيغۇر تىلىنى ئۈگەنگەندىن كېيىنلا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ يېزىقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قىزىقارلىق يەرلىرىنى بايقىۋالالىدىم. شىنجاڭنىڭ قارلىق تاغلىرى، بوستانلىقلىرى ،چۆل-جەزىرىلىرىنى چۈشىنىشىم بېيجىڭنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىشىمگە ياردەم بەردى. فىزىكا ئىلمىدا‹ پايدىلىنىش ئوبىيېكتى› دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار.پايدىلنىش ئوبىيېكتى بولمىسا بىرەر ماددىنىڭ ھەركىتىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.ئەدەبىياتتا، ئىجادىيەت دىيالېكتىكىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىغان بىر ھادىسە بار.شىنجاڭ بېلەن بېيجىڭنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرىمەن.مانا بۇ تالاي ئەسەرلىرىمنىڭ رۇياپقا چىقىش مەنبەسى.شىنجاڭنىڭ تۇرمۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى مېنىڭ ئەسلىدىنلا ئىنتايىن ئاجىز بولغان روھىمنى قاتتىق چېنىقتۇردى ۋە بېتىتتى» (3).  دەل شۇنداق بولغانلىقتىن ۋاڭ مېڭ پەخىرلەنگەن ھالدا : «مەن شىنجاڭنى سۆيىمەن، شىنجاڭنى سېغىنىمەن.ئۇ مېنى پۈتمەس –تۈگىمەس ئىجادىيەت كانى بېلەن تەمىنلەپلا قالماستىن ماڭا تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېتىقاد ئاتا قىلدى» (4) دېيەلەيدۇ.

        ۋاڭ مېڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان مەشھۇر  يازغۇچى. ھازىرغا قەدەر 150تومغا يېقىن ئەسەرلىرى نەشىر قىلىندى ھەم ئەسەرلىرى كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىندى.ئامېرىكىغا بېرىپ “خەلقئارا يېزىقچىلىق مەركىزى” دە تۇرۇپ ئىنگلىز تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ باردى. دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىنى ئايلاندى.ھەتتا ئامېرىكا ۋە كانادا يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغىمۇ كۆرسىتىلدى. ئەمما ئۇ مەيلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى بولغان مەزگىللەردە بولسۇن ياكى يۇقۇرقىدەك ئۇتۇق،  شان-شەرەپلەر ئالدىدا بولسۇن ھامان شىنجاڭنىڭ ئەڭ  “ تۆۋەن” قاتلىمىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەسلا ئەستىن چىقىرىپ قويمىدى.ۋاقىت تاپسىلا ئاتايەن كېلىپ  ئۇلارنى يوقلىدى.ئەسەرلىرىدە ئۇلارنى ياد ئەتتى. مانا بۇنى مەسىلىلەرنى  دۇنياۋى نۇقتىدىن كۈزىتەلەيدىغان، چوڭقۇر ھەم كۆپ قىرلىق بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بىر يېتۈك زىيالىيغا نىسبەتەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېتىراپ قىلىش دېمەي بولمايىتتى.يەنە كېلىپ ۋاڭ مېڭ بۇ خىل ئېتىراپ قىلىشقا “يۇقۇرى”دا تۇرۇپ ئەمەس بەلكى “ تۆۋەن”دە تۇرۇپ ئېرىشكەنىدى.

      ئۈرۈمچىنى دۇنيادىكى ئەڭ “يۇقۇرى” شەھەر دەپ قاراپ “ تۆۋەن”دىكىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان “بىر مۆرىسى يوق كاپىتان”(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ سۆزى)لار ئەمدى ۋاڭ مېڭدەك كاتتا ئەرباپنىڭ ئالدىدا نېمىمۇ دېيەلەيدىكىن؟ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كىيىنىشكە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان، مەينەت، رەتسىز، قالاق، دۆت، ساپاسىز سانىلىدىغان “ تۆۋەن”دىكى ئەشۇ دېھقانلار ۋاڭ مېڭ ئۈچۈن نېمىدەپ شۇنچە موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ؟ يەنە كېلىپ ۋاڭ مېڭ 1971-يىلىدىن باشلاپ “يۇقۇرى”دىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان. ئەمما بىراۋلارنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە سانىلىدىغان بۇ “يۇقۇرى” نېمىدەپ ۋاڭ مېڭنىڭ ھاياتى ۋە ئجادىيىتىگە “ تۆۋەن”دىكى سەھرا-باياندايچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ؟ نېمىدەپ ۋاڭ مېڭ بىمەھەل ھايات كەچۈرگەن شىنجاڭنىڭ”يۇقۇرى”سى ھەققىدە ئاغزاكى ياكى ئەسەرلىرىدە كۆپ توختالمايدۇ؟ئەجىبا ئۇ شىنجاڭدىكى ھەممە تەلپۈنىدىغان ئەڭ “يۇقۇرى” ئەمەسمىدى؟  بەلكىم مۆرىتى كەلگەندە بېيجىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى بويىچە ئەڭ “يۇقۇرى” ئورۇندا ياشاۋاتقان بىر مەشھۇر زادنىڭ قائىدە بويىچە ئاۋال ئۈرۈمچىنى، ئاندىن ئىلى ئوبلاستىنى، ئىلى ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالمىغان بولسا ئىلى ۋىلايىتىنى، ئۇندىن كېيىن غۇلجا شەھرىنى تىلغا ئېلىپ، ئەڭ ئاخىردا بايانداي ھەققىدە توختالمىغانلىقى بەلكىم شىنجاڭنىڭ “يۇقۇرى”سىدىكىلەرنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىش ھېساپلانسا ئەجەپ ئەمەس. 

  
    تۆتىنچى دېئالوگ:

   “يۇقۇرى”دا تالاي ئادەملەر بار، ئۇلار خۇددى ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە نېمىسىنى ئۆزىنىڭكىدەكلا  ھېس قىلىپ، AQ لارچە ياشايدۇ.    

       بىزنىڭ بىر شىرەم تۇغقىنىمىز بولىدىغان . ئائىلىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن بېلەن كەنىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئارىلىقى 500مېتىرغىمۇ يەتمەيىتتى. شۇنداق بولسىمۇ مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇماي ئاخىر دېھقان بولۇپ كەتتى. كېيىن دېھقانچىلىققا پايلىشالماي ساتراشچىلىقنى ئۈگەندى.ئۇنىمۇ بولمايدىكەن ،دەپ چاپىنى مۆرىسىگە سېلىپ ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەنىدى.ئۇ ھەر ئۈچ-تۆت يىلدا بىر “ تۆۋەن”گە كېلىپ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ تۇراتتى.ھەر قېتىمدا ئۈستىۋاشلىرىنى يېڭىلاپ، كۆزئەينەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ “يۇقۇرى”غا خاس سالاپىتىنى نامايەن قىلىپ، “ئاپپاي” ، “ ھەدە ” ، “بىزە”  دېگەندەك “ تۆۋەن ” دىكىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان  “يۇقۇرى”غا خاس مودا سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتەتتى.ئۈرۈمچىدىكى ئاسمان پەلەك ئىگىز بىنالار،موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئېسىل پىكاپلار، قايناق بازارلار ھەققىدە ئازغى بېسىقماي سۆزلەپ، “ تۆۋەن”نىڭ قالاقلىقى، مەينەتلىكى، ئادەملىرىنىڭ قارا قورساقلىقىنى سۆكەتتى.

    ئۇ بىر قېتىم “يۇقۇرى”دىن  “ تۆۋەن”گە  چۈشكەندە دادامدىن پۇل سوراپتىكەن دادام مۇنداق دەپتۇ:

-سىز دېھقانچىلىقنى ياراتماي ئۈرۈمچىگە كەتتىڭىز. سىز تاشلىۋەتكەن يەرنى باشقىلار تالىشىپ يۈرۈپ تېرىپ، بىر ئوبدان ئۆي سېلىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، بەك بېيىپ كەتمىسىمۇ ھەرھالدا بەش-ئون چارۋا، 50-60توخۇ-كەپتەر قىلىپ جېنىنى جان ئېتىۋاتىدۇ.ئەمما سىزچۇ؟ئوزايىڭىزدىن قارىغاندا ھالىڭىزنى ئېشەك تارتالمايدۇ. ئاغزىڭىزدىن چىقىۋاتقان گەپلەردىن قارىسا بىرەر يەرنىڭ ئامبىلىدەك، كاتتا بايلاردەك سۆزلەيسىز.ئەمما نە قولىڭىزدا پۇل، نە قورسىقىڭىزدا ئۇماچ يوق.سىز پەخىرلىنىپ تىلغا ئالغان ئۈرۈمچىدىكى ئىگىز بىنالار سىزنىڭمۇ؟ نېمىشقا ئەشۇ ئىگىز بىنالاردىن ئۆيىڭىز يوق؟بىر-بىرىدىن ئېسىل ماشىنىلار بېلەن سىزنىڭ نېمە مۇناسىۋىتىڭىز؟ نېمىشقا ئەشۇ ئېسىل پىكاپلارغا ئولتۇرۇپ كەلمىدىڭىز؟ ئەشۇ قايناق ئۈرۈمچى بازارلىرى سىزگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟ نېمىشقا ئەشۇ بازارلاردىن دۇكان تۇتمىدىڭىز؟قىسقىسى، سىز ئەزۋەيلەپ سۆزلىگەن ئۈرۈمچى سىزنىڭ ئەمەس.

      دادامدەك كۆپ ئوقۇمىغان، سىرىتقى دۇنيانىمۇ ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان بىر دېھقاننىڭ “ ئۈرۈمچى سىزنىڭ ئەمەس” دېگەن سۆزى ھەققىدە خېلى كۈنلەرگىچە ئويلىنىپ يۈرگەنىدىم. دېمىسىمۇ ئۈرۈمچىدە تالاي ئادەملەر بار، خۇددى ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە نېمىسىنى ئۆزىنىڭكىدەكلا  ھېس قىلىپ ئاكيۇلارچە ياشاۋاتقان.

     يەنە كېلىپ بىزنىڭ كىچىككىنە كەنىتتىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەنلەر ئىچىدە خۇددى دادام ئېيىتقاندەك ئىشقا يارىمايدىغان، ئەتىدىن-كەچكىچە ھاراق ئىچىپ ئويۇن-تاماشا قىلىپ ئاخىر كۆتى ئوچۇق قالغان ئاققاپتاللار، تولا ئەردىن چىقىپ تالاغا قاراپ قېلىپ يۇرىتتا يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرگۈدەك يېرى قالمىغان جۇۋانلار، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش، ھالال ئىشلەپ  جان بېقىش ۋە بىرەر تىجارەتنىڭ پېشىنى تۇتۇپ قەد كۆتۈرۈشنى نىشان قىلغانلار بار ئىدى.           

     دادام بىر كەنىت مۇدىرى بولغاچ ئاڭسىز رەۋىشتىكى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ ئۇلارنى يۇقۇرقى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلگەنىدى.بۇ بەلكىم ئۈرۈمچىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ ئەمما ئۇ يەردە ھەر خىل يولدىكى ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بىشارەت بېرەتتى. يەنە كېلىپ مەنمۇ ئۈرۈمچىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان، 4—5يىل ئىلگىرى ئۇ يەردە بىر مەزگىل خىزمەت قىلىش پۇرسىتى نېسىپ بولغاچقا مەندىمۇ  “يۇقۇرى”ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىلەر يوق ئەمەسىدى. ئۇ يەردە رايونىمىزدىكى ئەڭ پازىللار ۋە ئەڭ پاسىقلار بار ئىدى.كىشى قەلبىنى لال قىلىدىغان ئەڭ دۇرۇس ئىشلارمۇ ھەم  كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئەڭ ناپاك  ئىشلارمۇ شۇ يەردىن تارىلاتتى.قىسقىسى، “يۇقۇرى” مۇ “ تۆۋەن “گە ئوخشاشلا ئىجدىمائىي كوللىكتىپتىن تۈزۈلگەن بولغاچقا بارلىق ئىجابىي سەلبىي ئامىللارنىڭ بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپقانىدى. 

بەشىنچى دېئالوگ:

راسىت گەپنى قىلغاندا ،” تۆۋەن “دە مال بېقىپ يۈرگەن بەزى مالچىلارنىڭ   خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى  “ مەركەزنىڭ خادىمى  “ لىق سالاھىيىتى بېلەن ئالىي ئۇنۋان ئالغان “ يۇقۇرنىڭ يۇقۇرسى  “ دىكى بەزى خادىملارنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس. 

  
     تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بېلەن ماڭا ئويلىمىغان يەردىن  2003-يىلى ئۆكتەبىردىن4 200-يىلى ئۆكتەبىرگىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قارمىقىدىكى جۇڭگو مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشىرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە باش مۇھەررىر ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەش پۇرسىتى نېسىپ بولۇپ قالدى.شۇ چاغدىكى سالاھىيىتىم ئۈرۈمچىدىكى “يۇقۇرى”لاردىنمۇ “يۇقۇرى” ئىدى.پۈتكۈل ئارخىپ-رەسمىيەتلىرىم بېيجىڭ شەھرى شەرقىي شەھەر رايونى خېپىڭلى شىمالىي كوچا 14-نومۇرلۇق قورودىكى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئاخبارات-نەشىرىيات بىناسى (بۇ بىنادا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق مىللەتلەر نەشىرىياتى، مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرناللار نەشىرىياتى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشىرىياتى قاتارلىق ئاخبارات-نەشىرىيات ئورۇنلىرى ئىش بېجىرەتتى)دا ئىدى.بىزگە بېرىلىدىغان مائاش، تەمىناتتىن تارتىپ سېياسىي، ئىقتىسادىي، كەسپىي دەرىجە-تەمىناتلارنىڭ ھەممىسى مەركەزدىن چۈشۈرىلەتتى. پەقەت خىزمەت ئورنىمىزلا  “يۇقۇرى” نىڭ  “تۆۋەن “ئى بولغان ئۈرۈمچىدە ئىدى.

         راسىت گەپنى قىلسام شۇ مەزگىللەردە مەندىمۇ “يۇقۇرى” دىنمۇ “يۇقۇرى” ئورۇندا ئىشلەيدىغانلارغا خاس كېبىر، “يۇقۇرى” بېلەن  “ تۆۋەن “گە پەرىقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىغان كەسكىن پوزىتسىيە شەكىللەنگەنلىكىنىمۇ چەتكە قاقالمايمەن.ئەمما كېيىن شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، يالغۇز مەنلا ئەمەس پۈتۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى تەۋەلىكىدىكى ئىنسى جىن ئاياغ باسمايدىغان چەت-يىراقلاردىكى جاھاندىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان بىرەر ساۋادسىز گىراژداندىن تارتىپ مەركەزدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسىگىچە مەركەزگە قارايدىكەن. سېياسەت، تۈزۈلمە ھەممىسى ئوخشاشكەن. ھەتتا خەجلەيدىغان پۇلمۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن خەلق پۇلىكەن.چوڭ جەھەتتىن دەرىجىگە ، “يۇقۇرى” ۋە  “ تۆۋەن “ دەپ ئايرىشنىڭ ھېچقاندەك ئەھمىيىتى يوقكەن.بۇنداق پەرىق پەقەت مەمۇرىي جەھەتتىن دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىدىنلا كېلىپ چىققانىكەن خىالاس.

      2004-يىلى يازدا بېيجىڭدا چاقىرىلغان مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئاخبارات-نەشىرىيات ئورۇنلىرىدىكى تەھرىر-مۇخبىرلارنى تەربىيلەش كۇرسىغا شىنجاڭ شۆبىسىدىن مەن بېلەن قازاق تەھرىر بۆلۈمىدىكى تىلەۋجان ئوقاپ ئىسىملىك بىر قازاق بولۇپ  ئىككەيلەن بېرىپ قاتناشتۇق. كۇرىستا يوقلىما تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، دەرىس ئۆتۈلىۋاتقاندا تۆۋەندە توختىماي كۇسۇرلاشلار بولۇپ تۇردى، ئىمتاھاندا بىر ئاماللارنى قىلىپ كۆچۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى.بۇ ئەھۋاللار ماڭا نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتا قالغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە دائىم ئېچىلىپ تۇرىدىغان كۇرىسلارنى ئەسلىتىپ قويدى.   كاللىسى ئوچۇق بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۇنيا ۋە ۋەزىيەت ھەققىدە سۆزلىگەن بەزى تەھلىلى بايانلىرىنى دېمىگەندە قالغان ھالەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاتالمىش” تۆۋەن “دە ئېچىلىدىغان كۇرىسلاردىن پەرىق قىلمايىتتى. شۇ چاغدا مەن بۇ ئەھۋاللاردىن بەكلا ھەيران قالغانىدىم ھەم ئۆزۈمنى پايتەخىت بېيجىڭدا ئەمەس بەلكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم يېرىدە كۇرىسقا قاتنىشىۋاتقاندەكلا ھېس قىلىپ قالغانىدىم.

      بىز كۇرىسنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنۋانغا تەييارلىق كۆرۈش ئىشى باشلاندى.شۇ چاغدا مەن ئاتالمىش يۇقۇرى-ئۈرۈمچىدە بىر ئەپەندىنىڭ كەسپىي خۇلاسە ماتېرىيالى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى پاتماندا بىر پۇل خەجلەپ خەنزۇمە كتەپتە ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر  زىيالىيغا خەنزۇچە يازغۇزغانلىقى ۋە  تولدۇرغۇزغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بېلەن كۆرگەنىدىم.راستىنى ئېيىتقاندا “ مەركەزنىڭ خادىمى  “ لىق سالاھىيىتى بار شۇ كىشىدە كەسپىي خۇلاسە ماتېرىيالى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى خەنزۇ تىلىدا يېزىپ تولدۇرغۇدەك سەۋىيە يوق ئىدى. 

       بۇ ئەھۋال مېنى قاتتىق ئويغا سالدى.شۇئان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چەت ، تاغلىق ناھىيە بولغان يۇرتۇم----باي ناھىيىسىنىڭ ياقا ئېرىق بازىرىغا قاراشلىق بىر كەنىتتىكى ئاتا مىراس مالچى تۇرسۇن تاتلىق خىيالىمدىن كەچتى. تۇرسۇن تاتلىق ئادىمىزاتسىز سايلاردا ، خەتەرلىك تاغلاردا، ئوچۇق دالىلاردا مال بېقىۋېتىپ ، يېزا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئاكىسى تۇنياز تاتلىقنىڭ تەسىرىدە خەنزۇ تىلى ئۆگۈنۈشكە ئىشتىياق باغلاپ قالغان ياش ئىدى.ئۇ خەنزۇچە دەرىسلىكنى قوينىغا سېلىۋېلىپ ، بوينىغا ئېسىۋالغان رادىئودىن خەنزۇچە پىروگراممىلارنى ئاڭلىغاچ توختىماي خەنزۇچە ئۆگۈنەتتى. بۇ ھال يىللاپ، ئايلاپ، كۈنلەپ داۋاملىشىش نەتىىجىسىدە ئىەنزۇچە گېزىتلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان، دوكلات-ئىلتىماسلارنى خەنزۇچە يازالايدىغان، خەنزۇچە ماقالىلارنى بىمالال تەرجىمە قىلالايدىغان ھالەتكە يەتكەنىدى. تېخى مېنىڭ تونۇشتۇرۇشۇم بېلەن ئۇنىڭ بىر نەچچە پارچە تەرجىمە ئەسىرى ‹‹ ئاقسۇ گېزىتى››دىمۇ ئېلان قىلىنغانىدى.

      راسىت گەپنى قىلغاندا مالچى تۇرسۇن تاتلىقنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى “مەركەزنىڭ خادىمى  “ لىق سالاھىيىتى بېلەن ئالىي ئۇنۋان ئالغان “ يۇقۇرنىڭ يۇقۇرسى  “ دىكى ھېلىقى خادىمنىڭكىدىنلا ئەمەس يەنە   ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانىاىرىغا ھەر خىل يوللار بېلەن كىرىۋالغان بىر قىسىم قۇرۇق سۆلەت بەگزادىلەرنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايىتتى.

       دېمىسىمۇ “ يۇقۇرى  “دىكى بولۇپمۇ پەن-تەتقىقاد، ئالىي مەكتەپلەردىكى قىسمەن پروفېسسور، تەتقىقاتچى ، ئالىملار خۇددى “قىرغىزغا تۇشلۇق قالپاق يوق   “ دېگەندەك، كىيىۋالغان ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان قالپىقىغا تۇشلۇق ئۇلاردا ئەمەلىي نەتىجە يوق. قېزىشقا ، رەتلەشكە، تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك تالاي تېمىلار، تەتقىقات تۈرلىرى شۇ پېتىچە قېپ قېلىۋاتىدۇ.ھەتتا بەزىلىرى كونىراپ  كۆكىرىپ پاختىلىشىپ قىممىتىنى يوقۇتۇش دەرىجىسىگە بېرىپ قېلىۋاتىدۇ. “ئۆزلىرى قىلالماسلىق ،قىلغاننى كۆرەلمەسلىك   “ ئەھۋاللىرى ئېغىر. ھەتتا “ يۇقۇرى  “دىكى ئەشۇ “ئالىم  “ لارنىڭ بەزىلىرى خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىدىنمۇ ئۆتەلمەيدۇ. ئۆزلىرىدە تۈزۈك تەتقىقاد نەتىجىلىرى بولمىغاچقا پۇل خەجلەش يولى بېلەن باشقىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاد نەتىجىسىگە شېرىك بولىۋالىدىغان ياكى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس.

         ئاقسۇ قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىشلەيدىغان ئابدۇسەمەد ئىسىملىك  بىر ئوقۇتقۇچىنى تونۇيمەن. نەچچە يىللار ئىلگىرى بىر دوستۇم بېلەن ئۇنىڭ يېزىدىكى ئۆيىگە چىققىنىمدا  ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆيىگە ھەر خىل مەزمۇندىكى خەنزۇچە كىتاب-ژۇرناللارنىڭ پەۋەس تىزىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانىدىم. ئابدۇسەمەد مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ تۇرۇپلا تەرجىمە ئىجادىيىتىگە ھەۋەس قىلىپ قاپتۇ.شۇڭا بوش ۋاقىت تاپسىلا خەنزۇ تىلىنى  بېرىلىپ ئۆگۈنۈپتۇ. مەلۇم ئاساس تىكلىۋالغاندىن كېيىن تەرجىمە قىلىشنى باشلاپتۇ.خەنزۇ تىلىنى ئۆگۈنۈشتىن تەرجىمىگە كىرىشكىچە بولغان ئارىلىقتا ئەسەبىيلەرچە ئۆگۈنۈش قىلغانلىقتىن خۇدىنى يوقۇتۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىپ تاس قاپتۇ مېڭىسىدىن ئاداشقىلى. شۇنداقتىمۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ، بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ،ئاخىر  ئىككى پارچە كىتابنى تەرجىمەقىلىپ پۈتتۈرۈپتۇ.باشقىلارنىڭ يول كۆرسۈتىشى بېلەن تەرجىمە قىلغان كىتابلىرىنى پاكىز كۆچۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم نەشىرىيات سودىگىرىگە ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. نەشىرىيات سودىگىرى تەرجىمە كىتابنىڭ بىرىنى ئۇنۋان ئېلىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەرجىمە ئاپتورلۇقى نامىدا نەشىر قىپتۇ. ئوقۇتقۇچى بۇنىڭ بەدىلىگە نەشىرىيات سودىگىرىگە مەلۇم نىسبەتتە پۇل تاپشۇرۇپتۇ. ئەمما مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى يىراق سەھرادىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى ئابدۇسەمەد تەرجىمە قىلغان كىتابنىڭ كۈچى بېلەن ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ كېرىلىپ يۈرۈپتۇ. ئابدۇسەمەد مۇئەللىمنىڭ يەنە بىر تەرجىمە كىتابىمۇ ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئاللىقانداق بىر ھاجەتمەنلەرنىڭ نامى قاتارىغا ئىمسى تىزىلىش يولى بېلەن نەشىر قىلىنغاننى ئاز دەپ كۆڭلى خوش بولغىدەك قەلەم ھەققىگىمۇئېرىشەلمەپتۇ.

       ئادەتتە ئالىي ئۇنۋان ئالىدىغانلارغا خەنزۇ تىلى ئەمەس بىرەر چەت ئەل تىلىنى بىلىش شەرىت قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ “ يۇقۇرى  “دىكى ئالىي مەكتەپ ۋە پەن-تەتقىقاد ئورنىدىكىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ بىرەر چەت ئەل تىلىنى ئەمەس خەنزۇ تىلىنىڭمۇ ھۆددىسىدىنمۇ تۈزۈك چىقالماي ،” تۆۋەن “ نىڭ چەت سەھراسىدىكى بىر يوقسۇل مەكتەپلەردىكى  نامرات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ چاپىنىدا تەرلەش بەدىلىگە ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ كېرىلىپ يۈرۈشكەن ئاتالمىش “ يۇقۇرى  “دىكى ئەشۇ قۇرۇق سۆلەت، ئىچى كاۋاك “تەتقىقاتچى  “، “ئالىم “ لارغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟ تېخى چاچلىرىنى سىپتا تارىشىپ، يارىشىملىق كىيىنىشىپ تېلېۋىزورلاردا، ئاممىۋى سورۇنلاردا بىلىم، قابىلىيەت، تالانىت ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ كېتىشلىرىنى نېمە دەي ئۇلارنىڭ.تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى “ يۇقۇرى  “دىكىلەر كەشىپ قىلغان ئىجادىي ئەمگەك ئىگىسىنىڭ ئەجرىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۇنۋان ھاجەتمەنلىرىگە شەرەپ، نەشىرىيات سودىگەرلىرىگە قوش مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ خىل” يېڭىچە كەشپىيات “ خۇددى ئۈرۈمچىدە پەيدا بولغان سېرىق يۇمۇردەك “ يۇقۇرى “دىن “تۆۋەن”گە سەلدەك ئاقماقتا.

         ئابدۇسەمەد مۇئەللىمنىڭ تەرجىمە ئىجادىيىتىگە قىلىنغان بۇ خىل ھاقارەت ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېتىيقاندا    “ يۇقۇرى  “نىڭ “ تۆۋەن “  نى ھاقارەتلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. “ تۆۋەن “بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىسا  “يۇقۇرى” ئۇنى بىلىمسىزلىك، دۆتلۈك (“ يۇقۇرى  “نىڭ مودىلىشىپ كەتكەن سۆزى بويىچە مەتولۇق) تا ئەيىبلەۋاتقان؛ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ ئالدىغا ئەۋەتسە “ تۆۋەندىكىلەر قانچىلىك نەرسە بىلەتتى  “ دەپ كۆز قىرىنىمۇ سېلىشىپ قويمىغان. ھەتتا يۇقۇرقىدەك  “ئالىم “ لارغا سېتىپ خەجلەشتىن يانمىغان. بەلكىم ئۇلار پەقەت “ يۇقۇرى  “دا بولغانلىقى ئۈچۈنلا “ تۆۋەن “دىكىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولسا كېرەك؟ ھەي “ تۆۋەن “، ھەي “ تۆۋەن “ سېنىڭ نادامەتلىرىڭ قاچانمۇ ئاخىرلىشار- هة؟

مەن يەنە يېقىندا باي ناھىيىسىنىڭ ياقېرىق بازىرىدا تۈزۈك تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بىر چالا ساۋات ياشنىڭ تۇرمۇشتا ئەسقاتىدىغان بىر ئاپتوماتىك ئەسۋاپ كەشىپ قىلىپ پاتېنىتقا ئېرىشكەنلىكىنى،يەنە بىر ياشنىڭ ئېلىكتىرونلۇق مۇرا ياساپ پاتېنىتقا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئۇقتۇم.ئاڭلىسام ‹‹تۆۋەن››دىكى بۇ سەھرالىقلارنىڭ كەشپىياتى‹‹يۇقۇرى››دىكىلەرنىڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ،شۆلگەيلىرىنى ئاقتۇرىۋېتىپتۇدەك.بەلكىم،‹‹يۇقۇرى››دىكى بىر قىسىم ئاتالمىش ئىنجىنىر-ئالىم،تەتقىقاتچىلار ‹‹تۆۋەن››دىكى ئەشۇ سەھرالىق بالىلارچىلىك بىرەر كەشپىياتنى بىر ئۆمۈر كەشىپ قىلىش ئەمەس ھەتتا خىيالىغا كەلتۈرۈپ بولالماسلىقى مۇمكىن.

 

    ئالتىنچى دېئالوگ: 

     ‹‹يۇقۇرى›› دىكى بىر قىسىم كىشىلەر ‹‹تۆۋەن›› نى ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىپتىدائىي  ھالەت بويىچە تەسەۋۇر قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن. ئۇلار‹‹تۆۋەن››دىن بىلىمدار چىققانلىقنى خۇددى ئېشەككە مۈڭگۈز چىققاندەكلا غەلىتە ئىش ھېساپلايدۇ.  
            مۇشۇ ماقالىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان   <كەلپىن ناھىيىسىدەك چەت، نامرات ناھىيە>  دىن ئابدۇللا تالىپ، غەنىزات غەيۇررانى، توختى سابىر، ئابدۇللا ئابدۇرەھىم، غەيرەت ئابدۇللا، ئەھمەد ۋاھىدى، ئىبراھىم ئىزاقى دەك مەشھۇر ئەدىب، تىلشۇناس، سېياسىيون، پىداگوكلار چىققان.بۇ يۇرتتىن چىققان تالاي ئىستىدات ئىگىلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم ساھەلىرىدە ، رەھبەرلىك قاتلاملىرىدا ئۆز رولىنى توللۇق جارىي قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.    

       ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە تەزكىرىسىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تۈزۈپ بىرلا ۋاقىتتا نەشىر قىلدۇرۇشنىڭ تۇنجى مۇۋەپپەقىيىتىمۇ مۇشۇ ناھىيدە ئەمەلگە ئاشقان. ئەشۇ ئىككى خىل تىلدىكى كەلپىن ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسىنى مەرھۇم ئابدۇساتتار ھامىدىن تۈزگەن بولۇپ، تەرجىمە ئەسىرى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئابدۇجاپپار ھامۇدىننىڭ بىر قۇرساق ئاكىسى ئىدى. ئابدۇساتتار ھامىدىندەك تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدەك چەت، نامرات ناھىيەدە تۈرلۈك قىينچىلىقلارغا بوي بەرمەي ، خەنزۇ تىلىنى ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، بىر ناھىيە تەزكىرىسىنى خەنزۇ تىلىدا تۈزگۈدەك سەۋىيىگە يېتىشى كىچىك ئىش ئەمەسىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە تەزكىرىچىلىك خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس بولۇپ باھالانغىنىمۇ بىكار بولمىسا كېرەك.

      يەنە   <كەلپىن ناھىيىسىدەك چەت، نامرات ناھىيە> دىن چىققان ، 20نەچچە پارچە تەرجىمە كىتاب ۋە كۆپلىگەن نادىر ھېكايە، نەسىرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، رايونىمىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان قابىل تەرجىمان ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ ئاقسۇ بېلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا ئۈچ قېتىم يۆتكىلىشىدەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم قايىل قىلىدىغان<مارافونچە يۆتكىلىش ئويۇنى> نىڭ تېگىدىمۇ ئاجايىپ بىر سىر يوق ئەمەس. ئۇ بولسىمۇ ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ تىنىم تاپماي ئىزدىنىش ۋە توختاۋسىز ئىجاد قىلىش روھى بىلەن  يۇغۇرۇلغان كۈچلۈك تەرجىمە ئىقتىدارىنىڭ يېتىلگەنلىكىدەدۇر. مانا بۇ ‹‹تۆۋەن›› نىڭ ئۆز باغرىدا تالاي ئىقتىدار ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرەلەيدىغانلىقى ۋە “يۇقۇرى”نىڭمۇ ھەر ۋاقىت ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدەك ‹‹يوقىرى››  بىلەن‹‹تۆۋەن›› نىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەڭ ياخشى جاۋاب بولالايدۇ. دېمىسىمۇ خىزمەت تېپىشلا ئەمەس بەلكى‹‹تۆۋەن›› دىن‹‹يوقىرى›› رىغا يۆتكىلىش ئەرىشكە چىقىشتىنمۇ تەس بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە ئۈچ قېتىم يۆتكىلىشىنى كادىر يۆتكىلىش تارىخدىكى بىر مۆجىزە دېسە ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن. 
     ۋەھالەنكى،بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى بولۇشى مۇمكىن.مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قارىساق مۇنداق بىر سەتچىلىك كۆزىمىزدىن قېچىلىپ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز: ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا تۆۋەندىكى بىر ئاتالمىش مەشھۇر تەرجىمان ئۆزىنىڭ تەرجىمە نوپۇزىغا تايىنىپ يۇقۇرىدىن نەشىر پىلانىغا كىرگەن خەنزۇچە 10 پارچە كىتابنى ھەل قىلىپ ئۇنى تۆۋەندىكى تەرجىمانلارغا تارقىتىپ چەكلىك مۇددەت ئىچىدە سۈپەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرۈشنى،شۇنداق بولغاندا يېتەرلىك قەلەم ھەققى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.كىتابنىڭ تەرجىمىسى پۈتكەندىن كېيىن ئەشۇ زاتى مۇبارەك ئۆز نام-شەرىپىنى تەرجىمە ئاپتورى ئورنىدا يېزىپ نەشىر قىلدۇرۇپتۇ.كىتابنىڭ ئەسلى تەرجىمانلىرىنىڭ ئىسمى كىتابقا كىرگۈزۈلمىگەننى ئاز دەپ قەلەم ھەققىنىمۇ ۋاقتىدا ۋە بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئالالماپتۇ.بۇ مەشھۇر تەرجىمان 10پارچە تەرجىمە كىتابنى قولتۇقلاپ يۇقۇرىغا تۆھپە مەلۇم قىلغىلى بېرىپتىكەن يۇقۇرىدىكى ئالىم-تەتقىقاتچىلار بىر نەچچە ئايدا 10كىتاب تەرجىمە قىلىشتەك تۆۋەندىن چىققان بۇ مۆجىزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ شۇ تەرجىماننىڭ يۇقۇرىغا يۆتكىلىۋېلىشتەك ئۇزۇن مۇددەتلىك ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىپتۇ.دېمەك، بۇ تەرجىماننىڭ يۇقۇرىدىكىلەرنىڭ تۆۋەندىكىلەرنىڭ چاپىنىدا تەرلەش تېخنىكىسى ئاخىر ئۇنىڭ يۇقۇرىغا يامىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۆڭۈلدىكىدەك ئەس قېتىپتۇ.

        بۇندىن 15—20يىللار ئىلگىرىكەلپىن ناھىيىسىدەك چەت، نامرات ناھىيەدىن چىققان بىرەيلەن بانكىدىن ۋە باشقىلاردىن نەچچە ئونمىڭ يۇەن قەرىز ئېلىش يولى بىلەن كىتاب-ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، چەت ئەل كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى يۆنىلىش قىلغان ھالدا فونتىكاشۇناسلىق ساھەسىدە تىنماي ئىزدىنىپ، ئاخىر ئۇيغۇر تىلى فونتىكىسىنىڭ دۇنيادىكى كىشى ئىسىملىرىنى ئىپادىلەش جەھەتتە ئىنگلىزتىلى ، رۇس تىلى، ئىسپان تىلى قاتارلىق دۇنيادىكى چوڭ تىللارنىڭمۇ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان ھەم چەت ئەل كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۆلچەم ھەم پىرىنسىپلىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇپچىققانىدى.   

     ئۇ كىشى ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئاپتونوم رايون مالىيىسىدىن 40مىڭ يۇەن ئاجرىتىپ قوللۇشى نەتىجىسىدە 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە شىۋىتسىينىڭ سىتوكھولىم ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 13-قېتىملىق خەلىقئارالىق فونتىكىشۇناسلىق چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ،‹‹ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ۋە 2-بىر تىلنى ئۆگۈنۈش ›› دېگەن تېمىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇدى ۋە شۇ ئىلمىي ماقالىسىنى خەلىقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى.(5)

        بۇندىن 15-20يىل بۇرۇنقى كەلپىن ناھىيىسى ھازىرقىدىن ئاسمان-زېمىن پەرىقلىنەتتى. ئۇ چاغلاردا قاتناش قولايسىز ،ئالاقىمۇ راۋان ئەمەسىدى. جاھاننىڭ ئۇچۇر –يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەرسىز ھالەتتىكى بېكىك، چەت، نامرات ناھىيىدە تۇرۇپ، يەنە كېلىپ تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بىر ئادەمنىڭ ئازغىنە ئىش ھەققى بېلەن پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتەك  ئېغىر مەسئۇلىيەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قەرىز ئېلىپ كىتاب-ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، تۈرلۈك قىينچىلىق ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، تەتقىقاد ئېلىپ بېرىپ،   خەلىقئارالىق سەھنىلەرگە چىققۇدەك ھالەتكە يېتىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسىدى. شۇنداق كىشىلەرنى قوللاش، ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن بېرىش زۆرۈر بولسىمۇ ئەمما  ‹‹يوقىرى›› دىكى ئالىي مەكتەپ ، ئاكادېمىيە، تىل-يېزىق سىستېمىلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستەل –ئورۇندۇقلىرىنى بېقىپ بىكارغا كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن ، تۇغماس مىكياندەك قولىدىن ئىش چىقمايدىغان بىر قىسىم قۇرۇق سۆلەت < ئالىم >  ، <تەتقىقاتچى >لار تۇشمۇ-تۇشتىن ھەركەتكە كېلىپ، ئۇ كىشىگە  < ساختا ئىلىم نوپۇزى يەي > ،< خەلىقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە  سەھنىلەرگە چىقىشقا سالاھىيىتى توشمايدۇ يەي>دېگەندەك بىرمۇنچە قۇرۇق بەتناملارنى چاپلاپ ، ئاخىر شۇ كىشى تەركىي ۋەتەن بولۇپ كەتكەندىلا  ئاندىن زۇۋانى بېسىقتى.

       شۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ مەقسىدى ئانچە سىرلىق ئەمەسىدى. ئۇلارچە بولغاندا ‹‹تۆۋەن›› دىن خەلىقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە  سەھنىلەرگە چىققىۇدەك ئادەم چىقماسلىقى، ئۇنداق ئادەم پەقەت ئۈرۈمچىدىنلا چىقىشى كېرەك ئىدى. ‹‹تۆۋەن›› دىكىلەر كىتاب ئوقۇماسلىقى، ئىجادىيەت-تەتقىقاتلار بېلەن شۇغۇللانماسلىقى، تەپەككۇر قىلماسلىقى، پەقەت ئېغىر ئەمگەك ۋە ھايۋانلارچە يەپ-ئىچىش بېلەنلا كۈن ئۆتكۈزىشى كېرەك ئىدى. مانا شۇ كىشى تەركىي ۋەتەن بولىۋىدى چەت ئەل كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش تەتقىقاتى شۇ ئىزىدىلا توختاپ قالدى. ئۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلار، سىستېمىلاشتۇرۇپ تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيىگە كۆتۈرىدىغانلار،تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى خەلىقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە  سەھنىلىرگە چىقىپ، ئۇيغۇر تىلى بېلەن دۇنياۋى تىللارنى ئۇچراشتۇرىدىغانلار تېخىمۇ چىقمىدى.ئۇ كىشى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرۇپ بەرگەن ‹‹ خەنزۇچە-رۇسچە –ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرى لۇغىتى›› ، ‹‹ خەنزۇچە-ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرى لۇغىتى ›› شۇنچە يىللاردىن بېرى  رۇسچە ، ئىنگلىزچە چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى تىلىمىزغا توغرا ، ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىشتا بىر ئوبدان رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ.ئەمما ئۇ كىشى تۈزۈپ نەشىرگە بەرگەن باشقا لۇغەتلەر تېخىچە نەشىردىن چىقمىدى. بەلكىم شۇنچە يىللاردىن بېرى نۆۋەت كۈتۈپ ياتقان ئەشۇ قول ياما ھالىتىدىكى لۇغەتلەرنىڭ بەتلىرى سارغىيىپ، چاشقانلار غاجاپ كۆرگۈسىز ھالەتكە كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن . مۇبادا  قالغان لۇغەتلەرمۇ ۋاقتىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان بولسا ھەم مۇشۇ تۈردىكى ئىلمىي ئەمگەكلەرگە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلگەن بولسا بەلكىم ھازىرقىدەك  چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى ھەركىم ئۆز ئالدىغا خالىغانچە تەرجىمە قىلىدىغان ، بۇزۇپ خاتا تەرجىمە قىلىدىغان، بىر ئىسىم نەچچە خىل تەرجىمە قىلىنىدىغان ھالەتلەرگە خاتىمە بېرىشكە پايدىسى يېتەر ئىدى. ئەشۇ نەشىرىياتلارتولا تەكرارلىنىپ مەززىسى قالمىغان ئىشقىي شېئىر-قوشاقلا ۋە ھەقىقى ئەدەبىيات ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ، مىللەتكە قىلچە پايدىسى يەتمەيدىغان قۇرۇق توقۇلما بايانلار بېلەن توشۇپ كەتكەن تالاي پاق-پاق كىتابلارنى نەشىردىن چىقارسا چىقاردىكى، ئەشۇنداق موھىم ئىلمىي مەسىلىلەرنى توغرا  بىر تەرەپ قىلىشقا پايدىسى يېتىدىغان ، ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان قورال كىتابلارنى نەشىر قىلىشقا كەلگەندە نېمىشقىدۇر بەكلا پاسسىپلىق قىلدى.بۇنىڭغا بەلكىم ئەشۇ لۇغەتلەرنى تۈزگۈچىنىڭ  “ تۆۋەن “دە بولۇپ قالغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.

        شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇ قېرىنداشلار بەلكىم ھېلىھەم يۇرتىمىزنى ئېشەك، تۆگىلەرگە مېنىپ سەپەر قىلدىغان ھالەتتە تەسەۋۇر قىلىشى مۇمكىن.خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرمۇ‹‹تۆۋەن›› نى ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھالەت بويىچە تەسەۋۇر قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن.ئۇلارچە بولغاندا ‹‹تۆۋەن›› دىكىلەر ھېلىھەم كورەك توماقلارنى، يىرتىلىپ ھۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن جەندىلەرنى كىيىشىپ، يالاڭ ئاياغ ھالەتتە مەيدىلىرىنى ئوچۇق قويۇپ، كالا-ئېشەك قوشۇلغان ئىگىز چاقلىق يارىيا ھارۋىلارنى سۆرەپ  يەر تېرىش ۋە چارۋا بېقىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئىپتىدائىي قەۋىملەر بولۇپ، ئۇلاردىن بىلىمدار چىققانلىق خۇددى ئېشەككە مۈڭگۈز چىققاندەكلا غەلىتە ئىش ھېساپلانسا كېرەك. 


يەتتىنچى دېئالوگ: 

< يۇقۇرى >دىكى  سەنئەتكارلارنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ تونۇتقىنى  يەنىلا< تۆۋەن>.
  
        < يۇقۇرى > دا تۇرىۋاتقان ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ئۈچۈن “ تۆۋەن “گە  بېرىش ،” تۆۋەن “نى چۈشىنىش خۇددى سېياسىي ساھەدىكىلەرگە ئوخشاشلا موھىم.ئەمما ئۇ مەنپەئەتتىن خالىي ھالدىكى ساپ توغرا نىيەتنى ئۆزىگە شەرىت قىلىشى زۆرۈر. بۇ جەھەتتە  ئۇستاز يازغۇچى زوردۇن سابىر  ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. زوردۇن سابىر گەرچە  “ يۇقۇرى  “دا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما “ تۆۋەن “نى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىش ماكانى قىلىپ، تۇرپان ۋە مەكىتلەردە ئاي-ئايلاپ تۇرغان مەزگىللەردە دېھقانلار بېلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتكەن.ئۇنىڭدا قىلچە “ تۆۋەن “نى پەس كۆرىدىغان ئىدىيە بولمىغان.شۇڭا ئۇ ‹‹دولان ياشلىرى ›› ، ‹‹ ئېھ، توپىلىق يول ›› ، ‹‹ ئۇنتىمايمەن گۈلسارى ›› ۋە ‹‹جىگدىلەر پىچىرلايدۇ ›› غا ئوخشاش كۈچلۈك سەھرا پۇرىقىغا ئىگە ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتالىغان.

       ئۇيغۇر رەسساملىق ساھەسىدىلا ئەمەس بەلكى جۇڭگو ۋە دۇنيا رەسساملىق ساھەسىدىمۇ بەلگۈلۈك نوپۇز تىكلىگەن ئۇستاز رەسسام غازى ئەھمەدمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسەرلىرىنى سۆرەن-شاۋقۇن ، ئىس-تۈتەكلەر قاپلىغان ئۈرۈمچىدىن ئەمەس بەلكى سەھرا-يېزىلاردىن تېما ئېلىپ سىزغان. مەسىلەن ئۇ ‹‹موقام ›› ناملىق ھەممىگە تونۇشلۇق مەشھۇر ماي بوياق رەسىمىنى سىزىشتا قۇم-بوران ھۇشقۇتۇپ تۇرغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت يېزا-قىشلاقلىرىغا بېرىپ، “ تۆۋەن “ دىكى مىڭلىغان شەخىسلەر ئوبرازى ئۈستىدە ئەستايىدىل كۈزىتىش، تەھلىل قىلىش، سېلىشتۇرۇش، تاللاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ئاخىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارىقاش ناھىيىسىدە سىزىپ پۈتتۈرگەن.

       غازى ئەھمەدنىڭ رەسساملىق ساھەسىدە شۇنچە ۋايىغا يېتىشىنى ئۇنىڭ چۆل –باياۋانلاردىكى پىنھان تاغ قاپتاللىرىغا جايلاشقان مىڭۆيلەرگە بېرىپ، قەدىمقى ئۇيغۇر رەسساملىقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىدىن ۋە ئۇنى ئۆگەنگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلبەتتە. غازى ئەھمەد 1956-يىلى ۋە 1976-يىلى بولۇپ ئىككى قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىڭئۆيلەرگە بېرىپ، ئاي-ئايلاپ شۇ يەردە تۇرۇپ، تام رەسىملىرىنى تەقلىد قىلىپ سىزغان ۋە ئۇنى تەتقىق قىلغان. شۇڭا ئۇنىڭ< شەخىسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش جەھەتتە بۇددىزم مىڭئۆي تام رەسىملىرى ئىلھامىمنىڭ بۇلىقى بولدى> دېيىشى بىكار ئەمەس.

       ئەلگە تونۇلغان ئىقتىدارلىق ياش كومپىزوتۇر، ناخشىچى ئىسكەندەر سەمەت 1993-يىلى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىدىن قۇمۇل ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئالماشقاندىن كېيىن ، قۇمۇلنىڭ بەش شەھەر ئون ئىككى تاغلىرىنى كېزىپ ، يۇرىت ئىلھامى بېلەن ‹‹ئۇيغۇر ئوغلىمەن›› ‹‹ سەرسان يەكشەنبە›› قاتارلىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن نەشىردىن  چىقىرىپ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى ھەم ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق‹‹يوقىرى›› دا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بەزى ئىشلارنى  ‹‹تۆۋەن›› دە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ، ئۇ يەردە ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە ئىلھام بوشلۇقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى  ئىسپاتلىدى. ئۇ  “ تۆۋەن “دە ئجاد قىلغان ‹‹ ئايرىلىش مىنۇتلىرى›› ناملىق ناخشىنى < يۇقۇرى>دىكى چولپانلار تالىشىپ يۈرۈپ توۋلاپ كەلمەكتە.

      ئۆز تالانتىغا تايىنىپ ‹‹تۆۋەن›› دىن  ‹‹يوقىرى›› غا  يۆتكەلگەن شوخ ناخشىچى ۋە ئۇسۇلچى مەۋلان نىياز سەھرامۇ ئۈرۈمچى سەھنىلىرىنى بىمەھەل زىل-زىلىگە سالغاندىن كېيىن يەنە‹‹تۆۋەن››دىن ئېنىرگىيە توپلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ، لوپنۇرغا بېرىپ ، توغراقلارنى ئارىلاپ، قۇملارنى كېچىپ ، قۇمۇش –چاتقاللارنى كېزىپ يۈرۈپ لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئىپتىدائىي ۋاريانىتلىرى ۋە ئۈلگىلىرىنى ئۆگەندى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلدى. شۇ ئارقىلىق خەلق سەنئىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتىش يولى بېلەن بىر قاتار ئېسىل ئۇسۇللۇق ناخشىلارنى ئىشلەپ ، ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. 

        يۇقۇرقى يازغۇچى، رەسسام، سەنئەتكارلارنىڭ  دادىللىق بېلەن ‹‹يوقىرى›› دىن ‹‹تۆۋەن››گە چۈشۈپ، “‹‹تۆۋەن››دىكى خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆلمەس نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغانلىقى قانداقتۇر‹‹تۆۋەن››نىڭ ئۇنچە ساپاسىز، كېرەكسىز، چۈكۈنەم ئەمەسلىكىنى بەلكى ئۇ يەردە قېزىشقا ، ئۆگۈنۈشكە ، تەتقىق قىلىشقا ئەرزىگۈدەك تالاي ئېسىل جەۋھەرلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ‹‹يوقىرى›› دا تۇرىۋېلىپ ‹‹تۆۋەن›› نى كۆزگە ئىلماسلىق، كەمسىتىش ، ئىنكار قىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارغا ئەڭ ياخشى رېتسىپ بولالايدۇ.  ‹‹يوقىرى›› دىكىلەر كەلسە  ‹‹تۆۋەن››دىكىلەرنىڭ ئۇلارغا سېخىيلىق بىلەن داستىرخان سېلىشى قانداقتۇر <ئەخمەقلىق >، <نادانلىق> تىن دېرەك بەرمەستىن بەلكى ئەقەللى ئادىمىگەرچىلىك يۈزىسىدىن بولغىنىدەكلا ‹‹يوقىرى››دىكىلەرنىڭ ‹‹تۆۋەن›› دىكىلەرگە كۆز يۇمۇۋېلىشىمۇ خۇددى 18-ئەسىردە ئاقسۇ دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇمنىڭ ئەرەبلەرنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر كاتتا كىلاسسىك ئەسىرى ‹‹ مىڭبىر كېچە ›› نى ئەرەبچىدىن بىۋاستە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلىقىغا كۆز يۇمۇۋالغىنىدەكلا بىر ئىش.

       دەرۋەقە مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇمنىڭ ئاقسۇدەك جەنۇبنىڭ  ‹‹تۆۋەن››دە تۇرۇپمۇ ئەرەبلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان ھەم پىروزا ھەم پوئىزىيە ژانىرىمۇ بولغان ئەشۇنداق زور ھەجىمدىكى كاتتا كىلاسسىك ئەسەرنى ئەرەب تىلىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقىنىڭ ئۆزىلا ھازىرقىلارنىمۇ قايىل قىلالىغۇدەك بىر مۆجىزىدۇر. “مۇھەممەت ئابدۇللاخان مەخدۇم دېگەن ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۇدەك چەت، نامرات ‹تۆۋەن›دىن چىققان ئادەم تۇرسا ، ئۇ قانداقمۇ ‹مىڭبىر كېچە›دەك دۇنياۋى كاتتا ئەسەرنى تەرجىمە قىلالىسۇن؟ ئۇنى ئۈرۈمچىدەك ‹يۇقۇرى›دىكىلەر تەرجىمە قىلىشى كېرەك “ دەيلى دېسەك بۇ مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ چىققان پاكىتلىق يەكۈن ئىكەن ئەمەسمۇ؟مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە بىزدە ئېنىق مەلۇمات يوق.ئەمما ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسىرىنىڭ كەينىگە “  مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم ئاقسۇرى تەرجىمە قىلغان  “ دەپ يازغىنىغا قاراپ مۇتەخەسىس-ئالىملار بۇ كىشىنىڭ ئاقسۇ دىيارىدا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئىجادىيەت بېلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.يەنە كېلىپ ئۇنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى 18-ئەسىردىكى چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى دەپ جەزىملەشتۈرمەكتە(6).

       شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم 18-ئەسىردە ئەرەب تىلىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان ‹‹ مىڭبىر كېچە ››نىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ‹‹ مىڭبىر كېچە ››نىڭ جۇڭگوىكى ئەڭ بۇرۇنقى تەرجىمە نۇسخىسى ھېساپلىنىدۇ.چۈنكى، ۋاڭ گېنمىڭ ئەپەندىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندىمۇ ‹‹ مىڭبىر كېچە ›› خەنزۇ خەلقىگە ئۇيغۇرلاردىن بىر ئەسىر ۋاقىت كېيىن يەنى 1900-يىلى تونۇشتۇرۇش قىلىنىپ، 1906-يىلىغا كەلگەندىلا بىۋاستە ئەرەب تىلىدىن ئەمەس بەلكى ئىنگلىز تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.1980-يىلىغا كەلگەندە  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى مۇھەممەد ئابدۇللاخان مەخدۇم 18-ئەسىردە ئەرەب تىلىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان ‹‹ مىڭبىر كېچە ››نىڭ چاغاتايچە تەرجىمە نۇسخىسى ۋە تاشكەنىت نۇسخىسى ئاساسىدا ‹‹ مىڭبىر كېچە ››نىڭ سەككىز توملۇق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يېڭى نۇسخىسىنى نەشىر قىلدى (7) .

     نېمىشقىدۇر تۇرۇپلا شاھ مەشرەپنى ئەسلەپ قالدىم.شاھ مەشرەپ ئەينى يىللىرى تەمبۇرى بېلەن قاپىقىنى ئېلىپ ئېشەككە مېنىپ  ‹‹تۆۋەن››دە يۇرىت كەزگەندە ئۇنىڭ ئايىقى يەتكەنلىكى جايلاردا “ پىرئەۋلىيا “ دەپ ھۆرمەتلىنىپ، داستىرخانلاردىن ئاش-غىزا، ئېشىكىنىڭ ئالدىدىن ئوت-سامان ئۆكسىمىگەن.ئەمما شاھ مەشرەپ ھازىر بولسىچۇ؟ بەلكىم ئاچلىقتىن ئۆلمىگەن تەقددىرىمۇ ئېشىكىنى ئوغرىغا بېرىپ قويۇپ پىيادە قېلىشى مۇمكىن.تېخى كىملىكى بولمىسا سولاققا چۈشۈشى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى، ھازىر “ تۆۋەن “دىكىلەرمۇ “ يۇقۇرى  “دىكىلەردىن ئۆگۈنۈپ كۆپ “ئەقىللىقلىشىپ “ كەتتى.شاھ مەشرەپ دەشتۇ-چۆللەرنى، يېزا-قىشلاقلارنى كەزگەندە ھېچنېمە بولماي شەھەرگە كىرىۋىدى دارغا ئېسىلدى.باتۇر روزىمۇ بىمەھەل جاھان كەزدى بولۇپ “ تۆۋەن “دە يۇرىت ئارىلاپ يۈرگەندە ھەر ھالدا ئاچلىقتىن ئۆلمىگەن. ئەمما ئۈرۈمچىدە تۇرىۋىدى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۇشتۇمتۇتلا ۋاپات بولدى. خۇددى ئەلمىساقتىن تارتىپ “ تۆۋەن “نى دەۋزەخ دېگىلى بولمىغاندەكلا ‹‹يوقىرى››لۇق سالاھىتىنى ھازىرلىغان شەھەرلەرنىمۇ جەننەت دەپ كەتكىلى بولمىسا كېرەك. ئىلگىرى فىرانسىيىدە < شائىرلار پارىژغا كېلەدۇ، پارىژغا كېلىپ ئۆلەدۇ  >دېگەن سېقىم كەڭ تارالغانكەن. بەلكىم بۇبىكار چىقمىغان گەپ بولۇشى مۇمكىن.بىر ئىستىداتلىق سەنئەتكارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئوق يىلتىزىدىن ئايرىلىپ قېلىش سەنئەت ھاياتىنىڭ زەبۇنلۇققا يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە كېلىپ دۇنيادىكى تالاي نادىر ئەسەرلەر، يېڭى تەلىماتلار،ئىختىرا- كەشپىياتلار سۆرەن-شاۋقۇندىن خالىي پىنھانلاردا رۇياپقا چىققان.مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە خەلققە، مىللىي مەدەنىيەت سەمەرىلىرىگە ئەڭ يېقىن تۇرىۋاتقان ئۈمىدلىك يازغۇچىمىزياسىنجان سادىق چوغلاننىڭمۇ ئېزىپ-تېزىپ ‹‹يوقىرى››غا بېرىپ سېلىپ ھازىرقى قويۇق، ساپ مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقى ئاتا قىلغان  روھىي ئوزۇقتىن ئايرىلىپ قالارمىكىن ،دەپ ئەنسىرەيمەن. 

 
خاتىمە
  

     قىسقىسى، ‹‹تۆۋەن››بولمىسا‹‹يوقىرى›› بولمايدۇ. ‹‹يوقىرى›› مۇ ‹‹تۆۋەن›› ئاساسىدا مەۋجۇت بولىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ.ھەر ئىككىسى بىربىرىنى شەرىت قىلىدۇ ۋە تولۇقلايدۇ. مەدەنىيەت ئەڭ دەسلەپ “ تۆۋەن “ دە پەيدا بولغان، كېيىن ‹‹يوقىرى››غا مەركەزلىشىپ قالدى. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مەدەنىيەتنىڭ قوزغۇتىش نۇقتىسى يەنە ‹‹تۆۋەن›› گە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. ‹‹يوقىرى››بۇ قانۇنىيەتنى چەتكە قېقىپ ،‹‹يوقىرى››نىڭ ‹‹تۆۋەن›› گە يول كۆرسىتىش ،يېتەكلەش،قوللاپ-قۇۋەتلەش،بىلمىگەننى بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،‹‹تۆۋەن››نى كەمسىتسە ، پەس كۆرسە ‹‹تۆۋەن››مۇ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.بۇ ئىنكاسنىڭ ئەڭ ئىلمىي، يۇمشاقراقى مۇنداق تەلەپپۇزدا چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس :

       ---ئۈرۈمچى سىزنىڭ ئەمەس. 
2009-يىل نويابىر،شەھىرى ئاقسۇ.
--------------------------------
      ئىزاھالار:
(1) ئىمىنجان ئەھمىدى : ‹‹ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخدىكى نامايەندىلەر ›› ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1996-يىل 4-ئاي نەشرى،  292-، 293-بەتلەر.
(2)،(3)،(4) ئەكبەر مىجىت :‹‹ ۋاڭ مېڭ ۋە ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى ›› ،  ‹‹ جۇڭگو مىللەتلىرى ›› ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 2003-يىل4-سان،14-بەت.
(5) ‹‹ ئاسىيا كىندىكى گېزىتى ›› نىڭ 1995-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سانى ، 3-بەت.
(6) ‹‹غەربىي يۇرىت تەرجىمە تارىخى›› ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 1997يىلى 4-ئاي خەنزۇچە نەشرى، 233-، 263-،264-بەتلەر.
(7) ۋاڭ گېنمىڭ : ‹‹ ‹مىڭبىر كېچە › نىڭ جۇڭگودىكى تەرجىمە نۇسخىلىرى››، ‹‹ ئەرەب دۇنياسى ›› ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە نەشرى، 1997-يىل  4-سان، 40-بەت.

http://risaletmerdan.blogbus.

56

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1130
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6200
تۆھپە : 3871
توردىكى ۋاقتى: 4193
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-28 23:15:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوز قىر ئەپەندىنى قارشى ئالىمىز. ماقالىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

5

تېما

0

دوست

2741

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 403
توردىكى ۋاقتى: 460
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 00:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ راستقۇ،جىم ئولتۇرۇپ ئويلىنىشقا تىگىشلىك پىكىرلەر     

ئىنسان دىگەن نىم

100

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4203
تۆھپە : 2384
توردىكى ۋاقتى: 1255
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 00:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزقىر ئەپەندىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز،ئەسەرىڭىزنىڭ پەلسەپىۋى قىممىتى ئۆزگىچە ئىكەن،
بۇرۇن بىر ئۇرۇمچىلىك يازغۇچى بىلەن مەنمۇ بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشىپ قالغان ئىدىم،ئۇرۇمچىدىكى شائىر دوستۇمنىڭ دىيىشىچە،كۆككە تاقاشقان بىنالار ئىلىم-پەننىڭ تىرىك شاھىدى بولۇپ ئىلىم- مەرىپەت نۇر چاچقان جايدا پەقەت ئىلىملىك كىشىلەرلا ئۆز قېممىتىنى ئىسپاتلىيالايدۇ،سەھرادا ئىلىم،تالانت،چاڭ-تۇزاندەك كۆرۇنمەي قالىدۇ،ھەتتا ئۇن-تىنسىز غايىپ بولۇپ نامسىز كىلىپ،نىشانسىز يوقاپ كىتىدۇ،دەيدۇ،مەن بۇنداق دىدىم،شەھەر تالانتنىڭ تاۋۇتى،قوياشنى توسىۋالغان بوشلۇق قانچە تار بولغانچە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىمۇ تارلىشىپ كىتىدۇ،سەھرادا قوياشنىڭ بەخىتىيارلىق بىلەن چىققان ۋاقتىدىن تاكى پاتقانغا قەدەر تولۇق كۆرگىلى بولىدۇ،ئىنسان ۋۇجۇدى تەبىئەتكە ئوڭ تاناسىپ، شۇنداق  بولغان ئىكەن ھەقىقى ئىنسانلار سەھرادە بولىدۇ،قوياشنىمۇ تولۇق كۆرسىتىپ بىرەلمىگەن ئىگىز بىنالار ئىنسان قەلبىنى شۇنچىلىك قىسىپ،پىرىسلاپ تاشلايدۇكى،ئىنسان بەزىدە تاشقا ئايلىنىپ قالىدۇ،تاشقا ئايلانغان ئىنساننى ئىنسان دىسەك ئەلۋەتتە خاتالاشقان بولىمىز،قارىمامسىز مىڭلىغان شەھەر ئاھالىلىرى شۇنچىلىك كۆپ  بولسىمۇ بىر- بىرىگە ناتونۇش.

30

تېما

0

دوست

3865

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  860
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 940
تۆھپە : 524
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 01:49:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھازىر بۇ يەردە يوقىرى ۋە تۆۋەن توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلىۋاتقان ۋاقتىمىزدا 2011 -يىللىق ئىككى يىغىندا مۇنداق بىر تەكلىپ  ئوتتۇرىغا قويۇلدى:
    بېيجىڭ جۇڭگو مەدەنىيەت موزىيىنىڭ باشلىقى ۋاڭ پىڭ <يېزا بالىلىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماسلىقى كېرەك> دىگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى .
  ئۇنىڭ   «يېزىلىق بالىلارنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرماسلىق كېرەك» دىگەن پىكرى توردا غۇلغۇلا قوزغىغان ، بەلكىم بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇر تورداشلار خەۋەردار بولغانمۇ بولىشى مۇمكىن .  
    ئۇ بۇ پىكرىدا چىڭ تۇرغان ھەمدە  ئۇنىڭ قارىشىچە < يېزىلىق بالىلار ئالىي مەكتەپنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن شەھەردە قېلىشنى ئويلايدۇ، ئۇلار يا ئىككىنچى ئەۋلاد بايلارنىڭ بالىلىرى ئەمەس، يا ئىككىنچى ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى ئەمەس، شەھەردە مۇناسىۋەت تورى يوق، خىزمەت تاپالمايدۇ، ئۆي سېتىۋالالمايدۇ، خوتۇن ئالالمايدۇ. شەھەردە ئۇلار ھەمىشە ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا، قەدىر-قىممىتى يوق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دېگەن. ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغانلىقىنى دېگەن. ئىستراتىگىيىلىك نۇقتىئىنەزەر بىلەن ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك ئىكەن، موشۇنداق بولغاندا شەھەر بارغانسېرى جاپالىق بولۇپ كەتمەيدىكەن، ئەكسىچە يېزىلارمۇ بارغانسېرى گۈللىنىدىكەن. ئۇ چاغدا شەھەر مەسىلىلىرىمۇ ھەل بولىدىكەن، نوپۇسمۇ كۆپەيمەيدىكەن، يوللارمۇ كەڭتاشا بولۇپ توسۇلۇپ قالمايدىكەن>
  
ۋاڭ پىڭ يەنە :شەھەردىكى يامان دېلولارنى سادىر قىلغۇچىلار يېزا بالىلىرى. يېزا بالىلىرى شەھەرگە كېلىپ ئوقۇسا، باشتا ئۆيىدىكى قىيىنچىلىقنى دېيىشكە خىجىل بولىدۇ، يەپ ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئەمما ئەتراپىدىكى شەھەر بالىلىرى، ئەمەلدارلار بالىلىرى، بايلارنىڭ بالىلىرىنىڭ پۇل خەجلىشى ئۇلارغا پىسخىك خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، ھەمىشە ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقى، ئۈچۈنچى يىللىقىغا چىققاندا بۇ خىل بېسىم پارتلاپ چىقىدۇ، جەمئىيەت، ساۋاقداشلىرىغا، بىتەلەي تەغدىرىگە نەپرەتلىنىدۇ.
          دىگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى :  

. ئۇنىڭ دىمەكچى بولغىنى تۆۋەندىكىلەر تۆۋەندە تۇرىۋەرسۇن  ، شۇ چاغدا قىممىتىنى تاپىدۇ دىگەنلىك بولامدۇ قانداق ؟

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   19.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  383
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4095
تۆھپە : 2651
توردىكى ۋاقتى: 893
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-8

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 12:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزقىر  دوستىمىزنىڭ بۇ ئېسىل يازمىسىغا كۆپ رەھمەت .

ئاۋۇ قانداق موزىيى باشلىقى دەيمەن ، قارىغاندا ئۇنىڭ كاللىسى ئاللىقاچان  تەبىئەتتىن يىراقلىشىپ تاشقا ئايلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ ئۇنىڭ .

ھەقىقى ئادىمىيلىكى بىلەن چىن ئىنساندەك ياشاۋاتقان كىشىلەر يەنىلا بىزنىڭ ئاشۇ سەھرالىرىمىزدا ، مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ « شەھەرلىكلەر سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار ! » دىگەن شېئىرىنى ھېلىقى تاشقا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان كىشىلىرىمىزگە ھەدىيە قىلايلى !
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .

0

تېما

0

دوست

126

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  305
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 14:06:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى ozturukدە2011-03-29 01:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىز ھازىر بۇ يەردە يوقىرى ۋە تۆۋەن توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلىۋاتقان ۋاقتىمىزدا 2011 -يىللىق ئىككى يىغىندا مۇنداق بىر تەكلىپ  ئوتتۇرىغا قويۇلدى:
    بېيجىڭ جۇڭگو مەدەنىيەت موزىيىنىڭ باشلىقى ۋاڭ پىڭ <يېزا بالىلىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماسلىقى كېرەك> دىگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى .
  ئۇنىڭ   «يېزىلىق بالىلارنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرماسلىق كېرەك» دىگەن پىكرى توردا غۇلغۇلا قوزغىغان ، بەلكىم بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇر تورداشلار خەۋەردار بولغانمۇ بولىشى مۇمكىن .  
    ئۇ بۇ پىكرىدا چىڭ تۇرغان ھەمدە  ئۇنىڭ قارىشىچە < يېزىلىق بالىلار ئالىي مەكتەپنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن شەھەردە قېلىشنى ئويلايدۇ، ئۇلار يا ئىككىنچى ئەۋلاد بايلارنىڭ بالىلىرى ئەمەس، يا ئىككىنچى ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى ئەمەس، شەھەردە مۇناسىۋەت تورى يوق، خىزمەت تاپالمايدۇ، ئۆي سېتىۋالالمايدۇ، خوتۇن ئالالمايدۇ. شەھەردە ئۇلار ھەمىشە ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا، قەدىر-قىممىتى يوق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دېگەن. ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغانلىقىنى دېگەن. ئىستراتىگىيىلىك نۇقتىئىنەزەر بىلەن ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك ئىكەن، موشۇنداق بولغاندا شەھەر بارغانسېرى جاپالىق بولۇپ كەتمەيدىكەن، ئەكسىچە يېزىلارمۇ بارغانسېرى گۈللىنىدىكەن. ئۇ چاغدا شەھەر مەسىلىلىرىمۇ ھەل بولىدىكەن، نوپۇسمۇ كۆپەيمەيدىكەن، يوللارمۇ كەڭتاشا بولۇپ توسۇلۇپ قالمايدىكەن>
  
.......  

كۆڭلۈمدىكى گەپ

3

تېما

0

دوست

3543

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  134
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 940
تۆھپە : 557
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2011-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 14:58:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر نى بۇ يەردە كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم  : نادىر تېمىلىرىڭىزغا ھەر ۋاقىت تەشنامىز  :
  ئېشەكچىلىك بولالمىغان ناھىيە ھاكىمى دىگەن ئەسىرىڭىزنى يوللاپ قويۇشقا بولارمۇ ؟
  يەنە پارىخور خېشۈن توغۇرلۇق بىر تەرجىمە ئەسىرىڭىز بار ئىدى ، ئمكانىيەت بولسا شۇلارنى باغداش مۇنبىرىگە يوللاپ قويسىڭىز ، بۇ يەردە دائىم ئوقۇپ تۇرساق ،،سالامەت بولۇڭ !

3

تېما

0

دوست

3543

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  134
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 940
تۆھپە : 557
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2011-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 14:59:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى bilikyarدە2011-03-29 14:06يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

كۆڭلۈمدىكى گەپ  



سىز بۇ پىكىرنى قوللايدىغان ئوخشىمامسىز بىلىكيار ئەپەندىم

51

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 3031
تۆھپە : 1892
توردىكى ۋاقتى: 1786
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 16:42:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
''يوقۇرى''دىلكىلەرنىڭ ياشاش مەقسىدى قۇرساق توقلاش! ئەۋزەل شارائىتتا تۇرۇپ غەمسىز ياشاۋاتقان ئۇنداق كىشىلەرنىڭ قانداقمۇ ئىجاتچانلىق روھى بولسۇن؟ شەكىلۋازلىق، تەخسىكەشلىك، پىتنىخورلۇق قاپلىغان ئۇنداق ''يوقۇرى''دا ئۆزىگە چۈشلۇق بىر جان بېقىش پۇرسىتىنىڭ چىقىشى ئۇ كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرىنى ئاللىقاچان ئۆلتۈرىۋەتكەن...(ھەممە ئادەم شۇ، دىمەكچى ئەمەسمەن)
''تۆۋەن''دىكى ھەربىر ھەرىكەت بەركەت بىلەن تولغان، ''تۆۋەن'' دىكى ھەرقانداق بىر ئىش چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان ئىلھام، قىزغىنلىق بىلەن داۋام ئېتىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچقانداق غەيرى غەرەز، نام-ئابرۇي ئىستىكى قوشۇلمىغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )