سىز قانۇننىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنەمسىز؟
ھۆرمەتلىك دوستلار، تورداشلار ياخشىمۇسىلەر!
مېنىڭ ئىسمىم مەمەترىيىم ئوسمان، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.
مەن باشقىلار تەرىپىدىن يۈتىۋىلىنغان دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نامرات دېھقانلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سىلىشىغا ياردەم بەرگەن مەبلىغىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن، 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىغا دىلو مەلۈم قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ناھىيەلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىغا كىتەرلىك پولات چىۋىق سىتېۋىلىش ئۈچۈن ئالدىن چىقىم قىلىپ، قايتۇرۇپ ئالالمىغان مەبلەغنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلغان. لېكىن قانۇن ئورگانلىرىنىڭ پاكىتقا ھۆرمەت قىلماي، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلماسلىق سەۋەبىدىن، مەن ئەسلىدىكى ئەرز قىلغۇچىدىن ئەيىپلەنگۈچىگە ئايلىنىپ قىلىپ، 2012- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى 1- سوتتا بىر يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم.2013-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن 1-سوتنىڭ ھۆكىمى كۈچكە ئىگە دەپ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىلدى.ھەربىرىڭلارنىڭ بۇئىشنىڭ كونكىرىتنىېي جەريانىدىن تولۇق خەۋەردار بولشۇڭلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى كونكىرتنى ئەھۋالنى سىىلەر گە سۇندۇم:
2007- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ۋالىسى، ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغىنى ئىگەمبەردى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئا» دەپ ئاتىلىدۇ)، ۋىلايەتتىكى 12 ناھىيە، شەھەرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىغا كېتەرلىك پولات ماتىرىياللىرىنى ۋىلايەت بىر تۇتاش سىتىۋىلىش «شۇئارىنى» ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە شۇ يىلى يىل ئاخىرى، لى يۇڭ چاڭ فامىللىك بىر سودىگەرنى تېپىپ كەلگەن. «ئا» قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە مەسلەھەت بىرىشى ئارقىسىدا، 2008- يىلى 2- ئايدا لى يۇڭ چاڭ كورلا شەھرىدىن 3 كارخانىنى ياللاپ ئەكەلگەن ھەمدە ئاتالمىش خىرىدار چاقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىچىدىكى بايىنغۇلىۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شۇ يىللىق پولات ماتىرىياللىرىنى سىېىۋىلىش توختامى ئىمزالىغان. شۇ يىلى 9- ئايغا كەلگەندە ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇش ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ چۈن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ، بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۋىتىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، «ئا» مىنىڭ ئۆزىگە ياردەملىشىپ، ۋاقتىنچە بۇ ئىدارىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشۇمنى ئىغىزاكى ئىلان قىلدى. (ئەينى ۋاقىتتا مەن ۋىلايەتلىك دۇنيا بانكا تۈر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىدىم). لېكىن ئىدارىدىكى ھەرقانداق بىر ئىش «ئا» نىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. شۇ يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، مەن «ئا» دىن يىل بىشىدا تۈزۈلگەن توختامغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ناھىيە، شەھەرلەر بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئالدىنئالا بەرگەن مەبلەغگە قارتا شىركەت تېخى 2 مىليۇندىن ئارتۇق پولات ماتىرىياللىرىنى تەمىنلىمىگەنلىكىنى، ھەمدە شىركەت 2009- يىلى داۋاملىق بىزنىڭ ئىشخانا بىلەن پولات ماتىرىياللىرىنى سېتىش- سېتىۋىلىش توختامى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇم. شۇ يىللىق پولات ماتىرىياللىرىنى تەمىنلەيدىغان ئورۇننى بىكىتەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن 2008- يىلى يىل ئاخىرى ئاپتونوم رايۇن ۋىلايىتىمىزگە چۈشۈرۈپ بەرگەن، 60 مىليۇن ئالدىن ماتىرىيال سېتىۋىلىش مەبلىغىنى، 2009- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرى ناھىيە، شەھەرلەرگە بۇيرۇپ بەردۇق.
2009- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرى «ئا» مىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ شۇ يىللىق پولات ماتىرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى ھەمدە پولات ماتىرىياللىرىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئىگەللىشىمنى ئورۇنلاشتۇردى. مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، 3- ئاينىڭ 24- كۈنى «ئا» مىنىڭ ئۆزى دىگەن مەزمۇنلار بويىچە ئىككى پارچە توختامنى شەكىللەندۈرۈپ ئەكىرىشمنى ئورۇنلاشتۇردى. 25- چىسلا چۈشتىن بۇرۇن «ئا» مەن ئەكىرگەن توختامنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، توختامدىكى قانۇنى ۋەكىل دىگەن يەرگە مىنىڭ ئىمزا قويۇشىمنى تەلەپ قىلدى. گەرچە مەن تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ بۇ توختامغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان بولساممۇ، لېكىن ئاخىرقى ھىسابتا ئامالسىزلىقتىن ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. 7- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن تۈزۈلگەن توختامدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندىن كېيىن، مەن بىزنىڭ ئىدارىدىن دۇڭ يىڭ جۇڭ ئىسىملىك بىر كادىر بىلەن بىللە «ئا» نىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۇنىڭغا دوكلات قىلدىم. لېكىن ئۇ توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ھەرقايسى ناھىيەلەر ۋە كارخانا مەسئۇل، بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇڭا سىلەر بۇ ئىشقا ئارلاشماڭلار دەپ يول يورۇق بەردى. 9- ئاينىڭ ئاخىرى مەن يەنە بىر قېتىم بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دوكلات قىلدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ كارخانىنىڭ باش مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى تىزدىن ھەل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىيىتتى. شۇ يىلى 10- ئايدا «ئا» ئاپتونوم رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە يۆتكىلىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى شۇ چاغدىكى ۋالى مەھكمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسىغا تەپسىلى دوكلات قىلدىم. ھەمدە ئۇنىڭ يول يورۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدىم. بىراق پولات ماتىرىياللىرى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر يەنىلا ھەل بولمىدى. 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋىلايەتتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، مەن ئىدارىنىڭ نامىدا ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىغا دىلو مەلۈم قىلدىم. جامائەت خەۋىپسزلىك ئىدارىسى دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، كارخانىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى قاتارلىق نىر نەچچە نەپەر جىنايەت گۇماندارلىرىنى ۋاقتىدا تۇتۇپ، 1 مىليۇن 170 مىڭ يۈەن مەبلەغنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى.
2011- يىلى 9- ئايدا مەن قەشقەر ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمە تەرىپىدىن دىلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدۈم. 2012- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن توختام تۈزۈش ۋە توختامنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە ئالدىنىش جىنايىتى بىلەن بىر يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم. قانۇن ئورگانلىرى مېنى، بايىنغۇلىۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن توختام تۈزۈشنى گەرچە ۋالى مەھكمىسى قارار قىلغان، شۇ ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن ۋالى ساڭا ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سەن 2008- يىللىق توختام تولۇق ئىجرا قىلىنىپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، كارخانا ۋە توختامغا ئىمزا قويغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى تەپسىلى تەكشۈرمەي، ئۇلار بىلەن 2009- يىللىق پولات ماتىرىياللىرىنى سېتىش-سېتىۋىلىش توختامى ئىمزالاپ، 2 مىليۇن 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان كەلتۈردۇڭ دەپ ئەيىپلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەيىپلىشى ئەمەلىيەتكە قىلچىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. ئەگەر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە ئالدىنىش دىيىلسە، بۇ مەن بولماستىن ۋالى مەھكىمىسى ياكى توختام تۈزۈشنى قارار قىلغان كىشى بولىشى كېرەك. بۇنداق دىيىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب تۆۋەندىكىچە:
1. قانۇن ئورگانلىرى بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن داۋاملىق 2009- يىللىق پولات ماتىرىيالى سېتىش-سېتىۋىلىش توختامى تۈزۈشنى، ۋالى مەھكىمىسى ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قارار قىلغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەندە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ياكى ئالدىنىش ھەركىتى مەۋجۇت ئەمەس.
2. بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2008- يىلى خىرىدار چاقىرىش ئارقىلىق، ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق تۇرالغۇ ئۆي سىلىش ئىشخانىسى بىلەن توختام ئىمزالىغان كارخانا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋاللىرى ئەينى ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تەستىقىدىن ئۆتكەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، 2009- يىللىق توختامنى تۈزۈشتىن ئىلگىرى، بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن 2008- يىللىق قالدۇق مەسىلىنى ھەل قىلىش، 2009- يىللىق توختامنىڭ كونكىرتنى مەزمۇنلىرىنى بىكىتىش تەرەپلىرىدىكى كونكىرىتنىي سۆھبەتكە مېنى قاتناشتۇرغان ئەمەس. بۇ جەھەتتىكى ئىشلاردىن مېنىڭ قىلچىمۇ خەۋىرىم يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «ئا» بىر قوللۇق بىجىرىگەن. مەن پەقەت ۋاقىتلىق مەسئۇل بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئامالسىزلىقتىن توختامغا ئىمزا قويدۇم. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەندە قانداقمۇ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىكنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا، كارخانىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ياكى توختامغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولسۇن؟
3. «ئا» نىڭ دىيىشىچە، بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن 2009- يىللىق پولات ماتىرىياللىرىنى سېتىۋىلىش توختامى تۈزۈشتىكى مەقسەت 2008- يىللىق قالدۇق مەسلىنى ھەل قىلىش. ئۇنداقتا ئۇلار بىلەن 2009- يىللىق توختام تۈزۈشتىكى خاتالىق كىمدە ؟
4. قانۇن ئورگانلىرىنىڭ دىيىشىچە، «ئا» مىنى بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن توختام تۈزۈشنى بۇيرۇغان، لېكىن توختامغا ئىمزا قويغۇچى لى يۇڭ چاڭ بولۇپ، بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ئۇنىڭغا 2009- يىللىق توختام تۈزۈش ھوقۇقىنى بەرمىگەن. ئۇنداقتا، تۆۋەندىكى بىر نەچچە گۇمانى سۇئال تۇغۇلىدۇ:
1) 2009- يىللىق توختامنى تۈزۈشتىن ئىلگىرى، توختامغا مۇناسىۋەتلىك كونكىرتنى ئىشلار توغرىسىدا «ئا» كارخانىدىكى كىم بىلەن سۆزلەشكەن؟ ئەگەر «ئا» لى يۇڭ چاڭ بىلەن سۆزلەشكەن بولسا، مىنىڭ لى يۇڭ چاڭ بىلەن توختام ئىمزالىشىم خاتامۇ؟ ئەكسىنچە، «ئا» كارخانىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى بىلەن سۆزلەشكەن بولسا، نېمە ئۈچۈن كارخانىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى 2009- يىللىق توختام ئەھۋالىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ؟
2) «ئا» ماڭا ئېيتقان كارخانىنىڭ باش مەسئۇلى زادى كىم؟ئەگەر ئۇ ماڭا يالغان ئىيتقان بولسا بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
3) 2009- يىللىق پولات ماتىرىياللار پۇلىنىڭ ھەممىسى بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھىساۋىغا ئۇرۇلغان. بۇ ئەھۋاللار قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن زىددىيەتلىك ئەمەسمۇ؟ ئەگەر كارخانىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا 7 مىليۇندىن ئارتۇق مەبلەغ قانداقمۇ شىركەتنىڭ ھىسابىغا كىرىپ-چىقسۇن؟
مىنىڭچە، بۇ دىلونى بىر تەرەپ قىلشتا قانۇن ئورگانلىرى، پاكىتقا ۋە ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلماي، «ئا» ۋە بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن تۈزۈملىرىگە خىلاپ ھالدا، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەي، ئەكسىنچە مىنى قۇربانلىق قويغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇنداق دىيىشىمدىكى ئاساسىم تۆۋەندىكىچە:
1. قانۇن ئورگانلىرى بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاشنى ۋالى مەھكمىسى قارار قىلغانلىقنى ئىتىراپ قىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا كېلىپ چىققان زىياننىڭ مەسئۇلىيەتلىكىنى، قانۇن بويىچە قارار قىلغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىكمۇ ياكى مەندىن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىكمۇ؟
2. مەن يازغان 2009- يىلىلىق توختام تۈزۈش توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشنامىگە «ئا»، بۇ توختام رەھبەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن، مەمەترىيىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئىمزا قويۇپ بەرگەن. لېكىن قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنمىدى.
3. 2010- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى مىنىڭ «ئا» بىلەن سۆزلەشكەن تېلېفۇن خاتىرە سىن ئالغۇ ماتىرىيالىمۇ مىنىڭ تولۇق گۇناھسىز ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدۇ، لېكىن بۇمۇ ئوخشاشلا قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنمىدى.
4. گەرچە مەن توختامغا ئىمزا قويغان بولساممۇ، بىراق سېتىۋىلىنغان پولات چىۋىق ماتىرىياللىرىنىڭ مىقدارىنى بىكىتىش، پۇل چىقىم قىلىش ۋە مالنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە مۇناسىۋەتلىك ناھىيەلەر ئۆزى مەسئۇل ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز تۈزگەن توختامنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى بولمىغانلىقتىن، مۇناسىۋەتلىك ناھىيەلەر ئىجرا قىلمىسىمۇ بولاتتى. لېكىن ئۇلار 2008- يىللىق قالدۇق مەسلىنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ توختامنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىنچە، كارخانىدىن پارا ئالغان. ھەتتا توختامدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندىن كېيىنمۇ ھچقانداق ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان. لېكىن قانۇن ئورگانلىرى تاكى ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرمىدى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، بۇ ئىش مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىزمىش. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر دىلوغا چېتىشلىق تۇرسا، قانداقمۇ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسۇن؟
5. 1- سوت ئىچىلىشتىن ئىلگىرى، مەن قانۇن بويىچە «ئا» ۋە لىيوڭ چاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا سوتتا يۈزلىشىشنى ئىلتىماس قىلدىم. لېكىن بۇ تەلىۋىم رەت قىلىندى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ قانۇن ئالدىدىمۇ ھوقۇقنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىك پەرقى بارمۇ؟
6. قانۇن ئورگانلىرى ئىقتىسادى مۇپەتىش دوكلاتىغا ئاساسەن، 2008- يىلى ۋە 2009- يىلى مۇناسىۋەتلىك ناھىيەلەر ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ئىشىخانىسى تۈزگەن توختامغا ئاساسەن، بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئالدىنئالا بەرگەن، بىراق قايتۇرۇپ ئالالمىغان پولات ماتىرىياللار مەبلىغىنىڭ زىيىنىنى 4 مىليۇن 410 مىڭ يۈەن دەپ بىكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن بايىنغۇلۇن گورۈي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى لى يۇڭ چاڭ 1 مىليۇن 410 مىڭ يۈەن پولات ماتىرىياللار مەبلىغىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋالغان دەپ كېسىلگەن، ئۇنداقتا قالغان 3 مىليۇن زىيان قانداق كېلىپ چىققان؟ بۇ مەبلەغ زادى نەدە؟ تاكى بۈگۈنگە قەدەر قانۇن ئورگانلىرى بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. 3 مىليۇن مەبلەغنىڭ يۇقاپ كېتىشى سەۋەبى ئىنىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بىزنى 4 مىليۇن 410 مىڭ يۈەن زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردىڭ دەپ بىكىتىشى قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر بولۇپمۇ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار، پاكلىق نىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى، ئالاھىدە بولىۋالماسلىقنى، ھەرقانداق ئادەم بولىشىدىن قەتئىنەزەر پەقەت قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىكەن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى ھەمدە قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر بولىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەن بىر ۋاقىتلىق مەسئۇل بولۇش سۈپىتىم بىلەن توختامغا ئىمزا قويغاندىن تارتىپ، توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلش ھەمدە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆزۈم ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلدىم. ھەمدە بەلگىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، مېنىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنىغا دىلو مەلۈم قىلىشىم، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ مىنى بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ھەقىقى جىنايەتچىنى تۇتۇپ، ئۇلار تەرىپىدىن يۈتۈۋىلىنغان مەبلەغنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئىدى. لېكىن بۇ دىلودىكى ئاساسلىق جاۋابكار ۋە جىنايەتچىلەر ھازىرغا قەدەر قانۇن تورىنىڭ سىرتىدا يۈرۈپ، ئەكسىنچە مەن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدىم، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بۇ دىلونى بىر تەرەپ قىلىشتىكى بۇ خىل ئۇسۇلى 18- قۇرۇلتاينىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇنمۇ؟ قانۇننىڭ ئادىللىقىنى ئىپادىلەمدۇ؟
مەن كەڭ تورداشلار ۋە مۇتەخەسسلەرنىڭ بۇ دىلونىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە بىر تەرەپ قىلىىنش نەتىجىسىگە ئەستايدىىل نەزەر سېلىشىڭلارنى، ھەمدە جەمئىيەت ۋە قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە مەسئۇل بولغان پوزىتسىيە ئاساسىدا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ بۇ دىلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى توغرىسىدىكى ئىشلارغا پىكىر قاتناشتۇرۇشۇڭلارنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن مىنىڭ قانداق قىلىشىم توغرىسىدا قىممەتلىك تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى بىرىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلىمەن.
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرۇم: 13309987988
|